مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9352|ئىنكاس: 142

دىنى ئىتقاد بىلەن مىللى كىملىك چىقىشالمامدۇ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78325
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4387
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-4-3
ئاخىرقى: 2014-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 11:53:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دىنى ئىتقاد بىلەن مىللى كىملىك چىقىشالمامدۇ؟

يېقىندا بىرتۈرلۈك كىشىلەر بىزنىڭ مىللي، ۋە ئىتقاد بىرلىكىمىزگە، < مىللى غۇرۇر> نى دەستەك قىلىپ تۇرۇپ ،ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرنىڭ كىينىشىگە قارشى،ئۆزمىللي مەدىنىىيتى نىتاشلاپ ئەرەب مەدىنىيتىگە دۇم چۈشكەنلىك دەپ، شۇئار توۋلاپ، مۇقىملىق تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇرلار ئارىسدا بۆلگۈنچىلىك ئۇرقىنى چېچىپ ،مىللي ۋە دىنى قېرىنداشلارنى ئىككى قۇتۇپقا ئايرىپ، تىل ئۇرشى ، ئىتقاد كەمسىتىلىشنى،ۋە ئىددىيە ئىتىپاقسىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ياتلارنىڭ رەزىل مەقسەتلىرنى ئىشقا ئاشۇرىشىغا ياردەم بەرمەكتە. بۇنىڭ قارىشىسدا يەنە بىر تۈرلۈك كىشىلەر دىنى تونغا ئورنىۋېلىپ، ئىسلامدىكى مىللەت ئۇقۇمىنى يوققا چىقىرىپ، ئۇمۇمى نۇقتى نەزەردە تۇرۇپ ئېيتىلغان << دۇنيادا مۇسۇلمان، كاپىردىن ئىبارەت ئىككى مىللەت بار>> دىگەن سۆزنى خاتا ئىشلىتىپ، نادان كىشىلەردە دىنى قارشىلىق ئېڭى پەيدا بۇلىشىغا سەۋەب بولماقتا.

بۇنداق نازۇك مەسىلىلەرگە قارىتا، پىكىر قىلىشتىن ئىلگىرى، بىزدىن 1000 يىل بۇرۇنقى مىللەت بىلەن دىننى ناھايىتى ياخشى چۈشۈنۈپ، كىيىم-كېچەك جەھەتتە، چوڭلىرىمىز دوپپلىرىمىزغا سەللە يۆگەپ، مومىلىرىمىز بولسا رومال ئۈستىگە چىرايلىق دوپپىلىرىنى كىيىپ ،دىنى ئتقادى بىلەن مىللي مەدىنىيتىمىزنى شۇنداق ياخشى بىرلەشتۈرۈپ.تىل-يېزىق، بىناكارلىق، ئۆرپ-ئادەت جەھەتتە چېكىنمەستىن، بەلكى  ئالغا ئىلگىرلەپ كۆپ تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرگەن، بىر قولىدا دىن، بىر قولىدا مىللەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىككىسىنى قارمۇ-قارشى بەيگىگە سېلىپ ئۆزئارا ئىختلاپ پەيدا قىلىپ، مىللەتنى ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈۋەتمەستىن،ئۇيغۇرمەدىنىيتى بىلەن يۇغۇرۇلغان ئىسلام مەدىنىيىتىنى دۇنياغا تۇنۇتۇشتا قوشقان تۆھپىلىرىگە نەرەر تاشلاپ،سۇغۇق قانلىق بىلەن مۇلاھىزە قىلىپ، پىكىر قىلىشىمىزكېرەك ئىدى.

ئەمىلىيەتتە مىللىي مەدىنىيەت ۋە مىللى خاسلىقنى قوغداشتا كىملەرنىڭ كۆپ كۈچ چىقىرۋاتقانلىقىنى، جەمئىيەتكە ئازراق چۆكۈپ باققان،ھەرقاندق كىشى ھېس قىلاللايدۇ. مىللي خاسلىقنى قوغداش، قۇرۇق شۇئار بىلەن بولماستىن ،ئۆتكۈر ئەقىل،ئەمەلي كۈچ قۈۋۋەت تەلەپ قىلىىدىغان، چوڭ كۆلەملىك قۇرلۇش. < مىللي غۇرۇر>نى تەشۋىق قىلىپ، ياغلىقنى دوپپىغا ئايلاندۇرۇشقا چاقىرىغانلار، مىللەتنى سۈيۈش دەۋاسىدا كاززاپ كىشىلەردۇر.بۇلار، تارىختىن بۇيان ئۇلۇغ بوۋىلىرىمىز ، يۈسۈف خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى قاتارلىق مىللەت سۆيەر،دىيانەتلىك يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ھېچ تەنقىدلىشىگە ئۇچرىمىغان ياغلىقلىرىمىزنى، ئەمدىلىكتە ئەرەبلەرنىڭ مەدىنىيتى قاتارىدا، تەتۈرتەشۋىق قىلىپ، مىللىتىمىزنىڭ دىنى بىرلىكىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئارقلىق، ئۇيغۇرلارنى ئىچكى پىكىر تۇقۇنىشى بىلەن ئەللەيلەشنى مەقسەت قېلىدىغان زەرىل نىيەتلىك كىشىلەردۇر.ئۇلارنىڭ دۋاسىنىڭ يالغانلىقنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى شۇكى ئۇلارئۆزلىرىمۇ دوپپا كەيمەيدۇ،بەلكى ئۇلار دوپپا كىيىشنى ياغلىققا  ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئۇتتۇرىغا چىقارغان،ئەمەلىيەتتە ھازىر دوپپا كەيگەنلارنىڭ 90% كۆپرەكى دىنى كىشىلەر،دىنى پۇراق قۇيۇق بولغان خوتەن شەھىرى بۇنىڭ تىپىك مىسالى.

كىمكى << دۇنيادا مۇسۇلمان، كاپىردىن ئىبارەت ئىككى مىللەت بار>>دىگەن كەڭ دائىرلىك،بۇ سۆزنى خاتا چۈشۈنىۋېلىپ، ئسىلامدىكى مىللەت ئۇقۇمىنى يوققا چىقارسا، ئىنىقكى ئاللاھنىڭ تۈۋەندىكى سۆزلىرىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ <<ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى، پۈتۈنئادەملەرنى ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت (يەنى بىر دىندا) قىلاتتى>> سۈرە ھۇد 118 –ئايەت. يەنى ئاللاھ خالىغان بولسا كىشىلەرنىڭ ھەممىنى بىر ئۈممەت، بىر مىللەت قىلاتتى،دىمەك بىزنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ تۇغىلىشىمىز ئاللاھنىڭ يارتىشى بىلەن بولدى، مىللەتنى ئاللاھ ياراتتى، مىللەتنى سۈيۈش، مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، دىنى مەجبۇريەتتۇر.بىزنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسدا تۇغۇلغانلىقىمىز ، بىزگە ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئۇلارنى توغرا يولغا يىتەكلەش مەجبۇرىيتىنىڭ يۈكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇنجى چاقرىقىنى ئەرەبلەردىن باشلىغاندەك. يۇقارقى كەڭ دائىرلىك سۆزنى كىشىلەرنىڭ خاتا چۈشىنىۋېلىشى، <<مۇسىنەد>>تە سەھىھ يول بىلەن نەقىل قىلىنغان ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ گورۇھ ۋازلىق چاقىرغۇچى مىللەتۋازلىققا  چاقىرغۇچى بىزدىن ئەمەس دىگەن ھەدىسى بىلەن مۇناسۋەتلىك بولىشى مۇمكىن،جاھىلىيەت دەۋرىدە ئەرەبلەرئارىسىدا قەبىلەۋازلىق ئىنتايىن ئەۋجگە چىققان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان ئۇرۇشلاردىكى ئادەم توپلاشتىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىدى . دۇنياغارەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام جاھىلىيەتتىكى مانابۇ تار دائىردىكى قەبىلەۋازلىق ئۇقۇمىنى بۇزۇپ تاشلاپ ،جاھالەت پاتقىقىدا ياتقان ،بىر-بىرىبىلەن دۈشمەن بولغان،ئەرەبلەرنى بىر –بىرىدىن مىراس ئالىدىغان دەرىجىدىكى يىقىن دىنى قېرىنداشلاردىن قىلىپ ئىتىپاقلاشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ خۇجىسىغا ئايلاندۇردى. دىن ئاللاھنىڭ . ئاللاھنىڭ دىنى ھامان ئەزىزىلىككە ئېرىشدۇ ،قايسى مىللەت بولىشىدىن قەتئى نەزەر ،كىمكى بۇ دىنى تۇتسا ئاللاھ  شۇ مىللەتنى ئەزىز قىلىدۇ،ئاللاھ تۈرۈكلەرنى ئىسلام خىلاپىتى ئارقلىق دۇنيادا ئەزىز قىلدى، بىز ئۇيغۇر پۇشتىدىن بولغاچ،ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئۇيغۇرلار قولىدا ئۈستىن بولىشىنى ئىستەيمىز، ھەم تېرشىمىز. ئسىلامدىكى مىللەت ئۇقۇمىنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ، ھەربىر مىللەتتىن ياخشىسى بولغىنىدەك،يامىنى ھەم بولىدۇ،پەيغەمبەرئەلەيھىسسسالامدەك ئۇلۇغ كىشىلەر چىقققان مىللەتتىن،ئەبۇ جەھىل ، ئەبۇ لەھەبكە ئوخشىاش ئەڭ ناچار ئىنسانلارمۇ ھەم چىققان، بىر مىللەت ئۇمۇمەن ياخشى ، ئۇمۇمەن ناچار بولمايدۇ، مەيلى ئەرەب، ياكى تۈرۈك ، كىم بولسابولسۇن ئالللاھنىڭ نەزىردە ئەڭ ئۇلۇغ كىشى پەقەت ئاللاھقا تەقۋادار بولغانلاردۇر .<< ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن،(ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق ئۆز ئاراتونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار اﷲ نىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنىكىشىلەرنىڭ بىر - بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، اﷲ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر>>سۈرە ھۇجرات 13-ئايەت. ئاللاھ ھەمىمىزنى مىللەت بىلەن دىننى تەڭ ئېلىپ ماڭغان ئەجدادلىرىمىزغا ئوخشاش يىراقنى كۆرەر ئىناقلىقنى سۆيىدىغان كىشىلەردىن قىلسۇن ئامىن !

قەلەمكەش : ئۈمىدۋارمەن


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tamche.com تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-8 11:57 AM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bzkm + 50 دەلىللەر يېتەرلىك
XERHAN + 111 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 161   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20352
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6988
تۆھپە نۇمۇرى: 554
توردا: 1087 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 12:26:55 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كاللىمىزنى سىلكىۋىتىپ ،ياخشى ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە.

شىنجاڭ ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى تور ئادىرىسى: http://xjmac.com

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1876
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4879
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2052 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 12:30:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمىليەتتە ئىككىلىسى ياخشى تېما ، ئوتتۇرلۇقتىكى ئەرەب دىگەن ئىبارىنى يوق قىلغان بولسا ھەر ئىككى تېمىدا بۇ ئىشلامۇ چىقمايتى ......

بۇ ئىككى تېمىنىڭ زورمۇزور بىر بىرگە زىت چىقىپ قالغىنى قىززىق ...ئىسلامنى تەرغىپ قىلىش خاتا ئەمەس ، بىراق مىللەتنى چەتكە قاقماسلەق كىرەك ، مىللى كىملىكنىمۇ تەكىتلەش كىرەك ، بىراق دىنغا قارشى چىقىپ ئەمەس ....

مىللەت تىنىمىزغا ، دىن روھىمىزغا باراۋەر ، بىر بىرىدىن ئايرىلسا موردا بۇلىمىز، بۇ ئىككىسىنى زورمۇ زور زىت بۇلۇپ قالغانلىقىغا شۇنچە ھەيرانمەن . ھەم بۇنى بەزى بۇرمىلامچىلارنىڭ ئەمگىكىدىن ئايرىپ قارىمايمەن ...



ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
hekmat110 + 12 ماختاشقا تېگىشلىك
XERHAN + 55 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 67   باھا خاتىرىسى

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

ئەسسالامۇ ئەلەي

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68965
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2275
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2011-12-7
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 12:36:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بازارلىق تېما !

ئۆزگۈرۈش زورغۇ ! ئاز قالدىم مىكرو بلوگ ئۇلىنىشىنى تاپالماي قالغىلى  

كېيىنكى ئەۋلاتل

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95
يازما سانى: 1301
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13606
تۆھپە نۇمۇرى: 798
توردا: 4805 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 12:40:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىدىكى نۇرغۇن مەسىلەر ھازىر ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ياشاۋاتقان شۇنداقلا بۇدىيارنىڭ ئەسلى خەلقىنىڭ يۇلىقىۋاتقان بىر ئىجتىمائى ئېغىر مەسىلە ، بىز بىرقىسىم قانۇن ئارقىلىق بىتەرەپ قىلغىلى بولىدىغان بەزى مەسىلىنى دىنى يول ياكى باشقا يول يەنە  تىل بىلەن ھەل قىلىمىز دەپ ئۆزىمىزگە شۇنداقلا باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ قويىدىغان ئىشلارنى ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ شۇنىڭبىلەن بىرقىسىم ماڭقۇرۇتلار بىلەن بىرقىسىم چوڭ مىللەتچى ئەمەلدارلارغا بولۇپ بېرىدۇ ،مېنىڭ تەكلىۋىم ئۇيغۇر دىنى قېرىنداشلىرىمىز  ئۆزىنى قاقۇن بىلەن قوغداشنى  ئۈگىنىۋېلىشى كېرەك  چۈنكى بۇ جۇڭگۇ . قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت .........................

قۇياش مەڭگۈ زىمىننىڭ بىرتەرىپىنىلا يۇرۇتمايدۇ ،تىرىشساڭلا ، مۇۋەپىقىيەت قۇچىقىنى كەڭ يايىدىغان پۇرسەت كېلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92756
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 169
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2014-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 12:40:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
       شەيتانلار بەك ئەۋج ئالماقتا .     ماسونلار  شۇنچە تىز سۈرئەتتە   ۋەزىپىلىرىنى  ئورۇنلىماقتا ....      مۇسۇلمانلار نى كۆزدە تۇتۇپ  ھەممە يەردە  يەكلەۋاتقان  مۇشۇ  زاماندا    پۇت تىرەپ  مەن مۇسۇلمان ئۇيغۇرى دىگەن ھەمشەرىلەرگە  ئامانلىق تىلەيمەن .

ئۇيغۇر Hip hop چىلىقى  پۈتۈن ئۇيغۇرنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج.

ئۈمىدلىك بولايلى !

مېرۇل مەرگەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 1054
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1289
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 936 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 12:43:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈكۈت!!!!!!!

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40730
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4545
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1030 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 12:59:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل يازما !
دىندىن سۆزلىگەنلەرنىڭ بىرىنىڭمۇ مىللىتىمدىن تاندىم ، مەن پەقەت مۇسۇلمان ، ئۇيغۇر ئەمەس دېگىنىنى ، دىننى تەرغىپ قىلىپ مىللەتنى چەتكە قاققان ئىنكاس يازغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم . دوپپا ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان مىللىي كىيىم - كېچەكلىرىمىزنى تاشلىشىمىز كېرەك دېگەنمۇ گەپ يوق ، پەقەت مىللىي كىيىم كېچەكلىرىمىزنى ئىسلامغا ئۇيغۇن ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك دېگەنلا مەقسەت بار . بۇنى بەزى ئەزالار زورلاپ ئۆزى گەپ قېتىپ ، كاللا دېسە پاقالچاق دەپ ، دېمىگەن گەپنى دېگەنگە چىقىرىپ ئۆز ئارا كۆڭۈلسىزلىك ۋە پىتنە پەيدا قىلدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90284
يازما سانى: 1635
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 153
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 01:04:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
YAZR يوللىغان ۋاقتى  2013-3-8 12:30 PM
ئەمىليەتتە ئىككىلىسى ياخشى تېما ، ئوتتۇرلۇقتىكى ئەرەب ...

مەن ھازىرغىچە «سەن مۇسۇلمانمۇ تۈركمۇ؟» دەپ سۇئال قويغان تۈركنى، «سەن مۇسۇلمانمۇ ئەرەبمۇ؟» دەپ سۇئال قويغان ئەرەبنى، «سەن تايمۇ بۇددىسىتمۇ؟» دەپ سۇئال قويغان تايلاندلىقنى، «سەن گېرمانمۇ خىرىستىيانمۇ؟» دەپ سۇئال سورىغان گېرماننى ئۇچىرىتىپ ياكى كۆرۈپ باقمىدىم. ئەمما «سەن ئۇيغۇرمۇ مۇسۇلمانمۇ؟» دەپ سۇئال قويىدىغان، «يا ئۇيغۇر بولىسەن يا مۇسۇلمان بولىسەن» دەپ تۇرىۋالىدىغان ئىشلار تورلىرىمىزدا ئۇچىراپ تۇرىدۇ. بۇ سۇئال ئۇيغۇر تورلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئۇچىرامدىكىن دەيمەن. نىمىشقا مۇشۇنداق بولىدىغاندۇ؟
مۇشۇ مىللەت بىلەن ئېتىقادنى زىددىيەتلەشتۈرۈپ چۈشىنىدىغانلارغا مەنمۇ ھەيران قالىمەن.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tvmvr + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91805
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 161
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2013-2-17
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 01:04:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى بولدى قىلسىڭىز بۇلاتتى، بۇنداق تېمىلارنى يازغانسىرى، تالاش -تارتىش  كۆپ بۇلىدۇ، بولگۇنچىلىك يۇز بىرىدۇ، مۇسۇلمان دىگەن بولگۇنچىلىكتىن يىراق تۇرىشى كېرەك ئىدى.
يەنە قۇيۇن چىىدىغان بولدىدە.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش