مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 715|ئىنكاس: 0

( دولان ) تۇرالغۇ فوندىدىن كىم ھەقىقى مەنپەئەتلىندۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90831
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1848
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2013-1-29
ئاخىرقى: 2013-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 10:10:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرالغۇ فوندىدىن كىم ھەقىقى مەنپەئەتلىندۇ ؟ۋاڭ يوڭدولان ترجىمىسى   ئون نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، « تۇرالغۇ كاپالىتى » دىگەن چىرايلىق تاج كېيدۇرىلگەن تۇرالغۇ جامائەت فوندى تۇزىمىدىن دۆلەت يانتاياق بولىۋاتقان دۆلەتنىڭ مۇنۇپۇل كارخانىسى بولغان سودا بانكىسى ۋە ھۆكۇمەت ھەقىقى مەنپەئەتلەندى. بۇ خىل ئاشكارا بولغان مەخپىيەتلىك ھىلىھەم داۋام قىلىۋاتىدۇ؛شۇنىڭ ئۇچۇن گوۋۇيۇەندىن تۇرالغۇ جامائەت فوندى تۇزىمىنى بىكار قىلىشنى تەكلىۋى بىرىش لازىم.   تۇرالغۇ جامائەت فوندى بولسا بىر خىل غەلىتى تۇزىم بولۇپ، ھەر يىلى مەملىكەت بۇيىچە 100 مىليۇن ئادەم تاپشۇرغان جامائەت فوندى سوممىسى 4 تىرلىيۇن يۇەنگە يىتىدۇ، بۇنىڭدىن 2 تىرلىيۇن يۇەننى قەرىز بەرگەن؛ « 12-بەش يىللىق پىلان »نىڭ ئاخىرىغا بارغاندا 6 تىرلىيۇن 690 مىليارت يۇەنگە يىتىپ، قالدۇق 3 تىرلىيۇن580 مىليارت يۇەنگە يىتىدۇ، بۇ ناھايىتى چوڭ سان بولۇپ، كۇرىنىشتە بىرخىل تۇرالغۇ كاپالەت تۇزىمى ھىساپلىنىپ، ئۆي سەتىۋەلىشقا تۇۋەن ئۇسىملىك قەرىز بىرىلىپ، پۇل تاپشۇرغۇچى مەنپەئەتلەنگەندەك قىلسىمۇ، بىراق ئەمىلىيەتتە تۇرالغۇ جامائەت فوندىدىن ھەقىقى مەنپەئەتلەنگۇچى پۇل تاپشۇرغۇچىلار ئەمەس، ئۇنىڭ يۇشۇرىن ماھايىتى بىزئويلىغاندىنمۇ نەچچە ھەسسە ئارتۇق.   تۇرالغۇ جامائەت فوندى تۇزىمىنىڭ جوڭگودا بارلىققا كىلىش سەۋەبىنى بىچارەپۇل تاپشۇرغۇچىلار ھەرگىز ئويلاپ يىتەلمەيدۇ، 1995-يىلى 5-ئايدا شاڭخەي شەھرى سىنگاپورنىڭ مەركىزىي جامائەت فوندى تۇزىمىدىن ئۆلگە ئېلىپ، ئالدى بىلەن تۇرالغۇ جامائەت فوندى تۇزىمىنى تۇرغۇزغان، كىين بىيجىڭ، تىئەنجىن، نەنجىڭ، ۋۇخەن قاتارلىق شەھەرلەر يولغا قويغان، بۇنى تەسىس قىلىشتىكى ئاساسىي مەخسەت تۇرالغۇ قورۇلىش قەرزى تارقىتىپ، تۇرالغۇ مەسىلىسى ۋە قورۇلىش مەبلىغى قىس بولىش زىددىيتىنى ھەلقىلىش ئىدى؛ بىراق كىيىنكى ئەھۋاللار كۆپچىلىككە ناھايتى ئايدىڭ.   ئۆي-مۇلىك كەسپى زور پايدا تاپىدىغان كەسىپ بولۇپ، دۆلەتنىڭ قوللىشى بىھاجەت، شۇڭا 1999-يىلى4-ئايدا گوۋۇيۇەن « تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقورۇش نىزامى » نى ئېلان قىلىپ، تۇرالغۇ قورۇلىش قەرزى تارقىتىشنى توختىتىپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرىز تارقىتىش سالمىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. بۇنىڭ بىلەن تۇرالغۇ جامائەت فوندىنىڭ خەرەكتىرى  ئۆزگىرىپ ھۆكۇمەت ۋە سودا بانكىسى ھەقىقى مەنپەئەتلەنگۇچىگە ئايلاندى. ھۆكۇمەت بىلەن سودا بانكىسى قانداق قىلىپ تۇرالغۇ جامائەت فوندىدىن مەنپەئەتلىنىدۇ؟   دۆلەتنىڭ بەگۇلىمىسىگە ئاساسەن، ئىشچى-خىزمەتچىلەر تاپشۇرغان تۇرالغۇ جامائەت فوندىنىڭ يىللىق ئۇسىمى %1.2 بولۇپ، پۇل تاپشۇرغۇچى قەرىز ئالسا ئاشۇ نىسبەت بۇيىچە ئۇسۇم تۇلەيتى، بىراق تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقورۇش مەركىزى بۇپۇلنى بانكىغا ئامانەت قويۇپ %2.33 پىرسەنللىك ئۇسۇمگە ئېرىشىپ ئارىلىقتىن بىرپوئېنىت ئۇسۇمنى پايدا ئېلىش بىلەن بىرگە كۆپ مىقداردا زايۇم سەتىۋەلىپ قوش مەنپەئەتكە ئېرىشتى؛ « تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقورۇش نىزامى » نىڭ29-ماددىسىدىكى بەلگۇلىمىگە ئاساسەن، بۇ ئۇسىم پايدىسى پۇل تاپشۇرغۇچىلارغا قايتۇرىلماي، ھۆكۇمەت مالىيىسىگە تاپشۇرىلدى، ئاشۇ ئاتالمىش 29-ماددا دۆلەتنىڭ «مۇلۇك ھوقۇقى قانۇنى » دىكى « ئۇسۇم ئەسلى ئىگىسىگە تەۋە » دىگەن پىرىنسىپقاخىلاپ. بىراق ھۆكۇمەت تەرەپ « ھۆكۇمەت بولسا تۇرالغۇ جامائەت فوندىنىڭ خەيىم-خەتىرىگە كىپىل بولغۇچى ۋە تۇلۇقلىما بەرگۇچى، تۇرالغۇ جامائەت فوندىنىڭ كۇپەيگەن ئۇسۇم نىسبىتىنى تۇلىقلىما قىلىدۇ » دەپ چۇشەندۇردى، ئەمىلىيەتتە ھۆكۇمەت تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى مەجبۇرىي يىغىپ ئۇزى ئاشۇ خەيىم-خەتەرنى پەيدا قىلىپ قوغداش ھەققى ئېلىشى، پوقنى ئوسۇرۇق بىلەن باسۇرغانلىق خالاس.   نۆۋەتتە پۇتۇن مەملىكەتتىكى تۇرالغۇ جامائەت فوندىنىڭ 43 مىليارىت 500مىليۇن يۇەنلىك ساپ پايدىسى يەرلىك ھۆكۇمەتنىڭ چۆنتىكىگە كىرىپ كەتتى، ھۆكۇمەت ئەرزان ئىجارىلىك ئۆي سەلىشتا مالىيەدىن چىقىردىغان قىسمىغا تولۇقلىما قىلىپ،يەرلىك مالىيەنىڭ يۇكىنى يەڭگىللەتتى؛ « 12-بەش » يىللىق پىلاندا، تۇرالغۇ جامائەت فوندىنىڭ خەيىم-خەتەر قىسمىنى چىقىرىۋەتكەندىن كىيىنكى 14 مىليارىت يۇەن ساپ پايداھۆكۇمەتكە قالىدۇ.  بەزى يەرلىك ھۆكۇمەت ياكى ھۆكۇمەت ئورۇنلىرى بۇ پايدىغا قانائەت قىلماي،تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ تەخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتى. مەسىلەن تۇمۇريول سىستىمىسىنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقورۇش سىستىمىسى مۇستەقىل پادىشاھلىق بولۇپ 6 مىليارىت يۇەن تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى قالايمىقان ئىشلەتكەنلىكى ئېنىقلاندى.   دۆلەت ئېلكىدىكى سودا بانكىسىغا قارايدىغان بولساق، مەركىزىي بانكىنىڭ بەلگۇلىمىسىدە،تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقورۇش مەركىزى بۇ پۇلنى ۋاكالىتەن باشقورۇشنى ھاۋالە قىلغان بانكا سودا-سانائەت بانكىسى، جوڭگو بانكىسى، يىزا ئىگلىك بانكىسى، قورۇلىش بانكىسى ۋە قاتناش بانكىسى قاتارلىق بەش بانكا بولۇپ، ئۇلار تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى تۇۋەن ئۇسۇملىك ئامانەت قويۇش ھوقۇقىغا ئىگە. ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندىنىڭ يىللىق ئۇسۇمى %2.33 پىرسەنىت بولسىمۇ، بىراق ئۇلار بۇ پۇلنى سوداساھەسىگە %7پىرسەنىتدىن يوقۇرى ئۇسۇم بىلەن قەرىز بىرىپ ئارلىقتىن %5 پىرسەنىتدىن يوقۇرى پايدائەلىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە تۇرالغۇ جامائەت فوندىنىڭ قالدۇقى 2 تىرلىيۇن يۇەندىن ئارتۇق بولۇپ، بانكا پايدىسى 1 تىرلىيۇن يۇەندىن ئاشىدۇ. 2012-يىلى سودا بانكىسىنىڭ پايدىسى 10 تىرلىيۇن يۇەن بولۇپ، تۇرالغۇ فوندىدىن ئالغان پايدىسى %10 پىرسەننى ئېگەللەيدۇ. ئەگەر تۇرالغۇ جامائەت فوندى تۇزىمىنى بىكار قىلسا، دۆلەت ئېگىلىكىدىكى سودا بانكىسى زور مەنپەتتىن قورۇق قالىدۇ. بۇنى ئازدىگەندەك سودابانكىسىنىڭ نەپسى تويماي يەنە ھەريىلى تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقورۇش مەركىزىدىن 5 مىليارىت يۇەن رەسمىيەت ھەققى ئالىدۇ؛ راستىنى ئەيىتقاندا سودابانكىسى تۇرالغۇ جامائەت فوندىنىڭ ھەقىقى خۇجايىنى، ئەمىلىيەتتە پۇتۇن مەملىكەتىكى 400 دىن ئارتۇق تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقورۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرلىرى سودا بانكىسىنىڭ چاكىرىغا ئايلىنىپ، 100 مىليۇندىن ئارتۇق تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى تاپشۇرغۇچىلار ھاماقەتكە ئايلىنىپ قالغان.   تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى تاپشۇرغۇچىلار ئىچىدە، بايلارنىڭ تۇرالغۇ پوندىدىن قەرىز ئېلىشقا ھاجىتى چۇشمەيدۇ، نامراتلارنىڭ ئۆي سەتىۋەلىشقا قۇربى يەتمىسىمۇ بىراق قەرىز ئالامايدۇ، شۇنداقتىمۇ يەنە داۋاملىق پۇل تاپشۇرىدۇ. پەقەت ئوتتۇراكىرىملىك پۇل تاپشۇرغۇچىلا تۇرالغۇ فوندىدىن قەرىزگە ئېرىشەلەيدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرزىدىن قانچىلىك نەپ ئالىدۇ؟ نۆۋەتتە تۇرالغۇ جامائەت فوندى قەرىز ئومۇمى سوممىسى 1 تىرلىيۇن 600 مىليارت يۇەن بولۇپ، 5 يىلدىن يوقۇرى قەرىزنىڭ ئۇسۇمى %4.5 پىرسەنىت بولۇپ، سودا قەرزىدىن %2 پىرسەنىت تۇۋەن،پۇل تاپشۇرغۇچىلار ئالىدىغان پايدا 32 مىليارت يۇەن بولۇپ، سودا بانكىسى ئالغان پايدىنىڭ 3/1 قىسمىنى ئېگەللەيدۇ. سودا بانكىسى ئەسلى مۇلازىمەت قىلغۇچى بولسىمۇ خۇجايىنغا ئايلىنىپ قالغان.    ئەلىۋەتتە يەرلىك ھۆكۇمەت ئەمەلدارلىرىمۇ سودا بانكىسىنىڭ پايدىدىن شەخسى مەنپەتلىنىشىگە قاراپتۇرمايدۇ، ئۇلار سودا بانكىسىنىڭ شۇ جايدىكى تۇر قورلىشىغاكۆپلەپ قەرىز بىرىشنى قولغا كەلتۇرىش ئۇچۇن، بانكا بىلەن يۇشۇرىن سودا قىلىپ،ئارىلىقتىن مەنپەت ئالىدۇ؛ چۇنكى  تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئامانىتىنى قولغا كەلتۇرگەن بانكا، شەپقەتچىسىگە شىرىنكانە بىرىدۇ.ئادەتتە 100 مىليۇن ئامانەتنى قولغا كەلتۇرسە، 450 مىڭ يۇەن مۇكاپات بىرىدۇ، ياكى %0.6-%1 نىسبەتتەمۇكاپات ئايرىپ بىرىدۇ؛ بۇنىڭغا  تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقورۇش ئورنىنىڭ مۇدىرى ياكى شۇنىڭغا مەسئۇل ھاكىم ياكى شۇجى بۇخىل ئىمتىيازدىن بەھرىمان بولىدۇ. پۇتۇن مەملىكەتتىكى  تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقورۇش مەركىزىنىڭ4/1 قىسىم مۇدىرىنى تەكشۇرگەندە، ئۇلارنىڭ چىرىكلىشىش ئەھۋالى كىشىنى چۇچىتىدۇ.    تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئېرىشىدىغان پايدىسى يوقنىڭ ئورنىدا، ئەڭ قورقۇنىچلىقى پۇل پاخاللىغىنىڭ تۇرالغۇ فوندىنىڭ قىممىتىنى چۇشۇرۋىتىشى، ھۆكۇمەتنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا جوڭگونىڭ پۇل پاخاللىقى2011-يىلى %4.9 پىرسەنىت بولسا 2012-يىلى %2.8 پىرسەنىت بولغان، چۇنكى كۆپلىگەن ئىشچى-خىزمەتچى پىنسىيىگە چىققاندىن كىيىن  تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى خاتىرجەم ئېلىشنى ئويلايدۇ، ئۇلار ئادەتتە بۇ پۇلنى 10 يىل، 20 يىل، ھەتتا 30 يىل تاپشۇرغان، چۇنكى ھەر يىللىق پۇل پاخاللىقى %3 بۇلسا 30 يىلدىن كىيىن تاپشۇرغان پۇلنىڭ قىممىتى يۇقاپ، ھۆكۇمەت مالىيىسىدە كىرىزىس يۇزبىرىپ، پۇل تاپشۇرغۇچىلار قورۇق تالۇنغا ئىگە بولۇپ قالىدۇ.    تۇرالغۇ جامائەت فوندى تۇزىمى كارخاننىڭ يۇكىنى ئېغىرلاشتۇرۋەتكەن بولسىمۇ،بىراق پايدىسى ھۆكۇمەت ۋە بانكىغا بولدى، شۇنىڭ ئۇچۇن خەلق باشقۇرىشتىكى كارخانىلارنىڭ بۇ پۇلنى تاپشۇرىش ئاكتىپچانلىقى بولمىدى، چۇنكى بەشخىل سوغۇرتىنى تاپشۇرىش بەسىمى، كارخاننىڭ يۇكۇنى ئاشۇرىپ، رىقابەت ئىقتىدارىنى تۇۋەنلىتىۋەتتى. بىراق دۆلەت ئېلكىدىكى مونۇپۇل كارخانىلار تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى تاپشۇرۇشقا بەك ئاكتىپ، ئەينى ۋاقىتتا گوۋۇيۇەن كارخانىلارنىڭ  تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى تاپشۇرىشقا ئىلھام بەرگەندە، ئەڭ تۇۋەن ۋە ئەڭ يوقۇرى چىكىنى بىكىتمىگەن بولۇپ،ئاخىىردا بۇ تۇزىم دۆلەت ئېلكىدىكى مۇنۇپول كارخانىدىكى يوقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار پاراۋانلىقنىڭ يۇشۇرىن يولىغا ئايلىنىپ قالغان ۋە بۇنىڭدىن باج ئېلىنمىغان.   نۆۋەتتە نىفىت شىركىتى، تىلگېراف شىركىتىنىڭ يوقۇرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىللىرى ھەر يىلى 400 مىڭ يۇەنلىك  تۇرالغۇ جامائەت فوندى تاپشۇرىدۇ، ھەتتا بەزى ئايدا 100 مىڭ يۇەن تاپشۇرۇشى، ھازىر يىڭىلىق ئەمەس.     بىراق جوڭگو پەن-تەخنىكا ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ بىر بۇلىك ئاكادىمىكلىرى  تۇرالغۇ جامائەت فوندى تۇزىمىگە قارشى، چۇنكى بەلگۇلىمگە ئاساسەن ئۇلار بۇ پۇلنى پىنسىيىگە چىققاندىن كىيىن ئالالايدۇ، بىراق ئۇلار ئۇمۇرلىك پارافپىسۇر بۇلۇپ، ئۇمۇر بۇيى پىنسىيىگە چىقمايدىغان بولغاچقا  تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى مەڭگۇ ئالالمايدىغانلىقىنى چۇشەندىردۇ.     ئەينى ۋاقىتتا بىز  تۇرالغۇ جامائەت فوندى تۇزىمىنى سىنگاپوردىن ئۇگەنگەن بولساقمۇ، بىراق سىنگاپور  تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق پۇتۇن پۇخرانىڭ ئۆي مەسىلىسىنى ھەلقىلدى، ئۇنىڭ ئەكسىچە بىز تۇرالغۇ فوندىنى بىر پارچە لوق گوشقائايلاندۇرۇپ قويدۇق، بىز نىمە ئۇچۇن چۇشكۇنلىشىمىز؟  گەپنى 1999-يىلى تۇزۇلگەن«  تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقورۇش نىزامى » دىن باشلاشقا توغرا كىلىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا بۇنى مالىيە مىنىستىرلىگى،قورۇلىش مىنىستىرلىگى ۋە جوڭگو خەلق بانكىسى تۇزگەن بولۇپ، ھەر قايسىسى ئۆزمەنپەتىنى چىقىش قىلغان بولۇپ، ئاۋامنىڭ مەنپەتى ھەقىقى ئەكىس ئەتتۇرىلمىگەن.     يېقىندا ئاكسىيە نازارەتچىلىك ھەيئىتىنىڭ رەئىسى گو شۇچىڭ ئەپەندى «  تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى پاي چېكى بازىرىغاسالغاندىن كىيىن، پاي چېكى بازىرىنى جانلاندۇرالارمۇ؟ پاي چېكى بازىرى  تۇرالغۇ جامائەت فوندىنىڭ خەيىم-خەتىرىگەكاپالەتلىك قىلالامدۇ؟  بۇنىڭدا قانداق ھىلى-نەيرەڭ بارلىقىنى ھەچ بىلمىدىم » دەپ خىتاپ قىلدى.     گوۋۇيۇەنگە  تۇرالغۇ جامائەت فوندىتۇزىمىنى بىكار قىلىش تەكلىۋى بىرىش لازىم. مەنبە:http://www.21ccom.net/articles/dlpl/cjpl/2013/0206/76666.htm[ بۇ يازمىنى kadirdolan تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2013-3-7 10:28 AM ]
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, `* k" r" ]! q* a* U7 j3 H" _! U
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* ^( a' }- d! ~7 Z% {6 U[ بۇ يازمىنى kadirdolan تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2013-3-7 10:34 AM ]بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- `4 X6 Y! p, \
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# f( }9 Q( u' c, T* k$ o9 L' g
[ بۇ يازمىنى kadirdolan تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2013-3-7 01:17 PM ]بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# ^( \) x5 }4 w0 a

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; ]( _9 H# N+ J- h3 T/ B/ Z[ بۇ يازمىنى kadirdolan تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2013-3-7 01:38 PM ]بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# k! C4 }; Q  L0 e) T' f( f( w! `
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 W/ J, |) k2 z$ |$ `

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش