ئۆرتىنىش
خىيالىمدا غۇۋا بىر سىما،
ئاستا-ئاستا يېقىنلار ماڭا.
ئۆتمۈشتىكى ئازاپلىق كەچمىش،
يۈرىكىمنى قىلدىغۇ يارا.
يۈرىكىمنى قىلدىغۇ يارا،
سېغىنىمەن يارىمنى يەنا.
ئۆتۈپ كەتتى نەچچە باھارىم.
يۈرەك قاچان شۇ ياردىن تانا.
سېغىنىشتا ئۆتەر كۈنلىرىم.
ياستۇقۇمغا سىڭەر ياشلىرىم.
ئىنتىلىمەن خۇشال تۇرمۇشقا،
كىلەر قاچان كۈتكەن كۈنلىرىم.
تەقدىر
مۇھەببەت سۆيگۈ دەپ ياشىدىم مەھەل،
ئۇنىڭدىن بەختىمنى تاپمىدىم بىراق.
سۆيگۈنى ئۇلۇغۋار بىلگىنىم بىلەن،
بەخت مىنىڭدىن ئىكەن بەك يىراق.
سۆيدۈم، سۆيۈلدۈم ياشلىق ئىزناسى،
بىلىپتىمەن سۆيگۈمىزنى ھايات مەناسى.
ئەسلىمىگە ئايلاندى ئاشۇ مۇھەببەت.
دىلدا قالدى شۇ سۆيگۈنىڭ مەڭگۈ ئازابى.
ئۈمۈد بىلەن قارىغانتىم گۈزەل ھاياتقا،
ھەم ئۇنى تاللىغانتىم ھەمراھلىقىمغا.
تەقدىرىمىز قۇشۇلماپتۇ ئىلاجىمىز يوق.
نىسىپ بولدۇق ھەر ئىككىمىز باشقا-باشقىغا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شاتيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-7 07:00 PM