ئەتراپىمىزدا مۇنداق ھەكىملەرمۇ بار
(زىيارەت خاتىرسى)
خۇدايار
يېقىندا دوسلىرىمىز بىلەن ئۈرۈمچىدە داۋالىنىپ كەلگەن بىر دوستىمىزنى يوقلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆيىگە باردۇق. دوستىمىز بىلەن كۆرشۈپ ئۇنىڭدىن ھال- ئەھۋال سورغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېچىش ئۈچۈن بىردەم تاغدىن - باغدىن پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق. بىر چاغدا، بىر دوستىمىز،
— ئاداش ،ئاڭلىساق بەشكىرەمدە تۇرسۇن قارىھاجى دەپ بىر تىۋىپ بار ئىكەن، ئۇ كىشى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كىسەللىرىنى داۋالاپ ساقايتىۋېتىپتۇ. ھازىر قەشقەر ۋىلايىتىدىنلا ئەمەس، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىردىن، ئىچكىرىدىن، شۇنداقلا چەتئەللەردىنمۇ بىمارلار كىلىپ كىسىلىنى كۆرسىتىپ ، دورا ئېلىپ كىتىشىۋېتىپتۇ. ئۇ ئادەمنىڭ داڭقى بىردەمدىلا ھەممە ياققا پۇر كىتىپتۇ، بىرنەچچە كۈن ياخشى ئارام ئېلۋالغاندىن كىيىن، چىقىپ كىسىلىڭنى كۆرسىتىپ كەلمەمسەن، — دىدى.
— شۇنداق، بىزمۇ ئاڭلىغان، بىر چىقىپ كىرگىن، — دىدى باشقىلارمۇ ھېلىقى دوستىمىزنىڭ گېپىنى قۈۋەتلەپ.
— دىگىنىڭلار توغرا، — دىدى دوستىمىز ، — بۇدا ئۈرۈمچىدىن كەلگۈچە قىزغىزىستانلىق بىر بۆرىكىنى ئېلىۋەتكەن ئايال بىلەن بىللە كەلدىم، ئۇ شۇ تىۋىپنىڭ نامىنى ئاڭلاپتىكەن. ئۇمۇ چىقىپ ئۇ تىۋىپقا كۆرنۈپ دورا ئېلىپ كەتتى.
مەنمۇ بەشكىرەمدىكى بۇ تىۋىپنىڭ نامىنى ئاڭلىغىلى نەچچە يىللار بولغان ئىدى.بىزدە «مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا»دىگەن گەپ بار ئەمەسمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن بۇ تىۋىپنى بىر زىيارەت قىلىش ئىستىكى تۇغۇلدى. ئاشۇ گەپ سۆزدىن كىيىن، ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن، بەشكىرەمگە قاراپ يول ئالدىم. قەشقەر شەھرىدىن يولغا چىقىپ بەشكىرەمگە قاراپ مېڭىپ، بەشكىرەم يېزا مەركىزىگە بېرىپ، بىر يىگىتدىن تۇرسۇن قارىھاجىمنىڭ ئۆيىنى سوردۇم.ئۇ يىگىت يەنە شەرىققە قاراپ ئۇدۇل بەش ئالتە كىلومىتىر مېڭىپ، يول بويىدىكى چوڭ كۆلنىڭ بويىدا توختاپ سولغا بۇرۇلۇشىمنى ئېيىتتى. مەن يىگىتنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مېڭىپ چوڭ كۆلنىڭ بويىدىن سولغا بۇرۇلۇپ ھەيران قالدىم. چۈنكى بۇ تار يولدا 20نەچچە ماشىنا توختاپ كەتكەن ئىدى. مەن ماشىنامنى ئەپلىك بىر جايدا تەستە توختىتىپ تىۋىپنىڭ دەرۋازىدىن ھويلىغا كىردىم. ھويلىدا 20نەچچە ئادەم مېڭىپ يۈرەتتى. ھويلىدىكى دەرۋازىغا يانداش سېلىنغان ئۈچ ئېغىز ئۆي بولۇپ، بىر ئۆينىڭ ئىشىكى ئۈستىگە، «بىمارلارنىڭ ئۆچرەت كۈتۈش ئۆيى» دەپ يېزىقلىق تۇراتتى. مەن بىمارلارنىڭ ئۆچرەت ساقلاش ئۆيىنىڭ پەردىسىنى قايرىپ، ئىچىگە «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» كىردىم. بۇ يەردىكى مەنزىنى كۆرۈپ ئاڭلىغىنىمنىڭ يالغان ئەمەسلىكىگە ئىشەندىم. بۇ ئۆيدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ھەم سۇپۇدا لىق بىمارلار ئولتۇراتتى. ئۇلارنىڭ سانى قىرىقتىن ئاشاتتى. مەن بىمارلارغا بىر قۇر سەپ سېلىپ چىققاندىن كىيىن، بۇ ئۆينىڭ تاملىرغا ئېسىلغان لەۋھەلەرنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. بۇ لەۋھەلەردە بۆرىكىدىكى تاشنى چۈشۈرگەن، ئۆپكە راكى ، ئېغىر جىگەر كىسىلى، پەرزەنت كۆرەلمەسلىك، قان تومۇر كىسەللىكى... قاتارلىق كىسەللەرنى داۋالاپ ساقايىتقان قارىھاجىمغا رەھمەت تەشەككۈرلەر يېزىلغان ئىدى. بىر چاغدا بۇ ئۆينىڭ يېنىدىكى ئىشىك ئېچىلىپ سېرىقراق كەلگەن بىر ئوغۇل بالا بېشىنى چىقىرىپ «يەنە يېڭدىن كەلگەنلەر بارمۇ؟» دەپ بىرنەچچە كىشىنىڭ ئىسمىنى يېزىۋالدى. ھېلىقى بالا،
— قارىھاجىم ھازىر كىسەل كۆرىۋاتىدۇ، مۇشۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپ نۆۋەت كۈتۈڭلار، نۆۋەت كىمگە كەلگەن بولسا، مەن شۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرىمەن، — دەپ كىرىپ كەتتى.
مەنمۇ بىمارلار ئارىسىدا تۇرۇپ ئۇلار بىلەن ئەھۋاللاشتىم. بۇ جەرياندا، بۇ يەردىكى بىمارلارنىڭ ئۆزىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى ناھىيلىردىن، ئەتراپتىكى ئاتۇش، خوتەن، ئاقسۇلاردىن كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇلار بۇ تىۋىپنىڭ نۇرغۇن ساقايمىغان جاھىل كىسەللەرنى داۋالاپ ساقايىتقانلىقىنى ئاڭلاپ كەلگەنكىنى ئېيتىپ بەردى. بەزى كىسەللەرنىڭ ئىكىككىنجى ئۈچۈنجى قېتىم كىلىشى ئىكەن. ئۇلار بۇ تىۋىپنىڭ دورىسىنى يىگەندىن كىيىن، كىسىلدە ياخشىلىنىش بولغانلىقىنى ئېيتىشتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كىسەل ئازابىنى تارىتقاندىكى دەر ئەلەملىرنى ئاڭلىدىم. شۇنداقلا ئۇلار ئۇزاق يوللارنى بېسىپ زور ئۈمۈدلەر بىلەن كەلگەنلىكىنى بايان قىلشاتتى. بۇ بىمارلارنىڭ ئىچىدە ئاتمىش - يەتمىش ياشلاردىكى بوۋاي مومايلار، ھەتتا يېشىغا توشمىغان ۋە بىرنەچچە ياشقان كىرگەن بالىلارمۇ بار ئىدى.مەن ئۇلار بىلەن ئەھۋاللىشىپ ئەھۋال ئىگەللەپ بولغاندىن كىيىن، ھاجىمنىڭ كىسەل كۆرەۋاتقان ئۆيدىكى كىرىسلونىڭ بىر بۇلىڭغا كىرىپ ئولتۇردۇم. ئۇ ئالدى بىلەن بىمارلارنىڭ تومۇرىنى تۇتاتتتى. ئاندىن نىمە كىسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئېيتىپ بىرەتتى . ئاندىن دورا بىرەتتى. دورىنىڭ يىيىش ئۇسۇلى ، تاماقتا پەرز تۇتىدىغان ئىشلارنى ئېيتىپ بىرەتتى. مانا مۇشۇ تەقرىزدە بەش -ئالتە كىسەلنى يولغا سالدى. مىنىڭ ھەيران قالغىنىم ئۇنىڭ بىمارلاردىن ئالغان دورا پۇلى60سوم، 70سومدىن ئاشمايتى. كىسەللەرنى ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆرەتتى.مەن مۇۋاپىق بىر پەيىتتە كىلىش مەقسىدىمنى ئېيىتتىم. مەن زىيارەت قىىلش جەريانىدا تۆۋەندىكلەرنى ئۇقتۇم.
تۇرسۇن قارىھاجىم 1959-يىلى 8-ئايدا تۇغۇلغان. قەشقەر شەھەر بەشكىرەم يېزا يېڭئاۋات كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئاددىي دىھقان ئىكەن. 1992-يىلى ئۇ قان تومۇر كىسىلى، يۈرەك كىسىلىغا گىرىپتار بولۇپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن جايلاردا داۋالاتقان بولسىمۇ، كىسىلى تازا ياخشى بولالماپتۇ. ئۈرۈمچىدىن ھەتتا ئىچكىرىدىن دورا ئەككەلگۈزۈپ يەپتۇ. يەنىلا كىسىلى شىپا تاپماپتۇ. دىھقان دىگەنننىڭ يەردىن كىردىغان ئازراق كىرىمىدىن باشقا نىمىسى بار دەيسىز؟ داۋالىنىشقا تاپقان تەرگەنلىرى كىتىپ، تۇرمۇشىغىمۇ ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپتۇ. شۇ ئارلىقتا ئۇنىڭغا مىللىي تىبابەت كىتابىدىن بىرسى ئۇچراپ قاپتۇ. ئۇ كىتاپنى قىزىقىپ ئوقۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىتاپتا دىيىلگىىنى بويىچە ئۆزى دورا ياساپ يەپتۇ. راستىنلا مۆجىزە يۈز بىرىپتۇ. ئۇنىڭ نۇرغۇن دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىپمۇ ساقايمىغان كىسىلى بارغانسىرى ساقىيىپ كىتىپتۇ. يەنە ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ ئوغلى ئوسمانجاننىڭ بۆرىكىدە تاش پەيدا بولۇپ قاپتۇ. ئۇ بۇ بالىسىنىمۇ ھېلىقى كىتاپتا دىيىلگەنلىرى بويىچە دورا ياساپ داۋالاپ بېقىپتىكەن، ئوغلىنىڭ بۆرىكىدىكى تاشمۇ چۈشۈپتۇ. ئوغلىمۇ ساقىيىپ كىتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن تۇرسۇن قارىھاجىمنىڭ ئۇيغۇر مىللىي تىبابەتكە بولغان قىزىقىشى ھەسسىلەپ ئېشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مىللىي تىبابەتكە ئائىت كىتاپلارنى كىچە-كۈندۈز بىرلىپ ئوقۇپتۇ. خاتىرە قالدۇرۇپتۇ. داڭلىق تىۋىپلارنى ئىزدەپ ئۇلاردىن كىسەل كۆرۈش، دورا ياساشنى ئېرىنمەي ئۆگۈنۈپتۇ. دوكتۇر خالمۇرات غوپۇرنىڭ تومۇر تۇتۇشقا ئائىت كىتابىنى ئەستايىدىللىق بلىەن ئوقۇپ، تومۇر تۇتۇشنى ئۆگۈنۈپتۇ. ئەمدىكى مەسلە ئۇنىڭ كىسەل داۋالىشىقا ئائىت ئۆگەنگەن بىلىملىرنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىش، كىسەل ئازابىدا ئىڭراۋاتقان بىمارلارنى پاتراق ساقايتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇ دادىللىق بىلەن ئىزدىنىپتۇ. ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ يۇرتى يېڭئاۋات كەنتىدىدىن كىم ئاغرىپ قالغان بولسا، ئۇ ئېرىنمەي ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىنى سوراپ ئۇنىڭ نىمە كىسەل بولۇپ قالغانلىقىنى بىلۋالغاندىن كىيىن، ئۆيىگە قايتىپ كىلىپ، ئۇ كىشى ئۈچۈن دورا ياساپ ئاپپىرىپ، ھەقسىز يىگۈزۈپتۇ. ئۇ بۇ ئىشنى بىر ئىككى يىل داۋاملاشتۇرۇپتۇ. كىشلەر دوختۇرخانىدا نەچچە ئون مىڭ كويلۇق داۋالىنىپ ساقايمىغان كىسەللىرنىڭ تۇرسۇن قارىھاجىم بىكارغا ياساپ بەرگەن دورا بىلەن ساقىيىپ كەتكەنلىكىدىن ھەيران قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ داڭقى ئەتراپ قا پۇر كىتىپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بىمارلىرى كۆپىيىشكە باشلاپتۇ. ئۇنىڭ نامىمىۇ ئەتراپقا تارقاپتۇ. نۇرغۇن كىسىلى ساقايمىغان بىمارلار ئۇنىڭ دورىسىنى يەپ كىسىلى شىپا تېپىپتۇ. ئۇنىڭ ئىقتىسادىمۇ روناق تېپىپتۇ. ئۇ ئوغلى ئوسمانجاننى ئۆزىنىڭ ۋارىسى قىلىش ئۈچۈن خوتەندە ئۇيغۇر تىبابىتى بويىچە ئوقۇتۇپ كەپتۇ. ھازىر مۇستەقىل كىسەل كۆرگۈدەك ھالغا يىتىپتۇ.
مەن زىيارەت جەريانىدا ئۇنىڭ كەلگەن بىمارلارنىڭ 30%دىن كۆپرەكىنى ھەقسىز داۋالايدىغانلىقنى ، بىمارلارغا بىرۋاتقان خالتا خالتىدىكى لىق دورىلارغا ئەڭ كۆپ بولغاندا 120كويدىن ئارتۇق پۇل ئالمايدىغانلىقىنى بىلدىم. ئۇ بۇ ھەقتە توختۇلۇپ مۇنداق دىدى.
— مەنمۇ ئەينى چاغدا نۇرغۇن كىسەللىك ئازابى تارتىپ كۆرمىگەن كۈنۈم قالمىغان. كونىلاردا «ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما»دىگەن ماقال بار. ئاشۇلارنىڭ يىراق يىراق جايلاردىن ئالدى بىلەن ئاللاھدىن، ئاندىن مەندىن ئۈمۈد كۈتۈپ كەلگەنلىكىنىڭ ئۆزىلا مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ پايدى. بەزى يىراق جايلاردىن كەلگەن بىمارلارنىڭ ئالغان دورىسى 70 سوملۇق، كىراسى 300سومدىن ئاشىدۇ. بۇنى كۆرسەم ناھايىتى خىجىل بولىمەن. مەن ئەزەلدىن ئېغىر كىسەللەرنى ئاساسەن بىكارغا، ھەقسىز داۋالاپ كەلدىم، چۈنكى ئۇلار نۇرغۇن جايلاردا داۋالىنىپ قولىدا ئىقتىساد قالماي،قەرىزگە كانايغىچە بوغۇلۇپ، كىىسىلى تولۇق شىپا تېپىپ بولالمىغاندا مىنىڭ يېنىمغا كىلىدۇ. ئۇلار ئاشۇ ھالەتتە تۇرسا، ئۇلار تەڭلىگەن پۇلنى ئېلىشقا قانداقمۇ كۆڭلۈم ئۇنايدۇ. مىنىڭ بۇ ھەركتىمنىڭ مۇنداق رولى بار،
بىرىنجىدىن ئاشۇ بىمارلاردا، ھاياتقا بولغان تەلپۈنۈش، ياشاشقا بولغان ئىرادە تىكلىنىدۇ.
ئىكىنجىدىن ئۇلارنى ھەقسىز داۋالىسام ئۇلارنىڭ كاللىسىدىكى داۋالىنىشقا كىتىدىغان پۇلنى نەدىن تاپارمەن دەيدىغان غەم يوقايدۇ،
ئۈچۈنجى ئۇلارنىڭ ئۈمۈدۋارلىق بىلەن مىنىڭ داۋالىشىمغا بولغان ماسلىشىشچەنلىقى كۈچىيىپ، داۋالاشتا زور ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.
تۇرسۇن قارىھاجىم 2004 -يىلى ھەج تاۋاپ قىلىپ كەپتۇ. ئۇ نەچچىلگەن شاگىرت تەربىيلىگەندىن باشقا، يېقىنجى بەش –ئالتە يىلدىن بۇيان يۇرىتدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار كىشلەرگە 100 مىڭ سومدىن ئارتۇق ئىىتىسادىي ياردەم قىلىپ كەپتۇ.
ھازىرغىچە قانچىلىك كىسەل داۋالىدىڭىز دىگەن سۇئالىمغا جاۋاپ بىرىپ مۇنداق دىدى،
— ھازىرغىچە مىنىڭ داۋالىغان كىسىلىم 100مىڭدىن ئاشىدۇ.
ئۇ ھەر كۈنى 20 سائەتتىن ئارتۇق ئىشلەيدىكەن، بىكار بولدىغان ۋاقتى يوقكەن. «چارچىمامسىز ؟» دىگەن سۇئالىمغا ئۇ مۇنداق دىدى.
— مەن ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپ،دەرۋازا ئالدىغا چىقسام ، مىنى ساقلاپ تۇرۇپ كەتكەن كىشلەرنى كۆرمەن. مەن ئاشۇلارنى تاشلاپ قويۇپ قەيەرگىمۇ بارالايمەن.مەن يەنە كىسەل كۆرمىسەم، دورا بەرمىسەم، دورا ياسىمىسام بولمايدۇ. مەن ھەر قېتىم مەندىن دورا ئېلىپ كەتكەن كىشلەرنىڭ ماڭا كىسىلىنىڭ شىپا تاپقانلىقىنى ئېيتىپ تىلفۇن بەرگەندە، ياكى دورا ھەقىقەتەن پايدا قىلدى دەپ مىنى يەنە ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى كۆرگىنىمدە خۇشاللىقتا ھەممىنى ئۇنتۇيمەن، مەندىكى چارچاش ھارغىنلىق بىردىنلا غايىپ بولىدۇ.
مەن ئۇنىڭدىن يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى سورغۇم بىلگىم بارتى. لىكىن مەنمۇ خىجىل بولۇپ قالدىم. چۈنكى ئۇنىڭغا كىسەل كۆرسەتكىلى ھەر يەر ھەر يەردىن كەلگەن بىمارلار ئۇنى ساقلاۋاتاتتى. مەن بۇ يىراق سەھرادىكى ھاياتلىق پەرىشتىسىگە سالامەتلىك ئۇزۇن تىلەپ زىيارىتىمنى ئاخىرلاشتۇدۇم.