ۋاپاسىز ئوغۇل
قاقشىتىپ ئانسىنى زار-زار،
تۇغۇپ قويغان گۇناھى ئۈچۈنمۇ؟
ئاغرىنىدۇ ئىشقىلىپ ئانىدىن،
پۇلى يوق كەمبەغەللىك ئۈچۈنمۇ؟
قەرىزداردەك باش ئېگەر ئالدىدا،
جان ئانىنىڭ تىلى قىسقىمىدۇ؟
بويۇن تولغاپ ھۆركىرەشلىرىگە،
جان ئانا كۆز يېشى ھەمراھمىدۇ؟
خۇشاللىق قاچقان ئانا چېھىرىدىن،
ناباب ئوغلى ھىممەت قىلمامدۇ؟
ئۇيقۇ كۆرمەيدۇ ئويچان كۆزلىرى،
ئوغلىغا ھەر چاغ ئىنساپ تىلەيدۇ؟
قەلبىدىن ئاقتى قانلار سەل بولۇپ،
ئوغلى ئۈچۈن ياشاش كېرەكمۇ؟
ۋاپاسىز ئوغۇل بىلمەيدۇ بۇنى؟
ماڭا ئۆلمەس تۈۋرۈك دەپ ئويلامدۇ؟
پۇچۇلاندى قەلبى دەرد-ئەلەم بىلەن،
بىر تۇل ئانا ئۈچۈن ئاسانمىدۇ؟
تۈگىمەس ۋايساش،باھانىلەردىن،
تاپار پۇلنى قەرىز قىلىپ نەدىنمۇ؟
سېتىپ تۈگەتتى مال-بېساتىنى،
ئاتىدىن قالغان تەۋەرىكنىمۇ؟
ئالاتتى ھە دېسە ئانا ياقىسىدىن،
قاچان ئۆلسەن يوقال دەپچۇ؟
تالادا قالدى لاغ-لاغ تىترەپ،
قارايتتى ئوغلىغا كىچىك بالىدەك.
تۆت تامغا قاراپ قالغان تۇل ئانا،
قەلبى ئاچچىق ئۆرتەنگەندۇ؟
ئەنە ئولتۇرار ئۆيدە بىر تال روھ،
ئاھ،ئانا،نېمانچە بەختىسزدۇرسەن؟
بەش بالاڭ بىراقلا تاشلاپ كەتكەن،
ھايات پەيزىنى سۈرگەنمىدۇ؟
ماڭماقتا ئۇ ئاستا قەدەملەر بىلەن،
زادى نەلەرگە ماڭغاندۇ؟
ئەسلەپ قالغان چېغى بوۋېيىنى،
بەلكىم چۈشىدە ئايان بولغاندۇ؟
يالىڭاچ ئۆيدە ياتار تۇل ئانا،
مەڭگۇ ئۇيقۇغا غەرق بولغاندۇ؟
ھېچكىم بىلمەيدۇ ئۇنىڭ دەردىنى،
جەستىمۇ تاشلىنىپ قالغاندۇ؟
*****************************************
ئەنە ئولتۇرار ئۆيدە تىككەن روھ،
ئاھ،ئانا،،نېمانچە بەخىتىسىزدۇرسەن.
بەش بالاڭ بىراقلا تاشلاپ كەتكەن،
ھايات خوۋلۇقىنى سۈرگەنمىدۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا marwayit77 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-10 11:56 PM