مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 679|ئىنكاس: 4

( دولان ) ھەقلىق مائارىپتا مىللەتنىڭ ئىستىقبالى بولمايدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90831
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1848
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2013-1-29
ئاخىرقى: 2013-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-11 01:26:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھەقلىق مائارىپتا مىللەتنىڭ ئىستىقبالى بولمايدۇ

نەي دەيزى

دولان تەرجىمىسى

  جوڭگونىڭ ئىسلاھاتى يۇقىتىش شەكلىدىكى تەرەققىياتنىڭ ئۆلگىسى بولۇپ، كەلگۇسى ئەۋلاتلارغا ياشىغىدەك بايلىق قالدۇرماي،كەلگۇسى جوڭگوغا ئۇمىدسىزلىك ئەپكىلىپ، مائارىپنىڭ كەسىپلىشىشىدە جوڭخۇامىللەتلىرىنى مەڭگۇ ئەسلىگە كىلەلمەيدىغان ئەھۋالغا چۇشىرىپ قويدى. ئۆزگىچەئەندىزىنىڭ پۇخرالارغا ئەكەلگەن ئەڭ ئېچىنىشلىق نەتىجىسى، مۇھىدنىڭ بۇزۇلىشى ۋەباي-كەمبىغەللىق پەرقى بولماستىن بەلكى كۆپلىگەن بايلىق ( ئىختىساسلار بايلىقى ۋەقايتىلانمايدىغان بايلىق مەنبەسى ) نىڭ سىرىتقا ئېقىپ كىتىشى بولۇپ، بۇ ئەھۋال جوڭگونىڭ زاۋاللىققا يۇزلىنىشىنى تەخىمۇ تىزلىتىدۇ.

   غايەت زور مەبلەغنىڭ تىزلىكتە سىرىتقا ئېقىشى ھازىر مەخپىيەتلىك ئەمەس، ئىسلاھات جەريانىدا تۇرلىك شەكىلدە بېيىغان بايلاربەس-بەستە چەتئەلگە كۆچمەن بولۇپ، دۆلەت ئىچىدە تاپقان غايەت زور مەبلىغىنى چەتئەلگە يۆتكەپكەتتى. توردىكى ئىنكاسقا ئاساسلانغاندا بۇخىل مەبلەغ چەتئەلدىن باشقىچە سالاھىيەت بىلەن يەنە جوڭگوغا كېرىپ، سىرىتقى مەبلەغ جەلىپقىلىش ئىتىبارسىياسىتىدىن زور پايدا ئالغان، مۇشۇ يىللاردا GDPنىڭ سىرىتقا ئاققان قىسمى تىزلىكتە ئېشىپ، تاشقى پېرېۋوتنىڭ سىرىتقا ئېقىشىنى تىزلىتىپ، پۇخرالارنىڭ بىريىل جاپا چىكىپ تاپقان مەبلىغىنىڭ كۆپقىسمى چەتئەلگەئېقىپ كىتىپ، پۇخرالارنىڭ بۇندىن كىيىنكى يىيىش، كېيىنىش، كىسەل كۆرسىتىش،ئۆلىپ-تىرىلىشى بىلەن بۇ بايلىقنىڭ ھەچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىدى، بۇ خىل تەرەققىيات ئەندىزىسى كىشى بېشى بايلىق تەخسىماتى تۇۋەن بولغان جوڭگوغا نىسبەتەن يىلىكى تۇگەپ ئۇستىخېنى قالغاندەك ئېچىنىشلىق بىر ئەھۋالغا كىلىپ قالدى، ئۇندىن باشقا بەزىلەر مائارىپنى كەسىپلەشتۇرىشتە پۇخرالارنىڭ بۇ دۆلەتكە بولغان مىھرى-مۇھەببىتىنىمۇ نابۇت قىلىۋەتتى.

  دۇنيادىكى ئۇنىملىك بولغان تۇرلىك تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ بىرەرسىمۇ مائارىپنى ئاساس قىلماي تەرەققىي قىلغان ئەمەس. مائارىپ بىلەن تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۆپ سۆزلىمىسەكمۇ كۆپچىلىككە ئايان، شۇنىڭ ئۇچۇن مەيلى شەرق ۋە غەرپتىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بولسۇن ھەممىسى مائارىپقا غايەت زورمەبلەغ سېلىپ شانلىق تەرەققىياتنى قولغا كەلتۇرگەن. خوشنىمىز ياپونىيە بۇندىن يۇزيىل بورۇن ھەقىقىي ھەقسىز مەجبۇرىي مائارىپنى يولغا قويغان ( ھەرگىزمۇ جوڭگوچەئالاھىيدىلىككە ئىگە ھەقسىز مائارىپ ئەمەس )، جاۋۇ ئورۇشىدىكى جوڭگونىڭ ئورۇش تۆلىمىنىڭ كۆپ قېسمىنى مائارىپقا مەبلەغ سېلىپ، پەقەت ئازقىسمىنى دېڭىز ئارمىيسىگە مەبلەغ قىلغان. ئۇزىندىن بۇيان ياپونىيەنىڭ مائارىپ مەبلىغى دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇنداتۇرىۋاتىدۇ، بىز شۇنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى ياپونىيە بايلىق كەمچىل دۆلەت بولسىمۇ ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى مائارىپقا ۋە ئىختىساس ئىگىللىرىنى تەربىيەلەشكەيۇكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى. بىز بۇگۇنكى كۇندە جوڭگونىڭ مائارىپ سەلىنمىسىنىڭ ئافرىقىدىكى تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ سەلىنمىسىدىن تۇۋەنلىكىنىڭ مۇۋاپپىق ياكى ئەمەسلىكىنى دىمىسەكمۇ، بىراق مائارىپنى كەسىپلەشتۈرۈىش ئىددىيسىنىڭ زىيىنىنى ھەرگىز تەكىتلىمەي بولمايدۇ.

  مائارىپنى كەسىپلەشتۈرىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى نوقسانلار ناھىيىتى ئېنىق بولۇپ، زىيان بارغانسىرى ئېشىۋاتىدۇ. بىراق بىز بۇخىل خاتالىق ئالدىدا ھەچقانداق تەدبىر قوللانمايلا قالماستىن بەلكى بەزى ناتوغراسىياسەتلەر بۇ ئەھۋالنى تەخىمۇ ئېغىرلىتىۋەتتى. نۆۋەتتە جوڭگودىكى پۇخرالاردۇنيادىكى مائارىپ يۈكى ئەڭ ئېغىر كىشىلەرگە ئايلاندى. شۇنىڭ ئۇچۇن بىزنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات سەۋىيەمىز ئۇنداق ياكى مۇداق مائارىپ ئۆلچىمىگە يىتەلمەي، خەلق يەنىلا نادانلىقتا قالماقتا. دۇنيادا مائارىپ سەلىنمىسىنى GDP دىكى ئېگەللىگەن نىسبىتى بويىچە ئۆلچەش كۆنكىرىتنى ئەمەس، بىزنىڭ قانچىلىك نۇپۇسىمىز بولسۇن ياكى بۇ نۇپۇس يەنىبىر قاتلانسۇن، بىزنىڭ مائارىپ سەلىنمىسىنىڭ GDP دىكى نىسبىتىنى دۇنيابۇيىچە تۇۋەن بولىشىنى سەۋەپ قىلىشقا بولمايدۇ. دۇنيادىكى كۆپلىگەن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ سېلىنمىسى ئىزچىل %5 يوقۇرى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتنىڭ %4 يوقۇرى بولۇپ، ھەر يىلى داۋاملىق ئېشىۋاتىدۇ. بىراق بىزنىڭ ئوتتۇرا- ئۇزۇن مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھات تەرەققىيات پورۇگېراممىسىدا بىكىتىلگەن نىشاننى يەنە 8 يىل تىرىشىش ئارقىلىق دۇنيادىكى ئەڭ نامرات دۆلەتنىڭ %4 لىك مائارىپ سەلىنمىسى ئۆلچىمىگە يەتكۇزەلەيمىز. يېقىنقى يىللاردا دۆلىتىمىز ئېقتىسادىنىڭ ئېشىشى دۇنيا بويىچە بىرىنجى بولسىمۇ، نىمە ئۇچىن مائارىپ سەلىنمىسى ئېزچىل ئاشمايدۇ؟ پۇل نەگە كەتتى؟ تۇۋەندىكى سانلىق مەلۇماتنى كۆرسە كۆپچىلىك چۇشىنىشى مۇمكىن، جوڭگونىڭ مائارىپ تەرەققىيات سەۋىيىسىنىڭ تۇۋەن بولىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ يەنىلا چىرىكلىك.

  ئۆتكەنكى 30 نەچچە يىلدا مەملىكىتىمىزنىڭ مەمۇرىي چىقىمى 150 نەچچە ھەسسە كۆپىيىپ، ھەر يىلى ئوتتۇرىچە %22 ئاشتى، مەمۇرىي باشقورىش ھەققىنىڭ مالىيە چىقىمىدائېگەللىگەن نىسبىتى 2003-يىلى %19.3 گەيىتىپ، بارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتتىن يوقۇرى بولغان. « 1978-يىلدىن2003-يىلغىچە بولغان 25 يىلدا مەملىكىتىمىزنىڭ مەمۇرىي باشقورىش چىقىمى 87 ھەسسە ئاشقان.مەمۇرىي چىقىمنىڭ مالىيە چىقىمىدىكى نىسبىتى 1978-يىلى %4.71 بولغان بولسا، 2003-يىلغا كەلگەندە %19.03 يەتكەن، بۇ نىسبەت ياپونىيەنىڭ %2.38،  ئەنگىلىيەنىڭ4.19، كۆرىيەنىڭ %5.16، فارانسىيەنىڭ %6.5، كانادانىڭ %7.1، ئامىرىكىنىڭ %9.9لىك سەۋىيىسىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 16.65، 14.84، 13.97، 12.53، 11.93 ۋە 9.13پوئېنىت يوقورى بولسىمۇ، ئەكسىچە مەمۇرىي چىقىم يېقىنقى يىللاردا ئۇزلىكسىز كۇپىيىپ،ئوتتۇرىچە ھەريىلى %23 ئەشىۋتىدۇ. ( مەنبە « جوڭگو ياشلار گېزىتى » دىن )؛ بۇنىڭ ئەكسىچە 30 يىللىق ئىسلاھاتتا مائارىپ سەلىنمىسى GDP دە كۇرنەرلىك ئېشىشبولمىدى.

   بىز باشقا ساھەگە سالغان سېلىنمىنى مائارىپقا سالسۇن دىمەكچى ئەمەس، پەقەت نەچچە يۇزمىلياردلىق « ئۇچ خىل ئىستىمال » نىڭ يېرىمنى مائارىپقا سالسا، جانابى چاكارلاركۇندە ھۆكۇمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىشتىن ئىككى كۇندە بىر يەپ-ئىچسە، ھەر يىلى چەتئەلگەچىقىشنىڭ يېرىمىنى ئازلاتسا، ھۆكۇمەت ماشىنىسىنى پەقەت ئائىلىسىدىكىلەر شەخسى ئىشلىتىپ، پۇل تەپىشقا ئىشلەتمىسە، مائارىپىمىز ياخشىلىنىپ كىشىنى ھاياجانغاسالاتتى!. مەيلى قانداق شەكىلدە « ئۇچ خىل ئىستىمال » نى چەكلىسىمۇ، ئاچكۆز تويماسلارنىڭ نەپسىنى تۇسىيالماي بەلكى ئۇزلىكسىز ئېشىۋاتىدۇ. بۇ ئاچكۆزلەر ھەتتا مارىپقاسېلىنغان ئازغىنە پۇلنىمۇ بوش قويىۋەتمەي، مائارىپتىكى قالايمىقان ھەق ئېلىشنىڭ تىزگىنلەنمەسلىكى بىرخىل يامان سۇپەتلىك ئۆسمىگە ئايلاندى، ئەسلى « ھەق ئالغان »ئىكەن يوقۇرىدىن پۇل تەلەپ قىلماسلىقى، مائارىپتىكى قەرىزنى يوقۇرىدىن سۇيلىمەسلىكى كىرەك ئىدى، ئەگەر تەكشۇرسە « چىرىكلىك » نىڭ تىپىك ماتىرىيالى ئاشكارىلىنىپ چىقىدۇ. بەزىلەر « ئەگەر يوقورىدىن ھەممە راسخۇدنى بەرسە پۇل ئالمايمىز » دەيدۇ،يوقۇرى ئەلۋەتتە پۇل بەرمەيمەن دىمەيدۇ، پەقەت ھەرخىل سەۋەپ كۆرسىتىپ سىنى شىلىدۇ،ئاخىرى بەرگەن ئازغىنە پۇل سىنىڭ ئىھتىياجىڭغا يەتمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن « ھەرقايسى مەكتەپ ئۆزۇڭلار ئائامال تەپىپ ھەلقىلىڭلار » دەپ چىرايلىق كۆرسەتمە بىرىدۇ.

ھازىرقى مەكتەپ مۇدىرلىرى يوقۇرىغا يول مېڭىپ ئۆسكەن بولغاچقا، پەقەت يوقۇرىدىكى باشلىققا مەسئۇل بولۇپ، ئەمىلىي ئەھۋالنى ئىنكاس قىلالمايدۇ ۋەقىلمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن « ئاۋامنى شىلىش » نى ئېلىپ بارىدۇ؛ ئىسلاھاتتىن بۇيان مائارىپ سەلىنمىسى پەقەتلا ئاشمىدى، ھازىرقى مائارىپ سەلىنمىسىنى ھەچكىم سوراشقاپىتىنالمىدى. « خەلق قورۇلتېيى » دا بىچارە ۋەكىللەر كۆپ قېتىم تەكلىپ بىرىپ،مائارىپ مەبلىغىنى بىۋاستە ئەمىلىيلەشتۇرىشنى تەۋسىيە قىلسىمۇ بىراق رەت قېلىندى.چۇنكى ۋەكىللەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەمەلدارلار بولغاچقا، ئۇلار مائارىپ مەبلىغىدىن بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك مەنپەئەتلەنگۇچىلەردۇر. دۇنيادا پەقەتلا دۆلىتىمىزنىڭ « خەلق ۋەكىلى » ھەم « تەنھەركەتچى » ھەم « رىپىر » رولىنى ئوينايدۇ.مەبلەغنىڭ سىرىتقا ئېقىپ كىتىشىنىڭ ئوبۇكتىپ سەۋەبىنى ئارتۇق سۆزلىمىسەكمۇ كىتاپخانلارغا ئايان.

  ئىختىساسلىقلارنىڭ ئېقىپكىتىشىدىكى ئوبۇكتىپ سەۋەبىگە كەلسەك، كۆچمەن بولۇپ چەتئەلدە خىزمەت قىلۋاتقان ياكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغانلار ئىچىدىكى يىزىدىن چىققانلار مۇنداق دەيدۇ « بىز يۇرىتتا دىھقان ئىشلەمچى، ئەگەر يۇرتىمىزدائىستىقبالىمىز بولۇپ، ئازراق كىرىم قىلالىساق، ئانا يۇرىتتىن ئايرىلىپ چەتئەلدەمۇھاجىرەتتە رىيازەت چىكىشنىڭ نىمە ھاجىتى، يۇرتىمىزدا ئالىي مەكتەپكە ئۆتسەك ئاتا-ئانىمىز يىمەي-ئىچمەي يەنە يۇقۇرى ئۇسىملىك قەرىز ئېلىپ بىزنى ئوقۇتىدۇ، ئىت-ئىشەكتەك ئىشلەپ تاپقان پۇلنى بىزنىڭ تۇرمۇش راسخۇدى قىلىدۇ، ئۇزى تويغۇدەك بىرەرۋاخ تاماق يىيەلمەيدۇ، يىلبۇيى تۇززىكرەك يېڭى كىيىم كىيەلمەيدۇ، ئەگەر بىز ئوقۇش پۇتتۇرىپ ۋەتەنگە جاۋاپ قايتۇرايلى دىسەك، ھەرقانچە بىڭسىڭىز بولسىمۇ، يولىڭىز، پۇلىڭىزبولمىسا نەدىكى خىزمەت، ئاتا-ئانىنى بىقىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئۇزىڭىزنىمۇ باقالمايسىز،نىمىگە تايىنىپ ئاتا-ئانىڭىز ئالغان قەرىزنى قايتۇرسىز؟ خىزمەتكە ئىرىشكەن تەغدىردىمۇ ئاشۇ قاپىقى يامان باشلىقنىڭ كۇزىگە قاراپ كۇندە خوش-خوش دەپ ياشايسىز،مۇبادا تەلىيىڭىز كىلىپ ئۆزكەسپىڭىزدە تەتقىقاتچى بولسىڭىز، ئاشۇ تەتقىقات راسخۇدىنىڭ كۆپ قىسمىنى باشلىق يەپ بولىدۇ، ئەگەر غىدىق-بىدىق دىسىڭىز كەشىڭىزنىتوغرىلاپ قويىدۇ، ئەگەر تەتقىقاتتا بىرەر نەتىجە قازانسىڭىز، بۇ توھپە ۋەمەنپەئەتنى باشلىققا ئۇتۇنمىسىڭىز سىزنى نەسباسقىنىشۇ، شۇنچە يىل ئوقۇپمۇ سىزنى يەنەئاتا-ئانىڭىز باقسا، بىر ئۇمىر نامراتلىقتا ياشىسا......ئەقەللىسى ئۆزئاتا-ئانىڭىزنىمۇ باقالمىسىڭىز، ئۇمىربۇيى تۇرمۇش قۇرالمىسىڭىز بۇنداق دۆلەتتەيەنە ياشامسىز؟ بىز بۇ دۆلەتنى ياخشى كۆرسەكمۇ بىراق بىزنى ياخشى كۆرمىسە نىمەئامال!»

  ۋەتەندىن ئايرىلغان بۇ بىرقانچە ئوقۇغۇچى ئەلىۋەتتە مول ماددىي مەشىئەتنى كۆزلىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ دىگىنى ۋەكىللىك خەرەكتىرگە ئىگە، سانسىزلىغان تۇۋەن تەبىقىدىن كىلىپچىققان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورتاق بەخىدسىزلىكى. ئازبولمىغان ۋەتەنگەقايىتقۇچىلار ئۇزىنىڭ تەتقىقاتىنى ئېلىپ ۋەتەنگە جاۋاپ قايتۇرماقچى بولسىمۇ بىراق تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرالماي، نۇرمالنى تۇرمۇشىنىمۇ قامدىيالماي، قايتىدىن چەتئەلگە چىقىپكەتكەن. ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرخىل تەبىئى ھىسسىيات، ئۇنى تىللاپمۇ،ئۇرىپمۇ يوقاتقىلى بولمايدۇ، يىڭى جوڭگو قۇرۇلغاندا چەتئەلدىكى نۇرغۇنلىغان ئوغۇل-قىزلاريۇرتىغا قايتىپ ۋەتەنگە جاۋاپ قايتۇرغان.

    بۇنداق ھالەت ناچار مۇھىدتىن ئايرىيالمايدۇ، بىراق مائارىپنىڭ كەسىپلىشىشى بۇنداق ھالەتنى ھەقىقى كۇچەيتىپ، پۇخرالارنىڭ بۇ دۆلەتكە بولغان ئاخىرقى مىھرى-مۇھەببىتىنىمۇ بەربات قىلىدۇ. مەيلى كۆچمەن بولغان ياكى چەتئەلدە خىزمەت قىلغانلار بولسۇن ئۇلارنىڭ قەلىب رىشتىسى ۋەتەندىن ئايرىلمايدۇ، ئەگەر ئۇبىكتىپ سەۋەپ بولمىسا ھەرگەز ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلماي تىنىچ تۇرمۇش كەچۇرىشنى ئىستەيدۇ. بىزدە ھەر يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۇتتۇرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇزى ئارزۇقىلغان كەسىپتە ئوقۇيالمايدۇ، ئالىي مەكتەپتىكى ئەمىلىيەتتىن ئايرىلغان كەسىپ بىلەن بىزنىڭ پەن-تەتقىقات ترەققىيات مۇھىتىنىڭ ناچار بولىشىنىڭ مۇققەرەرباغلىنىشى بارلىقىنى ئېتىراپقىلماي تۇرالمايمىز.

  ئەگەرسەن مىنى تەربىيەلىمىسەڭ مەن ساڭا نىمەدەپ جاۋاپ قايتۇرمەن! بۇنداق دىگۇچىلەرنى ھەرگىز نۇمۇسسىز دەپ تىللىماڭ، سىز پەقەت ئۇزىڭىزنىڭ ئائىلىسىنى ۋە ئۇزىڭىزنىڭ ۋەتىننى سويىسىز؛ « ۋەتەن بولمىسا ئائىلىمۇ بولمايدۇ » دىگەن نادانلارنىڭ مەنتىقىسى، ئەگەر جەمىيەتنىڭ ھۇجەيرىسى بولغان ئائىلە بولمىسا دۆلەت نىمە قىلسۇن؟ ناۋاداھازىرقى بارلىق ئائىلىنى تارقىتىۋىتىپ، بارلىق پۇخرانى ئېتىزلىققا ھەيدەپ،كويزا-كىشەن بىلەن ئەمگەككە سالسا، بۇنداق دۆلەت باي بۇلۇپ دۇنيادا مەۋجۇدبۇلالامدۇ ؟ بۇنداق كويزا-كىشەنلىك پۇخرالار بۇ دۆلەتنى سويەمدۇ؟

   مائارىپ مەسىلىسى ھەلبولمىسا، باشقا زىددىيەتلەر ھەلبولمايدۇ، ھەقىقى مەنىدىكى ھەقسىزمەجبۇرىي مائارىپنى يۇرگۇزىپ، ئالىي مائارىپنى تەرتىپكە سېلىپ، ئالىي مارىپ ھەققىنى تۇۋەنلىتىپ مۇئاشلىقلار قاتلىمى قوبۇل قىلالايدىغان سەۋىيەگە چۇشرىپ، قەدەممۇ-قەدەم ھىندىستاندەك سىمۇۋۇل خەرەكتىرلىك ھەق ئېلىش سەۋىيىسىگە يەتكۇزىپ، پۇخرالارنىڭ بۇدۆلەتكە بولغان ئىشەنچىسى ئەسلىگە كەلتۇرىلسە، مىللىتىمىزنىڭ ئاندىن ئىستىقبالى بولىدۇ.


مەنبە:

   http://www.newsus.com.cnnews/DoNewsList.Asp?lable=20761


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-11 01:48 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1033
يازما سانى: 543
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10713
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 3453 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-11 01:15:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

( دولان ) ھەقلىق مائارىپتا مىللەتنىڭ ئىستىقبالى بولمايدۇ

خەنزۇلار ككڭلىدىكىن دەۋېرىدىكەن.ھەم مۇنبەرلىرىمىۇ تەستىقلاۋېرىدىكەن ،ئەمما مىسرانىم دا ئۇنداق ئەمەس چۈنكى ئۇ دىگەن ‹‹ئاق بالا›

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30706
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4526
تۆھپە نۇمۇرى: 247
توردا: 1798 سائەت
تىزىم: 2011-2-17
ئاخىرقى: 2013-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 05:12:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

( دولان ) ھەقلىق مائارىپتا مىللەتنىڭ ئىستىقبالى بولمايدۇ

ھازىرقى مائارىپتىكى مەسىلە  -سۈپەت مەسىلىسى ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت تاپالماسلىق مەسىلىسى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92221
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 474
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 110 سائەت
تىزىم: 2013-2-24
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-20 04:27:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

( دولان ) ھەقلىق مائارىپتا مىللەتنىڭ ئىستىقبالى بولمايدۇ

ھەنىمە بوسا ئىنكاسنىمۇ بولسا تەستىقلاپ بىرىسىلە ھە ئۇلۇغ رەھبەرلە سىلەرگە كۆپتىن-كۆپ .........................................

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش