ئالدىن ئېيتىلغان سۆز:
ئەزىز مۇنبەرداشلار،ئىككى يىلدىن بېرى مەن مۇنبەرگە يوللاپ كېلىۋاتقان شاھنامە داستانى 90%پۈتۈپ ئاخىرقى باسقۇچلارغا يېتىپ قالدى.بىر ئايدىن بېرى ئائىلىدىكى بىر قىسىم جىددىي ئەمگەكلەر سەۋەبىدىن بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىنى يوللىيالماي قالغان ئېدىم.مانا ئەمدى قولۇم خېلى بوشاپ داۋامىنى يوللاشقا پۇرسەت چىقتى.ئاللاھ خالىسا ئەتىدىن باشلاپ بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىنى كۈندۈزى ۋە كەچلەردە داۋاملىق ئۈزۈپ قويماي يوللاپ تولۇق ئاخىرلاشتۇرۇپ ئاندىن توختايمەن.بۈگۈن ئەسەرنىڭ داۋامىنىڭ بىر قىسمىنى تېما قىلىپ يوللۇدۇم.ئاخىرى ھەر كۈنى مۇشۇ تېمىنىڭ ئاخىرىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللۇنىدۇ.
بەھرام گور پادىشاھلىقى(6)
شاھ بەھرام شەنگۇلغا ئېلىپ بېرىلىدىغان مەكتۇپقائۆز مۆھۈرىنى باستى.بۇ سىر بارچىدىن پىنھان تۇتۇلدى.لەشكەر ۋە پۇقراغا:‹‹ شاھىمىزبىر ئايلىق شىكارغا چىقماقچى›› دەپ يالغاندىن خەۋەر تارقىتىلدى.بۇ ئۇنىڭ دائىمىئادىتى بولغاچقا ئەل شەكسىز ئىشەندى.بۇ سەپەردە شاھقا ئەڭ ئىشەنچلىق يېقىنلىرىدىنبىرنەچچە دانا ھەمراھ بولدى.
ئۇلار يوللارنى كېزىپ،دەريالارنى كېچىپ ‹‹يولئازابى گۆر ئازابى ›› دېگەن ماقالدىكىدەك ناھايىتى كۆپ مۈشكۈللەرنى باشتىن كەچۈرۈپئاخىر ھىندىستانغا يېتىپ كەلدى.ئۇلار ھىندى شاھى شەنگۇلنىڭ دەرگاھىغا يەتكىنىدە دۇنياداكەم ئۇچرايدىغان،تەرىپىگە تىل ئاجىزلىق قىلىدىغان،مۇكەممەل ياسالغان ھەيۋەت قەسىر-ئايۋانلارنى كۆرۈپ تاڭ قالدى.بۇندا ھىچقانداق شاھنىڭ ئىلكىدە بولۇپ باقمىغانئاجايىپ بىر قەسىر قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.دەرۋازا ئالدىدا جەسۈر قاراۋۇللار ھەيۋەتبىلەن سەپ تۈزۈپ، قاتۇرۇلغان ھەيكەلدەك قىمىرلىماي تىك تۇرۇشاتتى.ئوردا ئەتراپلىرى ۋە لەشكەرگاھلارداپىل مىنگەن،ئات مىنگەن سان-ساناقسىز قوشۇنلار سەپ تۈزۈپ پەرمان كۈتۈپ تۇرۇشاتتى.جەڭئاتلىرىنىڭ قوڭغۇراقلىرى جىرىڭلاپ،ھەربى كانايلار چىرقىراپ،دۇمباقلار داراڭلاپ،جاھانغا مالمان سېلىپ كۆرگەن رەقىپلىرىنى سۈر باستۇرۇپ تۇراتتى.
بەھرامبۇ بارگاھنى كۆرۈپ لال بولۇپ قالدى.دىلىغا كەلگەن بىرنەچچە خىيال كۆڭۈل ئارامىنىبۇزدى.
ئىران شاھىدىن ئەلچى كەلگەنلىك خەۋىرىدەربان(شاھ قەسرىنىڭ قورۇقچى دەرۋازىۋەنلىرى)لار ئارقىلىق ھىندى شاھى شەنگۇلغا يەتكۈزۈلدى.شەنگۇلپەرمان چۈشۈرۈپ ‹‹ئەلچى››نى ئىچكىرى كىرىشكە ئىجازەت قىلغاندىن كېيىن ئىشىكلەرئېچىلىپ قارشى ئالارغا كىشى چىقتى.بەھرام گور خاس ىادىمنىڭ يول باشلىشى بىلەنئىچكىرىگە قەدەم قويدى.كۆردىكى شاھ سارىيىنىڭ ئىچكىرىسى سىرتىدىنمۇ ئېسىل بولۇپ ئاددىيسى تاپسىلارمۇ بىللۇردىن ياسالغان ئېدى...
بەھرامشەنگۇلنىڭ يېنىغا كىرگەن چېغىدا ئۇ باھادىر تاجدارنىڭ پۈتۈنلەي زەر بىلەنبېزەلگەن،باشقا شاھلار تەختىگە سېلىشتۇرغاندا كۆپ بىباھا سانىلىدىغان تەختتە پەخىر بىلەن ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى.شەنگۇلنىڭتەختى بىلەن شاھلىق تاجىلا زەردىن بولۇپ قالماي ئەتراپىدىكى بارلىق ئەسلىھەلىرىمۇزەر ۋە كۈمۈشتىن، ئەڭ ئېسىل گۆھەرلەردىن ياسالغان ياكى زىننەتلەنگەن ئېدى.شاھ ئۆزىمۇزەر چېھىرلىك بولۇپ زەردەك نۇر چېچىپ تۇراتتى.شاھنىڭ يېنىدىكى تەختتە ئاكىسىمۇيانداش ئولتۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭمۇ بېشىدا گۆھەرتاقالغان زەر كۇلاھ يالتىرايتتى.ئۇنىڭ ھوزۇرىدا نەچچە يۈز دانىشمەن ئۇلۇغرەھنەمايلار شاھ خىزمىتى ئۈچۈن قول باغلاپ تۇرۇشاتتى.ئوغلىمۇ شۇ يەردىن جاي ئالغانئېدى.شاھ بەغرام ئېلىپ كەلگەن نامىسىنى قولىدا تۇتقىنىچە ئەلچى قىياپىتىدە تازىمبەجا كەلتۈرۈپ ئېھتىرام بىلدۈردى.ئەلچىلىك سۆزلىرىنىمۇ لايىقىدا قىلدى:
-بۇئىران شاھى،قۇدرەتلىك جاھاندار بەھرامنىڭ ھىندى شاھى بولغان جاناپلىرىغا ئاتاپ ئەۋەتكەن مەكتۇبى.مەكتۇپنىڭ ھەر بىر سۆزى سىلىگە قارىتىلغانبولۇپ،شاھىمىز ھۇش كاللىسى بىلەن پەھلىۋىتىلىدا يازدۇرغاندۇر.
شەنگۇل شاھبەھرامنىڭ نامىنى ئاڭلاپ دەرھال زەر كۇرس كەلتۈرۈپ ‹‹ئەلچى››گە قويدۇرۇپ بەردى. ‹‹ئەلچى››ئالتۇن كۇرس بىلەن ئېتىبارلاندى. شەنگۇل‹‹ئەلچى››گە ۋە ھەمراھلىرىغا بىرمۇ بىرقاراپ نەزەردىن ئۆتكۈزدى. ‹‹ئەلچى›› شىرىنسۆزلىرى بىلەن كۆڭلىنى ئىزھار ئەيلىدى:
-ئەي ئۇلۇغشەھرىيار،سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭ.ئەگەر ئەرزىمنى ئېيتىشقا پەرمان قىلسىڭىز ئىزمۇ ئىزبايان قىلسام،ئەلچىلىك قەرزىمنى ئادا قىلىپ خۇشنۇد بولسام! ئەي دانا جاھاندار،شۇنىقەيت قىلىمەنكى، تەڭرى سىزنى تولىمۇ ئۇلۇغ يارىتىپتۇ،جاھاندا سىزسىز ھېچكىمدەپاكلىق ۋە ئۇلۇغلۇق بولمىسۇن!
شەنگۇلئۇنىڭغا ئىجازەت بەردى:
-ئەيئەلچى،ئەرزىڭنى دەرھال بايان ئەيلىگىن.دەرگاھىمدا ئەرز ئېيتقانلار ئالەمدە كامال تاپقاي!
ئەي خۇسرەۋنىجات، ئەمىسە ئەرزىمنى ئىشىتكەيلا! تا شۇ كەمگىچە جاھانغا بەھرام يەڭلىغ ھىچبىرزات كەلمىگەندۇر.ئۇ جاھان مۈلكى ئارا سەردار ۋە سەرۋەردۇر.ئۇنىڭ ئەدلىدىن زەھەرمۇھەسەلگە ئايلىنىدۇ.جاھان شاھلىرى ئارىسىدىكى نى ئۇلۇغ ئەرلەر ئۇنىڭغا باجتۆلەيدۇ.ئۇ شۇنداق قورىقماس باتۇر ئەركى،ھەمىشە تەنھا ئوۋغا چىقىپ قۇلان دەشتىدەۋەھشى شىرلارنى ئوۋلايدۇ.جەڭ پەيتلىرىدە ئۇ تىغ تۇتۇپ مەيدانغا چۈشكەن ھامان دەشت چۆلدە قانلار دەريا بولۇپئاقىدۇ.ساخاۋەت بابىدا ئۇنى ھەممىگە تەڭ ئىللىقلىق ئاتا قىلالايدىغان باھارشامىلىغا ئوخشىتىش مۈمكىن.ئۇ شۇ قەدەر مەرتكى،ئۇنىڭ ئالدىداگەنج،دىنار،ئالتۇن-كۈمۈش،گۆھەر ۋە دۇر جاۋاھىرلارنىڭ قىممىتى يوقاپ خارلىنىپ قالىدۇ.شۇنداقئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك بولغان شاھىمىز سىلىدەك دانالار شاھىغا ئاتاپ سالاملاريازدۇرۇپ بىز بىلەن ئەۋەتتى.
تاجدار شەنگۇلنامىنى بىر پەررۇھقا ئوقۇتۇپ مەزمۇنىدىنۋاقىپ بولغاندىن كېيىن نامىدا تىلغا ئېلىنغان ئەڭگىمىدىن ھەيرەتكە چۆمدى.چېھرىزەپىران رەڭگىنى ئالدى.قانچە غەزەپلەنسىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ تەمكىنلىك بىلەن جاۋاپبەردى:
-ئەيئەلچى،سۆزۈڭنى ئاڭلاپ مەقسىدىڭنى بىلدىم.مەكتۇپنى ئوقۇتۇپ ئۇنىڭ مەزمۇنىدىنمۇ خەۋەرتاپتىم.قارىسام پادىشاھىڭ سەل غەزەپناك كۆرۈنىدۇ.ئۇ مەكتۇپ يېزىشتىن بۇرۇن تازا ياخشىئويلانماي ئالدىراڭغۇلۇق قىلىپ نامىنى يازدۇرغان چېغى.جاھىللىق ۋە نادانلىق جاھان شاھلىرىغا ياراشمايدۇ.مەن ساڭا شۇنىئېيتاي،شاھىنشاھلاردىن قايسى بىرى ھىندىستاندىن باج ئالماقنى ئستەيدىكەن بۇئارزۇسى بىزگە خوپ كەلمەيدۇ.ئۇ ئۆزىمۇ راۋاج تاپالمايدۇ.سەن قايتىپ بارغاندا ئۇنىڭغامېنىڭ ئىشلىرىمنى ،قوشۇنلىرىمنىڭ نەقەدەر كۆپلىكىنى،مال-دۇنيالىرىمنىڭبىھەدلىكىنى،يۇرتلارنى قانداق پايمال قىلىدىغانلىقىمنى سۆزلەپ بەرگىن.مىسالى باشقاشاھلار قۇلان بولسا مەن ئۇلارنى ئوۋلايدىغان بۈركۈت،ئۇلار تۇپراق بولسا مەن تاشقىندەريا.ئاسماندىكى يۇلتۇز بىلەن ھېچكىممۇ جەڭ-جېدەل قىلماس.قىلسا بۇندىن خارلىقتاپقايكى،ئۆزگە نەپكە ئىگە بولالماس.دۇنيادا مەنمەنلىكتىن ئاددىي ھۈنەر مىڭ بارەئەلادۇر.مەنمەنلىك دانالىق ئارا ھامان خار ۋە زەبۇندۇر.شۇنى ھىس قىلدىمكى، شاھبەھرامدا نە مەردلىك،نە بىلىم،نە غۇرۇر يوق ئىكەن.شۇنداق تۇرۇپ شاھلىقتىن گەپسېتىپ ھوزۇرلىنىدىكەن.ئەي ئەلچى،مەن ساڭا جاۋاپ بېرەي ياخشى قۇلاق سال،قايتىپبارغاندا شاھىڭغا ئاڭلىغان ۋە كۆرگەنلىرىڭنىتولۇق سۆزلەپ بەرگىن.ھىندى ۋە تۇران ئىقلىمىدا بارچە يەر مېنىڭكى،گەنجىم(مال بېسات)بىھەد مولدۇر.ئۇلار ئەجداتلىرىمدىن مىراس قالغان بولماستىن ھەممىسىنى ئۆزۈمتاپقان.ئۇلاردىن باشقا ئۇرۇش ئەنجاملىرى(غەنىيمەتلىرى)دىن قولغا چۈشۈرگەن مال-دۇنيالىرىممۇبىھەد بولۇپ بىھىېساپتۇر.ئەگەر خەزىنىچىم قۇلۇپ ئاچماقچى بولسا غەزىنىنىڭئاچقۇچلىرىنى ئارتىش ئۈچۈنمۇ نەچچە پىل كېرەك بولىدۇ.بۇ غەزىنىلەرنى ئادەتتىكىپىللار ئەمەس ئەڭ قۇدرەتلىك پىللارلا ئاچالايدۇ.ئەگەر جەڭدە ئىشلىتىدىغان قىلىچ-قالقانلىرىمنى بىلمەك بولساڭ سانى كۆكتىكى يۇلتۇزلار سانىدىن كۆپ ئۈستۈندۇر.قوشۇنۇم شۇ قەدەركۆپكى،ھەممىنى جەم قىلسام زىمىنغا سىغماس.پىللىرىممۇ شۇنچىلىك جىقكى،سانىنىڭ كۆپلۈكىدىنئۇلارمۇ ئالەمگە سىغماي قالىدۇ.ئەگەر بەھرام جاھان شاھلىرى سانىنى مىڭغا يەتكۈزگەنتەقدىردىمۇ شۇنچە كۆپ شاھلار ئۇنىڭغا بېقىنماي، ماڭا سېغىنىدۇ.ئالەمدىكى تاغۇ-دەريالارنىڭ خەزىنىلىرى ھەممىسى ئىلكىمگە ئۆتكەن بولۇپ ئوڭ ۋە سولۇمدىن ئورۇن ئالغاندۇر.دېمەككى، پۈتۈنجاھاننىڭ تەقدىرى مېنىڭ قولۇمدا.يەنە دۇنيانىڭ خۇشبۇي ماددىلىرى بولغان ئۇد،ئەنبەر،مۈشك چەشمىلىرى ۋە ئۆسۈملۈكەر،دەل-دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى مېنىڭدىدۇر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-8 01:46 AM