تىرىشچان ئوقۇغۇچى ئابدۇۋەلى رىشتكە ياردەم قولىمزنى سۇنايلى مۇراجەتنامە پەيزاۋات ناھيلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 2-يىللىق 4-سىنىپتا ئوقۇۋاتقان تىرىشچان ۋە ئۈمىدلىك ئوقۇغۇچىمىز ئابدۇۋەلى رىشىت يېقىندا « ئاق قان كېسلى »دەپ دىئاگونۇز قويۇلۇپ ھازىر شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋىرستىت قارمىقدىكى 1-دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا. 2012-5-22 06:23:54 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (716.16 KB)
2012-5-22 06:23:52 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (654.89 KB)
ئابدۇۋەلى رىشىتنى داۋالىتىش راسخوتى ئۈچۈن تەخمىنەن000 300 يۈەن ( ئۈچ يۈز مىڭ يۈەن) ئەتىراپىدا پۇل كېتىدىغان بولۇپ، پەقەت دىھقانچلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كۈنلىرىنى سېرىقتال ئۆتكىزىپ كېلىۋاتقان، ئازغىنە تېرىلغۇ يەر كېرىمىدىن باشقا كېرىم مەنبەسى يوق رىشىت ئاكا ئۈچۈن بۇنچىۋىلا كۆپ پۇلنى غەملەش پەرزەنت ئىشقىدا كۆيۈۋاتقان رىشت ئاكنىڭ يەلكىسىگە ئېغىر غەملەرنى يۈكلىمەكتە...
كېسەل كارۋىتىدا ئازاپلىق تولغىنىپ تۈرلۈك داۋالاشلارنى قوبۇل قىلۋاتقان ئابدۇۋەلى ئەمدىلا 17 ياشنىڭ قارسىنى ئالغان،گۈزەل ئارزۇ-ئىستەكلەرنى كۆڭلىگە پۈككەن،نۇرلۇق ئالەمنىڭ يورۇقىغا،مىھرى ئوتلۇق يارۇ- بۇرادەرلىرىنىڭ قېرىنداشلىق مىھرىگە،قۇياشنىڭ ئىللىق تەپتىگە، مىھرىۋان ئاتا-ئانىسىنىڭ مىھىرلىك باغرىغا،بىر سىنىپتا ئولتۇرۇپ بىر ناننى تالىشىپ يىيىشكەن بىغۇبار،ئاقكۆڭۈل ساۋاقداشلىرىنىڭ دوستلۇق مىھرىگە، كېلەچەكنىڭ گۈزەل تېڭىغا،ھاياتنىڭ تاتلىق ۋە قايناق باغرىغا تېخى قانمىغان بىر غەمسىز قېرىندىشىمىز ئېدى. تۈنۈگۈن ئۇچىرىغان قىيىن سۇئالغا بۈگۈن جاۋاپ تاپقۇدەك ئەقىلگە،تۈنۈگۈن نىمىلەرنىدۇر تالىشىپ تەنتەكلىك قىلىپ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويغان ساۋاقدىشىدىن بۈگۈن كەچۈرۈم سوراپ كۆڭلىنى ئالغۇدەك ئەپۇچانلىققا،نەچچە يىل مەكتەپتە ئوقۇش داۋامىدا ئېغىرچىلىقىنى سېلىپ بالىلىق بۇرچىنى ئادا قىلالماي كەلگەن ئاتا- ئانىسىغا ئەمدى ھاردۇقىنى چىقارغۇدەك جاۋاپ بەرگۈدەك ئەقلىي تۇيغۇغا ئىگە بولغاندا كۈتۈلمىگەن يەردىن چاپلاشقان بۇ كىسەل ھەممىنى توزغاقتەك توزۇتۇش ئالدىدا تۇرماقتا !... ئوغلىنىڭ كېسەل كارۋېتى يېنىدا پايپېتەك بولۇپ، قورۇق باسقان يۈزلىرى مىھىرلىك كۆز ياشلار بىلەن يۇيۇلغان ساددا،مھرىۋان ئاتىنىڭ كۆزى ئەمەس ناتىۋان يۈرىكى يىغلاپ،ئورۇق،تارشىدەك قوللىرى بىلەن ئوغلىنىڭ چېكىسىنى سىلاپ ئۇنىڭغا ئىشەنچ،مىھىر،يورۇقلۇق ئاتا قىلماقتا.پەقەت تەكشۈرتۈش، دەسلەپكى داۋالىتىش ئۈچۈنلا ئەسلى-ۋەسلىنى تۈگىتىپ بولغان بۇ بەرداشلىق ۋە كۆتۈرۈشلۈك ئاتا ئوغلىغا ئازاپ ھېس قىلدۇرماسلىق ئۈچۈن ئوغلىنىڭ ئالدىدا زورىغا كۈلۈمسىرەپ،كېسىلىنىڭ پات ئارىدا ساقىيىپ كېتىدىغانلىقىنى، ئاتا-ئانىسىغا ئوخشاشلا مىھرىبان مۇئەللىملىرىنىڭ ئۇنى بەكلا سېغىنغانلىقىنى، قىلىقلىرى شۇنچىكى تاتلىق ۋە ئوماق،سەبىي ۋە گۆدەك ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۇنى ساقلاۋاتقانلىقىنى،غەيرەت قىلسىلا پات ئارىدا ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقىپ كىتەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئوغلىغا ھەمدەم بولماقتا.ئىچىدە بولسا ئىچ- ئچىدىن،مىڭ يېرىدىن تۆكۈلۈپ يۇم-يۇم يىغلاپ«ئوغلۇم،ھاياتلا بولسام سېنى چوقۇم ئاخىرىغىچە داۋالتىمەن،غەيرەت قىلغىن،قېنىمنى،بۆرىكىمنى سېتىپ بولسىمۇ سېنى نىجاتلىققا ئېرىشتۈرىمەن»-دەپ ئۈنسىز پىچىرلىماقتا! كېسەل ئازابىدا تولغىنىپ ياتقان ئابدۇۋەلى تېخى ئون گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلمىغان بىغۇبار ياش ئېدى.ئۇنىڭ تېخى ئىشقا ئاشۇرالمىغان گۈزەل ئارزۇ-ئارمىنى كۆپ ئېدى.تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ روھېي بېسىمدىن تېڭىرقاپ قالغان ئابدۇۋەلى ئاتا-ئانىسىنىڭ تارتىۋاتقان جاپاسىدىن ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالماقتا... ئۇ تېخى تۈنۈگۈنلا ئاجايىپ تالانتى بىلەن دىگەن يېرىمىزدىن چىقىپ بىزنى مەمنۇن ۋە پەخىر تۇيغۇسىغا چۈمدۈرگەن شاگىرتىمىز،ئۈمىدلىك ئوقۇغۇچىمىز.بىزنى ھەر كۆرگەندە سالام قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمايدىغان ئەخلاقلىق پەرزەنتىمىز.ئۇ بىر سىنىپ-بىر پارتىدا ئولتۇرۇپ بىر قورساق قېرىنداشتىنمۇ چارە بولۇپ كەتكەن ئەڭ يېقىن قېرىندىشمىز.ئۇ ھەممىمىزنىڭ ئۇكىمىز!!! دۇنيادا مىھرى-مۇھەببەتلا بولىدىكەن،يەڭگىلى بولمايدىغان كۈچ يوق.قېرىندىشىمىز ئابدۇۋەلىنى ئىللىق جەمئىيەت قوينىغا،ئاتا-ئانىسىنىڭ مىھىرلىك باغرىغا،مۇھەببەت رىشتى باغلانغان سىنىپقا،ئۇنىڭغا ئىنتىزار بولىۋاتقان،ئۇنى سېغىنىۋاتقان ئاقكۆڭۈل ساۋاقداشلىرىنىڭ يېنىغا،ئىللىق جەمئىيەت قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن جەمئىيەتتىكى ياخشى نىيەتلىك كىشلەرنىڭ مېھر-شەپقەتلىك ياردەم قولىنى سۇنۇپ بۈ ئۈمدىلىك ياشنىڭ ھاياتىغا ئۈمۈد ئاتا قىلىشنى تىلەيمىز... بەلكىم سىزنىڭ جىددى تۇرمۇش رېتىمىنىڭ قاينام-تاشقىنىدا ئۆمىلەپ يۈرۈپ تەستە تاپقان پۇلىڭىزدىن ئايرىپ چىقىرىپ قىلغان ئاشۇ كىچىككىنە ياردىمىڭىز ئويلىمىغان يەردىن ئاشۇ سەبىي قېرىندىشىمىزنىڭ ھاياتلىقى ۋە بەختىگە،تاغدەك بەردەم غەيرىتىنى رەھىمسىز تەقدىر سۇندۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتسىمۇ «مۇھەببەت» دىگەن بىر ئاتەش-ئوتنىڭ تەپتىنى ئوغلىنىڭ دىلىغا يېقىپ كېلىۋاتقان ئاتىنىڭ غەيرىتىگە غەيرەت قوشۇلىشىغا،جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ ئىللىق بولىشىغا،ئەڭ ئاددىيسى ۋە ئەڭ ئۇلۇقى-ئۆزىڭىزنىڭ ئاجايىپ كۆڭۈل ئازادىلىكى ۋە مىھىر-مۇھەببەت تۇيغۇسىدىن قەلبىڭىزنىڭ ئاپتاپتەك پارلىشىغا سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن !!! ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار،ھەممىمىز ئاتا-ئانا ۋە ئاكا-ئۇكا قېرىنداشمىز. بىر ۋاقلىق تۇرمۇش ئىستىمالىمىزنى ئاددىيلاشتۇرۇپ،بىر قېتىملىق ئورۇنسىز چىقىملىرىمىزنىڭ مىھرىدىن كېچىپ،كۆڭۈل ئازادىلىكى ۋە مىھىر-مۇھەببىتىمىز مۇجەسسەم بولغان ئازغىنە كۆڭلىمىزنى بۇ قېرىندىشىمىزغا سۇنايلى.شۇنى يۈرىكىمىز تۇيسۇنكى،ئابدۇۋەلىنى پەقەت ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى مىھىر-مۇھەببەتلا قۇتقۇزالايدۇ.شۇنىڭغا ئىشىنىڭ:بىر يۈەن پۇلدىمۇ ئالەمچە سۆيگۈ،مىھرى-مۇھەببەت بار !!!... ئابدۇۋەلىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرمەكچى بولسىڭىز مۇنۇ نۇمۇر بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ: دادىسىنڭ تېلفۇن نومۇرى : 13565390506 مۇئەللىمىنڭ تېلفۇن نومۇرى : 13579341612 ئابدۇۋەلى رىشىت ئامانەت قەرىز بانكا كارتا نومۇرى 农村信用社 : 8659030001020101565990 ئاچسىنىڭ(پاتىگۇل رىشىت)يېزا ئىگلىك بانكىسى كارتىسى:6228210890001941815 2012-5-22 06:31:33 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (200.39 KB)
2012-5-22 06:30:36 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (238.33 KB)
|