|
|
|
|
ھەرىپ تۇتاشتۇرۇش ئويىنى 2 _ ئانا تىلىمنى ئۆگىنىمەن
بىلپەت تاختا كومپىيوتېرنىڭ غۇلجىدىكى سېتىش ھوقۇقىنى دوستۇم ئېلىپ، ماڭا بىلپەد تاختا كومپىيوتېرىدىن بىرنى ھەدىيە قىلدى ۋە ئۇنى ئىشلىتپ كۆرۈشۈمنى ۋە ياقتۇرسام باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىشىمنى ھاۋەلە قىلدى. شۇندىن باشلاپ مەن بۇ ئاندىروۋ سېستىسى ۋە تاختا كومپىيوتېرغا مەستانە بولۇپلا قالدىم دىسە.
نىمە دىگەن بىلەن بۇ تاختا كومپىيوتېر دىگەن بەكلا قولايلىق ئىكەن ئەمەسمۇ! كىتاپ ئوقۇش ، ئۆگىنىش، تورغا چىقىش، ئويۇن ئويناش، كېنو كۆرۈش، ئاۋازلىق ئەسەر ئاڭلاش ھەممىسى بەكلا قولايلىق، ئىچىگە بىر كىتاپخانىنىڭ ئېلكىتاۋىنى قاچىلىۋىلىپ ئىشقا بېرىپ كېلىش ئۆزىدىلا بىر تالاي كىتاپ كۆرىۋەتكىلى بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ بىلپەت تاختا كومپىيوتېرىدا ئۇيغۇرچە، ئەرەپچە، تۇرۇكچە، ئىنگىلىزچە ئېلىپبە ، ئۇيغۇرچە، ئەرەپچە، تۇرۇكچە، ئىنگىلىزچە، خەنزۈچە ئۆگىنىش دەرىسلىكلىرى بالىلار چوڭلار بويىچە تۈرگە ئايرىپ تەمىنلەنگەن ئىكەن ، تىل ئۆگىنىشكىمۇ بەك قولايلىق ئىكەن.
شۇغىنىسى بىزدە ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۆگىنىش دىتاللىرى بەكلا ئاز . پەن ئوموملاشتۇرۇش دىتاللىرى ئاساسەن يوك دىيەرلىك ئىدى.
ھازىر زور كۆپچىلىك ئاتا-ئانىلاردا قانداق قىلغاندا پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىل ساۋادىنى چىقارغىلى بولىدۇ ؟ قانداق قىلغاندا ئانا تىل سۆز بايلىقىنى بېيىتقىلى بولىدۇ ؟ دىگەن بىر غەم ۋە قىيىن ئۆتكەل پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى بالىلارغا ئېلىپپە ساۋادىنى چىقىرىشنى دەرس قىلىپ ئۆتۈش ئۇلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىگى ماس كەلمەيدۇ ۋە ئۈنىمى بولمايدۇ . ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا بۇ ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى بالىلارغا بۇ جەھەتتە ئالدىن تەربىيە ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ؟ ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇنقى بالىلار نىمىگە ئەڭ ئامراق؟ ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ئالاھىدىلىگى نىمە ؟ ئۇلار ئويۇنغا ئامراق ، ئۇلار ئويۇن ئارقىلىق ئۆگىنىدۇ. دىمەك بىز يۇقارقى مەزمۇنلارنى بالىلار ئويۇنىغا ئايلاندۇرساق ۋە ئويۇن ئارقىلىق ئۆگەتسەك ئۇلار ئويۇن ئىچىدە ئاسانلا ساۋادىنى چىقىرىۋالمامدۇ ؟ ئاسانلا سۆز بايلىقىنى بېيىتمامدۇ؟
يۇقارقى ئويلار تۇرۇتكىسىدە بىر يۈرۈش << ئانا تىلىمنى ئۆگىنىمەن>> سەرلەۋىدىكى بىر يۈرۈش بالىلار ئۆگىنىش يانفون ئەپلىرىنى تۇزۈش لاھىيەلىرىنى تۇزۇپ چىقتىم، ۋە سىناق تەرەققىسىدە ئىككى ئەپنى ئىشلەپ كۆپچىلىككە سۇندۇم. بۇندىن كېيىنكى ئەپلەر ئاساسەن، يۇقارقى ئىككى ئەپ ئاساسىدا ئېلىپپە كىتاۋى بىلەن ماس قەدەملەشكەن ھالدا ئىشلنىدۇ يەنى ھەر بىر ھەرىپكە بىردىن قىلىپ ئىشلىنىدۇ، ئەپ پۈتۈنلەي ئويۇن شەكلىدە بولىدۇ. يەنە بىر ئەپ بولسا رەسىمگە قاراپ شەيئى تۇنۇش ئويۇنى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇنىڭدا بالار ئويۇن جەريانىدا شەيئىلەرنىڭ نامى، شەكلى ۋە قىسقىچە تۇنۇشتۇرىشى بىلەن تونۇشۇپ چىقىدۇ.
ھازىر بىر قانچە قېرىنداشلارنىڭ خالىس ياردە قىلىشى ئاستىدا بۇ خىزمەتنى باشلىۋەتتۈق. ئەگەر خالىس ياردەم قىلىشنى خالايدىغان ۋە بىزنىڭ تېخنىكىلىك مەسىلىلىرىمىزنى ھەل قىلىپ بېرىشنى خالايدىغان ئەپ ئۇستىلىرى بولسا سېپىمىزگە قوشۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى : QQ : 448102348
تۆۋەندىكىسى بولسا بىزنىڭ ياسىغان ئىككى ئەپ ھەرىپ تۇتاشتۇرۇش ئويۇنى (维吾尔字母连连看) ، رەسىمگە قاراپ ھايۋانلارنى تونۇش.
ھەرىپ تۇتاشتۇرۇش ئويۇنى
تۆۋەندىكى خەتنى چېكىپ چۈشۈرۈڭ
چۈشۈرۈش
رەسىمگە قاراپ ھايۋانلارنى تونۇش
تۆۋەندىكى خەتنى چېكىپ چۈشۈرۈڭ
چۈشۈرۈش
تۆۋەندىكىلەر بولسا بۇ دىتال كۆزنىگى ۋە بىلپەت تاختا كومپىيوتېرىدىن كۆرۈنۈشلەر.
|
|
|
|
|
|