|
|
|
|
تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭدىكى ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى 7-مارت كۈنى ئۇنىڭغا ئولىشىۋالغان دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى تاراتقۇ مۇخبىرلىرىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دىگەن:
ئىچكىرىدە تىجارەت قىلىۋاتقان مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار قانۇنغا رېئايە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ . ئازدۇر-كۆپتۇر يامان ئادەملەر ھەممە يەردە ۋە ھەرقانداق ئادەم توپى ئىچىدە بار.ناھايىتى ئاندا ساندا ئۇچرايدىغان ۋەقە ھادىسىلەرگە ئېسىلىۋېلىپ پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىنى ھاقارەتلەشكە ۋە ئۇلارغا قارا قارا سۇۋاشقا بولمايدۇ. بىز بۇنى قوبۇل قىلالمايمىز ۋە قەتئىي كەچۈرمەيمىز.
ئۇ يەنە تەكىتلەپ مۇنداق دىدى: شىنجاڭلىقلارغا ئالاقىدار تالاش-تارتىشلارنىڭ نۇرغۇنلىرى ھەمىشە تورلاردا يامان غەرەز بىلەن كۆككە كۆتۈرىلىپ تەشۋىق قىلىنىپ كەلدى.بەزى تورچىلار يامان نىيەت بىلەن دېلو ئويدۇرۇپ «كۆزى ئوچۇق تۇرۇپ قارغۇلارچە گەپ ساتتى» ھەمدە جەمىيەت ئىناقلىغىغا پايدىسىز بولغان ئۇچىغا چىققان گەپ سۆزلەرنى تارقاتتى. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ شىنجاڭنى ۋە شىنجاڭلىقلارنى قەتئىي چۈشەنمەيدىغانلىقىدىن بولغان.
ئۇ يەنە مۇنداق دىدى: ئېنتېرنېت تورىدىكى شىنجاڭلىقلارغا قارىتىلغان ئۆتكۈر تەنقىد ۋە تىل ئاھانەتلەر ناھايىتى ئاز ساندىكى يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ پەردە ئارقىسىدا قۇتراتقۇلۇق قىلىشى ۋە پىتنە ئىغۋا تارقىتىپ جوڭگودىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش سۈيىقەستىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
مەنبە: http://bbs.izdinix.com/showpost. ... hreadID=53035#Inkas
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-3-9 10:56 AM):
تورداشلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇچۇن ئىلمى ئىنكاس يىزىشنى سورايمەن
|
|
|
|
|
|