مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 959|ئىنكاس: 12

پاتقاقلىق-كوچا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91984
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1879
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 446 سائەت
تىزىم: 2013-2-21
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 12:40:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىدارىنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بۇيىنچە ، 18- قۇرۇلتاي كىلىشتىن بۇرۇنلا تەييارلىق خىزمىتىگە چۈشۈپ ،‹مۇقۇملۇق›نى ئاساس، خىزمەتنى ‹قۇشۇمچە› قىلىپ جىددى ئىشلەپ كەتتۇق،
خىزمەت سالمىقىىمىز ئىشىپ، ۋەزىپىمىزمۇ بەكلا ئىغىرلاپ كەتتى.
باش تالىغۇدەك چۇلا يۇق مۇشۇنداق كۈنلەردە  بىزگە يەنە ،چارلاش ،ئاھالىلەرنىڭ سالاھىيەت كىنىشكىسى. ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى. بىر ئائىلىدە كىملەر بار، نۇپۇس سانى  دىگەندەك  ئىشلارمۇ بىزنىڭ زىممىمىزگە يۇكلىنىپ ،كىچە-كۈندۇز ئارام ئالماي، ئۆيمۇ-ئۆي ،دۇكانمۇ-دۇكان قاتراپ يۇرۇشكە تۇغرا كەلدى.
مىنىڭ تەۋەلىك رايۇنۇمدىكى كىشلەرنىڭ تەڭدىن تۇلىسى تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغاچقا ،ئۇلارنى كۇندۈزى يىڭنە بىلەن كولاپمۇ قىزىپ چىقىرالمايتۇق،
ھەي ئامال قانچە ؟ھەممىسى خىزمەتنىڭ ئىھتىياجى، قۇرساق بىقىش ئۈچۈن بۇلىۋاتقان ئىشلار، چىشىمىزنى چىشلىمەي ئامالىمىز يۇق،
بىز خىزمەتداشلار ئۆز-ئارا مەسلىھەتلىشىپ، كۈندۇزى باشقا خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللۇنۇپ ،كىچىسى چارلاش ئىلىپ بارغاچ ،تەكشۇرۇشنى قارارقىلدۇق،
شۇنداق قىلىپ ‹نەخشىۋەننىڭ پىرىمەن، ھەممە يەرگە كىرمەن ،› دىگەن پىرىنسىپىمىزگە ئاساسەن ،خىزمىتىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق،
بىزكىرمىگەن ئۆي، دۇكان ،ئاشخانا، ماگىزىن ،ئاللا قانداق غەلىتە ناملار بىلەن ئاتالغان ھەرخىل كۆڭۈل ئىچىش سۇرۇنلىرى. ئىشقىلىپ ئۇبۇرنىدىن باشقا ھەممە يەرنى چارلىدۇق،
مۇشۇنداق ئارلاپ-چارلاپ يۈرۈپ، بىر كىچىك خالتا كۇچىغا كىرىپ قالدۇق،
بۇ كۇچىدا قاتار كەتكەن ‹پۇت يۇيۇش ئۇرنى›دىن، بىرقانچىسى باتتى.
بىز بىر باشتىن كىرىپ ئۇلارنىڭ كىملىكى. ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسىنى تەكشۇرۇپ چىقتۇق،
بۇ ئاتالمىش ‹پۇت يۇيۇش ئۇرنى› ئەسلى چىرايلىق سۆزبىلەن ئۆزىنىڭ ھەقىقى سالاھىيىتىنى يۇشۇرغان ،رەزىللىكنىڭ ماكانى.يەنى نۇرغۇن قىز-ئاياللارنىڭ قان-ياش بەدىلىگە، تۇيماس خۇجايىنلارنىڭ يانچۇقىنى تۇشقۇزدىغان، ‹ئىپپەت سۇدا دۇكانلىرى› ئىدى.
بۇ دۇكانلارنىڭ ھەر بىرىدە ئاز دىگەندىمۇ 5 قىز بار، بەزىلىرىنىڭ كىيىنىشى شۇنداق غەلىتە ،يىرگىنىشلىك ،يەنە بەزىسى ئاددى -ساددا، ئۇلارنىڭ يىشىنىڭ كىچىكلىرى سىپتا كىينىۋالغان، چۇڭلىرى بۇلسا ئۆزىنىڭ قىرىلىغىنى يۇشۇرماقچى بۇلغاندەك، كۆكسىنىڭ يىرىمى ئۇچۇق، ياقىلىرى ئالاھىدە چۇڭ ئۇيۇلغان كىيىملەرنى كىيگەندىن سىرىت يەنە، يۇزىدىكى ئاللا قانداق نەرسىنى يۇشۇرۇپ،  گىرىمنى بىكارغا بەرگەندەك ،تۇكۇلۇپ تۇرغىدەك دەرىجىدە چىرايىنى. بەزىسى كۆردىن چىققان ئۇلۇك-ئۇن خالتىسىغا چۈشۈپ كەتكەندەك، يەنە بەزىسى چاڭچىلكەشتەك، بەزىسى مايمۇن-سۇنھۇكۇڭدەك بۇيىۋالغان، بۇلارنىڭ بىرەسىنىڭ چىرايىنى چەيدۇ بىلەن قىرسىمۇ، ئاز دىگەندە بەش ئارتىسقا گىرىم قىلغۇدەك بۇياق چىقاتتى.
بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئالى كىيىملەر بىلەن خۇددى بىر يەرنىڭ گىنىرالىدەك گىدىيىپ ئۇلتۇرسا، بەزىسى قۇلىدىكى ئاچچىق تاماكىدىن پۇقۇرۇتۇپ ئىس چىقىرىپ باشقىلارنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سىلىپ ئۇلتۇراتتى. يەنە بەزىسى مۇگدىسە ،بەزىسى خىيالچان، تەشۋىشلىك كۇزلىرىنى بىر نۇختىغا تىككىنىچە مۇڭغا چۆككەن ئىدى.
بىزنىڭ خىزمەت كىيىمىمىز بىلەن گۇلدۇرلەپ كىرشىمىز ،غىمىدا يۇق ئۇلتۇرغان قىزلارنى چۇچۇتۇپ، كىرگىلى چاشقان تۇشىكى. قاچقىلى ئىشىك ،قىلغىلى ئىش، ئاغزىغا گەپ كەلمەي ،ھۇدۇقتۇرۋىتەتتى .
بىز بىرنەچچە دۇكاننى ئارلاپ، ھەممىسىنىڭ كىملىك قاتارلىق نەرسىلىرىنى كۆرۇپ تىزىملاپ چىقىپ كەتتۇق،
ئاخىرقى دۇكانغا كىرگىنىمىزدە ،دۇكاندا  ئاللا-قانداق قىززىق پاراڭ بىلەن ھەممىنى ئاغزىغا قارتىپ ئۇلتۇرغان سىرىق چاچ ،بۇدەك، يىشى ئانچە چۇڭ بۇلمىسىمۇ سىمىز بەدىنىگە لىققىدە كەلگەن كىيىم، كۆكسىنىڭ تەڭدىن تۇلىسى ئۇچۇق ئاسما مايكا بىلەن ،خۇددى رۇس قىزلىرىغا ئۇخشاپ كىتىدىغان، گىرىمسىز تەبى چىرايلىق قىز قۇلىدىكى ئەمدىلا تۇتاشتۇرغان تاماكىسىنى ھۇدۇققىنىچە ئىتتىك يەرگە تاشلىۋەتتى.
دۇكاندا خۇجايىننى قۇشقاندا جەمى 8 ئايال ئۇلتۇراتتى .
بىز ئۇلارنىڭ كىملىكىنى تەكشۇرۇش جەريانىدا ئىككىسىنىڭ يەرلىك،قالغىنىنىڭ باشقا يەردىن كەلگەن قىزلار ئىكەنلىگىنى بىلدۇق ،ئۇلار ھەم ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى بىجىرمىگەنلەر ئىدى.
بىز خۇجايىن بىلەن ھەممىسىنى بىراقلا قۇشۇپ، ئاق بۇلكىۋاي ماشىنا بىلەن تەۋەلىكىمىزدىكى ج خ ئىدارىسىغا ئىلىپ باردۇق،ج خ ئۇرگىنىدىكلەر بىزدىنمۇ ئۈتە ئالدىراش، دىمىسىمۇ مۇشۇ كۇنلەردە كىم ئالدىراش ئەمەس،
بۇلارنى ئۆزىمىز سۇراق قىلىشقا تۇغرا كىلىۋاتاتتى .
مەن ئەمدى رۇلۇمنى تازا بىر جارى قىلدۇرۇپ، بۇ ‹ئىپپەت سۇدىسى› قىلدىغان، ئۇزىنى ‹ئۇيغۇر›دەپ ئاتىۋالغان شەرمەندىلەرگە ‹بارلىق ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ نامىنى بۇلغىغان بۇ ئىپلاسلارغا ،›ئۆزەمنى بىر تۇنۇتۇپ قۇيۇش ئۈچۈن ،ئۇستەلنىڭ يەنە بىر تەرپىگە قۇيۇلغان ئۇرۇندۇقتا ئۇلتۇرۇپ قۇلۇمغا دەپتىرىمنى ئالدىم، قىزلار مىنىڭ ئالدىمدا قاتار تىزىلىپ تۇراتتى .
مەن گەپنى ئەمدى باشلاي دىيىشىمگە تۇيۇقسىز تىلفۇنۇم سايراپ كەتتى.
‹ھەي تازىمۇ بىر، قۇلايسىز ۋاقىتتا تىلفۇن قىلغان كىمدۇ بۇ؟ ئادەمنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرۇپ،›
مەن ئىچىمدە غۇتۇلدىغىنىمچە تىلفۇنۇمنىڭ نۇمۇر كۇرسەتكۇچىگە قاردىم،
تىلفۇن ئۇيدىن كەلگەن ئىدى. ئەگەر ئالماي بىسىۋەتسەم ئاپام مەندىن ئەنسىرەپ، يىرىم كىچىدە ئىدارىغا كىلىشتىن يانمايتى.
ئامالسىز خىزمەتدىشىم مۇختەرنى ياردەمگە چاقىرىپ، ئۆزەم تىلفۇننى كۆتىرىپ چىقىپ كەتتىم،
ئۇيۇمدە چۇڭ ئىشمۇ يۇق ،سۇ تۇختاپ قالغان ئىكەن .ھازىر ھەممە نەرسە كارتىلىق بۇلۇپ كەتكەچكە، ئاپام سۇ كارتىسىنى تاپالماي ماڭا تىلفۇن قىپتۇ، ئۇلارغا كارتىنى قۇيغان يەرنى دەپ بىرىپ، قانداق ئىشلىتىشنى ئۇگىتىپ بۇلغىچە ئاردىن خىلى ۋاقىت ئۈتۈپ كەتتى.
تىلفۇننى قۇيۋىتىپ كىرسەم قىزلارنىڭ بەزىسى. ‹بەلكىم دائىم سۇلاققا چۇشۇپ كۇنۇپ كەتكەن بۇلسا كىرەك،› غىمىدا يۇق مۇختەرنى زاڭلىق قىلغاندەك، تاغدىن گەپ سۇرىسا باغدىن، ئاسماندىن گەپ قىلسا قاسقاندىن جاۋاپ بىرىپ ، ئۇنى چىلىپ، جىلى قىلىپ ،ياراتمىغاندەك ئېغىزلىرىنى قىيسايتىپ، كالپۇكلىرىنى ئۆرۈپ ،بەزىلىرى ئاغزىنى قۇلى بىلەن تۇتۇپ پىخلداپ كۇلىۋاتاتتى.
بۇلارنىڭ شۇنچە شەرمەندىلىكنى قىلىپ تۇرۇپمۇ، يەنە مەغرۇر تۇرغىنىنى كۆرۇپ نىرىۋام  مىڭ گەز ئۆرلەپ، مىڭەمگە چىقىپ كەتتى.
مۇختەر ئۇزى يۇۋاش ،ئاتا-ئانىسىدىن كىچىكلا يىتىم قالغان، خىزمەتنى جان -دىلى بىلەن بىرىلىپ ئىشلەيدىغان كەمسۇز، قىرى بۇيتاق ئىدى.
ئۇ نىمىشقىدۇر قىزلارنىڭ ئەمەس، قىرى خۇتۇنلارنىڭمۇ كۇزىگە تىكىلىپ قارىيالمايتى. قاراپلا قالدىمۇ  بۇلدى .گىپىدىن ئىزىپ ،دۇدۇقلاپ، كىكەچلەپ، گىپىنى تاپالماي كالامپايلىشىپ كىتەتتى.
بۇ تۇن ئالۋاستىسى جۇمباقلار، مۇختەرنىڭ مۇشۇ ئاجىزلىغىدىن پايدىلىنىپ كەتكەن ئىدى.
ئىشىكتىن كىرشىمگە مۇختەر، ‹بۇلدىمۇ؟ چىقىپ كەتسەم بۇلامدۇ؟› دىگەندەك سۇئال نەزىرىدە ماڭا يەرتىگىدىن قارىدى.
مەن ھىچقانداق ئىنكاس بىلدۇرمەي ئۇنىڭ يىنىغا كەلدىم، مۇختەر دەرھال ماڭا ئورۇن بۇشاتتى.
مەن ئۆزەمنى سالماق -تەمكىن تۇتۇشقا تىرشىپ، ئالدىمدىكى قىزلارغا ئالىيىپ، قاپىغىمنى تۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ كۆزىگە مىقتەك قادىلىپ تۇرۇپ  تىكىلىپ قاردىم،
بۇمىنىڭ باشقىلارنى تەمتىرتىشتىكى بىردىن- بىر تاكتىكام ئىدى.
قىزلارمۇ مىنىڭ ئۇساللىقىمنى بىلىپ قالدىمۇ، ھەممىسى دەرھال ئەسلى ھالىتىگە قايتىپ مۇلايىم قىياپەتتە تۇرۋالدى.
دىمىسىمۇ مىنىڭ ئىدارىدە ‹تۇڭ›،‹مۇزچىراي›دىگەندەك  ئىسىل ،چىرايلىق ناممنى بىلمەيدىغانلار يۇق،
ئەمەلىيەتتە مەنمۇ ئۇنچە ‹تۇڭ›،‹ مۇزچىراي› ئەمەس، شۇغنىسى ئادەمگە قاراپ ئىش كۆرۇپ كۈنۇپ قالغان،
-ھە خانلىرىم، ھەربىدەك قاتار تىزىلىپ ھەجەپ چىرايلىق تۇرۇپ كىتىپسىلەرغۇ؟ سىلەرگە كۇماندا بىرىش كىرەكمۇ يا.........؟
سۆزۇم ئاياغلاشمايلا باياقى سىمىز، پۇر قىز گىپىمنىڭ بىلىگە تەپتى.
-بىزنى ئۆزىڭىز ئەكەپ سىغىنىپ قىلىپ، سۇرەتكە تارتىدىغاندەك تۇرغۇزۇپ قۇيۇپ، بۇنداق دىگىنىڭىزنىمىسى ؟ بىزمۇ ئاشىق ئەمەس بۇنداق يەرگە!
-ئەمسە نىمە دىسەم تۇغرا بۇلىدۇ، دەپ بىقىڭە ئاڭلاپ باقاي؟
-بىزنى بۇيەرگە كىلىشكە خۇشتار دەپ قالدىڭىزما؟ يىرگىنىمەن بۇنداق يەردىن ،بىزنىڭ گۇناھىمىزنى تىپپ بىرىڭ؟ بىز چىكىپتىمىزمۇ؟ ياكى ئۇغۇرلۇق قىپتىمىزمۇ ؟يا قاتىللىق قىلدۇقمۇ؟ يا تەتىر تەشۋىقات تارقاتتىقمۇ؟ياكى سىياسى بىلەن چىتىشلىقىمىز بارمىكەن؟ ئاق ساتتۇقمۇ ؟ئالدامچىلىقمۇ؟ بۇلاڭچىلىقمۇ ؟بىزنىڭ گۇناھىمىزنىمە ؟نىمە قىلغىنىمىزغا بىزنى بۇيەرگە ئەكىلىسىز؟
بۇ جاۋىلداق بۇدەكنىڭ قۇمدەك سۇئاللىرى مىنى سەل گاڭگىرتىپ قۇيدى. شۇنداقتىمۇ ئۆزەمنى دەرھال كۇنتىرۇل قىلۋالدىم،
-قىلۋاتقىنىڭىز قانۇنلۇق ئىش ئىكەندە؟  قىزبالا تۇرۇپ، قارىڭە ئۇچىڭىزغا ؟نىمۇ كىيۋالغىنىڭىز؟ ئۇنىڭدىن بىراقلا سىلۋەتسىڭىز بۇلمامدۇ ؟نۇمۇس قىلىشنى بىلەمسىز؟
-بۇنىمۇ چۇ بىكارغا بەرمەيدۇ! تاراس-تاراس تۇڭگۇز قۇلاقنى ساناپ بىرىپ ئالغان ،ئالدىرمىسىڭىز ئارمىنىڭىزغا يىتىپمۇ قالارسىز! ئىيىقتەك يالىڭاچ يۇردىغان كۇنلىرىمىزمۇ كىلىدۇ، ئۇنىمۇ قىلمەن تىخى.
-سىز ئادەممۇيا؟ ئىزا تاتماي قىلۋاتقان گىپىنى .نۇمۇس دىگەننى بىلەمسىز؟
-نۇمۇس ؟ھا...ھا...ھا.. سىز بىلەمسىز؟
-....بۇ..سەن نىمە دىمەكچى؟
-قاراڭ خان ئاچا ،ماڭا گەپ تىپپ بىرمەن دەپ ئارتۇقچە ئاۋارە بۇلماڭ، مۇشۇنداق يەرنى سىلەر تاقاتمىساڭلار بىز ئىشلىمىسەكمۇ، باشقىلار ئۇخشاشلا ئىشلەيدۇ ،سىلەر ‹چىرىكلىككە قارشى تۇرمىز› دەيسىلەر ،ئەمەلىيەتتە باشلىقىڭلارنىڭ يانچۇقىنى بىزنىڭ خۇجايىنلار تۇملاپ، ئاغزىنى مايلىمسا ،ئۇلارنىڭ بىشى ئۇنمىدۇ؟ ئاشۇنداق يەرنى ئاچىدىغانغا شۇنچىلىك جۇرئىتى، يۇركى بارمىدۇ؟ ئىشەنچىسى .ئارقا تىرىكى بۇلمىسا، سىلەرمۇ بىردەمدە تۇپ-تۇز قىلۋەتمەمسىلەر؟ باشلىقنىڭ گىلى پۇق بۇلغاچقا، تەكشۇرۇشلەردىن ئامان قالمىز، خۇجايىنىمىزغا تىلفۇن ئارقىلىق شەپە بىردۇ، بۇلمىسا  سىزدەك چۇپرەندە قۇيرۇقچىلار نىمە قىلالايسىلەر؟
-تۇلا قالايمىقان جۇيلىمە!
-مەن جۇيلۇپتىمەنما؟
-مۇنداق دەيدىغان ئىسپاتىڭ بارمۇ؟
-سىزگە ئىسپات كىرەكما ؟بۇنى بىرىپ باشلىقىڭىزدىن سۇراڭ؟
بۇقىزغا گەپ تىپپ بىرەلمەيدىغانلىقىمغا كۆزۇم يەتتى. شۇڭا يەنە ئىككى ياردەمچىمنى چاقىرىپ ،بۇ قىزنى ئايرىم سۇراق قىلش ئۇچۇن باشقا ئۆيگە ۋاقىتلىق قاماپ قۇيدۇم ،بۇنداق قىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرماقچى ئىدىم،
ئەمما بۇ بۇدەك قارسام خىلى ئۇقۇغان قۇرسىغىدا ئۇمىچى بار قىزدەك قىلاتتى .ئۇچىسىدىكى پەلە-پەتىش كىيىملەرنى ھىساپقا ئالمىغاندا. ئۇزىمۇ راۋۇرۇس چىرايلىقلار تىپىگە كىردۇ.
ئىككى ياردەمچى كىرىپ، قىزنىڭ قۇلتۇغىدىن تۇتۇپ سۇرىگىنىچە باشقا ئۆيگە ئەپ ماڭدى .ئەمما قىز تىركىشپ ماڭمايلا قالماستىن، ئاۋازىنى يۇقىرى چىقىرىپ مۇنۇ سۆزلەرنى دەۋاتاتتى.
-كۆرەڭلەپ كەتمە ،سىنىڭمۇ ھالىڭ چاغلىق ،قاراپ تۇر، بىر كىچىمۇ ياتمايمەن بۇنداق سىسىق گۇندا خاناڭدا ، ھىلىلا خۇجايىنىم بىر تىلفۇن بىلەنلا بىزنى ئەپ كىتىدۇ ، نىمە قىلالايسەنكى بىر كۆرەي ؟مەن .... ئۆزەمنىڭكىنى ...، سىنىڭ ئاغزىڭنى تۇتۇپ بەردىمما؟ تىجارەتنى قىلساق تىخى تۇسايسەن ؟باج تۇلىمىسەك قۇغلايسەن؟ خىزمەت دىسەك تازلىقتىن باشقا ئىش يۇق، بىلىپ قۇي ،چاپىنىڭنىڭ پاگۇنى بىلەن ،شەپكەڭنىڭ گىربىنى ساڭا خەلىق بەرگەن ،دىكتاتۇرنى بىزگە  ئەمەس، قانۇنغا بۇيسۇنمىغانلارغا يۇرگۇز ...........
ئۇ سۇزلىگىنىچە كىرىپ كەتتى. ئىشىكنىڭ شاراخلاپ قۇلۇپلانغىنىنى ئاڭلاپ ئۇلتۇراتتىم،
بۇدەكنىڭ سۇزى. مىنى چۇڭقۇر خىياللار قاينىمىغا ئىتتىرمەكتە،
جىلى بۇلۇپ ئاران تۇرغاندا، بايامقى بۇدەكنىڭ سۇزلىرى بىردە كەيپىمنى ئۇچۇرسا، بىردە بۇ ئىشنىڭ كەينىگە قانداق سىرلارنىڭ يۇشۇرۇنغىنىنى بىلىپ تۇراتتىم،
ئىككى چىكەم ئىتىلىپ كىتىدىغاندەك زىڭىلداپ، ئاغرىق مىڭەمگە چىكەتتى.
مەن بىر ئىستاكان قايناقسۇنى ئالدىمغا ئەكەپ قۇيۇپ، سۇمكامدىن ئاغرىق تۇختۇتۇش دۇرىسىنى ئالماقچى بۇلۇپ، سۇمكامنى ئىزلىدىم، ئەمما سۇمكام يۇق،
‹ۋاي خۇدايىم سۇمكامنى ماشىنىدا تاشلاپ قۇيۇپ كىرگىنىمنى كۇرمەمدىغان،›
مەن سۇمكامنى ئەكىرۋىلىش ئۇچۇن سىرىتقا مىڭىشىمغا، سەل كەينىدىرەك بىرىنىڭ خىرتىلدىغان ئاۋازى ئاڭلانغاندەك بۇلدى.
مەن بىرەسى زۇكامداپ قالغان ئۇخشايدۇ دەپ، كارىم بۇلماي ئىشىككە يىقىنلاشتىم، ئەمما بۇئاۋاز بۇرنىنى تاتقان ئاۋاز بۇلماستىن ،بىرسىنىڭ ئىچىدىن ئۇكسۇپ چىقىۋاتقان يىغىسىنى زۇرىغا بىسىپ، ئاۋازىنى تىشىغا چىقارماسلىق ئۇچۇن  ئۇنسىز، ھىقىغداپ يىغلاۋاتقان ئاۋاز ئىكەنلىگىنى جەزىملەشتۇردۇم، ئەمما يەنىلا كارىم يۇق مىڭىۋەردىم،
-ھەدە رەنجىمەي ئىككى مىنۇت تۇرۇپ تۇرسىڭىز!
مەن ئاۋاز چىققان تەرەپكە بۇرۇلدۇم، تۇرقى كۇچىدىكى زەھەر چەككۇچىگىلا ئۇخشايدىغان، بەكلا ئۇرۇق، قاراراق ،كىيىملىرىمۇ شۇنداق ئاددى. يىشمۇ كىچىكلا، بىر قىز، ماڭا قاراپ، يىلىنغاندەك گەپ قىلۋاتاتتى.
مەن  ھەيران بۇلغاچ، بۇ قىزنىڭ ماڭا نىمە دىمەكچىلىكىنى ئاڭلاش ئۇچۇن ئۇرنۇمدا ئۇنۇڭغا قاراپ تۇردۇم،
-ھەدە سىزدىن ئۇتۇنۇپ قالايلى. بىزنى نىمە قىلسىڭىز مەيلى. ئەمما بۇ قىزنى قۇيۋەتسىڭىز،
مەن ئۇ كۇرسەتكەن قىزغا قاردىم، ئىگىزبۇي، ئۇرۇق، ياراشتۇرۇپ كىينىپ سۇس گىرىم قىلۋالغان ئەمما پاخپاخۋاش ،بىر قىز بىشىنى تۇۋەن سالغىنىچە يىغلاۋاتاتتى.
-نىمىشكە قۇيۋىتىمەن؟ نىمە سەۋەپتىن قۇيۋىتىمەن؟ سىلەر شۇنداق شەرمەندە ئىشنى قىلمىساڭلار، بىزنىڭ سىلەرنى  بۇيەرگە ئەكەپ تىزىپ قۇيدىغانغا بىشىمىز ئونما؟ ئۇزىمىزنىڭ قىلدىغان ئىششىمىز يۇقمىكەن؟  بىزنى زىرىكىپ قالدى دەپ ئۇيلايدىغان ئۇخشىمامسىلەر؟ سىلەر كىيىن تۇي قىلمامسىلەر؟ ئانا بۇلمامسىلەر؟ پەرزەنتلىك بۇلمامسىلەر؟ پەرزەنىت دۇنيانىڭ كەلگۇسى، ئانا شۇ كەلگۇسى ئەۋلاتلارنى تەربىيەلەپ قاتارغا قۇشقۇچى، سىلەر كەلگۇسىنىڭ ،مىللەتنىڭ ئانىسى، نىمىشقا بۇنداق رەسۋاچىلىق كۇچىسىغا قەدەم قۇيغانسىلەر جىنىم سىڭىللىرىم؟ مۇنداق شەرمەندە ئىشتىن خىجىللىق، نۇمۇس ھىس قىلمامسىلەر؟ سىلەردىگەن‹كەلگۇسىنىڭ ئانىلىرى›، مۇشۇ مۇبارەك نامغا داغ تەككۇزۇشكە قانداقمۇ يۇزۇڭلار چىدىغاندۇ؟ قانداقمۇ ۋىژدانىڭلار يۇل قۇيغاندۇ؟ سىلەرنى بىقىپ چۇڭ قىلغان، قاتارغا قۇشقان ،ئاتا-ئاناڭلارغا قانداقمۇ يۇزكىلەلەيسىلەر؟ ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ سۇرىقىدىن قانداق چىقىسىلەر؟ مەشھەرگاھتا نىمەدەپ جاۋاپ بىرىسىلەر؟ ئاياللار دىگەن ئۇينىڭ گۇلى. ئەرلەر بۇلسا تۇرىكى. سىلەردەك كەلگۇسىنىڭ ئانىلىرى قىلىپ يۇرگەن ئىش شۇ تۇرسا ،پەرزەنتلەردىن ئۇمۇت كۇتۇش قانداق مۇمكىن بۇلسۇن؟
سۇزلىرىم شۇنچە قاتتىق بۇلسىمۇ،  مۇمكىن قەدەر ئاۋازىمنى سىلىق چىقاردىم، چۇنكى بۇلارمۇ ئىنساندە!
سۇزۇم ئۇلارغا تەسىر قىلدىمۇ، ياكى ئۇزلىرىنىڭ ئۇتمۇشلىرى بارمۇ، ئىشقىلىپ ھەممىسىلا بىشىنى ساڭگىلىتىپ مىشىلداشقا باشلىدى.
قارماققا 40  ياشلاردا كۇرنىدىغان ،ئۇزىنىڭ سىمىزلىكىگە، يىشىنىڭ چۇڭلىقىغا باقماي، كىچىك قىزلاردەك ،ئۇچۇقلا كىيىنىۋالغان، قاپاقلىرىنى يادۇرۇپ، يۇزتىرىسىنى تاتقۇزۇپ، قاشلىرىغا چەكتۇرۇپ، چاڭچىلكەشكە ئۇخشاپ قالغىنىنى ئاز دىگەندەك، يۇزىنى مايمۇننىڭ كۇتىدەك بۇيىۋالغان، چاچلىرىنى يالغان بۇدۇر قىلىپ قۇيۋەتكەن ،باياقى بۇدەكتىنمۇ سىمىز، يەنە بىر خۇتۇن  ئىغىر تىنىپ قۇيۇپ،
-ۋاي ئۇكام، ھەممە ئادەمنىڭ تۇققۇزى تەل بۇلسا بۇ كۇچىغا كىم چىقىدۇ؟ ھەممە ئادەم دەردىنى ئۇزى بىلىدۇ، بىزمۇ شۇ بالا باقىمىز دەپ چىققان كۇچا بۇ،
بۇ خۇتۇن كۇزۇمگە شۇنداق سەت كۇرۇندىكى. كىچىنچە چۇشۇمگە كىرىپ قالسىمۇ قۇرقۇپ ئۇيغۇنۇپ ،ئەتىسى ئاغزىمغا قۇقاق ئۇرلەپ كىتىشىدىن ئىھتىيات قىلىپ ،ئۇ ئايالغا سەت بىرنى ئالىيىپ باشقىلارغا قارۋالدىم، چۇنكى ئۇ، ئەمدىلا قەلبى، ۋىژدانى ئۇيغىناي دەپ قالغان بۇ قىزلارنىڭ ئاغزىغا گەپ سىلىپ بىرىپ ،ئۇلارغا ئۇزى ماڭغان كۇچىنىڭ تۇغرىلىغىنى. ئامالسىز قالغانلىغىنى. ئىسپاتلاتماقچى بۇلىۋاتقاندەك قىلاتتى.
ئۇيلىغىنىمدەكلا باياقى  قىز،
-... ئاچام راس دەيدۇ، بىزنى بۇ كۇچىغا چىقىرىپ قۇيغان، ئەشۇ سىز ئىيتىۋاتقان ئائىلىنىڭ تۇرۇكلىرى .كەلگۇسىنىڭ دادىلىرى .ھەر ئادەمنىڭ ھەر ئىشنى قىلىشتا مەلۇم سەۋەبى . ۋە ئۇتمۇشى. ئاجىزلىغى .ئىھتىياجى بۇلىدۇ........
بۇگەپنى ئاڭلاپلا بايىقى قىرىغا ئاچچىقىم شۇنداق كەلدى. دىمىسىمۇ ئاغزىمدىن چىقتى. ساقىلىمغا ياماشتى دىگەندەك ئىشتە بۇ،
-سىلەر شۇ كىچىككىنە كۇڭۇل ئاغرىقى ئۇچۇن مۇشۇ خاتا يۇلنى تاللىدىڭلارما؟ سىلەرگە قىلدىغان بۇندىن باشقا ئىش چىقمىدىما؟ ماقۇل تازلىقنى جاپالىق دەڭلار، ھازىر رىستۇران ،تاللا بازار ،دۇختۇرخانا ،ئاممىۋى قاتناش قاتارلىق ئۇرۇنلارغا ئادەم ئىلۋاتىدىغۇ؟ بۇنىڭغا سەۋيەمۇ كەتمەيدۇ، ئۇقۇش تارىخىنىمۇ سۇرۇشتۇرمەيدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلار بىلەن كۇرۇشسەڭلار ئاھالىلەر كۇمتىتىمۇ ياردەم قىلدۇ،قىيىنچىلىقى بارلارنى يۇلەيدۇ، قاراپ ئۇلتۇرمايدۇ،
-سىز شۇنداق دەيسىز سىڭلىم ،بۇ ئايلىقچى دىگەن ئۇمرىدە باي بۇلمايدۇ ،ئۇلمەسلىكنىڭ ، ئاچقالماسلىقنىڭ دۇرىسى. ئۇز ئالدىغا ئىگلىك تىكلىگىلى بۇلمايدۇ، خەقنىڭ كىچىك خۇتۇنى بۇلۇپ، تىل-ئاھانىتىنى ئىشتىپ ،ئاغزىغا قاراپ، خۇش-خۇش دەپ ئۇتىدىغان ئىش،
-مىنى تۇلا سىڭلىم دەۋەرمەڭە! مىنىڭ سىزدەك ناچار ئاچام يۇق، بۇلارغا نەسىھەت قىلىپ يامان يۇلدىن تۇسىماقتا يۇق، بالىڭىزدەك قىزلارغا نىمە ئىش ئۇگىتىۋاتىسىز؟
-ئاپىسى بىلەن دادىسىنىڭ گىپىنى ئاڭلىماي ئۇيدىن چىققان قىزلار، مەندەك بىر .... گىپىنى ئاڭلارمۇ سىزنىڭچە؟
مەن ئايالنىڭ چىرايىغا قاردىم، ئاغزىمدىن چىقارمىساممۇ ئىچىمدە، ‹ھەرنىمە بۇلسا ئۇزەڭنىڭ نىمىش قىلۋاتقىنىنى بۇلسىمۇ بىلىدىكەنسەندە قىرى ،› دەپ ئۇيلۇدۇم،
-كىملىك ،ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسىنى چىقىرىڭلار، تىز بۇلۇڭلار، ۋاقىتنى كەينىگە سۇزماي، بۇيەردىن چىقىپ كەتكىڭلا بۇلسا،
باياقى خۇتۇن تۇلۇق رەسمىيەتلىك بۇلغاچ، مىنىڭ زۇۋانىمنى تۇۋاقلاپ، باشقىلارنى كۇشكۇرتۇپتىكەن،
مەن ئۇنىڭ كىملىكىدىكى يىل ،ئاي، كۇنگە قاراپ كەينىمگە يىقىلىپ كەتمەسلىك ئۇچۇن، ئىشىكنى تۇتىۋالدىم،
كىملىكتە 1963  يىلى دەپ تۇراتتى.
‹يارەببىم ھەممىمىزنى پاناھىڭدا ساقلىغايسەن›
مەن ھەممىسىنىڭ كىنىشكىلىرىنى يىغىۋىلىپ، ئۇستىلىمگە قايتىپ كىلىپ ئۇلتۇردۇم، ئۇنىڭغىچە مۇختەر كىردى.
مەن ئۇنىڭغا سۇمكامنى ئەكىرىپ بىرىشنى تاپىلاپ قۇيۇپ، ئۇز ئىششىم بىلەن مەشغۇل بۇلدۇم،
تەرتىپ بۇيىنچە بۇلارنىڭ يۇقۇملۇق ‹ئەيدىز› كىسىلى بار- يۇقلىقىنى. زەھەر چىكىدىغان -چەكمەيدىغانلىقىنى. تەكشۇرۇش ئۇچۇن ،مۇشۇ نەچچە جۇمباقلار بىلە بۇگۇن تاڭ ئاتىدىغىنى ئىنىق ئىدى.
بۇلارنىڭ ھەممىسى ساق ،كىسىلىمۇ يۇق ، زەھەرمۇ چەكمىگەن ،تەكشۇرۇشمۇ تىزلا ئاخىرلاشتى. ئەمما ھىلىقى يىغلىغان قىزنىڭ كىملىكىدىن باشقا ھىچنىمىسى يۇق ئىكەن .قانداق قىلىش كىرەك ؟باشقىلار بىلسە يا ۋاقىتلىق قامايدۇ، يا جەرىمانە تۇلەيدۇ، قۇيۋەتسەم قانۇن ئىجراچىسى تۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بۇلمەن ،سۇلاپ قۇيسام........ھەي بىشىم تازىمۇ قاتتى. رەسمىيىتى تۇلۇقلىرى بىردىن- بىردىن چىقىپ كەتتى. شۇ قاتاردا ھىلىقى بۇدەك ياش-قىرى ئالۋاستىلارمۇ كەتتى.
مەن ھىلىقى كىچىك قىزنىمۇ قۇيۋىتىشكە بۇيرۇدۇم ئەمما ئۇ كىتىشنى رەت قىلدى. مەن ئۇنىڭدىن سەۋەبىنى سۇرىسام ئۇنىڭ  ئۇ ھىلىقى يىغلىغان قىزنىڭ ئۇرنىدا ماڭا يىلىندى ئۇنىڭمۇ كۇزلىرى نىمىشقىدۇر ياشلانغان ئىدى. مەن ئۇنىڭغا ۋەدە بىرىپ قۇيۇپ ، يىغلاڭغۇ قىزنىڭ يىنىغا كىرىپ ، قىزدىن سۇرۇدۇم،
-ئىسمىڭىزنىمە؟ ...بۇيەرگە مۇشۇ ئىشنى قىلغىلى كەلمىگەنسىز؟ ئىنىق بىرە نىشانىڭىز باردۇ؟ نەدە ئۇلتۇرسىز؟
قىز بىشىنى كۇتەرمەي جاۋاپ بەردى .
-كىملىكتە ھەممىسى تۇلۇققۇ؟
-بۇنى بىلدىم، ھازىرقى تۇرۇشلۇق ،يەنى ۋاقىتلىق ئۇلتۇرۇشلۇق ئادرىسىڭىزنى دىمەكچى. يەنە بۇيەردە قۇللانغان ئىسمىڭىز نىمۇ؟
بۇنداق يەردە ئىشلەيدىغانلار ئاساسەن ئۇزىنىڭ راس ئىسمىنى ئىيتمايتى .ھەم راس گەپ قىلمايتى.
-مىنىڭ يالغان ئىسمم يۇق ،مەن دۇكاننىڭ كەينىدىكى بىرىنجى قۇرادا ئۇلتۇرمەن،
-نىمە؟ سىز... قۇرۇسىدا ئىكەنسىزدە؟
-ھەئە!
-سىز كەلگىلى قانچىلىك بۇلدى ؟
-يۇرتتىن چىققىلى 4-يىل بۇلدى!
-سىز مۇشۇ 4 يىلغىچە.........
-ياق..ياق  خاتا چۇشەنمەڭ، مەن ئىرىم بىلەن بىللە چىققان، بۇ كۇچىغا كىرىپ قالغىلى ھەپتىمۇ بۇلمىدى.
-قانداق بۇلۇپ بۇ يۇلغا مىڭىشنى تۇغرا تاپتىڭىز؟
قىز بىردەم تۇرۇپ كىتىپ، ئىچىگە سىغدۇرالمىغان دەر-ئەلىمىنى تۇكمەكچى بولغاندەك، ‹ۋاڭ›ڭىدە يىرىلىپ يىغلاپ كەتتى. مەنمۇ ئۇنى بىردەم يىغلاپ ئىچىنى بۇشتىۋالسۇن دەپ، ئارتۇق گەپ قىلماي چەتتە قاراپ تۇردۇم ،بىردىنلا ئۇنىڭ كۇزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاقناپ، كۇز-ياشلىرى تۇختىدى.
-ئاشۇ كۇنى ھىلىمۇ ئىسىمدە، ئۇمىنىڭ ئادەم ئۇزىنى تارتىپ بۇلالمايدىغان، مەڭگۇ  سىسىق پاتقاقتىن قۇتۇلالمايدىغان، پاتقاقلىق -كۇچىغا قۇيغان تۇنجى قەدىمم بۇلۇپ قالغان ،ئۇ قىممار ئۇيناپ ئۇتتۇرۋىتىپ ،مىنى باشقىسىنىڭ قۇينىغا ئىتتىرگەندىمۇ مۇشۇنداق يىغلىغان ئىدىم، سىرىتتا قاتتىق يامغۇر يىغىۋاتاتتى. ئىرىم مىنى ئالداپ ئەپ چىقىپ ،ھىلىقى قىمماردا ئۇتىۋالغان ئەرگە تاشلاپ بىرىپ كىتىپ قالدى .ئۇ ھايۋان مىنى ئاياق -ئاستى قىلىپ بۇلغاندىن كىيىن ،مىنىڭ دۇلامدىن ئىتتىرىپ سىرىتقا چىقىرۋەتتى. پەلەمپەيدىن پۇتلۇشۇپ يۇندا ئۇرىكىغىلا يىقىلدىم، مەينەتچىلىك بىلەن بۇلغانغان بەدىنىم، يۇندا كۇلچىكىدە پاتقاق سۇ بىلەن تىخىمۇ مەينەت بۇلدى .ئۇرنۇمدىن تۇرۇشقا ماجالىم يۇق، پۇت -قۇللۇرۇم تىتىرەيتى .ئۇزەمگە  بۇنداق خۇرلۇنۇپ ياشاشنى راۋا كۇرمۇدۇم، ئۇلۋىلىشنىلا ئۇيلايتىم ،ئۇدۇل بىرىپ ئۇزەمنى ماشىنىنىڭ ئالدىغا ئاتماقچى بۇلۇپ ، ماشىنا يۇلىغا قاراپ يۇگۇردۇم، يان كۇچىدىن چىقىۋاتقان بىر تاكسى بىرمۇنچە پاتقاقنى ئۇستىۋىشىمغا چاچرىتىپ ئۇتۇپ كەتتى. مىنىڭ بۇنىڭ بىلەنمۇ كارىم بۇلمىدى. شۇ ۋاقىتتا تىلفۇنۇم سايراپ ناتۇنۇش بىرى تىلفۇن قىلدى. تىلفۇننى ئىلشىمغا بىرى جىددى تەلەپپۇزدا ،‹ قىزىڭىز ھازىر جىددى قۇتقۇزۇشتا تىز كىلىڭ ›دىدى .مەن تەمتىرەپ قالدىم، كۇز ئالدىمغا ئەمدىلا 10 ياشلىق قىزىم كەلدى. قايسى دۇختۇرخاندا ئىكەنلىگىنىمۇ بىلمەيتىم، ھىلىقى نۇمۇرغا قايتا تىلفۇن قىلدىم، ئۇلار دۇختۇر خانىنىڭ ئادرىسىنى ئىيتىپ بەردى .بارسام قىزىم قانغا مىلىنىپ يىتىپتۇ، ئىرىم دىگەن مۇناپىق ،مىنى باشقىلارغا تۇتۇپ بەرگىنىنى ئازدەپ، قىزىمغىمۇ ئىپلاس قۇلىنى سۇنغان ئىكەن، ئۇيدىكى قىزىمنىڭ پەريادىنى ئاڭلاپ، خۇشنىلار يۇگۇرۇپ كىرىپ قىزىمنى  ئۇلۇمدىن بۇلسىمۇ قۇتقۇزۇپ قاپتۇ، ئەمما ئۇنىڭ قىزلىقى ئاللا بۇرۇن يۇقالغان ئىكەن ،كىيىن ئۇ مۇناپىق قىلمىشىدىن قۇرقۇپ دىرىزىدىن قىچىپ كىتىپتۇ، قىزىمنى ئۇزەم داۋالاتتىم، بۇنداق ئىشنى كەلگەنلا كىشىگە دىگىلى بۇلمايدىكەن، بارلىق بىساتىم دۇختۇرغا كەتتى، ئۇنى چۇقۇم ساقايتمىسام بۇلمايتى، ئىختىسادىم يىتىشمىگەچ بۇ كۇچىغا قەدەم قۇيدۇم ،دۇكاندىكىلەرنىڭمۇ،  خۇشنىلارنىڭ ياردىمىگىمۇ ئىرىشتىم، ئەمما ..........
ئايال سۇزىنى داۋام قىلالماي بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى.كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى. مىنىڭمۇ كۇزۇمگە يىغا ياماشتى. ئەمما ئۇزەمنى ئارانلا بىسىپ تۇراتتىم،
-ئۇ مۇناپىق بالىڭىزنىڭ ئۇز دادىسى ئەمەسمۇ؟
ئايال بىشىنى چايقىدى.
-ساقچىغا دىلۇ مەلۇم قىلمىدىڭىزمۇ؟
-قىلدىم، لىكىن تاپالمىدۇق، ئىزدەۋاتىدۇ،
تۇرۇپلا ئايالغا ئىچىندىم ،ئۇنىڭ ياشلىرى كۇزىدىن ئەمەس، يۇركىدىن چىقىۋاتاتتى.
-ئەمدى قانداق قىلاي دەۋاتىسىز؟
-قىزىم ساقايسا يۇرتۇمغا كىتىمەن!
-بالا ھازىرمۇ بەلنىستىمۇ؟
-ھەئە، ئۇنىڭ يىنىدا ئاچىسى قالغان،
-باللىرىڭىزنىڭ دادىسى چۇ؟
-بۇرۇنلا كىسەل بىلەن تۇگەپ كەتكەن، مىنى سۇلاپ قۇيسىڭىز ئىككىلى قىزىم ئاچ قالىدۇ، ئۇتۇنۇپ قالاي ........
مەن ئارتۇق گەپ قىلمايلا ئۇنىڭ كىملىكىنى كۇپەيتىۋىلىپ، 200 كۇي جەرىمانىنى ئۇزەم تۇلىۋەتتىم، كىملىكنى كۇپەيتىۋىلىشىمدىكى مەخسىدىم ،بۇ ئايالغا ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى بىجىرىپ بىرىش ئىدى.
-ماڭا تىلفۇن نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇڭ، سىزگە قۇلۇمدىن كىلىشىچە ياردىممنى ئايىمايمەن،
مەن ئۇنىڭ تىلفۇن نۇمۇرىنى يىزىۋىلىپ ،ئۇنىڭ بىلەن ئىشخانىدىن بىللە قايتىپ چىقتىم ،تاڭمۇ ئىتىپ كۇن نەيزە بۇيى كۇتۇرۇلگەن ئىدى .
سىرىتقا چىقىپ ساپ ھاۋادىن نەپەس ئىلىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپ، ئۇنىڭ سۇزلىرىنى ئۇيلاپ تۇرمەن،
ئۇ كىتىۋاتىدۇ ،
تۇيۇقسىز 4 قەۋەتلىك بىر ئۇينىڭ دەرىزىسى ئىچىلىپ ،كىمدۇر بىرى ئاللا -قانداق مەينەت سۇنى پەسكە قارتىپ تۇكتى .سۇ ئۇنىڭ ئۇستى -بىشىغىلا چۇشۇپ ،ھەممە يىرىنى ھۇل قىلۋەتتى. مەن ئۇنىڭغا قاراپ ئىچىندىم، ھەم ئۇستىدىكىلەرنى ئەدەپلەپ قۇيۇش ئۇچۇن كىتىۋاتقاندا، ئۇ، نىمىگىدۇر پۇتلۇشۇپ يىقىلىپ، ئۇستى بىشى كۇلگە بۇلغاندى. بۇ ئاشخانچىلار مۇ ياكى ناۋايلارمۇ تۇكۇپ قۇيغان كۇل ئىدى. ئۇ ئۈستى- بىشى  پاتقاق ھالەتتە ،لايدىن ياساپ قۇيغاندەك بۇلۇپ كەتسىمۇ، كىيىملىرىنىمۇ قاقماي، ئاستا ئۇرنىدىن تۇرۇپ، ھايات مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرماقچى بۇلۋاتاتتى.
كۇپ ساندىكى بۇنداق ئۇرۇندا ئىشلەيدىغانلار ئادەم سىغدۇرمايدۇ، تۇلىسى خىرىدار تالشىپ سۇقۇشىدۇ،
ئۇنىڭ يەنە مۇشۇ پاتقاقلىق كۇچىدا قانچىلىك پۇت دەسسەپ تۇرالايدىغىنىنى ھىچكىم بىلمەيتى.
بارا-بارا ئۇنىڭ گەۋدىسى كۇز ئالدىمدىن غايىپ بۇلدى.
ئاچچىق خىياللار قۇينىغا غەرىق بۇلۇپ، بۇيەردە ئۇنىڭ كەينىدىن قانچىلىك قاراپ تۇرغىنىمنى ئۇزەممۇ سەزمەپتىمەن ،مۇختەرنىڭ ‹بۇيەردە تۇرسىزغۇ؟ ناشتا قىلدىڭىزمۇ؟› دىگەن سۇزىدىنلا ئىسىمنى يىغدىم،مەنبە. ئۆز قەلەم،

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
uytag + 200 رىئاللىق،،،،،

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 200   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82484
يازما سانى: 1191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5776
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2014-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 02:11:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ياماننىڭ قولىدا خارلانماي تۇرۇپ ياخشىنىڭ قەدرىگە يەتمەيسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75918
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4857
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 819 سائەت
تىزىم: 2012-2-16
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 02:11:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەتلەر نورمال ئەمەسقۇ ؟ ياكى مىنىڭكىدە شۇنداق كۆرۈنۋاتامدۇيا؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83960
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4465
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 675 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 02:39:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەتنى ئوبدان ئوقۇغىلى بولمايدىكەنغۇ ..................                       

ئوينامدۇق __ ئويلىنامدۇق؟

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7410
يازما سانى: 364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9296
تۆھپە نۇمۇرى: 521
توردا: 789 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 03:03:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەت نورمال ئەمەسقۇ ؟ ؟؟؟؟؟؟؟؟

يولغا قاققان قۇزۇقتىن ،ئورىنىۋالغان بۇزۇقتىن ،..................... تىن ، ساقلىغايسىز خۇدايىم .

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12395
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32447
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4458 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 03:53:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەت شەكلى نورمال چىقماي قاپتۇ،مۇنبەردىكىلەرنىڭ ئوقۇشىغا ئاسانچىلىق بولسۇن ئۈچۈن،رۇخسىتىڭىزنى ئالمايلا ،تېمىڭىزنى  ۋوردتا ئەلكاتىپ تور توم شەكلىگە ئۆزگەرتىپ،ئىنكاسىمدا يوللاپ قويدۇم،ئاتكاچىلىقىمنى كەچۈرۈڭ.......

ئاچچىق خىياللار قۇينىغا غەرىق بۇلۇپ، بۇيەردە ئۇنىڭ كەينىدىن قانچىلىك قاراپ تۇرغىنىمنى ئۇزەممۇ سەزمەپتىمەن ،مۇختەرنىڭ ‹بۇيەردە تۇرسىزغۇ؟ ناشتا قىلدىڭىزمۇ؟› دىگەن سۇزىدىنلا ئىسىمنى يىغدىم.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-10 03:57 PM  

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2366
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 553 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 04:00:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەت نورمال چىقمىدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91984
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1879
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 446 سائەت
تىزىم: 2013-2-21
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 04:12:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا يېقىندىن ياردەمدە بۇلۇپ، تىمامنى ئوڭشاپ قويغان توردىشىمغا چىن دىلىمدىن تەشەككۇر ئىيتىمەن ،رەھمەت جاپا چىكىپسىز قېرىندىشىم،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2366
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 553 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 04:19:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ نەدە بولغان ھىكايە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5808
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8634
تۆھپە نۇمۇرى: 394
توردا: 133 سائەت
تىزىم: 2010-8-7
ئاخىرقى: 2014-11-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 04:20:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kara-yijiran يوللىغان ۋاقتى  2013-3-10 04:12 PM
ماڭا يېقىندىن ياردەمدە بۇلۇپ، تىمامنى ئوڭشاپ قويغان ت ...

يوللىنىپ بولغان تىمىغۇ بۇ !

ئىنسان ھاياتىدا قىلىش ئەڭ تەس بولغان ئىش ،ئۆزنىڭ ئىددىيىسىنى باشقىلارنىڭ كاللىسىغا سىڭدۈرۈش.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش