مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1258|ئىنكاس: 21

خامۇشلۇق كىسىلىنى بايقاشقا سەل قارىماڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 599
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4071
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 137 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-11 07:25:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

      خامۇشلۇق كىسىلى دەرت ئەلەم كىسىلى، قايغۇ ئازاپ كىسىلى، ئەسەبىلىشىش كىسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.خامۇشلۇق كىسىلى ئىنساننىڭ كەيىپيات ، خىزمەت ۋە ياشاش ئۇسۇلىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ مەنىۋىي دۇنياسىنى ئازاپتا كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋىتىدۇ. بۇ كىسەلگە گىرىپتار بولغانلار كۈنبويىروھىي ئالامىتى نۇرمالسىز، كەيپىياتى چۈشكۈن ياكى تەشۋىشلىك، خاتىرجەمسىز، نۇرمال تۇرمۇشقا بولغان قىزىقىشىنى ۋە خۇشاللىغىنى يوقاتقان ھالداغەم ئىچىدە قاپىغى چۈشۈپ، ئاچچىقلىنىپ ، چىھرىدىن ئازاپ ئوقىبەتنى ياغدۇرۇپلا ياشايدۇ؛ تەنھالىق يالغۇزلۇقنى ياقتۇرىدۇ؛ئۆز بىشىمچى مەنمەنچى كىلىدۇ؛ نۇرمال كىشىلىك مۇناسىۋەتتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ؛ ئۆزىنى  تۈۋەن كۆرىدۇ؛باشقىلارغا ھەسەت قىلىدۇ؛ باشقىلاردىن بىسىپ چۈشۈلمىگىنىدىن ھەسرەتلىنىدۇ؛ باشقا مۇھىتلىغا ماسلىشالمايدۇ؛ئۈزىنى كەمسىتىش تۇيغۇسى كۈچلۈك؛ ئازاپ ئىچىدە نىشانسىز ياشايدۇ؛ ھەممە ئىشلارغا ئارىسالدىلىق بىلەن قارار چىقىرىدۇ؛ ھاياتتىن ۋە ھەممىلا ئادەمدىن ئاغرىنىدۇ ۋە قاخشايدۇ؛ مىھرى مۇھاببەتنى ھىس قىلمايدۇ؛ قولدا بارىدا قەدىرلەشنى بىلمەيدۇ؛ مەھرۇم قالغاندا ئۆزىنى ئەيىپلەيدۇ؛ مۇكەممەللىكنى قوغلىشىپ ئەتراپىدىكىلەرنى بىزار قىلىدۇ؛ ھەممە ئىشنىڭ يامان تەرىپىنى ئويلاپ يۈرەكسىز ياشاپ، ئەركىن ئازادە بولالمايدۇ؛ شەخسىيەتچى كوللىكتىپ بىلەن ماسلىشىشچانلىغى ئاجىز؛ ئاممىۋىي سورۇنلاردىن كىشىلەر كۆپرەك ئورۇنلاردىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ؛ ئىش قىلىشتىن بۇرۇنلا باشقىلارنىڭ مەسخىرسىنى ئويلاپ جۈرئەت قىلالمايدۇ؛ باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بەرگەن تەكلىپ پىكرىنى مەسخىرە دەپ چۈشىنىدۇ؛باشقىلار بىلەن قارشىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛باشقىلاردىن قۇسۇر تىپىشقا ئامراق؛ يىقىن دوستلىرى يوق، ھەسەتخورلۇق ئىچىدە تەنھا ئازاپلىنىدۇ؛باشقىلارنىڭ لەۋزىنى ئالماي ئۆز بىشىمچى ياشايدۇ يۇ ئاخىرىدا ياخشى نەتىجىگە ئىرشەلمەي ئازاپلىنىدۇ، يوق ئىشلارغا خۇيلىنىدۇ؛ ئىغىرراق بولغاندا كىشىلىك مۇناسىۋەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئۆيگە بىكىنىۋالىدۇ،قەلبىدە نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىكتىن باشقا مىننەتدارلىقنى،سۆيىنىشنى، شۈكرى قانائەتنى تاپقىلى بولمايدۇ، تىخمۇ ئىغىر بولغاندا ئۆزىنى ئۆلتۇرۋىلىشقا ۋە باشقىلارنى ئۆلتۇرۋىتىشكە ئۇرنىدۇ.


خامۇشلۇق كىسىلىنىڭ ئالامىتى
1. ئالامىتى:ئۈمىتسىز، قىزىقىشى يوق، ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىلا ئوڭۇشسىز، ئىستىقبالىدىن ئۈمىت يوق دەپ قارىغاندىن سىرىت ئۆزىنىڭ كەلگۈسى تۇتۇندەك پۇتۇنلەي غايىپ بولىدىغاندەك بىلنىپ ئالاقزادە بولۇپ ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى تۇگەيدۇ، ھەممە ئىشقا قارار چىقىرىشتىن قورقىدۇ، ھالاكەتلىك قورقۇش جەريانىدا روھى ئۆلگەندەك ئازاپلىنىدۇ، شۇڭا تىنىنىڭ ھەر بىر ھەركىتىگە ناھايىتى دىققەت قىلىدۇ، كىچىككىنە پىزلۇگىيەلىك ئۆزگىرىشلەردىن ئۆلۈم كەلگەندەكلا تەشۋىشلىنىدۇ، بۇ خىل ئازاپ جاننى ئالغاندەك روھىنى قىينايدىغان كەيپىيات ئىچىدىلا ياشايدۇ.زىھنى ئاجىز،كەيپىياتى تۇراقسىز.

2. ئالامىتى:قىزىقىشىمۇ يوق، خۇشاللىقىمۇ يۇق. ھىچنىمىگە قىزىقمايدۇ، نىشانى غايىسى يوق،مىھرى مۇھاببەتنى ھىس قىلمايدۇ دائىملا ئاغرىنىدۇ. قولدىن بىرىپ قويغاندا ھەسرەت چىكىدۇ.جىنسىيەت ۋە تاماق جەھەتتە ھەۋىسى ئاجىزلاپ، سىزىمىنى يوقىتىدۇ، سۆيگۈسىز، جەلىپسىز ھەسەت ۋە كۆرەلمەسلىك ئىچىدە دوزاقتا ياشىغاندەك ئازاپ ئىچىدە ياشايدۇ.ئىش قىلغاندا جىددىلىشىپ، ئەتراپتىكىلەرنىڭ بىزارلىغىنى قوزغاپ، ئاممىدىن ئايرىلىپ ئازاپلىنىدۇ.

3.ئالامىتى:ھەركەتسىز، مۇددا-مەخسەتسىز، ئىشقا بارغۇسى كەلمەيدۇ، باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشنى خالىمايدۇ، ھەممىلا ئىشقا باشقىلارنىڭ ھەيدەكچىلىگى كىتىدۇ، ھەممىلا ئادەمنىڭ ماختىشىنى ئۈمىت قىلىدۇ، تۇرمۇشىدا بىرەر تەلىۋى ياكى بىرەر ئۈمىدى يوق. تەنھالىق يالغۇزلۇقنى ياقتۇرىدۇ،ئۆز بىشىمچى مەنمەنچى كىلىدۇ، نۇرمال كىشىلىك مۇناسىۋەتتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. ئۆزىنى  تۈۋەن كۆرىدۇ.باشقىلارغا ھەسەت قىلىدۇ، باشقىلاردىن بىسىپ چۈشۈلمىگىنىدىن ھەسرەتلىنىدۇ.

4.ئالامىتى:ياردەمسىزدەك ھىس قىلىدۇ، ئەسەبىلىشىش بىرخىل تۇرما بولۇپ ئۇ ئىنساننى يالغۇزلۈققا باشلايدۇ ۋەبەنت قىلىدۇ، ئۆزىنى ئاجىز، يار يۆلەكسىز، ھىچكىم ئۇنى قۇتۇلدۇرمايۋاتقاندەك، ئەسلىگە قايتالمايۋاتقاندەك ھىس قىلدۇرىدۇ، قورغاننى  بۇزۇپ چىقىشقا ئامالسىزدەك ھىس قىلدۇرىدۇ، ھەممىلا ئادەم قۇرۇق ئاۋارە بولىۋاتقاندەك، غەلبە قازىنالمايدىغاندەك ھىس قىلىدۇ. بارلىق تەسەللىلەر ئىچ ئاغرىتىۋاتقاندەك ، مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك، ئەكىس تەسىر ھىس قىلدۇرۇپ، قوبۇل قىلمايدۇ.ھەر قانداق قىزغىنلىق كۆڭۈل بۆلۈشلەر ئۇنى تەسىرلەندۇرەلمەيدۇ. ئۆز بىشىمچىلىق قىلىپ ھەممىدىن ئايرىلىپ قىلىپ ئاخىرىدا يەنىلا ئازاپلىدۇ.ۋەھىمە ۋە ئالاقىزادىلىك ئىچىدە ھىرىپ چارچايدۇ.

5.ئالامىتى: قىممىتىم يوق، ئەھمىيىتىم يوق دەپ ھىس قىلىدۇ. ھىچ قانداق ئىقتىدارىم يوق ھىچ ئىشنى قىلالمايمەن دەپ قارايدۇ، بىرەرمۇ توغرا يىرى يوق، ھەممىسىلا پاتقاق، ھەممىسىلا كىرەكسىز، پارازىت قۇرۇت، جەمىيەتكە ئەھمىيىتى يوق، روھىي ۋە جىسمانىي كۈچىنى تۈگىتىپ، تۇرمۇشنى دۇنيانىڭ ئىغىي يۈكى ئاۋارچىلىق دەپ قايدۇ، ئۆزىنى ئەيىپلەيدۇ، ئۆزىنى گۇناكاردەك ھىس قىلدۇ. قىلىدۇ،ھەممە ئىشنىڭ يامان تەرىپىنى ئويلاپ يۈرەكسىز ياشاپ، ئەركىن ئازادە بولالمايدۇ. كوللىكتىپ بىلەن ماسلىشىشچانلىغى ئاجىز، كىشىلەر كۆپرەك ئورۇنلاردىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بەرگەن تەكلىپ پىكرىنى مەسخىرە دەپ چۈشىنىدۇ.باشقىلاردىن قۇسۇر تىپىشقا ئامراق، يىقىن دوستلىرى يوق، ھەسەتخورلۇققا پىتىپ تەنھا ئازاپلىنىدۇ.ئىغىرراق بولغاندا كىشىلىك دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ،ئۆزىنى ئۆلتۇرۋىلىشقا ۋە باشقىلارنى ئۆلتۇرۋىتىشكە ئۇرنىدۇ.


خامۇشلۇق كىسىلىنىڭ بولنىشى:

1.ئىچكى سەۋەپ تۇپەيلىدىنپەيدا بولغان خامۇشلۇق كىسىلى .ھورۇن ئىزىلەڭگۈ،گومۇش ھاڭۋاقتى، ئۆزگىرىشچان،غەم قايغۇلۇق، ھەسرەت ئەلەملىك بولىدۇ.

2. ئىنكاستىن پەيدا بولغان  خامۇشلۇق كىسىلى . بىرەر ئىش قاتتىق تەسىر قىلىش،ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ.تۇرمۇش جەريانىدىكى تۇيۇقسىز ھادىسە ئاپەت كىسەللەر سەۋەبىدىن پىسخىكىسىدا  پەيدا بولىدۇ.

3.يوشۇرۇن  خامۇشلۇق كىسىلى:كەيپىياتى تۇرىقسىز، ئەسەبىلىشىش ئالامىتى ئىنىق ئەمەس،بەدىنى كىسەل ئەمەس،يۈرىگى سىقىلىدىغان،مەيدىسى چىڭقىلىدىغان،قورسىغى نۇرمالسىز،نەپسى سىقىلىش،روھى چۈشۈش، تەرلەش، ئورۇقلاپ كىتىش،ئۇيقىسىزلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرلىدۇ.

4.ئۈگىنىش تەس كىلىشتىن پەيدا بولغان   خامۇشلۇق كىسىلى. ئۇقۇغۇچىلاردا ئۈگىنىشنى تەس كۆرۈش، دىققىتى چىچىلىش، ئەستە تۇتۇشى تۆۋەنلەش، نەتىجىسى چۈشۈپ كىتىش، ئۈگىنىشتىن قورقۇش، قىچىش، رەت قىلىش، بىزار بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرلىدۇ.

5.دورا تەسىرىدىن پەيدا بولغان  خامۇشلۇق كىسىلى: قان بىسىمى دورىسىنى يىگەنلەردە كۆرلىدىغان  ئەسەبىلىشىش ۋە شۈكۈپ قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

6.بەدەننىڭ سەۋەبىدىن كۆرلىدىغان  خامۇشلۇق كىسىلى: مەسىلەن: يۈرەك كىسىلكى، ئۆپكە كىسىلى، ئىچكى ئاجراتمىلار دىن پەيدا بولغان زۇكام ۋە قىزىتمىدىن  كىلىپ چىققان   ئەسەبىلىشىش   كىسىلى قاتارلىقلار.

7.تۇغۇتتىن كىيىنكى  خامۇشلۇق كىسىلى:تۇغۇتتىن كىيىن ئاياللاردا كۆرلىدىغان ئەسەبىلىشىشكىسىلىنى كۆرسىتىدۇ.

8.كىلىماكتىرىيە دەۋرىدىكى  خامۇشلۇق كىسەل: پىزلۇگىيەلىك ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن كۆرلىدىغان مىجەزدىكى تۇراقسىز ئەسەبىلىشىش كىسىلىنى كۆرسىتىدۇ.

9. ئەسەبىلىشىش خاراكتىرلىق روھىي كىسەل:روھىي كەيپىياتى ناچار، نىرۋىسى ئاجىز سەۋەبىدىن كۆرلىدىغان ئەسەبىلىشىش كىسىلىنى كۆرسىتىدۇ.


خامۇشلۇق كىسەلنى داۋالاشتا كۈندىلىك تۇرمۇشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

1. نۇرمال روھىي كەيپىياتنى ساقلاش.ئەندىشە، جىددىلىشىش، ھاياجانلىشىش قاتارلىقلارغا  ئۆزىنى ئەركىن قۇيىۋىتىپ مۇئامىلە قىلىپ، بىسىمنى تۆۋەنلىتىپ،تۇرمۇشتا قىزىقىش،ئىشتىياق قوزغاپ ئوچۇق يورۇق كەيپىياتتا ياشاش كىرەك.

2. ئۆزىگە نىسبەتەن ئىشەچ تۇرغۇزۇش كىرەك. جىددىلەشمەستىن كۆڭۈللۈك ياشاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كىرەك.ئەسلىگە كىلىشكە سەۋرىچانلىق بىلەن يىتەرلىك ۋاقىت بىرىش كىرەك.

3.بەزى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ دىققىتىنى چىچىش كىرەك. كىسەل قوزغالغاندا ھىچ ئىش قىلغۇسى كەلمەي، ئەھمىيەتسىز تۇيۇلۇپ، ئۆيگە سولىنىپ يالغۇزلۇقنى خالايدىغان ، باشقىلارغا گەپ قىلىشنى خالىمايدىغان يالغۇزلۇقنى خالايدىغان بولۇپ قالماستىن يۈرەكلىك سىرىتقا چىقىپ، باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، بەزى ئىشلارغا بەنت بولۇپ بەدەن چىنىقتۇرىشى ۋە دىققىتىنى چىچىشى كىرەك.بۇنىڭ بىلەن مەن كىسەل دىگەن كۆزقاراشنى ئۇنتۇپ كىتىدۇ.

4. كۆپرەك بەدەن چىنىقتۇرۇش. مىڭىش، سەيلە قىلىش، ئاستا يۈگرەش، شارائىت بولسا تاققا چىقىش، سۇ ئۈزۈش،توپ ئۇيناش قاتارلىق پالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ئىچ پۇشقىنى تۇگىتىش كىرەك.

5. كىسەلنى ھىس قىلىش، چۈشىنىش، بەدەندىكى كىسەللىك ئىنكاسقا دىققەت قىلىش كىرەك. چۈنكى بۇ كىسەللەر ئاسانلا ئۆلىۋىلىشقا ئۇرنىدۇ.


خامۇشلۇق كىسىلى بارلارنىڭ ئۆزىنى داۋالاش جەريانىدا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

1. دائىم پىسخىكىلىق مەسلىھەت سوراپ تۇرۇش كىرەك.

2.ئۆزىگە قىيىن بولغان پىلان تۈزىۋالماسلىق كىرەك.كىسەللىك ئەھۋالغا جىددى قاراپ، پىلاننى تەڭشەپ ئازادە خىزمەت ۋە تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىش كىرەك.

3. چوڭ مۇرەككەپ ئىشلارنى بۆلۈپ،ئۆزىگە ماس كىلىدىغان قىلىپ تەڭشەپ، نۇچىلىق مەنمەنلىق قىلىپ بىسىمنى كۆپەيتپ، ئۆزىگە ئۈمىتسىزلىك،روھىي چۈشكۈنلۈك ئىلىپ كەلمەسلىك كىرەك.

4. باشقىلار بىلەن كۆپرەك بىرىش كىلىش قىلىپ، يالغۇزلۇقنى تۈگىتىش كىرەك.

5.بەدەن چىنىقتۇرۇش پالىيىتىنى كۈچەيتىپ، كىنو كۆرۈش، دىيەنشى كۆرۈش، ئۇنئالغۇ ئاڭلاش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى سىناپ بىقىش كىرەك.  تۇرلۈك پالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا جۈرئەت يىتىلدۈرۈش كىرەك.

6.چىچىلماي، قىزىققانلىق قىلماي،ئۆزىنى جىددىلەشتۈرمەي ھاياتقا كۈلۈپ بىقىپ،ئالدىرماي ئەكسىگە كىلىشكە يىتەرلىك ۋاقىت ئاجرىتىپ، خىزمەت ۋە تۇرمۇش تەرتىۋىنى تەڭشەپ،باشقىلار بىلەن بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ماھىرلىقنى يىتىلدۈرۈپ، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۇرۈپ،ئۆزىگە بولغان ئىشەچنى يوقىرى كۆتۈرۈش كىرەك.

7. مۇھىم قارارلارنى چىقىرىشتىن بۇرۇن ئۆز بىشىمچىلىق قىلماستىن،قولدىن بىرىپ قويۇپ ئازاپلىنىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن  ئىشەنچىلىك ئادىمى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بىكىتىش كىرەك. مەسىلەن خىزمەت ئالماشتۇرۇش، توي قىلىش ، ئاجرىشىش قاتارلىق ئىشلاردا  .

8. ئۆز ھىسياتىغا تەسىر يەتكۈزگەن نۇقتىلارنى يىزىپ چىقىپ،تەھلىل قىلىپ، تۇنۇپ، بۇ ئامىللارنى تۈگۈتۈپ، بۇ كىسەلدىن قۇتۇلۇپ چىقىش كىرەك.ئېلھام ـ ئۈمىد ، ئىشەنىچ ـ جاسارەت ئاتا قىلدىغان كىتابلارنى كۆرۈپ،بېكىنىۋالماستىن كۆڭۈلدىكى دوسىتلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۆزىنى << ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ >> << قايغۇرماستىن باتۇرلارچە ياشايمەن >> دەپ ئلھاملاندۇرۇش كىرەك.
9.كەيپىياتنى تەڭشەشكە ماھىر بولۇپ، مۇزىكا ئاڭلاش، ساياھەت قىلىش، بازار ئايلىنىش
قاتارلىق ئىنسان روھىي دۇنياسىنى بىيىتىدىغان ئىشلارنى كۆپەيتىپ،ئۆزىنى ۋە ھاياتنى قەدىرلەشنى  بىلىش كىرەك.ئۆزىنىڭ كىشىلىك قەدىر قىممىتىنى تۇنۇش كىرەك. ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا ئىشىنىشنى، باشقىلارنى چۈشىنىشنى ، باشقىلارنى كەچۈرۈشنى ئۆگىنىۋىلىش، ئۆزىنىڭ قىلغان ياخشى ئىشىدىن پەخىرلنىشنى ھۆزۇرلىنىشنى ئۆگىنىۋىلىش كىرەك.باشقىلارنىڭ مەسخىرىسى ، پەس كۆرۈشى چۈشىرىشى بىلەنلا غايىدىن ۋاز كەچمەسلىك كىرەك .

10.باشقىلاردىن قۇسۇرلا ئىزدەيدىغان تىل، ھەسەت قىلىدىغان قەلب،كۆرەلمەيدىغان ئادەت بىلەن خوشلىشىپ، باشقىلارنىڭ خۇشاللىغىنى، مىھرى مۇھاببىتىنى، ئارتۇقچىلىغىنى كۆرۈپ، ئۇلار بىلەن خۇشال خورام بىرگە ئۆتۇش كىرەك. كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇپ، ئومومى بەدەن ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ،ئىشەچ ئۈمىت ۋە سۆيۈنۈش ئىچىدە بەختىيار ياشاش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش كىرەك.

11.ئۆزىنى-ئۆزى ئالدىماي،بېسىم قانچە ئېغىر بولغانسېرى، ئىپادىسىنى ياخشىقىلىپ،نېملا ئىش قىلسا ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بىرىپ،تەنھا ئىش قىلىشقا ئۇرۇنماي،مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرماي، ھەسەتخورلۇق قىلماي،ئۆزىنى كونترول قىلىشقا ماھىر بولۇپ،ئۆزىنىڭ نۇرمال پىسخىكىلىق تەڭپۇڭلىغىنى ساقلاشنى ئۈگىنىۋىلىش كىرەك.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   1263318936 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-11 07:38 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 599
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4071
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 137 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-11 07:39:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ تەستە يوللىدىم يا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72418
يازما سانى: 830
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 814
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 499 سائەت
تىزىم: 2012-1-1
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-11 08:48:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىڭلىم ياخشى تېما يوللاپسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87592
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 501
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 174 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-11 09:14:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتراپتىكى دوست-بۇرادەر،قېرىنداشلار،خامۇشلۇق ئالامىتى بار قېرىنداشلىرىغا قارىتا،ئىشىنىش،رىغبەتلەندۈرۈش،سىردىشىش ھەم ئۆزلىرى بىلەن پائالىيەتكە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ ئۇلارنىڭ كەيپىياتنى تەڭشەشكە ياردەم بىرىشى كېرەك. ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ تەنقىدلەيدىغان ياكى خۇيى تۇتۇپ قاپتۇ دەپ بىپەرۋا مۇئامىلە ياكى سوغۇق مۇئامىلە قىلماسلىق كېرەك.

بۇ ھاياتتا ئازغۇن،گۇناھكار بولۇشتىن بەك قورقىمەن.ئاللاھ ئىگەم ئىككى دۇنيادا ئەزىز قىلغىن،خار قىلمىغىن.ئازدۇرۇشلاردىن ساقلىغىن؛

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59309
يازما سانى: 624
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3491
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 2005 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-11 09:19:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەندە بار بۇ الامەتلەر .   وزۇممۇ ھېس قىلغان تازا ساقيالمايدىكەن ادەم. بەزىدە دۇنيادىكى ادەملەرنىڭ ھەممىسىنى ولتۇرۋەتكۈم كېلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 1223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10545
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3463 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-11 09:42:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرمۇشتا زەربىگە ئۇچۇرغاندا ئادەمدە خامۇشلۇق پەيدا بولۇپ قالىدۇ. يەنىلا يىڭىش كىرەك.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83608
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3417
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2012-8-7
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-11 10:08:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاتاق  ئىكەن  .

مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2997
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21247
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2121 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-11 10:32:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خامۇشلۇق كىسىلىنى پىسخىكا جەھەتتىن بايقاش ئاسان.

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87258
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 576
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2012-11-15
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-11 10:36:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارىغاندا مەندىمۇ شۇنداق كىسەل باردەك تۇرىدۇ،كوڭلۇم يالغۇزلۇقنى خالايدىغان بولۇپ قالدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75119
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3208
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 326 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-11 11:58:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەندە بۇ كېسەل ئېشىپ- تېشىپ كېتىپتىغۇ!
ھەممىسى مەندە بار ئىشلار               توۋا!

قورقۇش پەقەت نېرۋىنىڭ ئەڭ زىل ئىنكاسى!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش