|
|
|
|
سىرلىق ئوردا خېنىم قۇملۇقى
ئەزىزانە قەشقەرنىڭ بىر بۇرجىكىگە جايلاشقان يېڭىشەھەر ناھىيىسى ھاراپ يېزىسى بىلەن يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ ئارلىقىدا شۇنداق بىر سىرلىق ھەم ئۇلۇغ جاي بار بۇلۇپ بۇ جاينى كىشىلەر <<ئوردا خېنىم>>،<<ئوردا خېنىم مازىرى>>،<<ئوردام قۇملۇقى>>دەپ ئاتىشىدۇ. بۇ يەر ھەققىدە نۇرغۇنلىغان رىۋاتيەتلەر بار.لېكىن بۇ يەرنىڭ ھەقىقي تارىخى ھەققىدە تېخى ئېنىق بىر مەلۇمات يوق.ئاتاقلىق يازغۇچى ياسىنجان سادىقنىڭ <<جاللات خېنىم>>ناملىق تارىخى رومانىدا بۇ يەرنىڭ ئىسمى چىقىدۇ،لېكىن ئىنىق بىر تەپسىلات يوق.بەزى بىرقىسىم يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە بۇ يەرنىڭ تارىخى ئىنتايىن ئۇزۇن بۇلۇپ ئەينى يىللاردا بۇ يەر بىر پادىشاھنىڭ ماكانى بولغان ئىكەن،يەنى بۇ <<قىلىچ بۇغراخان>>نىڭ ھۈكۈمرانلىق قىلىشىدا پەيدا بولغان ئاستانە شەھەر بۇلغان بۇلۇپ ئەينى ۋاقىتتا بۇ يەر ئىنتايىن قايناق بىر شەھەر ئىكەنتۇق،كېيىن بۇ خاندانلىق يۇقۇلۇپ بۇ شەھەرنى قۇم بېسىپ كەتكەن ئىكەنمىش .بىر سىنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە<<قىلىچ بۇغراخان >>شۇنداق كۈچلۈك ھەم تەڭداشسىز بىر كىشى بۇلۇپ ئۇنىڭغا ھەرقانداق تېغ ئەتىۋارى ئۆتمەيدىكەنتۇق،ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى نەچچە قىلىچ ئۇرۇپمۇ ئۇنى ئۆلتۈرەلمەپتىكەنتۇق،شۇڭلاشقىمۇ ئۇنىڭ ئەل خەلقى ئۇنى ناھايىتىمۇ ئۇلۇغلايتىكەنتۇق.لېكىن بۇ پادىشاھ ئايالىنىڭ نائەقىللىقى سەۋەپلىك ئۆلمەسلىكىنىڭ سىرىنى باشقىلار ئۇقىۋېلىپ ئۇنى كاللىسىدىن چېپىپ تاشلاپتىكەنتۇق،ئۇنىڭ تېنى ئوردام قۇملۇقىدا بېشى بولسا قەشقەرنىڭ ھەزرەت دېگەن جايغا چۈشۈپ دۈشمەنلەر بىلەن ئۈزلۈكسىز جەڭ قىلىپ ھەممە دۈشمەنلىرىنى ئۆلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن توختاپتىكەنتۇق،بېشى چۈشكەن جايدا ئاغزى بىلەن قىلىچنى چىشلەپ تۇرۇپ جەڭ قىلغان ئىكەن،ئوردام قۇملۇقىدا قىلىچ بۇغراخاننىڭ نۇرغۇن ئەسكەرلىرى چېپىلىپ كەتكەن يەرلەرگە قۇملار ئۇچۇپ كىلىپ ئۇلارنى كۆمۈپ قويغان ئىكەنمىش.(بۇ نېمىدىكەن ئېسىل رىۋايەت ھە!) كېيىنكى ۋاقىتلارغا بارغاندا يەنى 70-يىللاردا كىشىلەر بۇ يەرنى ئەزىزلەپ ھەريىلى ئايەم ۋاقىتلىرىدا بۇ يەرگە يىغىلىپ مەشرەپ قىلاتتىكەنتۇق،قوي-كالىلارنى سويۇپ بازار قىلاتتىكەنتۇق،بۇ يەرگە ھەريە-ھەريەلەردىن نۇرغۇن ئادەملەر كىلىپ تاۋاپ قىلغاچ ساياھەت قىلاتتىكەنتۇق.بۇ يەردە شۇنداق چوڭ قازاندىن ئىككىسى بار بۇلۇپ ئەڭ چوڭىنىڭ دىئامېتىرى 3-4 مېتىر كىلىدىكەن ،ئەينى ۋاقىتتا ئايەم ئۆتكۈزگەندە كىشىلەر ئۆز يانلىرىدىن كېرەكلىك نەرسىلەرنى تەڭ يىغىش قىلىپ ياسالغان ئىكەن،بەزى كىشىلەر ساپ ئالتۇنىنى ياكى ئالتۇن چىشلىرىنى،تۆمۈر -تەسەكلىرىنى بۇ قازاننى ياساشقا ئىئانە قىلىپ تىكەنتۇق،شۇڭلاشقىمۇ كىشىلەر بۇ ئىتتىپاقلىق قازىنىنىڭ شورپىلىرىنى ئېچىشنى بەك ئارزۇ قىلىپ چوڭ كۈرەتتىكەنتۇق.بۇ قازاننى ئەتراپتىكى ھەرقايسى يۇرتلارنىڭ تۆمۈرچى ئۇستىلىرى بىرلىككە كىلىپ ياسىغان ئىكەن.بۇ قازان ئەشۇ جايدا ھازىرمۇ بار.بۇ جايدا يەنە ھەرخىل سىرلىق جايلار بار بۇلۇپ،بۇ جاينىڭ قۇملىرى ئاجايىپ سىرلارغا ئىگىكەن،<<ھاجەت قۇم>>دەيدىغان بىر قۇم بۇلۇپ ئەگەردە بىرەر كىشىنىڭ ھاجىتى بولسا بۇ قۇمنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ھاجىتىنى پۈتۈن نىيىتى بىلەن خۇدادىن تىلىسە ھاجەتلىرى ئاساسەن ئىجابەت بولاتتىكەنتۇق(ئاللاھ ھەممىگە قادىر ئۇلۇغ زاتتۇر،ئۇ شۇنداق سېخى زات بۇلۇپ ھاجەت ئۈچۈن كۈتۈرۈلگەن قولنى ھەرگىزمۇ قۇرۇق قول ياندۇرمايدۇ)،مەسلەن: قۇيى يۈتۈپ كەتكەنلەر بولسا بۇ يەرگە كىلىپ تىلىسە قويى تېپىلاتتىكەنتۇق،كىسەل بۇلۇپ قالغانلار بولسا كىسىلىنىڭ ساقىيىپ كېتىشىنى تىلىسە ساقىيىپ قالاتتىكەنتۇق...........يەنە بىر كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى بۇ يەر شۇنداق قاقاس قۇملۇق بولسىمۇ لېكىن <<ھۆمبۇلاق>> دەيدىغان بىر بۇلاق باركەن،بۇ بۇلاق تا ھازىرغىچە تىنىپ كەتمەپتۇ،سۈيىمۇ شۇنداق تاتلىق ئىكەن.مەن 2-ئايدا بىرنەچچە دوسلىرىم بىلەن ئاتەيىتەن كۆرگىلى بارغان ئىدۇق لىكىن بەزى بىر قىيىنچىلىقلار ۋە توسقۇنلۇقلار تۈپەيلىدىن تۇلۇق كۈرۈپ بۇلايمايلا قايتىپ چىقتۇق،چۈنكى بۇ يەرگە ھازىر قالايمىقان ئادەم كىرگۈزمەيدىكەن،قوغدىلىدىغان رايون قىلىپتىمىش.بۇ يەردە ھېيتىكاھ مەسچىتىگە ئوخشايدىغان بىر مەسچىت بار بۇلۇپ ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەر ئايەم ۋاقىتلىرى بۇ يەرگە كەلگەندە ناماز ئۆتەيتىكەنتۇق...........ئىشنى قىلىپ بۇ يەرنىڭ تېخى ئېچىلمىغان نۇرغۇن سىرلىرى بار،ئەگەر بىلىدىغانلار بولسا تەڭ بەھىرلەنسەك،يوللاپ قۇيارسىلەر،بۇنى پەقەت شۇ يەر توغرىسىدا باشقىلارمۇ ئازكەم بولسىمۇ مەلۇماتقا ئىرىشسىكەن دىگەن مەقسەتتە يوللاپ قويدۇم،بۇ يەرنى ساياھەت رايونى قىلىپ ئېچىۋەتكەن بولسا بەك ياخشى بولاتتى ،لېكىن ئەپسۇس...تۆۋەندە بۇ يەرنىڭ رەسىملىرىدىن ھۇزۇرلانغايسىلەر:
مانا بۇ ئەينى ۋاقىتلاردا ئايەم ئۆتكۈزىلىدىغان جاي،بۇ سەينانىڭ تۆتىلى تەرىپىدە ئۆيلەر سېلىنغان بۇلۇپ مۇشۇ ئۆيلەرنىڭ ئارىلىقىدىكى كەڭرى جايدا بازار،ئايەم بۇلاتتىكەنتۇق.
بۇ ئەشۇ ۋاقىتلاردا سېلىنغان مەسچىت ئىكەن،بۇ ھازىرقى ھالىتى....
مان بۇ بولسا شۇ يەردىكى چوڭ قازان،بۇنى كىشىلەر <<ئالتۇن داشقازان>> دەپ ئاتايدىكەن
بۇ بولسا شۇ يەردىكى <<ھاجەت قۇم>> دەپ ئاتىلىدىغان سىرلىق قۇم.......
تۆۋەندىكىسى بولسا قەشقەر كونا شەھەردە ئۇلۇغ ئۇستاز مەھمۇد قەشقەرىنىڭ مەقبەرىسىنى يوقلاپ بارغاندا تارتىۋالغان سۈرەتلەر تەڭ بەھىرلىنەيلى..بۇ مەھمۇد قەشقەرىنىڭ مەقبەرىسىدىكى ھەيكىلى،ناھايىتىمۇ ھەيۋەتلىككەن...
بۇ رەسىملەرنىڭ ھەممىسى تىلىفۇندا تارتىلغان بولغاچقا بىرئاز غۇۋا چىقىپ قاپتۇ،ئەپۇ قىلارسىلەر....
مەنبەسى: ئۆز ئەجىرىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tegin12 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-8 12:49 AM
|
|
|
|
|
|