مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 767|ئىنكاس: 19

تۇرپاندا پۇتبول روھى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20512
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6737
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 377 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2013-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 08:30:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تۇرپاندا پۇتبول روھى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار، تۇرپان ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتىدىكى بارلىق قېرىنداشلاردىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام.
2013 - يىلى 2- مارت تۇرپان پۇتبولچىلىقى تارىخىدا تۇلىمۇ خەيرلىك بىر كۈن بولدى. يەنى تۇرپان ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتى 1999 – يىلىدىن ھازىرغا قەدەر «تۇرپان ئىتتىپاق لۇڭقىسى»نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى ئاساسىدىكى 13 قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىلىرى داۋامىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق نەتىجىلەرنى ئەسلەپ ئۆتۈش، تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى پۇتبولچىلىق تەرەققىيات نىشانىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ، مۇسابىقىنى مەنىۋى ۋە ماددى جەھەتتىن ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقان ۋىلايەت ۋە شەھەردىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنى، كارخانىچىلار ۋەكىللىرىنى ، تۇرپان پۇتبولچىلىقى ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈن – تىنسىز تەر تۆكۈپ كېلىۋاتقان ھەرقايسى سەپتىكى پۇتبول ئۇستازلىرىنى ۋە بىر قىسىم پۇتبول ئەزىمەتلىرىنى تۇرپان «قىزىل ئەتتىرگۈل» رېستورانىغا تەكلىپ قىلىپ،ئۇلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئاساسىدا «تۇرپاندا پۇتبول روھى» تېمىسىدىكى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى.
يىغىن «تۇرپان ئىتتىپاق لۇڭقىسى»نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسچىسى، تۇنجى تەشكىللىگۈچىسى، تۇرپان شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى، شەھەرلىك تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ دائىمى باشلىقى دىلشات قېيۇم ئەپەندىنىڭ تۇرپان پۇتبول ئىشلىرىنىڭ باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلىرىدىن بېرىلگەن دوكلاتى بىلەن باشلاندى.


دىلشات قېيۇم نۇر ئەپەندى


دوكلاتنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك سورۇن ئەھلى!
بۈگۈن دىيارىمىز ئىدىقۇتنىڭ پۇتبولچىلىق ئىشلىرىنى ئۇزۇندىن بۇيان ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاپ كېلىۋاتقان مەرىپەتپەرۋەر كارىخانىچىلار، شۇنداقلا پۇتبول ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مىننەتسىز تەر تۆكۈپ كېلىۋاتقان تەشكىللىگۈچىلەر، تېرىنىرلار ۋە نامى چىققان پۇتبولچىلار ۋەكىللىرى «تۇرپان ئىتتىپاق لوڭقىسى» نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلىرىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن «قىزىل ئەتتىرگۈل» رېستۇرانىغا جەم بولدۇق! مەن ھەر بىر نۆۋەتلىك تەشكىلى كومىتېتتىكىلەرگە ۋاكالەتەن سىزلەرگە ئوتلۇق سالام يوللايمەن. شۇنداقلا سىزلەرگە ۋاكالەتەن تۇرپاننىڭ پۇتبولچىلىق ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا ئوتلۇق تىلەك تىلەيمەن!

بۈگۈنكى بۇ تەبرىكلەش پائالىيىتىنى تۇرپان ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتى بىلەن ھەر نۆۋەتلىك تەشكىللەش كومىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيىتىمىزگە ۋىلايەتلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سىيىت مۇھەممەت، ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شىنجۇڭ، «تۇرپان گېزىتى» ئىدارىسى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باشلىقى مۇھەممەت ياسىن، تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەرجان سىدىق، ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋۇۋىنيى، شۇنداقلا شەھىرىمىز رەھبەرلىرىدىن شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ماخمۇت روزى، شەھەرلىك پارتىكوم دائىمى كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاپپار رىشىت، قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە ئەرباپلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. قەدىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

تۆۋەندە مەن ئالدىنقى نۆۋەتلىك تەشكىلى كومىتېتنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن، 1999 - يىلى تۇرپان «ئىتتىپاق لوڭقىسى تالىشىش» پۇتبول مۇسابىقىسى (كىيىنچە مۇسابىقە نامى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغان تەرەپكە ئۆتۈنۈپ بېرىش تەرتىۋى بىلەن داۋاملاشتى) باشلىنىپ تاكى 2012 - يىلى 12 - نۆۋەتلىك «پەتتار ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى لوڭقىسىنى تالىشىش» ياشلار تەكلىپلىك پۇتبول مۇسابىقىسىگىچە بولغان 13 نۆۋەتلىك پۇتبول مۇسابىقە ئەھۋالىنى سورۇن ئەھلىگە قىسقىچە خۇلاسە قىلىپ ئۆتمەكچىمەن!
(ئەسكەرتىش: 2005 - يىللىق مۇسابىقە بەش كىشىلىك مۇسابىقە بولغاچ قاتارغا تىزىلمىغان، قاتارغا كىرگۈزۈلىشىنى سورايمەن!)

1. مۇسابىقىنىڭ مەيدانغا كېلىشى

1999 - يىلى تۇرپان شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن داغدۇغىلىق باشلانغان «ئىتتىپاق لوڭقىسى» نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى كېيىنچە ۋىلايەتلىك ئىتتىپاق كومىتېتى ۋە مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ ئۆتكۈزۈۋېلىشى بىلەن ئىزچىل داۋاملىشىپ، 2012 - يىلى 5 - ئايدا تۇرپان شەھىرىنىڭ قايتا تەشكىللىشى بىلەن بىراقلا شىنجاڭ بۇيىچە ياشلار تەكلىپ پۇتبول مۇسابىقىلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت پۇتبولچىلىرىنىڭ، پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئۆز ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرىدىغان، ئۆزلىرىنى تاۋلايدىغان، ھەقىقى تۈردىكى دوستلۇق، ئىتتپاقلىق مۇسابىقىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان تاماشىبىنلارنىڭ دىققەت مەركىزىدىكى ئۆلچەملىك كوزىر مۇسابىقىگە ئايلىنىپ، شىنجاڭ پۇتبول تارىخىدىن تىگىشلىك ئورۇن ئالدى.

1999- يىلى شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتى ۋىلايەتلىك ئۆمۈر سوغۇرتا شىركىتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن شەھىرىمىزدىكى تۆت يېزا، تۆت مەكتەپ ۋە ئىدارە ئورگانلاردىن بولۇپ جەمئىي 14 كوماندا ئاساسىدا «ئىتتىپاق لوڭقىسى تالىشىش» پۇتبول مۇسابىقىسى نامىدا يەتتە كۈن داۋاملاشقان بولسا، ئىككىنچى يىلى مۇسابىقە نامىنى ئۆمۈر سوغۇرتا شىركىتىگە ئۆتۈنۈپ بېرىپ، «تۇرپان ئۆمۈر سوغۇرتىسىنى تالىشىش» پۇتبول مۇسابىقىسى نامىدا تېخىمۇ كۆلەملەشتى. 2001 - يىلى مۇسابىقە ئىقتىسادىي جەھەتتىن زور قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا تۇرپاننىڭ مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ غەمگۈزارى ۋە مەدەتكارى، ئەينى چاغدىكى رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ماخموت روزى ئەپەندىم مۇسابىقىنىڭ پۈتكۈل خىراجىتىنى ئىدارە نامىدىن ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئۈزۈلۈپ قېلىش مۇمكىنچىلىكىدىكى مۇسابىقىگە ھاياتى كۈچ ئاتا قىلدى. شۇ يىلدىكى «رادىيو- تېلېۋىزىيە لوڭقىسى تالىشىش» پۇتبول مۇسابىقىسىدا تەكلىپ ماھىرلارنىڭ سانى بىراقلا ئالتىگە كۆپەيتىلدى.

شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتى بار ئاماللار بىلەن مەبلەغ ھەل قىلىپ، شەھەرلىك 4- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پۇتبول مەيدانىنى تېزدىن ئۆلچەملىك قىلىپ ياساپ پۈتتۈرۈپ، مۇسابىقىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئاساس ياراتتى. مۇسابىقە ئەھۋالىمۇ نەق مەيداندىن تارقىتىلىپ، تۇرپاننىڭ پۇتبول قىزغىنلىقىنى بىراقلا يۇقۇرى دولقۇنغا كۆتۈرۈپ، شىنجاڭ بۇيىچە ناھىيە - شەھەرلەر پۇتبول مۇسابىقە ئەھۋالىنى تۇنجى بولۇپ نەق مەيداندىن بىۋاستە كۆرسۈتۈشتىكى تۇنجى سەھىپە بولۇپ، تاماشىبىنلارنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشتى...
مۇسابىقىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ئېچىلىش مۇراسىملىرىدىكى شادلىق، تۇلپار سۈپەت ئەزىمەتلەردىكى جاسارەت، مۇسابىقە مەيدانىدىكى ئالقىش، يېپىلىش مۇراسىملىرىدىكى غەلىبە تەنتەنىسى ھېلىھەم كۆز ئالدىمىزدىن كەتمەيدۇ!....

دۇنيا ئۆزى رەھىمسىز جەڭگاھ،
پۇتبول ئەرگە بېرىدۇ قانات.
مەيدان ئارا پەرۋاز قىل يىگىت،
پۇتبول بىلەن ياشنايدۇ ھايات.

پۇتبول بىلەن ئۆركەشلەر قانلار ،
ئەجدات روھى بۇندا نامايان.
پۇتبول بىلەن ياشنايدۇ جانلار،
قەدىمى يۇرت بۇ ئانا ماكان.

پۇتبول ئەرگە شىجائەت،
پۇتبول بىزگە جاسارەت...

شائىر ئۆمەرجان سىدىقنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «ئىتتىپاق لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى ئۈچۈن يېزىپ بەرگەن بۇ شېئىرىغا، تالانتلىق، ياش ناخشىچى ئەكرەم نىيازنىڭ ئاھاڭ ئىشلىشى ۋە ئىجراسى بىلەن مۇسابىقە ئاسمىنىدا ياڭرىغان بۇ ناخشا، ھەر بىر نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ ھەقىقى مارشىغا ئايلىنىپ، كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، پۇتبول ئەزىمەتلىرى ئۈچۈن مەنىۋى كۈچ - قۇۋۋەت ۋە چەكسىز شىجائەت ئاتا قىلغانلىقى كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ ھېلىھەم ئېسىدە...

2004- يىلى سارس ۋەقەسى سەۋەبىدىن مۇسابىقىنىڭ ۋاقتى 10- ئايغا سۈرۈلۈپ كەتمىگەننى ھېسابقا ئالمىغاندا، تۇرپاننىڭ ھەر يىللىق «ئالتۇن ساياھەت ھەپتىلىكى» بولغان ماي بايرىمى، پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا، تۇرپاننىڭ «پۇتبول بايرىمى» غا ئايلىنىپ بولغان ئىدى....

2 - مۇسابىقىنىڭ راۋاجى

مۇسابىقە 4- يىلدىن باشلاپ ھەقىقى تۈردىكى ساخاۋەت ۋە جاسارەتكە تۇيۇنغان مۇسابىقە بولۇپ بارغانچە قىلىپلىشىش باسقۇچىغا كىردى. پىچان، توقسۇن كوماندىلىرى دائىملىق ئىشتىراكچىلارغا ئايلانغان بولسا، تۇرپاندىكى ئىدارە- ئورگانلار، ساخاۋەتچى تىجارەتچىلەر تەشكىللىگەن كوماندىلار بارغانسىرى كۆپۈيۈپ باردى....
بۇ يەردە «ئەلقەم يېمەك - ئىچمەك چەكلىك شىركىتى» نىڭ دىرىكتورى ئەلقەم ئەپەندىنىڭ تۆھپىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ھەقلىقمىز!



ئەلقەم ئەپەندىكى (سول تەرەپ)

ئەلقەم ئەپەندى دىيارىمىزنىڭ يىمەك-ئىچمەك مەدىنىيىتى ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان ۋە نام قازانغان تىجارەتچىلا بولۇپ قالماي، ئۆزىمۇ ئەينى چاغدا نامى چىققان پۇتبولچى. ئۇنىڭ ساخاۋەت ئىشلىرىنى ھەممە بىلىدۇ. ئەلقەم ئەپەندى ئۆز خىراجىتى بىلەن ئۇدا بىرنەچچە نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ ئوت يۈرەك تەشكۈللىگۈچىسى. ئەلقەم ئەپەندىگە ئوخشاش ئوت يۈرەكلەردىن يەنە ھەر نۆۋەتلىك مۇسابىقىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاپلا قالماي، ۋىلايىتىمىزدىن كوماندا تەشكىللەپ، قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ ياشلار پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇپ، تۇرپاننىڭ پۇتبول روھىنى، دىيارىمىزدىكى مەرىپەتپەرۋەر ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئوتتەك يۈرۈكىنى ئەكس ئەتتۈرگەن غالىپ سېتنىياز ئەپەندى قاتارلىق تىجارەتچىلەرگە ئالاھىدە ئېھتىرام بىلدۈرىمىز! ئۇنىڭدىن باشقا «ئاق تۇلپار» ئېلانچىلىقىنىڭ دىرېكتورى روزى مۇھەممەت ئەپەندىم 10- نۆۋەتلىك پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئىقتىسادىنى ئۆز يېنىدىن چىقىرىپ تەشكىللىگەن بولسا، «قاڭقىل رىستۇرانى» نىڭ دىرېكتورى ئوسمانجان، شەھەرلىك قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ كادىرى، نامى چىققان پۇتبۇلچى ياسىن ئەخمەت، قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ كادىرى دىلمۇرات قادىر، شەھەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ كادىرى ئالىم قاتارلىق پۇتبول شەيدالىرى ھەر نۆۋەتلىك مۇسابىقىلەرنى ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللىدى ۋە ياكى كوماندا تەشكىللەپ دىيارىمىزنىڭ پۇتبول ئىشلىرى تەرەققىياتىغا ئۈنسىز تۆھپە قوشۇپ كەلدى.......

3. مۇسابىقىدىكى تەسىرلىك كارتىنىلار

تۇرپان ئۈستى ئوچۇق مۇزىي، داڭلىق ساياھەت شەھىرى ۋە قەدىمى مەدەنىيەتلىك شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنياغا داڭلىق. تۇرپاننىڭ ياز پەسلىدىكى ئوتتەك ئىسسىقى مېھنەتكەش، مېھماندوست تۇرپان خەلقىنىڭ ئاتەش سۈپەت قەلبىنىڭ تىمسالىدۇر. لېكىن تۇرپاننىڭ ماي ئايلىرىدىكى ئۆزگىچە ھاۋا رايى، بولۇپمۇ توپىلىق بورىنى تولىمۇ رەھىمسىز!
ئالدىنقى قېتىمقى مۇسابىقىلەر ئاساسەن تۇرپاننىڭ ئالتۇن ساياھەت ھەپتىلىكى، شۇنداقلا بورانلىق پەسلى بولغان 5- ئايغا مەركەزلەشكەچكە، بەزى نۆۋەتلىك مۇسابىقىلەردە تۇلپار سۈپەت پۇتبولچىلار ئەنە شۇ شىۋىرغانلىق مەيداندىمۇ ئۆز جاسارەتلىرىنى ئۆزگۈچە نامايەن قىلىپ، تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدە ھەقىقى ئوبرازى بىلەن ئۇنتۇلماس سەھىپىلەرنى قالدۇردى...

بىرىنچى كۆرۈنۈش


(تۇرپان شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ پۇتبول مەيدانى)
1999- يىلى. تۇنجى نۆۋەتلىك «ئىتتپاق لوڭقىسىنى تالىشىش» پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى تۇرپان شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە سىڭگىم يېزىسى كوماندىسى ئارا ئۆتكۈزۈلىۋاتاتتى. ئىككىنچى مەيدان باشلىنىش بىلەن مەيداندىكىلەرنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان بۇراننىڭ شەپىسى ئەمدىلىكتە ئۆزىنى كۆرسىتىپ ئەدىگىلى تۇرغان ئىدى. لېكىن ماھىرلارنىڭ شىجائىتى يەنىلا ئۆز پېتى، نەچچە مىڭلىغان تاشىبىنلارنىڭ قىزغىنلىقى يەنىلا ئۆز پېتى ئىدى....
ۋاھالەنكى، ھېچ ئويلىمىغان يەردىن ئىككىلا كوماندىنىڭ نەتىجىسى ئىككىنچى مەيداندىمۇ ئوخشاشلا 0 بولۇپ تەڭلىشىپ قالدى. مۇسابىقە قائىدە بويىچە 30 مىنۇت ئۇزارتىلدى. لېكىن نەتىجە يەنە تەڭلىشىپ قالدى. ماھىرلارنىڭ قېنى قىززىپ، تاماشىبىنلار ئۆرە - تۆپە بولۇپ كەتكەن ئىدى، كۈچلۈك بوران رەھىمسىز ھۇشقۇيتاتتى.....ئويلىمىغان يەردىن دەسلەپكى قېتىمدا ئىككى كوماندىدىن نۇقتا توپ تېپىشقا تاللانغان بەش جۈپ ماھىرنىڭ نەتىجىسى تەڭلىشىپ قالدى. كۈچلۈك بوران رەھىمسىز ھۇشقۇيتاتتى... ئىككىنچى ۋە ئۈچۈنچى قېتىمدىمۇ ئىككى كوماندىدىن نۇقتا توپ تېپىشقا تاللانغان ماھىرلارنىڭ نەتىجىسى ئوخشاشلا تەڭلىشىپ قالدى. تەغدىرنىڭ چاقچىقى يۇقىرى پەللىگە چىققان بولۇپ، ئاخىرقى قېتىمدا ۋارىتارلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى جۈپ ماھىرلاردىن ئالدىنقى ئىككى ماھىرنىڭمۇ نەتىجىسى تەڭلەشكەن ئىدى... تېرىنىر ۋە ماھىرلارنىڭ تەققازاسى چېكىگە يەتكەن، تاماشىبىنلارنىڭ مەدىتى، ئالقىشى بىلەن بوران ھۈركۈپ، مەيداندىن قىقاس چىقىپ كەتكەن ئىدى....مۇسابىقىنىڭ تەغدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ ئاخىرقى ئىككى ماھىر دوستانىلىق بىلەن بىر - بىرىنىڭ قولىنى چىڭ سىقتى. قىزىقارلىقى، دەل شۇ مىنۇتلاردا بايارتىن بېرى ھەممىنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرۇپ كېلىۋاتقان بوراننىڭ ئەلپازىمۇ مەيداندىكى تۇلپارلارنىڭ پۇتبولغا بولغان پاكىز ئەقىدىسى، پالۋان سۈپەت جاسارىتى ۋە تاماشىبىنلارنىڭ ھەيۋىسى ئالدىدا ئاخىرى يۇۋاشلاپ، پەسكويغا چۈشۈپ قالغان ئىدى...
رېپىرنىڭ سۈۋىستىكى چېلىنىش بىلەن سىڭگىم كوماندىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئونۋېرسىتىتى پۇتبول كوماندىسىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان ماھىرنىڭ تەپكەن توپى ۋارىتارنى ئاتلاپ كۆزدىن غايىپ بولدى....
ئەمدىكى مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسىدىكى ئوقۇغۇچى ماھىر خالىس جاپپاردا قالغان ئىدى!
يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان تارىخى خارەكتېرلىك ئۇنتۇلماس مىنۇت، تاماشىبىلاردىكى ئۈمىد ۋە 1- ئوتتۇرا مەكتەپ ئاسمىنىدا ياڭرىغان قىقاس رېئاللىق بىلەن گىرەلىشىش ئالدىدا تۇراتتى....
- كىردى!......
- ياشاپ كەت!.....
- ئوغۇل بالا!...
- ئەكەك!....
خالىس جاپپار ئاللىبۇرۇن تاماشىبىنلارنىڭ قولىدىكى بىر دەستە گۈلدەك، ئەڭگۈشتەر توپتەك ئاسمانغا قاراپ كۆتۈرىلەتتى.....
مانا بۇ دۇنيا پۇتبۇل تارىخىدىمۇ ئاز كۆرۈلىدىغان، ۋاقىت ئۇرارتىلىپمۇ ھەل بولماي، مەيداندىكى 22 ماھىرنىڭ ھەممىسىلا نۇقتا توپ تېپىشكە سەپەرۋەر قىلىنغان، راستىنى دېگەندە، مۇتلەق ئەپسانىۋى تۈس ئالغان بىر قېتىملىق ئۇنتۇلماس مۇسابىقە ئىدى....
دېمەك، 1999- يىلىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك «ئىتتپاق لوڭقىسىنى تالىشىش» پۇتبول مۇسابىقىسى ئەنە شۇنداق داغدۇغىلىق باشلىنىپ، ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەر بىلەن مۇۋاپىقىيەتلىك ئاياقلاشقان ئىدى.....


ئىككىنچى كۆرۈنۈش

(تۇرپان ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئۇتتۇرا مەكتەپ پۇتبول مەيدانى)
12-نۆۋەتلىك پەتتار ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى ياشلار تەكلىپ پۇتبول مۇسابىقىسى ۋىلايەت ۋە شەھەرلىك پارتىكومنىڭ غەمخورلىقى، دېھقان كارخانىچى پەتتار ئەپەندىنىڭ ئىقتىسادى ياردىمى بىلەن شەرقى ۋە شىمالى شىنجاڭدىكى قېرىنداش ناھىيە-شەھەرلەردىن غۇلجا «ئېلى يۇلتۇزى» كوماندىسى، قارىماي «دولان» كوماندىسى، ئۈرۈمچى «ھۇررا كۇلۇبى» كوماندىسى، قۇمۇل «يىلتىز» ۋە قۇمۇل «جەسۇر» كوماندىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى «ئىلچى» كوماندىسى قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن قاتناشقان، دىلشات لىتىپ ئۇكىمىز ھازىرغىچە تۈرلۈك ئىقتىسادى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ساقلاپ كېلىۋاتقان تۇرپان «ئىتتىپاق» كوماندىسى ۋە «بارمان» كوماندىسىنىڭ ساھىپخانلىقىدا دائىرە جەھەتتىن كۆلەملەشكەن، ۋىلايىتىمىزنىڭلا ئەمەس بەلكى شىنجاڭ پۇتبول تارىخى سەھىپىسىدىنمۇ تىگىشلىك ئورۇن ئالغان ياشلار تەكلىپ پۇتبول مۇسابىقىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ!

تۇرپاننىڭ ياز پەسلى ئىسسىق، كېلىماتى قۇرغاق بولۇش شارائىتى بىلەن تەبىئى چىملىق مەيدان ھازىرلاشقا مۇمكىن ئەمەس. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە مەيدانى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ماخمۇت روزى ئاكىمىزنىڭ ماسلاشتۇرىشى بىلەن تۇرپان ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بىردىن - بىر سۈنئى چىملىق پۇتبول مەيدانىغا مۇقۇملاشتۇرۇلدى....
لېكىن مۇسابىقىگە ئۇقتۇرۇش تارقىتىش ئالدىدا تۇرپان تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان يەنە بىر قېتىملىق بوران ئاپىتىگە ئۇچراپ، يار يېزىسى، چىچان بازىرى، كېچىك باغۋەنچىلىك مەيدانى ۋە قىسمەن يېز(بازار)، مەيدانلىرىمىزدىكى نەچچە يۈزلىگەن ھەر مىللەت دېھقان - چارۋىچى قېرىنداشلىرىمىز ئۆي - ماكانىدىن ئايرىلىپ، تېرىلغۇ يەر ۋە ئۈزۈمزارلىقلىرىمىز، پارنىكلىرىمىز ئېغىر زىيانغا ئۇچراپ يۈرۈكىمىزنى لەختە - لەختە قىلىۋەتتى....
مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈش تەسۋىرلىگۈسىز قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن ئىدى! قانداق قىلىش كېرەك؟

تۇرپان «ئىتتىپاق لوڭقىسى» نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسچىسى، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە تەيارلىق ھەيئىتىنىڭ باشلىقى دىلشات قېيۇمنىڭ كۆڭلىنى غەم باسقان، ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپى، مۇسابىقە تەيارلىق ھەيئىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دىيارىمىزدىن يېتىشىپ چىققان پۇتبولچى ئىسھاقجان لېتىپھاجىنى تەمتىرىتىپ قويغان ئىدى...مۇسابىقىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرگە يەنە بىر قېتىم دوكلات قىلىندى. تۇرپاننىڭ مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ غەمگۈزارى ۋە مەدەتكارى، ماخموت روزى ئەپەندىم تېزدىن تەدبىر قوللىنىپ، ۋىلايەتتىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا مۇسابىقە ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم يېشىل چىراق ياقتى! شۇندىن كېيىنكى ئۈچ قېتىملىق ماسلاشتۇرۇش يىغىنى تۇرپان شەھىرىدىكى ئاساسلىق رەھبەرلەرنىڭ بىۋاسىتە قاتنىشىشى بىلەن قارارتمىلىققا ئىگە پۇختا ئېچىلدى. شۇئارىمىز ئېنىق ئىدى!

- بوران ئاپىتى ئاتا قىلغان قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرىمىز. ئوتتەك قەلبىمىز بىلەن يىراقتىن كەلگەن ماھىرلارنى، تاماشىبىنلارنى بىلەن قىزغىن قارشى ئالىمىز!
مانا بۇ مەسئۇلىيەتچان رەھبەرلەرنىڭ پوزۇتسىيەسى، تۇرپانلىقنىڭ ۋەدىسى ئىدى.
مۇسابىقىنىڭ داغدۇغىسى، كوماندىلارنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن مۇسابىقە تەشكۈللىگۈچىسى دىلشات قېيۇمنىڭ يېزىپ بەرگەن تېكىستىگە مۇزىكا ئىشلەندى. مۇسابىقىنىڭ ھەقىقى ماركىسىمۇ تاللانغان ۋە ئۇنىڭغا « ئوت بالا» دەپ نام بېرىلگەن ئىدى!
مۇسابىقىگە بىرنەچچە كۈن قالغان شۇ پەيتلەردە مۇسابىقىنىڭ تەييارلىق ئىشلىرى بىلەن ئورۇقلاپلا قالغان ئىسھاقجان لېتىپھاجى ئۇكىمىز قارىماي «دولان كوماندىسى» نىڭ مەسئۇلى جۈرئەت ئەپەندىنىڭ تېلىفونىنى قوبۇل قىلدى.

- سىلەرگە ئاپىرىن ئۇكام، تۇرپانلىقلارغا بارىكاللا! بوران ئاپىتىمۇ سىلەرنىڭ ئىرادەڭلەرنى تەۋرىتەلمەپتۇ. تېلېۋىزوردىن بوران ئاپىتىنىڭ ئېغىرلىقىدىن ۋاقىپلاندۇق. ئاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلارغا ئاز بولسىمۇ كۆڭلىمىزنى ئىپادىلەيلى دېگەن ئىدۇق!
مانا بۇ قېرىنداش ناھىيە – شەھەرلەردىكى ئاممىنىڭ، پۇتبولچىلارنىڭ سەدەپتەك ئاق قەلبى ئىدى.



(1)نەق مەيداندىكى كۆرۈنۈش
ئوت بالىنىڭ پۇتىدىن بالقىپ چىقىۋاتقان پۇتبول، تاماشىبىنلارغا ھاياجان، ماھىرلارغا شىجائەت بېغىشلايدىغان پۇتبول ناخشىسى، يېشىل مەيدان، پاراتتىن ئۆتۈۋاتقان ماھىرلاردىكى جاسارەت....
مۇراسىمدا شەھەرلىك قىزىل كىرېست جەمئىيىتى غۇلجا «ئېلى يۇلتۇزى» كوماندىسىنىڭ 5000 يۈەن، قارىماي «دولان» كوماندىسىنىڭ 2680 يۈەن قۇمۇل «يىلتىز» كوماندىسى ۋە «جەسۇر» كوماندىسىنىڭ ئايرىم - ئايرىم 1000 يۈەندىن ئىئانىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. مانا بۇ ساخاۋەت ۋە جاسارەتكە تويۇنغان مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ئىدى! مۇسابىقە تەشكىلى كومىتېتىمۇ ئىشىك بېلىتىدىن كىرگەن 9216 يۈەن پۇلنى ئىئانە بىلەن قوشۇپ مۇسابىقە تۈگەپلا ئاپەت رايونىدىكىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى. مۇراسىمدا يەنە قارىماي «دولان» كوماندىسى ئاستانە يېزىسىدىكى «پۇتبول مەلىكىسى» بولۇپ رايونىمىزغا شان - شەرەپ كەلتۈرگەن ئەقىدە سىڭلىمىزغا ئوقۇش سايمانلىرى، پۇتبول ئەسلىھەلىرىنى ھەدىيە قىلدى....
مەن بۇ يەردە ئىدىقۇت دىيارىدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ۋاكالەتەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەجىركەش تەشكۈللىگۈچى تېرنىرلارغا، ئەقىدىمەن پۇتبولچىلارغا ۋە ئۇلار ئارقىلىق شىنجاڭدىكى قېرىنداشلارغا يەنە بىر قېتىم تەشەككۈر بىلدۈرىمەن! تېنىڭلار سالامەت، ھەممە ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق بولغاي... تۇرپان سىلەرنى قارشى ئالىدۇ!

(2)نەق مەيداندىكى كۆرۈنۈش

بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تەغدىرىمۇ نۇقتا توپ ئارقىلىق بەلگىلىنىپ، تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى...
قارىماي «دولان» كوماندىسى بىلەن غۇلجا « ئېلى يۇلتۇزى» كوماندىسى كوماندىلارنىڭ سەركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر قېتىملىق مۇسابىقە داۋامىدا ئۆزلىرنىڭ كەسپى ئەخلاقى، ماھارەت جەھەتتىكى ئۈستۈنلىكى، كەڭ قۇرساق، دوستانىلىقى بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ تۇلپارلىرى بولۇپ، يار ئۇتتۇرا مەكتەپنىڭ پۇتبول كوماندىسىدىكى ئۆسمۈر ھەۋەسكارلارنىڭ قول تۇتۇپ باشلىنىشى بىلەن مەيدانغا كىرىپ كەلگىنىدە مەيدان ئىچى تېخىمۇ داغدۇغىغا چۆمگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىككىلا مەيداندىكى نەتىجىسى 2- 2 بولۇپ تەڭلىشىپ، نۇقتا توپ ئارقىلىق قارىماي كوماندىسى چىمپىيونلۇققا ئېرىشتى. مۇسابىقىنىڭ جەريانى دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق ماھارەت ۋە جەسۇرلۇققا تويۇنغان ئىدى. تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، توپ كىرگۈزگەن ماھىرغا گۈل تۇتاتتى...، ئۆرۈمە ئۆرۈيتتى.....، مۇسابىقە ئاخىرىدا چىمپىيون كوماندىدىكى ماھىرلارنىڭ مايكا، پايپاق، ئاياقلىرى پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ«ئولجىسى» غا ئايلىنىپ بولغان ئىدى....، ماھىرلارنىڭ قوللىرى ئىمزا قويۇپ «ھېرىپ» كەتكەن ئىدى...چىمپىيون كوماندىسىغا بېرىلىدىغان مۇكاپات سوممىسى 7000 يۇەن بولۇپ، غالىپ سېتنىياز ئەپەندىم ئۇلارغا 2000 يۇەن ئۆرۈمە قىلدى. ياسىن ئەخمەت ئەپەندىم 4- بولغان كوماندىگە 1000، يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ كادىرى مۇختەر ئەپەندى پۈتكۈل مۇسابىقىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن ماھىرغا 1000 يۈەن ئۆرۈمە قىلىپ، تۇرپانلىقلارنىڭ قىزغىن، مەرت، مېھماندوستلىقىنى يەنە بىر قېتىم جەۋلان قىلدۇردى....


شۇ قېتىمقى مۇسابىقە جەريانىدىكى بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر






دىيارىمىز پۇتبول خانىشى سىڭلىمىز ئەقىدەگە تەنتەربىيە بۇيۇملۇقىرى سوۋغا قىلىنغان كۆرۈنۈش

يىغىنچاقلىغاندا، 13 يىلدىن بۇيان دىيارىمىزدا بىر تۈركۈم مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچىلار، تىجارەتچىلەر ئۆز مېھنىتى، ساخاۋېتى بىلەن پۇتبول سەھىپىسىگە يېزىلدى. نەچچە ئەۋلاد پۇتبولچىلارنىڭ ئۇستازى پىشقەدەم پۇتبولچى ئەخمەت رەجەپ، تاكى ھازىرغىچە ئەقىدىسى ۋە ئىشتىياقىنى پۇتبولغا، تەربىيەلەشكە ۋە تەشكىللەشكە ئاتىۋەتكەن ئۇستازىمىز ماخمۇت مەخسۇت، ئابلا مۇئەللىملەر ھېلىھەم ھەممىمىزنىڭ قەلىپ تۆرىدە!... ئەلقەم ئەپەندى، غالىپ سېتنىياز، قېيۇم تېرنىر، دىلشات قېيۇم، ياسىن ئەخمەت، ئىسھاقجان لېتىپھاجى، دىلشات لېتىپ، مۇھەممەتجان قادىر، دولقۇن ئوسمان، خالمۇرات قاسساپ، مەرھۇم پەخىردىن ياسىن شۇنداقلا ئۈرۈمچىدە ئىشلەۋاتقان، ئەينى چاغلاردا رايونىمىز پۇتبول ساھەسىنى بىر مەھەل زىل - زىلگە سالغان، ج خ كادىرى ئەخمەتجان، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى ئازات ئابدۇرېھىم، ئۈرۈمچى ناھىيەلىك پوچتا تلېگراف ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شىرئەلى قاتارلىق پۇتبولچىلار ئاشۇ قاتتىق توپىلىق مەيداندا، بوراننىڭ ئاچچىق توپىسىدا چېنىقىپ ،كىيىنچە مەملىكەت، ئاپتونۇم رايون بۇيىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە تاۋلىنىپ نامى شىنجاڭغا پۇر كەتكەن ئەمەسمىدى؟؟؟ مانا بۇ پۇتبول روھى!تۇرپاننىڭ پۇبول روھى ئەبەدى جەۋلان قىلغۇسى........
كۆپچىلىككە رەھمەت!
2013-يىلى3ئاينىڭ2-كۈنى



قوشۇمچە(1) :پۇتبول تەشكىلاتچىسى دىلشات قېيۇمنىڭ ئارخىپى
ياش شائېر،يازغۇچى،ئەدەبىي تەرجىمان،پۇتبول تەكىلاتچىسى دىلشات قېيۇم نۇر 1971-يىلى 12-ئافرېل غۇلجا كۆكدالا دېھقانچىلىق مەيدانى(64-پولك)دا ھەربىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.كىيىنچە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تۇرپان شەھىرىگە كۆچۈپ كەلگەن.
كىچىكىدىن باشلاپ پۇتبولغا ئىشتىياق باغلىغان دىلشات قېيۇم نۇر ئوقۇغۇچىلىق مەزگىللىرىدە ئاپتونوم رايۇن بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ياشلار پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئىككى قېتىم قاتناشقان. 1999-يىلى تۇرپان شەھەرلىك ئىتپاق كومۇتىتى نامىدىن غايەت زور ئىختىسادى بېسىم ۋە تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تۇرپان"ئىتتپاق لوڭقىسى"نى تالىشىش ياشلار پۇتبول مۇسابىقىسىنى تەشكىللەپ زور ئالقىشقا ئېرىشكەن ۋە كېيىنكى ئۈچ نۆۋەتلىك مۇسابىقىلەرنى مۇۋاپىقىيەتلىك تەشكىللىگەن. شۇندىن بۇيان تۇرپاننىڭ پۇتبولچىلىقى گۈللەپ ياشنىغان دەۋىر بۆلگۈچ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇپ،ھازىرغىچە 13 قېتىم غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلۈپ،تۇرپاننىڭ ماي بايرىمىدىكى ساياھەت ھەپتىلىكى يەرلىك تىلدا تۇرپاننىڭ "پۇتبول بايرىمى"دىگەن يەنە بىر شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن.2012-يىلى تۇرپان پۇتبول مۇسابىقىسىنى دادىللىق بىلەن شىنجاڭغا يۈزلەندۈرگەن قابىل تەشكىلاتچىغا ئايلانغان.
دىلشات قېيۇم نۇر ھازىرغىچە ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 300 پارچىدىن ئارتۇق پوۋېسىت،ھېكايە، شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان. شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن «سۆيگۈ ئۈچۈن »ناملىق شېئىرلار توپلىمى،«قاق بولغان ئالما»ناملىق پوۋېسىتلار توپلىمى،شىنجاڭ ئۈن-سىن نەشىرياتى تەرىپىدىن"كۆك يىلان"ناملىق تەرجىمە پوۋسېتلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان.بىر تۈركۈم غەزەللىرى 9-نۆۋەتلىك ،«قاق بپلغان ئالما»ناملىق پوۋېسىتى 14-نۆۋەتلىك شىنجاڭ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.بىر تۈركۈم ئەدەبىي ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرى ۋىلايەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ھەرخىل ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇسابىقىلىرىدە سەككىز قېتىم مۇكاپاتلانغان. 1993-يىلدىن باشلاپ ئەدەبىي تەرجىمە ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، ھازىرغىچە رومان، پوۋېسىت،ھېكايە ،شېئىر بولۇپ 150 پارچىگە يېقىن تەرجىمە ئەسىرى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن.
ئۇ ھازىر جوڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ،شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنڭ رەئىسى.لۇشۇن ئەدەبىيات ئىنىستوتى 16-قارارلىق سىنىىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، ۋىلايەت بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن«10 مۇنەۋۋەر ياش»نىڭ بىرى.

سۆھبەت يىغىنىدىكى نادىر پىكىرلەردىن تەرمىلەر

يىغىندا ئالدىنقى تۆت نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ رىپىرلار گۇرۇپپا باشلىقى، تۇرپان ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىشقەدەم تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى مەھمۇت مەخسۇت ئەپەندى سۆزگە تەكلىپ قىلىنىپ، تۇرپاننىڭ پۇتبولچىلىق تارىخى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى ھەمدە ئەينى مەزگىللەردىكى مۇسابىقە قىزغىنلىقى،مۇسابىقىنىڭ سەۋىيەسى، ۋە مۇسابىقە جەريانىدىكى بەزى ساقلانغان مەسىلىلەر بىرقۇر ئەسلەپ ئۆتۈلدى




يىغىندا مەھمۇت روزى ئەپەندى تۇرپان پۇتبولچىلىقىنىڭ يىللاردىن بۇيانقى تەرەققىياتى ھەققىدە ئىپتىخارلىق بىلەن پىكىر بايان قىلىپ، پۇتبولچىلىق بۇندىن كىيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن كۆرسەتمە بەردى. شۇنداقلا 2009- يىلى تۇرپان ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن «ئىتتىپاق لۇڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى سەۋىيەسىنىڭ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى، بۇنى تۇرپان ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئۈزۈلدۈرمەي ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان «تۇرپان بىرلەشمىسى» دىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلارنىڭ جەمئىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.


مەھمۇت روزى ئەپەندى

شائىر، يازغۇچى، تونۇلغان جامائەت ئەربابى ئۆمەرجان سىدىق ئەپەندىمۇ سۆزگە تەكلىپ قىلىندى، ئۇ مۇنداق دېدى: پۇتبول ھەرىكىتى بىر رايوننىڭ شۇنداقلا بىر مىللەتنىڭ تەن ساپاسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ. پۇتبول ئۇنىۋېرسال بەدەن ساپاغا يۇقىرى تەلەپ قويىدىغان تەنھەرىكەت تۈرى. ھازىر خەلقئارادا نۇرغۇن مىللەتلەر پۇتبول بىلەن شەرەپ قۇچىۋاتىدۇ، پۇتبول بىلەن تونۇلۇۋاتىدۇ. ئاخىرىدا ئۇ پۈتۈن ۋىلايەتتىكى ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەرگە ۋاكالاتەن پۇتبول ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، دىيارىمىز پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاخىرىدا تۇرپان ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپ ئىسھاقجان لىتىپ ھاجى تۇرپان ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدىكى پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: پۇتبول ئاساسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ياش نۇتىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاش، ئۇلارغا سەھنە ھازىرلارپ بېرىش كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۇرپان بىرلەشمىسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، بىرلەشمىنى ياشلار بىرلەشمىسى ۋە ئۆسمۈرلەر بىرلەشمىسى دەپ ئىككىگە ئايرىش، ئۆسمۈرلەر بىرلەشمىسىنى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىرلەشمىسى ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىرلەشمىسى دەپ ئىككىگە ئايرىپ، جەمئىي ئۈچ تۈر بۇيىچە خەلقئارا ئۆلچەمدە ئۆتكۈزۈپ، پۇتبول نۇتىلىرىنى كىچىكىدىن باشلاپلا چېنىقىش، تەربىيەلىنىش پۇرستىگە ئىگە قىلىپ، دىيارىمىز پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن كۆپلىگەن ياراملىق ئەزىمەتلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ ئاخىرىدا دىيارىمىز پۇتبولچىقى ئۈچۈن تۇرپاننىڭمۇ تېگىشلىك ھەسسە قوشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

قوشۇمچە(2) :پۇتبول تەشكىلاتچىسى ئىسھاقجان لېتىپھاجىنىڭ ئارخىپى



ئىسھاقجان لىتىپ ھاجى 1978- يىلى 17- يانۋار تۇرپان شەھىرىدە زىيالى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدا كۆپ قېتىم ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پۇتبول مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، يۇرتى تۇرپان ۋە ئالىي مەكتىپى ئۈچۈن ئاز بولمىغان شەرەپلەرنى قۇچقان.
2001- يىلىدىن 2009- يىلىغىچە تۇرپان «ئىتتىپاق لۇڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىغا كاپىتان سالاھىيىتى بىلەن قاتنىشىپ، ئۆز كوماندىسىنىڭ ئۈچ قېتىم چىمپيۇنلۇقنى، ئىككى قېتىم 2- لىكنى، ئىككى قېتىم 3- لىكنى قولغا كەلتۈرۈشىگە كۈچ چىقارغان، 2008- يىلى 6- ئايدا تۇرپاندىن يەرلىك پۇتبولچىلارنى تەشكىللەپ، ئىقتىسادىي قېيىنچىلىقلارنى ئامال قىلىپ يېڭىپ، ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلغان مەركىزى شەھەر گېزىتى تەشكىللىگەن پۇتبول مۇسابىقىسىگە سىرتتىن قاتناشقان بىردىنبىر كوماندا بولۇش سۈپىتى بىلەن 3- لىككە ئېرىشكەن.
ئۇ ھازىر تۇرپان شەھەرلىك پوچتا – تېلېگراف ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قۇشۇمچە ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپلىق ۋەزىپىلىرىنى ئىشلەپ كەلمەكتە.
ئىسھاقجان 2012- يىلىدىكى تەكلىپ مۇسابىقىسىنىڭ باش پىلانلىغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن مۇسابىقىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ناھايىتى زور كۈچ چىقارغان.

سۆھبەت يىغىنىدىن قىسقىچە خۇلاسە

ئاخىرىدا تۇرپان ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتى بىرقىسىم پۇتبول ئۇستازلىرىغا، كارخانىچىلار، يەككە – تىجارەتچىلەر ۋەكىللىرىگە، مۇنەۋۋەر پۇتبولچى، يېتەكچىلەرگە گۈل سوۋغا قىلىپ كۆڭلىنى ئىپادىلىدى.ۋىلايەتلىك ناخشا- ئۇسۇل ئۆمۈكىنىڭ ئاتاقلىق ئارتىسلىرىدىن سەمى ئوسمان،كومپىزاتور كېرەم راخمان قاتارلىق سەنئەتچىلەر شوخ ناخشا-مۇزىكىلىرى بىلەن سورۇننى قىزىتسا، پۇتلىرى قىچىشىپ، مەيدان سېغىنىپ تۇرغان پۇتبول ئەزىمەتلىرىمىز ئىختىيارسىز ئۇسۇلغا چۈشۈپ سورۇن كەيپىياتىنى بىراقلا يۇقۇرى دولقۇنغا كۆتۈرىۋەتتى.....
پۇتبول ئۈچۈن گۈپۈلدەپ سوقۇۋاتقان دىلكەش يۈرەكلەرنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ قىزغىن مۇنازىرىلىشىشى نەتىجىسىدە يىغىن ئىككى چوڭ قارارنى ماقۇللىدى.

بىرىنچى، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ھەر يىلى ئۆكتەبىر بايرىمىدا ئاپتونوم رايونغا يۈزلەنگەن تەكلىپ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش؛
ئىككىنچى، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ پۇتبول قىزىقىشىنى قوزغاپ، ھازىرقى تۇرپان بىرلەشمىسىنى باشلانغۇچ مەكتەپ بىرلەشمىسى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ بىرلەشمىسى ۋە ياشلار بىرلەشمىسىدىن ئىبارەت ئۈچ بالداق بۇيىچە مۇنتىزىم ئۇزاق مۇددەت ئېلىپ بېرىش.

ئىشىنىمىزكى، غەمگۇزار رەھبەرلەرنىڭ قوللىشى، مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئوت يۈرەك ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ جاسارىتى بىرلىشىپ تۇرپان پۇتبولچىلىقىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆز نۆۋىتىدە ئاپتونوم رايونىمىز پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسە قوشقۇسى!

يىغىن جەريانىدىكى بىر قىسىم خاتىرە سۈرەتلەر








پىشقان رىپىرلار قوشۇنى


يىغىن ئىشتىراكچىلىرى


پىشقەدەم ئۇستاز ۋە بىرقىسىم مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچىلار


پىشقەدەم ئۇستاز ۋە بىرقىسىم مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچىلار



پىشقەدەم ئۇستاز ۋە بىرقىسىم تونۇلغان توپچىلار


يېتىلىۋاتقان تېرىنىرلار قوشۇنى ۋە قوللىغۇچىلىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Atesh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-7 10:03 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Xaparang + 95 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 95   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2492
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10459
تۆھپە نۇمۇرى: 463
توردا: 428 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 09:14:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىكەن تىما يۇللىغۇچىغا رەخمەت

ئەرنىڭ مىڭلارچە دۈشمىنى بولمىسا كۈنىگە مىڭ قېتىم غەيۋىتى بولمىسا،ئۇ قانداق ئەر بولسۇن؟ قارا ، مىڭ ئىتنىڭ ئۈنىنى ئاڭلاپ قېچىپ كەتكەن بۆرە بۆرە بولامدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41850
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3197
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 542 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2013-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 09:15:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى بولۇپتۇ،ئەڭ ياخشى تىلەكلەرنى تىلەيمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87856
يازما سانى: 416
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2289
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 341 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 09:16:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوستلاردىن بىر نەرسىنى سوراپ باقاي مىسرانىم موكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىگە بىر ئەسەر يازغان ،ھەممىنى پۈتتۈرۈپ ئازلا قالغاندا قولۇم مائوسقا تېگىپ كېتىپ ھەممىسى يوقاپ كەتتى.ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇللىرى بولسا دەپ بەرسەڭلار بىركۈنلۈك ئەجرىم ھەممىسى بىكار بوپ كەتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5425
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10110
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 09:35:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇردىن ئايرىلغان دۆلەت كومادىسى مەڭگۈ دۆلەت ئىچىدىن ئاسىياغا قاراپ يىغلايدۇ.

مىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسىل ئەتىرىم بولسا:مىنىڭ تەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89695
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 936
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 122 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 09:49:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزغا كۆپ رەخمەت  .  رايۇنىمىز پۇتبولچىلىقىنىڭ  گۈللەپ ياشنىشىغا  چۇچ چىقىرىۋاتقان ئەزىمەتلەرگە  مىڭ  رەخمەت  ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90949
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 71
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2013-1-31
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 01:48:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zanjir34 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-7 08:57 PM
بۇ  يولداشلارنىڭ  ياخشى  مەشىق  قىلىپ  ۋەتەنگە  شان شەرە ...

سېنىڭ بۇ گېپىڭدىن  بىر خىل ئىپلاسلىق چىقىپ تۇرىدا   ؟؟؟؟  بۇنى ياخشى گەپ  دەپ چۈشىنەمدۇق يامانمۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90949
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 71
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2013-1-31
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 02:21:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zanjir34 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-8 02:11 AM
يېڭى  ئەزاكەنسىز  ، بەك سەكرەپ  كەتمەڭ  ماقۇلما .،.
مىنى ...

نىمىلا ئويلىغان بولساڭ مەيلى ، ئەمما تۈز گەپ قىل ئاداش، ئىچ - ئىچىدىن زەھەر گەپ قىلماي، ئۇيغۇرنى تۇنىتىغان كوكلىتىدىغان  مۇنداق ئىشلارغا سەن سۈيۈنۈپ مۇئامىلە قىلالمىساڭمۇ ،ھېچ بولمىسا مەدەت بېرىپ قويساڭمۇ بولىدىغۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردە لېي فىڭ لەي نىڭ لارنىڭ نىمەمۇناسىۋېتى ؟؟؟ ياخشى گەپ قىلغۇڭ كەممىسە ، جىم تۇر يامان گەپ قىلما ئۇنداق ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20512
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6737
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 377 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2013-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 10:43:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zanjir34 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-7 08:57 PM
بۇ  يولداشلارنىڭ  ياخشى  مەشىق  قىلىپ  ۋەتەنگە  شان شەرە ...

قاچان يوقاپ كېتىدىغاندەك تۇرىسىز؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20512
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6737
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 377 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2013-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 10:52:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇيەردە ساپ پۇتبول توغرىسىدا گەپ بولىۋاتىدۇ، ئارتۇق گەپ بىزگە ئارتۇقچە.
سۇلتانتۇر بۇرادەر ئۇنىڭ بىلەن چاتىقىڭىز بولمىسۇن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش