مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3097|ئىنكاس: 55

مېنىڭ دەلدۈش ئانام(مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىگە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87856
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3579
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 06:00:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                            مېنىڭ دەلدۈش ئانام
                                                        (لوقمانجان ھوشۇر)
ئاخشامقى كىنونىڭ فانتازىيلىك جەريانلىرىدىكى قىزىقارلىق كۆرنۈشلىرىدىن تېلىۋىزورنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كېتىپ قاچان ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن.كېچىدىكى ئەنسىز جىرىڭلىغان تېلىفون قوڭغىرىقى مېنى خېلى ئۇزاققىچە ئويغۇتالماپتۇ.بىر ۋاقىتتا قۇلاق تۇۋىمدىكى بۇ مەخلۇقنىڭ زۇۋانىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن،بېسىۋەتمەكچى بولۇپ قولۇمنى سوزۇشۇمغا تېلفون يەرگە چۈشۈپ كەتتى.ئۇيقۇچىلىقتا كارۋىتىمنىڭ تېگىنى سىلاپ يۈرۈپ تېلفوننى تاپتىم.تېلفون ئىكرانىدا كۆرنىۋاتقىنى تېلفوننىڭ ئويغىتىش قوڭغىرىقى بولماستىن،جەنۇپتىكى تۇققانلارنىڭ نومۇرى ئىدى. يېرىم كىچىدە قايتا-قايتا ئۈرۈلغان تېلفون مېنى خىلى سەگىتىۋەتتى-دە،چۈچۈپ تېلفوننى ئېلىشىمغا قارشى تەرەپتىن بىر مۇنچە ئاياللارنىڭ يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى.
-ۋەي كىمۇ؟ۋەي.. گەرچە ئۇرۇلغان تېلفوننىڭ نەۋرە ئاكامنىڭ ئىكەنلكىنى بىلسەممۇ،بىر شۇملۇقنى سەزگەن يۈرۈكۈم قالايمىقان سېلىپ،كىمۇ؟كىمۇ؟ دىگەن سۆزنىلا تەكرارلىيالىدىم.بىردەمدىن كىيىن نەۋرە ئاكامنىڭ يىغا ئارىلاش<ئانام بىزنى تاشلاپ كىتىپ قالدى ئۇكام>دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ،سەكرەپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم.
-نېمە؟تېلفون تۇتقان قوللىرىم بوشوشۇپ،بوغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بوپ قالدىم.
ئانا!جىنىم ئانا!مېنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قەدىرلىك،ئەڭ گۈزەل ئانام. مېنى تاشلاپ مۇشۇنداقلا كېتىپ قالدىڭىزمۇ جېنىم ئانا!خېلى بىر ھازاغىچە يىغلاپ ئۆزۈمنى پەقەت تۇتىۋالالماي قالدىم.كۆرۈشمىگىلى ئۈچ يىل بولغان ئاشۇ رەھمەتلىك مېھرىبان ئانامنىڭ بىرەر قېتىم بولسىمۇ قوللىرىغا سۆيۈپ،قورۇق باسقان يۈزلىرىنى كۆزۈمگە سۈرتىۋالالمىغانلىقىم ئۈچۈن مىڭلارچە پۇشايمان.بىر نەچچە يىلدىن بېرى يىغىلىپ قالغان ياشلىرىم بولسا كېرەك،ھېچ توختايدىغاندەك ئەمەس.ھىقىقداپ يىغلىغان پېتى ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇمدە،تاھارەت ئېلىپ ۋاقىتسىز كېتىپ قالغان ئاشۇ سۆيۈملۈك ئانامنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇشقا باشلىدىم.قۇرئاننى ئوقۇغانسېرى يىغا بېسىپ پات-پات ياش پەردىلىرى كۆزۈمنى خىرەلەشتۈرەتتى.مېھرىبان ئانامنى بىر ئۆمۈر پۇشايمان قىلمىغىدەك بېقىۋالالمىغانلىقىم،بىزنى ۋاقىتسىز تاشلاپ كېتىپ قالغانلىقىدىن بەكرەك ئۆكۈنۈشكە سالاتتى.
بەلكىم ئوقۇرمەنلىرىمىز يۇقىرقى قۇرلارنى ئوقۇۋىتىپ،ئۈچ يىلغىچە دىدارىنى كۆرۈشكە پۇرسەت چىقىرالمىغان بۇ ۋاپاسىزنىڭ ئۆلگەندە <سۈرە ياسىن >ئوقۇغاننىڭ نېمە پايدىسى دەپ ئويلاۋاتقاندۇ.شۇنداق،مەن ھەقىقەتەن ۋاپاسىز ،ھەقىقەتەن تاش يۈرەك،جېنىم ئانا ۋاپاسىز ئوغلىڭىزدىن رازى بولغايسىز.
بۇ يەردە ئوقۇرمەنلىرىمىزنى ۋاقىپ قىلىشقا تېگىشلىك بىر ئىش شۇكى،يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان مەزكۇر <ئانا>مېنى تۇغۇپ چوڭ قىلغان ئۆز ئانام بولماستىن،دادامنىڭ بىر تۇققان سىڭلىسى گۈلنىساخان ئانام ئىدى(ئەلۋەتتە تۇغۇشتىن باشقا ھەممە ئىشتا بۇ ئانىنىڭ ھەسسىسى ساناقسىز).ئىكران يۈزىدە ئاشۇ ئانىنىڭ بىر ئۆمۈر تارتقان جەۋرى-جاپالىرىنى دوستلار بىلەن ئەڭ قىسقا شەكىلدە ئورتاقلىشىشىمىز ئۈچۈن گەپنى يەنىلا بالىلىقتىن باشلاشقا توغرا كىلىدۇ.

مەن ئېسىمنى بىلسەممۇ چاچلىرى چۇۋۇق،گۈللىرى ئۆچكەنلىكتىن ئەسلى رەڭگىنىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان كونا ياغلىقىنى ئالدىدىن چىگىۋىلىپ،گەپ سورىمىسا بىر كۈن-بىر كۈن زۇۋان سۈرمەيدىغان ئاشۇ دەلدۈش ئانامنى ئائىلىمزنىڭ بىر ئارتۇق ئەزاسى سۈپىتىدە كۆرەتتىم.شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئادەم بار يەردە ئۇنى چاقىرىشتىن خېجىللىق ھىس قىلاتتىم.لىكىن بۇ ئاناممۇ قېرىشقاندەك،مەكتەپكە سومكامنى ئېسىپ ماڭغىنىمدا ئەگىشىپ كەينىمدىن چىقسا،دەرىستىن چۈشكىنىمدە بولسا قىلغىلى باشقا ئىشى يوقتەك يىراقتىن كىلىشىمنى ساقلاپ تۇراتتى.بۇ قىلىقىدىن تولا زېرىكىپ كىيىنكى كۈنلەردە ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىللە قايتىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماس بوپ قالدىم.شۇنداقتىمۇ دوستلۇرۇمنىڭ زاڭلىق قىلىپ كۈلۈشلىرى،ساراڭ خوتۇننىڭ بالىسى دەپ توختىماي تېرىكتۈرىشى،مېنى ئانامغا ،ئانامنىڭ بۇ قىلىقلىرىغا چىش-تىرنىقىمغىچە ئۆچ قىلىۋەتكەنىدى.بولۇپمۇدەرىسكە كېچىكىپ قالىمەن دەپ چالا-بۇلا ناشتا قىلىپ سومكامنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتكەن كۈنلىرىمدە،بىرەر سائەت بولا-بولمايلا كەينىمدىن تاماق كۆتۈرۈپ كېلىپ،ھىڭگاڭ چىشلىرىنى سەت چىقىرغىنىچە ماڭا قاراپ ھىجىيىپ تۇرىشى مېنى سىنىپتا بارمۇ-يوق قىلىۋېتەتتى. مۇئەللىمنىڭمۇ بىرنى ئالىيىپ قويۇپ:-<ئەلى ناشتىلىقىڭىز>دەپ قويىشى بىلەن بالىلارنىڭ پاراققىدە كۈلۈشلىرى قوشۇلۇپ،سىنىپنىڭ ئىچىدىن چوغ ئۈستىگە دەسسىەەندەك شۇنداق تەستە چىقىپ كىتەتتىم.نەچچە قېتىم سىنىپتىن چىقىپلا تىللىغانلىرىم،يىغلاپ تۇرۇپ ماڭا بۇندىن كىيىن تاماق ئەكەلمەڭلار دېگەنلىرىم ھېلىمۇ ئېسىمدە. چۈنكى ھېچكىمنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ بۇ ئانامدەك بېغەرەز،جاھىل ئەمەس ئىدى.مەكتەپكە تاماق توشۇيدىغان ئىش پەقەت بىزنىڭ ئۆيدىلا تەكرارلىنىدىغان ئىش بولغاچقا،مەكتەپتە ھەممىگە تونۇشلۇق ئىدىم.مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مېنى بالىلارنىڭ ئالدىدا كۈلكىگە قويىدىغان قىلىقلىرى بۇ ئانامغا بارغانسېرى ئۆچ قىلىۋەتكەچكە،ئۇنى ئالدىدىمۇ ساراڭ،دەلدۈش،توكۇر خوتۇن دەپ تىللايتتىم. تىللاش بىلەنمۇ تۈگىمىگەن ئەنتىمنى نەرسىلىرىنى ئېلىپ قېچىش،ھەتتاكى يەۋاتقان تامىقىغا بىر نەرسىلەرنى تاشلاش قاتارلىق ئۆزۈم ئىجاد قىلغان ئۇسۇللار بىلەن چىقىرىۋالاتتىم.
بىر كۈنى كونا كىيىملىرىنى ياماش ئۈچۈن يىڭنىگە يىپ ئۆتكۈزىۋاتقىنىدا يىپنىڭ بىر ئۇچىدىن تارتىپلا بەدەر قاچتىم.
-ئەكەل،ھەي يىپنى ئەكەل دەپلا كەينىمدىن قوغلاشقا باشلىدى. گۈلنىساخان ئانام ئاقساپ ماڭغاچقا قانچىكى تىز ھەرىكەت قىلسا شۇنچە دوڭغاقلاپ زاڭلىق قىلىپ كۈلۈشىمگە پۇرسەت تۇغىلاتتى.لىكىن بۇ قېتىم ئىشلار مەن ئويلىغاندەك بولمىدى.يىپنى ئېلىپ بىر نەچچە قەدەم يۈگۈرۈپلا،ئىشىكنىڭ بۇسۇغىسىغا پۇتلىشىپ شۇنداق قاتتق چۈشتۈم.يىقىلغان يېرىمدىن قوپماستىن ئاغىزىمنىڭ كاماردەك قالغىنىنى كۆرگەن گۈلنىساخان ئانام يۆلىگىلى قېشىمغا كىلىشىگە،يىغا ئاۋازىمنى ئاڭلاپ سىرتقا چىققان ئانام مېنى گۈلنىساخان ئانام يىقىتىۋەتتى دەپ ئويلىدى بولغاي،نېمە بولغىنىنى سۈرۈشتۈرمەستىنلا:<ۋاي گۈلنىساخان يەنە  نېمە بولدى؟كىچىككىنە  بالىغا ئۆزلىرىنى تەڭ قىلمىسىلا نېمە بولىدۇ؟ >دەپ چالۋاقاشقا باشلىدى.ئانامنىڭ بۇ ئاۋازى يىغامغا تەڭكەش كېلىپ:<ئانا بۇ مېنى يىقىتىۋەتتى>دەپ دەرھال بارلىق گۇناھنى گۈلنىساخان ئانامغا ئارتىپ قويدۇم.
-قوپە بالام،بۇخوتۇننىڭ جىنلىرى يەنە كەلگەن ئوخشايدۇ.ئانامنىڭ بىر ھازا بەزلەشلىرى بىلەن ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم.ئۇ كۈننى تېزىمنىڭ ئاغرىقىغا گۈلنىساخان ئانامنى نەچچە مىڭنى قارغاش بىلەن كەچ قىلدىم. ئاخىشىمى دادمنىڭ ئىشتىن قايتىپ كەلگىنىنى كۆرۈپ توختاپ قالغان يىغام ئۆي ئىچىنى يەنە بىر ئالدى.
-نېمە بولدى ئوغلۇم سېنى كىم بوزەك قىلدى؟مەكتەپتە بىرەرسى بىلەن ئۇرۇشتۇڭمۇ يە؟ئادەتتەگۈلنىساخان ئانامنى تېرىكتۈرۈپ،تىللايدىغان ۋاقىتلىرىم دادامدىن خالى،چوڭلار يوق چاغدىكى مەخپى دىئالوگلار ئىدى.چۈنكى دادام ئۆز سىڭلىسى بولغان بۇ ھاممامغا نېرۋىسى ئاجىز بولغاچقىمىكىن بەكلا كۆڭۈل بۆلەتتى.دائىم گەپ-سۆزلىرىنى ئېغىر ئالماسلىقنى،كاجلىقى تۇتۇپ قېلىپ بىرەر نەرسىنى بۇزىۋەتكەن تەقدىردىمۇ ئاچچىقلىماسلىقنى ئانامغا بەك تەكىتلەيتتى.شۇڭلاشقا باشقا يەرلەردە تىللىساممۇ ئاتا-ئانام بار يەرلەردە تىللاشقا جۇرئەت قىلالمايتتىم.لىكىن بۇ قېتىم ئانامنىڭ مەن تەرەپتە تۇرۇپ گۈلنىساخان ئانامغا ۋارقىرىغانلىقتىن قوللاش كۈچىنىڭ تۈرتكىسىدە دادمغا:- ماۋۇ توكۇر مېنى ئۇرۇپ ئىتتىرىۋەتتى -دەپ ساپتىمەن.
-نېمە دىدىڭ؟دادامنىڭ شۇئان تۈرۈلگەن قوشۇمىسى،كۆز-چاناقلىرى ئارىسىدىن ئېتىلىپ چىقىپ كەتكۈدەك بولغان كۆزلىرى مېنى ئەيمىندۈرۈپ ئەتىگەنكى يىغامنىڭ ئاخىرىنى چىپپىدە توختاتتى.
-يەنە بىر دېگىنە مەن ئاڭلاپ باقاي؟ھۇ ئەدەپسىز ،ئۇ دېگەن سېنىڭ ئاناڭنىڭ ئورنىدا.
-ئۇ دەلدۈش مېنىڭ ئانام ئەمەس.دادامغا كىيىنكى سۆزلىرىم بەك ئېغىر كەلدىدى بولغاي قولىنى شىلتىپ ئولتۇرغان يېرىدىن قوپۇپلا كاچىتىمغا بىرنى سالدى.
-بولدى دادىسى،سىڭىللىرىنى دەپ ئوغلىمىزنى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتمەيلى يەنە..شۇنداق دېگەچ ئانام دادامنى توسۇۋلدى.
-ئەستەغپىرۇللا،ئۇرسام قولۇم بوش تەگمەيدۇ ساڭا ،خەپ سېنى.
دادامنىڭ تىتىرەپ تۇرغان ساقاللىرىنى قاماللاپ تۇرۇپ دېگەن سۆزلىرى بىلەن بۈگۈنكى جىدەل شۇنداق قىلىپ بېسىقتى.
دادامنىڭ ئادەتتە خاپا بولۇپ قالغان چاغلىرىدا بىر-ئىككى كۈن گەپ قىلماسلىق بىزنى جازالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى ئىدى.بۇ نۆۋەتمۇ دادام ماڭا باتناپ ئىككى كۈنگىچە چىرايىمغىمۇ قارىمىدى.ئاخىرى ئانامنىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن دادامدىن كەچۈرۈم سوراش ئۈچۈن ئالدىغا بېرىپ يۈكۈندۈم ۋە:-دادا مېنى كەچۈرۈڭ ،سىزنى ئەمدى ھەرگىز خاپا قىلمايمەن.گۈلنىساخان ئانامغىمۇ ھەرگىز تىللىمايمەن-دەپ يىلىنىپ يالۋۇرۇشقا باشلىدىم.دادم ماڭا ئاستا قارىدى-دە،ھامماڭغا قىلىنغان ھەر بىر ھاقارەت ماڭا بېرىلگەن ئازار،ئۇ سېنىڭ ئاناڭلا ئەمەس،پۈتۈن ئائىلىمىزنىڭ بەختى.سەن ئۆزۈڭنىڭ ئاشۇنداق پۇتى مېيىپ،ئاجىز ئەمما دۇنيادىكى تەندۇرۇس ئانىلارغا ئۈلگە بولالىغۇدەك بىر ئاناڭنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىشىڭ كېرەك.بوپتۇ كەچۈرىۋىتەي،بۇندىن كىيىن بۇنداق ئىشلار تەكرارلانمىسۇن.دادام شۇنداق دېدى-دە،<دائىم ياخشى ئوقۇ،تاپشۇرۇقلىرىڭنى ئەستايىدىل ئىشلە> دېيىش بىلەنلا چەكلىنىپ ئەزەلدىن سۆزلەپ بەرمەيدىغان ئائىلە شەجەرىمىزنىڭ ئۆتمۈشىنى سۆزلەشكە باشلىدى.
گۈلنىساخان ئاناڭ ئەسلى باشقا نورمال بالىلارغا ئوخشاش ئەقىللىق ھەم چىرايلىق ئىدى. تاغاڭ(دادامنىڭ ئېنىسى)بىلەن ئىككىمىز كىچىك سىڭلىمىزغا بەكلا ئامراقتۇق.تالىشىپ تۇرۇپ بېقىپ قۇچىقىمىزدىن پەقەت چۈشمەيتتى.شۇنداق قىلىپ ھامماڭ 16 ئايلىق بولغان ۋاقىتتا،دادام گومېنداڭنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ قازا قىلدى.ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ بىزنىڭ يىتىملىك ھاياتىمىز باشلىنىپ،كۈنلىرىمىز كۈندىن-كۈنگە تەسلىشىشكە باشلىدى.ئۇ دەۋىرلەردە غۇربەتچىلىك،يىغا-زارە ھەممە ئائىلىلەردە ئومۇملىشىپ قالغان ئەھۋال ئىدى.شۇ كۈننى كەچ قىلالىساق،ئەتىنى خۇداغا تاپشۇرۇپ دېگەندەك دادامنىڭ بىزنى تاشلاپ كەتكىنىەە ئىككى يىلدىن ئاشقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە،<ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك> دېگەندەك تۆت ياشقا كىرەي دەپ قالغان ھامماڭ بالىلار بىلەن بىلەن ئويناۋىتىپ،ئېھتىياتسىزلىقتىن يىڭى ئوتى ئۆچۈرۈلگەن ھاك خۇمدىنىغا چۈشۈپ كېتىپ،تاغاڭنىڭ ئانامنى چاقىرىپ ئەكەلگىچە بولغان ئارىلىقتا قىززىق خۇمدان ئىچىدە قىلىپ،پۇتلىرى كۆيۈپ ئېسىنى بىلگەندىن باشلاپ دادىسىز يېتىم،بىر ئۆمۇر مىيىپلىقى بىلەن مانا بۇگۈنگىچە ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ.
دادام كۆز-چاناقلىرىدىكى ياشنى سۈرتىۋېتىپ،خۇددى ئاشۇ چاغدىكى چوڭ ئانامنىڭ سىماسىنى كۆرگەندەك،نەزىرىنى يىراقلارغا تىكىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.ئانا دېگەن شۇنچىلىك ئۇلۇغكەنكى،قىززىق ئوت ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ھۇشىدىن كەتكەن يۈرەك-پارىسىنىڭ نېمجان ھالىتىنى كۆرۈپ ئىككى مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى خۇمدانغا ئۆزىنى تاشلاپ،ھامماڭنى قۇتۇلدۇرۇپ چىققان.
-دادا ئۇ چاغدا سىز نەدىتىڭىز؟ئويلانمايلا سورىغان سۇئالىم دادامنى سەل ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويدى بولغاي،بېشىنى پەس قىلىپ تۇرۇپ:
-داداڭ شۇ نەق مەيداندا چوڭ ئاناڭنىڭ پىداكارلىقىغا شاھىد بولۇپ،گەرچە ئوغۇل بالا بولسىمۇ ئاشۇ ئامراق سىڭلىسىنى قۇتقۇزۇشقا ئاجىز كېلىپ قاراپ تۇرغان ئوغلۇم.داداڭنىڭ شۇ قېتىمقى توخۇ يۈرەكلىكى ئۇنى بىر ئۆمۇر پۇشايمان ئوچىقىدا كۆيدۈردى. چۈنكى ھامماڭنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ بولغىچە بولغان ئارىلىقتا،ئانام رەھمىتىنىڭمۇ پۇتۇنىڭ بارماقلىرى كۆيۈپ بىر-بىرىگە چاپلىشىپ كەتكەنىدى.ئۇ دەۋىرلەردىكى دورا-ئوكۇللارنىڭ كەمچىللىكى سەۋەپلىك،ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدىكى داۋالاشلارنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلگىچە بۇ ئىككەيلەننىڭ قانچىلىك قىينالغانلىقلىرىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. بۇرۇندىنلا كېسەلچان ئانام مۇشۇ ياتقىنىچە باشقا كېسەللىرى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ،شۇ ۋەقەدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپ،بىر كۈنى سەھەر بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋېدالاشتى.شۇندىن كىيىن بىز ئۈچ بالىغا بوۋام ئىگدارچىلىق قىلدى.ئەمەلىيەتتە بوۋام دادام تۈگەپ كەتكەندىن باشلاپ بىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىمىزغا يار-يۆلەك بولۇپ كەلگەنىدى. ھامماڭ شۇ ياتىنىچە بىر يېرىم يىل ئەتراپىدا يېتىپ ئاخىر ماڭغىدەك بولدى.بۇ جەرياندا بېچارە بوۋامنىڭ بىز ئۈچۈن تارتقان جاپالىرىنى پەقەت بىر ئاللاھلا بېلىدۇ.بوۋام بولسا مەرىپەتپەرۋەر،يۇرت ئىچىدە ئابرۇيلۇق كىشى بولۇپ،ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ بەك ھۆرمىتىنى قىلاتتى.شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ قانچىلىك جاپا تارتىشىدىن قەتئىنەزەر بىلىمسىز قالماسلىقىمىز ئۈچۈن ھەممىمىزنى ساۋاتلىق قىلغانىدى.بولۇپمۇ مېنى يرتىمىزدىن14 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ناھىيلىك ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا ئەۋەتتى. شۇ دەۋىرلەردە بۇنداق يۇقىرى مەلۇماتقا ئىگە كىشىلەر يېزىمىزدا ساناقلىقلا ئىدى.مەكتەپتە يېتىپ-قوپۇپ ئوقۇيدىغان بولغاچقا،ئادەتتە ئۆيگە10-15كۈنلەردە بىر قېتىم باراتتىم. ئۆيگە قايتقانلىرىمدا بولسا كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن يىللار بولغان يىراقتىكى تۇققانلىرى بىلەن دىدارلاشقاندەك بىر ئائىلە كىشىلىرى چەكسىز بەخىتكە چۈمەتتۇق.دەم ئېلىشىم ئاخىرلىشىپ مەكتېۋىمگە قايتقىنىمدا بولسا،جەمەتىمىزدىكى ئۈچ كىشىدىن تەركىب تاپقان ئۇزىتىش ئۆمىكى زاغرا نان،سوقماق،مېغىزلاردىن تەييارلىنىپ  ئۆزلىرى ئاچ بولسىمۇ يېيىشكە كۆزى قىيماي ساقلاپ قويغان ئەڭ چوڭ سوۋغىلىرىنى ماڭا يوللوق تۇتۇشۇپ،مەھەللىدىن قارام يوقالغىچە قول پۇلاڭلىتىپ خوشلىشىپ قالاتتى.يەنە شۇنداقتىمۇ بەللىرى قىسماقتەك ئېگىلىپ قالغان بوۋام ئۆزىنىڭ شۇنچىلىك ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي ھەر ھەپتىدە مەكتىۋىمگە بېرىپ،تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرەتتى.ھەر قېتىم ئوقۇش ئەھۋالىمنى سۈرۈشتۈرۈپ،ئالغان ياخشى نەتىجىلىرىمنى كۆرگىنىدە چىرايىدا ئالەمچە خۇشاللىق جىلۋىلىنىپ بېشىمنى يىنىش-يىنىشلاپ سىلاپ كېتەتتى.
كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن بوۋامنىڭ تەن سالامەتلىكى ناچارلىشىپ،ئۆينىڭ ئېغىر ئىشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن تاغاڭ مەكتەپتىن توختاپ قالدى ھەمدە  مەكتەپكە بوۋامنىڭ ئورنىدا يوقلاپ بېرىپ،ئۆزىنىڭ ھەر قانچە ئېغىر جاپالارغىمۇ بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىنى،خاتىرجەم ھالدا ئوقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرىشىمنى ئېيتىپ خوشلىشاتتى.ئېنىمنىڭ چوڭلارغا ئوخشاش بەرگەن بۇ تەسەللىلىرى مېنى تېخىمۇ تىرىشىپ ئوقۇشقا ئۈندەپ،ئىزچىل سىنىپتىكى ئەلاچى ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇدۇم.
بىر قېتىم خورجۇننى مۆرىسىگە ئارتىپ يوقلىغىلى ھامماڭ ئۆزى كەپتۇ.مەن بۇنىڭدىن ھەيران قېلىپ نېمىش بولغانلىقىنى سورىسام:
-ئاكا مەن پۈتۈنلەي ساقىيىپ كەتتىم،يەنە تېخى مەكتەپكە يوقلاپ بېرىش نۆۋىتىنى تالىشىپ،ئاكام بىلەن سوقۇشۇپمۇ كەتتۇق.ئاكامنىڭ ئۆيدە قىلىدىغان ئىشلىرىمۇ كۆپ،شۇڭلاشقا بۇندىن كىيىن لازىمەتلىكلەرنى سىزگە مەن ئەكىلىپ بېرەي بولامدۇ؟
-ياق سىڭلىم ھازىر سىز باشقا ئىشلارنى قويۇپ مەكتەپتە ئوقىشىڭىز كېرەك،يەنە كېلىپ سىزنىڭ پۇتىڭىز ...دىيىشىمگىلا ۋار قويۇپ يىغلاپ:
-ئاكا سىزمۇ مېنى توكۇر دېمەكچىمۇ؟مەكتەپتىمۇ مېنى بالىلار ئاتا-ئانىسى يوق يېتىمەك،توكۇر دەپ تىللايدۇ.سىزمۇ مېنى مىيىپ دەپ كۆزگە ئىلمايۋاتامسىز يە؟گەرچە ئاقساپ ماڭغىنىم بىلەن،خېلى يىراقلارغىمۇ قىينالماي ماڭالايمەن. ناۋادا ساۋاقداشلىرىڭىزدىن نۇمۇس قىلىپ قالسىڭىز،مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدىنلا قايتىپ كېتەي.تەلىپىمگە قوشۇلۇڭ بۇندىن كىيىن سىزنى مەنلا يوقلاپ كىلەي.سىزنىڭ ئوقۇشىڭىزنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن مەكتەپتىن توختاپ قالساممۇ، قانچىلىك قىينالساممۇ مەيلى ...
ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ كۆيۈك دەستىدىن بارماقلىرى بىر-بىرىگە چاپلىشىپ،خۇددى بىر پارچەگۆشنى يەملەپ قويغاندەك كۆرىنىدىغان ئاشۇ بىر جۈپ پۇت مەن ئۈچۈن،ئاكاڭ ئۈچۈن،كىچىك ئاكاڭ ئۈچۈن ھەتتاكى ساڭا قەدەر مەكتەپكە ئاش-نان توشىدى ئوغلۇم.بەلكىم سەن مەكتەپتە ساڭا ئېلىپ بېرىلغان شۇ تاماقتىن زارلانغانسەن.ئەمما ھېلىقى توكۇر پۇت بىرەر قېتىممۇ،يېرىم قېتىممۇ زارلانغىنى،قاقشىغىنى يوق بالام.شۇنىسى ئېسىڭدە بولسۇنكى،پۈتۈن بىر ئۆمرىنى ئاتا-ئانا،ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلىرى ئۈچۈن ماڭغان ئاشۇ مىيىپ پۇت،يەتتە ئەزايى ساق تۇرۇپ بۇزۇق-ناشايان يوللارغا ماڭغان بېجرىم پۇتلاردىن نەچچە مىڭ ھەسسە سۆيۈملۈكتۇر.
دادام سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە،بىردىنلا ئاۋازى ئۆزگۈرۈپ يىغىسىنى تۇتىۋالالماي قالدى.بوۋام-دەپ سۆزىنى باشلىدى دادام يۈزلىرىنى ھۆل قىلىۋەتكەن ياشلىرىنى سۈرتكەچ-بىركۈن ساقايسا،ئىككى كۈن ئاغرىپ دېگەندەك،كىيىنكى كۈنلەردە كېسەلدىن پەقەت نېرى بولالمىدى.مەن قانچە قېتىم ئوقۇشتىن توختاپ ئائىلىدىكى ئىشلارنى ئۈستۈمگە ئېلىپ،بوۋامنى داۋلاتقاچ،ئۇكىلىرىمنى ئوقۇتۇشنى تەلەپ قىلغان بولساممۇ ھەممەيلەننىڭ بىردەك قارشىلىقىغا ئۇچرىدىم.چۈنكى بوۋامنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقان كېسىلى،ئۇكىلىرىمنىڭ تارتىۋاتقان جاپالىرى مېنى يۇقىردىكى خىياللارغا كېلىشكە مەجبۇرلىغانىدى.
ئوقۇشۇم تۈگىگىلى ئىككى ئاي قالغان چاغ ئىدى.بىر كۈنى تۇيۇقسىز سىنىپنىڭ ئىشىكى چىكىلدى.سىنىپ مەسئولىمىز سىرتقا چىقىپ كېتىپ بىر ئازدىن كىيىن ئىسمىمنى چاقىردى.سىرتتا بېلىگە ئاق بەلۋاغ چىگىۋالغان تام قوشنىمىز زەيدىنكام تۇراتتى.كۆڭلۈم بىر شۇملىقنى سېزىپ:
-زەيدىنكا،نېمىش بولدى ؟بىرەر ئىش بولدىما؟-دەپ ئالدىراپ سورۈدۈم.زەيدىنكام دەيدىغان گېپىنى تاپالماي تىلى كالامپايلىشىپ:
- ئا،ئابلاكام كېسىلى ئېغىرلىشىپ بۈگۈن ئەتىگەندە نەپەستىن قالدى.
شۇئان كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ،زېمىن چۆرگىلىگەندەك بولۇپ يىقىلىپ چۈشۈپتىمەن.بىردەمدىن كىيىن قۇلاق تۈۋىمدە زەيدىنكامنىڭ< ئۇكام نېمە بولدى؟ كۆزىڭىزنى ئېچىڭ،كۆزىڭىزنى ئېچىڭ> دېگەن ئاجىز بىر تىۋىشى ئاڭلاندى.يۈرۈكۈم لەختە-لەختە پۇچۇلۇپ ئۆيگە قايتتىم.ئۈچ قېرىنداشنىڭ يىغا-زارى ئىشىك ئالدىدا ئۇچراشتى.ھاياتىدا شۇنچە مۇشكۈلاتلارنى تارتىپ،يۈرەك-قېنىنى بالىلىرى ئۈچۈن ئاقتۇرغان كۆيۈمچان بوۋام كېسىلى قاتتىق ئېغىرلىشىپ قالغان ۋاقىتلاردىمۇ،ئوقۇشۇمغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن خوشلاشماي ئۈن-تىنسىزلا كېتىپ قالغانىدى.شۇنداق قىلىپ مېنىڭ ئوقۇش ھاياتىم سىنىپنىڭ ئىشىكى چىكىلگەن ئاشۇ كۈندىن باشلاپ پۈتۈنلەي توختىدى.بۇ چېكىلىش سىنىپنىڭ ئىشكىگىلا ئەمەس،غەمسىز ئوقۇش مەزگىللىرىمنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىغا قويۇلغان چېكىت ۋە شۇنداقلا سىرتتىكى مېنى كۈتۈپ تۇرغان تېخىمۇ كۆپ ھەرەج-كۈلپەتلەرنىڭ قوڭغىرىقى ئىدى.
جان قۇشى باقىي ئالەمگە سەپەر قىلغان بوۋامنى ئۇزىتىپ قويغاندىن كىيىن،بىز ئۈچ قېرىنداش قانىتى سۇنغان قۇشتەك قېقىلىپ-سوقۇلۇپ،ئىنسان بالىسى تارتىدىغانلىكى خاپىلىقلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك تارتىپ ئاخىرى قاتارغا قېتىلدۇق.ھاماڭ 14 ياشقا كىرگەن يىلى يۇرت چوڭلىرىنىڭ ئېگە بولىشى بىلەن ئاددى-ساددا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولدۇم.مانا شۇ كەمگىچە ماڭا مەنېۋى بايلىق،روھى ئوزۇق بولۇپ مېنى قوللىغان،مەدەت بەرگەن تايانچىلىرىمنىڭ بىرى دەل مۇشۇ سەن ھاقارەت قىلىدىغان،ئۆچ كۆرىدىغان ھامماڭ گۈلنساخان ئوغلۇم.
دادامنىڭ سۆزلىرىنى داۋاملىق ئاڭلاشقا تاقەت قىلالماي:
-كەچۈرۈڭ دادا،مەن گۈلنىساخان ئانامنى ناھەق تىللاپ ئەيىپلەپتىمەن.بۇندىن كىيىن ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن. قىلغانلىرىم ئۈچۈن گۈلنىساخان ئانامدىن كەچۈرۈم سوراي.مېنى كەچۈرۈڭ دادا-يىغلاپ تۇرۇپ مۇشۇ گەپلەرنى ئاران دىيەلىدىم.چۈنكى قان-ياشقا تولغان قىسمەتلەرنىڭ داۋامىدىن ئازراق خەۋىرىم بولغاچقا،ۋاقتىدا كەچۈرۈم سوراش گۇناھكارلىق تۇيغۇمنى ئازراق بولسىمۇ يىنىكلىتىش ئۈچۈن ئىدى.
-بولدى ئوغلۇم،سەن ھەرقانچە كەچۈرۈم سورىساڭمۇ ئۇ بىلمەيدۇ.لىكىن ئۇنى بىلمەيدۇ دەپ ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلساق ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى ئاللاھ راۋا كۆرمەيدۇ.بۇندىن كىيىن ئۇنى ئۆز ئاناڭدەك ھۆرمەتلىگىن!ئاسرىغىن!گەرچە ئۇنىڭ جىسمى كۆيگەندەك قىلغان بىلەن ئاتا-ئانىسى،بالىلىرى ئۈچۈن يۈرىكى كۆيۈپ تۈگىدى.
ئاشۇ كۈندىن باشلاپ گۈلنىساخان ئانامنى ھۆرمەتلەيدىغان،سۇنۇق دىلىغا ئازار بەرمەيدىغان بولدۇم.چۈنكى دادامنىڭ ھېلىقى كۈندىكى <بالىلىرى> دېگەن سۆزى نوقۇل بىزنىلا كۆزدە تۇتماستىن،دۇنيادىكى بارلىق ئانىلارغا ئوخشاش ئاچچىق تولغاق يەپ تۇققان ئۆز بالىلىرىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ،داۋامى مەن بىلىدىغان قىسىملىرى ئىدى.
ئەسلىدە گۈلنىساخان ئاناممۇ بويىغا يېتىپ 17 ياشقا كىرگەن يىلى مەھەللىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى تەقدىر-قىسمەتلىرى ئوخشىشىپ كىتىدىغان قادىر ئىسىملىك بىر بالىغا چوڭلارنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن توي قىلىپ تۇرمۇش قۇرغانىكەن.دادام بۇ ئېنى-سىڭىللىرىغا ھەم دادا ھەم ئانا بولۇپ،ئۆيلۈك-ئوچاقلىق قىپتۇ.شۇنداق قىلىپ يىتىملىكنىڭ دەردىنى يەتكىچە تارتقان بۇ بېچارىلەرمۇ بىردىن ئىللىق ئائىلىنىڭ ئېگىدارلىرىدىن بوپتۇ.بۇ ئانا تۇرمۇشنىڭ كىيىنكى 10نەچچە يىلىنى غورىگۈل بولسىمۇ خاتىرجەم ئۆتكۈزۈپ،ئابدۇراخمان،گۈلقىز ئىسىملىك ئىككى بالىغا ئانا بوپتۇ.ئەمما بۇ ئانىغا بېرىلگەن بەخىتلىك تۇرمۇشنىڭ ئۆمرى تولىمۇ قىسقا بولۇپ،بارا-بارا يولدىشى قادىر دائىم يوقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن ئۇرۇپ-تىللايدىغان،ھە دېسىلا مىيىپلىقىنى پەش قىلىپ ھاقارەت قىلىدىغان بولىۋاپتۇ. كىچىكىدىن ئازار-كۈلپەتلەرنى يەتكىچە تارتقان ھاممام ھەممىگە چىشىنى-چىشلەپ،ھەممىگە كۆز-ياشلىرى بىلەن تەسەللى تېپىپ ئۆتكۈزىۋىتىپتۇ.باشقىلارنىڭ بۇنداق خورلۇق تارقىچە ئاجرىشىپ كېتىشكە بەرگەن تەكلىپلىرىگە ،<يىتىملىك دەردى مەن بىلەنلا كەتسۇن،بالىلىرىمنىڭ تىرىك يېتىم بوپ قىلىشىنى كۆرگۈم يوق>،دەپ جاۋاپ بېرىدىكەن.لىكىن يولدىشىنىڭ زۇلۇملىرى كۈندىن-كۈنگە چەكتىن ئېشىپ،نىكاھىدا تۇرۇپلا ئۆيىگە باشقا خوتۇن ئەكىرىۋاپتۇ.گەرچە شۇنچىلىك خورلۇقلارنى تارتسىمۇ بەرداشلىق بېرىپ،كۆز ياشلىرىنى يالغۇز يەرلەردە تۆكۈپ،ھېچنىمە بولمىغاندەك يۈرىۋىرىپتۇ.چوڭلارنىڭ نەچچە قېتىم ئاجرىشىپ كېتىش توغرىسىدىكى نەسىھەتلىرىنى چىرايلىقچە رەت قىلىپ،مىش-مىش پاراڭلارغا ئالدانماسلىقىنى ،بالىلىرىنىڭ ئۆزلىرى كۆرگەن كۈنلەرنى كۆرۈپ يىغلاپ بويۇن قىسىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئىيتىپ چىڭ تۇرىۋاپتۇ.
ھەر قانچە قىلىپمۇ قۇتۇلالمىغان بۇ زالىم ھەر خىل باھانە-سەۋەپلەر بىلەن كۈندە دېگۈدەك ئۇرۇپ-تىللاپ روھى جەھەتتىن بەكلا تۈگەشتۈرىۋىتىپتۇ.<كوزا كۈندە سۇنماس،كۈنىدە سۇنار>دېگەندەك بۇ زالىمنىڭ زۇلمى چېكىگە يەتكەن بىر كۈنى ئېتىزلىقتا ئىشلەۋاتقان ھاممامنى ئىشنى ئاستا قىلدىڭ دەپ،قولىدىكى كەتمەننىڭ سېپى بىلەن بېشىغا بىرنەچچىنى ئۇرۇپ، بۈگۈنكىدەك دەلدۈش،ساراڭ ئاتالغۇلىرىنىڭ سەۋەپكارى بولغانىكەن.
بەش ياش چاغلىرىمدىكى شۇ ئىش غۇۋا ئېسىمدە.بىر كۈنى ئانام بىلەن بىر تويغا بارماقچى بولۇپ،دەرۋازا ئالدىغا چىقىشىمىزغا يىراقتىن بىرسىنىڭ يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى.ئانام دەرھال دەرۋازىنى ئېچىپ سىرتقا چىقىۋىدى.چاچلىرى چۇۋۇق،يۈز-كۆزلىرى قانغا بويالغان بىر ئىنسان ئالدىمىزدا پەيدا بولدى.ئانام بۇ ئىشتىن قاتتىق ھەيران بولۇپ نېمىش بولغانلىقىنى سورىغاندا،ھاممام بىر كۈلۈپ-بىر يىغلاپ چۈشىنىكسىز سۆزلەر بىلەن ھىلى ئۆينى-ھىلى سىرتنى كۆرسىتەتتى.دېمەك ھاممام ئاشۇ كۈندىن باشلاپ پۈتۈنلەي ساراڭ بولۇپ قالغانىدى.ئوقۇرمەنلىرىمىز بەلكىم ھېلىقى ئادىمى ھايۋاننىڭ قىلمىشلىرىغا غەزەپلىك مۇشتلىرىنى تۇگۇپ،ئاخىردا قانۇننىڭ ئۇنىڭغا قانداق ھۆكۇم چىقارغانلىقىغا ئالدىراۋاتقاندۇ.شۇنداق،ئۇ قانخۇر ھەقىقەتەن قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتتى.ئەمما بۇ جازا ھەر ئىككى بالىنى دادىسى ئۆزى بېقىش،ئۆينىڭ يېرىمى،تۆت قوي ،ئۈچمىڭ يۇەن نەق پۇل بىلەن تاماملاندى. لىكىن ئۇ ئۆينىڭ يېرىمىنىلا ئەمەس،دۇنيانىڭ يېرىمىنى بەرسىمۇ ئەسلىگە قايتمايدىغان بىر داغنى قالدۇرۇپ قويغانىدى.ھاممام 10نەچچە يىل ئىلگىرى خۇشاللىق بىلەن ئۇزىتىلغان ئۆيگە يىغا بىلەن قايتتى.
ھاممام ئۆز ھاجىتىدىنمۇ تولۇق چىقالمايدىغانلىقى ئۈچۈن،خۇددى كىچىك بالىغا قارىغاندەك بىر ئادەمنىڭ ئۇنىڭغا قارىشىى،سىرتقا ماڭغاندا باشقا يەرگە كېتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دەرۋازىنى مەھكەم تاقىۋىتىشى كىرەك ئىدى.ئاپارمىغان دوختۇرخانا،كۆرسەتمىگەن داخان-باخشىلارمۇ قالماي،ئاخىرقى ھېسابتا تەقدىرگە تەن بېرىپ بىر كۈنلەردە كېسىلىنىڭ شىپالىق تېپىشىنى ئاللاھتىن تىلەش بىلەن كۇپايىلەندۇق.3-4ئايدىن كىيىن تەن سالامەتلىكى خېلى ياخشىلانغان بولسىمۇ،نېرۋىسى يەنىلا ئەسلىگە كەلمىگەنىدى.گەپ قىلمىسا بىر كۈن-بىر كۈن گەپ قىلمايتتى.قىلغان سۆزلىرىمۇ بالىلىرىنىڭ ئىسمىنى تەكرارلاش ئىدى.
شۇ ئىش يۈز بېرىپ ئالتە ئايدىن كىيىن تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە،ئۆيىمىزدىكى بار-يوق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك سېتىپ،يۇرتىمىزدىن تولىمۇ يىراق بىرشەھەرگە ئائىلىمىز بويىچە كۆچۈپ كەتمەكچى بوپ قالدۇق.ئاتا-بوۋىمىز ياشاپ ئۆتكەن ئانا تۇپراقتىن ئايرىلىپ،مۇساپىرچىلىق قەدىمىنى بېسىش مېنىڭ سەبىي قەلبىمگىمۇ قاتتىق ئېغىر كەلگەنىدى. ئەلۋەتتە ماڭا قارىغاندا چوڭلار نەچچە ھەسسە بولىشى مۇمكىن.(تېما مەزمۇنىدىن قىيىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن نېمە سەۋەپتىن كۆچكەنلىكىمىز توغىرسىدىكى بايانلاردىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسەك)نېرۋىسى ئاجىز بولسىمۇ ئاخىرقى قېتىم بالىلىرى بىلەن خوشلىشىۋېلىش تەلىپىمۇ رەت قىلىنىش بىلەن ئاساسى جەھەتتىن سەپەر تەييارلىقىمۇ پۈتۈپ قالغانىدى.
يۇرتىمىزدىن ئايرىلىدىغان ئاخىرقى كۈنى ئەتىگەن تاغام ئېشەك ھارۋىسىغا يۈك-تاقىلرىمىزنى بېسىپ،مەھەللىمىزنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى سايلىقنى كېسىپ ئۆتىدىغان دۆلەت تشيولىغىچە بىزگە ھەمراھ بولۇپ چىقتى.يولدا چىققۇچە تۇغۇلۇپ-ئۆسكەن ئانا تۇپرىقىدىن ئايرىلىش ئازابىدا،خۇددى گەپ قىلسىلا يىغلاپ سالىدىغاندەك ھېچكىم ئېغىز ئاچمىدى.
-سىلەردىن قەتئىي ئايرىلغۇم يوق،ھەممىدىن ئايرىلدىم،ئەمدى بىردىن-بىر تۇققىنىم،يۆلەنچۈكۈم بولغان ئىككىڭلاردىن ئايرىلىشقا پەقەت كۆزۈم قىيمايۋاتىدۇ قېرىنداشلىرىم.مۇشۇ كەتكەنچە قاچانمۇ يۈز كۆرىشەرمىز ئاكا؟-دېدى تۇيۇقسىز ئارىمىزدىىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ.تاغامنىڭ بوغۇلۇپ چىققان ئاۋازى بىلەن ھاممام بىلەن مەندىن باشقا ھەممەيلەننىڭ كۆزلىرى نەمدەلگەنىدى.ماشىنىمۇ كەلدى.
-خوش ئاكا،خوش سىڭلىم،يەڭگە مەندىن رازى بولۇڭلار ئاللاھقا ئامانەت.
-خوش ئۇكام كۆرۈشكىچە ئامان بول،مېنىڭ ئورنۇمدا ئاتا-ئانىمزنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ تۇرۇشنى ئۇنۇتما ئاللاھقا ئامانەت.تاكى ئادەم ئاتىنىڭ دەۋرىدىن باشلاپ خوخا-يۇلغۇن،يامغۇر-يېشىندىن باشقىنى كۆرمىگەن تاقىر ساي ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتنى ئۇلارنىڭ خوشلىشىش ئالدىدىكى كۆز-ياشلىرىدىن كۆرىۋالدى.
ھاممام ئاپتۇبۇس دېرىزىسىدىن ئۆزىنىڭ نېمىگە چىقىپ،قەيەرگە كېتىۋاتقانىقىدىنمۇ خەۋەرسىز ئۆزىدىن قەدەممۇ-قەدەم  يىراقلىشىپ،قايغۇ-ئەلەملىك كۈنلىرىنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان ئانا يۇرتىنىڭ تۇپرىقىغا ئۇزىتىش ئىلكىدە قارايتتى. پايانسىز چۆللۈك ئىچىدە بولسا ئېنسان،ھايۋان،نەرسىدىن ئىبارەت ئۈچ جىسىم بارغانسېرى كىچىكلەپ،ئاستا-ئاستا مەۋجۇتلىقىنى يوقاتتى.

بىز كۆچۈپ كېلىپ بىر يىلدىن كىيىن،ئىجارە ئالغان ئۆينى ئۆتكۈزىۋىتىپ،شەھەر سىرتىدىن ھويلىسى خېلى ئازادە بىر قورۇنى سېتىۋىلىپ،مۇساپىر بولساقمۇ بىر ئۆينىڭ ئىگىسىگە ئايلاندۇق.كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن يۇرت سېغىنىشلىرى ھەممىمىزگە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى.ھاممامنىڭ دائىم تەكرارلايدىغان<ئابدۇراخمان،گۈلقىز>دىن ئىبارەت ئىكى ئاتالغۇسىمۇ كۈنسېرى ئاۋۇپ قالغانىدى.
مەن شۇ يىلى كۈزدە بىرىنچى يىللىققا قوبۇل قىلىنىپ،ئوقۇش ھاياتىمنىڭ تۇنجى پەللىسىنى ئىككىنچى يۇرتۇمدا باشلىدىم.يالغۇزچىلىقتىكى،ناتونۇش چىرايلار ئارىسىدىكى سىقىلىشلىرىم بارغانسېرى سۇسلىشىپ،بىرگە ئوينايدىغان،بىرلىكتە تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان دوستلۇرۇم كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىشكە باشلىدى.لىكىن ئىلگىرى ئىيتىپ ئۆتكەندەك،ساۋاقداشلىرىم ئارىسىدىكى ئىناۋىتىمگە گۈلنىساخان ئانامنىڭ دائىم كوچا دوقمۇشىدىكى ساقلاشلىرى توسالغۇ بولاتتى.شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مەن بۇ ئانىنى ھەر قېتىم ساۋاقداشلىرىم ئارىسىدا كۆرگىنىمدە،بالام دەپ ئىيتقان سۆزلىرىگە ئىشەنمەسلىكنى،ئۆزۈمنىڭ بولسا بۇ دەلدۈش ساراڭ خوتۇننىڭ بالىسى ئەمەسلىكىمنى ئىزاھلاپ ئۈلگۈرەتتىم.ۋۇجۇدىدىكى بالىلىرىغا بولغان سېغىنىش مېنى كۆرگەندە تېخىمۇ كۈچەيسە كېرەك،قانچە قېتىملاپ تىللاش ئارقىلىق بىلدۈرگەن ئېتىرازلىرىممۇ كار قىلمايتتى.
كىيىنچە گۈلنىساخان ئانامنىڭ <ئابدۇراخمان، گۈلقىز> دېگەن ئىسىمنى ئاڭلىسىلا جىددىيلىشىپ ھەر تەرەپنى ئىزدەيدىغانلىقىدىن پايدىلىنىپ،مەھەللىدىكى بالىلار ئارىسىدا <ئابدۇراخماننى ياكى گۈلقىزنى كۆردۇم>دىيىش ئارقىلىق بۇ ئاجىز ئانىنى تېنىمسىز ئىزدىتىپ ئەخمەق قىلىش ئويۇنى ئارىمىزدا ئىجاد قىلىنىپ مۆكۈ-مۆكۈلەڭنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەنىدى.
كۈنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ سېغىنىش پىغانلىرى يۈرەك-پارىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئاتاش بىلەنلا توختاپ قالماستىن،بالىلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ دىدارىغا قېنىشقا تەرەددۇدلاندۇرۇپ،بىر كۈنى بۇ ئانا تۇيۇقسىز غايىپ بولدى.ئۆيدىكىلەر قاتتىق ئەنسىرەپ ھەر تەرەپكە چېپىشتۇق.ئاخىرى قاش قارايغان مەھەلدە،قوشنىمىز باراتنىڭ خىش توشۇيدىغان تراكتۇرىغا ئەگىشىپ،7-8كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خىش زاۋۇت تەرەپكە كەتكەندە،بارات تراكتۇرىڭىز بىلەن مېنى بالىلىرىم قېشىغا يەتكۈزۈپ قويۇڭ دەپ يىغلاپ يالۋۇرۇشلىرىغا يالغاندىن ماقۇل بولۇپ،تراكتۇرغا چىقىرىپ ئۆيگە ئەكەپتۇ.ئۆزىنىڭ بالىلىرىدىن، تۇغۇلۇپ-ئۆسكەن گۈزەل ئانا يۇرتىدىن قانچىلىك يىراقتا ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن بۇ بىچارە ئانا بارلىق ئۈمىدىنى ئاددى قاتناش قۇرالى بولغان ھېلىقى تراكتۇرغا باغلىغانىدى.
ھەر قېتىملىق سېغىنش ئوتلىرى يۈرىكىنى كۆيدۈرگەندە،بۇ ئانىنى مەھەللىمىزنىڭ 10كىلومېتىر دائىرىسى ئىچىدىن تېپىۋىلىش ئادەتكە ئايلىنىشقا باشلىدى.دادامنىڭ باشتىكى چىرايلىق نەسېھەت قىلىپ چۈشەندۈرۈشلىرى،داۋاملىشېۋەرگەن بۇ خىل يوقاپ كېتىشلەرگە قاتتىقراق مۇئامىلە قىلىش،ۋارقىراپ قورقۇتۇش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەنىدى.بىزمۇ بۇ يوقاپ كېتىشلەرگە بۇرۇنقىدەك ئەنسىرەپ،ئالاقىزادىلىشىپ كەتمەيدىغان بوپ قالدۇق.تېخى بۇ ئىش مەن ئۈچۈن قىزىقارلىق بىلىنپ ھەر قېتىم يوقاپ كەتكەندە،تەستە بىر قولغا كىلىدىغان دادامنىڭ ۋارقىراپ قورقۇتۇشلىرىدىن پۇخادىن چىققۇچە تاماشا قىلىۋالاتتىم.بۇ غېرىبانە ئانا بالىلىرىنى،يۇرتىنى قاتتىق سېغىنسا كېرەك،بەزى كۈنلىرى ئۆزىچە ھۆڭرەپ يىغلاپ كېتەتتى.بۇنداق چاغلاردا ئالدىدا زۇڭزىيىپ ئولتۇرۇپ يىغلاشلىرىنى دوراپ،بارماقلىرىم بىلەن چىرايىمنى پۈرۈشتۈرۈپ توختىماي زاڭلىق قىلاتتىم.شۇڭلاشقا ئاشۇ كۈنىمۇ گۈلنساخان ئانامنى بوزەك قىلىش،زاڭلىق قىلش ئارقىلىق كۆڭلۈمگە خۇشاللىق تاپماقچى بولغانىدىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lokmanhakim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-8 06:03 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
katran + 199 نېمىدىگەن تەسىرلىك، ك.
armi + 200 بەك يىغلاپ كەتتىم.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 399   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87856
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3579
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 06:30:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87856
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3579
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 07:30:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ئاللا خالىسا ئەتىگىچە تۈگىتىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4544
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28276
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6038 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 07:33:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈنۈگۈن ئاران يازسام يوقاپ كەتتى دەپ شىكايەت قىلغان تىمىڭىز شۇكەندە مۇشۇ ... سىز قانداق تاپتىڭىز ، مەنمۇ بىرەر سائەتتنىڭياقى ئاران يازغان بىر مۇنچە نەرسەم يوقاپ كەتتى .

سىز قانداق تاپقان ئىدىڭىز؟ ئەجەپ ئىچىم سىقىلىپ قالدى .

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87856
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3579
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 07:38:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
XERHAN يوللىغان ۋاقتى  2013-3-8 07:33 PM
تۈنۈگۈن ئاران يازسام يوقاپ كەتتى دەپ شىكايەت قىلغان تى ...

ۋاي دوستۇم قانداق تاپاتتىم،قايتىدىن يازدىم شۇ .بۇ گەپنى سورىماڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17334
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8777
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 785 سائەت
تىزىم: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 07:54:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز،بەك تەسىرلىككەن

-شۈكرې اللە بەرگەن ھەربېركۈنلرېڭگە!دەرت-ئەلەمدېن ھەرۋاقېت يېراق قېل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 1135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6298
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 554 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 09:11:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
lokmanhakim يوللىغان ۋاقتى  2013-3-8 07:38 PM
ۋاي دوستۇم قانداق تاپاتتىم،قايتىدىن يازدىم شۇ .بۇ گەپ ...

ئاسان تېپېۋاپسىز ھە

خەلىقلا قارشى تۇردىكەن ھەر قانداق دۈشمەن ئارزۇسىغا يىتەلمەيدۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6968
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19844
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 1932 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 09:49:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنامەن !  شۇنداق ياخشى ۋەقەلىككەن ، راست بولغان ۋەقە ئەمەستۇ ھە ؟

بۇ دۇنيادا بەدەل تۆلەيدىغىنى ئەخمەقلەر .............. ھوزۇرلىنىدىغىنى ئالدامچىلار !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87856
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3579
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 09:50:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ahsaxum يوللىغان ۋاقتى  2013-3-8 09:49 PM
داۋامىغا تەشنامەن !  شۇنداق ياخشى ۋەقەلىككەن ، راست بول ...

راست بولغان ئىش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6968
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19844
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 1932 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 09:54:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
lokmanhakim يوللىغان ۋاقتى  2013-3-8 09:50 PM
راست بولغان ئىش

تىلغا كەلگەندە رەسمى ئىشلەپسىز ، داۋامىغىمۇ مۇشۇنداقلا ئىشلىسىڭىز نادىر بىر ئەسەر بولغۇدەك !  مۇكاپاتقا ئېرشىشڭىزگە تىلەكداشمەن!

بۇ دۇنيادا بەدەل تۆلەيدىغىنى ئەخمەقلەر .............. ھوزۇرلىنىدىغىنى ئالدامچىلار !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش