مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 722|ئىنكاس: 1

مەن نىمە ئۈچۈن ياشىدىم ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30706
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4526
تۆھپە نۇمۇرى: 247
توردا: 1798 سائەت
تىزىم: 2011-2-17
ئاخىرقى: 2013-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 12:15:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن نىمە ئۈچۈن ياشىدىم ؟
روسسو
مۇھەببەتكە ئىنتىلىش ، بىلىم ئىزدەش ، ئىنسانلارنىڭ تارتقان ئازاۋىغا ھېسداشلىق قىلىش قاتارلىق ئۈچ خىل ئاددى بىراق كۈچلۈك ھېسيات ھاياتىمغا ھۆكۈمران بولدى . بۇ ھېسىياتلار  كۈچلۈك شىۋېرغاندەك ئازاپ دېڭىزىنى سىپاپ  ئۈمىدسىزلىك قىرغاقلىرىغا ئۇرۇلدى .

مەن مۇھەببەتنى ئىزدىدىم   چۈنكى ئۇ ئادەمنى مەستخۇش قىلىدۇ ،بۇ مەستخۇشلۇق ئاجايىپ گۈزەلكى  مەن بۇ گۈزەللىكىنىڭ بىر نەچچە سائەت خوشاللىقى ئۈچۈن پۈتۈن ھاياتىمنى قۇربان قىلىشقا رازى ئىدىم . مەن مۇھەببەت ئىزدىدىم  ،چۈنكى مۇھەببەت يالغۇزلۇقنى يوقىتىدۇ .قورقۇنۇشلۇق يالغۇزلۇق ئىچىدە تىترەپ تۇرغان روھ دۇنيانىڭ قىرغاقلىرىدىن سوغۇق ،تېگى يوق ،قاراڭغا ھاڭغا قارايدۇ .مەن مۇھەببەت ئىزدىدىم ،  مۇھەببەت قاينىمدا  شائىرلار،ئۇلۇغلار  سۈپەتلىگەن جەننەتنى سەزدىم . مانا بۇ مېنىڭ ئىزدىگىنىم .ھاياتىمغا نىسبەتەن زىيادە  گۈزەل بولىسىمۇ ،مەن ئاخىرى ئىزدىگىنىمنى تاپتىم .

ئوخشاش قىزغىنلىق بىلەن ،بىلىم ئىزدىدىم ،مەن ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى چۈشىنىشنى ،يۇلتۇزلارنىڭ نىمىشقا جىمىرلايدىغانلىقىنى بىلىشنى ئۈمىد قىلدىم .پىساگوراس  قەدىرلىگەن سانلارنى تەتقىق قىلىشقا ئۇرۇندۇم . مەلۇم نوقتىدىن ئېيتقاندا  مەقسىتىمگە يەتتىم .

مۇھەببەت ۋە بىلىم جەننەتكە تۇتىشىدىغان يول . بىراق  ھېسداشلىق مېنى پانى  دۇنياغا قايتۇردى ،ئازاپ ساداسى مېنىڭ يۈرىكىمدە ئۇرۇلدى .ئاچلىقتا قالغان بالا ، زالىملار تەرىپىدىن ئىزىلگەن ئادەم ، بالىلىرى تەرىپىدىن  يۈك دەپ قارالغان  ياشانغان كىشى   ئىنسانلار جەمىيىتى ئېرىشىىشكە  تېگىشلىك تۇرمۇشنى مازاق ئوبىكتىغا  ئايلاندۇردى .مەن  رەزىللىكنى ئىمكان بار ئازايتىشىقا تىرىشىتىم بىراق ئامالسىز قالدىم . مەنمۇ  ئازاپقا ،قىينىلشقا دۇچار بولدۇم .
مانا بۇ مېنىڭ ھاياتىم . مەن ھاياتنىڭ ياشاشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى بايقىدىم .ئەگەر ماڭا يەنە قېتىم پۇرسەت بېرىلسە  مەن خوشاللىق بىلەن ياشايمەن .

ئۆزلەشتۈرمە تەرجىمە
مەنبە:http://www.tingclass.net/show-6054-26403-1.html
ئىزاھات :

پىساگوراس--گىرىتىسىيەنىڭ داڭلىق پەيلاسوپ ۋە ماتىماتىكا ئالىمى .گىرىتسىيەنىڭ ساموئا دىگەن جايدىكى ئاقسۈڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا  كەلگەن .ياش ۋاقتىدا مىسىر ۋە بابىلونغا بېرىپ ماتىماتىكا ئۈگەنگەن  دۇنيادىكى 20 نەچچە قەدىمى دۆلەتنى ئايلانغان، كېيىن ئىتالىيىنىڭ جەنوبىدا ماتىماتىكا  ئۈگەتكەن ۋە ئۆزىنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغان .
پىساگوروسنىڭ ئۆز زامانىسىدىكى  ئالىملارغا نىسبەتەن  ئىلغار تەرىپى شۇكى  ئۇ ئاياللارنىڭ سىنپدا دەرس تىڭشىشىغا روخسەت قىلغان . ئۇ ئاياللارمۇ ئوخشاش بىلىم ئېلىش ھوقوقىغا ئىگە دىگەننى تەشەببۇس قىلغان .
رىۋايەتلەرگە قارىغاندا  ئۇ ناھايىتى قالتىس ئوقۇتقۇچى  ئىكەن ،ئۇ ھەربىر ئادەم ئاز بولسىمۇ گىئومىتىريە ئۈگىنىشنى تەشەببۇس قىلغان .

روسسو

روسسول ئەنگىليەلىك پەيلاسوپ ، ماتىماتىك ،تارىخشۇناس ، جەمىيەت كۈزەتكۈچىسى ،
ئۇ غايەپەرەسلىككە قارشى تۇرغان . ئۇ پەلسەپە ساھەسىدە نۇرغۇن كىتاپ يازغان .لوگىكا تەتقىقاتىدا نەتىچە قازانغان .
ئۇرۇشقا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە كىرگەن .
1950 -يىلى نوبىل ئەدەبىىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .






ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 1200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2607
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 571 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 10:17:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن رەھمەت قېرىندىشىم

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش