قاراقاشتا يەنە بىر خۇشاللىقنارلىق ئىش بولدى
قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پىلانلىشى بىلەن 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى (شەنبە) چۈشتىن بۇرۇن ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 3-قەۋەت يىغىن زالىدا «قاراقاش ناھىيەلىك 2012-يىللىق مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى مۇكاپاتلاش يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ناھىيە رەھبەرلىرىدىن ھاكىم مەمتىمىن ئابدۇللا، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقى ئەخمەتجان مەمتىمىن ۋە ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابلەھەت پولات، ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تۇرسۇنباقى توختىقۇربان، باش كاتىپ ئايمۇھەممەت ساھىبى ۋە ناھىيە تەۋەسىدىكى يازغۇچى-شائىرلار ھەمدە ئىلىمسۆيەر، مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچىلاردىن «ماكانىم قاتناش ترانسپورت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى» نىڭ لىدىرى ئابلەھەت ھاجىم، «لوقمان دۇختۇرخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇخەبەر ھاجىم، «ئۈمىد سودا سارىيى» بىناسىنىڭ خوجايىنى ھەبىبۇللا ھاجىم، «خوتەن گۈلباغ سودا سارىيى» نىڭ خوجايىنى تۇرسۇنتوختى ھاجىم، قاراقاش «ئەزىز دورا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى» نىڭ لىدىرى ئەزىز ھاجىم، «غەربىي دىيار قۇرۇلۇش مەسئۇلىيەت چەكلىك شىركىتى» نىڭ دېرىكتورى تۇرسۇنتوختى ھاجىم، «ئۇدۇن سودا چەكلىك شىركىتى» نىڭ دېرىكتورى ئېلى ھاجىم، «ئاق ئالتۇن شىركىتى» نىڭ دېرىكتورى غۇجاشىم ھاجىم ۋە مەرىپەتپەرۋەر يەككە تىجارەتچىلەردىن رۇزىمەمەت ھاجىم، ئابلەت ھاجىم، ئابابەكرى ھاجىم، ئۇبۇل قارى قاتارلىقلار، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى دولقۇن ھوشۇر، «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلى» نىڭ باش مۇھەررىرى تۇرسۇنجان مۇھەممەت، مۇھەررىر مەتسىلىم مەتقاسىم قاتارلىقلار بولۇپ 80 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. يىغىنغا تەشۋىقات بۆلۈمى باشلىقى ئەخمەتجان مەمتىمىن رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئالدى بىلەن ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى دولقۇن ھوشۇر تەبرىك سۆزى سۆزلىدى، كېيىن ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تۇرسۇنباقى توختىقۇربان قاراقاش ناھىيەسىنىڭ 2012-يىللىق ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتى توغرىلىق دوكلات بەردى. ئاخىرىدا ھاكىم مەمتىمىن ئابدۇللا بۇ قېتىملىق يىغىندىن ئالغان تەسىراتىنى سۆزلەش بىلەن بىرگە قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتى ۋە يازغۇچى-شائىرلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش، ئىجادىيەت ئەھۋالى ئۈستىدە توختالدى ھەمدە يېڭىدىن نەشر قىلىپ تارقىتىلغان «قاراقاش مەدەنىيىتى» ناملىق ژۇرنالنى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى چىقىرىش كېرەكلىكى ئۈستىدە مۇھىم يوليورۇقلارنى بەردى. يىغىن داۋامىدا ئەسىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن يازغۇچى-شائىرلار مۇكاپاتلاندى، مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچىلار كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ ئۆتتى. يېتىشىۋاتقان بالىلار يازغۇچىسى ئەخمەتجان ئابدۇللا شېئىرى چاقچاق ئوقۇپ يىغىن ئەھلىنىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈردى. يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن «ماكانىم قاتناش ترانسپورت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى» نىڭ لېدىرى ئابلەھەت ھاجىم كەڭ يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا ناھىيەلىك «ئاق ئالتۇن تاماقخانىسى» دا داستىخان سېلىپ ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى بىلدۈردى. يىغىن ناھايىتى ياخشى ۋە نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىلدى.
يىغىندا مۇنۇلار خۇلاسىلاندى:
2012-يىلى ناھىيىمىزدىكى ئاپتورلار تەرىپىدىن يەتتە پارچە كىتاب، 1000 پارچىغا يېقىن ھەرخىل ژانىردىكى ئەدەبىي ئەسەر ئىجاد قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى-سىرتىدىكى تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا 398 پارچىدىن ئارتۇقى ئېلان قىلىنغان، «قاراقاش مەدەنىيىتى» ناملىق پەسىللىك ئۇنۋېرسال ئەدەبىي ژۇرنال تەسىس قىلىنىپ، 1-سان ژۇرنال غەلبىلىك نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان.
مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كىتاب 6 پارچە بولۇپ بۇلار تۆۋەندىكىچە:
1› ئابدۇلھىمىت ياسىننىڭ «مۇھەببەتنىڭ تىنىقى» ناملىق ھېكايە- پوۋېستلار توپلىمى.
2› ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيارنىڭ«قىش بوۋاي» ناملىق بالىلار ھېكايە، چۆچەك، نەسىرلەر توپلىمى.
3› ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ «چېچەن ئوغلاق» ناملىق بالىلارچۆچەكلىرى توپلىمى.
4›تۇرسۇنمەمەت نەمەتنىڭ «كىم ئەڭ چىرايلىق» ناملىق بالىلارھېكايىلىرى توپلىمى.
5› ياسىن ئابدۇقادىرنىڭ «رەسسام چاشقان» ناملىق بالىلارشېئىرلىرى توپلىمى.
6› قەييۇم ئىسمائىلنىڭ «ئەل ئوغلانى» ناملىق ئەدەبى ئاخباراتى.
مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ھەر-قايسى گېزىت-ژۇرنالدا ئېلان قىلىغان ئەسەر ئالتە پارچە:
1› مەتتۇرسۇن سىدىقنىڭ بۇلاق ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان«ئەلىشىر ناۋايى ئەسەرلىرىگە ئىشلەنگەن لوغەتلەر» ناملىق ماقالىسى.
2› تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيارنىڭ «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 8-ئايلىق سانىدا ئېلان قىلىنغان «جالالىدىن بەھرامنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنى»ناملىق ماقالىسى.
3› رۇزى ياسىننىڭ«بىلىم كۈچ» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 7- سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئىنسانلارنىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئاپەتتىن كيىنكى قايتا قۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش»ناملىق ماقالىسى.
4› تۇردىمەمەت سەئىدىنىڭ «شىنجاڭ جامائەت خەۋىپسىزلىكى»ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان «سەرسان تاش» ناملىق پوۋېستى.
5› ئەنۋەر ھىدايەتنىڭ «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق5- سانىدا ئېلان قىلىنغان «يىغلاپ چىقتىم بۇ كېچە» ناملىق شېئىرى.
6›ئەركىن تۇرسۇننىيازنىڭ «خوتەن گېزىتى»نىڭ 2012-يىلى 10- ئاينىڭ31-كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان «شاد-بەختىيار دېھقانلار، پارتىيەگە ھەشقاللا»ناملىق ماقالىسى.
«قاراقاش مەدەنىيىتى» ناملىق ژۇرنالدىن تاللانغان ئەسەر بەش پارچە:
1› ئايمۇھەممەت ساھىبىنىڭ «قاراقاش نانلىرىنىڭ تۈرى،تەييارلىنىش ئۇسۇلى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى» ناملىق ماقالىسى.
2› ئۇبۇلخەيرى ئىبراھىمنىڭ «قاراقاش ھەققىدە مۇخەممەس»ناملىق شېئىرى.
3› جاپپار يۇنۇسنىڭ «ئەلنىڭ غېمىنى يىگەن ئەر»ناملىق ئەدەبىي ئاخپاراتى.
4› كامالجان تالىپنىڭ «مېھىرلىك چىراق نۇرى»ناملىق ھېكايىسى
5› ئادىل ئابدۇللا بەگيارنىڭ «تۈندىكى تەلۋىلىك»ناملىق ھېكايىسى.
تۆۋەندە يىغىنغا ئالاقىدار بىر قىسىم سۆرەتلەر بىرگە يوللاندى.