2013-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن زۇڭلى ۋىن جىياباۋ ئەڭ ئاخىرىقى بىر قېتىملىق ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى بەردى. ئىككى سائەتكە يېقىن دوكلات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن 3000 نەپەرگە يېقىن نەق مەيداندىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر قىزغىن چاۋاك چالدى. ئۇزۇن چېلىنغان چاۋاكتىن كېيىن زۇڭلى ۋىن جىياباۋ ئۆرۈلۈپ رەئىس سەھنىسىگە تازىم قىلغاندا يەنە بىر قېتىم چاۋاك ساداسى ياڭرىدى. ئاندىن ۋىن جىياباۋ يەنە ئۆرۈلۈپ بارلىق ۋەكىللەرگە ئۈچ تازىم قىلدى، بۇ ۋاقىتتا يىغىن مەيدانىدا يەنە بىر قېتىم چاۋاك ساداسى ياڭرىدى. زۇڭلى ۋىن جىياباۋ شۇنداق قىلىپ ئۈچ تازىم قىلىش ئارقىلىق سېمۋول خارەكتىرلىك 10 يىللىق زۇڭلىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى.
ياشلىق ۋاقتىدىكى ۋىن جىياباۋنىڭ قارىماققىلا كەسىپنى ناھايىتى قىزغىن سۆيىدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ، 1960-يىلىدىن 1965-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا ياش ۋىن جىياۋ بېيجىڭ گىئولوگىيە ئىنىستېتۇتىنىڭ كان ئىزدەش كەسپىدە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن داۋاملىق شۇ مەكتەپتە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان.
مەدەنىيەت ئېنقىلابى يۇقىرى پەللىگە چىققان ۋاقىتتا بېيجىڭ گىئولوگىيە ئىنىستېتۇتىنى پۈتتۈرگەن ۋىن جىياباۋ ۋۇۋىينىڭ غەربىگە 500 كىلومېتىر كېلىدىغان جىيۇچۈەنگە تەقسىم قىلىنغان ۋە شۇ يەردە بىر ئىشلىگىنىچە 10 نەچچە يىل ئىشلىگەن. كېيىن ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ گەنسۇ ئۆلىكىلىك گىئولوگىيە ئىدارىسىدا تېخنىك، سىياسىي كادىر ۋە سىياسىي باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
ئۇ پايانسىز كەتكەن سېرىق توپىلىق غەربىي شىمالدا ۋىن جىياباۋ گەنسۇ گىئولوگىيە ئىدارىسى جىيۇچۈەن گىئولوگىيە ئەترىتىنىڭ ئاددىي بىر تېخنىك خادىمىدىن گەنسۇ ئۆلكىلىك گىئولوگىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى.
ۋىن جىياباۋ غەربىي شىمالدا خىزمەت قىلغان ۋاقىتتا لەنجۇ ئۇنۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن لەنجۇلۇق قىز جاڭ پىلى بىلەن تونۇشۇپ قالدى، 20-ئەسىرنىڭ 70-يىلىنىڭ دەسلىپىدە ئىككىسى توي قىلدى. سۈرەتتە: 1974-يىلى باھاردە چىن يەنجىڭنىڭ چوڭ قىزى، يولدىشى ۋىن جىياباۋ ۋە بالىسى بىلەن جىيۇچۈەندە چۈشكەن سۈرىتى.
20-ئەسىرنىڭ 80-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى تۆتلەشتۇرۇش( ئېنقىلابلاشتۇرۇش، ياشلاشتۇرۇش، زىيالىلاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۇرۇش) ئىدىيىسى بويىچە كادىر ئۆستۈرۈش خىزمىتى باشلاندى. 1982-يىلى ۋىن جىياباۋ گىئولوگىيە مىنىستىرلىقىغا ئۆستۈرۈلدى، 1983-يىلى يەنە گىئولوگىيە مىنىستىرى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى قوشۇمچە سىياسىي بۆلۈمنىڭ مۇدىرلىقىغا ئۆستۈرۈلدى.
2003-يىلى، ۋىن جىياباۋنىڭ كونا تۇرالغۇسىنىڭ سىرىتقى كۆرۇنۇشى. خوشنىلىرى مۇنداق دەيدۇ: ۋىن جىياباۋنىڭ ئاتا-ئانىسى ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۈچ بالىسى بار ئىدى، ئائىلە شارائىتى ئانچە باياشات ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ۋىن جىياباۋ ئەقىللىق، تىرىشچان بالا ئىدى.
1986-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى، خۇياۋباڭ يۈننەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى پۇ چاۋجۇ، گۇيجۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خۇ جىنتاۋلارنىڭ ھەمراھلىقىدا لۇپىو ناھىيىسى بەنچاۋ رايونى چاڭدى يېزىسىنىڭ باھار بايرىمىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە قاتناشتى، مەركەز ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋىن جىياباۋمۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.
1998-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-سانلىق يىغىنىنىڭ 6-قېتىملىق قۇرۇلتىيى يولداش ۋىن جىياۋنى مۇئاۋىن زۇڭلىلىققا تەيىنلەشنى قارار قىلدى.
2002-يىلى 7-ئايدا گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى يولداش ۋىن جىياباۋ زۇڭلى جۇرۇڭجىغا ھەمراھ بولۇپ يەنئەندىكى ئولتۇراقلاشتۇرۇش تۈر رايونىنى كۆزدىن كەچۈردى.
2003-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى، يولداش ۋىن جىياباۋ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىلىقىغا تەيىنلەندى. يولداش جۇرۇڭجى ۋىن جىياباۋنى تەبرىكلىدى.
مەنبە:
http://www.nur.cn/news/2013/03/110882.shtml
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karlik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-9 04:15 PM