دېموكراتىيە پەقەت بىر خىل ياشاش شەكلى
لۇڭ يىڭ تەي
تەيۋەنلىكلەر ئاللىقاچان دېموكراتىك تۈزۈم ئاستىدا ياشاشقا كۆنۈپ كەتكەن ، دېموكراتىيە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ كىچىك ھالقىلىرىغىچە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ .
ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەت بىناسى ئىچىۋېتىلگەن بولىدۇ ، ئىشىك تۈۋىدە ئامانلىق ساقلىغۇچىلار ۋە مۇناسىۋەتلىك كىنىشكىلارنى تەكشۈرىدىغان ئادەم بولمايدۇ ، ھۆكۈمەت بىناسىغا خۇددى بىر سوداسارايغا كىرگەندەك ئەركىن كىرىپ چىقالايدۇ ، ئىش بېجىرىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنۇپ بىرنەچچە تامغىنى باستۇرسىلا پۈتىدۇ ، ئۆچىرەتتە تۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق ، تەرتىپ نومۇرىنى ئىلىپ چاي ئىچكەچ ساقلىسىلا بولىدۇ ، نۆۋىتى كەلگەندە چاقىرىدۇ ، ئىش بېجىرىدىغانلارنىڭ مۇئامىلىسى ئەدەپلىك ۋە سىلىق ، ئىشىنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ ھۆكۈمەت بىناسىنى ئايلانغاچ كىتاپ كۆرسىمۇ ياكى قەھۋە ئىچكەچ تاتلىق-تۈرۈملەرگە ئېغىز تەگسىمۇ بۇلىدۇ ، قەھۋە،تاتلىق-تۈرۈم تۇشۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى مېيىپ ياشلار .ھۆكۈمەت ھەربىر ئورگاننىڭ مەلۇم نىسبەتتە مېيىپلارنى ئىشلىتىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن قەھۋە ئىچىپ ئولتۇرغاندا شەھەرباشلىقى ئۇچراپ قالسا ئۇنىڭ ئىمزاسىنى قويغۇزۋىلىش دېگەنلەر ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەس.
ئەگەر ئىش بېجىرىش جەريانىدا بەك ئۇزاق ساقلاپ كەتسە ياكى قوپال مۇئامىلىگەئۇچرىسا تۆت يىلدىن كىيىن باشقا بىر شەھەر باشلىقى نامزاتىغا بىلەت تاشلىسا بولىدۇ.
پۇقرالارنىڭ ساياھەتكەچىقىشى ياكى بىلىم ئاشۇرغىلى بېرىشى ناھايىتى ئاددىي بىر ئىش بولۇپ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ قاتلاممۇ قاتلام تەستىقىنى ئىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ، كىتاب چىقىرىش تېخىمۇ ئاددىي ھۆكۈمەتكەئىلتىماس قىلىش ، تەستىقلىتىش دېگەندەك رەسمىيەتلىرى يوق ئۇدۇللا نەشرىيات سودىگىرىنىڭ ئالدىغا ئاپارسا بىر ئايدىن كېيىنلا كىتابىنى بازارغا سالالايدۇ ، ئەگەربىرەر ماتېرىيال ئىزدىمەكچى بولسا تور ، كىتابخانا ، كۇتۇپخانىدىكى ھەرقانداق ھۆججەت ماتېرىيالنى خالىغانچە ئارىيەتكە ئالالايدۇ ، بىرەرىنى ئىزدەپ يالۋۇرۇش بىھاجەت ،ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خامچوت ھېساباتىنىڭ ئنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى يەنى نەچچە يۈزمىليونلۇق قۇرۇلۇشتىن تاكى بىر دانە كومپيۇتېر سېتىۋېلىشقىچە تورغا ئۇچۇق ئاشكارائېلان قىلىنغان بۇلۇپ پۇقرالار خالىغانچە تەكشۈرەلەيدۇ ، پۇقرالار مەلۇم ئورگاننىڭ ھېساباتىغا قايىل بولمىسا خەلق ۋەكىلىنى تېپىپ ھېساباتتىكى ھەربىر تىيىن پۇلنىڭ قەيەرگەئىشلىتىلگەنلىكىگىچە بىلىش ھوقۇقى بولىدۇ . ئەگەر خامچوت بىلەن ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن پۇل بىردەك بولمىسا مەسئۇل خادىم ،ئەمەلدار جازاغا تارتىلىدۇ .
ئەمەلدارلار ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئۈچ ئاي ئىچىدە ھۆكۈمەت بەرگەن تۇرالغۇدىن ئايرىلىپ كاتىپ قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك خادىملىرىنى چېكىندۈرۈشى ، ماشىنا قاتارلىق بارلىق پاراۋانلىقلىرى بىكار قىلىنىشى كېرەك .
تەيۋەندە پۇقرالارنىڭ مەلۇم ئەمەلدارلارنىڭ ئۆزى ئۆتكۈزگەن خاتالىقى تۈپەيلى مەجبۇرى ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى يەنە كېلىپ ئاشكارا ئېگىلىپ كەچۈرۈم سورىغانلىقىنى كۆرۈش دېگەنلەر يېڭىلىق ئەمەس ،بۇنىڭدىن باشقا تاراتقۇلاردا مەلۇم سىياسىيوننى ئەيىپلەش ، مازاق قىلىش تېمىسىدىكى ياكى ھۆكۈمەتنىڭ مەلۇم سىياسەتلىرىگە قارشى ماقالىلەرنى بېسىش ۋە ياكى مەلۇم ئەمەلدارنى ئەيىبلەش توغرۇلۇق باش ماقالە ئېلان قىلىش دېگەنلەرگە ھېچكىم ھەيران قالمايدۇ .
ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىنىڭ فاكۇلتېت مۇدىرى ، مەكتەپ مۇدىرى قاتارلىقلارنى ئۆزلىرى سايلايدۇ ، يۇقىرىنىڭ"ئالاھىدە ھۆججىتى " ياكى مۇناسىۋەتكە تايىنىپ مۇدىر بولالىشى مۇمكىن ئەمەس شۇنداقلار ئەكسىچە سايلامدا چۈشۈپ قالىدۇ . ھەرقانداق بىر قارار ياكى تۈزۈم چوقۇم بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەندىلا ئاندىن كۈچكە ئىگە ، شۇڭا بەزى ئوقۇتقۇچىلار ھۆكۈمەت ئىشلىرى بەك ۋاقىتنى ئېلىپ كېتىدۇ دەپ بۇنداق يىغىنلاردىن بىزار .
پۇقرالار ساقچىلاردىن پەقەت چۆچۈمەيدۇ ، چۈنكى ئۇلارنى قوغدايدىغان قانۇن بار ، ئۆي سېتىۋالغۇسى كەلسە كۈچى يەتكەننى سېتىۋالالايدۇ چۈنكى ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ شەخسى مال-مۈلكىنى قوغدايدۇ ، كېسەل بولۇپ قالغاندا دوختۇرغا پارا بەرمەيمۇ ئەڭ ياخشى داۋالىنىشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ ، ھۆكۈمەتنى ياكى باشقىلارنى تەنقىد قىلىپ قۇيۇپ قاچان ئەدىبىمنى يەيمەنكىن دەپ ئەنسىرەپ يۈرمەيدۇ ، بالىسى ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسەبالامنىڭ ئورنىغا قايسى ئەمەلدارنىڭ ياكى قايسى باينىڭ بالىسىنى ئالماشتۇرغاندۇ دەپ گۇمان قىلىپ يۈرمەيدۇ چۈنكى بۇنداق بۇلىشى مۇمكىن ئەمەس ، ئىئانە قىلغۇسى كەلسەقىلىدۇ قىلغۇسى كەلمىسە قىلمايدۇ ، ھېچكىم ئىئانە سوممىسىنى بەلگىلەپ بەرمەيدۇ .
پۇقرالار ۋاقتىدا باج تاپشۇرىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن يېتىم-يېسىر ، ئىگە-چاقىسىزلارنى قۇتقۇزۇشقا ھەممەيلەن رازى بولىدۇ.چۈنكى ئۇلار بايلىقلار تەڭ تەقسىملىنىدىغان جەمئىيەتتە ياشاشقا ئادەتلەنگەن .كوچىلاردا ئادەتتىن تاشقىرى ھەشەمەتلىك ماشىنىلارنى ھەيدىگەنلەر ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، خەلق باشقۇرۇشىدىكى نۇرغۇن خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى بولۇپ بىرەر ئاپەت بولسا ھۆكۈمەت قۇتقۇزۇش خادىملىرى يىتىپ بېرىشتىن بۇرۇن ئۇلار ئاللىقاچان قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى باشلاپ بولغان بولىدۇ .
ئەلۋەتتە مەن يەنە بىرتالاي مىساللارنى ئىلىپ تەيۋەنلىكلەرنىڭ ۋە تەيۋەننىڭ تەرەققىياتىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى، سىياسىيونلارنىڭ قانداق ۋاسىتىلەر بىلەن خەلقنى ئالداپ خەلق كۆڭلىنى مايىل قىلىدىغانلىقىنى ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ قايسى دەرىجىدە ھاكاۋۇر ، مەنمەنچى ئىكەنلىكىنى، خەلق ۋەكىللىرىنىڭ قانچىلىك ئىقتىدارسىز قوپال ئىكەنلىكىنى ، باي-نامراتلىق پەرقىنىڭ قانچىلىك چوڭلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيمەن ......تەيۋەنلىكلەرمۇ زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ داغدام يولىدا ئۇرۇلۇپ-سۇقۇلۇپ كېتىپ بارىدۇ ئەمەسمۇ .
دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا بىرلىككە كېلىش بىلەن مۇستەقىللىقنىڭ قارمۇ قارشىلىقى زادى قەيەردە ؟سوتيالىزىم بىلەن كاپىتالىزمنىڭ تىركىشىشى زادى قەيەردە ؟مىللىي بۆلگۈنچىلىك بىلەن مىللەتنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ساقلاشنىڭ زىددىيەتلىكلىكى زادى قەيەردە ؟ كۆپ قىسىم تەيۋەنلىكلەرگەنىسبەتەن بۇ بىر خىل ياشاش شەكلىنى تاللاشلا خالاس .
لۇڭ يىڭ تەي ئىمزالىقىدىكى بۇ يازما "ئالاھىدە نەزەر ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى
uyhguray
http://bbs.bagdax.cn/thread-15952-1-1.html