  | 
					  | 
					  | 
					 
					  | 
					ھازىر ئالتۇن باھاسى ئۆتكەن ئايدىكى 1650 دوللارلىق باھادىن ئىزچىل تۆۋەنلەپ 1576 دوللارغا چۈشتى . شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن ئىلىپ ساقلاپ قۇيىدىغان ۋە ئالتۇنغا مەبلەغ سالدىغان
نۇرغۇن دوسىتلار ئۇچۇر ياكى تىلفۇن قىلىپ ئالتۇنغا مەبلەغ سىلىش ئارزۇسى بارلىقىنى لىكىن قايسى ۋاقىتتا ئالسا مۇۋاپىقلىقىنى ، يەنى ئالتۇن زىبۇ -زىننەت ئىلىپ ساقلىسا بولامدۇ ؟؟ ياكى خام ئالتۇن ئىلىپ ساقلاش كىرەكمۇ ؟؟ خام ئالتۇننى قەيەردىن سىتىۋالسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى سوراشتى .  
 
مەن ئۇلارنىڭ ھەممە سۇئالىغا بۇ << بىر مىسقال مۇنبىرى>> ئارقىلىق جاۋاپ بىرىشنى لايىق تاپتىم . 
 
1--ئالتۇنغا ئامال بار تازا تۆۋەن چۈشۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ئاساس قىلىپ مەبلەغ سىلىش كىرەك . 
 
2-كۆپرەك ئالتۇن ئىلىپ ساقلاپ قۇيۇشنى ئويلىغانلار خام ئالتۇن سىتىۋىلىپ ساقلاش ھەرگىزمۇ زىبۇ -زىننەت سىتىۋالماسلىق كىرەك . چۈنكى زىبۇ -زىننەتلەرگە ھەر گىرامىدا 20--30يۈەنگىچە ئىش ھەققى قۇشۇلغان بولىدۇ . ساقلاپ سىتىپ پايدا ئىلىش تەس . 
 
3--خام ئالتۇن سىتىۋالغاندا ئالدى بىلەن توردىن خام ئالتۇننىڭ باھاسىنى بىلىش كىرەك . ھازىر توردا ئالتۇن باھاسى تور بەتلىرى بەك كۆپ بولۇپ كۆپىنچىسى ئۇنسىيەنى ئاساس قىلىدۇ . گىرامنى ئاساس قىلغان تور بەتلىرى كۆپ ئەمەس . بولغاندىمۇ ئەمەلى بازارغا ماس كىلىدىغانلىرى بەك ئاز . 
 
مەن ئالتۇن باھاسىنى ئاساس قىلغان كۆپ تور بەتلەرنى ئىزلەپ ھازىرقى ئەمەلى بازارغا ئەڭ ماس كىلىدىغان << بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى >> ۋە << بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى >> نى تىپىپ چىقىپ << بىر مىسقال مۇنبىرى >> غا ئورۇنلاشتۇردۇم . دوسىتلارنىڭ ئالتۇن سىتىۋالغاندا بۇ مۇنبەرگە كىرىپ پايدىلىنىشىنى سورايمەن . 
 
4-ھەم بۇ مۇنبەرنىڭ چوققا تىمىسىغا كۈندىلىك  ، خام ئالتۇن باھاسىنى ، ئاق ئالتۇن باھاسىنى ، كۈمۈش باھاسىنى ئورۇنلاشتۇردۇم . 
مەسلەن  ؛ سىز ئالتۇن سىتىۋالماقچى بولسىڭىز بىر مىسقال مۇنبىرىگە كىرىپ بۇگۈنكى ئالتۇن باھاسىغا قاراڭ ! يەنى ھازىرقى باھا 333 يۈەن بولسا سىز سىتىۋالماقچى بولغان خام ئالتۇننى شۇ باھانى ئاساس قىلىپ 336 يۈنگىچە سىتىۋالسىڭىز بولىدۇ . 
ئۇنىڭدىن قىممەت سىتىۋالسىڭىز ئۆزىڭىزگە زىيان .  
 
زىبۇ -زىننەت سىتىۋالدىغانلارمۇ مۇشۇ مۇنبەردىكى  باھاغا 20---30 يۈنگىچە پۇل قوشسىڭىز ھازىرقى بازاردىكى ئەمەلى زىبۇ -زىننەتلەرنىڭ باھاسى كىلىپ چىقىدۇ . 
5-بەزىلەر خام ئالتۇننى نەدىن سىتىۋالىمىز ؟؟؟ دەپ سورىدى . ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى زەرگەر بازارلىرىغا بىرىپ دىيشىپ سىتىۋالسىڭىز ئەڭ مۇۋاپىق . بانكىدا ئادەتتە خام ئالتۇن باھاسى ئەمەلى بازاردىن خىلىلا يۇقۇرى . سەۋەبى بانكىلاردا ھەر گىرام ئالتۇنغا بازار خىيىم -خەتەر ھەققى قوشۇلىدۇ .  
 
قىقىسى مەيلى قەيەردىن ئىلىڭ << بىر مىسقال مۇنبىرى >> دىكى باھانى ئاساس قىلىپ  ئالسىڭىز بۇ سودىدا ئۇتتۇرمىغان بولىسىز . ئۇنىڭدىن ئارتۇق باھادا سىتىۋالسىڭىز ئۆزىڭىزگە زىيان .  
توردا ئالتۇن باھاسى بەك كۆپ ، لىكىن ئەمەلى بازارغا ماس كىلدىغانلىرى كۆپ ئەمەس. مەن كۆپ خىل ئالتۇن باھاسىنى ھازىرقى بازار بازاسىغا سىلىشتۇرۇپ ھازىرقى بازارغا ئەڭ ماس كىلدىغىننى  بۇ مۇنبەرگە قۇيدۇم .  
شۇڭا ئامال بار ئالماقچى بولغان ئالتۇننىڭ پىرسەنتىنى موھىم ئورۇنغا قۇيۇش بىلەن بىرگە شۇ ئالغان ئالتۇن ئەمەلى بازار باھاسى بىلەن بىردەك بولدىمۇ -يوق بۇنى ئاساس قىلىش كىرەك . 
 
ئالتۇن سىتىش -سىتىۋىلىشتىكى ياخشى ھەمراھىڭىز --- بىر مىسقال ئىقتىسات مۇنبىرى  
 
 
 
www.1miskal.com
 
  | 
					  | 
					 
					  | 
					  | 
					  |  
  |