|
|
|
|
بىرنەچچە كۇندىن بىرى مىسرانىم مۇنبىرىدە بىر تۇردىشىمىز سىزىپ يوللىغان مەھمۇد قەشقىرى بىلەن يۇسۇپ خاس ھاجىپ بوۋىمىزنىڭ سىزما رەسىمى توغۇرلۇق تالاش -تارتىش بۇلۇپ قىززىىق تىمىغا ئايلىنىپتۇ ھەمدە بەزىلىرىمىز ئىغىزلىرىمىزنى بۇزۇپ تىلىشىپ كىتىپتىىمز ھەم تىما يازغۇچىنى تۇيغۇزۇپتۇ . تەھلىل قىلىدىغاننى تاشلاپ قۇيۇپ سەللىنى قىززىق نۇختا قىلۋاپتىمىز سەللىدە نىمە گۇناھ بار قېرىنداشلار ئەمدى ئاشۇ 2زاتقا سەللە كىيگۈزۇپ قۇيغاچقىلا ئۇلارنى ئىنكار قىلامدۇق ئۇلارنى سىزغان غازى ئەمەت ئاكىمىزنىمۇ گۇناھار قىلامدۇق ياكى سەللىنى ئاشۇلارنىڭ رەسىىمنى سىزغانلار كەيگۈزۇپ قۇيۇپتىمۇ رەسساملارمۇ قارىغۇلارچە سىزمىغاندۇ .ئەگەر بۇرەسىمنى يالاڭباش .كۇسا سىزىپ باقسۇن قاراپ باقايلى دوپپا كىيگۈزۇپ سىزىپ باقسۇن قاراپ باقايلى ھازىرقىغا قاراپ باقايلى قايسىسى ھەيۋەتلىك كۈرىنىدىكەن ئۇلار نىڭ سىماسى ئاشۇ ھەيۋەتلىك ساقىلى مۇسۇلمانلارغا خاس سەلىسى ئۇلارنى تېخىمۇ ئۇلۇغ تېخىمۇھەيۋەتلىك ھىس قىلدۇرىدۇ.(مەن ئۇلارنى سەلىسى ۋە ساقىلى ئۇلۇغ قىلغا ن دىمەكچى ئەمەسمەن) ئۇلار نىمە دىگەن غالىپ ھەم نىمە دىگەن قاملاشقان ئادەملەر ھە .ئۇلارنىڭ بىزگە تىكىلىپ تۇرغان بىر جۇپ كۈزى نىمىلەرنى ھىس قىلدۇرىدۇ .بىزدىن نىمىلەرنى كۈتىدىغاندۇرھە،بىزنىڭ ئاشۇ سەلىسىنى ئېلىپ تاشلىۋېتىشىمىزنى خالىمايدىغاندۇ .خاتىرجەم بۇلۇڭلار بىز ئۇرەسىمغا دۇپپا كىيگۈزسەكمۇ سەللە كەيگۈزسەكمۇ بەرى بىر ئۇيغۇر
خۇش ،بىز نەزىرىمىزنى تارىخىمزغا ئاغدۇرۇپ باقايلى ئۇيغۇر تارىخىدا نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان نامى يۇقالمىغان ئۇلۇغ زاتلىرىمىزغا قارايدىغان بولساق نىمىنى ھىس قىلىمىز نەخ گەپنى قىلساق بىزنىڭ تارىخىمىزغا زور تەسىر كۆرسەتكەن خاققانلىرىمىز يازغۇچى مۇتەپپەككۇر ئالىملىرىمىز دۆلەت ئەرباپلىرىمىز بولسۇن.چاقچاقچى ھازىر جاۋاپ كىشىلىرىمىز بولسۇن ھەممىسى سەللە ئورىغان ھالەتتە تەسۋىرلەنگەن .مەھمۇت قەشقىرى يۇسۇپ خاس ھاجىپتىن باشقا .ئەلىشىر ناۋائى.فارابى بىزنى ئىسلامغا يىتەكلىگەن بۇغراخان .سولتان ئابدىرشىتخان .سولتان سەئىدىخان .بابۇرخان .قۇتلۇق شەۋقى نەسىردىن ئەپەندى .موللازەيدۇن .قاتارلىق مەرھۇملىرىمىز سەللە ئۇراپ جاھان سۇراپ كەلگەن بىزنىڭ ئاتا بوۋىمىز ھەم يات ئەللەرنىڭمۇ ئەقلىنى ھاڭ تاڭ قالدۇرغان بىرەرسى چىش يىرىپ ئۇلارنىڭ سەللىسى باركەن ئۇيغۇر ئەمەس دوپىپسى بولسا ئۇيغۇرسەللە دىگەن ئەرەپنىڭ باش كىيىمى دىگەن گەپنى قىلمايدۇ ئۇلارنىڭ ئۇچۇقتىن ئۇچۇق ئۇيغۇر ئىكەىنلىكىنى ئىتراپ قىلدىغۇ .بىز سەللىنى ئەرەپنىڭ دەپ نىمىگە ئىرىشمەكچى سەللە مۇسۇلماننىڭ ئۇيغۇر دىمەك مۇسۇلمان دىمەكتۇر دوپپا ئۇيغۇرغىلا خاس بولسا نىمشقا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەر دوپپا كىيىدۇ بۇنى ئويلاڭ ئەرەپلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ سەللە يۆگەش ئادىتى ئوخشامدۇ بۇنى ئويلاڭ سەللە ئەرەپنىڭ دىگۈچىلەر ئۇيىڭىزدە سەللە بولسا قاراپ بېقىڭ سەللىنىڭ ئىچىدو نىمە باركەن دوپپا بار قېرىنداشلىرىم .سەلىنىڭ ئاساسلىق رولى غازات مەزگىلدە ئاخىرەت تون ئورنىدا ئىشلەتكەن ئاددىسى بىز ئۇيغۇرلار غازات قىلمىغانما شېھىت بولمىغانما بولغان شۇڭا سەللىنى ئەرەپكە خاس ئەمەس مۇسۇلمانغا خاس باش كىيىم دىسەك خاتا بولماس ئاشۇ ئۇلۇغلىرىمىزمۇ مۇسۇلمانلار. بۇنى ئويلايلى.
ھازىرغا نەزەر سالايلى بىز رەسىمىمىزنى سىزىش ئەمەس تەرەققى قىلغان زاماندا رەسىمگە چۇشتۇق دەيلى ھازىرقى رەسىمدە دوپپابارمۇ يوق. ساقال بارمۇ يوق ،ياغلىق بارمۇ يوق،ئەرلىرىمىز كۇسايالاڭباش (تويىمىزدادوپپا كىيىپ رەسىمگە چۇشكەننى ھىساپقا ئالمىغاندا) .ئاياللىرىمىز ئەۋرىتىنى ئېچىپ قۇيۇپ رەسىمگە چۇشۋاتىمىز (ئىسلامدا ئاياللارنىڭ چېچى ئەۋرەتكە كىرىدىكەن)بۇنى دىگىلى ئادەم يوق يەنە ئەجدادتلىرىمىز كىيگەن سەللىنى ئەرەپنىڭ دەپ ئۇلانىڭ رەھىنى قۇرۇندۇرساق ياغلىقىنمۇ ئەرەپنىڭ دەپتۇ تېخى بەزى تورداشلىرىمىز بىز بۇنداق دەپ بەرسەك دوپپىنى كىيگلى قۇيمىسا سەللىنى ياغلىقنى ئەرپنىڭ دەپ چەتكە قاقساق بىز نىمىنى كىيىمز دەڭلار قېنى .كىيىنكى ئەۋلاتلىرىمىز غا باشقىلار ھازىرقى رەسىمىمىزنى كۆرسىتىپ بۇقايسى مىللەت دىسە نىمە دەپ جاۋاپ بىرەر مۇسۇلمان دەرمۇ .ئادم دەرمۇ. ئىنسان دەرمۇ. ياكى جۇڭخۇا مىنزۇ دەرمۇ .ئۇيغۇر دىسە يېقىملىق ئاڭلىنار ھەقىچان .ئۇيغۇر دىگەن مىللەت نامىدا كىيىنىكى ئەۋلاتلارنىڭمۇ ھەققى باردۇر قېرىنداشلىرىم.
مەنبە :ئۈزەم
|
|
|
|
|
|