ئەنگىليە "پۇل مۇئامىلە گېزىتى"نىڭ مۇخبىرى جىمىئوۋنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋرى:
يەرشارىدىكى ئەڭ ئاخىرقى كومپارتىيەچوڭ دۆلىتىنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنى شەك شۈبىھسىزكى يەرشارىدىكى بايلار ئەڭ مەركەزلەشكەن قانۇن چىقىرىش ئورگىنى ئىكەن.كەڭ تارقالغان بىرپارچە بايلار تىزىملىكىگە ئاساسلانغاندا بۇ يىلىقى "ئىككى يىغىن "ۋەكىللىرى ئىچىدە 83نەپەر ئادەمنىڭ بايلىقى 1مىليارىد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىكەن.
ئونىڭغا سېلىشتۇرغاندا ئامېرىكائاۋام پالاتاسى بىلەن كېڭەش پالاتاسىدىن بايلىقى 100مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان بىرمۇ پارلامېنىت ئەزاسىنى تاپقىلى بولمايدىكەن،پەقەت ئەڭ باي سانىلدىغىنى تېكساس شىتاتىدىكى جومھوريەتچى پارلامېنىت ئەزاسى مىخائىل.مىكولنىڭ بايلىقى تەخمىنەن 500مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىغا يىتىدىكەن.
باش شىتابى جوڭگوغا جايلاشقان خۇرۇن يەرشارىدىكى بايلار تىزىملىكىگە ئاساسلانغاندا مۇشۇ ھەپتە بېيجىڭنىڭ مەملىكەتلىك خەلىق قورۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر ئىچىدە 31ئادەمنىڭ مۈلىكى 1مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كېتىدىكەن. ئەڭ باي بولغان خەلىق قورۇلتىيى ۋەكىلى جوڭگو ئىچىملىك ئىشلەپچىقىرىش شاھى ۋاخاخانىڭ قۇرغۇچىسى زۇڭچىڭخوۋ بۇلۇپ ئۇنىڭ مۈلىكى تەخمىنەن 13مىليارىد دوللاردىن ئاشىدىكەن.
مەملىكەتلىك خەلىق قورۇلتىيىنىڭ ۋەزىپىسى ھاكىميەت يۈرگۈزلۈۋاتقان كوممۇنىستىك پارتىىيە تاپشۇرغان قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلاشتىن ئىبارەت ،بىراق ئەمەليەتتە خەلىق قۇرۇلتىيى رەسمىيەت خارەكتىرلىك رول ئوينايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سىياسىي كېڭەش ۋەكىللىرى ئىچىدە 52ئەزانىڭ بايلىقى 1مىليارىد دوللاردىن ئاشىدىكەن،مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەمەلىي ھوقۇقى بولمىغان كېڭەش ئورگىنى بۇلۇپ ھەريىلى 3-ئاينىڭ بېشىدا خەلىق قورۇلتىيى يىغنى بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېچىلىپ تەخمىنەن 2ھەپتە داۋام قىلىدۇ.
جوڭگونىڭ يۇقۇرى قاتلام ۋەكىللىرىنىڭ مال-مۈلىكىنى ئاشكارلاشنىڭ قىيىنلىق دەرجىسىگە قاراپ تەھللىچىلەر ئىككى يىغىن ۋەكىللىرى ئىچىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بايلارنىڭ ھەقىي ساننىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە مۆلچەرلىگەن بۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. خۇرۈننىڭ دوكىلاتىغا قارىغاندا بۇيىل مۈلىكى 1مىلياردىتتىن ئاشىدىغان ئىككى يىغن ۋەكىللىرىنىڭ سانى ئۆتكەن يىلدىكىدىن %17ئاشقان. ئۆتكەن يىلى بايلىقى 1مىليارىتتىن ئاشىدىغان خەلىق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىردىن 37،سياسىي كېڭەش ۋەكىللىرى 43نەپىرى بارئىدى.
جوڭگونىڭ ئاتاقتىكى باراۋەرلىك تۈزۈمىدە ھوقوق بىلەن غايەت زور بايلىقىنىڭ بىرلىشىپ كېتىشى بىر سەزگۈر تىما بۇلۇپ كومپارتىيە رەھبەرلىرى بۇ مەسلە مۇقۇملۇقنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرتىشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ.ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ج ك پ باش شۇجىلىق ۋە مەركىزى ھەربىي كومتېت رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۋالغان ،3-ئاينىڭ 17-كۈنى خەلىق قورۇلتىيى ئاياقلىشىشىتىن ئىلگىرى دۆلەت رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى رەسمىي ئۆتكۈزۋالدىغان شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۈرۈپ ئۇزاق ئۆتمەي ھەشەمەتچىلىك ۋە چىرىلىككە زەربە بېرىش ئىرادىسىنى نامايەن قىلدى.
بىراق بۇخىل تىرىشچانلىقلار جوڭگونىڭ بايلىرىنى سەگەكلەشتۈرۈپ ئۇلارنى ئىلگىركى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك سىياسىي مۇنبەردىكى ئورنىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە دەۋەت قىلىشى مۇمكىن. ھۆكۈمەت ئەقىل ئامبىرى-جوڭگو ئىجىتمائى پەنلەر ئاكادىمىيسىنىڭ تەتقىقاتچىسى فېڭ شىڭيۈەن شۇنداق دەيدۇ:"بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز ھاكىممۇتلەق،ئۇنىڭ ھەربىر ئادەمنىڭ بېشىغا ساڭگىلىتىغلىق بىردىن پالتىسى بار ،بۇ كىمنىڭ بېشىغا تىگىدۇ،بۇنى ئەمەلدارلار قارار قىلىدۇ."
سودىگەرلەر غايەت زور بايلىق توپلىۋالغاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ بايلىقىنى قوغداش ئۈچۈن بىر ۋاكالەتچى تېپىشى ياكى ئۆزى ئەمەلدار بۇلۇشى كېرەك ئىكەن.
"قارشى ئېلىنۋاتقان يەنە بىرخىل تاللاش چەتئەل پاسپورتىنى ئېلىش بۇلۇپ بىز كۆپلىگەن سىياسىي كېڭەش ئەزالىرنىڭ چەتئەل تەۋەلىكىگە ئۈتۈپ بولغانلىقىنى كۆردۇق."
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەڭ باي 3نەپەر ئەزاسى شاڭگاڭلىق بايلارنىڭ ئوغۇللىرى . ئاسىيادىكى تۈنجى باي لىجىياچىڭنىڭ ئوغلى لىزىجۈ تىزىملىكنىڭ ئەڭ بېشىدا بۇلۇپ ئۇنىڭ مۈلىكى تەخمىنەن 32مىليارد دوللارغا يىتىدىكەن.
خۇرۈننىڭ دوكىلاتىغا قارىغاندا 83 نەپەر ئەڭ باي ئىككى يىغىن ۋەكىللىرىنىڭ ئوتتورچە بايلىقى 3مىليارد350مىليۇن دوللار بۇلۇپ جوڭگو شەھەرلىرىدىكى مائاشلىقلارقاتلىمنىڭ يىللىق ئىش ھەققى بولسا 7مىڭ دوللارغا يەتمەيدىكەن. باش شىتابى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتونغا جايلاشقان "سىياسىيغا ئىنكاس قايتۇرۇش مەركىزى"نىڭ دوكىلاتىغا قارىغاندا :ئامېرىكىدىكى ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسى ئەزالىرى ئىچىدىكى ئەڭ باي 83نەپەر پارلامېنىت ئەزاسىنىڭ ئوتتورچە بايلىقى 56مىليۇن 400مىڭ دوللارغا يىتىدىكەن.
دوونيادىكى ئەڭ چوڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىننىڭ 3000گە يېقىن ۋەكىلى،سىياسىي كېڭەش 2200دىن ئارتۇق ۋەكىلى باركەن.
مەنبە: خەنزۇچەبىرلەشمە ئەتىگەنلىك خەۋەرلەرگېزىتىدىن تەرجىمە قىلندى
تور ئادىرسى:
http://www.zaobao.com/wencui/2013/03/ft130308a.shtml
ئەسكەرتىش: مەزكۈر يازماپەقەت ئەسلى خەنچە مەنبەدىن تەرجىمە قىلنىپ مۇنبەرگە سۇنۇلغان بۇلۇپ ئوتتورغا قۇيۇلغان گەپلەر ئەسلى ئاپتۇرنىڭ مەيدانىغا ۋەكىلىك قىلىدۇ. مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز.تورداشلارنىڭ ئېھتىياتچانلىق بىلەن قالايمىقان ئنكاس يازماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-9 03:42 AM