چۈشلىرىمگە كىرمىگىن ئەمدى
چۈشلىرىمگە كىرمىگىن ئەمدى،
ئارامىمدا قويغىن سەن مىنى.
چۈشلىرىمگە كىرىسەن ھەرتۈن،
ئاخشاملىرى ئويلىما مىنى.
چۈشلىرىمگە كىرمىگىن ئەمدى،
چۈشۈمدىمۇ كۆرمەي مەن سىنى.
ماڭا پەقەت ھەسرىتىڭلا بار،
شۇڭا پەقەت كۆرگۈم يوق سىنى.
چۈشلىرىمگە كىرمىگىن ئەمدى،
سەندىن بىزار ئەمدى يۈرىكىم.
كەتسەڭ مەيلى كەتكىن يىراققا،
بۇزۇلمىسا ئەمدى چۈشلىرىم.
ئۇنۇتقىن دەپ مىنى خەتلەر يېزىپسەن
ئۇنۇتقىن دەپ مىنى خەتلەر يېزىپسەن،
ئۇنتۇشۇم مۇمكىن بۇلارمۇ سىنى.
خېتىڭنى ئۇقۇدۇم قايتا-قايتىلاپ،
بىلمىدىم پەقەتلا كۆڭۈل سىرىڭنى.
ئۇنۇتقىن دەپ مىنى خەتلەر يېزىپسەن،
ھەم يەنە بەختىمنى تىلەپسەن مىنىڭ.
قانداقمۇ بەختلىك بۇلاي سىنىڭسىز.
چىدارمۇ ئۇنۇتسام سىنىڭ يۈرىگىڭ.
ئۇنۇتقىن مىنى دەپ خەتلەر يېزىپسەن،
خېتىڭدە مىھرىڭنى سەزدىم مەن يەنە.
ئۇنۇتقىن دەيسەنۇ ئۇنتىيالمايسەن،
سۆيگۈڭنى ھىس قىلدىم ھەر بىر خېتىڭدە.
ئۇنتاي دەپ ئۆزۈمنى مەجبۇرلىغۇم يوق،
ۋاقىتنىڭ رايىغا قويدۇم ھەممىنى.
مەجبۇرى بىر ئىشنى قىلغىلى بولماس،
تەقدىر بىر يولىدا قۇيىدۇ بىزنى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شاتيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-10 12:53 PM