مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 620|ئىنكاس: 1

تەرجىمە ئەسەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92468
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 87
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2013-2-28
ئاخىرقى: 2014-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 09:34:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دادا سەن چەتئەلگە چىقىپ باققانمۇ؟


ئوغلى باشتا سۇراشقا پېتىنالمىدى. كىيىن يۈزىنى قىزارتپ تۇرۇپ ‹‹ دادا، سەن چەتئەلگە چىقىپ باققانمۇ؟›› دەپ سۇرىدى.
  لىنگولىياڭنىىڭ چىرايى بىردىنلا قىزىرىپ كەتتى، قىزىرىپ ئوت بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ھالى بۇ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بىر موزدوز تۇرسا، ئوغلى بۇنداق سۇئالنى سۇرمسا بولاتتى. لىكىن ئوغلى يۈزىنى قىزارتىپ تۇرۇپ سۇراۋەرگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئوغلى .ئەقىللىق ، ئەزەلدىن ئۇرۇنسىز سۇئال سۇرىمايىتتى، سۇراپ قالسىمۇ بىرەر ئاساسى بۇلاتتى.
  ــ بالام، مۇئەللىمىڭ شۇنداق سۇراڭلار دىدىمۇ؟
  ــ ياق، ساۋاقداشلىرىم، ئۇلارنىڭ بەزىللىرىنىڭ دادىسى ئىدارە باشلىقى، بەزىللىرىنىڭ باشقارما باشلىقى، بەزىللىرىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى، يەنە بەزىللىرىنىڭ سودىگەر، ئۇلارنىڭ دادىللىرىنىڭ ھەممىسى چەتئەلگە چىقىپ بېقىپتۇ. دادا سەن چىقىپ باققانمۇ؟
   لىن گولىياڭ ئۆزىنىڭ مېيىپ پۇتىنى كۆرسىتىپ قۇيۇپ، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمىدى. ئوغلى ئۈندىمىدى، بېشىنى چۈكۈرۈپ تاپشۇرىقىنى ئىشلەۋەردى. كەچلىك تاماقنىمۇ شۇنداق يىدى، ئەتىسى بېشىنى ساڭگىلاتقىنىچە مەكتەپكە كەتتى.
   لىنگولىياڭنىڭ كۆڭلى پەقەتلا جايىغا چۈشمىدى، موزدوزخانىسىدا مېيىپ پۇتىنى ساڭگىلاتقىنىچە ھەسرەت چىكىپ ئولتۇرىدى. ھەركۈنى ئەتتىگىنى تاڭ ئاتماستىن، موزدوزخانىغا بېرىپ، ياخشى ئىشلەپ ئوغلىنى ياخشى ئۇقۇتماقچى بولغان ئىدى، مانا ئەمدى ئىش ئوخشىدى، ئوغلىنىڭ بېشىنى ساۋاقداشلىرى ئايلاندۇرۋەتتى.
   ھازىر چەتئەلگە چىقىش ئاسان، نەچچە مىڭ يۈەن پۇل بولسا بىرەر ساياھەت ئىدارىسىنى تاپسىلا بۇلىدۇ، قوشنىلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك باللىرىنى ئېلىپ شەرقى جەنۇبىي ئاسىياغا  بېرىپ كىلىشتى، لىكىن بۇ بىر نەچچە مىڭ يۈەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ سان ئەمەسمۇ؟ خەقىنىڭ دادىسىنىڭ ھوقۇقى ھەم پۇلى بار، خەجلىگىنى ھۆكۈمەتنىڭ پۇلى.... ئوغلى بۇنداق سېلىشتۇرسا بولمايدۇ.
  لېكىن ئۇ شۇ خىل مۇھىتتا چوڭ بۇلىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا يۈزلەنمەي بولمايدۇـ دە. ئۇ ئوغلىنىڭ بېشىنى ئىگىز كۈتۈرگۈزمىسە بولمايدۇ . تاپتىم! لىن گولىياڭ، موزدوزخانسىنى تاقىۋتىپ، ئۆيىگە كەلدىـدە، ئۆينى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىپ يۈرۈپ، ھاياجان ئىچىدە  ئۇرۇش سىپىدە ئالغان ئىككىنجى دەرىجىلىك شەرەپ ئوردىننى تاپتى. ئوغلى قايتىپ كىلىشى بىلەن ئوغلىغا ‹‹ئوغلۇم، سىنڭ دادڭ دېگەن ئۇرۇش قەھرىمانى›› دىدى.
ــ ھە، ـ دىدى ئوغلى پىسەنىت قىلماستىن، ئاندىن بېشىنى چۈكۈرۈپ تاپشۇرىقىنى ئىشلەرۋەردى.
   ــ ساۋاقداشلىرىڭدىن سۇراپ باق، قايسىسىنىڭ دادىسى ئالدىنقى سەپكە بېرىپ بېقىپتىكەن؟
   ــ دادا، بالىلار بۇرۇنلا بىلەتتى، لىكىن ئۇلار ئۇرۇش قەھرىمانى بۇلۇش قانچىلىك ئىشتى، يەنىلا شۇ كۈچىدا باشقىلارنىڭ ئايىغىنى ياماپ بىرىۋاتمامدۇ دىيىشتى.؟!.
   دىمىسىمۇ ھازىر كىم ئۇرۇش قەھرىمانىغا قىززىقاتتى ؟!لىكىن بۇنىڭغا بالىنىڭ ئاپىسى كۈڭۈل بۆلەتتى، ئەپسۇس ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم قېرىشقاندەك ھازىر يوق ئىدى. ئۇ چاغ دەل ئۇرۇشىنڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق مەزگىللىرى ئىدى، قىسىم دۈشمەننىڭ بىستىرمىسىغا ئۇچرىدى، ئالاھىدە قىسم بىردەممۇ كۆز يۇمماي كىچە كۈندۈز جەڭ قىلدى، بۇ چاغدا ئارقا سەپتىن كەلگەن خەت ئۇلارغا چەكسىز ئىلھام ۋە مەدەت بەرگەن ئىدى.شۇ چاغدا لىن گولىياڭ ئويلىمىغان يەردىن يۇرتىدىن كەلگەن بىر پارچە خەتىنى كۆرۈپ قالدى، خەت بىلەن بىرگە بىر پارچە سۈرەتمۇ بار ئىدى، ئۇ چىرايلىق بىر قىزىنىڭ سۈرىتى ئىدى، بۇ قىز شىياۋيىدۇڭ بولۇپ، ئۇ ناھيىلىك يىپەك زاۋتىنىڭ گۈلى ئىدى. شىياۋيىدۇڭنىڭ مەدەت بىرىشى بىلەن ئالدىنقى سەپتە قۇياش قايتىدىن چاقنىغاندەك لىنگولىياڭغا چەكسىز ئىلھام ئېلىپ كەلدى.
   بىر قېتىملىق پىستىرمىغا قارشى ئۇرۇشتا، ئۇ بەخىتكە قارشى مىناغا دەسسىۋالدى.... ئۇ بەكلا ئۈمىدسىزلىنىپ كەتكەن ئىدى، شىياۋيىدۇڭنىىڭ خېتى، ئۇنى گۆرئاغزىدىن جەڭگاھقا قايتۇرۇپ كەلدى. لىكىن ئۇ بىر پۇتىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى شىياۋيىدۇڭغا دىيدىشكە جۈرئەت قىلالمىدى.
   تاكى سەپتىن قايتىپ شىياۋيىدۇڭ ئۆنى ئۆزى كۆرگەندىلا ھەسرەت ئىچىدە بېشىنى تۈۋەن سالدى.  نەچچە يىلدىن كىيىن شىياۋيىدۇڭ بۇ ئاقساق ئۇرۇش قەھرىمانى بىلەن يەنىلا توي قىلدى.
   لىن گۇلىياڭ سەپتىن چىكىنگەندىن كىيىن، ناھيىلىك پۇرنا زاۋۇتىنىڭ ئىشىكىگە قارىدى. شىياۋيىدۇڭنىڭ ئىلھام بەخىش كۆزلىرى ئۇنىڭغا ھاياتلىقنىڭ ئۈمۈدكە تولغانلىقىنى، ئۇنىڭ چەكسىز بەخىتىلىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇراتتى، خىزمەتداشلىرىنىڭمۇ ھەۋىسىنى قوزغايىتتى. لىكىن ياخشى كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىدى. ئوغلى تۇغۇلۇپ ئۈچۈنجى يىلى شىياۋيىدۇڭ ئېغىر كىسەل بۇلۇپ، ساقىيالمىدى. ئارقىدىنلا زاۋۇت ۋەيران بۇلۇپ، ئۇ رەھىمسىزلىك بىلەن جەمىئەتكە چىقىرۋىتىلدى. دەسلەپتۇ ئۇ ئوغلىنى يېزىدىكى ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە تاشلاپ قۇيۇپ، مېيىپ پۇتىنى سۆرەپ شەھەردىن بىرەر چىقىش يۇلى ئىزدەپ باقماقچى بولدى، لىكىن ئاپىسى ئۇنىڭغا دادىسىدىن قالغان موزدوزخانىسىنى بەردى.
  شۇنىڭدىن كىيىن شەھەر سىپىلىنىڭ جەنۇبى ئىشىكىدە، بىر موزدوزخانا پەيدە بولدى، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۇرۇش قەھرىمانى ئېكەنلىكىنى بىلەتتى، ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشاتتى، بۇلۇپمۇ ئەينى يىللىرى شىياۋيىدۇڭ بىلەن ئالدىنقى سەپكە خەت يازغان ئاچا-سىڭىللار ئۇنى قار يامغۇردىن ساقلاش ئۈچۈن، ئاتايىن چوڭ بىر كۈنلۈك بىلەن چىدىر ياسىتىپ بەردى. لىن گولىياڭ ئەسكەر بۇلۇشتىن ئىلگىرى دادىسىدىن موزدوزلۇقنى ئۈگەنگەن بولۇپ، ئىشنى پۇختا، ئىنچىكە قىلاتتى، شۇڭا تىزلا بازار تاپتى.
  ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلاندى، ئوغلىمۇ مەكتەپ يېشىغا تۇشۇپ، ئۇنى شەھەردە مەكتەپكە بەردى. ئاپىسىنىمۇ قېشىغا ئىېلىپ كىلۋالدى. لىكىن ئاپىسى يېزىدىكى باللىردىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي يېزىدا تۇردى. ئۇ ئايدە ئازراق پۇللا ئەۋەتىپ بىرەلەيىتتى، زابوي قېيىن ئاتىسى ئۇنىڭ قۇلىنىڭ كۈڭۈلچەكلىكىنى بىلگەچكە ئىككى-ئۈچ كۈندە بىر كىلىپ ئۇنىڭدىن پۇل سۇراپ سۇراتتى، ئۇنىڭ قېيىن ئانىسى دوختۇرخانىدا ئۇزۇن ياتتى.شۇ چاغدا ئۇ ئەينى يىللىرى شىيايىدۇڭنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇلارنىڭ تۇيىغا قۇشۇلمىغاندا ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئامالسىز قالغانلىقنى ئويلاپ قالدى.
   لىن گۇلىياڭ  جاننى تىكىپ پۇل تېپىشى كېرەك ئىدى. ئۇ ئايالى ئەينى يىللىرى ئۇرۇش سىپىگە خەت بىلەن قۇشۇپ ئەۋەتكەن سۈرىتىنى يېنىدى ئايرىماي، بىكار قالغانلىرىدا قۇلىغا ئېلىپ كۈرەتتى، ئوغلىنى ياخشى تەربىيەلەشكە نىيەت قىلاتتى، چۈنكى بۇ شىياۋيىدۇڭنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدىكى ۋەسىيىتى ئىدى.
   زاۋتنىڭ ئاياقلىرى ياخشىلىنىپ كەتتىمۇ، ياكى ئادەملەر باي بولۇپ كەتتىمۇ؟ ئاياغ يامىتىدىغانلار بەك ئاز قېلىۋاتاتتى، لىكىن شىياۋيىدۇڭنىڭ ئەينى يىللىرىدىكى دوسىتلىرى يەنىلا ئۇنىڭ دائىملىق خېرىدارى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە پەن ئاچا دەيدىغان بىرى بار ئىدى، دائىم ئۇنىڭ موزدوزىانىسىغا كىلىپ، ئولتۇرۇپ كىتىشنى ياخشى كۈرەتتى، ئۇنىڭ-بۇنىڭ پارىڭىنى قىلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇراتتى. توغرا پەن ئاچا! لىن گولىياڭ موزدوزخانىسىنىڭ ئالدىغا چىقىپ پەن ئاچىنىڭ كىلىشىنى ساقلىدى، ئۇنىڭ قۇلى ئىشتا، كۈزى يولدا ئىدى.
ــ ھەي ئۇكام كىمنى ساقلاۋاتىسىز؟ ـ دىدى پەن ئاچا
ــ سىزنى،  قېنى ئولتۇرۇڭ ، - ئۇ شۇنداق دەپ ئۇرۇندۇقنى سۇندى.
ــ شۇنداقمۇ؟ ـ ئۇ ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپلا خالتىدىكى  ئاياقنى ئۇنىڭغا سۇندى.
ــ نېمە ئىشتى؟
  لىن گۇولىياڭ رۇھى چۈشكەن ھالدا بولغان ئىشلارنى قالدۇرماي پەن ئاچىغا سۆزلەپ بەردى، ئاندىن ئېغىر ئۇھ تارىتتى.
ــ ۋوي - پەن ئاچا ھاياجانلانغان ھالدا لىن گۇلىياڭنىڭ قۇلىغا بىرنى ئۇرۇپ، ــ ئۇكام، سىز چەتئەلگە چىقىپ باققانغۇ؟! ـ دىدى.
ــ مەن چەتئەلگە چىقىپ باققانما؟
ــ سىز ئۇرۇش مەزگىلىدە چىگىردىن چىقمىغانمۇ؟
ــ چىققان
ــ بۇ چەتكە چىققان بولماي نىمە؟
ــ ئاشۇمۇ ھېساپمۇ؟
ــ ئەلۋەتتە ھېساپ، مېڭىپ چىققان دەڭە تېخى؟!
ــ ھاھا...  مەن راستىنلا  چەتئەلگە چىقىپ بېقىپتىكەنمەن!
ئوغلى كەلگەندىن كىيىن ئۇ ئوغلىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ، ھاياجان بىلەن:
ــ ئوغلۇم، داداڭ شۇنى ساڭا رەسمى ئېيىتماقچى، داداڭ چەتئەلگە چىقىپ باققان،ـ دىدى
ـ- راسىتما؟ ـ بالىنىڭ يۈزى بىردىنلا يۇرۇپ، كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ كەتتى.
ــ مەن ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىككى-ئۈچ كۈندە بىر چىگرىدىن چىقاتتۇق
ــ ۋاھ! مىنىڭ دادام چەتئەلگە چىقىپ بېقىپتىكەن ــ ئوغلى ئۇنىڭ قۇلىدىن  بۇشىنىپ چىقىپ، قۇشتەك سەكرەشكە باشلىدى. ئوغلىنىڭ بېشى كۆككە يەتكۈدەك خۇشال بولغانلىقىنى كۆرگەن لىن گولىياڭنىڭ كۆڭۈل قۇياشى ئاستاـئاستا كۈتۈرۈلگەندەك بولدى.  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەرەم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-7 09:45 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81938
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3766
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2012-6-22
ئاخىرقى: 2015-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 11:14:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىكەن تىما يۇللىغۇچىغا رەخمەت

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش