گۇناھ -مەئىسىيەتلەردىن يىراق تۇرايلى
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
بارلىق گۈزەل ماختاشلار تەقۋالىق بىلەن ئىتائەت قىلغۇچىنى ئىززەتلىك قىلغان، ئۆزىنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى خار قىلغان ئاللاھغا خاستۇر. ئاللاھنى ھىچ قانداق شېرىكى يوق، يەككە - يىگانە دەپ، ئاللاھ ئۆزى تاللىغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن، ئى ئاللاھ! سەندىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلەرگە ۋە قىيامەتكىچە ئۇلار نىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت، مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز.
ئى مۇسۇلمانلار!ئاللاھغا ھەقىقى تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ئاللاھغا تائەت -ئىبادەت قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىسىلەر.
ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « ئى مۆمىنلەر! ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ھەر ئادەم ئەتە (يەنى قىيامەت كۈنى)ئۈچۈن (ياخشى ئەمەللەردىن)نېمىلەرنى تەييارلىغانلىقىغا قارىسۇن، ئاللاھدىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر». ھەشىر 18-ئايەت.
ئى مۇسۇلمانلار!بىلىڭلاركى، گۇناھ -مەسىيەت دېگەن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشى چىقىشتۇر، گۇناھ - مەسىيەتلەر ناچارلىق ۋە پاساتچىلىق جەھەتتە پەرقلىق بولۇپ، بۇ گۇناھلارنىڭ بەزىسى بەزىسىدىن كاتتا بولىدۇ، گۇناھنىڭ چوڭى بولسۇن ياكى كىچىكى بولسۇن ھەممىسى يامانلىق - ناچارلىقتىن ئىبارەت. سىلەر گۇناھكار بولۇپ قىلىشتىن ھەزەر قىلىڭلار، ئائىلە - پەرزەنتلىرىڭلارنى ۋە سىلەر ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىمۇ بۇنىڭدىن ھەزەر قىلىشقا تەۋسىيە قىلىڭلار. ئاللاھغا تەۋبە قىلىپ دىندا مۇستەھكەم تۇرۇش بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابىغا ئۇچراپ قىلىشتىن ساقلىنىڭلار. دۇنيادا شەيتانلارنىڭ يولىغا ئەگىشىپ ئاللاھغا ئاسىيلىق قىلىپ زىيان تارتقۇچى كىشىلەرنىڭ قىلمىشىدىن ئىبرەت ئىلىڭلار. باشقىلارغا ۋەز - نەسىھەت قىلىپ ئۆزىنى ئۇنتۇپ قالغان ياكى باشقىلارنىڭ ۋەز - نەسىھەت قىلىشىغا مۇھتاج بولۇپ قالغان كىشىلەرنىڭ ئىشلىرىدىن ئىبرەت ئىلىڭلار.
گۇناھ -مەسىيەتنىڭ ئەڭ قاتتىق ئازابلىرىنىڭ بىرى قەلبنىڭ پېچەتلىنىپ تامغا بېسىلىشى، غەپلەتتە قىلىشى، يوقىلىشى، بۇزۇلۇشى ۋە قاراڭغۇلۇقتا قىلىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنداق قەلب ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى، ناچار - قەبىھلىك بىلەن گۈزەللىكنى پەرق ئەتمەيدۇ، گۇناھ - مەسىيەتلەرنى ياخشى كۆرىدۇ، تائەت - ئىبادەتنى ياقتۇرمايدۇ.
ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! گۇناھ - مەسىيەتتىن ھەزەر قىلىڭلار، زىيان تارتقۇچىلارمۇ مۇشۇ سەۋەپتىن زىيان تارتقان، ياخشىلىقلاردىن مەھرۇم بولغۇچىلارمۇ گۇناھ -مەسىيەتنىڭ سەۋەبىدىن ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچراپ ياخشىلىقلاردىن مەھرۇم بولغان.
ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ چەكسىز رەھمىتى ۋە ھېكمىتى بىلەن بەندىلەردىن تەۋبە قىلىپ ئۆزى تەرەپكە قايتقۇچىلارنى، كەچۈرۈم تەلەپ قىلىپ، قىلمىشىغا پۇشايمان يېگۈچىلەرنى، دائىم تائەت -ئىبادەتتە بولۇپ ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېھتىياجلىقىنى ئاشكارا قىلغۇچىلارنى، ئەپۇ تەلەپ قىلىپ يىلىنغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.سەھىھ مۇسلىمدا بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:«مىنىڭ جېنىم قولىدا بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر سىلەر گۇناھ قىلمىساڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا بىر خەلقنى پەيدا قىلاتتى، ئۇلار گۇناھ قىلىپ ئاللاھدىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلاتتى، ئاللاھ ئۇلارنى ئەپۇ قىلاتتى».
ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ياخشىلىقنى تائەت - ئىبادەت قىلىش، گۇناھ - مەسىيەتتىن يىراق بولۇش، سەمىمىيەتلىك بىلەن ھەقىقى تەۋبە قىلىش ئارقىلىق تەلەپ قىلىڭلار،ئاللاھنىڭ ئاشكارا - يوشۇرۇن نېمەتلىرىگە شۈكرى ئېيتىڭلار.
ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: « ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭلار: «نېمىتىمگە شۈكرى قىلساڭلار، (ئۇنى) تېخىمۇ زىيادە قىلىمەن، ئەگەر ( نېمىتىمگە كۇفرى) قىلساڭلار، مېنىڭ ئازابىم، ئەلۋەتتە، بەكمۇ قاتتىق بولىدۇ»دەپ جاكارلىدى ». ئىبراھىم 7-ئايەت،
بىلىڭلاركى!ئاللاھ تائالا سىلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت ئېيتىشقا بۇيرۇپ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېدى: « ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ. ئى مۆمىنلەر! سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇت ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار». ئەھزاب 56-ئايەت.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:«كىمكى ماڭا بىرقېتىم دۇرۇت ئېيتسا، بۇ دۇرۇتنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭغا ئون ھەسسە رەھمەت قىلىدۇ».
ئى مۆمىنلەر!بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ يولباشچىسى، ئىلگىركى ۋە كىيىنكى كىشىلەرنىڭ خوجىسى بولغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كۆپلەپ دۇرۇت ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار.
ئى ئاللاھ!پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا رەھمەت، مەغپىرەت قىلغاندەك رەھمەت، مەغپىرەت قىلغىن، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلغاندەك بەرىكەت ئاتا قىلغىن.
ئى ئاللاھ! سەندىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت، مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز.
ئى ئاللاھ! بىز نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن، ئەممەللىرىمىزنىڭ ناچارلىقىدىن، سەندىن سېغىنىپ پاناھلىق تەلەپ قىلىمىز. بىزنى ھەرقانداق يامانلىق قىلغۇچىنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىغىن.
مەنبە ساقلىۋالغانلىرىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ihsanjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-9 02:43 PM