مەن بىر ئايال كىشى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن ئاياللار بايرىمىنى رىستۇرانلاردا ئىسراپچىلىق بىلەن ئۆتكۈزۈشكە قارشى تۇرىمەن . مانا ھازىر ئۆيدە ئولتۇرۇپتىمەن . يولدىشىم ھەم بالىلىرىم يېنىمدا . ئۆيدە تاماق قىلىپ يىدۇق .
مىنىڭچە بۈگۈنكىدەك بايرىمىمىزدا بىز ئاياللار بىر كۈن ئۆيدە ھىچقانداق ئىش قىلمىساق ، ئەرلىرىمىز بىر كۈنلۈك ئۆي تازىلاش ، تاماق قىلىش ئىشلىرىنى قىلىپ بىزنى بىر كۈن بولسىمۇ ئارام ئالدۇرغان بولسا ياخشى بۇلاتتى ! لېكىن بۇ مۇمكىن ئەمەسكەن . ئادەت بۇلۇپ قالغاچقىمۇ ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇرۇپلا ئاشخانىغا چىقىپ ناشتىلىق تەييارلاپتىمەن .
.gif)