ئەبجەش سۆزلەرنى تىزىملاپ توغرىلاش خىياللىرى
ئەركيار
رايۇنىمىزدا بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈش،بىللە خىزمەت قىلىش،شۇنداقلا ئوقۇش-ئوقۇتۇش ۋە ئۆز-ئارا ئالاقە پائالىيتىمىز جەريانىدا يېقىنقى بىرقانچە يىللاردىن بۇيان خەنزۇتىلىنىڭ تىلىمىزغا بولغان تەسىرى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە(ئېنتىرنىت،گېزىت-ژۇرناللاردىكى ئىنكاسلار،ئىتوت قىلىپ ئوينىلىپ سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغانلىقى قاتارلىق ۋەقەلەر بايانىمىزنىڭ دەلىلى) ۋە بىرقىسىم ھېچقايسى تىلغا تەۋە بولمىغان «ئەبجەش» سۆز -ئاتالغۇلار مەيدانغا كەلمەكتە. كىشىلەرمۇ بۇخىل ئەھۋالغا بارا-بارا دېققەت قىلماقتا. مىسالەن: كىملىك(خەنزۇچىسى-شېن فېن جېڭ)-شىمپىنجى،لەغمەن(خەنزۇچىسى ـ بەنمىيەن)ـ بەيمىيەن،كومپيۇتېر(خەنزۇچىسى ـ دىيەنناۋ)ـ دەننو،...ۋەھاكازالار.گەرچە ئۆز-ئارا تىل ئۆگىنىش كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى كۈچەيتىدىغان ئەڭ مۇھىم ئۇسۇللارنىڭ بىرى بولسىمۇ، بۇنداق سۆزلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى نورمال ئالاقىگە زور توسالغۇلارنى پەيدا قىلىدۇ ياكى بەزى ئۇقۇشماسلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ.شۇڭا،بۇ ھەقتە ئىلمىي ئىزدىنىش ئىجتىمائى ئالاقە نۇقتىسىدىن بولسۇن،تىلنىڭ نىسبىي ساپلىقىنى قوغداش نۇقتىسىدىن بولسۇن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى بەزى خىياللىرىمنى كەڭ ئۇقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن ھەم ئۇلارنىڭ بۇ مەسلىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەھمىيتى: نۆۋەتتىكى ئۇچۇرلىشىش،ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ كۈچىيىپ بېرىشى، ئىقتىسادىي پائالىيەتنىڭ ئاساسى پائالىيەت نۇقتىسىغا ئايلىنىشىدەك مۇرەككەپ دۇنياۋى مۇھىتتا ئۇيغۇرتىلىنىڭ نىسبىي ساپلىقىنى،تىل بايلىقىمىزنى ۋە تىل مىراسلىرىمىزنى قوغداپ قېلىش ۋە ئەۋلادلارغا پاكىزە يەتكۈزۈش.
قەدەم-باسقۇچلار:
1.نۆۋەتتە (بۇنىڭدىن بۇرۇن) ھەرخىل سۇرۇنلاردىكى خەنزۇچە ئاتاپ كۆنۈپ قالغان سۆزلەرنى كۆرۈلۈش نىسبىتىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ تىزىملاپ چىقىش.
بۇنى تىزىملاشنىڭ ئۇسۇللىرىدىن تۆۋەندىكىلەرنى سىناپ بېقىشقا بولىدۇ:
بىرىنچى،ئىختىيارەن تىزىملاش.بۇنىڭدا تورنىڭ رولى چوڭ بولىدۇ.ئوخشاش بولمىغان بىلىم سەۋىيە،ئوخشاش بولمىغان قاتلامنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بۇ ئۇسۇلنى تېخىمۇ جانلاندۇرىدۇ.بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئەبجەش سۆزلۈكلەرنى توپلاپ ۋە ئۇنى مۇئەييەن ئۆلچەم بويىچە(ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى قاتارلىق ھەرخىل لۇغەتلەر،ئۇيغۇرتىل ئادىتى،ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قانداق ئاتاپ كەلگەنلىكى،...قاتارلىقلارنى پايدىلانما قىلىشقا بولىدۇ) توغرىلاپ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خۇلاسىلەش ئېلىپ بېرىش.
ئىككىنچى،ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە تۈركۈم سۆزلەر لۇغىتىدىن ياكى تىل ئۆگىنىش كىتابلىرىدىكى ئوخشاش بولمىغان سورۇنلاردىكى دىئالوگلارنى تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلىدىن جانلىق پايدىلىنىلسا بولىدۇ. مەسىلەن:
ئائىلە:
خىزمەت:
ئاممىۋى سورۇنلار(يېمەك-ئىچمەك،كۆڭۈل ئېچىش،قاتناش قاتارلىقلار)
مائارىپ:
سودا-سېتىق:
تۇرمۇش سۆزلىرى:
ئاتالغۇلار:
يېڭى كىرگەن سۆزلەر:
دوختۇرخانا:
ۋەھاكازالار.
ئۈچىنچى،بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلدىن باشقا تېخىمۇ ئەۋزەل ئۇسۇللار
2.تىزىملىك ئۇنىۋېرسال توغرا ئۆلچەم بويىچە قايتا-قايتا تەكشۈرۈپ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىشچانلىقى،ئىپادىلەشچانلىقى،ئاممىباپلىقى بېكىتىشتىن ئۆتكەندىن كېيىن «سۆزتوغرىلاش رىسالىسى»دېگەنگە ئوخشاش ناملار بىلەن كىچىك قوللانما قىلىپ ئاشكارا تارقىتىش ۋە ئۇمۇملاشتۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش.
3.بۇ قېتىمقى تىزىملاش-توغرىلاش تاماملانغاندىن كېيىن،لۇغەت تەركىبىمىزدىكى قايسى كەسىپ،قايسى ساھەنىڭ،قايسى قاتلامنىڭ سۆزلۈك ئاسمىلاتسىيسىنىڭ تېز بولىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ سەۋەبلىرى،ئاجىز ساھەلەردىكى يۇچۇقلار ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەش،ئالدىنى ئېلىش چارىلىرى ئۈستىدە ئىلمىي تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇش.
4. بۇ لايىھەنىڭ تارىخى ئەھمىيتى، جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە باشقا ساھەلەردىكى ئەھمىيتى ئۈستىدە ئويلىنىش
5.بۇ لايىھەنىڭ كەمتۈك تەرەپلىرى ۋە ئۇنى تولۇقلاش ھەققىدىكى تەكلىپ-پىكىرلەر
6. لايىھىنى تېخىمۇ كونكېرتلاشتۇرۇش ۋە تەپسىلاتلار بويىچە سىناپ كۆرۈش
7.ئۇمۇمى خۇلاسە
بۇلار پەقەت خىيال.ئىلمىيلىقتىن ۋە رېئاللىقتىن چەتنىگەن تەرەپلىرىدىن ئۆزرىلىكمەن.
2013-يىلى3-ئاي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا baywetqe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-9 04:22 AM