مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1247|ئىنكاس: 11

پەرزەنتلىرىمگە يۈز كېلەلمەيمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84482
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 668
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 274 سائەت
تىزىم: 2012-8-30
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 07:17:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پەرزەنتلىرىمگە يۈز كېلەلمەيمەن


(بىر دادىنىڭ پۇشايمىنى)

   ئەكبەر جاپپار دەردى


    ئەقلىمگە كەلسەم رەھمەتلىك دادام مەلۇم بىر ئورۇننىڭ ئىشچىسى بولۇپ، ئۇنى xx دەپ بىر ھايۋاننىڭ ئىسمى بىلەن قويۇلغان لەقىمى بىلەن ئاتىمىسا باشقىلار تونۇمايدىكەن. دادام ئائىلىنىڭ ھەممە ئېغىر-يېنىك ئىشلىرىنى رەھمەتلىك ئانامغا تاشلاپ بېرىپ، ئائىلىدىكىلەر نېمە يەپ، نېمە كىيىۋاتىدۇ، دېگەنلەرنى ئويلىمايدىغان، دائىم دېگۈدەك ئۆيگە بىر توپ ئىچەرمەن، چېكەرمەن ئاغىنىلىرىنى يىغىپ ھەر خىل تاماقلارنى ئەتكۈزۈپ تاڭ ئاتقىچە ساز چېلىپ ئولتۇرۇش قىلىدىغان، رەھمەتلىك ئانامنى يوقىلاڭ سەۋەبلەر بىلەن ئېغىزغا ئالغۇسىز گەپلەر بىلەن تىللاپ، ئۇرۇپ خورلايدىغان، يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغان بولسىمۇ كىشىلەر بىلەن جېدەل قىلىپ تۇرىدىغان بىر ئادەم ئىكەن.

    مەن باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزگەن يىلى بىر كۈنى دادام، (ئاتاققا باشلانغۇچنى پۈتكۈزگەن بولساممۇ ساۋادىم تېخى چىقمىغان) ئىدى.

    ــــ سەن ھەر قانچە ئوقۇساڭمۇ بەرىبىر كادىر بولالمايسەن، مەلۇم بىر زاۋۇتنىڭ باشلىقى بىلەن دېيىشىپ قويدۇم، ئۇ سېنى ئىشچىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىدىغان بولدى. ئەتە بېرىپ زاۋۇت باشلىقى بىلەن كۆرۈشكىن، ـــ دېدى.

    بۇ گەپ ماڭا ياغدەك يېقىپ ئەتىسى دادام دېگەن ئادەمنى ئىزلەپ بارسام، راست دېگەندەك زاۋۇتقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. زاۋۇتنىڭ ئىشى ئېغىر بولسىمۇ چۈشلىرى زاۋۇت ئاشخانىسىدىن قورساق تويغۇدەك بىر ۋاقلىق تاماق يېيەلىگىنىمدىن خۇشال بولۇپ ئىشمۇ ئانچە ئېغىر بىلىنمىدى. ئاي توشقاندا قىرىق ئۈچ يۈەن مائاش بەردى. پۇلنى قولۇمغا ئېلىپ خۇشاللىقىمدا ئۆيگە كىرسەم ئانام پېشانەمگە سۆيۈپ كەتتى. ئۆيگە ئىشلىتەي دەپ 20 يۈەننى ئېلىپ قېلىپ، قالغىنىنى خىراجەت قىلغىن دەپ بەردى. تەڭتۇشلىرىم ئارىسىدا تۇنجى بولۇپ مائاشلىق بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېنى ھۆرمەت قىلىشاتتى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يېشىممۇ چوڭىيىپ ئەل-ئاغىنىلىرىممۇ كۆپىيىشكە باشلىدى.

    بىر نەچچە قېتىم دوستلار بىلەن ئولتۇرغان سورۇنلاردا تاماكا چەكمەي، ھاراق ئىچمەي ئولتۇرۇپ ئۇلارنىڭ «سەن دېگەن xx نىڭ ئوغلى جۇمۇ، داداڭنى پەقەت دورىماپسەن، ئىچمىگەن، چەكمىگەن ئوغۇل بالىنى ئوغۇل بالا دېگىنى بولمايدۇ» دېگەندەك گەپلىرى تەسىر قىلىپ، بارا-بارا تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىشتىن يانمايدىغان، كېيىنچە نەشە چېكىدىغان بولۇپ قالدىم. دادام ئاغىنىلىرى بىلەن ئۆيدە ئېچىپ چەكسە يېنىدا ئولتۇرۇپ قىزىق گەپلىرىنى ئاڭلاپ، دادامغا كۆرسەتمەي سۇنغان نەشىلەرنى ئېلىپ چەكتىم. ئۇلارنىڭ مەستلىكىدىن پايدىلىنىپ نەشىلىرىنى ئوغۇرلىۋالدىم، ئۇنىڭ دوستلىرىدىن ساز چېلىشنى ئۆگەندىم، سورۇنلاردا ئەل-ئاغىنىلەرگە ساز چېلىپ بېرىپ، ئۇرۇش-جېدەل، ئىچىملىك-چېكىملىكتىن يانمايدىغان، ئۆز كۆڭلۈمدە شۇ زامانلاردىكى تەڭتۇشلىرىم ئارىسىدا ئۆزۈمنى بىر نوچى ساناپ يۈردۈم. ئانامنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن بىر نەۋرە سىڭلىم بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن، ئۇ مېنى ئىچىش-چېكىشتىن توسۇشقا باشلىدى. «ئوغۇل بالا تۇرۇپ خوتۇن كىشىنىڭ گېپىگە كىرەمدىم»، دەپ ئۇ ھەر قېتىم «ئىچتىڭ-چەكتىڭ» دېسە، «نېمە كارىڭ، ئوغۇل بالا دېگەن كەيىپ قىلىدۇ»، دەپ بولۇشىغا دۇمبالايدىغان بولۇۋالدىم. بالىمىز بىر ياشقا كەرگەندە ئۇ «سەن ياكى ئىچىش-چېكىشكە تۇر، ياكى بالا بىلەن ماڭا تۇر» دەپ بالىنى كۆتۈرگىنىچە ئۆيدىن چىقىپ كېتىپ ئوزونغا قالماي خېتىنى ئالدى. ئۇنىڭدىن بولغان قىزىم بىر يېرىم ياشقا كىرگەندە قىزىل چىقىپ ئۆلۈپ كەتتى. ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندە بىر تۇغقىنىمنىڭ قىزى بىلەن توي قىلدىم، ئۇنىڭدىن ئارقا-ئارقىدىن ئىككى ئوغۇل پەرزەنت يۈزى كۆرگەن بولساممۇ، ئۇلار قانداق چوڭ بولۇۋاتىدۇ، دېگەنلەرنى ئويلىماي ئىچىش، چېكىش بىلەنلا بولۇپ كەتتىم. كىشىلەر بىلەن جېدەل قىلىپ ئاخىرى مۇبارەك ئىسمىمنىڭ ئارقىسىغا ئۆزۈمنىڭ قىلىقلىرىغا ماس كېلىدىغان، دادامنىڭ لەقىمىدىنمۇ ئۆتە بەدبەشىرە بىر سەت لەقەم قويۇلدى. لەقەم قويۇلۇپ ئۇزۇنغا بارماي جېدەل قىلىپ ج خ ئورۇنلىرى تەرىپىدىن كونا-يېڭى ھېسابلارنىڭ ھەممىسى ئېلىنىپ، لۈكچەكلىك قىلمىشىم ئۈچۈن ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندىم. تۈرمىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن زاۋۇتتىن قوغلاندىم. ئۆيىمىز بازار ئىچىدە بولغاچقا ئاتا-ئانام ۋە ئايالىمنىڭ مەسلىھەتى بىلەن باققاللىق قىلىپ تاپقان پۇلنىڭ ئاز بىر قىسمىنى ئايالىمغا بەرسەم قالغىنىنى ئىچىش، چېكىش بىلەن تۈگىتىپ ماڭدىم.

    يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن شەھەردىكى كۆپ ساندىكى ئىچەرمەن-چېكەرمەنلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تونۇيدىغان ئالدىنقى قاتاردىكى ئادەملەردىن بولۇپ قالدىم. بىر كۈنى بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىدە چەكسەك، بىر كۈنى يەنە بىرسىنىڭ، بىر كۈنى بىزنىڭ ئۆيدە دېگۈدەك تاڭ ئاتقۇچە خام نەشىنى بولۇشىغا چېكىپ ساز چېلىپ كۆڭۈل ئېچىشىنى دائىملىق ئادىتىمگە ئايلاندۇرۇۋالدىم. دادام رەھمەتلىك مېنىڭ ئۆزىنىمۇ بېسىپ چۈشكىدەك ئويۇن تاماشا، جېدەل-ماجرا دېسە داستىخان كۆتۈرۈپ بارىدىغان ئادەم بولۇپ چىققانلىقىمدىن بەك نارازى بولۇپ كەتمىسىمۇ، پات-پات «بالام بولسا شۇ كەيىپنى مەنلا قىلىپ ئادىشىپ كەتكەن بولسام بولاتتى»، بۇنىڭدىن كېيىن ئولتۇرۇشلارغا ئازراق بارارسەن» دەپ قوياتتى. ئانام رەھمەتلىك «بىر ئوغۇل دەپ كۆزۈڭگە قاراپ چوڭ قىلسام، داداڭنى بېسىپ چۈشكۈدەك ئادەم بولدۇڭغۇ، بىزدىن كېيىن قالساق قانداق قىلارسەن، بولسا كەيىپ-ساپادىن قولۇڭنى تارتقىن بالام» دەپ سۆزلەپ تۇراتتى. يېشىم قىرانلىق دەۋرىگە يېتىپ، ئىككى ئوغلۇم تولۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققاندا، دادام بىلەن 60 نەچچە يىل بىر ئۆيدە ياشاپ ئۈچ بالىنى ھەر خىل جاپالاردا قاتارغا قوشقان، بۇ دۇنيانىڭ راھىتىدىن جاپاسىنى كۆپ تارتقان كۆيۈمچان ئانام قولۇمنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆچۈش ئالدىدىكى شامدەكلا پىلدىرلاپ قالغان نۇرسىز كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ زەئىپ ئاۋازدا «جېنىم بالام، كەيىپ-ساپانىڭ ئاقىۋىتى ياخشى ئەمەس، كۆزۈمنىڭ ئوچۇقىدا سېنىڭ ئۇنىڭدىن قول ئۈزگەنلىكىڭنى كۆرەي دېگەن بولساممۇ كۆرەلمىدىم. مەن سېنىڭدىن ھەر ئىككى دۇنيا رازى بولاي، ئانام گۆردە خاتىرجەم ياتسۇن دېسەڭ كەيىپ-ساپادىن قولۇڭنى ئۈزگىن، داداڭدىن ئىبرەت ئال، ئۇ ماڭغان يولدا ماڭما، ئىككى ئوغلۇڭنى ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيەلە، سەن بۇنداق قىلىپ يۈرسەڭ بالىلىرىڭمۇ سەن داداڭنى دورىغاندەك سېنى دوراپ قالىدۇ»، دېگەن گەپلەرنى قىلىپلا مەڭگۈلۈككە كۆز يۇمدى. ئانام ئالەمدىن ئۆتۈپ بىر يىلدىن كېيىن، دادام يېرىم پالەچ بولۇپ قىلىپ، بىر يىلدەك خارلىنىپ يېتىپ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى. (كېيىن بىلسەم قىلغان كەيىپلەرنىڭ تەسىرىدىن شۇنداق بولغان ئىكەن). ئانامنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن بىر ئايدەك كەيىپ-ساپا يولىغا ماڭمىغان بولساممۇ، بىر ئايدىن كېيىن يەنە كونا سەنەمگە دەسسەۋەردىم.

  دادام قازا قىلغان كۈنىنىڭ ئەتىسى ئەل-ئاغىنىلىرىمىنىڭ ھازامنى ئوشتۇشى بىلەن چېكىشنى يەنە باشلىۋالدىم. خۇمارىم تۇتسا سورۇن تاللىماي، يېنىمدا خوتۇن بالىلىرىم بارمۇ-يوق ئۇنى خىيالىمغا كەلتۈرمەي، ھەتتا كېسەل بولۇپ يېتىپ قىلىپ سىرتقا چىقالمىسام ئىككى ئوغلۇمدىن قايسىسى ئۇدۇل كەلسە، ھەتتا ئايالىمغا سىرتتىكى چېكەرمەن دوستلىرىدمدىن نەشە ئەكەلدۇرۇپ چەكتىم. ئارىلىقتا نەشە چەككەن، لۈكچەكلىك قىلغان قىلمىشىم ئۈچۈن ئىككى قېتىم ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش ئورنىغا بېرىپ تەربىيەلىنىپمۇ كەلدىم. ھەر قېتىم ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش ئورنىدىن قويۇپ بېرىلىپ بىرەر ئايدەك غىت قىسىپ يۈرگەن بولساممۇ كېيىنچە كونا كېسىلىم يەنە قوزغىلىپ چۆپقەتلەرنى ئىزلەپ ماڭدىم. چوڭ ئوغلۇم مېنى دورىدىمۇ قانداق پات-پات مۇئەللىمى ئۆيىمىزگە كېلىپ «بالاڭلار ئۇنداق قىلدى، مۇنداق قىلدى، تەربىيە قىلىڭلار» دەپ تۇردى. ئۇ تولۇق ئوتتۇرنى ئەپلەپ سەپلەپ پۈتكۈزۈپ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن بولسىمۇ ئۆتەلمىدى. ئۇرۇق- تۇغقانلارنىڭ تاپىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بار بىساتىمنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك سەرپ قىلىپ ئۇنى بىر ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرغان بولساممۇ، بىر يىلدىن كېيىن نەشە چەككەن قىلمىشى ئۈچۈن مەكتەپتىن قوغلاندى. ئاچچىقىمدا نېمىشقا نەشە چەكتىڭ ياخشى ئوقۇساڭ بولمامدۇ، دەپ بىر تەستەك سالسام يۈزۈمدىن- يۈزۈمگە «سېنىڭ تەربىيەلىگەن بالاڭ بولغاندىكىن چەكسەم چەككەندىمەن» دەۋاتىدۇ. ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ نېمە قىلارىمنى بىلەلمەيلا قالدىم. چۆپقەتلىرىمگە بولغان ئەھۋالنى دېسەم «قانداق قىلىتىڭلا ئوغۇل بالا دېگەن دادىسىنى دورايدۇ، ئۆيۈڭلەردە داۋاملىق نەشىنىڭ پۇرىقى بولغاندىكى بەدەنلىرىگە سىڭىپ ئۇنىڭغا خۇمار بولۇپ قالغاندۇ، چوپچوڭلا بولۇپ قالغان بالىنىڭ كۆزىگە كىرىۋالماڭلا بىر كۈنى ئوڭشىلىپ قالا، سىلىمۇ مۇشۇ ياشقا كىرىپمۇ ھەر كۈنى چېكىپ «ئىشقى، ئىشقى يوقنىڭ كۆتىگە مىشقى» دەپ دوست تارتىپ ئولتۇرىسىلەرغۇ، قايسى يۈزۈڭلار بىلەن ئوغلۇڭلارغا چەكمە دېيەلەيسىلەر، بوپتۇ مەكتەپتە ئوقۇمىسا ئوغۇل بالا بولغاندىكىن تىجارەت قىلسىمۇ جېنىنى باقالايدۇ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆز ئالدىغا باققاللىق قىلىۋاتقان كىچىك ئوغلۇمغا جۇپلاپ بىرلىكتە تىجارەتكە سالدىم، ئۇلارنىڭ تىجارىتى ئاددىي بولسىمۇ كېرىمى خىلىلا ياخشى ئىدى.شۇنداق بولسىمۇ ئۇلارنىڭ تاپقان پۇلىنىڭ زادىلا بەرىكىتى بولمىدى. ئارىدىن يىرىم يىل ئۇتۇپ باشقىلاردىن ئاڭلىسام كىچىك ئوغلۇممۇ نەشە چېكىدىكەن. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا نېمە دەپ تەربىيە قىلىش توغرىسىدا كۆپ باش قاتۇردۇم. كەيپچىلىكتە نەچچە قېتىم ئىككى ئوغلۇمنى بولىشىغا ئۇرغان بولساممۇ ھېچقانداق ئۇنىمى بولمىدى. ئەمدىلىكتە ئويلىسام مەيلى كىم بولمىسۇن بىرسىگە ماۋۇ ئىشنى قىلساڭ بولمايدۇ دەيدىكەنمىز. ئالدى بىلەن ئۆزىمىز قىلماسلىقىمىز كېرەك ئىكەن. بىر قېتىم مەلۇم بىر ناھىيەدىن كەلگەن كونا چۆپقەتلەر بىلەن بىر ھەپتىدەك ئۇ يەر-بۇ يەرلەردە چېكىپ كەيپچىلىكتە ئۇلار بىلەن بىرگە كېتىپتىمەن، ھەپتە ئۆتكەندە ئۆيگە كەلسەم ئايالىم چوڭ ئوغلۇمنى بىر نەچچە دوستى بىلەن ئۈرۈمچىگە تىجارەت قىلغىنى چىقىپ كەتتى دېدى، ئوغۇل بالا بولغاندىكىن شەھەر كۆرۈپ كۆزى پىشسۇن دەپ كارىم بولماي يۈرۈۋەردىم، بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ «ئاق» تاماكا چېكىپ شىمالدىكى بىر مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا ئاپىرىپ بېرىلگەنلىك توغرىسىدىكى خەۋىرى كەلدى ، بۇ خەۋەر كېلىپ ئوزونغا قالماي يۈرەك كېسىلى بىلەن ئاران تىمىسقىلاپ يۈرگەن ئايالىم بىز بىلەن خوشلىشىپ ئۇ دۇنياغا كەتتى . تىجارەتنى مۇقىم قىلمىغاچ تاپقان ئازغىنە پۇلۇم ئۆزەمنىڭ چېكىدىغان نەشىسىنىڭ ھۆددىسىدىن ئاران چىقاتتى، نەچچە قېتىم بۇ كەيىپنى تاشلاي دېگەن ئويغا كېلىپ ئۇنى بىر نەچچە كۈن ئاغزىمغا ئالمىغان بولساممۇ، ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىمدىن باشلاپ تومۇرلىرىمغا سىڭىپ كەتكەن زەھەرلەر مېنىڭ ئاجىز ئىرادەمنى مەغلۇپ قىلدى. كۈندە دېگۈدەك نەشە چېكىپ خامۇش يۈرگەچكە ئويدىكى يالغۇز بالامنىڭ نېمە ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى تىجارىتىنىڭ قانداقلىقىنىمۇ بىلمىدىم. بىر كۈنى چېكەي دېسەم يېنىمدا يوق، كونا چۆپقەتلەردىن بىر نەچچىسىنىڭ يېنىغا ئىزلەپ بارسام ئۇلار ئوخشاشلا «ئاداش بۇ كەيىپنى مۇشۇ ياشقىچە قىلىپمۇ ھىچ پايدىسىنى كۆرمىدۇق ، ياش بىر يەرگە بارغاندا كۆتۈرەلمەيدىكەنمىز، ئاغزىمىزدا چىشمۇ قالمىدى بىزگە ئوخشاش چېكەرمەنلەرنى جازالاش ئۈچۈن دۆلىتىمىز زەھەر چەكلەش قانۇنى دەپ بىر قانۇن تۈزۈپتىمىش، ئۇ قانۇندا بىزدەك چېكەرمەنلەرنى مەخسۇس ئىككى يىل سولاپ قويارمىش، ئەمدى چەكمەيلى دېيىشتۇق» دەپ مېنى قۇرۇق يولغا سالدى. ئاچچىقىمدا «يىللاردىن بىرى سەندەك مازلار بىلەنمۇ چۆپقەت بولۇپ يۈرۈپتىمەن»، دەپ ئۇلارنى بولۇشىغا تىللاپ قايتىپ كېتىپ، ئۆيگە قايرىلىدىغان دوقمۇشقا كېلىپ يانچۇقۇمنىڭ ئەستىرىنى تەتۈر ئۆرۈپ بىر يەرلىرىگە چاپلىشىپ قالغان ئاز-تولا نەشىنى يىغىپ سەللاتچى قىلىپ بىر پىنەك يۆگەپ بولۇشىغا شوراپ تازا ھوزۇرىنى سۈرۈۋاتسام ساقچىلار كېلىپ ساقچىخانىغا ئاپىرىپ كىچىك تەرىتىمنى تەكشۈرۈپ:

    ـــ سەن بۇرۇنمۇ نەشە چەككەن قىلمىشىڭ ئۈچۈن بىر نەچچە قېتىم جازاغا تارتىلغان، بۈگۈنمۇ كىچىك تەرىتىڭدىن نەشە چەككەنلىكىڭ ئىسپاتلاندى، يېشىڭ بىر يەرگە بارغاندا نومۇس قىلمايدىغان ئادەم ئىكەنسەن سېنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىمىز، ـــ دەپ كۆتۈرگەن داد-پەرياتلىرىمغا قۇلاق سالماي، ئىككى يىللىق مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلاشقا قارار قىلىپ زەھەر تاشلاش ئورنىغا تاپشۇرۇپ بەردى.

    «قېرىغاندا كۆرىدىغان كۈنۈم مۇشۇ ئوخشايدۇ بۇ يەردە ئىككى يىل ياتسام ياتاي بەدىنىمنى چىرماپ بولغان زەھەرلەر ئىككى يىل جەريانىدا تۈگەپ كەتسە قايتىپ كەتكەندىن كېيىن چەكمەسمەن»، دېگەنلەرنى ئويلاپ كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈشكە باشلىدىم. ئارىدىن يىرىم يىل ئۆتۈپ يېڭى كەلگەن زەھەر تاشلايدىغانلار قاتارىدا تۇرغان كىچىك ئوغلۇمنى كۆرۈپ ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن بېشىم پىررىدە قېيىپ، كونتروللۇقۇمنى يوقىتىپ جايىمدا ئولتۇرۇپلا قالدىم، ساقچىلار نېمە بولغانلىقىمنى سوراشتى ئاغزىم زادى گەپكە كەلمىدى. ئەتىسى ئەتىگەنلىك تاماققا چىققاندا قارىسام ئوغلۇممۇ تاماق ئالىدىغانلارنىڭ قاتارىدا تۇرۇپتىكەن، ئۇ ماڭا نەپرەتلىك بىرنى قارىۋېتىپ گەپمۇ قىلماستىن تامىقىنى ئېلىپ كېتىپ قالدى. ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرىدىن ئۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇ يولغا مېڭىپ قېلىشىنى مەندىن كۆرۈۋاتقان ئوخشايدۇ دېگەنلەرنى كاللامدىن ئۆتكۈزدۈم. قانداقتۇر بىر نەرسە يۈرىكىمنى غاجىلاشقا باشلىدى. باشقىلارغا بىلىندۇرمەسلىك ئۈچۈن شۇنچە تىرىشقان بولساممۇ ئېتىلىپ چىقىۋاتقان ياشلار مەڭزىمنى بويلاپ ئېقىشقا باشلىدى. مەن بۇ دۇنيادا يېرىم ئەسىر ياشاپتىمەن، مەن زادى ئىنساندەك ياشىدىممۇ قانداق؟ ئايالىمنىڭ ئالدىدا لاياقەتلىك ئەر، پەرزەنتلىرىمنىڭ ئالدىدا لاياقەتلىك دادا بولالىدىممۇ؟ ئەگەر مەن دادام ماڭغان يولدا ماڭمىغان بولسام، پەرزەنتلىرىممۇ مەن ماڭغان يولدا ماڭماس ئىدى ھە، بىز ئۈچ ئەۋلادنىڭ مۇشۇنداق ھەممە ئادەم سەسكىنىدىغان جەمئىيەتنىڭ داشقىلىغا ئايلىنىپ قىلىشىمىزغا سەۋەبچى بولغان ئاشۇ ئىچىملىك بىلەن چېكىملىكمۇ ۋە باشقا بىر نەرسىمۇ ؟ دېگەنلەرنى تولا ئويلاپ ئاخىرى، بىزلەرنىڭ مۇشۇنداق ۋەيران بولىشىمىزغا سەۋەبچى بولغان نەرسىنىڭ بىردىن بىر ئاشۇ بىزلەر چوڭ بولغان ئائىلە مۇھىتىمىزنىڭ شۇنداقلا ئاشۇ ئائىلىدىكى چېكىملىك بىلەن ئىچىملىكنىڭ سەۋەبچى بولغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ «مەن پەرزەنتلىرىمگە يۈز كېلەلمەيمەن»، دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە ئۈنسىز پىچىرلايدىغان بولۇپ قالدىم.(تامام)


ئەسكەرتىش:بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورى  مەن ئەمەس،ئەگەر ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا دەخلى قىلىنغان دەپ قارالسا،بۇ تېما ئۆچۈرۈلسە بولىدۇ.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   A.A تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-10 07:19 PM  


مەن كىم؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 765
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2371
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 554 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2015-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 09:58:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز نەدىن كۈچۈرۇپ كەلدىڭىز ،  ياخشى چىقىپتۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78403
يازما سانى: 1309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8865
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2014-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 10:05:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
balilar-1副本.jpg
balilar-2副本.jpg
balilar-3副本.jpg
balilar-4副本.jpg

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78403
يازما سانى: 1309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8865
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2014-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 10:06:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
balida -1副本.jpg
balida -2副本.jpg

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49551
يازما سانى: 420
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3793
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2191 سائەت
تىزىم: 2011-7-29
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 10:06:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالاڭنى سەن ئويلىمىساڭ ، باشقىلار ئويلايدۇ،يەنى ئۇنى ئازدۇرىدۇ.

سەۋر قىل !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78403
يازما سانى: 1309
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8865
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2014-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 10:07:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bala bolmak tas副本.jpg

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 765
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2371
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 554 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2015-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 10:17:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ نەشخورلىنى كۆرسەم  ياغاچ قۇزۇققا ئولتۇرغۇزۇپ قويغۇم كىلىدۇ  ،  قىپ قىزىل ساراڭ بۇلىدىكەن بۇنداق نىمىلەر  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 765
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2371
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 554 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2015-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 10:26:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ يۈرۇتتا بىر نەشخور  يىرىم كىچىدە  قوينى بۇغۇزلىدىم دەپ 2 ئوغلىنى  ۋە ئايالىنى  بۇغۇزلىۋەتكەن  .  شۇڭا مەن بەك ئۆچ  . .   ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91514
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 818
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 139 سائەت
تىزىم: 2013-2-11
ئاخىرقى: 2014-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 11:30:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەشە چىكپتۇ دىگەننى ئاڭلىساملا بېشىم ئايلىنپ كىتدۇ مىنڭ........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91514
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 818
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 139 سائەت
تىزىم: 2013-2-11
ئاخىرقى: 2014-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 11:31:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلۋەتتە زىيانلىق ئكەنلىكنى بىلپ تۇرۇپ .........

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش