بۈگۈن دوستلارغا ئېلىپ كەلگىنىم ھەر خىل ۋىرۇسخورلار ۋە شۇ توغرىسىدا بىر نەچچە كەلىمە سۆز خالاس . بۇرۇن (تور توختىغان ۋاقتلاردا) بىز ھەممەيلەن 瑞星 ۋىرۇسخورىنى ياقتۇرۇپ ئىشلەتكەن ئىدۇق ، كېيىن تور ئەسلىگە كەلدى ، بۇنىڭ بىلەن خېلى ۋاقتقىچە شۇ 瑞星 نىڭ 病毒库 سىنى يېڭىلاپ يۈرۈپ ئىشلەتتۇقيۇ بىز يەنىلا 1 يىل تور دۇنياسىدىن ئايرىلغاچقا يېڭىلىققا يۈزلىنىشنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدۇق . كېيىن ھەر خىل ۋىرۇسلار چىقتى ... كومپىيۇتېرىمىزدا 瑞星 ئېنىق قاچىلاقلىق تۇرۇقلۇقمۇ بىز كومپىيۇتېرىمىزدا 木马程序 لارنىڭ يامراپ يۈرگەنلىكىنى ھېس قىلدۇق ، ئۇنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىمىزدىن كۆرمىدۇقدە ئەلۋەتتە ، شۇنىڭ بىلەن ئىنتايىن يېنىك ئىكەن ، بەكلا نوچىكەن دەپ 金山毒霸 نى ئىشلەتتۇق ، ئۇ چاغلاردا شەخسەن مەن 金山毒霸 بىلەن 腾讯 نىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن ، كېيىنچە 360 تونۇلۇشقا باشلىدى . ئۇنىڭ قانداق قىلىپ بۇنداق تېز تەرەققىي قىلىپ كەتكەنلىكىنى مەنمۇ بىلەلمىدىم ، لېكىن ۋىرۇس ئۆلتۈرۈشچانلىقى بەكلا كۈچلۈك ، مۇھاپىزەت بەك كۈچلۈك (شەخسەن ماڭا شۇنداق تۇيۇلدى ، بۇرۇن safexj تورىدا ئۆگەنگەن بىلىملىرىم بىلەن مەن ياغاچ ئاتنى ئۆلمەس قىلىش يەنى ۋىرۇسخورلادىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن 360 دىن ئۆتكۈزۈشكىلا ئەڭ كۆپ ۋاقت كېتەتتى ) ، ياغاچ ئات چىقىپ بولغۇچە شاققىدە ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ ، بۇ ئىقتىدارنى ئۆزىمىز تەڭشەپ ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ . ئەمما 默认值设置 يەنى كۆڭۈلدىكى قىممەت تەڭشىكى مۇشۇنداق بولغاچقا كۆپ خەلق ئاممىسى بۇنىڭغا مايىل بولدىمىكىن دەيمەن ، باشقا ۋىرۇسخورلار چىقارغان ئۇچۇرلارنى ئادەتتىكى خەلق ئاممىسى چۈشىنەلمەيدۇ . قايسى كۈنى XXX ۋىرۇسخورى قاچىلاقلىق ئىدى ، تۇيۇقسىز ۋىرۇسخور ئۇچۇر چىقىرىپ : "پالانچى IP ئادېرىستىن سىزنىڭ كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ تەڭشەكلىرىگە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ" دېدى ، دادام بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ (داداممۇ خەنزۇچە بىلىدۇ بولمىسا) چۈشىنەلمىدىم ، نېمە دېگەن گەپ بۇ دېدى . مەن شۇ چۈشەندۈرۈپ قويدۇم قىسقىلا قىلىپ ، دادام يەنىلا چۈشەنگەن چىراي ئەمەس ، ھە دەپ قويدى . مەنمۇ دەرھال كومپىيۇتېرنىڭ Telnet مۇلازىمىتىنى توختىتىۋەتتىم ، ئومومىيۈزلۈك بىر قېتىم كومپىيۇتېرغا تازىلاش ئېلىپ بېرىپ مەخپىي نومۇرىنى ئۆزگەرتىۋەتتىم ، شۇنىڭ بىلەن قارشى تەرەپ كومپىيۇتېرىمغا نىسبەتەن بۇزۇش - چېقىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارالمىدى . ئەگەر 360 بولغان بولسا بۇ ۋاقتتا چوقۇمكى سىزگە دېمەيلا Telnet نى تاقايدۇ ، ئاندىن 快速查杀 قىلىدۇ ۋە سىزگە كىچىك قىلىپ ئۇچۇر چىقىرىپ بېرىپلا كومپىيۇتېرىڭىزنى قايتا قوزغىتىۋېتىدۇ . بۇنداق توساقتا ئادەتتىكى كىچىك ياغاچ ئاتلار ھەرگىزمۇ ئۆتۈپ كېتەلمەيدۇ ۋە 360 نىڭ ئېغىلىغا سولىنىپ قالىدۇ (ھەي بىچارە ۋىرۇس) . بۇنداق بىخەتەر تور مۇھىتى جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشمەي قالارمۇ ؟ قېنى باشقا ۋىرۇسخورلارنى ئىشلىتىپ كۆرۈڭ .
بىرەر ۋىرۇس چىقسا ئۇلار ھەرگىزمۇ قاتتىق قوللۇق قىلمايدۇ ، ئۇچۇر چىقىرىپ : مۇنۇ جايدا مۇنداق بىر ۋىرۇس باردەك قىىلدۇ ، قانداق قىلىمىز ؟
سىز : بولدى يوقىتىمىز
ۋىرۇسخور : ئەگەر بۇ ۋىرۇسنى ئۆچۈرىۋەتسەك بۇ ۋىرۇس ئۆچىدۇ جۇما ئەمسە ....؟
سىز : ۋاي ماقۇلە ، ئۆچۈرە بېرىپ
ۋىرۇسخور : ماقۇل ئاكا ، ئۆچۈرىۋېتىمەن ھازىرلا ...
مانا بۇ يۇقىرىدا ئېيتىلغان ۋىرۇسخور ھەقىقىي ھالدا سىزنىڭ ھوقوق - مەنپەئەتىڭىزگە دەخلى - تەرۈز يەتكۈزمىگەن ھالدا سىزگە مۇلازىمەت قىلغان بولىدۇ . ئەمما سىز ۋە باشقا خەلق ئاممىسى ياقتۇرمايدۇ ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ۋىرۇس دېگەننى ئۆچۈرۈپلىۋېتىش كېرەك ، ماڭا دەپ ، مەندىن سوراپ يۈرۈپ نېمە قىلىدۇ ؟ شۇڭا ئاۋۇ ئېسىلزادە يۈكسەكلىككە ئىگە ۋىرۇسخورلار خەلقنىڭ قوللىشىغا تازا ئېرىشەلمىگەن . 4-5 ئايلار بولدى 360 نى تاشلاپ 金山毒霸 غا كۆچۈۋالدىم ، بۇرۇن تازا زاڭلىق قىلىپ كۈلگەن ۋىرۇسخور مانا ئەمدى مۇكەممەللىكتە بارچىدىن ئېشىپ كەتكەن چىراي ... . ئەمدى مەن نېمىشقا بۇنى ئىشلەتكەنلىكىم توغرىسىدا تۆۋەندە بىر نەچچە دىئالوگ سۆزلەپ ئۆتەي .
سۇئال: مەن نېمىشقا 360 نى تاشلىۋەتتىم ؟
جاۋاب : چۈنكى 360 ھازىر خەلق ئاممىسىنى ئۇنتۇپ قالدى ، بەيدۇ ، تېڭشۈن ، يەنە ئالىقانداقتۇر ئۆزى باش ئەگدۈرگەن شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى يىمىرىش بىلەن ئالدىراش.
سۇئال : 金山毒霸 نىڭ ئارتۇقچىلىقى نېمە ؟
جاۋاب : 金山毒霸 ھازىر تېڭشۈن مەھسۇلاتلىرى بىلەن بىرلىشىۋاتىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تېخنىكىلىرىنى يېڭىلاۋاتىدۇ ، ھازىر جۇڭگۇدىكى ئەڭ مۇكەممەل ۋىرۇسخورغا ئايلاندىن دېسەممۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ ، بولۇپمۇ كومپىيۇتېرنىڭ تەڭشەكلىرى ۋە ئابونتلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ، خاككېرلار ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش قاتارلىق خىزمەتلەردە ئۈلگىلىك بولۇپ قالدى .
ئىشلىتىپ كۆرۈڭ ، قالغىنى سىزنىڭ تاللىشىڭىز ، مەن پەقەت سىلەرگە تاللىشىپ بەردىم خالاس ...
چۈشۈرۈش ئادېرىسى : 金山毒霸 金山卫士
يۇقارقى ئىككىسىنى بىللە قاچىلاپ ئىشلىتىسىز ، بىرى ۋىرۇسخور ، بىرسى مۇداپىئە تېمى . مەن ھەر ھەپتىدە بۇ ئادېرىسنى يېڭىلاپ تۇرىمەن ، چۈنكى يېڭىلىسام ۋىرۇس سۆزلۈك ئامبىرى كەڭ بولىدۇ شۇنداقلا يېڭى چىققان ۋىرۇسخورلار نەزەردىن ساقىت قىلىنمايدۇ .