مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6005|ئىنكاس: 53

ئۇزۇن يوللۇق كارىۋاتلىق ئاپتوبۇسلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نىجات ئەكبەر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 1194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7093
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 05:28:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە،2013-يىلىدىن باشلاپ كارىۋاتلىق يولۇچىلار ئاپتوبۇسى كۆپەيتىلمەيدىكەن، ھازىر قاتناۋاتقان كارىۋاتلىق ئاپتوبۇسلارنىڭ بىراق مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئورنىغا يېرىم ياتقىلى بولىدىغان يۇمشاق ئورۇندۇق ئاپتوبۇسلار سەپلىنىپ، كارىۋاتلىق يولۇچىلار ئاپتوبۇسلىرى يولۇچى تىرانسپورت بازىرىدىن تەدرىجىي چېكىندۈرۈلىدىكەن.


201303061559123189.jpg


مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول تىرانسپورت ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدا 32 مىڭ 520 يولۇچىلار ئاپتومۇبۇسى بولۇپ، بۇنىڭ 1500 دىن كۆپرەكى ئۈزۈن يولغا قاتنايدىغان كارىۋاتلىق ئاپتوبۇس ئىكەن. نۆۋەتتە كارىۋاتلىق يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش توختىتىلغان. ئاپتونوم رايونىمىزدا كارىۋاتلىق ئاپتونۇسلارنى بازادردىن چېكىندۈرۈشكە ئۈچ-تۆت يىل ۋاقىت كېتىدىكەن.

مەنبە: خەۋەر تورى


  مەن يېقىندا كارىۋاتلىق ئاپتوبۇستا ئاتۇشقا باردىم. سەپەردە ئاپتوبۇس شوپۇرلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم.

__ بۇرۇن ئۈچتاش قاتناش بېكىتىگە كەلسەك، بېلەت كۆزنىكىدىن بىر تۇتاش بېلەت سېتىلاتتى. بېلەتتىكى ۋاقىت، نۆۋەتچى قېتىمى بويىچە ئادەم ئېلىپ ماڭاتتى. ھازىر بولسا بېكەتكە كېلىپ شوپۇر بىلەن سۆزلىشىپلا بېلەت ئېلىپ سەپەرگە چىقىدىكەنمىز. بۇ قانداق ئىش؟

__ ئۇكا، بۇرۇن ئاپتوبۇس قاتناش بېكىتى ھازىرقى پويىز بېكەتلىرىگە ئوخشاش، ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدا ئىدى. يولۇچىلارمۇ بىر تۇتاش بېلەت ئېلىپ سەپەرگە ماڭاتتى. ھازىر ئۇزۇن يوللۇق كارىۋاتلىق ئاپتوبۇسلارنى ھۆددىگە بېرىدىغان تۈزۈم چىقتى. بۇنىڭغىمۇ خېلى يىللار بولدى. بىز قەشقەرنىڭ مۇشۇ يولىنى پالان پۇلغا ھۆددىگە ئالىمىز. ئاندىن يولۇچى توشۇپ شۇ پۇلنى تېپىپ جان باقىدىغان گەپ.

__ ھە... ئۇنداقتا بايرام، تەتىل ۋاقىتلىرىدا تازا پۇل تاپىدىكەنسىلەر- دە؟

__ ھەئە، بايرام، تەتىل ۋاقىتلىرى ئالتۇن ۋاقىت. يولۇچىلار تازا كۆپىيىدىغان بىر چاغ. بۇ ۋاقىتتا بېلەت باھاسىمۇ ئۆسۈپ كېتىدۇ. ئەمما باشقا ۋاقىتلاردا، 4-،5-،11- ئايلاردا، تاپاۋەت ئازىيىپ كېتىدۇ. ئىككى شەھەر ئارىسىدا ئاپتوبۇس قۇرۇق- قۇرۇق ماڭىدىغان گەپ. ئەمما ماڭماي ئامال يوق. قۇرۇق مېڭىپ كەتكەندىن كۆرە، 150-160 كوي بەرسىمۇ ئېلىپ مېڭىۋېرىمىز.. شۇنىڭ بىلەن بايرام-تەتىللەردە 300-400 دىن بېلەت سېتىپ  ئۇنىڭدىكى زىياننى تولدۇرىدىغان گەپ، ئۇكا.

__ ۋاھ... 300-400 دىن بېلەت سېتىپ تازا تاپىدىكەنسىلەر- دە پۇلنى؟

__ نەدىكىنى دەيسىز ئۇكا. ھازىر ئۇزۇن يوللۇق كارىۋاتلىق ئاپتوبۇسلارنىڭ بازىرى ئۆكسۈپ قالدى. ھازىر پۈتۈن ئادەم راھەت، بىخەتەر، پاكىز، بېلەت باھاسى مۇۋاپىق دەپ، پويىزغا ئۆگىنىۋالدى. پويىز ھازىر يۇقىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن ئاپتوبۇسنىڭ بازىرىنى تارتىپ كەتتى. جىددى ئىش بىلەن ماڭىدىغانلار ۋە پويىز بېلەتنىڭ ئاۋارىچىلىقىدىن قاچىدىغانلار ئاپتوبۇسقا چىقىدۇ. ئەمما ئوقۇغۇچىلاردىن تارتىپ خىزمەتچىلەرگىچە پويىزغا كۆنۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر پويىز بېلىتىنى توردىن، تېلېفوندىن ئېلىش ئىنتايىن قولايلىق. بېلەت ئېلىش تەس ئەمەس. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ تىجارىتىمىزنى پويىز تىرانسىپورتى ئىگىلەپ كەتتى.

__ ھە... سىلەرگىمۇ تەس بوپتۇ دە؟

__ شۇنى دەڭە ئۇكام.

__ ئاپتوبۇسقا سىرتتىن قارىسا شۇنداق ھەشەمەتلىك، ئەمما شۇنداقلا چىقسا مەينەت يوتقان-كۆرپىلەرنى كۆرۈپ، ئادەم سەسكىنىپ كېتىدىكەن. بۇرۇنلاردا ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسلارنىڭ يوتقان-كۆرپىلىرىنى ھەر قېتىملىقتا بىر ئالماشتۇراتتى.

__ يوتقان- كۆرپىلەرنى نەدە سۆرەشتۈرۇپ يۈرىمىز ئۇكا، ئامال يوق. ھەر قېتىملىقتا بىر يۇيۇپ ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ۋاقىت كېرەك، خىراجەت كېرەك. ئەمما بۇنىڭغا شارائىت يوق. زىيانغا باشچىلاپ چۈشىدىغان گەپ.

__ ھازىر يوللار ياخشى. ئاتۇش- قەشقەرلەرگە بۇرۇنقىدەك ئىككى كۈندۈز بىر كېچىدە بارىدىغان ئىش يوق. ھازىر بىر سوتكىدا ئاپىرامسىلەر؟

__ ھازىر تېخىمۇ ياخشى. كۆپ ھاللاردا بىر سوتكىمۇ كەتمەيدۇ. 17-18 سائەتتىلا ئاپىرىۋېتىمىز. شۇ تاماققا، تەرەتكە توختاپلا ۋاقىت جىق ئۆتۈپ كېتىدۇ.

__ ۋاھ، ئۇنداقتا تېخىمۇ ياخشىكەن. ھازىر كىشىلەر پويىزدا 20-30 سائەت ئولتۇرۇپ سەپەرگە مېڭىۋېرىدۇ. يول ياخشى بولغاندىكىن جەنۇبىي شىنجاڭلارغىمۇ ئورۇندۇقلۇق ئاپتوبۇس سەپلىسە بولغۇدەكقۇ؟

__ توغرا، ھازىر ئۇزۇن يوللۇق كارىۋاتلىق ئاپتوبۇسلارنىڭ تازا دېگۈدەك بازىرى قالمىدى. يوللار ياخشى بولغاندىكىن، شۇنداق ئورۇندۇقلۇق ئاپتوبۇس سەپلىسىمۇ بولاتتى.

__ ھە... كېيىنچە ئۇمۇ بولۇپ قالار.

__... ... ... ... ...

__... ... ... ...


  ئويلاپ كەتتىم: ھازىر پۈتۈن ئادەم راھەت، پاكىز، بىخەتەر دەپ پويىزغا يۈزلىنىپ كەتتى. ئۇزۇن يوللۇق كارىۋاتلىق ئاپتوبۇسلارنىڭ بازىرى كاساتلاشتى. ھازىر يوللار ياخشى بولغاندىكىن بىر ھېسابتا ئۇزۇن يولغا ئورۇندۇقلۇق ئاپتوبۇس سەپلىسىمۇ بولغۇدەك. خەقلەر پويىزنىڭ ئورۇندۇقلۇق بېلىتىنى ئېلىپمۇ 20-30 سائەت ئولتۇرۇپ، ئادەمزاتسىز چۆللەرنى، تاغلارنى بېسىپ ماڭىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە ئورۇندۇقلۇق ئاپتوبۇستا ئانچە- مۇنچە ئۇ يەر- بۇ يەرنى كۆرگەچ مەنزىلگە تېز بارسا ياخشى ئەمەسمۇ؟...


(2- ئاينىڭ 23- كۈنىدىكى كۈندىلىك خاتىرەمدىن)

ئاپتور: ئېھرام


«يېشىل» دېسەم «ياق، بۇ قىزىل» دېدى، «قىزىل» دېسەم «ياق، بۇ كۆك» دېدى. ھەممىسى ئۆزىنىڭكىنىلا راست دېدى. شۇنىڭ بىلەن، خەق نېمىلا دېسە «ھە سېنىڭكى راست» دەپ قويۇپ، ھەق توغرىسىدا ئۆز ئالدىمغا ئىزدىنىدىغان بولدۇم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87856
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3579
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 08:46:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوستلاردىن بىر نەرسىنى سوراپ باقاي مىسرانىم موكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىگە بىر ئەسەر يازغان ،ھەممىنى پۈتتۈرۈپ ئازلا قالغاندا قولۇم مائوسقا تېگىپ كېتىپ ھەممىسى يوقاپ كەتتى.ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇللىرى بولسا دەپ بەرسەڭلار بىركۈنلۈك ئەجرىم ھەممىسى بىكار بوپ كەتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11120
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 09:03:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
lokmanhakim يوللىغان ۋاقتى  2013-3-7 08:46 PM
دوستلاردىن بىر نەرسىنى سوراپ باقاي مىسرانىم موكاپاتل ...

سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يوللانمىغان تىمىڭىز بار ، دېگەن يەرنى باسسىڭىز ئەسلىگە كىلىدۇ .

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34855
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4012
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5230 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2014-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 09:08:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇرۇندۇقلۇق ئاپتۇبۇسنى سالسا ياشلارغا ئېغىر كەلمەس  . لىكىن ئا قېرى ، ئاجىز ، مېيىپ ، كېسەل ،ھەركەت قىلىشى بىنورمال كىشىلەرچۇ ؟ قۇچىقىدا بالىسى بار ئاياللارچۇ ؟ ھامىلدار ئاياللارچۇ ؟

مىللىتىڭدىن نۇمۇس قىلغۇچە،ئۆزەڭدىن نۇمۇس قىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87856
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3579
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 548 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 09:10:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
!UYGHURJAN يوللىغان ۋاقتى  2013-3-7 09:03 PM
سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يوللانمىغان تىمىڭىز بار ، دېگ ...

ئۇ يەرنى ھەجەپ تاپالمايمەنغۇ،قايسى يەردىن چىقىدىغان بولغىيتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90005
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1121
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 09:13:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزغا تەشەكۇر قىرىندىشىم،ھەنىمە خەلقىمىز بولسا ئەشۇ مەينەت كاراۋاتلىق ئاپتۇۋۇزدىن قۇتۇلىدىغان بوپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 09:14:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياشلارغۇ چىداپ كىتە ، ئەمما ياشانغان ئاجىز مېيىپ يولۇچىلارغا تەس بولىدىكەندە ...
ئادەتتە بىز بارساق 25 سائەت ئەتراپىدا بۆشۈكتە ياتقان بوۋاقتەك بىرەر يۈز مىڭ قېتىم تەۋرىنىپ ، مىدىرلاپ دىگەندەك بارىمىز .
قېرى ، ئاجىز ، مېيىپ ۋە كىسەلچانلارنىمۇ ئويلىشىپ يېرىم ياتقىلى بولىدىغان ئورۇننىڭ ئورنىغا نەچچە ئون دانە پۈتۈن ياتقىلى بولىدىغان كارۋات قويسا مۇۋاپىق كىلىدۇ .

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2492
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10734
تۆھپە نۇمۇرى: 463
توردا: 685 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 09:16:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىكەن تىما يۇللىغۇچىغا رەخمەت

ئەرنىڭ مىڭلارچە دۈشمىنى بولمىسا كۈنىگە مىڭ قېتىم غەيۋىتى بولمىسا،ئۇ قانداق ئەر بولسۇن؟ قارا ، مىڭ ئىتنىڭ ئۈنىنى ئاڭلاپ قېچىپ كەتكەن بۆرە بۆرە بولامدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86790
يازما سانى: 645
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2087
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 265 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 09:17:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمىسىمۇ بۇ كارۋاتلىق ماشىنىلارنىڭ تازىلىقى پەقەت ياخشى ئەمەسكەن ھازىر

يالغانچىنىڭ رىسقى كام بۇلۇر .سەمىمىلىك ،راستچىللىق مىنىڭ مىزانىمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11120
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 09:28:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
lokmanhakim يوللىغان ۋاقتى  2013-3-7 09:10 PM
ئۇ يەرنى ھەجەپ تاپالمايمەنغۇ،قايسى يەردىن چىقىدىغان  ...

مەزمۇننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دېگەن خەتنى باسىدىكەنلا ! سىناپ باقسىلا ، ھازىر سىناپ ئۈنۈمىنى كۆردۈم !

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش