"ئەرەپمۇ سەن ئۇيغۇرمۇ"غا جاۋاپ
سەئىدىيە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
مۇنبەر ئەھلى ،تۇققانلار،
قۇلاق سېلىڭ سۆزۈمگە،
غەرىزىمنى ئۇققانلار،
بىرى كېلىپ سورايدۇ،
«مۇسۇلمانلار شۇنداقمۇ؟»
يەنە كەپتۇ بىر سۇئال:
«ئۇيغۇرمۇ سەن ئەرەپمۇ؟»
توۋا دىدىم مىڭ توۋا،
تاشتى غەزەپ نەپرىتىم،
مەنمۇ يازدىم بىر جاۋاپ،
يەتمەي ئاڭا تاقىتىم.
ئاڭلاڭ،قىزچاق نازىگۈل،
ھەم قوللىغان تۇققانلار،
سىز ئۈچۈن غەم يىگەندۇ؟
پەتىۋانى پىچقانلار.
مۇسۇلمانلار ئەلۋەتتە،
مۇسۇلماننى قوللايدۇ،
توغرا سۆزنى قۇۋەتلەپ،
خاتاسىنى شاللايدۇ.
«سۈرىتىڭىز ئەرەپچە»
دەپسىز مېنى دىگەندەك،
كۆرۈپ سىزنىڭ سۈرەتنى ،
بولدۇم جىننى كۆرگەندەك.
مەنمۇ سىزدىن سورايمۇ؟
قايسى يات ئەل قىزى دەپ؟
بولسىمۇ گەر ئويۇنغا،
ئويلاپ ئاندىن قىلىڭ گەپ!
دىن بولمىسا قالامتى؟
دوپپا بىلەن كۆينەكلەر ؟
بەلكى ئۇيغۇر بولاتتى،
كۇساركۇنى كەيگەنلەر.
ئەرەپلەرنى دىن بىلەن ،
ئەزىز قىلغان ئاللاھىم.
ئىسلامدا بىز قېرىنداش،
شۇ بولدىمۇ گۇناھىم؟
مەيلى تۈرك ،يا ئۆزبەك
مەيلى قازاق؟ بىز قانداش،
مەيلى ئەرەپ يا خۇيزۇ،
ئېتىقاد بىلەن ئۇيۇلتاش.
بىلىڭ ھىجاپ پەرىزدۇر،
دورىمىدۇق ئۆزگىنى،
يۈرمىدۇق ھەم كوچىدا،
ئېچىپ قويۇپ بەدەننى.
بۇ دۇنياغا ئورتاق دىن،
ئەرەپلەرگە خاس ئەمەس،
باشباشتاقلىق يولىغا
يۈگەن سېلىڭ بولدى بەس!
ئۆم ئىدۇققۇ ئۇيغۇرلار،
بۇغراخانلار ماڭغاندا،
مەشئەل قىلىپ ئىسلامنى،
يېڭى يوللار ئاچقاندا.
مەھمۇد ،يۈسۈف بوۋامغا،
ياراشقانغۇ تون ،ساقال.
ھىچكىم ئەرەپ دىمىگەن،
مومىلاردا ھەم رومال.
پەخىرلىنەر شۇلاردىن،
ئۇيغۇر ئاتلىق ھەركىشى،
تېپىپ ھەقنى ھەر جايدىن
ئۆگەنگەچكە بىلىمنى.
سەجدىگاھتا مەسچىتتە،
ھەيۋەت ئىدۇق سەپ تۈزۈپ.
خاقان بولۇپ ،شاھ بولۇپ،
جەڭدە چىققان بىز ئۈزۈپ.
مەدەنىيەت دەپ يۈرۈپ،
سالدۇق ئۇسۇل سامانى،
بۈگۈن كەمدە چاڭچىللار،
بىر ئېلىپتۇ ھىيىتگاھنى.
ياغلىق رومال يىغلايدۇ،
قاتتىق بېسىم ئاستىدا،
تاش ئاتامسىز ئۇيغۇر قىز،
كىرىۋىلىپ دالدىغا؟
دوپپىسىنىڭ ئۈستىگە،
رومال سالغان مومىلار،
سەللىسنى دوپپىغا،
يۆگىگەنتى بوۋىلار.
كۆمۈلگەچكە روماللار
قالدى دوپپا تاشلىنىپ،
شۇئار توۋلاپ قالغانغا ،
قالماس دوپپا يادلىنىپ.
بىلىڭ مۇنۇ يىزىق ھەم ،
كەلگەن بىزگە ئەرەپتىن،
شۇئار توۋلاپ ئۇيغۇرچە
ئۆگىنىپسىز غەرىپتىن،
ئۆزلۈك بىلەن ئۆملۈكتىن،
گەپ ئېچىپسىز تارتىنماي،
دەيمەن سىزگە ئېچىنىپ،
ھالىڭىزغا بەكمۇ ۋاي!
ئۆزلۈك نىمە بىلەمسىز؟
بىز مۇسۇلمان ئۇيغۇرمىز.
ئۆملۈك نىمە بىلسىڭىز؟
ئىمان بىلەن بىر كۈچمىز!
شەكىلۋازلىق قىلماڭ دەپ،
شەكىلۋازلىق قىلىپسىز،
ئىلىم ئېلىڭ دەپ قويۇپ،
نادانلىققا باشلاپسىز.
جاھىلىيەت دەۋرىگە،
يېڭى باشتىن قايتامسىز؟
تېخى خىجىل بولماستىن،
شېئىر قوشاق يازامسىز؟
مەيلى كىمدە بولسا ھەق،
ھەقنى تاپقىن ئۇيغۇرۇم،
چېكىت قويۇپ ئۇيقۇغا،
كۆزنى ئاچقىن ئۇيغۇرۇم.
ئىلىم،بىلىم ،ھەم ئېتىقات.
ئۆزگەرمەس بىر ھىكمەتتۇر،
كىمدە بولسا ئۈچ ھىكمەت،
غالىپلىقى بەرھەقتۇر.
ئىلىمسىزدە ماغدۇر يوق،
بىلىمسىزدە كۈچ قۇۋۋەت،
بولسا كىمدە ئېتىقات كەم،
خەلقى ئۈچۈن ئۇ ئاپەت.
مەن مۇسۇلمان ،ئەلھەمدۇلىللاھ،
بىلىپ قۇيۇڭكى، ئاللاھ ئۇيغۇر ياراتقان ئىكەن مەن ھەم ئۇيغۇر،
مېنىڭ كىيىنىشىم ، مېنىڭ ھىجابىم، مېنىڭ باش سۆرىتىم مۇشۇ يولنى ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈن...
ئىسلامنىڭ ئىلىم مەرىپەت ۋە ھەقىقەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگىنىم ئۈچۈن...
بۇ يولنى ياخشى كۆرۈشنىڭ پۈتكۈل تارىختىن ئۇيغۇرغا بولغان پايدىسىنى كۆردۈمكى ،زىيىنىنى كۆرمىدىم .
ئۆزىنى «دىن تارقاتقۇچى موللا » ،«سوپى» ئاتىۋالغان ۋە دىننى ،خەلقىنى دۇنيا ھاياتىغا ساتقان مۇنافىقلارنى سوراق قىلغۇچى جانابى ئاللاھتۇر، ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى مۇسۇلمانلارغا يۈكلىگۈچىلەر ھەم ئۆزى جاۋاپ بەرگۈچىدۇر، قايىل بولمىسىڭىز بىرلا گەپ: ئۆگىنىڭ!
دەيدىغان گەپلەر يەنە چالا، قانچە يازسام تۈگىمىگىدەك.بەس مۇشۇنچىلىك يازاي،ئۆزۈمنىڭ بىلىشىممۇ تولىمۇ چەكلىك ئىكەن ، ئاللاھۇ سۇبىھانى ۋەتەئالا ھەممىزگە ھىدايەت ،رەھمەت ۋە مەغفىرەت ئاتا قىلسۇن!
مەنبە:ئۆزەم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-10 11:28 AM