يىتەر
ئەي ئۇيغۇرۇم تالاشتۇق كۆپ كىم جوھۇت، كىم مۇسۇلمان؟
تالاش تارتىش ئەۋجىدىنمۇ ئىتتىپاقلىق بۇزۇلغان.
سەن بىزلەرگە نىمە قويدى جازا ۋە نەپ ئاللاھتىن
نەزەر سالساڭ بارچە بىرلىك ئىتپاقلىقتىن قۇرۇلغان.
مەدەنيەتنىڭ ئىزناسىنى كۆرمىگەندە مىللىتىڭدە،
ئۇيغۇر ئايان بولمىسا ھەم شۇ جىلۋىگەر سۆلىتىڭدە.
قانداق سىنى ئۇيغۇر دەيمىز تىنىپ كەتتىڭمۇ ياكى
ئەللىك يەتتە بولۇپ كىتىپ ياشىدىڭمۇ دۆلىتىڭدە.
ئەرەبمۇ سەن ئۇيغۇرمۇ دەپ چىقسا بىر قىز تىغ كۆتۈرۈپ،
چىقتى كۆپلەپ چالا موللام ئوقياسىنى بەتلەپ تازا.
سوراي سەندىن ھەي موللاملار مىللەت نىم؟ دىن ھەم نېمە؟
بىلمەي تۇرۇپ جۆيلىمەڭلار بۇ بىر مۇنبەر ، ئەمەس بازا(ر).
يىتەر بولدى مۇسۇلمانغا ياراشمايدۇ غەيۋەتچىلىك،
يەنە يازسام مىسرانىمنى قاپلىمىسۇن مەينەتچىلىك.
مەن مۇسۇلمان دەيسەن نىچۈن بىر ۋاخ ناماز بەجايى يوق
ئىنكار قىلساڭ مىللىتىڭنى ئەقىل-ئىدراكىڭ قانچىلىك؟
ئىچىپ بىرنىڭ ئەيبلىرىنى سۆزلىسەڭ گەر جامائەتكە،
تىللايدىكەن بارچە بىردەك سىنى ئۈندەپ جاھالەتكە،
ھەيران قالما سۆزلىرىمگە غەيۋەت ئۆزى جاھالەتتۇر
ئەمدى يىتەر تەۋبە قىلغىن باشلار سىنى سائادەتكە.
2013-يىلى3-ئاينىڭ8-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-8 07:01 PM