مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6056|ئىنكاس: 62

چاۋېسنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سۆزى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 848
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 24761
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7705 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 09:50:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

چاۋېسنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سۆزى
ئاپتورى: نەپرەت 2009

S151~M05NCDNG(GS6~BQ3RU.jpg


ئادىتىم بويىچە ئىشتىن چۈشۈپلا كومپيۇتىرىمدا ئەلجەزىرە تورى (قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيىسى) نى ئاچتىم، كۆزۈم بىرىنچى بولۇپ «چاۋېسنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سۆزى: مېنىڭ ئۆلگۈم يوق!» تېمىلىق خەۋەرگە چۈشتى. ئېچىپ ئوقۇسام، ئىككى يىلدىن بۇيان دائىم چاۋېس (Hugo Chavez ) قا ھەمرا بولۇپ يۈرىدىغان ۋېنسۇئىلا گېنرالى جوس ئورنېللا (Jose Ornella ) نىڭ ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا ئېيتقان سۆزى نەقىل قىلىنغان ئىدى. جوس ئونېللا ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا سۆز قىلىپ:«ئۇ گەپ قىلمايدۇ، ئەمما ئۇ لېۋىنى قىمىرلىتىپ...'مېنىڭ ئۆلگۈم يوق، مېنى ئۆلگىلى قويماڭلار' دېدى. چۈنكى ئۇ دۆلىتىنى سۆيىدۇ، ئۇ دۆلىتى ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلدى» دېگەن ئىدى. گەرچە گېنرال چاۋېسنىڭ سۆزىنى ياخشى تەرەپتىن چۈشەنچە بەرگەن بولسىمۇ، تالاي-تالاي سىياسىي ئويۇنلارنى باشتىن كەچۈرگەن، يۈكسەك دەرىجىدە ئۇچۇرلارشقان بۈگۈنكى دۇنيادا نۇرغۇنلار ئۇنداق ئويلىشى ناتايىن.
لېكىن بۇ خەۋەردىن قىلچە ھەيران قالمىدىم، چۈنكى ئۇنداق دېيىشى مۇقەررەردۇر. ئىنسانىيەت تارىخىدىن بۇيان مۇستەبىت پادىشاھ، رەھبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلگۈسى كەلمەيتتى، تالاي-تالاي ئادەملەرنى «ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى» نىڭ تېپىپ كېلىشى ئۈچۈن يىراقلارغا سەپەرگە ئەۋەتەتتى. ئۆلۈمدىن ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، لېكىن ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا تەقدىرگە تەن بەرمەيدۇ؟ ئۆلگۈسى كەلمەيدۇ؟
سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي، ئۇلار كۈندە يېغىپ تۇرغان ئالقىش مەدھىيىلەر، راھەت-پاراغەتلىك تۇرمۇش، نازىنىن قىزلار، ھوقۇق خۇمارى...قاتارلىقلاردىن مېھرىنى ئۈزەلمەيدۇ. قەدىمكى زاماندىكى شاھ ئوردىلىرىدا نەچچە يۈز دېدەكنىڭ بولىدىغانلىقىنى ھەممىز بولىمىز. ئەڭ يېقىنقىسى بولغان لىۋىيە خەلقى مۇئەممەر قازافىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندا، قازافىنىڭ ئوردىسىدىن بايقىغان نۇرغۇن نازىنىنلارمۇ ئىسپات بولالايدۇ. كۆپىنچىسى دەپسەندە قىلىنغان، ئەسكەرلەرنىڭ، ئوفېتسېرلارنىڭ خالىغانچە دەپسەندە قىلىشىغا قويۇپ بەرگەن.
بىر قىسىم ئۇيغۇر بالىلىرىمۇ چوڭ بىلىدىغان سادام ھۈسەيىننىڭمۇ ئاشنىلىرى بار ئىدى، ئىككى قولى نۇرغۇن ئىراقلىق ۋە كۇردلارنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويالغان. مەيلى سادام بولسۇن ياكى قازافى بولسۇن ئوخشاش يېرى دىننى، پەلەستىنگە ھېسداشلىق قىلىشنى نىقاب قىلغان،  لېكىن قىلغان ئىشلىرى دىنغا مۇخالىپ. بىرى ئورەكتىن تارتىپ چىقىرىلىپ دارغا ئېسىلدى، يەنە بىرى «چاشقان كامىرى» دىن سۆرەپ چىقىرىلىپ ئۆز خەلقىنىڭ ئوقىدا ئۆلدى. ئەگەر ئۇلار قەيسەرلىك بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ئامېرىكا ياكى ش ئا ئە ت نىڭ ئوقىدا ئۆلگەن بولسا ھېچ بولمىغاندا «ئەزىمەت» دېگەن شەرەپكە نائىل بولالايتتى. ئەپسۇسلىنارلىقى، ئاقىۋىتى ئەكسىچە بولۇپ چىقتى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ساختا «قەھرىمان» لىق ئوبرازى ھېلىھەم بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە ساقلانماقتا.
چاۋېسمۇ ھەم ئوخشاش خاتالىقنى تەكرارلىغان بولۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەت ھۆرلۈك، ئۆزلۈك، دېموكراتىيە...ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقاندا، چاۋېس ئېقىمغا قارشى ھالدا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ھوقۇق تۇتۇپ «پادىشاھ» بولماقچى بولۇپ تارىخىي خاتالىق سادىر قىلدى. ۋېنسۇئىلا خەلقنىڭ ھەققانىي سادالىرىغا قۇلاق سالمىدى، خۇددى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى «قەھرىمان» دىن، مىللەتچىلىكنى نىقاب قىلغان بولسا، چاۋېس «نامراتلارنى يۆلەش» دېگەندەك سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ كونا ئەندىزىسىنى نىقاب قىلدى. ئاخبارات ئەركىنلىكىنى چەكلىدى. مېدىيەلەرنى كونترول قىلدى. ئارمىيە ئارقىلىق ئۆكتىچىلەرنى چەكلەپ كەلدى. چىرىكلىك يامرىدى. نەچچە مىليون مۇسۇلماننىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن دوست بولدى.
نامراتلىق دۆلەت بايلىقىنى خەلقنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويسىلا ھەل بولىدىغان ئىش ئەمەس. تەڭ تەقسىماتچىلىق مۇقەررەر چىرىكلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دېموكراتىك مۇھىت ۋە خەلق نازارەتچىلىكىلا ئاندىن نامراتلىقنى ھەل قىلالايدۇ. پۇلنى تەييار قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇش ئەكسىچە ۋېنسۇئىلا خەلقىنى تۇيۇق يولغا باشلايدۇ. ئۇنىڭ ئۆلىشى ئېھتىمال ۋېنسۇئىلادا سىياسىي ئۆزگىرىش، مالىمانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
لېكىن مېنى ھەيران قالدۇرغىنى، چاۋېسنىڭ ئۆلىمىدىن ئولتۇرالماي قالغان ئۇيغۇر بالىلىرى بولدى، ھە دېسىلا ئىسلام توغرىلىق سۆز ئاچىدىغان، ئۆزىنى ھەقىقىي مۇسۇلمان كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلارمۇ ئىسلامنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن دوست بولغان بۇ رەھبەرگە پەقەت مۇسۇلمان ئۈممەتلىرىنىڭ ئۆلىمىگىلا خاس بولغان سۆزلەرنى ئىشلەتتى، جەننەتكە كىرىشىنى تىلىدى. بەزىلىرى ئوچۇق دېيەلمىسىمۇ لېكىن خېلى چىچاڭشىپ باقتى. بۇ ئوچۇقلا دىنغا ئاسىيلىقتۇر، ئېغىر گۇناھدۇر. يۈكسەك دەرىجىدە ئۇچۇرلاشقان، كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسى ئازاد بولغان بولغان بۇ دۇنيادا، بىر قىسىم ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ «قۇدۇقنىڭ ئىچىدىكى پاقا» دەك ھالەتتە ئىنكاس يېزىشلىرى مېنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇردى. ئېھتىمال موشۇ ئامىللارمۇ مېنىڭ ئوكيان تورىدىن چېكىنىپ چىقىشىمنىڭ سەۋەبى بولسا كېرەك.
ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسىنى تېپىش خىيالىدا بولغان پادىشاھلارمۇ ئۆلدى، جاھانغا پاتماي قالغان چىڭگىزخانمۇ ئۆلدى، گىتلېرمۇ ئۆلدى...ئوخشاشلا زىيادە كۆرەڭلەپ كەتكەن چاۋېسمۇ ئۆلدى. زىيادە كۆرەڭلەپ كەتكەن ئادەمنى ئاللاھ ھامان يەرگە ئۇرماي قالمايدۇ. شۇڭا، چاۋېسنىڭ راك كېسىلى بولغانلىق خەۋىرىنى كۆرگىنىمدىلا ئەلۋىدا بايقۇش دەۋەتكەنمەن. ئەگەر ئۇ مېنىڭ ئۆلگۈم يوق دېمەي، «ئەلۋىدا، خەلقىم! ئامان بولۇڭلار!» دەپ شىۋىرلىغان بولسا ئىچىمدە ھېچ بولغاندا «يىگىت» دەپ قوياتتىم.
ئىسلام دېمەك ھەق دېمەكتۇر، ئىسلامنىڭ ماھىيىتى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئىككى دۇنيالىق بەخت-سائادىتى ئۈچۈن. شۇڭا، مۇسۇلمان ئۈممەتلىرىنىڭ بىرى قىسىمى بولغان ئۇيغۇر بالىلىرى ھەق-ناھەقنى توغرا ئايرىشى، ھەقىقىي ئىسلام يولىدا تۇرۇشى، باشقا دىندا بولسىمۇ ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتى ۋە قەدىر-قىممىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان، تۆھپە قوشقان بولسا ھۆرمەتلىشى، ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ ئىسلامغا ئاسىيلىق قىلغان، ئىسلامغا داغ چۈشۈرگەنلەرنى قىلچە ئىككىلەنمەي ئەيىبلىشى كېرەك. يالغان-ياۋىداق خەۋەرلەرگە ئىشەنمەسلىكى، كۆپرەك ئۆگىنىشى، كۆپرەك تەپەككۇر قىلىشى، ھېسىياتقا بېرىلمەسلىكى، ھېچ بولمىغاندا بىتەرەپلىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشى كېرەك.
2013-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Naprat2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-7 09:51 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
HENRY + 200
a.sayrami + 50 دەلىللەر يېتەرلىك
جەيخۇن + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 260   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32240
يازما سانى: 625
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18308
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 1050 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2013-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 10:47:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەڭ دۇنيا پۇرۇلتارىياتلىرىنىڭ ئۈمۈتلۈك ساخاۋەتچىسى ۋە بايراقدارى، نامراتلارنىڭ پاسىبانى باشپاناھى، ئىزىلگەن مىللەت ۋە دۆلەت خەكقلىرىنىڭ سادىق دوستى ۋە ھىماتچىسى، ئامرىكا جاھانگىرلىگى ۋە ساختا  بۇرژىئا دىمۇكىراتىيەسىنىڭ كۆزىگە قادالغان مىق،  نىجات ئەخمىدى ۋە كازافىنىڭ يىقىن بۇرادىرى، ھەقىقى ئەركىنلىك جەڭچىسى چاۋىس ئامرىكا سۈيقەستچىىرى تەرىپىدىن سۇيقەست قىلىنىپ راك كىسىلىگە گىرىپتار قىلىنىپ سىرلىق ئۆلۈپ كەتتى، بۇ سىرمۇ بىر كۈنى ئاشكارلانغۇسى

ھىلىراقتا مۇشۇنداقراق ئىنكاستىن بىرى چۈشۈشى بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yaro تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-7 10:54 PM  


نىم دەپ يازسام بولا

ئىزدەنگۈچى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 807
يازما سانى: 586
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5186
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 8593 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 10:52:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر قىسىم تورداشلارغا ئامىرىكا ياكى ياۋرۇپانى تىللاپ بەرگۈچىلەرنىڭ سەممىسىلا  قەھرىمان  ۋە ئىسلامنىڭ دوستى ھىساپلىنىدۇ .
  

يول ئاچقۇچىلارغا مەنسۈپ ، غەلىبە ئىزدەنگۈچىلەرگە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2492
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10452
تۆھپە نۇمۇرى: 463
توردا: 425 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 10:56:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىكەن تىما يۇللىغۇچىغا رەخمەت

ئەرنىڭ مىڭلارچە دۈشمىنى بولمىسا كۈنىگە مىڭ قېتىم غەيۋىتى بولمىسا،ئۇ قانداق ئەر بولسۇن؟ قارا ، مىڭ ئىتنىڭ ئۈنىنى ئاڭلاپ قېچىپ كەتكەن بۆرە بۆرە بولامدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79900
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3174
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2012-5-8
ئاخىرقى: 2013-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 11:06:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاۋېسنىڭ ھايات ماماتىنىڭ سىزگە قىلچە پايدا-زىيىنى يوق،سەنمۇ بىركۈنى ئۈلىسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86628
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1700
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 358 سائەت
تىزىم: 2012-10-30
ئاخىرقى: 2013-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 11:12:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن بەلەن بىر تىمىنى يوللاپسىز قېرىندىشىم.خەلىقئارا مۇناسىۋەتلەرنى ماھىيىتى بىلەن چۈشۈنۈش بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.ئاللاھ ئەرجىڭىزنى بەرسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82570
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5052
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 705 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 11:13:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Xaparang يوللىغان ۋاقتى  2013-3-7 10:52 PM
بىر قىسىم تورداشلارغا ئامىرىكا ياكى ياۋرۇپانى تىللاپ  ...

   ئۇنداق دېگەنلىكمۇ ئەمەس، ئامېرىكىدەك «خوجا ئاكا»دىن قورقماي تىللايدىغان ياكى دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتمايدىغان دۆلەتلەرگە ئادەم باشقىچە  نەزەردە بولۇپ قالىدىكەنچۇ؟ مەسلەن: بىقىنىدا تۇرۇپ  ئەھۋالى دېگەندەك بولمىسىمۇ يەنە ئۇنىڭغا تايانمايدىغان ھەتتا سالاممۇ قىلىپ قويمايدىغان مىكسىكا دېگەندەك.

ئاللاھ ۋە ۋىجدانىڭغا خىلاپ بولمىسا تاللىغان يولۇڭدا مېڭىۋەر! خەق نېمە دېسە دەۋەرسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2510
يازما سانى: 655
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11336
تۆھپە نۇمۇرى: 361
توردا: 1660 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 11:19:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاۋىس زۇڭتۇڭ خىرىستىيان دىنىدىنما ، ئىۋۇ جەسەت ساندۇغىنىڭ بېشىدا ،كىرىست بەلگىسىنى قاداپ قۇيۇپتۇ .

ھايات بولسا بىر دېڭىزغا ئوخشايدۇ ،ئىرادىلىك ئادەملەرلا قارشى قىرغاققا ئۈزۈپ بارالايدۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92652
يازما سانى: 179
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 930
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 265 سائەت
تىزىم: 2013-3-4
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 11:19:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما يوللاپسىز ، چاۋىسنىڭ ئۆلەر ھالەتتە ئېيتقان  سۆزلىرىدىنمۇ خەۋەر تاپتۇق .بىراق بىزگە بەرى _بىر ئەمەسمۇ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73736
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4664
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 728 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2013-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 11:19:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېخى ‹‹ بۇ ئادەم ئۇلۇغۋار شۇئاردىن بىرنى دەپ ئۈلۈپ كەتكەندۇ ( يالغاندىن بولسىمۇ )دەپ ئويلاپتىكەنمەن  ، ئەھۋالى شۇنچىلىككەنغۇ ؟
لىكىن دىمەككە ئوڭاي ، ھەقىقەتەن شۇ بىر دەقىقە يىتىپ كەلگەندە مانا مەن دىگەن ئەركەكمۇ قورقۇنۇچتىن تىتىرەپ كېتىدۇ ،
ئىنسان شۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر دەقىقىدە پۇشايمان قىلىدۇ ، ئەسكىللىرى ياخشى ياشىسام بولمامتى ، دەيدۇ ، ياخشىللىرى بولسا تېخىمۇ ياخشىراق ياشاپ ئۆتسەم بولمامتى ، دەيدۇ .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش