مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 672|ئىنكاس: 7

شىنجاڭ(2012-2020-يىلغىچە) مائارىپ ئىسلاھات -تەرەققىيات يىرىك پىلانى. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34915
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6877
تۆھپە نۇمۇرى: 206
توردا: 224 سائەت
تىزىم: 2011-3-23
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 01:03:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم  رايونىنىڭ  ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى يىرىك پىلانى تېزىسى



(2010-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە)




بۇ تېزىس «دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك مائارىپئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى يىرىك پىلانى تېزىسى (2010-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە)» ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن تۈزۈلدى.

كىرىش سۆز
مائارىپ شىنجاڭنى مۇقىملاشتۇرۇش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ، چېگرىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئۇلتېشى بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئۇللۇق، يېتەكچىلىك ۋە ئومۇمىيلىق رولىغا ئىگە. ئاپتونوم رايوننى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مائارىپنى قۇدرەت تاپقۇزۇش كېرەك. ئىلمىي ھالقىش، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىش، ئەبەدىي ئەمىن بولۇشتا، مائارىپ ئالدىدا مېڭىشى كېرەك. مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللەپ-ياشنىشىغا تۈرتكە بولۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمىئيەت بەرپا قىلىش كۈرەش نىشانىغا يېتىشتە مۇھىم ئىستراتىگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

پارتىيە ۋە دۆلەت شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ئاپتونوم رايون قۇرۇلغاندىن بېرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، ھەردەرىجىلىك، ھەر خىل مائارىپ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇن كېلىدىغان، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە خەلق مائارىپى سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلدى. يېڭى ئەسىرگە كىرگەندىن بېرى، ھەقسىز مەجبۇرىيەت مائارىپى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلدى، كەسپىي مائارىپ تېز تەرەققىي قىلدى، ئالىي مائارىپ ئاممىۋىلىشىش باسقۇچىغا كىردى، «قوش تىل» تەربىيىسى تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسى ئۆستۈرۈلدى، مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلدى، ئەخلاقىي تەربىيە ۋە ئىدىيە-سىياسىي تەربىيە خىزمىتى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى، مائارىپ سېلىنمىسى زور ھەجىمدە كۆپەيتىلدى، مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىستېمىسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ مائارىپىدا زور ئۆزگىرىش بولدى، مائارىپ ئادىللىقىدا زور قەدەم تاشلاندى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قانۇن بويىچە باراۋەر تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىندى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ساپاسى ئۆستۈرۈلدى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى، بۇلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا زور تۆھپە قوشتى.

ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئىستراتىگىيىلىك پۇرسەت مەزگىلى. زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى، پەن-تېخنىكا، مائارىپنى تىرەك قىلىپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگونىڭ غەربىدىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش پەللىسى ۋە ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىپ، گۈللەنگەن، باياشات، ئىناق، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا ئىختىساسلىقلار ئاچقۇچ، مائارىپ  ئاساس.پۇرسەت ۋە خىرىس ئالدىدا شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇشىمىز  كېرەككى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەلىپى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ياخشى تەربىيە ئېلىش تەلىپىگە  تولۇق ئۇيغۇنلىشىپ كېتەلمەيۋاتىدۇ، مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان مائارىپ يىرىك پىلانى، سېلىنما ۋە بايلىق تەقسىملەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش تەلىپىنى زور كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. مائارىپ قارىشى نىسبەتەن  ئارقىدا، مەزمۇن، ئۇسۇل بىر قەدەر كونا، ساپا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قىيىن بولۇۋاتىدۇ، مائارىپ تۈزۈلمىسى، مېخانىزمى مۇكەممەل ئەمەس، مائارىپنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە جايلىشىشى دېگەندەك مۇۋاپىق ئەمەس، مائارىپ سېلىنمىسى يېتەرلىك ئەمەس، مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ، «قوش تىل» تەربىيىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋەزىپىسى ئېغىر، مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە مائارىپنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋەزىپىسى مۇشكۈل. پارتىيە قۇرۇلۇشى، ئەخلاقىي تەربىيە ۋە ئىدىيە-سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش مائارىپ سېپىدە قىلچىمۇ بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدىغان مۇھىم ۋەزىپە.

ئاپتونوم رايوننى مائارىپ ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇشتا ھەممەيلەننىڭ مەسئۇلىيىتى بار. مەۋقەنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئەھۋالىغا قويۇپ، كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش ئومۇمىي ئىستراتىگىيىسىنى چىقىش قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى يىرىك پىلانى تېزىسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 2020-يىلىغىچە بولغان مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى، ئومۇمىي نىشانى، تەرەققىيات ۋەزىپىسى، ئىسلاھات مۇھىم نۇقتىسى ۋە كاپالەت تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدىكى ئىلمىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ھەم ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان مائارىپ ئېھتىياجى ۋە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى بولۇپ قالدى.

بىرىنچى قىسىم ئومۇمىي ئىستراتېگىيە
1-باب يېتەكچى ئىدىيە ۋە ئومۇمىي نىشان

(1) يېتەكچى ئىدىيە. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ۋە ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيىسىنى تەۋرەنمەي يولغا قويۇش، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىللىي رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە زامانىۋى مائارىپ سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، مائارىپنى ھەر مىللەت خەلقى رازى بولغۇدەك ياخشى باشقۇرۇش،  مائارىپنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش رولىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش.

پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجېنى ۋە دۆلەتنىڭ «ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش، ئادەم تەربىيىلەشنى ئاساس قىلىش، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش، ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش»تىن ئىبارەت خىزمەت فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا يۈزلىنىپ، قۇرۇلما، جايلىشىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن ئۆستۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن يۇقىرى ساپالىق زور بىر تۈركۈم ئەمگەكچىلەرنى، يۇقىرى قاتلاملىق بىر تۈركۈم مەخسۇس ئىختىساسلىقلارنى ۋە  ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، يېڭىلىق يارىتىدىغان بىر قىسىم ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش. 

(2) ئومۇمىي نىشان. 2020-يىلىغا بارغاندا، مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈپ، غەربىي رايون بويىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكۈزۈش، مائارىپنىڭ ئاپتونۇم رايوننىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرەك بولۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش.

مائارىپنى ئومۇملاشتۈرۈۇش دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش. 2020-يىلىغا بارغاندا، ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى بالىلار تەربىيەسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇش. ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى بالىلارنىڭ ئۈچ يىللىق يەسلىيگە كىرىش نىسبىتىنى تەخمىنەن %80 كە، ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى بالىلارنىڭ ئىككى يىللىق يەسلىيگە كىرىش نىسبىتىنى تەخمىنەن %90 كە يەتكۈزۈش؛ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ ۋە يۈكسەلدۈرۈپ، تەكشى تەرەققىياتنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش؛ كەسپىي مائارىپنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتىنى  تەخمىنەن %90 كە يەتكۈزۈش؛ ئالىي مائارىپنىڭ ئاممىۋىلىشىش سەۋىيىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتىنى تەخمىنەن %40 كە يەتكۈزۈش؛ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئالاھىدە مائارىپنىڭ ئومۇملىشىش سەۋىيىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش؛ ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار ئارىسىدىكى ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش؛ داۋاملىق تەربىيىگە قاتنىشىش نىسبىتىنى زور ھەجىمدە ئۆستۈرۈش؛ ئاساسلىق ئەمگەك يېشىدىكى ئاھالىنىڭ ئوتتۇرىچە تەربىيىلىنىش يىل چېكىنى 9 يىلدىن 11 يىلغا ئۇزارتىش؛ يېڭى كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ  ئوتتۇرىچە تەربىيە ئېلىش يىل چېكىنى 10 يىلدىن 13 يىلغا ئۇزارتىش.

ھەر مىللەت ئاممىسىنى باراۋەر مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىش. مائارىپنىڭ پاراۋانلىق خاراكتىرى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتىرىدا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت يېتەكلەيدىغان، پۈتۈن جەمئىيەت مائارىپ ئادىللىقىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان مېخانىزم ئورنىتىپ، شەھەر-يېزىلارنى قاپلىغان ئاساس ئاممىۋى مائارىپ مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاساس ئاممىۋى مائارىپ مۇلازىمىتىنى تەدرىجىي تەڭپۇڭلاشتۇرۇش؛ پۇقرالارنىڭ ياخشى تەربىيە ئېلىش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش. قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ تەربىيىلىنىش ھوقۇقىغا نۇقتىلىق كاپالەتلىك قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ قاتارلىق چەت، يىراق، نامرات رايونلار ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن يار-يۆلەك بولۇش، مائارىپتىكى تەرەققىيات پەرقىنى تەدرىجىي كىچىكلىتىش.

ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى يەنىمۇ موللاشتۇرۇش. ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى بالىلارغا يۈزلەنگەن ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى كۆپەيتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ كۆپ خىل تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسپىي مائارىپنىڭ ئۇللۇق ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئالىي مائارىپنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىش. مائارىپقا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش ۋە زامانىۋى يىراقتىن ئوقۇتۇشنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنىڭ قاپلاش دائىرىسى ۋە نەپ يەتكۈزۈش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، كۆپ خىل تەربىيە ئېلىش ئېھتىياجىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە قاندۇرۇش.

ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش. بەش ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاست ۋە سەككىز ناھىيە، بىر شەھەردە ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى بالىلار ئىككى يىللىق «قوش تىل» تەربىيەسىنى ئالدى بىلەن ئومۇملاشتۇرۇش، ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى بالىلار تەربىيەسى بىلەن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى ئۆز ئارا تۇتاشقان، ئوقۇتقۇچىلار بايلىقى بىلەن ئوقۇتۇش بايلىقى ئۆز ئارا يۈرۈشلەشكەن «قوش تىل» تەربىيەسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش. جەنۇبىي شىنجاڭ قاتارلىق چەت، يىراق، نامرات رايونلاردا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش. ئاپتونوم رايون ئىچى-سىرتىدىكى ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساسلىقلىرىنى تېزدىن يېتىشتۈرۈش.

2-باب ئىستراتىگىيىلىك مۇھىم نۇقتا

(3) ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش. مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش پارتىيە ۋە دۆلەت ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان مۇھىم فاڭجېن، شۇنداقلا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاساسىي تەلىپى. ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق دەيدىغان ئىدىيىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش ئىسراتىگىيىسىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پەن-مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىدا مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان، مالىيە مەبلىغىدە مائارىپ سېلىنمىسىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىنىدىغان، ئاممىۋى بايلىقتا مائارىپ ۋە ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىش ئېھتىياجىنى ئالدىن قانائەتلەندۈرىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش كېرەك. پۈتۈن جەمئىيەت مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالدىن كۆڭۈل بۆلىدىغان، مەدەت بېرىدىغان، ئەۋلادلارنى تەڭ تەربىيىلەيدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

(4) مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مائارىپ ئادىللىقى ئىجتىمائىي ئادىللىقنىڭ مۇھىم ئاساسى، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭمۇ تۈپ ئالدىنقى شەرتى. مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت دۆلەتنىڭ تۈپ مائارىپ سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مائارىپ ئادىللىقىدا پۇرسەت ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش  ئاچقۇچ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ۋە قىيىنچىلىقى بارلارغا يار-يۆلەك بولۇش مۇھىم نۇقتا، مائارىپ بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، چەت، يىراق، نامرات رايونلار، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا مايىللىشىش تۈپ تەدبىر، پۇقرالارنىڭ قانۇن بويىچە تەربىيىلىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسەد.

(5) ئومۇملاشتۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە رايون ئىچى مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى سۈپەتتە ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. «قوش تىل» تەربىيىسىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئوقۇش يېشىدى ئىلگىرىكى بالىلار تەربىيەسىنى تېز ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. كەسپىي مائارىپنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى تېز ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەشنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئالىي مائارىپنىڭ ئاممىۋىلىشىش قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئومۇمىي خەلققە يۈزلەنگەن، شەكلى كۆپ خىل زامانىۋى خەلق مائارىپى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

(6) ساپا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتىگىيىلىك تېمىسى، پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ دەۋر تەلىپى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام، ئەتراپلىق ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى مەكتەپلەرنىڭ بارلىق خىزمىتىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە ئەمەلىيلىشىش نۇقتىسى قىلىش كېرەك. ئادەمنى ئاساس قىلىشتا، ئەخلاقىي تەربىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك تەربىيىسىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك.قابىلىيەت يېتىلدۈرۈشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ،  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قابىلىيىتى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش  قابىلىيىتى، يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم - ماھارەت ئىگىلەش، قول سېلىپ ئىشلەش، مېڭە ئىشلىتىش، ياشاش - تىرىكچىلىك قىلىش،  ئادەم بولۇش - ئىشلەشنى ئۆگىنىۋېلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ، ئولارنىڭ جەمئىيەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇش  كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنى روھىي، جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام، ياخشى ئىستىتىك زوق ۋە ئىنسانىي ساپاغا ئىگە، ئەمگەكنى، ئەمگەكچى خەلقنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىدىن قىلىپ چىقىش كېرەك.

(7) مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مائارىپنىڭ سۈپىتى ــ مائارىپ خىزمىتىنىڭ جېنى، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش يادرو قىلىنغان مائارىپ تەرەققىياتى قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ يادرولۇق ۋەزىپىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش يېتەكچى قىلىنغان باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، كىشىلەرنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە، جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشنى باشتىن-ئاخىر مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆلچەشنىڭ تۈپ ئۆلچىمى قىلىپ، مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەش ۋە مەكتەپ خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئوقۇتۇش ھالقىسىنى كۈچەيتىش، مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك.

(8) «قوش تىل» تەربىيىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. «قوش تىل» تەربىيىسى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىگە، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش، سوتسىيالىستىك يېڭىچە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشتا مۇھىم ئىستراتىگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. «قوش تىل» تەربىيىسىنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىش، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك ئىستراتىگىيىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، نەزەرنى كەلگۈسىگە قارىتىپ، ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچىدىكى «قوش تىل» تەربىيىسىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مىللەتلەرنىڭ بىر بىرىدىن ئۆگىنىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلىغان جايلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرى بىلەن خەنزۇ مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈشى، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ سىنىپ تەسىس قىلىشىغا ئىلھام بېرىش ۋە بۇنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك.

(9) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئىناقلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك يېڭىچە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشتىكى ئۇل قۇرۇلۇش. ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مەكتەپلەر «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى نىزامى» نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش تەربىيىسىنى مۇھىم تەربىيە مەزمۇنى قىلىپ، مەكتەپ تەربىيىسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىلىرىگە ئايلىنىشى كېرەك.

(10) ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئاساسلىقى ئىسلاھاتقا تايىنىش كېرەك. مائارىپ قارىشىنى يېڭىلاشنى يېتەكچى، تۈزۈلمە، مېخانىزمنى ئىسلاھ قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش تۈزۈلمىسى، مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە مائارىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە زامانىۋى مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تەدرىجىي ئورنىتىش كېرەك. سۈپەت باھالاش ۋە ئىمتىھان ئېلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئوقۇتۇش مەزمۇنى، ئۇسۇلى ۋە ۋاسىتىسىنى ياخشىلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، كۆپ خىل ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەپ چىقىش كېرەك. مائارىپنىڭ ئېچىۋېتىلىش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئاپتونوم رايون سىرتى ۋە چەتئەللەرنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

         شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىمىز مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى جەدۋىلى.
چۈشۈرۈش (19.82 KB)




چۈشۈرۈش (21.37 KB)




چۈشۈرۈش (19.28 KB)




چۈشۈرۈش (26.45 KB)





  

ئىزاھات: ‹1› ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ‹2›ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.



ئىككىنچى قىسىم  تەرەققىيات ۋەزىپىسى
3-باب ئىدىيە-سىياسىي تەربىيە

(11) ئەخلاقىي تەربىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيىلەپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيىنىڭ مەكتەپ تەلىم تەربىيە خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنى خەلق مائارىپىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش بازىسىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاقىي ۋە ئىدىيە-سىياسىي تەربىيىچىلەر  قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېتەكچى، سىنىپ مۇدىرلىرىنى تاللاش، تەربىيىلەش، يېتىشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى ساپالىق، يۇقىرى قاتلاملىق، يۇقىرى سەۋىيىلىك ئىدىيە-سىياسىي خىزمەت ۋە ئەخلاقىي تەربىيە تايانچلىرى قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. مەكتەپ پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، پېئونېرلار ئەترىتى تەشكىلاتىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاق تەشكىلاتى، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىنىڭ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيە- سىياسىي تەربىيىدىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

(12) ئەخلاقىي تەربىيىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. تەرەققىي قىلىۋاتقان ماركىسىزم ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى بوشاشماي قانات يايدۇرۇپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق»، «تۆتنى تونۇش» ۋە ماركىسىزملىق «بەش قاراش» تەربىيىسىنى ئەخلاقىي تەربىيەنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى سىستېمىسى ۋە پارتىيىنىڭ مىللەتلەر نەزەرىيىسى، مىللەتلەر سىياسىتىنى دەرسلىككە، دەرسخانىغا كىرگۈزۈشكە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىدىن ئورۇن ئالدۇرۇشقا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەنئەنىسى تەربىيىسى ۋە ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەربىيىلەپ، ئۇلارغا بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسىتىپ، تەربىيىنى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئەخلاقىي تەربىيىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ، شەكلى ۋە ۋاسىتىسىنى يېڭىلاپ، ئەخلاقىي تەربىيىنى باھالاشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچىنى ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرىدىغان ئەخلاقىي تەربىيە سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، ئەخلاقىي تەربىيە خىزمىتىنىڭ جەلپكارلىقى ۋە تەسىرچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. ئاتىئېزم تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ بىلەن دىننى ئايرىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەت ئېڭى، قانۇن ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئېڭى ۋە پۇقرالىق ئېڭىنى ئاشۇرۇپ، ياش-ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلاردا ئىلىم-پەنگە ھۆرمەت قىلىدىغان، خوراپاتلىققا قارشى تۇرىدىغان، ھەقىقەتكە ئىنتىلىدىغان ئىلمىي روھ يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنى لاياقەتلىك سوتسىيالىزم پۇقراسى قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىش كېرەك.

(13) ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. يەسلىي تەربىيىسى، باشلانغۇچ مەكتەپ تەربىيىسى، ئوتتۇرا مەكتەپ تەربىيىسى ۋە ئالىي مەكتەپ تەربىيىسىنى ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇش، ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتنى ئۆز ئارا ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياخشى ئادەم تەربىيىلەش مۇھىتىنى بىرلىكتە يارىتىش كېرەك. تىنچ-ئامان مەكتەپ، مەدەنىي مەكتەپ، يېشىل مەكتەپ، ئىناق مەكتەپ بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا تىنچ-ئىتتىپاق، تەرتىپلىك، ئىجىل-ئىناق مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. ھاياتلىق تەربىيىسى، بىخەتەرلىك تەربىيىسى، دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيىسى، پىسخىك ساغلاملىق تەربىيىسى ۋە مەكتەپ بىخەتەرلىكى تەربىيىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەكتەپ تورىنى باشقۇرۇش ۋە مەكتەپ ئەتراپىنىڭ ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە ياخشىلاشنى كۈچەيتىش كېرەك.

4-باب «قوش تىل» تەربىيىسى

(14) «قوش تىل» تەربىيىسىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. 2012-يىلىغا بارغاندا ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى ئارىسىدا ئوقۇش يىشىدىن ئىلگىرىكى ئىككى يىللىق «قوش تىل» تەربىيىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇپ، ئوقۇش يىشىدىن ئىلگىرىكى ئىككى يىللىق «قوش تىل» تەربىيىسى ئالغان ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ ئوخشاش ياشتىكى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %85 تىن ئاشۇرۇش؛ 2015-يىلىغا بارغاندا ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە «قوش تىل» تەربىيىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇش، «قوش تىل» تەربىيىسى ئالغان ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى تەخمىنەن %70 كە يەتكۈزۈش؛ 2020-يىلىغا بارغاندا «قوش تىل» تەربىيىسى ئالغان ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %90 تىن ئاشۇرۇش، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئاساسىي جەھەتتىن پىششىق ئىگىلىگەن ۋە ئىشلىتەلەيدىغان سەۋىيىگە يەتكۈزۈش كېرەك. 10 يىل تىرىشىش ئارقىلىق، ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچلىرى ئۆز-ئارا جىپسىلاشقان، ھەرقايسى پەنلەر بىر بىرىگە سىڭدۈرۈلگەن، شىنجاڭچە «قوش تىل» تەربىيىسى سىستېمىسىنى تىرىشىپ ئورنىتىش كېرەك.

«قوش تىل» تەربىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئاكتىپ، سالماق، تەرتىپلىك بولۇش پىرىنسىپىدا، جايلارنىڭ شارائىتىغا يارىشا ئىش كۆرۈش، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش، رايونغا ئايرىپ پىلانلاش، قەدەمگە بۆلۈپ يولغا قويۇش پىرىنسىپىدا، مائارىپ قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش، ئىلمىي ئىلگىرى سۈرۈش پىرىنسىپىدا ۋە ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز تىلىنىمۇ، خەنزۇچىنىمۇ پىششىق بىلىدىغان قىلىپ تەربىيىلەش، مىللىيچە، خەنزۇچە ئوقۇتۇشنى تەڭ ئېلىپ بېرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بالىلاردىن، ئوقۇتقۇچىلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، رېتىمنى ئوبدان ئىگىلەپ، ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچلىرىدا جىپسىلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مائارىپنىڭ سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىلمىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

(15) ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچىدىكى «قوش تىل» تەربىيىسىنىڭ سەۋىيىسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرى ئىككى يىل «قوش تىل»دا تەربىيىلەنگەن ئوقۇغۇچىلارنى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1- يىللىقىدىن باشلاپ دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقىدا ئوقۇتۇش كېرەك. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە، «قوش تىل» تەربىيىسىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئىگىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئوقۇشتا ئۆز تىل-يېزىقىنى قوللىنىدىغان، دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقىنى قوشۇپ ئۆگىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقىدا دەرس ئۆتۈش ۋاقتى ۋە دەرس تۈرلىرىنى تەدرىجىي كۆپەيتىش كېرەك.

ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقى ئوقۇتۇشى «قوش تىل» تەربىيىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «قوش تىل» تەربىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئۆز تىل-يېزىقىدا ئوقۇتۇش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇش دەرس سائىتى ۋە ئوقۇتۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە «قوش تىل» تەربىيىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش جەريانىدا، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللىشىغا ئۇيغۇنلىشىش تۈپەيلى، ئۆز تىل-يېزىقىدا ئوقۇتۇش ئاساس قىلىنىدىغان، دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقى قوشۇپ ئۆقۇتۈلىدىغان ئادەتتىكى سىنىپلارنى مۇناسىپ ساقلاپ قېلىشقا بولىدۇ. خەنزۇ مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا، ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسىنى تەسىس قىلىش ھەمدە ئانا تىلى خەنزۇ تىلى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىشىگە ئىلھام بېرىش كېرەك.

ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا «قوش تىل» يەسلى ياكى تەييارلىق سىنىپلىرىنى ئېچىشقا پائال مەدەت بېرىش كېرەك. شارائىتى بار جايلاردا مىللىي يەسلىي بىلەن خەنزۇ يەسلىنى، مىللىي مەكتەپ بىلەن خەنزۇ مەكتەپنى بىرلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. سىنىپلارنى مىللىي ئوقۇغۇچىلار بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار ئارىلاش ئوقۇيدىغان قىلىپ ئېچىشقا پائال ئىلھام بېرىش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقىدىكى ئوقۇتۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئاز سانلىق مىللەت تىل-ئەدەبىياتى قاتارلىق كەسپلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كەسپىي دەرسلەرنى ئىمكانقەدەر دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقىدا ئۆتۈشى كېرەك. تەييارلىق مائارىپى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىنى تەييارلىق باسقۇچىدىن ھالقىپ، دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقىدا بىۋاسىتە تەربىيە ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

«قوش تىل» تەربىيىسى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، «قوش تىل» دەرسلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى ئىسلاھ قىلىپ، «قوش تىل» تەربىيىسى ئۆلچەم سىستېمىسى، دەرس سىستېمىسى، باھالاش-سىناش سىستېمىسى ۋە مۇپەتتىش قىلىش، باھالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، مەكتەپلەرنى «قوش تىل» تەربىيىسى ئىسلاھاتى تەجرىبىسى ئېلىپ بېرىش، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

(16) ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، ئاپتونوم رايون تولۇق ئوتتۇرا، تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى ۋە ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھەمكارلىق پىلانى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش كېرەك. 2014-يىلى، ئىچكىردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ۋە ئاپتونوم رايون تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنىڭ ھەر بىرىنى 10 مىڭ كىشىگە يەتكۈزۈش كېرەك. ئىچكىرىدە كەسپىي تېخنىكوم سىنىپى ئېچىشنى باشلاش كېرەك. ئاپتونوم رايوندىكى كەسپىي تېخنىكوملارغا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ كەسپىي تېخنىكوم سىنىپى، ئاپتونوم رايوندىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا داۋاملىق مايىللىشىش كېرەك. ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا قوشۇلۇپ ئوقۇش، مىللىيلار بىلەن خەنزۇلار ئارىلاش ئوقۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھەمكارلىق پىلانىدىكى ئوقۇغۇچى مەنبەسى قۇرۇلمىسى ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش كېرەك. ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ھەمكارلىق پىلانى، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ كەسپىي تېخنىكوم سىنىپى، ئاپتونوم رايوندىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ئىدىيە- سىياسىي تەربىيە ۋە ئەخلاقىي تەربىيە خىزمىتىنى بوشاشماي ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھۆكۈمەت تۈرتكە بولۇش، سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەش، بازارنى يېتەكچى قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە يېتەكلەش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش كېرەك.

5-باب ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى بالىلار مائارىپى

(17) ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى بالىلار مائارىپىنى تېز ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى بالىلار مائارىپىدا ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، ھۆكۈمەت قۇرۇشنى ئاساس قىلىش، جەمئىيەت قاتنىشىشتەك يەسلىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى يولغا قويۇش كېرەك، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى بالىلار مائارىپىغا ماكرولۇق يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە بىر تۇتاش باشقۇرۇشى، باشقا ئالاقىدار تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپنىڭ كۈچىنى تولۇق قوزغاپ، ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى بالىلار مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى بالىلار «قوش تىل» تەربىيىسىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ھۆكۈمەت يەسلىسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۇقراۋى يەسلىلەرنى پائال يۆلەپ، ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى بالىلار مائارىپىنى ئاساسىي جامائەت مائارىپى مۇلازىمىتى سىستېمىغا تەدرىجىي كىرگۈزۈش كېرەك. ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى بالىلار مائارىپى يەسلىسىنى باشقۇرۇش ئۆلچىمىنى بېكىتىش كېرەك. يەسلى ئىجازەت تۈزۈمى، مۇپەتتىش قىلىش-باھالاش تۈزۈمى ۋە مائارىپ سۈپىتىنى باھالاش ئۆلچىمى تۈزۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەسلى باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سالاھىيەت ئۆلچىمىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىناتى ۋە ئورنىنى قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى بالىلار مائارىپىدا بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا بېقىپ ۋە تەربىيىلەپ، بالىلارنىڭ خۇشال - خورام، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش  كېرەك. 0 ياشتىن 3 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار، بالىلار تەربىيىسىگە ئائىت ئىلىم-پەن بىلىملىرى ۋە ئۇسۇللارنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىش كېرەك.

(18) دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى بالىلار مائارىپىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى بالىلار «قوش تىل» يەسلىسى قۇرۇلۇش تۈرىنى ئاساس قىلىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەڭشىگەندىن كېيىنكى مەكتەپ ياتىقى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى بالىلار مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. يېزا-بازار مەركىزىي يەسلىلىرىنى تايانچ، كەنت دەرىجىلىك يەسلى (سىنىپ) لارنى ئاساس قىلىپ، يېزا-بازار مەركىزىي يەسلىلىرىنىڭ كەنت يەسلىسى (سىنىپى) غا ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى بالىلار مائارىپىنى تېز راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

6-باب مەجبۇرىيەت مائارىپى

(19) مەجبۇرىيەت مائارىپى سەۋىيىسىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قانۇن بويىچە يولغا قويۇپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار-ئۆسمۈرلەرنى سۈپەتلىك مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن بەھرىمەن قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش مائارىپ خىزمىتىدىكى ھەممىدىن مۇھىم ئىش. ئەخلاق - پەزىلەت يېتىلدۈرۈش، ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاش، ساغلام بەدەن، ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. 2020 – يىلىغا بارغاندا، ئومۇملىشىش سەۋىيىسى ۋە مائارىپ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، رايون ئىچىدە تەكشى تەرەققىي قىلىشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، شارائىتى بار جايلارنىڭ مائارىپنى ئالدىن زامانىۋىلاشتۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش كېرەك. ھەر بىر مەكتەپنى تىرىشىپ ياخشى باشقۇرۇش، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى ياخشى تەربىيىلەش كېرەك.

مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. شەھەر - يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئوقۇشىغا قۇلايلىق يارىتىش پرىنسىپى بويىچە، مەكتەپلەرنىڭ جايلىشىشىنى مۇۋاپىق پىلانلاش كېرەك. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا بىر تۈركۈم ياتاقلىق مەكتەپلەرنى مەركەزلىك ياخشى قۇرۇپ چىقىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، زۆرۈر ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنى ياخشى قۇرۇش كېرەك. بارغان جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىنى ۋە پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ھۆكۈمەت ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنى ئاساس  قىلىپ، شەھەرگە كىرىپ  ئىشلەۋاتقانلار پەرزەنتلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇشى ۋە شۇ جايدا يۇقىرىلاپ  ئوقۇش ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئۆيدە قېلىپ قالغان بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش مېخانىزمى ۋە تەربىيىلەش، مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىش كېرەك.

مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرس ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، دەرس ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىچىك سىنىپ ئوقۇتۇشىنى يولغا قويۇش كېرەك. مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل سەنئەت دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇق سەپلەپ، بەلگىلەنگەن دەرسلەرنى تولۇق، ياخشى ئۆتۈش كېرەك. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپ سىرتى تەربىيە بازىسى، مەكتەپ سىرتى پائالىيەت سورۇنى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى بازىلىرىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك.

ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن ساپاسىنى  ئاشۇرۇش كېرەك. «قۇياش نۇرى تەنتەربىيىسى» ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر كۈنى  بىر سائەت چېنىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشى، تۇرمۇشى، چېنىقىشىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇخلاش ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش كېرەك. «مەكتەپلەرنىڭ تازىلىق خىزمىتى نىزامى» نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ، بولۇپمۇ ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە تازىلىق ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلار ئىچىملىك سۈتى پىلانىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاتا-ئانىلارنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇق سەۋىيسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

(20) مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنى سىناشتىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچ. ناھىيە ئاساس قىلىنغان مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش نىشانلىق مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە كاپالەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، رايون ئىچى مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى، ئۈسكۈنە، كىتاب، مەكتەپ بىنالىرى قاتارلىق بايلىقلارنى تەكشى سەپلەش كېرەك.

مەكتەپلەر ئارا پەرقنى كىچىكلىتىش كېرەك. سۈپەتلىك مەكتەپ بايلىقى ئارقىلىق ئاجىز مەكتەپلەرنى يۆلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى مەكتەپلەر ۋە ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئوقۇتقۇچىلار، مەكتەپ مۇدىرلىرىنى ناھىيە (رايون) تەۋەسىدە ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا نۇقتىلىق مەكتەپ، نۇقتىلىق سىنىپ تەسىس قىلىشنى چەكلەش كېرەك. سۈپەتلىك ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ۋە سۈپەتلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى  سانىنى شۇ رايوندىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە مۇۋاپىق تەقسىملەش چارىسىنى يولغا قويۇپ، مەكتەپ تاللاش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار - ئۆسمۈرلەرنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى  ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىدە ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا، پۇقراۋى مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تاللاش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك.

شەھەر بىلەن يېزا ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى تېزدىن كىچىكلىتىش كېرەك. ناھىيىنى بىرلىك قىلىپ، شەھەر بىلەن يېزا بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن مەجبۇرىيەت مائارىپى تەرەققىيات  مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مائارىپ خىراجىتىنى كۆپەيتىش، ئوقۇتقۇچى تەقسىملەش، مەكتەپ قۇرۇلۇشى جەھەتلەردە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى ۋە چەت، يىراق، جاپالىق رايونلارغا مايىللىشىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئاۋۋال ناھىيە، رايونلاردا ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ بويىچە تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

رايونلار ئارا پەرقنى تەدرىجىي كىچىكلىتىش كېرەك. چەت، يىراق، نامرات رايونلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىغا يۆتكەپ چىقىم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى، يېزا «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىقى ئالاھىدە ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش پىلانى، شەھەر مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلار يېزا مائارىپىغا ياردەم بېرىش ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر پراكتىكا ئارقىلىق ئوقۇشقا ياردەم بېرىش پىلانىنى ياخشى يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭ، ئىقتىسادى تەرەققىي تاپقان رايونلار بىلەن ئىقتىسادى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى مائارىپ پەرقنى تەدرىجىي كىچىكلىتىش كېرەك.

(21) ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاپشۇرۇق يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق يۈكىنى يېنىكلىتىش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، بۇنىڭدا ھۆكۈمەت، مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەت ئورتاق تىرىشىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر يۈكنى يېنىكلىتىشنى مائارىپ خىزمىتىدىكى مۇھىم نىشان قىلىپ، مەكتەپ ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جانلىق ئۆگىنىشى، ساغلام يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئاپتونوم رايون بويىچە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى باشلامچىلىق بىلەن يېنىكلىتىش كېرەك. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىمتىھان ئېلىش، باھالاش تۈزۈمى ۋە مەكتەپلەرنى سىناش چارىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق يۈكىنى كۆزىتىش ۋە ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە مائارىپ تارماقلىرىنىڭ يۇقىرىلاپ ئوقۇش نىسبىتىگە قاراپ جايلار ۋە مەكتەپلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇشىغا،  يۇقىرىلاپ ئوقۇش كۆرسەتكۈچى چۈشۈرۈشىگە يول قويۇلمايدۇ. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى دەرس، ئوقۇتۇش، باھالاش، باشقۇرۇشنىڭ ھەر قايسى ھالىقىلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەرس لايىھىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، دەرسخانا ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق يۈكىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىمتىھان قېتىم سانىنى ئازايتىش كېرەك، دەرس سائىتى ۋە قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئۆز مەيلىچە ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نەتىجە دەرىجىسىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك تەربىيىلەش، دەرس تەكرار قىلىپ بېرىش ئاپپاراتلىرى ۋە كونسۇلتاتسىيە ماتېرىياللىرى بازىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلاردىن كونسۇلتاتىسيە سىنىپى ۋە تەستىقلاتمىغان زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلشىغا ۋە ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا تەشكىللىشىگە، ھەر خىل دەرىجە ئىمتىھانلىرى ۋە مۇسابىقە نەتىجىلىرىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش ۋە يۇقىرىلاپ  ئوقۇشنىڭ ئاساسى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئاتا - ئانىلارنى توغرا تەربىيە قارىشى تۇرغۇزۇپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ساغلام ھەۋىسىگە ھۆرمەت قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك، ئاتا-ئانىلار مەكتەپكە ھەمكارلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق يۈكىنى بىرلىكتە يېنىكلىتىشى كېرەك.

7-باب   تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى

(22) تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى تېزدىن ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى باسقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئالاھىدە مەزگىل بولۇپ، ئوقۇغۇچىلاردا ئۆز ئالدىغا ئۆگىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئۆز كۈچىگە تايىنىش ۋە جەمئىيەتكە ماسلىشىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى بايلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر بىلەن ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ماس تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى پۇختا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر بىلەن  ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى ئاساسەن تەڭلەشتۈرۈپ، 2015-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى پۈتۈن شىنجاڭدا ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىدىن بەھرىمەن بولۇش ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرۇش كېرەك. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەركەز ۋە قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، شارائىتى بار جايلار ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىي تاپقان رايونلار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى باشلامچىلىق بىلەن ئومۇملاشتۇرۇشى كېرەك.

(23) ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىلمىي سۈپەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاساس بىلىم ۋە ئاساس ماھارەت يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، نوقۇل ئىمتىھان نومۇرىنىلا قوغلىشىدىغان «ئىمتىھان مائارىپى» خاھىشىنى تۈگىتىش كېرەك.زۆرۈر دەرس سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، مول، رەڭدار، يۇقىرى سۈپەتلىك تاللانما دەرسلەرنى تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپخىل تەرەققىيات ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. ئوقۇتۇش شەكلىنى ياخشىلاپ، تەجرىبە ئوقۇتۇشى، تەتقىقاتلىق ئۆگىنىش ۋە ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلاردا يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئەمەلىيەت قابىلىيىتى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاش ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، ئوقۇش سەۋىيەسى ئىمتىھانى، ئۇنىۋېرسال ساپانى باھالاش ۋە ئوقۇش نومۇرى باھالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىدىيە، پسىخىكا، ئۆگىنىش جەھەتتىن يېتەكلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. چوڭ سىنىپ خاھىشىنى تەدرىجى تۈگىتىش كېرەك.

(24) ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ كۆپ خىل  تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكىلىك قىلىش كېرەك. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ كۆپ خىل ۋە ئۆزگىچە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تەربىيىلەش شەكلىنىڭ كۆپ خىللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەكتەپ باشقۇرۇشتا ئۆزگىچىلىك يارىتىشقا ئىلھام بېرىپ، پەن-تېخنىكا، چەت ئەل تىلى («قوش تىل»)، سەنئەت ۋە تەنتەربىيە قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىدارى ئوخشاش بولمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى بايلىقىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ياتاقلىق مەكتەپ كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش كېرەك. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە كەسپىي مائارىپ دەرسلىرىنى تەسىس قىلىشغا مەدەت بېرىش كېرەك.

8-باب كەسپىي مائارىپ

(25) كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. كەسپىي مائارىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، ئەمگەك كۈچى بويىچە تەمىنلەش-تەلەپ ئوتتۇرىسىدىكى  قۇرۇلما  خاراكتېرلىك زىددىيەتنى پەسەيتىشتىكى مۇھىم يول ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقا، شۇڭا ئۇنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، كەسپىي مائارىپ ئىدىيىسىنى تۇرغۇزۇپ، كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە كەسىپ تەرەققىياتى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، مائارىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق تارماق، ساھەلەرنىڭ كەسپىي مائارىپ بايلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ جايلىشىشىنى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇپ، كۆلەم، كەسىپلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىيات ئېتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشى؛ ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك، ئاپتونوم رايون ئىچى ۋە سىرتى كەسپىي مائارىپ بايلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، كەسپىي مائارىپ بىلەن ئادەتتىكى مائارىپ ئۆزئارا تۇتاشقان، خىزمەتكە چىقىشتىن ئاۋۋالقى مائارىپ بىلەن خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنكى مائارىپ ئۆزئارا جىپىسلاشقان، ئوقۇش تارىخى، ئوقۇش تۈزۈمى مائارىپى بىلەن كەسپىي ماھارەت تەربىيىسى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن كەسپىي مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. 2020-يىلى، ئادەتتىكى مائارىپ بىلەن كەسپىي مائارىپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ تەرتىپلىك تۇتاشتۇرۇلغان كەسپىي مائارىپ ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش قابىلىيىتىنى كۆرىنەرلىك ئۆستۈرۈش كېرەك.

(26) كەسپىي مائارىپنىڭ سەۋىيىسنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئوقۇغۇچىلاردا كەسىپ ئەخلاقى، كەسپىي ماھارەت ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش قابىلىيىتى يېتىلدۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ھەممە ئادەمگە ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتكە يۈزلەنگەن كەسپىي مائارىپنى يولغا قويۇش كېرەك. كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساس مەكتەپ باشقۇرۇش ئۆلچىمى ۋە ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ئومۇمىي خىراجىتى ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، كەسپىي مائارىپ مەكتەپلىرىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك، سانائەت، زامانىۋى مۇلازىمەت، نېفىت، نېفىت خىمىيە، كۆمۈر، توقۇمۇچىلىق كەسپىي مائارىپ رايونى (بازىسى) قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رايون ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسپىي مائارىپنى كۆلەملەشتۈرۈپ، گۇرۇھلاشتۇرۇپ ۋە زەنجىرسىمانلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك. كەسپىي مائارىپ ئۇل ئىقتىدار قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا بىر تۈركۈم تۈۋرۈك كەسىپ، ۋىلايەت، ئوبلاست ئۆزگىچە كەسىپلىرى قاتارلىق ئەمەلىيەت بازىلىرىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكومنى پۈتكۈزگەنلەر ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش بازىسى، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ تەربىيىلەش بازىسىنى كېڭەيتىپ، تولۇقلاپ، ناھىيە دەرىجىلىك كەسپىي تېخىكا مەكتەپلىرىنىڭ تەربىيىلەش-يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە يۇقىرىلاپ ئوقۇيالمىغانلارنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيىلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئۈلگە خاراكتېرلىك بىر تۈركۈم كەسپىي مەكتەپلەر قۇرۇلۇشىغا، كەسپىي مەكتەپلەردە قس بولىۋاتقان، ئۆزگىچە كەسىپلەر ۋە ئېسىل كەسىپ، نادىر دەرس قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئىمتىھاننىڭ ئورنىغا مۇسابىقىنى دەسسىتىش؛ كەسپىي ماھارەتنى باھالاشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىمتىھاننىڭ ئورنىغا باھالاشنى دەسسىتىپ، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.

(27) ساھەلەر ۋە كارخانىلارنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك.ھۆكۈمەت رەھبەرلىك قىلىدىغان، ساھە يېتەكچىلىك قىلىدىغان، كارخانىلار قاتنىشىدىغان، كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق مەكتەپ باشقۇرۇش مېخانىزمى ۋە ئىشلەش بىلەن ئوقۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مەكتەپ بىلەن كارخانىلار ھەمكارلىشىشتەك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىقىنىڭ تۈزۈملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ساھە ۋە كارخانىلارنىڭ كەسپىي مەكتەپ قۇرۇشىغا، ساھە، كارخانىلارنىڭ كەسپىي مائارىپ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، كارخانىلارنىڭ ئۆز كارخانىسىدا ئوقۇغۇچىلارنى پراكتىكا قىلىشقا  ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەتچى خادىملىرىنى كەسپىي مەكتەپلەردە ھاۋالىلىك تەربىيىلىشىگە ئىلھام بېرىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىجازىتى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ كەسپىي مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە بولغانلارنى ئالدىن قوبۇل قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ يېتىلىشىگە ئائىت سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

(28) دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ كەسپىي مائارىپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ كەسپىي مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ناھىيە دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ۋە دېھقان، چارۋىچىلار مەدەنىيەت-تېخنىكا مەكتەپلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ناھىيە، رايون كەسپىي مائارىپ تەربىيىسى تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا يۈزلەنگەن قوللىنىلىشچان تېخنىكا تەربىيىسى ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەربىيىسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ مەدەنىي، تېخنىكا بىلىدىغان، ئىگىلىك باشقۇرۇشتىن خەۋەردار يېڭىچە دېھقان، چارۋىچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. شەھەرلەر بىلەن يېزىلار، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭ، ئاپتونوم رايون ئىچىدىكىلەر بىلەن سىرتىدىكىلەر ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇپ، بىرلىشىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان، چارۋىچى ياشلارنى كەسپىي مائارىپ تەربىيىسى ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. ئاساس مائارىپ، كەسپىي مائارىپ ۋە چوڭلار مائارىپىنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، پەن تەتقىقاتى، ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شارائىتى بار يېزا-بازارلاردا ئۆزگىچە كەسپىي مائارىپ سىنىپى ئېچىشقا مەدەت بېرىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان كەسىپلەرنى يەنىمۇ ياخشى باشقۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

(29) كەسپىي مائارىپنىڭ جەلپكارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپتا ھەق ئالماسلىق تۈزۈمىنى تەدرىجىي يولغا قويۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردە ئوقۇسا ھەق ئالماسلىق سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئاساسىدا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردە ھەقسىز ئوقۇش سىياسىتىنى تەدرىجىي يولغا قويۇپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كەسپىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ داۋاملىق ئۆگىنىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كەسپىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر بىۋاسىتە يۇقىرىلاپ ئوقۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كەسپىي مەكتەپلەردە «قوش گۇۋاھنامە» تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن كۈنلۈك ۋە غەيرى پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تۈزۈمىگە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ دەرس تەسىس قىلىشى بىلەن كەسپىي سالاھىيەت ئۆلچىمىنى تۇتاشتۇرۇش ۋە ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى بىلەن كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى يېتەكچى قىلىپ، كەسپىي مەكتەپلەرنى بازار ئېھتىياجىغا قاراپ كەسىپ تەسىس قىلىش، ئىش ئورنىغا قاراپ دەرس تەسىس قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىجازىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاۋۋال تەربىيىلەش، ئاندىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەمگەك ھازىرلىقى تۈزۈمى بويىچە تەربىيىلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا يېڭىدىن يېتىلگەن ئەمگەك كۈچلىرىنى تەدرىجىي ھەقسىز تەربىيىلەش كېرەك. گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەشۋىق قىلىش، تەقدىرلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ۋە تەمىناتىنى ئۆستۈرۈپ، ھەممە ئادەم ئىختىساسلىق بولالايدىغان، ھەممە كەسىپتىن سەرخىللار چىقىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

9-باب   ئالىي مائارىپ

(30) ئالىي مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالىي مائارىپ يۇقىرى ساپالىق كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان. ئالىي مەكتەپلەر مەكتەپ باشقۇرۇش يېتەكچى ئىدىيىسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، پەن، كەسىپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ ئالىي مەكتەپ خىزمىتىدىكى مەركىزىي ئورنىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك. سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى يادرو قىلىپ، ئالىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مائارىپ رىقابەت ئۈستۈنلىكىگە ئىگە قىلىش كېرەك. 2020-يىلى، ئالىي مائارىپنى قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇۋاپىق، سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەل، ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ روشەن قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش، پەن تەتقىقاتى ۋە جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش ئومۇمىي سەۋىيىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش ئەندىزىسى ئىسلاھاتى ۋە ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى  تەربىيىلەش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئوقۇغۇچى مەنبەسى قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، مىللىي، خەنزۇ ئارىلاش سىنىپ ئوقۇتۇشىنى تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈش؛ پروفېسسورلار تۆۋەن يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ۋە ئاز سانلىق مىللەت تەييارلىق سىنىپلىرىغا دەرس ئۆتۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ئوقۇش نومۇرى تۈزۈمى ۋە ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي پەن بىلەن تەبئىي پەننىڭ بىرىكىشىگە تۈرتكە بولۇش؛ ئەمەلىيەت ۋە تەجرىبىلىك ئوقۇتۇش ھالقىلىرىنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپلەر بىلەن پەن تەتقىقاتى ئورۇنلىرى، ساھەلەر، كارخانىلار بىرلىشىپ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىش؛ «ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرسىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى قۇرۇلۇشى» نى داۋاملىق يولغا قويۇش؛ ئوقۇتۇش سۈپىتى كاپالىتى سىستېمىسى ۋە ئوقۇتۇشنى مۇپەتتىش قىلىش، باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سەمىمىيەت ئېڭىنى ئاشۇرۇپ، ئېسىل ئوقۇتۇش ۋە ئۆگىنىش ئىستىلىنى تۇرغۇزۇش؛ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش تەربىيىسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئاسپرانتلارنى يېتىشتۈرۈش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن تەتقىقاتى ۋە قۇرۇلۇش تېخنىكىسى تەتقىقاتى يېتەكچى قىلىنغان يېتەكچى ئوقۇتقۇچى  مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ۋە يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۈرىگە ئىقتىسادىي ياردىمى بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئاسپىرانتلارنى كارخانا، مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرى بىرلىشىپ تەربىيىلەشتەك «قوش يېتەكچى ئوقۇتقۇچى تۈزۈمى» نى ئورنىتىپ، ئاسپىرانتلار مائارىپىدا يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى يولغا قويۇش كېرەك. باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاسپىرانتلارنى تەربىيىلەش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

(31) ئالىي مائارىپنىڭ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش كېرەك. پەن، كەسىپلەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش كېرەك. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن، كەسىپ تەسىس قىلىشىنى ماكرولۇق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جايلىشىشى مۇۋاپىق، ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك پەن، كەسىپ سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئاساس پەنلەر ۋە ئەنئەنىۋى، ئەۋزەل پەنلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق، ئالاھىدە پەنلەر ۋە قىس ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشى، بولۇپمۇ قۇرۇلۇش تېخنىكىسى تۈرى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تۈرىدىكى كەسىپلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. نۇقتىلىق پەنلەرنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۈۋرۈك كەسىپلەر ۋە نۇقتىلىق تەرەققىيات ساھەلىرىنى قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، قىسمەن پەن، كەسىپلەرنى تېزدىن دۆلەت ئىچى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىلغار سەۋىيىگە يەتكۈزۈش كېرەك.

مەكتەپ باشقۇرۇش قاتلىمى، تىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش كېرەك. تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەرنى ئوخشاشىمىغان قاتلام، ئوخشىمىغان ساھەلەردە ئۆزگىچە، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان نەتىجە يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئالىي كەسپىي مائارىپنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تولۇق كۇرس مائارىپىنى سالماق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاسپرانتلار مائارىپى، بولۇپمۇ مەخسۇس كەسپىي ئاسپرانتلار مائارىپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. «غەربىي قىسىمدا ئىلغار، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، خەلقئارادا تەسىرى بار» يۇقىرى سەۋىيىلىك ئالىي مەكتەپ قۇرۇش نىشانى بويىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «211قۇرۇلۇشى» تۈرى ۋە باشقا مەخسۇس تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى داۋاملىق يولغا قويۇش؛ ئۆزگىچە، نۇقتىلىق پەن تۈرلىرى مەكتىپى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاپ، پىداگوگىكا مەكتەپلىرىنىڭ «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش ئىقتىدارىنى نۇقتىلىق ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايوندىكى يېزا ئىگىلىك، سانائەت، مېدىتسىنا-دورىگەرلىك، مالىيە-ئىقتىساد، سەنئەت مەكتەپلىرى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىش؛ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئۈلگىلىك ئالىي كەسپىي مەكتەپلىرى قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇش؛ يىراق مۇساپىلىق تەربىيىلەش ۋە چوڭلار مائارىپىنى داۋاملىق ياخشى ئېلىپ بېرىش كېرەك.

رايونلار بويىچە جايلىشىش قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش كېرەك. مەركىزىي شەھەرنىڭ ئالىي مائارىپ ئۈستۈنلۈكىنى مۇستەھكەملەپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭنىڭ نۇقتىلىق جايلىرىنىڭ ئالىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. ھۆكۈمەت، ساھە، كارخانا، ئالىي مەكتەپلەر بىرلىكتە بەرپا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەركەز مەدەت بېرىدىغان ۋە سىستېما بويىچە ياردەم بېرىدىغان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش پەن قۇرۇلۇشى پىلانىغا تايىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى تېزدىن ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنى سۈپەتلىك بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

(32) ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىلىمدە يېڭىلىق يارىتىش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە رايونلار بويىچە يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەتكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تەبىئىي پەن، تېخنىكا پەنلىرى، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن ۋە شىنجاڭنىڭ تارىخ، مىللەت، دىنغا ئائىت بىلىملىرى، شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-مەدەنىيىتىنى كەڭ كۆلەمدە تەتقىق قىلىش كېرەك. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ كەسىپ ئېھتىياجى، ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم نۇقتىسىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاساس تەتقىقات ۋە قوللىنىلىشچان تەتقىقات ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن تەتقىقاتى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقاتى ئاكادىمىيىلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن، ساھە ھالقىغان، پەن تەتقىقاتى بىلەن ئوقۇتۇش بىرلەشتۈرۈلگەن كوللېكتىپ يېتىلدۈرۈشىگە مەدەت بېرىش كېرەك. پەن تەتقىقاتىنى ئوقۇتۇش بىلەن ھەمتۈرتكە قىلىش، يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاسپرانتلارنىڭ پەن تەتقىقاتىدىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نۇقتىلىق پەن، نۇقتىلىق تەجرىبەخانا، نۇقتىلىق تەتقىقات بازىسى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، چوڭ-چوڭ پەن تەتقىقاتى تۈرلىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپلىرىغا مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ۋە سۈپەتلىك بولۇش، تۆھپە قوشۇش يېتەكچى قىلىنغان ئالىي مەكتەپ پەن تەتقىقاتىنى باھالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىغا مەدەت بېرىش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەر ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىلغار مەدەنىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە كىرگۈزۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىگە ئاكتىپ مەسلىھەتچىلىك قىلىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جامائەتنىڭ ئىلىم-پەن ساپاسى ۋە گۇمانىتار ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرىنى پىدائىيلار مۇلازىمىتى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇلازىمەت قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

10-باب ئالاھىدە مائارىپ

(33) ئالاھىدە مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى تىزلىتىش كېرەك. ئالاھىدە مائارىپ مېيىپلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مېيىپلارنىڭ جەمئىيەتكە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىشتىكى ئاساسىي يول. پۈتكۈل جەمئىيەت ئالاھىدە مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈشى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئالاھىدە مائارىپ ئىشلىرىنى ئۆز جايىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ھەر قايسى ئوقۇش باسقۇچىدىكى ئالاھىدە مائارىپ تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشى، (ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر) ۋە نوپۇسى كۆپ ناھىيىلەر بىر تۈركۈم ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرىنى ياخشى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنى مىيىپلارنى ئەگىشىپ ئوقۇشقا قوبۇل قىلىش ۋە ئالاھىدە سىنىپ تەسىس قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرى تايانچ، ئەگىشىپ ئوقۇش سىنىپى ۋە ئادەتتىكى مەكتەپلەردە ئالاھىدە قوشۇمچە سىنىپ تەسىس قىلىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان مىيىپلار مائارىپى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مېيىپ ئۆسمۈر- بالىلار مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش سەۋىيىسىنى ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەپ، ئۆستۈرۈپ، ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى مېيىپ تەربىيەسىنى  مائارىپىنى شارائىتقا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. كەسپىي مائارىپ ئاساس قىلىنغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى ئالاھىدە مائارىپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىيىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە داۋاملىق ئۆگىنىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. مىيىپ ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ئېتىبار سىياسىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىيىپلارنىڭ ئالىي مائارىپتىن بەھرىمان بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

(34) ئالاھىدە مائارىپ كاپالەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئۈستىگە ئالىدىغان، تارماقلار مەدەت بېرىدىغان، كۆپ يول ئارقىلىق غەملىنىدىغان خىراجەت كاپالىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپ (سىنىپ) لىرىنىڭ ھۆكۈمەت خىراجىتى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار مىيىپ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مىيىپلار ھەقسىز يەسلىي تەربىيەسى ۋە ھەقسىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى تەدرىجىي يولغا قويۇش كېرەك. مىيىپلارنىڭ ياتاق، تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى، ئالىي مائارىپ باسقۇچىدىكى مىيىپ ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار مىيىپ ئوقۇغۇچىلارغا قاتناش، داۋالىنىش ياردىمى بېرىش كېرەك. ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا بېرىلىدىغان ئالاھىدە ئىش ئورنى، ئالاھىدە مائارىپ قوشۇمچە ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، تەقدىرلىنىدىغان مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىكى ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش، يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پىداگوگىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئالاھىدە مائارىپ كەسپى تەسىس قىلىشىغا مەدەت بېرىپ، ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇق سەپلەش كېرەك. ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئالاھىدە مائارىپ تەتقىقاتچىلىرى قوشۇنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

11-باب داۋاملىق تەربىيە

(35) داۋاملىق تەربىيە تۈزۈلمىسى ۋە مېخانىزمىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. داۋاملىق تەربىيە مەكتەپ تەربىيىسىدىن كېيىنكى بارلىق جەمئىيەت ئەزاسىغا، بولۇپمۇ چوڭلارغا يۈزلەنگەن تەربىيە بولۇپ، ئۆمۈرلۈك  ئۆگىنىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي  قىسمى، شۇنداقلا ئۆگىنىشچان جەمئىيەت قۇرۇشتىكى مۇھىم يول. ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، تارماق، ساھە ھالقىغان ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇش ئارقىلىق داۋاملىق تەربىيىنى بىر تۇتاش پىلانلاش كېرەك. ساھە مەسئۇل تارمىقى ياكى جەمئىيىتى شۇ ساھەنىڭ داۋاملىق تەربىيە پىلانىنى تۈزۈش ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. داۋاملىق تەربىيىنى خىزمەتلەرنى سىناش، ئىش ئورنىغا قويۇش (تەكلىپ قىلىش)، ۋەزىپىگە تەيىنلەش(ئۇنۋان بېرىش)، كەسپىي جەھەتتىن رويخەتكە ئېلىش قاتارلىق كادىر باشقۇرۇش تۈزۈملىرى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شەخسلەرنى  كۆپ خىل شەكىلدە داۋاملىق تەربىيىلىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇش، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ كەسىپكارلارنىڭ داۋاملىق تەربىيىلىنىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىشىنى قوللاش كېرەك. قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، داۋاملىق تەربىيەگە قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى، سۈپەت نازارەتچىلىكى سىستېمىسى ۋە باھالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

ئوقۇش تارىخىسىز داۋاملىق تەربىيىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئوقۇش تارىخىلىق داۋاملىق تەربىيىنى سالماق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شەھەر-يېزا مەھەللىلىرىدە تەربىيىلەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئىختىساسلىقلىرى، كارخانا ئىگىلىك باشقۇرغۇچى ئىختىساسلىقلىرى، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونى ئەسقاتىدىغان ئىختىساسلىقلىرى قۇرۇلۇشىغا قويغان تەلىپىنى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى، «قوش تىل» ئۆگىنىشى ۋە يېڭى بىلىم، يېڭى ماھارەت تەربىيىسىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، داۋاملىق تەربىيىنى پىلانلىق، قاتلامغا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىش كېرەك. شەھەر-بازار ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان داۋاملىق تەربىيە شەكلى ۋە يولىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش، ياشانغانلار مائارىپىغا ئەھمىيەت بېرىش، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش خىزمىتى مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. 2020-يىلى، پۇقرالارنىڭ كۆپ خىل ئۆگىنىش ۋە تەرەققىي قىلىش ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرۇش كېرەك.

(36) جانلىق، ئېچىۋېتىلگەن ئۆمۈرلۈك تەربىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. داۋاملىق تەربىيە بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، مەكتەپ، پەن تەتقىقاتى ئورۇنلىرى، كارخانا قاتارلىق ئالاقىدار تەشكىلاتلارنى ئۆگەنگۈچىلەرگە قولايلىق ئۆگىنىش شارائىتى يارىتىپ بېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. ئۆمۈرلۈك  ئۆگىنىش «سىتېرېئولۇق كۆۋرۈك» ى بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك مائارىپنىڭ تۇتۇشۇشى ۋە جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەكتەپكە كىرىش شەرتىنى بوشىتىش، ئوقۇش پۈتكۈزۈش شەرتىنى چىڭىتىشتەك مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە ئوقۇشنى باسقۇچقا بۆلۈپ تاماملاشتەك ئۆگىنىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋاملىق تەربىيە ئوقۇش نومۇرىنى جەملەش ۋە ئايلاندۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئوخشاش بولمىغان مائارىپ ئارىسىدا ئوقۇش نومۇرىنى ئېتراپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى تۇتاشتۇرۇش كېرەك. ئۇچۇرلاشتۇرۇش تېخنىكىسى مۇلازىمەت تىرىكى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۈنئىي ھەمراھ، رادىئو-تېلېۋىزىيە ۋە ئالاقە تورى قاتارلىق مۇلازىمەت سۇپىلىرىغا تايىنىپ، شىنجاڭ رادىئو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئاساسىدا، ئېچىۋېتىلگەن ئالىي مەكتەپ قۇرۇش؛ ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگۈچىلەردىن ئىمتىھان ئېلىش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، داۋاملىق تەربىيە بايلىقى ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئومۇم خەلق ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش سۇپىسى بەرپا قىلىش، ئوقۇش تارىخى بىلەن كەسپىي سالاھىيەت ئۆزئارا تۇتاشقان ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش رامكىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.   

ئۈچىنچى قىسىمتۈزۈلمە ئىسلاھاتى
12-باب ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى

(37) ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش يېڭى قارىشىنى تۇرغۇزۇش كېرەك. ئىلمىي ئىختىساسلىقلار قارىشى، ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش قارىشى، ھەممە ئادەم ئىختىساسلىقلاردىن  بولۇش قارىشى، ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش قارىشى ۋە  سىستېمىلىق يېتىشتۈرۈش قارىشىنى تۇرغۇزۇش كېرەك. ئەخلاقىي تەربىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قابىلىيەت يېتىلدۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باراۋەر رىقابەتلىشىپ، بىرلىكتە ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. خاسلىق يېتىلدۈرۈشكە ئىلھام بېرىپ، شەخسنىڭ تاللىشىغا ھۈرمەت قىلىپ، كۆپ خىللاشقان ئىختىساسلىقلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى باھالاش، بايقاشتا ئەخلاق، قابىلىيەت ۋە نەتىجە يېتەكچى  قىلىنغان ئىلمىيلەشكەن، ئىجتىمائىيلاشقان مېخانىزمنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئىشلىتىشتە ئەمەلىيەت قابىلىيىتى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى سىناشنى  كۈچەيتىش كېرەك. ھۆكۈمەت، مەكتەپ، جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى تەرەپ ئورتاق قاتناشقان ئوقۇتۇش سۈپىتىنى باھالاش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، باھالاش سۇبيېكتى كۆپ مەنبەلەشكەن، ئۇسۇلى كۆپ خىل، مەزمۇنى ئەتراپلىق سۈپەت باھالاش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، نوقۇل ھالدا يۇقىرىلاپ ئوقۇش نىسبىتى ۋە ئىمتىھان نومۇرىغا قاراپ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا باھا بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش خاتىرىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ياخشى باھالاپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۈمىدۋارلىق بىلەن يۇقىرى ئۆرلەش، مۇستەقىل ئىش كۆرۈش، تىرىشىپ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

(38) ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، مائارىپ قانۇنىيىتى ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئۆگىنىش بىلەن تەپەككۇر قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن، قوزغىتىش، ئىزدىنىش، مۇھاكىمە قىلىش، قاتنىشىش شەكلىدىكى ئوقۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزىدىغان،  ئەركىن ئىزدىنىدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. بىلىم بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ بىرلىشىشىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇتۇش بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەجرىبە، ئىشلەپچىقىرىش پراكتىكىسى ۋە ماھارەت مەشىقى ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال ئەمەلىيەت پائالىيىتى ۋە تەتقىقاتلىق ئۆگىنىش قاتارلىق دەرسلەرنى ياخشى تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئوقۇش، پىدائىيلار مۇلازىمىتى ۋە  پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. ئەھۋالغا قاراپ تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىكى ۋە خاسلىق پەرقىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ يوشۇرۇن ئەۋزەللىكىنى قېزىش كېرەك؛ قاتلامغا بۆلۈپ ئوقۇتۇش تۈزۈمى، سىنىپ تاللاپ ئوقۇش تۈزۈمى، ئوقۇش نومۇرى تۈزۈمى، يېتەكلەش تۈزۈمى قاتارلىق ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش تۈزۈملىرى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ يۇقىرىلاپ ئوقۇيدىغانلارنى تاللاش، كۆرسىتىش چارىسىنى ياخشىلاپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپلەردە سەرخىل  ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئاسپرانتلارنى يېتىشتۈرۈش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. «قوش تىل» تەربىيىسى ئىسلاھاتىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ھەر قايسى ئوقۇش باسقۇچىدىكى «قوش تىل» تەربىيىسى ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ئاپپاراتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەمدە ئۇلارنىڭ رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يەرلىك دەرسلىك تۈزۈش، پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، ئەمەلىيەتنى زىچ بىرلەشتۈرۈش، مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەت يېقىندىن ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەكتەپلەر ئارا، مەكتەپ بىلەن كارخانىلار ئارا، مەكتەپ بىلەن پەن تەتقىقاتى ئاپپاراتلىرى ئارا ھەمكارلىشىش، شۇنىڭدەك جۇڭگودىكى تەربىيىلەش ئاپپاراتلىرى بىلەن چەت ئەللەردىكى تەربىيىلەش ئاپپاراتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سىستېمىسى ئېچىۋېتىلگەن، مېخانىزمى جانلىق، تاللىشى كۆپ خىل بولغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش تۈزۈلمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

13-باب ئىمتىھان ئېلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى

(39) ئىمتىھان ئېلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى ئىلمىي تاللاش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇش، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى قوغداشقا پايدىلىق بولۇش پرىنسىپى بويىچە، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىلەن ئىمتىھان ئېلىشنى نىسپىي ئايرىۋېتىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھۆكۈمەت ماكرولۇق باشقۇرۇش، كەسپىي ئاپپاراتلار تەشكىللەپ يولغا قويۇش، مەكتەپلەر قانۇن بويىچە مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ئوقۇغۇچىلار كۆپ قېتىم تاللاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تۈرگە ئايرىپ ئىمتىھان ئېلىش، ئۇنىۋېرسال باھالاش، كۆپ مەنبەلىك قوبۇل قىلىشتەك ئىمتىھان ئېلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى تەدرىجىي  شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ،  «قوش تىل» تەربىيىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇشقا، ئىجادچان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە پايدىلىق ئىمتىھان ئېلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئىختىساسلىقلارنى باھالاش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك.ئىمتىھان ئېلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي، ئادىل، ئاشكارا، قېلىپلاشقان بولۇش پرىنسىپى بويىچە، «ئىستىقبال قۇرۇلۇشى»نىڭ مائارىپ ئادىللىقىنى قوغداشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇچۇرنىڭ ئاشكارا، ئېنىق ۋە ماسلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانىنى تەقسىملەش پرىنسىپى ۋە چارىسى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامى ۋە سىياسىتى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەرتىپى ۋە نەتىجىسىنى ئاشكارىلاپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىمتىھان بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتى، سەمىمىيەت تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھان ئېلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى كۆز بويامچىلىقنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. كەسپىي ئىمتىھان ئېلىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

(40) ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى، ئالىي مائارىپتا ئىمتىھان ئېلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەكتەپلەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسى ۋە قابىلىيىتىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈشى كېرەك. باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز  ئوتتۇرا مەكتەپكە يېقىن ئەتراپتا ئىمتىھانسىز كىرىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئوقۇش سەۋىيەسى ئىمتىھانى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپانى باھالاشنى ئاساس قىلىش كېرەك. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە يۇقىرىلاپ ئوقۇشتىكى ئوقۇش سەۋىيەسى ئىمتىھانىنى ئاپتونوم رايون بىر تۇتاش تەشكىللەپ، پەن بويىچە يولغا قويىدۇ. ئوقۇش سەۋىيەسى ئىمتىھانى نەتىجىسىنى دەرىجە شەكلىدە ئىپادىلەش يولغا قويۇلىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش سەۋىيەسى ئىمتىھانىدا ئۆلچەم ۋە ئىمتىھان سوئالىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئاساسىدا، ئانا تىل-ئەدەبىياتىدىن باشقا پەنلەردە دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقىدىكى ئىمتىھان سوئالىنى بىر تۇتاش ئىشلىتىش تەدرىجىي يولغا قويۇلىدۇ. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ياكى تىزىملاپ قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايوندىكى ئۈلگىلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ رايون دائىرىسىدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشىغا ئىلھام بېرىپ، ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئوقۇشنى باسقۇچقا بۆلۈپ تاماملىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش كېرەك.

ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھان ئېلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە ئالىي مەكتەپلەرگە ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ قوبۇل قىلىش تەلىپى ۋە دۆلەتنىڭ دەرس ئۆلچىمىنى ئاساس قىلىش كېرەك. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرسىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىشنى ئاساسىي شەكىل قىلىپ، ئوقۇش سەۋىيەسى ئىمتىھانى بىلەن ئۇنىۋېرسال ساپانى باھالاشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئەلالىرىنى تاللاپ قوبۇل قىلىش كېرەك. ئالىي كەسپىي مائارىپ ئىمتىھانىنى ئاپتونوم رايون بىر تۇتاش تەشكىللەشكە تەدرىجىي ئۆتۈش كېرەك. ئاسپرانتلىقتا ئوقۇش ۋە چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانىنى تەقسىملەش شەكلى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالىي مائارىپ ئىمتىھان مەزمۇنى، تۈرگە ئايرىپ ئىمتىھان ئېلىش ۋە قوبۇل قىلىش شەكلى ئىسلاھاتىنى سالماق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شارائىتى بار ئالىي مەكتەپلەرنى ئالاھىدىلىكى كۆرۈنەرلىك، مەكتەپنىڭ تەربىيىلەش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى يۈز تۇرانە ئىمتىھان نەتىجىسى ياكى سىناق ئىمتىھان نەتىجىسىگە ئاساسەن مۇستەقىل قوبۇل قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش؛ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەتراپلىق يېتىلگەن، ئىپادىسى ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى كۆرسىتىش يولى بىلەن  قوبۇل قىلىش؛ شەرتكە توشىدىغان، چەت، يىراق رايونلار، جاپالىق ساھەلەرگە بېرىپ ئىشلەشنى خالايدىغان ئوقۇغۇچىلارنى نىشانلىق  قوبۇل قىلىش؛ ئالاھىدە تۆھپە ياراتقان ياكى ئۆزگىچە قابىلىيىتى بار ئىختىساسلىقلارنى مەخسۇس تەرتىپ تۈزۈپ، شەرتكە ئېسىلىۋالماي قوبۇل قىلىش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىش پەرقىنى تېزدىن كىچىكلىتىپ، مەكتەپكە كىرىش ئۆلچىمىنى تەدرىجىي بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك.

14-باب مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى

(41) مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مائارىپنىڭ پاراۋانلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، جەمئىيەت قاتنىشىدىغان، مەكتەپ باشقۇرۇش سۇبيېكتى كۆپ مەنبەلەشكەن، مەكتەپ باشقۇرۇش  شەكلى كۆپ خىللاشقان مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت مەكتەپ باشقۇرۇش  سۇبيېكتى  بولىدىغان، پۈتكۈل جەمئىيەت پائال قاتنىشىدىغان، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مائارىپ بىلەن پۇقراۋى مائارىپ ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ئەندىزىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىللاشقان تەربىيىلىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساھە، كارخانا قاتارلىق ئىجتىمائىي كۈچلەرنى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، غەيرىي مەجبۇرىيەت مائارىپى جامائەت مۇلازىمىتى ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي مەبلەغنى كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق مائارىپ ساھەسىگە كىرىشكە يېتەكلەش كېرەك. ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى  مەكتەپلەرنى بىرلىشىپ باشقۇرۇش، ھاۋالىلىك باشقۇرۇشنى سىناق قىلىپ، كۆپ خىل شەكىل ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى كۆپەيتىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

(42) پۇقراۋى مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.  پۇقراۋى مائارىپ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئېشىش نۇقتىسى ۋە مائارىپ ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچ. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر پۇقراۋى مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشنى مۇھىم خىزمەت مەسئۇلىيىتى قىلىپ، پۇقراۋى مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئېتىبار سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ، «پائال رىغبەتلەندۈرۈش، زور كۈچ بىلەن قوللاش، توغرا يېتەكلەش، قانۇن بويىچە باشقۇرۇش» فاڭجېنىغا ئەمەل قىلىپ، پۇقرالار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ساھە تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇستەقىل باشقۇرۇش، ئورتاق باشقۇرۇش، جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق پۇقراۋى مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. جامائەت مالىيىسىنىڭ پۇقراۋى مائارىپقا يار - يۆلەك بولۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك، پۇقراۋى مەكتەپلەرگە ئالاقىدار تەربىيىلەش ۋە يېتىشتۈرۈش ۋەزىپىسىنى  ھاۋالە قىلىشقا ھەمدە مۇناسىپ تەربىيىلەش خىراجىتى ئاجرىتىپ بېرىشكە بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، مەخسۇس مەبلەغ تەسىس قىلىپ، پۇقراۋى مەكتەپلەرگە ياردەم بېرىشكە ئىشلەتسە بولىدۇ. پۇقرالار باشقۇرۇشىدىكى ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى بالىلارنىڭ ئاممىۋىلاشقان، كۆپ خىللاشقان مائارىپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۆزگىچىلىككە ئىگە پۇقراۋى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش، كۆپ قاتلاملىق پۇقراۋى ئالىي مەكتەپلەرنى تەرتىپلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئەمەلىي قوللىنىشچان پۇقراۋى غەيرىي ئوقۇش تارىخى مائارىپىنى يېتەكلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. پۇقراۋى مەكتەپلەرنىڭ ئۆزگىچە مەكتەپ باشقۇرۇشىنى قوللاش كېرەك. پۇقراۋى مەكتەپلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن  ھۆكۈمەت مەكتەپلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ باراۋەر قانۇنىي ئورنىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. پۇقراۋى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا قارىتىلغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

پۇقراۋى مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپنى ئۆلچەملىك باشقۇرۇشىنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇنىي ئىگە ئىدارە قىلىش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېڭەش ياكى مۇدىرىيەتنى قانۇن بويىچە قۇرۇش، پۇقراۋى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس  مائارىپ مۇپەتتىشى تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك. پۇقراۋى مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە، ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ دېموكراتىك باشقۇرۇشقا قاتنىشىش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پۇقراۋى مەكتەپلەرنىڭ مالىيە، بوغالتىرلىق ۋە مۈلۈك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قانۇن بويىچە ئورنىتىپ، پۇقراۋى مەكتەپ باشقۇرۇش خېيىمخەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، پۇقراۋى مەكتەپلەر قانۇن بويىچە ئۆز ئالدىغا مەكتەپ باشقۇرىدىغان، ھۆكۈمەت قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان ئەندىزىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە، پايدا ئالىدىغان ۋە پايدا ئالمايدىغان پۇقراۋى مەكتەپلەرنى ئايرىپ باشقۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت پۇقراۋى مەكتەپلەرنى باھالاشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

15-باب باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى

(43) ھوقۇق بىلەن  مەسئۇلىيەت ئايدىڭ بولغان مائارىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت فۇنكسىيىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە ئورگانلارنى ئىخچاملاش، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى مۇھىم  نۇقتا قىلىپ، مائارىپنىڭ جامائەت  مۇلازىمىتى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. باشقۇرۇش، قۇرۇش، باھالاشنى ئايرىۋېتىپ، مەمۇرىيەت بىلەن كەسپىي ئورۇنلار ئايرىۋېتىلگەن، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت ئايدىڭ بولغان، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرىدىغان، قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك مائارىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مائارىپنى بىر تۇتاش پىلانلاشقا مەسئۇل بولىدۇ. مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر تۇتاش باشقۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مالىيە مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر-يېزىلاردا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش؛ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مۇۋاپىق جايلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تىزلىتىش، چەت، يىراق، نامرات رايونلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىغا نۇقتىلىق يار-يۆلەك بولۇپ، ساھەلەر، كارخانىلارنىڭ كەسپىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇشىنى قوللاش؛ مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخى مائارىپىنى  يولغا قويغان ئالىي مەكتەپلەرنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەن، كەسىپلەرنىڭ جايلىشىشىنى مۇۋاپىق تەسىس قىلىپ ۋە تەڭشەپ، ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ باكلاۋرلىق ۋە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بېرىش ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن ئۇنۋان بېرىش نۇقتىسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش؛ «قوش تىل» تەربىيىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تىزلىتىش؛ ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ شارائىتى، ئوقۇتقۇچىلار شتاتى ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق بېكىتىش؛ ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەرگە مالىيىدىن يۆتكەپ چىقىم قىلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چەت، يىراق، نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش؛ ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ۋە ناھىيە (شەھەر، رايون) دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ،  جايلارنىڭ مائارىپنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، ياخشى باشقۇرۇشىغا مەدەت بېرىش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.

ۋىلايەتلىك (ئوبلاستلىق، شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى (مەمۇرىي مەھكىمىلەر) ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىغا دائىر مۇھىم سىياسەت-فاڭجېنلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇش؛ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ۋە ناھىيە (شەھەر، رايون) لەر باشقۇرۇش؛ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپتا دەرىجىگە بۆلۈپ باشقۇرۇش، يەرلىكنى ئاساس قىلىش، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇش، جەمئىيەت قاتنىشىشتەك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى يولغا قويۇش؛ ھەر قايسى ئوقۇش باسقۇچىدىكى «قوش تىل» تەربىيىسىنى ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش؛ تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ جايلىشىشىنى مۇۋاپىق بېكىتىش كېرەك.

ناھىيىلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى باشقۇرۇش، «قوش تىل» تەربىيىسى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. شەھەر-يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنى جايلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە بىخەتەرلىكىگە كونكرېت مەسئۇل بولۇشى؛ مائارىپ خىراجىتىنى باشقۇرۇش، ئىشلىتىشنى بىر تۇتاش پىلانلىشى؛ ئوقۇتقۇچىلارنى بىر تۇتاش تەكلىپ قىلىپ، سەپلەپ ۋە باشقۇرۇپ، مەكتەپ مۇدىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى؛ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇشى؛ ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچىدىكى «قوش تىل» تەربىيىسىنى تەرتىپلىك جىپسىلاشتۇرۇشى؛ كەسپىي مائارىپ ۋە كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

(44) ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ  باشقۇرۇش فۇنكسىيىسىنى ئۆزگەرتىش كېرەك. قانۇن-نىزام چىقىرىش، خىراجەت ئاجرىتىش، پىلانلاش، ئۇچۇر مۇلازىمىتى، سىياسەت يېتەكچىلىكى ۋە زۆرۈر مەمۇرىي تەدبىرلەرنى قانۇن بويىچە ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، مائارىپنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، جامائەت مائارىپ مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي جامائەت مائارىپى مۇلازىمىتىنى تەدرىجىي تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، مائارىپنىڭ ئادىللىقى ۋە تەرتىپىنى قوغداش كېرەك. چوڭ - چوڭ مائارىپ تەدبىرلىرىنى بەلگىلەشتىن ئىلگىرى تولۇق مەسلىھەت سوراش، دەلىللەش، ئاممىدىن پىكىر ئېلىش كېرەك. كەسپىي مائارىپ مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، ساھە جەمئىيەتلىرى، كەسپىي ئىلمىي جەمئىيەتلەر قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ مائارىپ جامائەت باشقۇرۇشىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ سۈپىتىنى كۆزىتىش، باھالاش ئاپپاراتلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، كۆزىتىش – باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزىتىش-باھالاش دوكلاتىنى قەرەللىك ئېلان قىلىش كېرەك. مائارىپ ئاساسىي ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مائارىپنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مائارىپ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

(45) زامانىۋى مەكتەپ تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى ھوقۇق-مەسئۇلىيىتى بىلەن مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇشتىكى ھوقۇق-مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن مەكتەپنى، باشقۇرۇش بىلەن قۇرۇشنى ئايرىشقا تۈرتكە بولۇپ، قانۇن بويىچە مەكتەپ باشقۇرۇش، مۇستەقىل باشقۇرۇش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، جەمئىيەت قاتنىشىشتىن ئىبارەت زامانىۋى مەكتەپ تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ، ھۆكۈمەت، مەكتەپ، جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدا يېڭىچە مۇناسىۋەت ئورنىتىش كېرەك.

زامانىۋى ئالىي مەكتەپ تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشتا مۇستەقىل ئىش كۆرۈش ھوقۇقى، مەكتەپنىڭ يىرىك پىلانىنى مۇستەقىل تۈزۈش، يولغا قويۇش ۋە ئىختىساسلىقلارنى مۇستەقىل ئىشلىتىش، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقاتى، تېخنىكا يارىتىش ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت پائالىيىتىنى مۇستەقىل ئېلىپ بېرىش، مەكتەپنىڭ مال - مۈلكى ۋە خىراجىتىنى مۇستەقىل باشقۇرۇش، كىرىم تەقسىماتىنى مۇستەقىل بېكىتىش ھوقۇقلىرىنى قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەر پارتكوم رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش  تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. كېڭىشىش قائىدىسى ۋە تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپىنى مۇكەممللەشتۈرۈپ، پارتكوم شۇجىسى، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىلىم  كومىتېتىنىڭ پەن قۇرۇلۇشى، ئىلمىي باھالاشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار قۇرۇلتىيى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نىزامنامە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىجتىمائىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، كەسپىي باھالاشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

ئادەتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش شەرتى ۋە مەكتەپ مۇدىرىنى تەيىنلەش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەكتەپ ئىشلىرى يىغىنى تۈزۈمى قاتارلىق باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئاتا-ئانىلار كومىتېتى قۇرۇپ، مەھەللە ۋە ئالاقىدار كەسپىي زاتلارنى مەكتەپ باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشقا قاتنىشىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى، ئادەم تەربىيىلەش ئۇسۇلى، بايلىقنى تەقسىملەش، كادىر باشقۇرۇش، ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش، مەھەللە مۇلازىمىتى جەھەتلەردىكى ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ كەسىپ تەسىس قىلىشتا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىنى كېڭەيتىپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ساھە، كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك.

16-باب  مائارىپنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش

(46) مائارىپنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى كىرگۈزۈش كېرەك. شىنجاڭ مائارىپىنىڭ خەلقئارالىشىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنى ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سەھنىسىگە تايىنىپ، دۆلەتنىڭ مائارىپنى ئېچىۋېتىش رامكىسى ئىچىدە، خەلقئارا ئىككى تەرەپ، كۆپ تەرەپ مائارىپ ھەمكارلىقى ۋە دۇنيا، رايون خاراكتېرلىك مائارىپ ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىپ، مائارىپنى كۆپ تەرەپلىك، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەلىك ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق چەت ئەلنىڭ سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دۆلەت (چېگرا) سىرتىدىكى يۇقىرى سەۋىيىلىك مائارىپ ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقاتى ھەمكارلىق سۇپىسى قۇرۇپ، شىنجاڭ مائارىپىنىڭ خەلقئارالىشىش سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

«چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى قوللاش، ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشكە رىغبەتلەندۈرۈش، كېلىش - كېتىشتە ئەركىن  بولۇش» فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش قاتلىمى، سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا دائىر سىياسەت يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بىر تۈركۈم ياش، ئوتتۇرا ياش تايانچ ئوقۇتقۇچىلار، پەن باشلامچىلىرى ۋە ئالىي مەكتەپ ئاسپرانتلىرىنى تاللاپ خەلقئارا سەۋىيىلىك ئالىي مەكتەپلەر، تەجرىبىخانىلارغا كىرىپ بىلىم ئاشۇرۇپ يۈكسىلىش، ئۇنۋان ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇشقا نۇقتىلىق ئەۋەتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىر تۈركۈم نۇقتىلىق پەن باشلامچى ئىختىساسلىقلىرىنى تېزدىن يېتىشتۈرۈش كېرەك. خەلقئارا نەزەرگە ئىگە، خەلقئارا قائىدىنى پىششىق بىلىدىغان، خەلقئارا ئىشلار ۋە خەلقئارا رىقابەتكە قاتنىشالايدىغان زور بىر تۈركۈم خەلقئارالاشقان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش كېرەك. ئېتىبار سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ، چەت ئەل يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرى ۋە چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇغانلارنى شىنجاڭغا كېلىپ ئىشلەشكە جەلىپ قىلىش كېرەك.

(47) ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مائارىپ ئالماشتۇرۇشى،  ھەمكارلىقى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. خەنزۇ تىلىنى خەلقئارادا كېڭەيتىش ئوتتۇرا ئاسىيا بازىسى ۋە كۇڭزى ئىنستىتۇتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش يولىنى كېڭەيتىپ، خەلقئارا مائارىپ مۇلازىمىتى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇيدىغانلارنى تەربىيىلەش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. چەت ئەلدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەش ئاساس ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىن جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇيدىغانلارغا بېرىلىدىغان ھۆكۈمەت ئوقۇش مۇكاپاتى پۇلىنى تەدرىجىي كۆپەيتىپ، چەت ئەلدىن كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش كېرەك. مائارىپ جەھەتتىكى خەلقئارا ياردەم سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەتراپتىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە مەخسۇس ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەپ بېرىش كېرەك. شىنجاڭنى ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بازىسى ۋە ئەتراپتىكى دۆلەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇشىدىكى مۇھىم مەنزىلىگە تەدرىجىي ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارادىكى مائارىپ، مەدەنىيەت تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

تۆتىنچى قىسىم كاپالەت تەدبىرلىرى
17-باب ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى

(48) يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئۇلۇغۋار مائارىپ پىلانىدا ئوقۇتقۇچىلار ئاساس. ئوقۇتقۇچىلار مائارىپ ئىشلىرىدىكى بىرىنچى بايلىق. ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئۆلچىمىنى چىڭىتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، مەيدانى مۇستەھكەم، ئالىيجاناب پەزىلەتكە ئىگە، كەسىپنى پىششىق بىلىدىغان، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، سانى يېتەرلىك، ھاياتىي كۈچكە تولغان يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. 2020-يىلى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تارىخى قاتلىمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ نىسبىتىنى «قوش تىل» تەربىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئېھتىياجىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرىدىغان نىسبەتكە يەتكۈزۈش، كەسپىي مەكتەپلەردە كەسپىي دەرسلەرنى ئۆتىدىغان «قوش سالاھىيەتلىك» ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نىسبىتىنى تەخمىنەن ٪70كە، ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردە باكالاۋرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۇنۋانغا ئىگە مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نىسبىتىنى تەخمىنەن ٪50كە يەتكۈزۈش، ئادەتتىكى تولۇق كۇرس مەكتەپلىرىدە باكالاۋرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۇنۋانغا ئىگە مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نىسبىتىنى تەخمىنەن ٪70 تىن ئاشۇرۇش، بۇنىڭ ئىچىدە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىگىلەرنىڭ نىسبىتىنى تىرىشىپ ٪30 كە يەتكۈزۈش كېرەك.

ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان  كەسىپ غايىسى ۋە كەسىپ ئەخلاقى تەربىيەسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەم ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىش، ھەم ئادەم تەربىيەلەش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى يېتەكچىسى ۋە يول باشلىغۇچىسى قىلىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى تەربىيىسىنى ئوقۇتقۇچىلارنى داۋاملىق تەربىيىلەش ۋە يېتىشتۈرۈش پىلانىغا كىرگۈزۈش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىنى باھالاش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  ئەخلاق  ئىپادىسىنى ئوقۇتقۇچىلارنى سىناش، تەكلىپ قىلىش(تەكلىپلىك ئىشلىتىش) ۋە باھالاشنىڭ  مۇھىم مەزمۇنى  قىلىش كېرەك. ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ياخشى  ئىلىم ئەخلاقى ۋە ئىلىم كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىلىمدىكى يۈزەكىلىكنى  تۈگىتىپ، ناتوغرا قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پېداگوگىكا ئالىي مەكتەپلىرى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، ئۇنىۋېرسال ئالىي مەكتەپلەر قاتنىشىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، جانلىق ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. پىداگوگىكا تۈرىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە ھەر دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش، يېتىشتۈرۈشنىڭ كۆپ قاتلاملىق، ستېرېئولۇق تورىنى بەرپا قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش قاتلىمى ۋە سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرى ھەقسىز مائارىپى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پىداگوگىكا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى مەكتەپلەرگە «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئالاھىدە تەربىيىلەش پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى بالىلار تەربىيەسى ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەپ بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش خىراجىتىنى مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەربىيىلەش كېرەك. مەكتەپ مۇدىرلىرىنى تەربىيىلەشنى كۈچەيتىپ، يېتەكچىلەر ۋە سىنىپ مۇدىرلىرىنى تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش پىلانىدا شىنجاڭغا مايىللىشىش سىياسىتىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ، مەركەز مالىيىسى مەخسۇس قوللاش، سىستېما بويىچە ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەر ياردەم بېرىش ۋە ئۆز ئالدىغا تەربىيىلەشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ۋىلايەتلەرنىڭ تەربىيىلىشىگە يار-يۆلەك بولۇپ، ناھىيە ۋە مەكتەپلەرنىڭ تەربىيىلىشىگە ئىلھام بېرىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى 35 ياشتىن تۆۋەن ئاز سانلىق مىللەت «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىگە تولۇق قاتناشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شىنجاڭغا سىستېمىلار بويىچە ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىپ، شىنجاڭ مائارىپىغا مەدەت بېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ستۇدېنتلار پراكتىكا قىلىش ئارقىلىق مائارىپقا مەدەت بېرىش ۋە پىدائىيلار مائارىپقا مەدەت بېرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئوقۇش باسقۇچى، ھەر قايسى پەنلەردىكى قىس «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئېھتىياجغا قاراپ تولۇقلاش كېرەك.

«قوش سالاھىيەتلىك» ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەسپىي مەكتەپلەردىكى كەسپىي تېخنىكا سالاھىيىتى گۇۋاھنامىسى بىلەن كەسىپ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەر ۋە چوڭ، ئوتتۇرا كارخانىلارنى تايانچ قىلىپ، كەسپىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش بازىسىنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىش كېرەك. داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار، مۇنەۋۋەر ئوقۇتۇش كوللېكتىپى قۇرۇلۇشى ۋە قوشۇمچە تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچىلارغا ياردەم بېرىش پىلانىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئالاقىدار تەكلىپ قىلىش (تەكلىپلىك ئىشلىتىش) تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەت تەجرىبىسى بار كەسپىي تېخنىكلار ۋە يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ كەسپىي مەكتەپلەرگە بېرىپ دەرس ئۆتۈش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كەسپىي مەكتەپلەرنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى مۇتەخەسىسلەر، تېخنىكا خادىملار، جەمئىيەتتىكى ھۈنەر-سەنئەت ماھىرلىرىنى قوشۇمچە ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. كەسپىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىڭ كارخانىلارغا قەرەللىك بېرىپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك.

ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيىسى، پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتى ۋە جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش قابىلىيىتى ئۆستۈرۈشنى نىشان، ئىلىم-پەن باشلامچىلىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئوقۇش تارىخى قاتلىمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. «تەڭرىتاغ ئالىملار پىلانى» قاتارلىق يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرى قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويۇپ، ياش، ئوتتۇرا ياش ئىلىم-پەن باشلامچىلىرى ۋە داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پىشقەدەم، ئوتتۇرا ياش، ياش ئوقۇتقۇچىلارنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم پەن باشلامچىلىرىنى تۇراقلاشتۇرۇش، توپلاش ۋە بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. پەن ۋە ئورۇن ھالقىپ ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيىلىك ئوقۇتۇش قوشۇنى ۋە پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى قوشۇمچە ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت تايانچ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك.

(49) ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلىق ئىجازىتى تۈزۈمىنى چىڭىتىپ، دۆلەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى ئۆلچىمى بويىچە، ئوقۇتقۇچىلارنى  ۋەزىپىگە تەيىنلەشتىكى ئوقۇش تارىخى شەرتى، ئەخلاق تەلىپى ۋە كەسپىي ساپاسىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى بالىلار تەربىيەسى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن سالاھىيەت ئىمتىھانى ئېلىش ۋە سالاھىيىتىنى بېكىتىش تۈزۈمى، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى گۇۋاھنامىسىنى قەرەللىك تىزىملاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى بالىلار تەربىيەسى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىشنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرى ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانىنى يولغا قويۇش كېرەك. بالىلار باغچىسىنىڭ شتات ئۆلچىمىنى تۈزۈپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى «قوش تىل» لىق بالىلار باغچىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار شتاتىنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كەسپىي مەكتەپلەر ۋە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلار شتاتى ئۆلچىمىنى تۈزۈپ، ھەرىكەتچان باشقۇرۇش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ھەرىكەتچان تەڭشەش-سەپلەش، داۋاملىق تەربىيىلەش، ۋەزىپە (ئۇنۋان) بېرىش، ئۈنۈمنى سىناش قاتارلىق باشقۇرۇش فۇنكسىيىسىنى بەلگىلىمە بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك. شەھەر-يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ شتاتى ۋە ۋەزىپە (ئۇنۋان) قۇرۇلمىسى نىسبىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش ھەمدە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى مەكتەپلەر، «قوش تىل» مەكتەپلىرىگە مۇۋاپىق مايىللىشىش كېرەك.

بىرلىككە كەلگەن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋەزىپە (ئۇنۋان) سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئادەتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئالىي ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسى (ئۇنۋانى)نى تەسىس قىلىش كېرەك. بىرلىككە كەلگەن كەسپىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ۋەزىپە (ئۇنۋان) سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، كەسپىي مەكتەپلەردە ئالىي ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسى (ئۇنۋانى)نى تەسىس قىلىش كېرەك. ئىش ئورنىنى باشقۇرۇش ۋە تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئىشقا قاراپ ئىش ئورنى تەسىس قىلىش، ئىش ئورنى بويىچە تەكلىپ قىلىش، ئىش ئورنىغا قاراپ مائاش بېكىتىش، ئىش ئورنى ئۆزگەرسە مائاشنىمۇ ئۆزگەرتىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. تەكلىپلىك ئىشلىتىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئادەم ئىشلىتىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى قوزغاش كېرەك. شەھەر - بازارلاردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ  مەكتەپ  ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئالىي ۋەزىپە (ئۇنۋان) بېرىلىدىغانلىرىنىڭ پرىنسىپ جەھەتتە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى مەكتەپلەر ياكى بىر قەدەر ئاجىز مەكتەپلەردە بىر يىلدىن كۆپرەك ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان تارىخى بولۇشى كېرەك. مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان يېڭى مېخانىزمنى بەرپا قىلىپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى ئۇزاققىچە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش، ئۆمۈرۋايەت ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا جەلپ قىلىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنى چېكىندۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك. مەكتەپ مۇدىرى ۋەزىپە ئۆتەش سالاھىيىتى ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ  ۋەزىپە  دەرىجىسى  تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك.

(50) ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنى ۋە تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. «ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيىسىنىڭ دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيىسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى  ياكى يۇقىرى بولۇشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە ئۇنى تەدرىجىي  ئۆستۈرۈش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۈنۈم مائاشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياردەم پۇلى، تولۇقلىما پۇل ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەردىن ناھىيىدىن تۆۋەن ئورۇنلاردىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ مۇلازىمەت قىلغانلار ئوقۇش ھەققى ۋە ئوقۇش قەرز پۇلىنى ھۆكۈمەت ۋاكالىتەن قايتۇرۇش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. قوش تىل  ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا ئوتتۇرا، ئالىي كەسپىي تېخنىكا ۋەزىپىسى (ئۇنۋانى) بېرىش نىسبىتىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، تۇرالغۇ جەھەتلەردىكى كاپالەتلەندۈرۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۇرالغۇسىنى ھۆكۈمەتنىڭ كاپالەت خاراكتېرلىك تۇرالغۇ سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، شەھەرلەردە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا كاپالەتلەندۈرۈش خاراكتېرلىك تۇرالغۇ سېلىپ بېرىش، يېزا مەكتەپلىرىدە ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارغا ئوبوروت ئۆي سېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي تاماق، ياتاق ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنى تەقدىرلەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتۇش ماھىرلىرى، داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار، مۇنەۋۋەر مائارىپ خىزمەتچىلىرى ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئۇزاق مۇددەت ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، گەۋدىلىك تۆھپە ياراتقان ئوقۇتقۇچىلارنى مۇكاپاتلاش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنى ھۈرمەتلەپ، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

18-باب خىراجەت كاپالىتى

(51) جامائەت مالىيە سېلىنمىسىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مائارىپ سېلىنمىسى ئۇللۇق، ئىستراتېگىيىلىك سېلىنما، شۇنداقلا جامائەت مالىيىسىنىڭ مۇھىم فۇنكسىيىسى. ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنى ئاساس قىلىش، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق غەملەشتىن ئىبارەت مائارىپ سېلىنمىسى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مائارىپ سېلىنمىسىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىش كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر مائارىپ ساھەسىنى مالىيە چىقىمىدىكى نۇقتىلىق ساھە قاتارىدا ئالدىن كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك. «مائارىپ قانۇنى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، يىل بېشىدىكى خام چوت ۋە خام چوت ئىجراسىدىكى ئارتۇق كىرىمنى تەقسىملەشتە قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاشۇرۇش  تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مائارىپقا مالىيىدىن ئاجرىتىلغان پۇلنى ئاشۇرۇش نىسبىتىنى دائىملىق مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن روشەن يۇقىرى قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائارىپ خىراجىتىنى تەدرىجىي  ئاشۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئومۇمىي خىراجىتىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مائارىپ خىراجىتى قوشۇمچىسى ۋە يەرلىك مائارىپ خىراجىتى قوشۇمچىسىنى تولۇق يىغىپ، ئۇنى مەخسۇس مائارىپ ئىشلىرىغا ئىشلىتىش كېرەك. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا باج-ھەق ئىسلاھاتى يۆتكىمە چىقىم مەبلىغىنى مائارىپقا ئىشلىتىش سىياسىتىنى داۋاملىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مائارىپ مەخسۇس تۈرىنى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى، چەت، يىراق، نامرات رايونلار ۋە ئاجىز مەكتەپلەرگە مايىللاشتۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتى چىقىمىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلەيدىغان نىسبىتىنىڭ ٪4تىن يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ۋە مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. 

سېلىنما مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ جامائەت مائارىپ مۇلازىمىتى مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك جايلارنىڭ مائارىپ خىراجىتى سېلىنمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ،  مەكتەپ  خىراجىتىنى مۇقىم مەنبەگە ئىگە قىلىش ۋە ئۇنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرىچە خىراجەت ئاساسىي ئۆلچىمى ۋە  مالىيىدىن ئاجرىتىلىدىغان ئوتتۇرىچە پۇل ئاساسىي ئۆلچىمىنى بېكىتىش ھەمدە تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

مائارىپ خىراجىتىنى كۆپ يول ئارقىلىق غەملەش تۈزۈلمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مائارىپ خىراجىتى مەنبەسىنى كېڭەيتىش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىدە ھۆكۈمەت ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، غەيرىي مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنى ئاساس قىلىش، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق مائارىپ خىراجىتى توپلاش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە ۋە يەر قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئېتىبار سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى مەكتەپكە پۇل ئىئانە قىلىش، مەبلەغ چىقىرىشقا  ئىلھاملاندۇرۇپ، مائارىپ مەبلىغى مەنبەسىنىڭ كۆپ خىللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مائارىپقا ھەدىيە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەخسلەرنىڭ مائارىپقا قىلغان  پاراۋانلىق  ھەدىيە چىقىمىنى تاپاۋەت بېجى ئېلىشتىن ئاۋۋال چىقىرىۋېتىش  بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەمدە ئىئانە قىلغۇچىلارنى تەشۋىق قىلىش، تەقدىرلەش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك، مەكتەپلەر ئىجتىمائىي مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن كىرىمدە قانۇن بويىچە باج ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. غەيرىي مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيىلەش تەننەرخىنى بۆلۈپ  ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇش پۇلى ئۆلچىمىنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى، تەربىيىلەش تەننەرخى  ۋە ئاممىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىغا ئاساسەن تەڭشەش كېرەك.

مەجبۇرىيەت مائارىپىنى پۈتۈنلەي جامائەت مالىيىسىدىن كاپالەتلەندۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە دەرىجىلىك مالىيىلەر تۈر، نىسبەت بويىچە ئۈستىگە ئالىدىغان دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجەت كاپالىتى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئاممىۋى خىراجىتى ۋە ھەقسىز دەرسلىك ياردەم ئۆلچىمىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈش كېرەك. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ بىنالىرىنى رېمونت قىلىش، ئۆزگەرتىش بويىچە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. شەھەرلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتى كاپالىتى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئومۇمىي خىراجەت ئۆلچىمىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈش؛ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ بىنالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەكتەپ بىنالىرى قۇرۇلۇشى مەبلىغىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ بىنالىرى بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى داۋاملىق يولغا قويۇش كېرەك. ئاجىز مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

غەيرىي مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ھۆكۈمەت سېلىنمىسىنى ئاساس قىلىش، تەربىيىلەنگۈچىلەر مۇۋاپىق ئۈستىگە ئېلىش، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق خىراجەت توپلاشتەك سېلىنما مېخانىزمىنى يولغا قويۇش كېرەك. ھۆكۈمەت سېلىنمىسى ئاساس قىلىنغان ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى بالىلار تەربىيەسى خىراجىتى كاپالىتى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى بالىلار تەربىيەسى خىراجىتىنى تەدرىجىي جامائەت مالىيە چىقىمى كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە مالىيە سېلىنمىسىنى ئاساس قىلىش، باشقا يوللار ئارقىلىق خىراجەت توپلاشنى قوشۇمچە قىلىش مېخانىزمىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپتا ھۆكۈمەت، ساھە، كارخانا ۋە باشقا ئىجتىمائىي كۈچلەر قانۇن بويىچە خىراجەت غەملەش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، كەسپىي مائارىپ خىراجىتى ۋە كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن تەربىيىلەش خىراجىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، كەسپىي مائارىپ مەخسۇس مەبلىغىنىڭ يېتەكلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئالىي مائارىپتا باشقۇرغۇچىنىڭ سېلىنمىسىنى ئاساس قىلىش، تەربىيىلەنگۈچىلەر تەربىيىلەش تەننەرخىنى مۇۋاپىق ئۈستىگە ئېلىش، مەكتەپلەر فوند تەسىس قىلىپ جەمئىيەتنىڭ ئىئانىسىنى قوبۇل قىلىشتەك خىراجەت غەملەش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ خام چوت ئىچىدىكى ئوتتۇرىچە خىراجىتىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپ، 2012-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كىشى بېشىغا ئاجرىتىلغان خىراجىتىنى غەربىي رايوندىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن ئاشۇرۇپ، 2020-يىلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈشكە تىرىشىش كېرەك.

(52) ئوقۇشقا ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت ياردەم بېرىش سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «مۇكاپاتلاش، قەرز بېرىش، ياردەم بېرىش، كەچۈرۈم قىلىش، تولۇقلىما بېرىش» تىن ئىبارەت ماددىي ياردەم بېرىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر ۋە شەھەرلەردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئائىلىلىرى پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى بالىلار تەربىيەسىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىش كېرەك. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلارغا بېرىلىدىغان تۇرمۇش قوشۇمچە ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرا،  باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوزۇقلىنىشىنى ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا دۆلەت ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك. ئادەتتىكى تولۇق كۇرس مەكتەپلىرى، ئالىي ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى تۈزۈلمىسى، مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەسلى جايى كرېدىتلىك ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى بېرىشكە تۈرتكە بولۇش؛ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلى ئارقىلىق ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش كېرەك؛ ئالىي مەكتەپلەر بەلگىلەنگەن كەسپىي ئىشلار كىرىمىدىن نىسبەت بويىچە خىراجەت ئاجرىتىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ماددىي ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىشى ھەمدە پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئوقۇش ئىش ئورنى تەسىس قىلىشى كېرەك. ئاسپىرانتلار مائارىپىدا ھەق ئېلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاسپىرانتلار دۆلەت ئوقۇش مۇكاپاتى پۇلى تەسىس قىلىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ داۋالىنىش كاپالىتى مەبلىغىنى غەملەش مېخانىزمى ۋە خىراجەتنى بۆلۈپ ئۈستىگە ئېلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش كاپالىتى دائىرىسىگە، شەھەرلەردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى شەھەر-بازار ئاھالىسى ئاساس داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساس داۋالىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ سۇغۇرتىلاش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

(53) مائارىپ خىراجىتىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە مەبلىغىنى باشقۇرۇش قانۇن - تۈزۈملىرى ۋە مالىيە - ئىقتىساد ئىنتىزامىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. ئىلمىي، تەپسىلىي خام چوت باشقۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، خام چوتنى ئىلمىي تۈزۈپ، خام چوت  ئىجراسىنىڭ  ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مائارىپ، مالىيە، ستاتىستىكا، ئىقتىسادىي تەپتىش تارماقلىرى مالىيە سېلىنمىسى، مالىيە خىراجىتىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە يىللىق ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، مائارىپ خىراجىتى سېلىنمىسىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەلەپكە يەتكۈزەلمىگەنلەرنى سۈرۈك ئىچىدە تولۇقلاتقۇزۇش كېرەك. تەكشى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجەت تەقسىماتى تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك. ئۆلچەملىك خىراجەت ئاجرىتىش بىلەن ئۈنۈم مۇكاپاتى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن غەيرىي مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجەت تەقسىماتى تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك. ئالىي مائارىپقا خىراجەت ئاجرىتىش مەسلىھەتچىلىك  كومىتېتى قۇرۇپ، خىراجەت تەقسىماتىنىڭ ئىلمىيلىكىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مائارىپ خىراجىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەردە باش مەسئۇل بوغالتىرلىق  ۋەزىپىسىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇپ، خىراجەت ئىشلىتىش ۋە مۈلۈك باشقۇرۇشنى كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت  باشقۇرۇشىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ باش مەسئۇل بوغالتىرلىرىنى ھۆكۈمەت ئەۋەتىدۇ.

مەكتەپلەرنىڭ مالىيە - بوغالتىرلىق تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خىراجەت ئىشلىتىشنى ئىچكى قىسىمدا تەپتىش  قىلىش ۋە  كونترول قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. خىراجەت ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىش، چوڭ - چوڭ تۈر ۋە خىراجەت ئىشلىتىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى كۈچەيتىپ، خىراجەتنى ئۆلچەملىك، بىخەتەر، ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشكە  كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مائارىپ خىراجىتى ئاساس ئۇچۇر ئامبىرىنى بەرپا قىلىپ ۋە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىراجەت باشقۇرۇشنى  ئۇچۇرلاشتۇرۇش  سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەكتەپ مالىيە خېيىمخەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. خىراجەت ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى باھالاش تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ، چوڭ - چوڭ تۈر خىراجەتلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى باھالاشنى كۈچەيتىش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساس مائارىپ مۈلۈك باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەكتەپلەرنىڭ دۆلەت مۈلكىنى سەپلەش، ئىشلىتىش، بىر تەرەپ قىلىش، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ،  مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت مۈلكى يوقاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ ھەق ئېلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يىغىلغان مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. تىرىشچانلىق، ئىقتىسادچانلىق بىلەن مەكتەپ باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسراپچىلىقنى قەتئىي مەنئى قىلىش كېرەك.

19-باب مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش

(54) مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق مائارىپنىڭ زامانىۋىلىشىش سۈرئىتىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش تور قۇرۇلۇشى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ بايىقىنى ئېچىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، 2020 - يىلىغا بارغاندا، شەھەر - يېزىلارنى قاپلىغان ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ  مائارىپنى  ئۇچۇرلاشتۇرۇش سىستېمىسىنى ئاساسەن بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈش كېرەك. «بىر تۇتاش پىلانلاش، ئومۇملاشتۇرۇش، ئۆستۈرۈش، بىرىكتۈرۈش-يۇغۇرۇش، تىرەك بولۇش-يېڭىلىق يارىتىش» پرىنسىپى بويىچە، مائارىپ ئۇچۇر تورىنى ئالدىن قۇرۇپ، سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيىسى ۋە ئالاقە تورى يۈكلىمە قىلىنغان مائارىپ جامائەت مۇلازىمىتى سۇپىسىنى كېڭەيتىپ، ئۇچۇر سىستېمىسىنى تۇتاشتۇرۇشقا تۈرتكىلىك قىلىش كېرەك. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ زامانىۋى يىراقتىن تەربىيىلەش قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇپ، ھەر بىر ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپكە زامانىۋى يىراقتىن تەربىيىلەش ئەسلىھەسى سەپلەپ بېرىپ، يىراقتىن ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش كېرەك. ئاساس مائارىپ بايلىقى ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سۈپەتلىك رەقەملىك مائارىپ بايلىقىنى كىرگۈزۈپ، توردا ئوقۇتۇش بايلىقىنى ئېچىشنى كۈچەيتىپ، سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. «قوش تىل» تەربىيىسى تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە مائارىپ بايلىقى ئامبىرى قۇرۇپ، «قوش تىل» تەربىيەسى تېلېۋىزىيە دەرسىنى دەرسخانىغا كىرگۈزۈپ، سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، «قوش تىل» تەربىيىسى تور ئەسلىھەسى ۋە بايلىقىنى ھەممە سىنىپقا كىرگۈزۈش كېرەك. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ تورى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپ تورىنىڭ «جۇڭگو مائارىپى ۋە پەن تەتقىقاتى كومپيۇتېر تورى» غا يۇقىرى سۈرئەتلىك ئۇلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رەقەملىك كۇتۇپخانا ۋە مەۋھۇم تەجرىبىخانا قۇرۇپ، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان ئالىي مەكتەپ تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

(55) مائارىپ ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، يېتىشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى مەكتەپلەرگە ئۇچۇر تېخنىكىسى ئىلمى بويىچە تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى سەپلەپ بېرىش كېرەك. «رەقەملىك مەكتەپ»تىن پايدىلىنىپ، توردا ئوقۇتۇش ۋە پەن تەتقىقاتتا ھەمكارلىشىش سۇپىسى قۇرۇپ، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقاتى، باشقۇرۇشنىڭ ئۇچۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆگىنىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئەخلاقىي تەربىيە ۋە ئىدىيە-سىياسىي تەربىيە بېرىشنىڭ تور دەۋرىدىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. دۆلەتنىڭ مەكتەپ ئاساس ئۇچۇر باشقۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش خىزمىتى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى ۋە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇرى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى قۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇشنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، مەكتەپ ئىشلىرىدا ئېلېكترونلۇق قوللىنىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ باشقۇرۇش جامائەت مۇلازىمىتى سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، ماكرولۇق تەدبىر بەلگىلەشنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىن ئېتىش، جامائەتنى ئاممىۋى مائارىپ ئۇچۇرىغا ئىگە قىلىپ، مائارىپ باشقۇرۇشنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

20-باب مائارىپنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش

(56) يەرلىك مائارىپ نىزاملىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مائارىپنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مائارىپ  قانۇن – نىزاملىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك مائارىپ قائىدە-نىزاملىرىنى تۈزۈپ، مائارىپ قانۇنى، كەسپىي مائارىپ قانۇنى، ئالىي مائارىپ قانۇنى، ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى، پۇقراۋى مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى قاتارلىقلارنىڭ يولغا قويۇلۇش چارىسىنى چىقىرىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىپ، بىر قەدەر مۇكەممەل يەرلىك مائارىپ قائىدە-نىزام سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، جامائەت مائارىپ مۇلازىمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ مەمۇرىي تەستىقلاش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. مائارىپ مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ  قانۇن – نىزاملىرى ۋە سىياسەتلىرىنىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. نازارەتچىلىك مېخانىزمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىي تەپتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش تارماقلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ قانۇن-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. مائارىپ ئۇچۇرلىرىدا ئاشكارا بولۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جامائەتنىڭ مائارىپ ئەھۋالىنى بىلىش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك. قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

مەكتەپنى قانۇن بويىچە  باشقۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەر پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە قانۇن-نىزاملىرىنى قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. مەكتەپلەر قانۇن-نىزامغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئۆز ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىدىغان نىزامنامىسى ۋە تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەكتەپنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشى، قاتتىق باشقۇرۇشى كېرەك. ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىپ ۋە كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش - جازالاشنى باراۋەر، ئادىل بولۇش پىرىنسىپىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك. قانۇن ئىدارە قىلىش پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان مائارىپ قۇتقۇزۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. قانۇن-تۈزۈم تەشۋىق-تەربىيىسىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇن ساپاسى ۋە پۇقرالىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار قانۇننى بىلىشى، قانۇنغا رىئايە  قىلىشى، ئاممىۋى تۇرمۇش تەرتىپىگە بويسۇنۇشى كېرەك.

(57) مائارىپ تەپتىشلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. مائارىپ تەپتىشلىكى تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نىسبىي مۇستەقىل مائارىپ تەپتىشلىكى ئاپپاراتىنى قۇرۇپ، تەپتىشلەش فۇنكسىيىسىنى مۇستەقىل يۈرگۈزىدىغان قىلىش كېرەك. مەمۇرىي تەپتىشلىك بىلەن مائارىپ تەپتىشلىكىگە، نازارەت قىلىش بىلەن يېتەكچىلىك قىلىشقا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئۇنىۋېرسال تەپتىشلەش بىلەن مەخسۇس تەپتىشلەشنى دائىملىق تەپتىشلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تەپتىشلەش خىزمىتىنىڭ دائىملىشىشى، قېلىپلىشىشى، تۈزۈملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مائارىپ تەپتىشلىكىنى باھالاشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر قاتلام-دەرىجىگە ئايرىلغان مائارىپ نازارەتچىلىكى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مائارىپ قانۇن - نىزاملىرىنىڭ ئىجراسىنى نازارەت قىلىشى، تەكشۈرۈشىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىشى ۋە ئۇلارغا ئاكتىپ ھەمكارلىشىشى كېرەك. ئىجتىمائىي نازارەتچىلىك، ئەدلىيە نازارەتچىلىكى، مەمۇرىي تەپتىش ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش تارماقلىرىنىڭ مەخسۇس نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇپەتتىشلىك قوشۇنى قۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك مۇپەتتىشلىك ئاپپاراتلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى (مەمۇرىي مەھكىمە)، مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى، مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى تەپتىشلەپ باھالىشى، مائارىپ تەپتىشلىكى مەسئۇلىيەت رايونى قۇرۇپ، تەپتىشلەش، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش تۈزۈمى، سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىش تۈزۈمى ۋە نازارەت قىلىپ جاۋاپكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. مائارىپتا كۈچلۈك ناھىيە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە (شەھەر) لەرنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، «ئىككى ئاساسەن» نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە يۈكسەلدۈرۈش، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يۇقىرى سەۋىيىلىك، يۇقىرى سۈپەتلىك ئومۇملاشتۇرۇش ئاساسىدا، رايون ئىچىدىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مائارىپنىڭ ماس تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ يىرىك پىلانىدىكى نىشانغا ئۆز قەرەلىدە يېتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

(58) مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە ساھە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، جازالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى تەڭ تۇتۇش، ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئىستىلى - پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تەربىيە بېرىش،  نازارەت  قىلىش، ئىسلاھ قىلىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالاش كېرەك. مائارىپنى قاتتىق باشقۇرۇش، باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەمۇرىيەت ۋە مەكتەپ ئىشلىرىدا ئاشكارە بولۇش كېرەك. ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك.

21-باب تەشكىلىي رەھبەرلىك

(59) مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ئادەم كۈچى بايلىقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى بىرىنچى بايلىق، مائارىپ ئادەم كۈچى بايلىقىنى ئېچىشتىكى مۇھىم يول. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش،  ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇھىم مەسئۇلىيەت قىلىپ، مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مائارىپ ئىشلىرىنى  ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ نەتىجىسىنى سىناشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، سىناش مېخانىزمى ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مائارىپ خىزمىتى ئەھۋالىنى تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ياكى ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا قەرەللىك دوكلات قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك كوللېكتىپى ئەزالىرى نۇقتا بېكىتىپ  مەكتەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىشى كېرەك.

(60) مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. سوتسىيالىستىك سىياسىئونلار، مائارىپچىلار مائارىپ باشقۇرۇش تەلىپى بويىچە، پارتكوم (پارتگۇرۇپپىسى) رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلارنى پارتىيە باشقۇرۇش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە تەشكىلاتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەكتەپلەردە پارتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، مۇنەۋۋەر ياش ئوقۇتقۇچىلار ۋە مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىن پارتىيىگە ئەزا قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، مەكتەپنىڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ۋە پىئونېرلار ئەترىتى خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مەكتەپ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تەپتىشلەش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەكتەپ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىدىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەكتەپ خىزمىتىدىكى سىياسىي يادرولۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك، پۇقراۋى مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيىلەش، باشقۇرۇش مېخانىزمى، پارتىيە تەشكىلاتى ئۆگىنىش تۈزۈمى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيىلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە تەشكىلاتىنى ئۆگىنىشچان تەشكىلات قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

(61) مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ فۇنكسىيىلىك تارماقلىرى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. تەشكىلات تارماقلىرى مائارىپ سىستېمىسىنىڭ كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، كەسىپكە پىشقان كادىرلارنى تاللاپ، مەكتەپنىڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپىغا تولۇقلىشى كېرەك. تەشۋىقات تارماقلىرى پارتىيىنىڭ مائارىپ فاڭجېن-سىياسەتلىرى ۋە مائارىپ خىزمىتى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، مائارىپ تەرەققىياتىغا ياخشى جامائەت پىكرى مۇھىتى يارىتىشى كېرەك. تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، مالىيە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى مەكتەپلەرنىڭ ئاساس قۇرۇلۇشى، خىراجەت سېلىنمىسى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى جەھەتلەردە مايىللىشىش ۋە يار-يۆلەك بولۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

(62) مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقى ۋە مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، مائارىپقا دائىر ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەر مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ، دېگەن پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى تەكشۈرۈش، پەسەيتىش مېخانىزمى، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ماجىرالارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى؛ بىخەتەرلىك-قوغداش تۈزۈمى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەم، ماددىي ۋە تېخنىكا جەھەتتىن ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى؛ مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىك، تازىلىق، يېمەكلىك ۋە قاتناش بىخەتەرلىكى تەربىيىسى ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ۋەقە كۆرۈلۈشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىددىي ئەھۋالدا خەۋپتىن ساقلىنىش ۋە قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى كېرەك.

22-باب يولغا قويۇش

«مائارىپ يىرىك پىلانى تېزىسى» ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىللىق مائارىپ ئىشلىرى ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىدىكى پروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، ۋەزىپىسى ئېغىر، تەلىپى يۇقىرى، شۇڭا پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، تۈرلۈك نىشان، ۋەزىپىلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 

«مائارىپ يىرىك پىلانى تېزىسى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇش ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى «مائارىپ يىرىك پىلانى تېزىسى»نى يولغا قويۇشتىكى بىرىنچى جاۋابكار. جايلار، تارماقلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، «مائارىپ يىرىك پىلانى تېزىسى»دىكى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەلەپ بويىچە، نىشان - ۋەزىپىلەرنى تەسىملەپ، ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «مائارىپ يىرىك پىلانى تېزىسى»نىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، يولغا قويۇلۇشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر مۇناسىپ يولغا قويۇش لايىھىسى ۋە يانداش سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «مائارىپ يىرىك پىلانى تېزىسى»دىكى ئومۇمىي تەلەپ بويىچە، قەدەم - باسقۇچقا بۆلۈپ يولغا قويۇشى كېرەك. جايلارنىڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، خىزمەتلەرنى ئىجادىي ئىشلىشىگە ئىلھام بېرىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، سىياسىي كېڭەشلەر «مائارىپ يىرىك پىلانى تېزىسى»نى يولغا قويۇش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە نازارەتچىلىك قىلىشى كېرەك. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى جامائەت پىكرى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

قوشۇمچە ھۆججەت 1:
   تەشكىللەپ يولغا قويۇلىدىغان نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى

2010 - يىلىدىن 2012 - يىلىغىچە، مائارىپنى ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشقا مۇلازىمەت قىلدۇرۇشنى نىشان، ئاچقۇچلۇق ساھەلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارنى كۈچەيتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىدىكى ئىستراتېگىيىلىك نىشاننى چۆرىدەپ، مائارىپ ئادىللىقىغا تۈرتكە بولۇش، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى نەزەردە تۇتۇپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق مائارىپ قۇرۇلۇشىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش كېرەك.

1. «قوش تىل» تەربىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇشى. «قوش تىل» بالىلار باغچىسى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى «قوش تىل» ياتاقلىق مەكتىپى، مىللىي-خەنزۇ ئارىلاش ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ھەر قايسى ئوقۇش باسقۇچىدىكى «قوش تىل» تەربىيىسىنى تۇتاشتۇرۇش سىستېمىسى قاتارلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى يولغا قويۇش. «قوش تىل» ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەقىقىي ئىسمى بىلەن باشقۇرۇش سانلىق ئامبىرى ۋە سۈپەتلىك «قوش تىل» تەربىيەسى بايلىق ئامبىرى قۇرۇپ چىقىش.

2. ئاساس مائارىپنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى. شەھەر  - يېزىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي پىلانلاش، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش، تەكشى تەقسىملەش. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشى، چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىدا مەكتەپ سېلىش قۇرۇلۇشى، مىللىي-خەنزۇ ئارىلاش ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلۇشى، شەھەرلەردىكى ئاجىز مەكتەپلەر قۇرۇلۇشى، پەۋقۇلئاددە چوڭ سىنىپلىق مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش، «ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەر»نىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاش، ياش-ئۆسمۈرلەر پائالىيەت سورۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش. بىر تۈركۈم ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرىنى ياخشى قۇرۇپ چىقىش. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونى ئوقۇتقۇچىلىرى تۇرالغۇسى ۋە ئوبوروت ئۆي قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويۇش. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونىدىكى ئوقۇغۇچىلار، بولۇپمۇ ئۆيدە قېلىپ قالغان ئۆسمۈرلەرنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاش.

3. كەسپىي مائارىپ ئاساس ئىقتىدار قۇرۇلۇشى. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساس ئىقتىدار قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويۇپ، قەشقەر بىلەن قورغاستىن ئىبارەت ئىككى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق جايلارنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ۋە ئاجىز ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، كەسپىي مائارىپ رايونى قۇرۇلۇشى تۈرىنى كۈچەيتىپ، سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن ئېچىۋېتىپ ئورتاق بەھرىمەن بولۇش. بىر تۈركۈم ئۈلگە خاراكتېرلىك ئوتتۇرا، ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر ئەۋزەللىككە، ئۆزگىچىلىككە ئىگە مەشىق بازىلىرىنى قۇرۇپ چىقىش. كەسپىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، «قوش سالاھىيەتلىك» ئوقۇتقۇچى، «داڭلىق ئوقۇتقۇچى» ئوقۇتۇش كوللېكتىپى قۇرۇلۇشى پىلانىنى يولغا قويۇش. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپنى ھەقسىز قىلىش تۈرىنى يولغا قويۇش.

4. ئالىي مائارىپنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى. ئوتتۇرا - غەربىي رايونلارنىڭ ئالىي مائارىپىنى گۈللەندۈرۈش پىلانى، شىنجاڭنىڭ ئالىي مەكتەپ قۇرۇلۇشىغا سىستېمىلار بويىچە ياردەم بېرىش پىلانى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساس ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش ماكانىنى كېڭەيتىش پىلانى، ئاسپرانتلار بازىسى قۇرۇلۇشى، شۇنىڭدەك ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقاتى ئورۇنلىرى بىرلىشىپ ئاسپرانت تەربىيىلەشتە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش. «211 قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇش، ئۆزگىچە پەن، نۇقتىلىق پەن، قىس ئىختىساسلىقلار كەسپىي قۇرۇلۇشى تۈرى، نۇقتىلىق تەجرىبىخانا، نۇقتىلىق تەتقىقات بازىسى، ئاممىۋى پراكتىكا بازىسى قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويۇش.

5. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى. مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەربىيىلەش، «قوش تىل» تايانچ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش، مەكتەپنىڭ ئۆزىدە تەربىيىلەش، ئۇچۇر تېخنىكىسى بويىچە تەربىيىلەش ۋە مەكتەپ مۇدىرلىرىنى بىلىم ئاشۇرۇشقا تەشكىللەش تۈرلىرىنى يولغا قويۇش. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا «قوش تىل» ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىش پىلانى، پىداگوگىكا مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەقسىز تەربىيىلەش پىلانىنى يولغا قويۇش. دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىغا سىستېمىلار بويىچە ياردەم بېرىش خىزمەت لايىھىسىنى يولغا قويۇپ، سىستېمىلار بويىچە ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەر ئوقۇتقۇچىلارنى شىنجاڭدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا ئەۋەتىش، شىنجاڭدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى ئىچكىرىدىكى ئالاقىدار ئۆلكە، شەھەرلەرگە بېرىپ تەربىيىلىنىشكە ئەۋەتىش. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ پسىخىكا ساغلاملىقى تەربىيىسى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش بازىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش.

6. مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى.  ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە كومپيۇتېرنى ئومۇملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يىراقتىن تەربىيىلەش جامائەت مۇلازىمىتى سۇپىسى ۋە شەھەر-يېزىلارغا ئومۇملاشقان يىراقتىن تەربىيىلەش تورىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئۈنۈملۈك، ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان رەقەملىك ئوقۇتۇش بايلىقى ئامبىرى قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويۇپ، زامانىۋى يىراقتىن تەربىيىلەشنىڭ «ئۈچ خىل ئەندىزىسى»نىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنىڭ مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋە ئۇنى قوللىنىش سەۋىيىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش.

7. مائارىپتىكى خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق قۇرۇلۇشى.  خەنزۇ تىلىنى خەلقئاراغا كېڭەيتىش ئوتتۇرا ئاسىيا بازىسى قۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەردە كۇڭزى ئىنستىتۇتى، ئوتتۇرا مەكتەپ كۇڭزى دەرسخانىسى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى قوللاش. چەت ئەلدىن بىر تۈركۈم يۇقىرى قاتلاملىق  ئىختىساسلىقلار، چەت ئەل مۇتەخەسسىسلىرىنى كىرگۈزۈش پىلانىنى يولغا قويۇش. تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى چەت ئەلدە بىلىم ئاشۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇيدىغانلارنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش. شىنجاڭغا كېلىپ ئوقۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، چەت ئەلدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا ھۆكۈمەت مۇكاپات پۇلى بېرىش قاتارلىق ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چەت ئەلدىن شىنجاڭغا كېلىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش.

8. ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى. «قوش تىل» بالىلار باغچىسى بالىلىرىغا تاماق ياردەم پۇلى بېرىش، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا تۇرمۇش خىراجىتى ياردىمى بېرىش ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش تۈرىنى يولغا قويۇش. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپتا ئوقۇش ھەققى ئالماسلىق تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى دېھقان-چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردە ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ئاساسىدا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى دېھقان-چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردە ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش. ئالىي مەكتەپلەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار، يېزا ئىگىلىكى، كۆمۈرچىلىك قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك جاپالىق كەسپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋە پىداگوگىكا مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويۇش. ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئاسپرانتلارنى ئوقۇشقا ياردەم بېرىش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈش. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوزۇقلىنىشىنى ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويۇش.

9. مائارىپتا سىستېما بويىچە ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى. «قوش تىل» تەربىيەسى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا سىستېما بويىچە ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى تۈرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش. ئىچكىرىدىكى ئۈلگىلىك ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر، ئۈلگىلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر شىنجاڭدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرگە سىستېما بويىچە ياردەم بېرىش پىلانىنى يولغا قويۇش. ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە سىستېما بويىچە ياردەم بېرىش پىلانىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. ئىچكىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەكتەپ مۇدىرلىرى، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلىرىنى شىنجاڭنىڭ مائارىپىغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىش پىلانىنى باشلاش. ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شنجاڭغا كېلىپ پىراكتىكا ئارقىلىق مائارىپقا ياردەم بېرىش پىلانى ۋە غەربىي رايون پىدائىيلىرىنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىش پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويۇش. ئاپتونوم رايوندىكى شەھەر-بازار ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى مەكتەپلەرگە سىستېما بويىچە ياردەم بېرىش پىلانى ۋە شەھەر-بازار مەكتەپلىرىنىڭ مۇدىرلىرى، ئوقۇتقۇچىلىرى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى مەكتەپلەرگە بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەش، ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش پىلانىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. چەت، يىراق، نامرات جايلارنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىغا نۇقتىلىق مەدەت بېرىش پىلانىنى يولغا قويۇش.

10. مائارىپ باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى. مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، مەكتەپ شۇجىلىرى، مۇدىرلىرى، ئوقۇتۇش باشقۇرغۇچىلىرى، كافېدىرا خادىملىرى، سىنىپ مۇدىرلىرى، يېتەكچىلەر، بالىلار باغچىسى مۇدىرلىرىنى تەربىيىلەش پىلانىنى يولغا قويۇش.

قوشۇمچە ھۆججەت 2:
ئاتالغۇلارغا ئىزاھات

1. 15 يىللىق مائارىپ: ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى  ئىلگىرىكى ئۈچ يىللىق تەربىيە، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى ۋە تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى ئۈچ يىللىق مائارىپنى كۆرسىتىدۇ.

2. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست: قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنى كۆرسىتىدۇ.

3. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست: قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنى كۆرسىتىدۇ.

4. بەش ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاست ۋە سەككىز ناھىيە، بىر شەھەر: قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، خېجىڭ ناھىيىسى، لوپنۇر ناھىيىسى، چاقىلىق ناھىيىسى، ئاراتۈرۈك ناھىيىسى، بارىكۆل ناھىيىسى، تۇرپان شەھىرى، توقسۇن ناھىيىسى، مورى ناھىيىسى، ئارشاڭ ناھىيىسىنى كۆرسىتىدۇ.

5. مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى. ئوقۇش يىلىدا مەلۇم دەرىجىدىكى مائارىپتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇناسىپ ئوقۇش يېشىدىكى ئاھالە ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ مائارىپنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم ھېسابلىنىدۇ.

6. ئاساسلىق ئەمگەك يېشىدىكى ئاھالە: ئەمگەك يېشىدىكى ئاھالە مۇئەييەن ئەمگەك زىچلىقى تەلىپىدىكى ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قورامىغا يەتكەن ئاھالىنى كۆرسىتىدۇ، قورامىغا يەتكەن ئاھالە ئومۇمىي سانىدىن قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە يېشىغا توشقان ئاھالىنىڭ سانىنى چىقىرىۋەتكەندە، قالغانلار ئاساسلىق ئەمگەك يېشىدىكى ئاھالە بولىدۇ. خەلقئارا تەشكىلاتلار، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر 25 ياشتىن 64 ياشقىچە بولغان ئاھالىنى ئاساسلىق ئەمگەك يېشىدىكى ئاھالە دەپ بېكىتكەن، دۆلىتىمىز 20 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغان ئاھالىنى ئاساسلىق ئەمگەك يېشىدىكى ئاھالە دەپ بېكىتىپ كەلمەكتە.

7. «قوش گۇۋاھنامە تۈزۈمى»: كەسپىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى بىلەن مۇناسىپ كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشىش تۈزۈمىنى كۆرسىتىدۇ.

8. «قوش سالاھىيەتلىك» ئوقۇتقۇچى: بىرلا ۋاقىتتا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى بىلەن كەسپىي سالاھىيەتنى ھازىرلاپ، كەسپىي مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ.

9. تىزىملاپ قوبۇل قىلىش تۈزۈمى: مۇئەييەن مائارىپ ساھەسى ياكى مەكتەپلەر بەلگىلىك سالاھىيەتنى ھازىرلىغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغاندا، ئۇلارنى بىۋاسىتە تىزىملاپ ئوقۇتۇش تۈزۈمىنى كۆرسىتىدۇ.

10. ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى گۇۋاھنامىسى تۈزۈمى: دۆلەتنىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتا يولغا قويغان بەلگىلىك كەسىپ ئىجازىتى تۈزۈمىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ئوقۇتۇش بىلەن مەخسۇس شۇغۇللىنىدىغان خادىملارنىڭ كەسىپ ئىجازىتىگە قويۇلغان ئاساسىي تەلەپ، پۇقرالارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئىش ئورنىغا ئېرىشىشىدىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئالدىنقى شەرت ھېسابلىنىدۇ.

11. «قوش تىل» تەربىيەسى: ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا، دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقى بىلەن شۇ مىللەتنىڭ تىل-يېزىقىنى قوللىنىپ دەرس ئۆتۈلىدىغان بىر خىل ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنى كۆرسىتىدۇ.

12. «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرى: ئاز سانلىق مىللەت «قوش تىل» سىنىپلىرىدا مۇناسىۋەتلىك دەرسلەرنى دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقىدىن ياكى ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقىدىن پايدىلىنىپ ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ.

13. تۆت كەسپىي مائارىپ رايونى: بىرىنچى كەسپ كەسپىي مائارىپ رايونى، ئىككىنچى كەسپ كەسپىي مائارىپ رايونى، ئۈچىنچى كەسپ كەسپىي مائارىپ رايونى ۋە نېفىت خىمىيە سانائىتى كەسپىي مائارىپ رايونى.

14. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى مەكتەپلەرگە «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئالاھىدە تەربىيىلەپ بېرىش پىلانى: جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بەش ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاست ۋە باشقا نامرات ناھىيىلەردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ھەقسىز تەربىيىلەش، نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش شەكلىنى قوللىنىپ، تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ۋە پىداگوگىكا ئوتتۇرا تېخنىكومىدىن ئىبارەت ئۈچ قاتلام بويىچە لاياقەتلىك «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ.



مەنبەسى:شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   cctv520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-7 01:05 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87856
يازما سانى: 416
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2285
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 339 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 08:50:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




دوستلاردىن بىر نەرسىنى سوراپ باقاي مىسرانىم موكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىگە بىر ئەسەر يازغان ،ھەممىنى پۈتتۈرۈپ ئازلا قالغاندا قولۇم مائوسقا تېگىپ كېتىپ ھەممىسى يوقاپ كەتتى.ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇللىرى بولسا دەپ بەرسەڭلار بىركۈنلۈك ئەجرىم ھەممىسى بىكار بوپ كەتتى.

باشقىلارغا تەبە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 1426
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8968
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 6374 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 09:05:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەلق رازى بولغىدەك مائارىپ سېستىمىسى بارلىققا كەلسە بەك ياخشى بۇلاتتى. سىياسەت توختىماي تۈزىلىپ مېڭىۋىردۇ.ئوقۇتقۇچىلار توختىماي ئىجىرا قىلىۋىردۇ.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2492
يازما سانى: 230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10453
تۆھپە نۇمۇرى: 463
توردا: 426 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 09:22:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىكەن تىما يۇللىغۇچىغا رەخمەت

ئەرنىڭ مىڭلارچە دۈشمىنى بولمىسا كۈنىگە مىڭ قېتىم غەيۋىتى بولمىسا،ئۇ قانداق ئەر بولسۇن؟ قارا ، مىڭ ئىتنىڭ ئۈنىنى ئاڭلاپ قېچىپ كەتكەن بۆرە بۆرە بولامدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42929
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3933
تۆھپە نۇمۇرى: 242
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2011-6-2
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 09:36:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن يىرىك پىلانكەن،ئۇقۇغۇچە گەللىرىمنى ئاجايىپ جىراپ كەتتى...............

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87439
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 405
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2012-11-19
ئاخىرقى: 2013-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 09:38:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77212
يازما سانى: 454
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4674
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 09:42:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   مائارىپ ئارقىلىق تەرەققىي قىلسا مىلەتنىڭ ساپاسىمىۇ يۇقۇرى كۆتۇرلىدۇ ! ئەمما كىيىنىكى تەرەقىياتىنىمۇ ئويلىماي بولمايدۇ! مەسىلەن : ئىكىلوگىيلىك تەڭپۇڭلۇق . تىل ، دىن  ، يېزىق ،مىللەت،ئىرق قاتارلىقلار ۋە شۇ يەرنىڭ تەبىئى ھارائىتى  نى ئويلىشىپ پىلان تۇزۇزش كىرەك بولمسا دارۋېنىڭ تەدىرىجى تەتىقىيات نەزىرىيسى بويچە ئىش قىلغاندەك بوپ قالدۇ ! كىيىن تىلنى ۋە باشىقا ئۇقۇملارنى ئەسىلىگە كەلتۇرگىلى بولمايدۇ ھەممە ئۆزىگە سىزغان چەمبىركىدە ياشايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67489
يازما سانى: 768
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4078
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 285 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 09:54:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاز مىللەتلەردىم تەركىپ  تاپقان مەكتەپلەر بىلەن خەنزۇلار ئوقۇۋاتقان مەكتەپنى بىرلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس  قىلىش .....     مەن   ھەرگىز  تەشەببۇس  قىلمايمەن  ،  خەلىق  بۇلارغا قانچىلىك  دەرىجىدە رازى  ؟  بۇنى كۆڭلىدە بىلىدۇ ، سىرىتقا  چىقارسام سىياسەتنىڭ قالپىقى بار  دەپ قاراريدۇ  ....  مىنىڭچە بۇ قانۇننىڭ  نۇرغۇن يەرلىرى خەلىقنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىدۇ ، ئامال  بار  ئوقۇپ  چىقىڭلار ،...

بىر پارچە ئوت بولۇپ مۇھتاجنىڭ تىنىگە ھارارەت ئېلىپ كىلەلسەم شۇمىنىڭ بەختىم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش