كىلماتى ئىللىق ،گۈللىرى خۇشپۇراق،تۆت پەسلى باھاردەك،كۆك ئاسمان-زۇمرەت سۇلىرى بار،ئاق چايكىلار ئۇچۇپ يۈرىدىغان،بۇ يەر قورقۇنۇچلۇق ھەم سىرلىق "بېرمۇدا ئۈچ بۇرچەك دېڭىز رايۇنى"دىن ئىبارەت، ئۇ يەنە"شور پېشانە دېڭىز"،"ئالۋاستى دېڭىز"،"پاراخوتلارنىڭ قەۋرىستانلىقى"دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
نەچچە يۈزلىگەن ئايرۇپىلان ۋە پاراخوتلار بۇ يەردە سىرلىق ھالدا غايىپ بولۇپ كېتىپ،ئازراق قالدۇق پارچىلىرىنىمۇ تاپقىلى بولمىغان.
ئامېرىكىنىڭ بىر ئۇچقۇچىلار ئەترىتى باھاما تاقىم ئارىلىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۇچۇپ ئۆتىۋاتقان ۋاقىتتا،تۇيۇقسىز ئېلىكتىر دولقۇنى سىگنالى بارغانسىرى ئاجىزلىشىپ،ئاخىرىدا جىمىقىپ كەتكەن.نەتىجىدە ،14 نەپەر ئۇچقۇچى ۋە 5 ئايرۇپىلان يەر شارىدىن غايىب بولغان. ئامېرىكا ئارمىيەسى بېرمۇدادىن مېكسىكا قولتۇقىغىچە بولغان ھەر بىر سۇڭ دېڭىز يۈزىنى ئاختۇرغان بولسىمۇ،نەتىجىدە ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىغان.
http://player.ku6.com/refer/AhnzgB_ykJuPBIz69hiiAA../v.swf
بىر چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايرۇپىلانى بېرمۇدا دېڭىز تەۋەسى ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۆتىدىغان چاغدا ،ئالدىنقى بىر مىنۇتتا"ئايرۇدۇرۇمغا يىقىنلاشتۇق،چىراغ نۇرى كۆرىنىۋاتىدۇ،قونۇشقا تەييارلاندۇق"دېگەن ئېلېكتىر سېگنالى تارقاتقان،كېيىنكى بىر مىنۇتتا ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولماي،ئايرۇپىلان خادىملىرى ۋە بارلىق يولۇچىلارنىڭ بىرسىمۇ ئامان قالمىغان.
فىرانسىيەنىڭ "لوچاللى"نەملىق يەلكەن كېمىسى،كۇبا تەۋەلىكىدىكى "رۇبىكاڭ"ناملىق يۈك پاراخوتى،ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى "مالىن.كېيېس"ناملىق ماي پاراخوتى...بېرمۇدا دېڭىز يۈزىدە ئادەملەر غايىپ بولۇپ،پاراخوت بوش قالغان غەلىتە ئەھۋال يۈز بەرگەن.بايقالغان پاراخوتتا بىرمۇ ئادەم يوق،نەرسە-كېرەكلەر ساپمۇ-ساق بولۇپ تاماق شىرەسىگە ئېسىل يېمەكلىكلەر تىزىلغان،ئىستاكانلاردا تېخى ئىچىپ بولۇنمىغان قەھۋە ۋە چاي تۇرغان ،تامدىكى سائەت نورمال مېڭىپ تۇرغان،پەقەت ئۆلەي دەپ قالغان بىر كانارىيە سېرىق قۇشقۇچى ۋە پالۇبىدا يالغۇز ياتقان بىر ئىتلا قالغان.پاراخوتتىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى غايىب بولۇپ كەتكەن.زادى نېمە ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.
بۇ خىل ئەھۋاللارغا ھازىرغىچە ھىچكىم جاۋاپ بىرەلمىدى......
http://player.ku6.com/refer/GuGKQMHDl9_hR7ideRV40A../v.swf
يىقىنقى يۈز يىلدىن بۇيان بۇ جايدا يۈز بەرگەن سىرلىق غايىپ بۇلۇش ۋەقەلىرى تېخىچە ئېچىلمىغان سىر بۇلۇپ كەلدى.ئېيتىشلارغا قارىغاندا،پۇچتا پاراخوتى، يۈك پاراخوتى، ئۇرۇش پاراخوتى، ،سۇ ئاستى پاراخوتى، شۇنداقلا ئايرۇپىلان بۇ جايدىن ئۆتكەندە، مېنوت،سىكونت ئېچىدە ئۇلارنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ ، خۇددى دېڭىز سۈيىدە ئېرىپ كەتكەندەك دېرەكسىز يۇقىلىدىكەن. ئېنىقسىز سىتاتىستىكىلارغا قارىغاندا ،ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىردىن بۇيان بۇ رايوندا 240قىتىمدىن كۆپ پاراخوت چۈكۈپ كېتىش، ئايرۇپىلان چۈشۈپ كىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ،2000غا يىقىن ئادەم قازا قىلغان. كۆپ يىللاردىن بۇيان بېرمۇدا« ئالۋاستى ئۈچ بۇرجەك» رايونىدا يۈز بەرگەن غەلىتە ۋەقەلەر خەلىققارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتتى. كۆپلىگەن ئالىملارمۇ ئۇنىڭ سىرىنى يېشىش ئۈچۈن تېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن ب د ت داڭلىق ئالىملاردىن تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ ، بۇرايوننى ئېنچىكە تەكشۈرۈشكە باشلىدى. نەتىجىدە بۇ سىرلىق رايون تۇغۇرسىدا نۇرغۇن قىياسلار مەيدانغا كەلدى.
سارگاسسسو تەلىماتى
تەكشۈرۈشتىن بۇ رايوندا كەڭ كەتكەن سارگاسسو دېڭىزى بارلىقى ئېنىقلاندى. بۇنىڭدىن بەزى ئالىملار :سارگاسسسو پاراخوتلارنىڭ پىقىرغۇچىغا يۆگىشۋېلىپ پاراخوتلارنى چۆكتۈرۋەتكەن، دىگەن قاراشنى ئۇتتۇرغا قويدى.
دىڭىز تۇرغۇن دولقۇنى تەلىماتى
تۇز مىقدارى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل دېڭىز ئېقىمى ئۆز-ئار ئۇچراشقاندا ، قاينام شەكىللىنىپ تۇرغۇن دولقۇن ھاسىل قىلىدۇ. بۇ خىل دولقۇن پاراخوتلارنى ئۆز جايىدا پىرقىراشقا مەجبۇرلايدۇ ياكى ئىلگىرىلىشىنى چەكلەپ قويىدۇ ۋە ئۇزاققا بارمايلا پاراخوتلارنى سۇغا غەرق قىلىدۇ.
تۆۋەن ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچى تەلىماتى
ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ئېلېكترون ئېلىمى مۇتەخەسسىسى سېمىت نۇرغۇن قېتىم تەجرىبە ئىشلەش ئارقىلىق ئاتموسفېرا قاتلىمىدىكى مەلۇم بىر قەۋەتتە بىر خىل تۆۋەن ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچ مەيدانى بولىدىغانلىقىنى ، بۇ خىل كۈچنىڭ بەزىدە پەيدا بولۇپ ،كومپاس ۋە سىمسىز ئالاقە ئۈسكۈنىسىگە كاشىلا قىلىدىغانلىقىنى ، ھەتتا ئادەمنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۋىتىدىغانلىقىنى بايقىغان . بۇنداق بولغاندا ، پاراخوت ۋە ئايروپىلانلار خاتا ھۆكۈم تۈپەيلى تېزلا ئېزىپ قىلىپ چاتاق چىقىدىكەن.
ۋاقىتتىن ھالقىغان بوشلۇق تەلىماتى
ئالىملارنىڭ ئەڭ يىڭى تەلىماتىدىن قارىغاندا ،ۋاقىت ئىنسانلار ئادەتتە بىلىدىغاندەك مەڭگۈ بىر خىل ئۆزگەرمەس سۈرئەت بىلەن ئەمەس ، بەلكى ئوخشاش بولمىغان سۈرئەت بىلەن ئۆتىدىكەن ،ۋاقىتنىڭ يەر يۈزىدىكى ئۆتۈش سۈرئىتى ئاتموسفېرا قاتلىمىدىكىدىن ئاستا بولۇپ ، پاراخوت ياكى ئايروپىلان «ۋاقىت قاينىمى» غا كىرىپ قالسا ، بۇ دۇنيادىن ۋاقىتلىق ياكى مەڭگۈلۈك ئايرىلىدىكەن. ۋاقىت نورمال يۈرۈش ئوربىتىسىدىن ئايرىلىپ قالسا ، شۇ مەزگىل ، شۇ رايوندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بارلىق جىسىمنى بىرگە ئېلىپ كېتىدىكەن .جىسىملار ئۆتمۈش ياكى كەلگۈسى دەۋرگە كېتىدىكەن،ھەتتا «ئالەمسىمان» ۋاقىت بوشلۇقىغا كىرىپ قالىدىكەن.
پىرامىدا ماگنىت مەيدانى تەلىماتى
تەتقىقاتچىلار «ئالۋاستى ئۈچ بۇرجەك » رايونى دېڭىز ئاستىدا ئىككى غەلىتە پىرامىدا بارلىقىنى ، ئۇلارنىڭ غايەت زور ماگنىت مەيدانى ھاسىل قىلىپ ، يۇقىرى ئىندۇكسىيىلىك ماگنىت كۈچى بىلەن ئايروپىلان ۋە پاراخوتلارنى دېڭىز ئاستىغا تارتىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان .
تاشقى پلانېتا ئادەملىرىنىڭ دېڭىز ئاستى سىگنال سىستېمىسى تەلىماتى
ئالىملارنىڭ بۇ رايوندا قىلغان تەجرىبىلىرىدىن بايقىلىشىچە ، بۇ جاي ئالەمگە ئۇچۇش ئەسۋابى قۇيۇپ بېرىش ۋە سىمسىز يول باشلاش سىگنالى تارقىتىشقا تولىمۇ ماس كېلىدىكەن .بۇنىڭدىن پەرەز قىلىشقا بولىدىكى، تاشقى پلانېتا ئادەملىرى مەلۇم خىل سىگنال تارقىتىش سىستېمىسىنى دېڭىز ئاستىغا جايلاشتۇرۇپ ، ئۇچار كېمىلىرىگە يول باشلاشقا ئىشلەتكەن بولۇشى ، بۇ خىل سىگنال پاراخوت ۋە ئايروپىلانلارنىڭ يول باشلاش سىستېمىسى ۋە ئادەملەرنىڭ غىزولوگىيەلىك ئورگانىزملىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ ،ھالاكەتكە باشلىغان بۇلىشى مومكىن.
دېڭىز ئاستى ئۇچار تەخسە بازىسى تەلىماتى
تەتقىقاتچىلار كۆپلىگەن ئالامەتلەردىن بۇ رايوندىكى دېڭىز ئاستىدا بىر ئۇچار تەخسە بازىسى بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى پەرەز قىلغان.1965-ئىيۇلدىن 1977-يىلى ئىيۇلغىچە نۇرغۇنلىغان ئايروپىلان ۋە پاراخوتتىكى ئادەملەر ئۇچار تەخسىلەرنىڭ كۆپ قېتىم بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرى رايونىدا پەيدا بولغانلىقىنى كۆرگەن. بۇ دەل ۋەقە كۆپ يۈز بەرگەن مەزگىلگە توغرا كەلگەن.
مەنبە؛ توردۇنياسىدىن رەسىم بەيدۇدىن