مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 911|ئىنكاس: 5

قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91567
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 134
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2013-2-12
ئاخىرقى: 2013-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 10:37:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قاراخانىيلار دەۋرىدىكى ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتى

يۈسۈپجان ياسىن

قاراخانىيلار ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىدە ناھايىتى چوڭ بۇرۇلۇش ياسىغان ۋە بۇ ساھەدە مۇھىم ئەسەرلەرنى يارىتىپ، ‹‹تۈرك-ئىسلام دەۋرى››نى ئاچقان بىر خانلىقتۇر. بۇ دەۋردە شەھەرچىلىك ۋە بىناكارلىق ساھەسىدە زور تەرەققىياتلار مەيدانغا كەلگەن. بولۇپمۇ بۇرۇنقى شەھەرلەرنىڭ كۆلىمى كىڭەيتىلگەن، يېڭى شەھەرلەر كۆپلەپ بىنا قىلىنغان. ئارخېئولوگلارمۇ بىردەك تەكىتلىگىنىدەك، ئوتتۇرا ئاسىيادا شەھەرچىلىك ئەڭ تىز تەرەققىي قىلغان مەزگىل قاراخانىيلار دەۋرىدۇر.[1] بۇ دەۋردە بىناكارلىق سەنئىتىدە مىلادىدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىن بېرى ئوتتۇرا ئاسىيادا تەدبىقلىنىپ كەلگەن چىدىر شەكىللىك ئىمارەت ئۇسلۇبى ئاساسىدا تۈرلۈك قۇرۇلۇشلار بىنا قىلىنغان. بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ سانى كۆپ بولۇش بىلەن بىرلىكتە كۆلىمى ئالاھىدە زور ۋە بېزىلىشىمۇ كۆركەم بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىدى.  

قاراخانىيلار سەنئىتىنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى بىناكارلىقتا كۆرۈلگەن. بۇ دەۋردە بىنا قىلىنغان قۇرۇلۇشلار ئىچىدە بەزى مەسجىت، مۇنار، قەبرە ۋە كارۋان سارايلارنىڭ ئايرىم بۆلەكلىرى بىجىرىم ھالەتتە بىزنىڭ دەۋرىمىزگىچە ساقلىنىپ كەلگەن. بۇ يادىكارلىقلار كۆپۈنچە بۇخارا، ئۆزكەنت ۋە تىرمىز قاتارلىق شەھەرلەردە ئۇچرايدۇ. قاراخانىيلاردا قۇرۇلۇشلارنىڭ قۇرۇلمىسى، ئۇسلۇب ۋە ماتېرىياللىرى ئىدىقۇت خانلىقى بىلەن ئومۇمەن بىردەكلىككە ئىگە بولۇپ، دىنىي پەرقنىڭ بىناكارلىقتىكى ئىنكاسى ناھايىتى ئاز كۆرۈلگەن. قاراخانىيلارنىڭ خاقانلىرى شەھەرلەرنى ‹‹ئېگىز ۋە كۆركەم بىنالار بىلەن بېزىگەن، يوللارغا رابات سالدۇرغان.››[2] بولۇپمۇ، شەمسۇلمۈلك (1068-1080) بىلەن مۇھەممەد ئارسلانخان (1102-1130) بىناكارلىق ساھەسىدە كۆرسەتكەن پائالىيەتلىرى بىلەن داڭق چىقارغان.[3]      

قاراخانىيلارنىڭ ئىسلامىيەتنى ۋە بۇ دىننىڭ دېموكراتىك جەمئىيەت ئوقۇمىنى قوبۇل قىلىشى ھەمدە ئولتۇراق ھاياتقا كۆچۈشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەر ھاياتىغا ماسلىشىشى تىزلاشقان. شۇنىڭ بىلەن ئىسلامىيەتتىن كېيىن ئوردۇبالىق ئەتراپىغا يېڭى مەھەللىلەر قۇرۇلۇپ، سودىگەرلەر بىلەن دىنىي ۋە كەسپىي سالاھىيەتتىكى ئويۇشمىنى ھاسىل قىلغان سەنئەتكارلار تاشقى مەھەللىگە يەرلەشكەن. كۆچمەنلەرنىڭمۇ ئۇلارغا قېتىلىشى بىلەن چوڭ شەھەرلەر قۇرۇلغان. بۇ خىل تەرەققىيات نەتىجىسىدە شەھەرچىلىك بىلەن ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئىلگىرىلەش بولغان. گۈمبەزلىك ۋە سېلىندىر شەكىللىك تۈرك چىدىرلىرىدىن ياكى مەركىزى گۈمبەزلىك ھۆكۈمدار قەسىرلىرىدىن تەرەققىي قىلىپ مەيدانغا كەلگەن ئولتۇراق ئۆي خارابىلىرى تالاس، چۇ ۋادىلىرى ۋە تىرمىزدىن تېپىلدى. بۇلار  ئازادە ئۆيلەر بولۇپ، يەرگە پىششىق خىش ياتقۇزۇلغان، تاملار بېزەلگەن، ئەگمە شەكىللىك  يەر ئاستى يوللىرى قېزىلىپ، نۇر(ساپال تۇربا) ئارقىلىق دەريا ۋە ئۆستەڭ سۇلىرى شەھەرگە يەتكۈزۈلگەن. ئۆيلەر قىشتا كۈلخان ئارقىلىق ئىسسىتىلغان.

قاراخانىيلار دەۋرىدە خېلى كۆپ يېڭى شەھەرلەر قۇرۇلغان. ئارخېئولوگلار بۇ شەھەرلەرنى بۇرۇنقى چاغلاردىكى تۆت تەرەپكە يۈزلىنىپ تۇرغان قەدىمكى شەھەردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، قىبلىگە قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. قاراخانىيلاردا شەھەرلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھۆكۈمدارنىڭ سارىيى بولمىسىمۇ، لېكىن شەھەرنىڭ قۇرۇلۇش پىلانى ياخشى ئورۇنلاشتۇرلغان.

قاراخانىيلار مەسجىت ۋە خەيرلىك قۇرۇلۇشلارنى (جامائەت قۇرۇلۇشلىرى) بىنا قىلىشتا ناھايىتى كۆپ غەيرەت كۆرسەتكەن. ئەڭ قەدىمكى مۇسۇلمان ئۇيغۇر قۇرۇلۇشى مىلادى 920- يىلى قەشقەردە قاراخانىيلارنىڭ ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغان چاغدىكى مەۋجۇت بۇددىزم قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئىسلامىيەتكە بېغىشلىنىشى بىلەن ۋۇجۇتقا كەلگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ ھەر بىر بۇرقان ئورنى(بۇددا ئىبادەتخانىسى)نىڭ مەسجىتكە ئايلاندۇرۇلۇشىنى ئارزۇ قىلغان.[4] پ.پېللىئوت قەشقەر ئەتراپلىرىدىن تاپقان ئىسلام قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بەزىلىرى ئەسلى بۇددىزمگە ئائىت ئىدى. تارازدىكى مىلادى 10-،11- ئەسىرلەردىكى قاراخانىيلار خاقانلىرىغا مال قىلىنغان گۈمبەزمۇ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى دەۋرگە باغلىنىدۇ. ئۇيغۇر بۇددىزم ھۆججەتلىرىدە ‹‹بۇيان›› (خەيرىلىك) دەپ ئاتالغان بىناكارلىق ئەسەرلىرىدىن ماناستىر – بۇتخانا، مەكتەپ ۋە يوقسۇللارغا پاناھ جاي سۈپىتىدە ياسالغان قۇرۇلۇشلار ئىسلامىيەت دەۋرىگە كىرگەندىن كېيىن ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››تە تىلغا ئېلىنغىنىدەك، ‹‹مۇيانلىق›› دېگەن نامدا ئاتىلىپ، ئوخشاش شەكىلدە غازىلار، دەرۋىشلەر ۋە غېرىپ يولۇچىلار پاناھلىنىدىغان ئۆي، مەدرىسە ۋە خانىقا سۈپىتىدە قوللىنىلغان.[5]

قاراخانىيلار دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ناھايىتى نۇرغۇن يېڭى قۇرۇلۇشلارنىمۇ سالغان. تالاس ۋادىسىدا ۋە باشقا يەرلەردىكى سودا يولى بويلىرىدا ئىككى فەرساھتا بىر مۇيانلىق ۋە ئۆتەڭ (مىھمانخانا- كارۋان ساراي) قۇرۇلغان. ھويلىلىق قۇرۇلۇش شەكلىدە قۇرۇلغان بۇ  ئىمارەتلەرنىڭ بەزىلىرى ھېلىمۇ مەۋجۇت. مەسىلەن، چۇر تېگىن ناسىر شەمسۇلمۈلك (1068- 1080) تەرىپىدىن بۇخارادىكى خارچىڭ بىلەن سەمەرقەندتىن خوجەندكە بارىدىغان يول بويىدىكى ئاققۇتالدا ياسىتىلغان ئىككى رىباتىل مەلىك(پادىشاھ مىھمانخانىسى)، ئوغۇز ئېلى بولغان ئارال كۆلىنىڭ جەنۇبىدىكى دايا خاتۇن قۇرۇلۇشلىرى قاتارلىقلار. ‹‹نامازگاھ›› دپ ئاتالغان ۋە ئوچۇق بىر ھويلىدا پەقەت بىرلا مېھراپتىن ئىبارەت بولغان مەسجىت شەكلى ۋە مۇھىم جايلىرى يېرىم گۈمبەز بىلەن ئىچ تام بويلاپ قاتار سېلىنغان ھوجرىلاردىن تەشكىل تاپقان مەدرىسە ۋە مەسجىتلەر ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئوتتۇرا ئاسىيا (بولۇپمۇ ماۋرەئۈننەھرى) ۋە خوراسان ئەنئەنىسىگە باغلانغان. بۇ ئارىدا ئۇيغۇر بۇددىزم بىناكارلىقىدىمۇ كۆرۈلگەن بۇ شەكىللەر بۇخارادا مىلادى 8- ئەسىردە ياسالغان بىر مەسجىتتە تەقلىد قىلىنغاندىن بېرى ئىسلام قۇرۇلۇشلىرىغىمۇ ئومۇملاشتۇرۇلغان.يېرىم گۈمبەزلىك ھويلا شەكلىدىكى قۇرۇلۇشلاردا قاراخانىيلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ئوردۇ بالىق شەكلىدىن ئىلھاملىنىپ كەڭ مەدرىسەنىڭ ئوتتۇرىسىغا سېپىل ئىچىدىكى ھۆكۈمدارغا خاس بىر مەركىزىي قۇرۇلۇشنى قوشۇپ سېلىش ئىدى. ئوردۇ بالىق شەكلى خارچىڭدىكى رىباتىل مەلىكتە كۆرۈلىدۇ.[6] شەمسۈلمۈلكنىڭ ياساتقان بىنالىرىدىن ئەڭ مەشھۇر بولغىنى ھىجرىيە 471- يىلى(1078-1079) خارچىڭ يېزىسىغا قۇرۇلغان مۇشۇ رىباتىل مەلىكتۇر. بەزى رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، شەمسۇلمۈلك ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاققۇتالدىكى ئۆزى ياساتقان يەنە بىر راباتقا دەپنە قىلىنغان.[7]   

ئوتتۇرا ئاسىيادا قاراخانىيلاردىن بۇرۇن كۆپ گۈمبەزلىك يېپىق مەسجىتلەرنىڭ ياسالغانلىقى كېيىنكى ۋاقىتلاردا بەلختە تېپىلغان نۇھ - گۈنبەز مەسجىتى ئارقىلىق مەلۇم بولدى. قاراخانىيلار مەسجىتلىرىنىڭ بىردىنبىر پروتوتىپى ھېساپلانغان بىر مەسجىت بىلەن كۆكشىباغاندىكى توققۇز گۈمبەزلىك مەسجىد بىر خىل ئالاھىدىلىكنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. ئوتتۇرىدا تۆت تۈۋرۈك ئۈستىگە ئارتتۇرۇلغان گۈمبەز بۇددىزم سەنئىتىگە خاس بولۇپ، ئۈسۈملۈكلەردىن پىيازغا ئوخشىتىلغان شەكىلدە ياسالغان. مۇھەممەد ئىبنى سۇلايمان ئارسلانخان (1102 -1130) نىڭ بۇخارادا ياساتقان نامازگاھ تاقىنىڭ ئىچى بولسا ئۇيغۇر بۇددا ئىبادەتخانىلىرىدا كۆرۈلگەن شەكىلدە ئۈستى ئۈستىگە قوپۇرۇلغان ئىككى گۈمبەز بىلەن قاپلانغانىدى. ھەقىقەتەن، مىلادى 11- ۋە 12- ئەسىرلەردىكى قاراخانىيلار بىناكارلىقى كۆپ گۈمبەزلىك مەسچىتلەردە ئالاھىدە ئىپادىلەنگەن. بۇ شەكىلدە چىقىرىلغان گۈمبەزلەر سامانىيلاردا يوق بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر بۇددىزم سەنئىتىنىڭ خاتىرىلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇيغۇر بۇددىزم بىناكارلىقىدا كۆرۈلگەن پىياز شەكىللىك گۈمبەز ئىسلام بىناكارلىقىدا تۈركىي قەۋملەر ئىسلامىيەتكە كىرگەندىن كېيىن كۆرۈلۈشكە باشلىغان.[8]

قاراخانىيلاردا مۇنار قۇرۇلۇشلىرى تېخىمۇ ئېگىز ۋە ھەيۋەتلىك ياسالغان. نارشاھنىڭ ‹‹بۇخارا تارىخى››دىن مەلۇم بولىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادا تۇنجى بولۇپ  پىششىق خىشتىن ياسالغان مۇنارلار قاراخانىيلار تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان. سامانىيلار دەۋرىدىكى مۇنارلارنىڭ كۆپ قىسمى ياغاچتىن ياسالغان بولغاچقا ئاسانلا كۆيۈپ كىتەتتى. قاراخانىيلار بولسا پىششىق خىشتىن تولىمۇ ھەيۋەت ئابىدەۋىي مۇنارلارنى ياسىغان. شۇ سەۋەپلىك، ئوتتۇرا ئاسىيادا ساقلانغان قەدىمكى مۇنارلارنىڭ ھەممىسى قاراخانىيلار دەۋرىنىڭ ئەسەرلىرىدۇر.[9] يومىلاق ياكى كۆپ قىرلىق كەسمە پارچە شەكلىدە ياسالغان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خوراسان مۇنارلىرى مىلادى 10-،11 – ئەسىرلەردە تەرەققىي قىلغان. بۇنىڭ پروتوتىپلىرى بولسا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سېپىل بىلەن قورشالغان شەھەرلەرنىڭ بۇلۇڭلىرىدا ياكى ئۇنىڭ دەرۋازىسى يېنىدا قۇرۇلغان ياكى بولمىسا ئايرىم ھالەتتە ياسالغان ۋە بۇددىستلار تەرىپىدىن ‹‹ئەدىز ئەۋ››(مۇقەددەس كىتاپلارنى ساقلاش ئۈچۈن ياسالغان خاس مۇنار) سۈپىتىدە قوللىنىلغان مۇنارلار ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ دەستلەپكى ئىسلامىي ئابىدە مۇنارلىرى ھېساپلانغان قاراخانىيلار مۇنارلىرىنىڭ بەزىلىرى ھېلىمۇ مەۋجۇت. بۇلارنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرى رىباتى مەلىك مۇنارلىرىدىن باشقا يەنە مىلادى 11- ئەسىرگە مەنسۇپ بۇرانا، ئۆزكەند ۋە تىرمىز مۇنارلىرى، مىلادى 1107 – يىلى ياسالغان چار قورغان مۇنارى، ئارسلانخان ئۆزىنىڭ مەبلىغى بىلەن مىلادى 1127- يىلى بۇخارادا ياساتقان ئۇلۇغ مۇنار ۋە مىلادى 1196- يىلى ياسالغان ۋابكەند مۇنارى قاتارلىقلاردۇر. بۇلاردا قاراخانىيلارنىڭ كىلاسسىك مۇنارچىلىقىنىڭ ئاساسلىق شەكىللىرى ئەكىس ئەتكەن.[10]     

      قاراخانىيلاردا ئەۋلىيالار ۋە ھۆكۈمدار قەبرىلىرىنىڭ سامانىيلاردىكى شۇ خىل قۇرۇلۇشلارغا نىسبەتەن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ يەنىلا بۇددىزم بىناكارلىقىنىڭ خاتىرىلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرغانلىقىدۇر. ئۆزكەندتىكى قاراخانىيلار ھۆكۈمدارلىرىنىڭ قەبرىلىرى ‹‹ئۆي››(غار – ئىبادەتخانىلار)گە ئوخشاش يانمۇيان ھالەتتە ياسالغان. تارازدىكى ئىدرىس پەيغەمبەر ۋە ئايشە بىبى قەبرىلىرىنىڭ كۆرۈنىشى ستۇپا (ئەزىزلەرنىڭ نەرسىلىرى ساقلىنىدىغان بۇددا قەبرىسى)نى ئەسلىتىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ئۈستى تەرىپىدە تۈركچە ‹‹كۆشەترى›› دەپ ئاتالغان ۋە بۇددانىڭ شەرەپ كۈنلىكىگە سىمۋول قىلىنغان كونىس شەكىللىك گۈمبەز چىقىرىلغان.[11] بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىش لازىمكى، قاراخانىيلار خاقانلىرىنىڭ ۋە مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىق ئالىملارنىڭ مەقبەرىسى ئۇزۇن تارىخ جەرىيانىدا كۆپ قېتىم رېمونت قىلىنغان ياكى قايتا قۇرۇلغان بولغاچقا، بۇلارنىڭ ئەسلى ھالىتى ھەققىدە بىر نەرسە دېيىش تەس.  

    قاراخانىيلارنىڭ باشقا قۇرۇلۇشلىرى ئىچىدە تۇرا، كۆۋرۈك، ھاممام ۋە قارشى (ساراي) قاتارلىقلارمۇ بار. شەمسۇلمۈلك ناسىرخاننىڭ بۇخارادا ياساتقان سارىيى باغچا، كۆل ۋە ئورمان بىلەن قاپلانغانىدى. بولۇپمۇ بىر ھايۋاناتلار باغچىسى قۇرۇلغان ‹‹شەمساباد›› رايونى بىلەن 1068- يىلى ياسىتىلغان مىھرابى ھەيۋەتلىك بۇخارا ئۇلۇغ جامىسى ناھايىتى مەشھۇر ئىدى.[12]

ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىناكارلىق سەنئىتىدىكىگە ئوخشاش، قاراخانىيلاردىمۇ تۈرلۈك شەكىلدىكى كېمىرلەر كۆرۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئومۇملاشقىنى بۇددىزمدا مۇقەددەس بىر دەرەخ ھېساپلانغان ياۋا ئەنجۈر ياپرىقى شەكلىدە ياكى ئات نالىسى شەكلىدە كەلگەن ئۈستى ئۇچلۇق نۇسخا ئىدى. مۇنارنى ئەسلىتىدىغان بۇلۇڭ تۈۋرۈكلىرى ۋە مۇنارغا ئوخشايدىغان تۈۋرۈكلەرنىڭ تامنىڭ ئىچىگە يېرىم كىرگۈزۈلگەن ھالدا قاتار- قاتار ئورۇنلاشتۇرۇلىشىمۇ قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەنئەنىسىدىن مىراس قالغان ئۇسلۇبلار ئىدى.  

قاراخانىيلارنىڭ قۇرۇلۇشلىرىدا تامنىڭ ئۇلىغا چوڭ تاشلارنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇ ئالاھىدىلىك بىلەن بىللە قاراخانىيلار ئوتتۇرا ئاسىيادا ئادەتكە ئايلانغان شەكىل بويىچە تۇپراقتىن ئىشلەنگەن ماتېرىياللارنى قوللىنىشنى داۋاملاشتۇرغان. تاملار خام خىشتىن قوپۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئۈستى ‹‹گەنج›› دەپ ئاتالغان زىننەتلىك قايماق تاش(بىر خىل مەرمەر تاش) بىلەن سۇۋالغان ياكى تۈرلۈك شەكىللەردە كىسىلگەن گۈللۈك، نەقىشلىك، قاپارتمىلىق، سىزىقلىق پىششىق خىشلار بىلەن قاپلانغانىدى. بەزىدە تامنىڭ يۈزىنى گەج بىلەن سۇۋاپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆسۈملۈك شەكىللىرى، گېئومېتىرىيەلىك نۇسخىلار چۈشۈرۈلگەن ياكى ‹‹قۇرئان››دىكى ئايرىم ئايەتلار ھۆسنىخەت قىلىپ يېزىلغان. بۇ ئۇسۇل يەنە مۇھىم ئىمارەتلەرنىڭ ياغاچلىرىغا – تۈۋرۈك، لىم ۋە دەرۋازىلارغىمۇ ئىشلەنگەن.[13]

قاراخانىيلارنىڭ سامانىيلارغا نىسبەتەن مۇھىم بىر يېڭىلىقى ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىدىكىگە ئوخشاش ئالاھىدە تېخنىكا بىلەن تەييارلانغان جۇلالىق – پاقىراق ۋە رەڭلىك خىشلار ۋە ئەينەك بېزەكچىلىكى ئارقىلىق يارىتىلغان قېنىق كۆك ۋە يېشىل رەڭلىك قاپلىمىلارنى ئىشلەتكەنلىكى ئىدى. بۇ چاغدا يەنە سىرلىق ۋە گۈللۈك چاقچۇقلار-كاھىشلارمۇ ئومۇملاشقانىدى. ياغاچ ئويما سەنئىتىنىڭ قاراخانىيلار دەۋرىدە قايسى دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقى بۇخارادىكى ياغاچ تۈۋرۈكلۈك ۋە مېھراپلىق مەسجىتلەردە، بولۇپمۇ ئۈسكۈدار مەسجىتىدە كۆرۈلىدۇ. ئىدىقۇت خانلىقىدىكى ۋە قاراخانىيلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چاقچۇقلارنى كۆك رەڭلىك بېزەش تېخنىكىسى موڭغۇل ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە خەنزۇلارنىڭ مەشھۇر كۆك ۋە ئاق رەڭلىك فار- فۇرلىرىدا كەڭ كۈلەمدە قوللىنىلغان. ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەتكە ئائىت فار-فۇر زاۋۇتلىرىدا كۆك ۋە ئاق رەڭلىك فار-فۇر قارچىلار(پورسېلىن)نى ئىشلەشتە ئاكتىپ رول ئوينىغان.[14]  

       مەنبەلەردە قاراخانىيلار دەۋرىدىكى بىناكارلاردىن پەقەت سېراخسلىق ئەلى ئىبنى مۇھەممەدنىڭ ئىسمى خاتىرىلەنگەن. تىرمىزدىكى پەقەت بىر مۇنارىلا ساقلىنىپ قالغان چار قورغان جامەسى مۇشۇ بىناكارنىڭ ئەسىرىدۇر.[15]  

قاراخانىيلارنىڭ ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ قۇرۇلمىسى ھەققىدە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ كىتابىدىكى سۆزلۈكلەر ئارقىلىقمۇ مۇھىم پاكىتقا ئىرىشكىلى بولىدۇ. ئۇ ‹‹كىمنىڭ ئالتۇن – كۆمۈشى بولسا ئۆي – جاي سالىدۇ››[16] دېگەن ماقال ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي قۇرۇلۇشىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بىرىدىغانلىقىنى ۋە ئۆينى بايلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇرۇن چىدىر مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ئەۋ سۆزى بۇ ۋاقىتتا ‹‹پاناھ يەر››، ‹‹ئۆي›› مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان ‹‹بارق›› سۆزى بىلەن بىركىپ ‹‹ئۆي – ۋاق›› دېگەن مەنىدە ‹‹ئەۋ بارق››[17] دەپ ئىشلىتىلگەن. مەھمۇد كاشغەرىي ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ ئايرىم قىسىملىرىغا ئائىت ئاتالغۇلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. بۇنىڭدىن مەلۇم بولىشىچە، قاراخانىيلار تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرى بىر يۈرۈش ئىچكىرى – تاشقىرى قىلىپ ياسالغان ۋە ھويلا، باغ، گۈللۈك، قوتان، دەرۋازا، بالىخانا، يازلىق دەم ئېلىش ئورنى، چايخانا قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، تىپىك ھويلىلىق قۇرۇلۇش شەكلىنى ئالغان.[18]  

يۇقىرىدا بايان قىلىنغىنىدەك، قاراخانىيلارنىڭ بىناكارلىق سەنئىتى گەرچە ئىسلامىيەتكە مەنسۇپ دەۋردە ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، بۇلارنىڭ قۇرۇلمىسى، ماتېرىيالى ۋە ئۇسلۇبى مىلادىدىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىن بېرى ئوتتۇرا ئاسىيادا كۆك گۈمبىزىگە سىمۋول قىلىنغان ھالدا مەيدانغا كەلگەن چىدىر قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتى سۈپىتىدە داۋاملىشىپ كەلگەن ۋە بۇددىزم مىمارلىقىغىمۇ كۈچلۈك تەسىرىنى كۆرسەتكەن ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىگە تايانغان. ئىسلام تەسىرى پەقەت بىنالارنىڭ تاملىرىنى زىننەتلەشتىكى بەزى شەكىللەردە ئۆسۈملۈك، گۈل- گىيا ۋە گېئومېتىرىيەلىك نۇسخىلار ۋە ھۆسنىخەت ئارقىلىق بېزەش ئۇسۇلىدا كۆرۈلگەن. قاراخانىيلارنىڭ بىناكارلىق سەنئىتى كېيىن سەلجۇقلار ۋە ئوسمانىيلاردا تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىناكارلىق سەنئىتىگە ئايلاندۇرۇلغان. بولۇپمۇ ئوسمانىيلار دەۋرىدە ياشىغان ۋە بىناكارلىقتا قۇسۇرسىز ئەسەرلەرنى ياراتقان بۈيۈك سەنئەتكار مىمار كوجا سىنان(1490-1588) ئارقىلىق ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان.  

مەنبەلەر :

مەھمۇد كاشغەرىي : ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››، 1- توم، 1981- يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.

مەھمۇد كاشغەرىي : ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››، 3- توم، 1984- يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ : ‹‹قۇتادغۇ بىلىك››، 1984- يىلى، بېيجىڭ، مىللەتلەر نەشرىياتى.

ھاجى نۇرھاجى : ‹‹قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار››، 2001- يىلى، ئۈرۈمچى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.

ئالىمجان مەخسۇت ، ئابدۇشۈكۈر مەخسۇت : ‹‹ئۇيغۇر بىناكارلىق تارىخى››، 2000- يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى.

Г.А.Пугаченкова, Л.ІИІІРемпел, ІИстория Икусств Узбекистана, 1965,ІМоскова, Издательство Академи Наук.

Yusuf Has Hacib, Kutadğu Bilig, , 2003,  Ankara, Türk Tarih Kurumu Yayınları.

W. Barthold, Moğol İstilasına Kadar Türkistan, 1990, Ankara, Türk Tarih Kurumu Basımevi.

İbrahim Kafesoğlu, Türk Milli Kültürü, 2004, İstanbul,  Ötüken Neşriyat.

Emel Esin, Tüklerde Maddi Kültürün Oluşumu, 2006, İstanbul, Kabalcı Yayınevi.

Hee- Soo- Lee, İslam ve Türk Kültürünün Uzak Doğu’ya Yayılması, 1988, Ankara, Türkiye Diyanet Vakfı Yayınları.

Oktay Aslanapa, Türk sanatı,-cilt, 1984, İstanbul, Kervan Yayınları.

Türk Ansiklopedisi, 20.cilt, 1972, Ankara, Milli Eğitim Basımevi.

Türk Ansiklopedisi, 21 .cilt, 1974, Ankara, Milli Eğitim Basımevi.

Türk Ansiklopedisi, 24.cilt,1976, Ankara, Milli Eğitim Basımevi.

.



[1]   گ.ئا. پۇگاچېنكو، ل.ئى. رېپېل : ‹‹ئۆزبەكىستان سەنئەت تارىخى››، رۇسچە، 185-،187- بەتلەر.


[2]   ۋ. ۋ. بارتولد : ‹‹موڭغۇل ئىستىلاسىغا قەدەر turk››، تۈركچە، 336-بەت.


[3]   ۋ. ۋ. بارتولد : ‹‹موڭغۇل ئىستىلاسىغا قەدەر turk››، تۈركچە، 336-، 340- بەتلەر.


[4]  يۈسۈپ خاس ھاجىپ : ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››، تۈركچە، 5486- بېيىت، 393- بەت. ئۇيغۇرچە نەشرى  1125- بەت.


[5] ‹‹تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى››(‹‹قاراخانىيلار سەنئىتى›› ماددىسى)، تۈركچە، 21 -توم، 280 -بەت. ‹‹تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى›› (‹‹ئىسلام سەنئىتى›› ماددىسى)، تۈركچە، 20-توم، 283- بەت.


[6]  ‹‹تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى››(‹‹قاراخانىيلار سەنئىتى›› ماددىسى)، تۈركچە، 21 -توم، 280- بەت.


[7]  ۋ. ۋ. بارتولد : ‹‹موڭغۇل ئىستىلاسىغا قەدەر turk››، تۈركچە، 336-، 337- بەتلەر.


[8]   ‹‹تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى››(‹‹ئىسلام سەنئىتى›› ماددىسى)، تۈركچە، 20-توم، 289-بەت.


[9]   ئوكتاي ئاسلانئاپا : ‹‹تۈرك سەنئىتى››، تۈركچە، Ⅰ-Ⅱ توم، 23 -بەت.


[10] ‹‹تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى››(‹‹مۇنار›› ماددىسى)، تۈركچە، 24-  توم، 211- بەت.


[11]  ‹‹تۈرك ئېنسىكلوپېدىيەسى››(‹‹قاراخانىيلار سەنئىتى›› ماددىسى)، تۈركچە، 21 -توم، 280 -بەت.


[12]   ئىبراھىم كافەسئوغلۇ : ‹‹تۈرك مىللىي كۈلتۈرى››، تۈركچە، 398- بەت.


[13]    ھاجى نۇرھاجى: ‹‹قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار››، ئۇيغۇرچە، 372-، 373- بەتلەر.


[14]    خې سۇلى: ‹‹ئىسلام ۋە تۈرك كۈلتۈرىنىڭ يىراق شەرققە تارقىلىشى››، تۈركچە، 119- بەت.


[15]    ئوكتاي ئاسلانئاپا : ‹‹تۈرك سەنئىتى››، تۈركچە، Ⅰ-Ⅱ - توم، 23- بەت.


[16]   مەھمۇد كاشغەرىي : ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››، ئۇيغۇرچە، 3- توم، 345- بەت.


[17]    مەھمۇد كاشغەرىي : ‹‹دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك››، ئۇيغۇرچە، 1- توم، 453- بەت.


[18]   ئالىمجان مەخسۇت، ئابدۇشۈكۈر مەخسۇت : ‹‹ئۇيغۇر بىناكارلىق تارىخى››، ئۇيغۇرچە، 196- بەت.




ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82570
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5056
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 709 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 12:33:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   مۇشۇ ھەقتە بىر ئازراق چۈشەنىچگە ئىگە بولغۇم  بار ئىدى. ئوبدان تېما يوللاپسىز، قولىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن!

ئاللاھ ۋە ۋىجدانىڭغا خىلاپ بولمىسا تاللىغان يولۇڭدا مېڭىۋەر! خەق نېمە دېسە دەۋەرسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 961
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2519
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 530 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 01:07:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق قەدىمى قۇرۇلۇشلارنىڭ رەسىمى بولسا يوللاپ قويمامسىلەر ،  بۇنداق قۇرۇلۇشلارنى يۇرتىمىزدا مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا ۋەيران قىلىپ بولدى ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ھازىرمۇ بار دەپ ئاڭلايممەن

ئىنساپ يوق ئادەمدە ئىمان -ۋىجدان بولمايدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32240
يازما سانى: 625
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18308
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 1050 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2013-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 01:55:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەسىم يوقما

نىم دەپ يازسام بولا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87717
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 351
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 251 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2013-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 04:50:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەدە قاراخانىيلا زامانىسىدا فۇتۇئاپىرات بولدۇ؟؟؟ تەسۋىرى رەسىم دىمەمسىلە؟؟؟

مايمۇن بولسىمۇ سۆيگۇ نىڭ چىرايلىق
سەن سۆيگەننىڭ قۇلى بولغىچە، سىنى سۆيگەننىڭ گۈلى بول
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17224
يازما سانى: 260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8103
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 870 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-9 10:57:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كۆيچى كۇلۇبى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ````
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش