ئاردا يوللىغان ۋاقتى 2013-3-11 02:06 PM
قىنى ؟ بۇ ! يەھۇدىيلاردىن ئۆگىنەيلى دىگەن « ئۇيغۇر قەھر ...
‹‹ئۆگىنەيلى›› دېگىنى ھەممە تەرىپىنى دېگىنى ئەمەس، ياخشى تەرىپىنى دېگەن گەپ. ھەممە نەرسىنىڭ ياخشى ھەم ئەسكى تەرىپى بولىدۇ. ياخشى تەرىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئەسكى تەرىپىنى تاشلىۋەتسە بولىدۇ.
مەسىلەن، پەن-تېخنىكا جەھەتتىكى تەرەققىياتى، سودا جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى، دۇنيانى قانداق پىرقىرىتىۋاتقانلىقى ۋە ئۆملۈكى.
ئۆملۈكى دەپ قالدىم. مەن بىر مىسال دەپ بېرەي:
بۇرۇن گېتلىر يەھۇدىلارنى دەھشەت قىرىۋەتكەن. شۇ چاغدا مۇنداق ئىش بولغان. نېمىسلارغا تۇتۇلۇپ قېلىپ سوراققا تارتىلغان يەھۇدىلار ھەممە ئىشنى ئاشكارىلىۋەتسىمۇ ھەم ئاشكارلىمىسىمۇ ھامان ئۆلىدۇ. ئەمما شۇ تۇتۇلۇپ قالغان يەھۇدىلارنىڭ ئارىسىدا كىمكى نېمىسلارغا ھەممە ئىشنى ئاشكارىلاپ، مىللىتىنى ساتقان بولسا، سىرتتىكى يەھۇدىلار ئۇنىڭ بالا-چاقىلىرى ۋە پۈتۈن ئۇرۇقىدىن تارتىپ ئۆلتۈرىۋېتىدىكەنتۇق. ئەمما ھېچنېمىنى دېمەي، مىللىتىنى ساتماي ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، سىرتتىكى يەھۇدىلار شۇ ئۆلۈپ كەتكەن يەھۇدىنىڭ بالا-چاقىلىرىدىن تارتىپ ئىگە بولىدىكەنتۇق ھەم ئوقۇتىدىكەنتۇق. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مانا ھازىرقىدەك ئۆم ھالەتكە كەلگەن ھەم پەن-تېخنىكىدىمۇ تەرەققىي قىلغان. مانا بۇ ئۆگىنىدىغان يەنە بىر تەرەپ يەنى ئۆملۈك.
شۇڭا مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، پەقەت يەھۇدىلا ئەمەس، مەيلى قايسى مىللەت بولسۇن، ياخشى تەرىپى بولسا ئۆگۈنۈپ قويغانغا ھېچنېمە بولمايدۇ. ئەسكى تەرىپىنى ئەلىۋەتتە قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Esimda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-11 02:41 PM