مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2469|ئىنكاس: 50

ئوت يۈرەك شائېر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78403
يازما سانى: 1309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8865
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2014-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-11 10:59:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئوت يۈرەك شائېر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى


bax rasim-1.jpg


abduhalik uyguri.jpg

   
تالانتلىق شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئابدۇراخمانئوغلى 1901 – يىلى 2 – ئاينىڭ 9 – كۈنى تۇرپان شەھىرىدە سودىگەر ئائىلىسىدەتۇغۇلغان . ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۆزدەۋرىگە نېسبەتەن مەرىپەتلىك ئائىلە ئىدى . ئابدۇخالىقئۇيغۇر 5 يېشىدىلا ساۋادىنى چىقارغان بولۇپ، 12 ياشلارغا كەلگەندە دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ، ئەرەپ، پارس تىللىرىنى ئۆگەنگەن ۋە كىلاسسىك شائىرلارنىڭئەسەرلىرىنى ئوقۇشقاباشلىغان.
1916 – يىلىچوڭ دادىسى مىجىت ھاجى سودا بىلەن روسىيىگە بارغاندا، ئۇمۇ بىللەبېرىپ، روسىيىنىڭشەمەي(ھازىرقى سمپىلاتنىسكى) شەھىرىدە رۇس تىل – يېزىقىنىئۈگىنىدۇ . تۇرپانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنيەنە تۇرپان يېڭى شەھەردىكىشۆتاڭغا كىرىپ خەنزۇ تىل يېزىقىنى ئۆگۈنىدۇ ۋە ئەلا نەتىجە بىلەنمەكتەپنى تاماملايدۇ . بۇجەرياندا ئۇ خەنزۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشۇپلا قالماي، ھازىرقى زامانئەدەبىياتى توغرىسىدىمۇمۇئەييەن ساۋاتقا ئىگە بولىدۇ . ئەينى دەۋىردە ئۇ دوستبۇرادەرلىرىگە خەنزۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ « سۇ بويىدا » ، « قىزىل راۋاقتىكىچۈش » رومانلىرىنىڭ مەزمۇنىنى سۆزلەپ بەرگەنۋە سۇن جوڭشەن ئەسەرلىرىنىئوقۇپ، دېمۇگراتىيىگە نىسبەتەن تونۇشىنى ئۆستۈرگەن . ئەنە شۇ مەزگىللەردىلائابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىدىيىسىدە فىئوۋدالكونىلىققا، خۇراپاتلىققا ۋە نادانلىققا قارشىتۇرۇپ، ئىلىم – پەننى ئوموملاشتۇرۇش ئارقىلىق جەمىيەتنىئۆزگەرتىش غايىسىتۇغۇلغان.

1923 – يىلىئابدۇخالىق ئۇيغۇر مەخسۇت مۇھىتى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە 2 – قېتىم سوۋىت ئىتتىپاقىغابېرىپ، يەنە 3 يىل ئىلىم تەھسىل قىلىدۇ . بۇجەرياندا ئۇ پوشكىن، لېرمۇنتوۋ، تولوستوي ۋە گوركى ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ رۇس ئەدەبىياتى بىلەنتونۇشىدۇ . شۇنداقلائۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، نەزەردائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ . 1926 – يىلىۋەتەنگە قايتىپ كېلىپلا يېڭىچە ئىلىم – پەننى تەرغىپ قىلىپ، خەلقنى ئويغىتىش ئۈچۈن گېزىت ژۇرنال نەشر قىلىشقا ھەرىكەتلىنىپ، تۇرپاندا باسمازاۋۇتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ . لېكىن ئەكسىيەتچى، مىللىتارست ياڭ زىشىڭ ھۆكۈمېتى بۇنىڭغا يولقويمايدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇخالىقئۇيغۇر تۇرپان ئاستانىدىكى مەخسۈت مۇھىتى، پىچاندىكى ئىسكەندەرخۇجا قاتارلىق كىشىلەربىلەن 1927 – يىلى « ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى » نامىدا بىر مەرىپەت جەمىيىتى قۇرۇپ، ئىئانەتوپلاپ تۇرپان يېڭىشەھەردىكى نىيازسەيپۇڭ دېگەن كىشىنىڭ قوروسىدا بىريېڭى مەكتەپ، كېيىنكى يېلى يېڭىشەھەر ئاق سارايدا « ھۆرىيەتمەكتىپى »، كوناشەھەرجەنۇبىي قۇۋۇقتا يەنە بىر مەكتەپ ئاچىدۇ . . .
بۇدەۋىردە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىجادىيىتىدە زور ئىلگىرىلەشلەر بولىدۇ . ئۇنىڭشېئىرلىرىدىكى چوڭقۇر سىياسىي مەزمۇن، ئۆتكۈر ئىسيانكارلىقسادالىرى ھەتتا ئەينىدەۋىردىكى مۇستەبىت ھاكىميەتنى ئەندىشىگە سالىدۇ . ھۆكۈمەت ئۇنى شېئىر يېزىشتىن، خەلقنىئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇشتىن چەكلەيدۇ .
ئۆزغايىسى يولىدا تېز پۈكمەس روھقا ئىگە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1932 – يىلى 11 – ئايدا « ئويغان » ، « ئاچىل » دېگەن شېئىرلىرىنى ئاق رەختكە چوڭ خەتلىك قىلىپ يېزىپ، كوچىلارغا چاپلاپ، ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ ھەيۋىسىگە تاقابىل تۇرىدۇ .
1932 – يىلى 12 – ئاينىڭ بېشىدا تۇرپان ۋە قۇمۇلدا دېھقانلار زۇلۇمغا قارىشى قوراللىققوزغىلاڭكۆتۈرىدۇ . قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا بارغان شىڭ شىسەي 1933 – يىلىنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىگە قايتىشىدا تۇرپانغا كەلگەندە ئابدۇخالىقئۇيغۇرۋە ئۇنىڭ بىرقانچە سەبدىشىنى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ مەنىۋى تەرغىباتچىسىدەپ قاراپ تۇتقۇن قىلىپ تۇرمىگەتاشلايدۇ . جاللاتشىڭشىسەي 1933 – يىلى 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ئۇنى سەبداشلىرى بىلەن قوشۇپ تۇرپان شەھىرىنىڭيېڭى شەھەر قازىخانامەسچىتىنىڭ ئالدىدا قەتلى قىلىدۇ . ئابدۇخالىقئۇيغۇر بوينىغا قىلىچ تەڭلەنگەندىمۇ دۈشمەنگە باش ئەگمەي، باتۇرلارچە كۆكرەككېرىپ، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە يالقۇنلۇق نۇتۇق سۆزلەيدۇ . بوينىغا قىلىچ ئۇرۇلغاندا « ياشىسۇنئەركىنلىك! » ، « ياشىسۇن ئازادلىق! » دەپ ياڭراق شۇئار توۋلاپ قەھرىمانلارچەقۇربان بولىدۇ . . .




مەنبە: ماتېرىيالدىن

http://www.turpan.biz/trackback.asp?tbID=248

http://otmakani-1.56.com   

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   otmakani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-11 11:06 AM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
orhunogli + 126
Xaparang + 112 قەھرىماننى ئۇنۇتمايم.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 238   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78403
يازما سانى: 1309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8865
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2014-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-11 11:00:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
oygan1副本.jpg

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78403
يازما سانى: 1309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8865
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2014-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-11 11:02:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
wijdan azabi-1副本.jpg
wijdan azabi-2副本.jpg

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78403
يازما سانى: 1309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8865
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2014-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-11 11:03:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uzulmas umut副本.jpg

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78403
يازما سانى: 1309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8865
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2014-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-11 11:05:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaydusan1副本.jpg

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78403
يازما سانى: 1309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8865
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2014-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-11 01:32:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوت يۈرەك شائېرنىڭ ۋاپاتىنىڭ 80 يىللىقى ........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86944
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2703
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 583 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-11 01:44:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ئاينىڭ13-كۈنى، ۋەتەنپەرۋەر دىموكراتىك ئىنقىلابى شائىر ۋاپاتىغا80يىل بولغان بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92147
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 321
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2013-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-11 01:55:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوت يۈرەك شائىرنىڭ ئىزلىرى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.

[color=DarkGreen]ئانا رازى ئاتا رازى، دىل ئازار خۇدا بىزار. [/color]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72501
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4160
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 259 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-11 02:16:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
 ئا. ئۇيغۇرغا:


بۇ تارىخ - جەڭنامە، داستان ھەم ئىپوس،
ھەم قانلىق، ھەم شانلىق تارىخى ۋەقە.
كۆكسۈمدە بىر دەريا نادامەت – ئەپسۇس،
يازىمەن بۇنىڭدىن بىرلا سەھىپە .

مىلادى ئوتتۇز ئۈچ مارتنىڭ ئون ئۈچى، 
تۇرپاندا چېپىلغان ئون يەتتە كىشى.  
مۈمكىنمۇ ئۇنتۇشقا شۇ دەھشەت كۈننى،
كېسىلسە شائىرنىڭ مۇبارەك بېشى.

قانداقمۇ ئۇنتۇلسۇن دەھشەتلىك تارىخ!
قانداقمۇ ئۇنتۇلار ئۇستاز _ ئۇيغۇرى!  
پۈتۇن ئەل ھەسرەتتە يىغلار ۋادەرىخ!  
ئاققىنى ياش، ياش ئەمەس كۆزنىڭ گۆھرى.

تارىخنى ئۇنتۇش جىنايەت. قەھرىمان تارىخنى يارىتىدۇ. ئەلۋىدا شائىر! تەۋەللۇتىڭغا 112 يىل، قەتلى قىلىنغىنىڭغا 80 يىل بولۇپتۇ. مەن ۋە بىز  جاراھەتلىك، ئەمما ئىپتىخارلىق يۈرەكلەردە سېنى ئەسلەيمىز!


                      يىگىت تىلەيمەن

شۇ جەڭلەرگە ئات سالغان باتۇرلارنى كىم تۇغقان،
ۋەتەن ئۈچۈن قان تۆككەن قەھرىماننى كىم تۇغقان،
بىر سۆز ئۈچۈن جان بەرگەن پەھلىۋاننى كىم تۇغقان،
ئانىلارغا ئىلتىماس: ئۆلمەس يىگىت تىلەيمەن.

داستانلارنى قالدۇرغان ئوغۇزخاننى كىم تۇغقان،
ئەل - ۋەتەننى كۈلدۈرگەن بۇغراخاننى كىم تۇغقان،
تىرىك ئاستىدا جان بەرگەن شائىرلارنى كىم تۇغقان،
ئانىلارغا ئىلتىماس: قورقماس يىگىت تىلەيمەن.

شەھەر - قورغان ئالدىدا پوچىلارنى كىم تۇغقا،
نەپسى ئۈچۈن سېتىلغان نامەرتلەرنى كىم تۇغقان،
مەيدانى يوق ھەسەتخور، ئەزمىلەرنى كىم تۇغقان،
ئانىلارغا ئىلتىماس: يانماس يىگىت تىلەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72501
يازما سانى: 153
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4160
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 259 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-11 02:19:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە راست: «ئا. ئۇيغۇرغا» ناملىق شېئىرنىڭ ئاپتورىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. مەرھۇم يازغۇچى ھەم تارىخچى خېۋىر تۆمۈر.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش