قىيامەتكە تەييارلىق قىلىشقا ئالدىراڭلار
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئېسىل كىشىلەرنىڭ ھامىيسى بولغان، خالىغان ئىشنى قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىدىغان ئاللاھغا خاستۇر. ئاللاھنى بىزلەرگە ئاتا قىلغان ئاشكارا- يوشۇرۇن نېمەتلىرى ئۈچۈن ماختايمىز ۋە پەزلى-ئېھسانىنى تېخىمۇ زىيادە قىلىپ بېرىشىنى سورايمىز. كاتتا ئەرشنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھنى ھېچ شېرىكى يوق، يەككە - يىگانە دەپ ئىمان ئېيتىش بىلەن بىرگە، ھەق دىن بىلەن ئەۋەتىلگەن، بارلىق ياخشىلىق سۈپەتلىرى بىلەن ماختالغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمىز.
ئى ئاللاھ! سەندىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە بارلىق ساھابىلەرگە دائىم رەھمەت، بەرىكەت ۋە سالاملارنى تەلەپ قىلىمىز.
ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھقا ئۇچرىشىشقا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن تەقۋالىقنى داۋاملاشتۇرۇڭلار، ئازابقا دۇچار بولۇشتىن ئىلگىرى ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ ھېسابسىز نېمەتلىرىگە شۈكرى ئېيتىڭلار.
ئى ئىنسانلار! ئاللاھ بىزگە ياخشىلىق-يامانلىق، بىز ياقتۇرىدىغان-ياقتۇرمايدىغان، لەززەتلىنىدىغان ۋە سەسكىنىدىغان بارلىق ئىشلاردىن خەۋەر بەردى. ئاللاھ ئۆزىنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:«بىلىڭلاركى! دۇنيا تىرىكچىلىكى ئويۇندىن،(كىشىنى ئاخىرەتتە غەپلەتتە قالدۇرىدىغان) مەشغۇلاتتىن، زىبۇ-زىنەتتىن، ئۆز ئارا پەخىرلىنىشتىن، پۇل-مال، پەرزەنت كۆپەيتىپ پەخىرلىنىشتىن ئىبارەتتۇر،(بىرەر يىغىش بىلەن ئۆستۈرگەن)ئۆسۈملۈكى دېھقانلارنى خۇرسەن قىلغان يامغۇرغا ئوخشايدۇ، ئاندىن ئۇ ئۆسۈملۈك قۇرۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭ سارغىيىپ قالغانلىقىنى كۆرىسەن، ئاندىن ئۇ يەنچىلگەن چۆپكە ئايلىنىدۇ، ئاخىرەتتە (كۇففارلار ئۈچۈن) قاتتىق ئازاب بار، ( ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن) ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى ۋە رازىلىقى بار، دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت( غاپىل ئادەم) ئالدىنىدىغان بەھرىمان بولۇشتۇر»(ھەدىد سۈرىسى 20- ئايەت).ئاللاھ بىز كۆرۈۋاتقان ۋە ياشاپ تۇرىۋاتقان بۇ كائىناتنى مەلۇم مۇددەتكىچە تۇرىدىغان قىلىپ ياراتتى، شۇنىڭدەك دۇنيادىكى ھەممە نەرسىلەرنىڭ مۇئەييەن ياشاش بەلگىلىمىسى بولۇپ ھېچ قايسى بۇنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتەلمەيدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:{ھەر بىر جان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنى بىز يامانلىققا مۇپتىلا قىلىش ،ياخشىلق قىلىش ئارقىلىق سىنايمىز.سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسلەر(.ەمىلىڭلارغا يارىشاجازالايمىز).} ئەنبىيا 35-ئايەتئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ«ئۇلار (ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىشلىرى ئۈچۈن)ئۆزلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى (يۇلتۇز قاتارلىق) نەرسىلەرنى پەقەت ھەق ۋە مۇئەييەن ۋاقىتلىق قىلىپ ياراتتى، شەك-شۈبھىسىزكى، نۇرغۇن كىشىلەر پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى(قايتا تىرىلىدىغانلىقىنى، قىلغان ئەمىلىگە يارىشا مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىنى ياكى جازالىنىدىغانلىقىنى) ئىنكار قىلغۇچىدۇر»(رۇم سۈرىسى 8-ئايەت).
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ھېچ كىشى ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز ئۆلمەيدۇ،ئاللاھ ھەر ئادەمنىڭ ئەجىلىنى پۈتۈۋەتكەن،( ئادەمنىڭ ئۆمرىنى قورقۇنچاقلىق ئۇزارتالمايدۇ، باتۇرلۇق قىسقارتالمايدۇ)، كىمكى دۇنيا ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭغا دۇنيانىڭ ساۋابىنى بىرىمىز، شۈكرى قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايمىز»( ئال-ئىمران سۈرىسى 145- ئايەت).
ئاللاھ بەلگىلىگەن مۇددەت تۈگىگەندە بىز كۆرۈۋاتقان ۋە ياشاۋاتقان بۇ كائىناتنى يوق قىلىپ باشقا بىر ئالەمنى پەيدا قىلىدۇ، ئاسمانلار يېرىلىدۇ، زېمىنلار ئارقىمۇ- ئارقا تەۋرىنىدۇ، تاغلار كۈكۈم- تالقان بولىدۇ، كۈننىڭ نۇرى ئۆچىدۇ، ئاي تۇتۇلىدۇ، يۇلتۇزلار تۆكۈلىدۇ، دېڭىزلار لاۋىلداپ يانىدۇ، ئاسمان- زېمىندىكى بارلىق مەخلۇقاتلار ھوشسىزلىنىپ ئۆلىدۇ، ئاللاھ خالىغان جانلىقلار قېلىپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قىيامەت بولىدۇ، ئىنسانلار ئىلگىرى ئويلاپمۇ باقمىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«،«ئى ئىنسانلار!پەرۋەردىگارىڭلاردىن (يەنى ئازابىدىن) قورقۇڭلار، قىيامەتنىڭ زىلزىلىسى ھەقىقەتەن چوڭ ئىشتۇر»«ئۇ كۈندە ھەر بىر سۈت ئېمىتىۋاتقان ئايال(قاتتىق قورقۇنچىدىن تېڭىرقاپ قېلىش بىلەن)ئېمىتىۋاتقان بوۋىقىنى ئۇنتۇيدۇ، ھەر بىر ھامىلدار ئايالنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ، ئىنسانلارنى مەس كۆرىسەن، ھالبۇكى، ئۇلار(ھەقىقەتتە)مەس ئەمەس، (دېمەك قىيامەتنىڭ دەھشىتى ئۇلارنى ئەس-ھوشىدىن كەتكۈزۈۋەتكەن)، لېكىن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر»(ھەج سۈرىسى 1-2- ئايەت).
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«قىيامەت شۇنداق ئۇشتۇمتۇت بولىدۇكى سودا قىلىۋاتقان ئىككى كىشى سودىسىنى پۈتتۈرمەستىن، تۆگىسىنى سېغىۋاتقان كىشى سۈتنى قولىغا ئالماستىن ئۇلاغلىرىنى سۇغۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ كۆلنى رېمونت قىلىۋاتقان كىشى ئىشىنى پۈتتۈرمەستىن قىيامەت بولىدۇ»( مۇسلىمدىن).
ئاللاھ قىيامەت ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى ھاياتلىق ئۈچۈن باشقا بىر دۇنيا ۋە جانلىقلارنى يارىتىدۇ، بۇ يەردە دۇنيادا ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر دائىملىق نېمەتلەر بىلەن راھەتلىنىدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە پاسىق-پاجىرلار، كاپىرلار داۋاملىشىپ تۇرىدىغان دەرتلىك ئازاب- ئوقۇبەتتە ئۆتىدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«ئۇ كۈندە زېمىنمۇ باشقا بىر زېمىنغا، ئاسمانلارمۇ باشقا بىر ئاسمانلارغا ئايلىنىدۇ، ئۇلار(يەنى پۈتۈن خالايىق قەبىرلىرىدىن چىقىپ) يىگانە، قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا( يەنى مەھشەرگاھتا) ھازىر بولىدۇ،ئۇلارنىڭ كۆينىكى تىز ئوت ئالىدىغان قارامايدىن بولىدۇ، ئوت ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ئورىۋالىدۇ»( ئىبراھىم سۈرىسى 48-49-50 ئايەتلەر).
ئاللاھ تائالا قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى ھېچ كىمگە بىلدۈرمىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: (ئى مۇھەممەد) ئۇلار سەندىن قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى سورايدۇ.ئېيتقىنكى ،[[ئۇنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى پەرۋەردىگارىم(ئاللاھ) بىلىدۇ،ئۇنى پەقەت ئۆزى بەلگىلىگەن ۋاقىتتا مەيدانغا چىقىرىدۇ،قىيامەت ئاسمانلارنىڭ ۋە زىمىننىڭ (ئەھلىگە)ئېغىر (ۋەقەدۇر).ئۇ سىلەرگە تۇيۇقسىز كىلىدۇ ]].گۇيا سەن قىيامەت بىلەن نەھايتى تۇنۇشتەك،ئۇنى سەندىن سورىشىدۇ. ئېنىقكى،[[ئۇنىڭ ۋاقتىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ،لېكىن كىشلەرنىڭ تولىسى (ئۇنىڭ ۋاقتىنىڭ مەخپى بولىشىدىكى سەۋەبنى ) بىلمەيدۇ».ئەئراف 187-ئايەت
ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنىڭ تائەت- ئىبادەت، ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىۋېلىشى، ئاسى-گۇناھكارلارنىڭ تەۋبە قىلىپ ھەققە قايتىشى ئۈچۈن قىيامەتنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدىغان نۇرغۇن بەلگە- ئالامەتلەرنى قىلدى.
مەنبە ؛ساقلىۋالغانلىرىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ihsanjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-7 08:37 PM