سىز مۇشۇنداق غەلىتە ئىشلارنى كۆرگەنمۇ؟
1. دېڭىز ساھىلىدىكى ئايرودۇرۇم
گوللاندىيەگە قاراشلىق ئانتىللېس تاقىم ئارىلى ساينت مارتىن ئارىلىدىكى maho ئىستىراھەت دېڭىز قۇملۇقى ساھىلى دۇنيا بويىچە ئەڭ غەلىتە دېڭىز ساھىلى. بۇ يەر گوللاندىيە بىلەن مەلىكە جۇلىئەننا خەلقئارالىق ئايرودۇرۇمىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ جايدا ساياھەتچىلەر بېشىنىڭ ئۈستىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئايروپىلانلارنى كۆرەلەيدىكەن ھەم ئۇچۇپ ئۆتكەن ئايروپىلانلارنىڭ شامىلىدىن رىشاتكىلارنى چىڭ تۇتۇۋالىدىكەن. بۇ ئايرودۇرۇمنىڭ 10-ئۇچۇش ۋە چۈشۈش يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئاران 2180 مېتىر بولغاچقا. ئۇچۇپ كەلگەن ئايروپىلانلار دېڭىز ساھىلىنىڭ ئاياغ تەرىپىگە قونىدىكەن.
2.جان كىرگۈزۈلگەن كاۋا ئويمىسى
ھەر يىلى ئۆكتەبىردە، يەنى چەت ئەللەرنىڭ پەرىشتىلەر بايرىمىدا، ھەرخىل چىرايدىكى كاۋا ئويمىلىرى مەيدانغا كېلىدىكەن. سەنئەتكار Ray Villafane بۇلارنى قوشۇق ۋە ئوپېراتسىيە پىچىقىدا ئويغان بولۇپ كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدۇ.
3. غەلىتە تۇرالغۇ
قارىماققا غەلىتە كۆرۈنگەن بۇ تۇرالغۇ بارسېلونادىكى تەۋەككۈلچى بىناكارلىق ئۇستىسى گاۋدىنىڭ ئىجادىيىتى. ئۇ ئىلگىرى «تۈز سىزىق ئىنسانلارغا. ئەگرى سىزىق تەڭرىگە تەئەللۇق » دېگەنىدى. ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە تۈز سىزىقنى تېپىش تەس، ئاساسىي جەھەتتىن ھاياتىي كۈچكە تولغان ئەگرى سىزىقلار بىلەن بىنا لايىھەلەيتتى.
4. دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بۇرۇن
57 ياشلىق تۈركىيەلىك بىناكارلىق ئۇستىسى مۇھەممەدنىڭ 8.8 سانتىمېتىر ئۇزۇنلىقتىكى بۇرنى بولغاچقا « دۇنيا بويىچە بۇرنى ئەڭ ئۇزۇن كىشى» دەپ ئاتالدى ھەمدە ئۇنىڭ بۇ ئۇزۇن بۇرنى دۇنيا جىنس رېكورتىغا كىرگۈزۈلدى.
5. سىز قىزىل رەڭلىك شارقىراتمىنى كۆرگەنمۇ؟
سىز چوقۇم بۇنداق قىزىل رەڭلىك شارقىراتمىنى كۆرۈپ باقمىغانغۇ دەيمەن. كانادانىڭ ئالبرتا دېگەن يېرىدىكى كامىلۇن شارقىراتمىسى قاتتىق يامغۇر ياغقاندا، يامغۇر سۈيى تاغ جىلغىسىدىكى چۆكۈندىلەرنى يالاپ چۈشۈپ قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىپ مۇشۇنداق ئاجايىپ مەنزىرىنى پەيدا قىلغان. بۇ خىل مەنزىرە ئاران ئىككى سائەتلا داۋاملىشىدىكەن. بۇ سۈرەتنى ئامەتلىك فوتوگراف rochelle coffey تارتىۋالغان.
6. بۇنداق تورتنى كۆرۈپ باققانمۇ؟
DQ ماروژنىخانىسى تورونتو شەھىرىنىڭ دۇڭداس مەيدانىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ماروژنى تورتىنى ياساپ چىقتى. بۇ ماروژنى تورتىنى ياساشقا 9000 كىلوگرام ماروژنى، 91 كىلوگرام تورت، 136 كىلوگرام ئولىيو پىرەنىكى كەتكەن. بۇ تورتنى كۆرۈپ يېگىڭىز كەلدى ھەقاچان!
7. بۇقا بىلەن ئېلىشىش نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق!
بۇ سۈرەتتە ئىسپانىيەلىك 41 ياشلىق بۇقا چېلىشچىسى قىزىل لاتا ۋە قىلىچنى ئوينىتىپ، يېرىم توننا كېلىدىغان بۇقا بىلەن شىددەتلىك ئېلىشماقتا. بۇقا ماھىرنىڭ دىققەتسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ ماھىرغا ئېتىلىپ كەلگەن. ئادەمنى چۆچۈتىدىغىنى شۇكى، ئۇچلۇق بۇقا مۈڭگۈزى ماھىرنىڭ ئاغزىدىن تېشىپ ئۆتۈپ كەتكەن، قان شۇ ھامانلا ئەتراپقا چاچراپ كەتكەن.
- خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:
- 2011-يىلى11-ئاينىڭ06-كۈنى
- خەۋەر مەنبەسى:
- ئاناماكان تورى