مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2131|ئىنكاس: 19

ئېرپان يارمۇھەممەت رىژىسورلىقىدىكى كارتون فىلىم 《DREAM》تولۇق نۇسخا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73822
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3391
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 196 سائەت
تىزىم: 2012-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 12:06:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم
مىسرانىم مۇنبىرىدىكى تورداشلار.
ياپونىيىدە كارتون فىلىم كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئېرپان يارمۇھەممەتنىڭ تۇنجى رىژىسورلۇق قىلغان فىلىمىنىڭ تولۇق نۇسخىسى بۈگۈن رىۋايەت تورىدا ئېلان قىلىنىپتۇ. كۆپچىلىكنىڭ بۇ ئوغلانىمىزنى تېخىمۇ قوللاپ قۇۋەتلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. كىشىنىڭ يۇرتىدا بۇنچىلىك قىلماق ئاسان ئەمەس.بولۇپمۇ ياپونىيىدەك كارتون تەرەققىي قىلغان دۆلەتتە بۇ سەۋىيىدىكى فىلىم بىلەن ئۇلار بىلەن تەڭ تۇرالىغانلىقى كىشىنى سۆيۈندۇرىدۇ.

رىۋايەت تورىدىن  ئېلىندى   http://rivayat.com
----------------------------------------------------------------------------------

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم رىۋايەت كارتون توربىتىدىكى كارتون ھەۋەسكارلىرى ۋە بارلىق تورداشلار.
مەن ياپونىيە دىگىتال ھوللىۋۇد ئۇنىۋېرستېتى كارتون فىلىم ئۇمۇمىي كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئېرپان يارمۇھەممەت بولىمەن.
مەن <كارتون فىلىمنىڭ جەننىتى> دەپ نام ئالغان ياپونىيىدە، 2008- يىلىدىن تارتىپ كارتون فىلىم ئۇمۇمىي كەسپى بويىچە ياپونىيىنىڭ دىگىتال ھوللىۋۇد ئۇنىۋېرسىتېتىدا تولۇق كۇرسنى ئوقۇپ پۈتتۈرۈپ، بۇ يىل غەلبىلىك ھالدا دىگىتال مېدىيا سودا مۇناسىۋەتلىرى تەتقىقاتى بويىچە ئۆز مەكتىپىمنىڭ ئاسپرانتلىقىغا قۇبۇل قىلىندىم. تولۇق كۇرسنى ئوقۇش جەريانىدا ياپونىيىنىڭ كارتون فىلىم ئىشلەش تېخنىكىسى، جەريانى شۇنداقلا دىگىتال مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق مەزمۇنلۇق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان كارتون فىلىم سودىسى ھەمدە ئەقلى ئەمگەك مال- مۈلىكىنى قوغداش قاتارلىق بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، ئەنئەنىۋىي قەغەز يۈزىدە ئىشلىنىدىغان كارتون فىلىم ئىشلەش تېخنىكىسىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، يېڭىچە دىگىتال تېخنىكىلار بىلەن بىرلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەيلى ئىشلەش سۈپىتى ياكى تارقىتىلىش، شۇنداقلا خەلقئارادىكى تەرسىر كۈچى جەھەتتە بولسۇن دۇنيادا بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن ياپونىيىنىڭ كارتون ساھەسىگە بولغان چۈشەنچەم ھەسسىلەپ ئاچتى. ھەمدە ئاسپرانتلىق تەتقىقاتىمنىمۇ كارتون فىلىم سانائىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش توغرىسىدا ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدىم.
دىگىتال ھوللىۋۇد ئۇنىۋېرستېتىدە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئۈچۈن، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىدىن سىرت، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئەسىرى ئىشلىنىدىغان بولۇپ، كارتون فىلىم ئۇمۇمىي كەسپىنىڭ پۈتتۈرۈش ئەسىرى كەسپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىغا ئاساسەن بىرقانچە گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ھەربىر گۇرۇپپا ئۆز ئالدىغا خالىغان ژانېردا ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئەسەر ئىشلەپ چىقىدۇ.مەن كارتون فىلىم ئۇمۇمىي كەسپىنىڭ بەشىنچى قارار تەتقىقات سىنىپىنىڭ باشلىقى ۋە فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى D.R.E.A.Mنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، غەلبىلىك ھالدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئەسىرى 《DREAM》نى پۈتتۈرۈپ چىقتىم.
بۇ ئەسەرنى ئىشلەش ئۈچۈن سەككىز ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن بولۇپ، ھېچقانداق ئىقتىسادىي ياردەم يوق ۋە كەم بولغان ئادەم كۈچى ئارقىلىق، بەش مىنوتلۇق قىسقا ۋەقەلىك فىلىمنى ئىشلەپ چىقىش، بىر ياقتىن ئىشلەپ بىر ياقتىن ئوقۇيدىغان چەتئەلدىكى ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئاسان توختىمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپونىيە سودا خاراكتېرىدىكى كارتون فىلىم ئىشلەش سەۋىيىسىدە ئىشلەپ چىقىش ئۈچۈن، مەيلى رەسىمنىڭ سۈپىتى ۋە ھەرىكەت جەھەتتىن بولسۇن، ئىنتايىن يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدۇ.بۇ فىلىمدا ياپونىيە كارتون فىلىملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى سىڭدۈرۈلگەن بولسىمۇ،لېكىن ياپونىيىنىڭ تېلېۋىزىيە كارتون فىلىملىرىغا ئوخشاش مۇرەككەپ كۆرۈنۈش ۋە قاملاشقان گۈزەل پىرسۇناژلار مەيدانغا چىقمىسىمۇ،ناھايىتى ئاددىي ۋە چۈشىنىش ئاسان بولغان كۆرۈنۈشلىرى بىلەن كۆرگۈچىلەرگە ئەسەر مەزمۇنىنى بايان قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
فىلىم ئىشلەشكە مەندىن باشقا فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىمىزدىكى تۆت ياپونىيىلىك دوستىمىز ۋە ئىككى خەنزۇ دوستىمىز قاتناشقاندىن سىرت، شىنجاڭدىن تۆت ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزمۇ قاتناشتى.ئۇلارغا ئىنتېرنېت ئارقىلىق بىر تەرەپتىن يېتەكچىلىك قىلىپ بىر تەرەپتىن ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ،كارتون فىلىمنىڭ تەرەققىياتى تېخى ئەمدىلا باشلىنىۋاتقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىدىكى بۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت يارىتىلدى دەپ ئويلايمەن.ئارقا كۆرۈنۈش، تولۇقلىما ھەرىكەت ۋە دىكۇراتسىيە (ئەسۋاب)لايىھىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز،مەن تۇنجى قېتىم رېژىسورلۇق قىلغان بۇ قىسقا فىلىمنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلىنىپ چىقىشىغا ناھايىتى چوڭ ياردەم بەردى.
فىلىمنىڭ مۇزىكىسىنى مېنىڭ دادام، يەنى داڭلىق كومپوزىتور يارمۇھەممەت جامالىدىن ئىشلىگەن بولۇپ، بۇ فىلىمنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك پۈتۈپ چىقىشىغا ئەڭ چوڭ ياردەم بەردى.بۇ فىلىمدا دىئالوگ يوق بولۇپ،پۈتكۈل مەزمۇن مەخسۇس ئىشلەنگەن مۇزىكىنىڭ ئورۇندىلىشىغا ئەگىشىپ داۋاملىشىدۇ.ئەمەلىيەتتە مۇزىكىلىق كارتون فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن كۆرۈنۈش ئىپادىلەشكە ناھايىتى يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدىغان بولۇپ، كۆرۈنۈش ياخشى ئىپادىلەنمىگەندە پۈتكۈل فىلىمنىڭ مەزمۇنىغا تەسىر يېتىش ئېھتىماللىقى زور.شۇنداقتىمۇ توختىماي ئۆزگەرتىش ۋە پىششىقلاش ئارقىلىق بۇ فىلىمنى كۆرۈپ چۈشىنەلەيدىغان ھالەتكە ئەكەلدىم دەپ ئويلايمەن.بۇ فىلىمنىڭ ھەركىتى ئاساسەن قەغەزگە سىزىلىپ، ئەنئەنىۋىي كارتون فىلىم ئىشلەش قائىدىسى بويىچە ئىشلەنگەن بولۇپ،جەمئىي 1000 پارچىدىن ئارتۇق ھەرىكەت رەسىمى ئىشلىتىلدى.ئادەم كۈچى جەھەتتە يېتىشمىگەنلىك ئۈچۈن، ئۈچ ئۆلچەملىك كومپيوتېر گىرافىكىنىمۇ بىللە ئىشلىتىشكە مەجبۇرى بولدۇق. ئەمما ئىككى ئۆلچەم ۋە ئۈچ ئۆلچەمنىڭ بىر كۆرۈنۈشتە ئىپادىلىنىشى ئۈچۈنمۇ تېخنىكا ۋە ئىپادىلەش جەھەتتە نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدۇق.
فىلىمنىڭ مەزمۇنى مۇنداق. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرى، ياۋروپادىكى مەلۇم دۆلەتتە دىرژابىل ياساش ئەۋج ئالغان ۋە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، لايىھىلىگۈچى ۋە ئۇچقۇچى گيورگىي بولسا داڭلىق دىرژابىل لايىھىلىگۈچى ئىدى. ئەمما خىزمەت ئېھتىياجى تۈپەيلى گيورگىي ئائىلىسگە، بولۇپمۇ ئوغلى ئالفرېدقا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كېتەلمىگەنىدى. ئالفرېدمۇ دىرژابىل ھەۋەسكارى بولۇپ، دادىسىدەك لايىھىلىگۈچى بولۇش ئۇنىڭ ئارزۇسى ئىدى.لېكىن ئالفرېد دادىسىغا ئۆزى لايىھىلىگەن DREAM(ئارزۇ) ناملىق دىرژابىلنىڭ چېرتيوژىنى كۆرسەتكىنىدە، دادىسى بىر كۆرۈپلا خاتا دېگەن بەلگىلەرنى يېزىپ، ئۇنىڭغا يېتەكچىلىكمۇ قىلمىغانىدى. بۇنىڭدىن مەيۇسلەنگەن ئالفرېد،ئۆز ھوجرىسىدا ئۆزى ئامراق قەغەز ئايروپىلاننى ئويناپ يېتىپ، ‹نېمىشقا دادام بۇنداق قىلىدۇ؟بۇرۇن ئۇ ئۇنداق ئەمەستى...›دېگەندەك خىياللار بىلەن ئۇخلاپ قالىدۇ.دەل مۇشۇ چاغدا ئويلىمىغان بىر ھادىسە يۈز بېرىدۇ..........
بۇ فىلىم 2013-يىلى 3- ئاينىڭ 3چى ۋە 4-كۈنلىرى دىگىتال ھوللىۋۇد ئۇنىۋېستېتىنىڭ پۈتتۈرۈش ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلىنىپ، مەيلى مەكتەپ ئىچىدىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار،ۋە ياكى ھەرقايسى ساھەدىكى كۆرگەزمىگە قەدەپ تەشىرىپ قىلغان مېھمانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.گەرچە ياپونىيىنىڭ تېلېۋىزىيە كارتون فىلىملىرىنىڭ يۇقىرى سەۋىيىسىگە يېتەلمىگەن بولسىمۇ،ئادەم كۈچى ۋە ئىقتىسادى مەنبە كەمچىل بولۇشتەك شارائىت ئاستىدىمۇ بۇنداق ياخشى باھاغا ئېرىشىشى مېنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كارتون فىلىم ئىشلەشكە بولغان ئىرادەمنى تېخىمۇ چوڭ ئىلھام بەردى ۋە چىڭىتتى.
بەلكىم بەزى ئۇيغۇر كارتون ھەۋەسكارلىرى ياكى تورداشلار مېنى نېمىشقا ئۇيغۇرچە كارتون فىلىم ئىشلىمەيدۇ دەپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.توغرا، تۇنجى بولۇپ ياپونىيىدە كارتون فىلىم كەسىپىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇيغۇرچە كارتون فىلىم ئىشلەپ ئۇنى خەلقئاراغا يۈزلەندۈرۈش مەن ئۈچۈن بۇرچ ئىدى.لېكىن ئىشلەش گۇرۇپپىسى ۋە مەكتەپ شارائىتىدا ئىتتىپاقلىق روھى ۋە ئورتاق بولغان تېمىنى تېپىپ چىقىش ئاساس بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاممىبابلىقى كۈچلۈك ۋە چۈشىنىشلىك بولغان فىلىمنى ئىشلەپ چىقىشنى قارار قىلىپ، بېلەت تاشلاش ئارقىلىق مۇشۇ تېما بېكىتىلىپ چىقتى.
بۇ فىلىمنى ئىشلەش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان تەجرىبىلەرگە ئىگە بولغاندىن سىرت، كارتون سىنارىيىسى ۋە كۆرۈنۈش ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىمۇ بىلىمىم ھەسسىلەپ ئاچتى.شۇڭا تورداشلارنىڭ ۋە كارتون ھەۋەسكارلىرىنىڭ توغرا كۆزقاراشتا بولۇشىنى ۋە قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.ئۇيغۇرچە كارتون فىلىم ئىشلەش ئۈستىدىمۇ ئىزدىنىپ، يېقىن كەلگۈسىدە نادىر بولغان ئۇيغۇرچە كارتون فىلىملەرنى ئىشلەشكە تىرىشىمەن.



تەشۋىقات ۋارىقى



تولۇق فىلىم


ئارگىنال: ۋاڭ گاۋ
ھېكايە تۈزۈلمىسى: شىمادا يوۋخېي
سىنارىيىسى: يوشىنوبۈ كېيتا
تەكشىلىك لايىھىسى:كۈبوۋ تاكۈمى
سۆرەتكە ئالغۇچى:مائېدا ماساشى
رەڭ بېكىتكۈچى:لى لىن لىن
پىرسۇناژ لايىھىسى :ئېرپان يارمۇھەممەت
رەسىم سۈپەت نازارەتچىسى:ئېرپان يارمۇھەممەت
ئەسلى رەسىم:ئېرپان يارمۇھەممەت
ئىككىنچى ئەسلى رەسىم:پەخىردىن پەرھات
ئارقا كۆرۈنۈش ۋە دىكۇراتسىيە:پەخىردىن پەرھات،ئېرپان يارمۇھەممەت
مىخانىك لايىھىسى: ئۆمەرجان تۇرسۇن
تولۇقلىما ھەرىكەت ۋە رەڭ بەرگۈچى: D.R.E.A.Mگۇرۇپپىسى
ياردەمچى تولۇقلىما ھەرىكەت سىزغۇچى: تۈرگۈن ئەزىز
مۇزىكىسىنى ئىشلىگۈچى: يارمۇھەممەت جامالىدىن
يېتەكچى: كۈۋابارا ساتوشى( ياپونىيە كارتون فىلىمى 遊戯王ゼアルنىڭ رىژىسورى)
رىژىسور: ئېرپان يارمۇھەممەت
فىلىم ئىشلىگۈچى:D.R.E.A.Mگۇرۇپپىسى

ياپونىيە دىگىتال ھوللىۋۇد ئۇنىۋېرستېتى ‹پۈتتۈرۈش ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى›دىن كۆرۈنۈشلەر.
facebook_1279748785.jpg

883299_461834293885136_1775942660_o.jpg

858914_461834240551808_943158786_o.jpg

858170_461834267218472_1187542966_o.jpg

857817_461834210551811_1597632251_o.jpg

857277_461834183885147_1677577032_o.jpg

166776_461834160551816_992165464_n.jpg

644289_461834113885154_357150699_n.jpg





ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 1520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20572
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 4073 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2014-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 10:34:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ تېمىدا دىۋاندا ئولتۇرۇشقا نېسىپ بوپتىمەن.ئېرفاننىڭ بۇ ئەسىرىدىن ئۇيغۇر كارتونچىلىغىنىڭ سۈبھىسىنى كۆرگەندەك بولدۇم،ئېرفان ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ كەلگۈسىدە بۇ ساھەدە زور ئۇتۇقلارغا ئېرىشىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن!

بىلمىگەننى بىلدىم ، كۆرمىگەننى كۆردۇم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 1520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20572
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 4073 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2014-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 10:43:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۆلىتىمىزدە زور مەبلەەغلەر سېلىنىپ ئارقا-ئارقىدىن ئىشلىنىۋاتقان كارتون فىلىملەرمۇ ئەمەلىيەتتە ئاساسەن ياپونىيە كارتون فىلىملىرىدىن ئۆرنەك ئېلىنىپ ئىشلەنگەن،ھەتتا قىسمەن كۆچۈرۈش ھادىسىلىرىمۇ يوق ئەمەس.ئەمدى ئۇيغۇر مىللى كارتونچىلىغىنىڭ چىقىش يولىمۇ يەنىلا باشقىلارنىڭ ئۇسلۇبى بىلەن يول ئېچىش،باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش،بۇ ساھەدىكى ئىقtىساس ئېگىلىرىنى زورايتىش،خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش قاتارلىق ئۇزۇن يوللارنى بېسىش كېرەك بولىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا مەبلەغ مەسىلىسى،شارائىت مەسىلىسى تەرەققىياتىمىزنى بوغۇپ قويىشى مۈمكىن،شۇڭا ئېرپاندەك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىشى بىلەن،ھەمكارلىق،ئۆز-ئارا نەپ يەكۈزۈش ئاساسىدا مەزمۇنى ياخشى،ساغلام،تەربىيىۋى ئەھمىيىتى زور  بولغان كىلاسسىك ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنى،نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىنى كارتون قىلىپ ئىشلەش تولىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن.
ئۇنىڭدىن باشقا ئېرفاننىڭ كارتونچىلىقتا ئۇيغۇرغا خاس مىللى ئوبراز ۋەكىلى يارتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Suchi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-7 10:48 AM  


بىلمىگەننى بىلدىم ، كۆرمىگەننى كۆردۇم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە!

مېرۇل مەرگەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 1069
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1114
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 949 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 11:09:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولسا بىزنىڭ تارىخى رومانلىرىمىزنى رەسمى كېنو قىلپ ئىشلىيەلمىگەندىكىن، كارتون فېلىم قىلىپ ئىشلىسىمۇ بوپتىكەن،

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........
barisjan بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 02:37:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ياخشىغا كۈن يوق

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 1339
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10444
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3136 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 04:35:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇمۇ بىر ياخشى باشلىنىش ، ھەممە نەرسە يوقلىقتىن بارلىققا ، كىچىكلكتىن چوڭلىققا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ .

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32651
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4057
تۆھپە نۇمۇرى: 194
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2011-3-4
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 05:18:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىجدىھاتلىق ئۇكىمىزنىڭ شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانىسىدىكى قايسى بىر پىروگراممىدا زىيارەت قىلغان نەق مەيداندا تاماشىبىنلار قاتارىدا تۇرۇپ قاتناشقان ئىدىم.
    بۇ ئىنىمىز ئاخىرى ئۇتۇق قازنىپتۇ. بارىكاللا     
       ئاشۇ ئىنىمىزنىڭ كېيىنچە ئىسلامى كارتونلارنى ئىشلەش ئارقىلىق ھازىرقى قوشتىل قۇربانچاقلىرىغا تىل ۋە ئىماندىن تەلىم بېرىپ قويىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10517
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 05:24:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.ئىسپېرما ئۇرۇقداندا ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان بولۇپ،تولۇق پىشىپ يېتىلىشى ئۈچۈن 10 ھەپتە ۋاقىت كېتىدۇ.

2.پىشىپ يېتىلگەن ئىسپېرما ئۇرۇقداننىڭ ئۈستىدىكى قوشۇمچە ئۇرۇقداندا ساقلىنىدىغان بولۇپ، ئەڭ ئۇزۇن ساقلىنىدىغىنى 2 ھەپتە ئەتراپىدا.

3. مەنىي سۇيۇقلۇقىنىڭ ئىچىدە ئىسپېرما پەقەت %5 نى ئىگەللەيدىغان بولۇپ، قالغان%95 ى ئىسپېرمىنى ئوزوقلۇق بىلەن تەمىنلەيدىغان ۋە ئوڭۇشلۇق ھالدا ئاياللار كۆپېيىش سىستېمىسىغا ئېلىپ كىرىدىغان سۇيۇقلۇق ھېسابلىنىدۇ.

4. ساغلام ئەر كىشىنىڭ ئۇرۇقدىنى بىر كۈندە 70 مىليوندىن 150 مىليونغىچە ئىسپېرما ئاجىرىتىپ چىقىرىدۇ.

5.ئىسپېرما بالىياتقۇ ئىچىدە 5 كۈن ھايات ساقلىيالايدۇ.

6.Y خروموزوملىق ئىسپېرما X خروموزوملىق ئىسپېرمىغا قارىغاندا، ھەرىكەتلىنىش سۈرئىتى تېز بولىدۇ.

7.ئىسپېرمىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 55 مىكرومېتىر كىلىدىغان بولۇپ، تەخمىنەن چاچ دىئامېترىنىڭ يېرىمىغا توغرا كىلىدۇ.

8.ئىسپېرما پەقەت ئالدىغا قاراپلا ماڭىدۇ، ھەرگىز كەينىگە قايتمايدۇ.

9.نورمال ئىسپېرمىنىڭ ئادەتتە بىر بېشى، ئوتتۇرا قىسىم ۋە ئىككى قۇيرۇقتىن تەركىب تاپقان. بىنورمال ئىسپېرمىنىڭ ئىككى بېشى،ئىككى قۇيرۇقى بولىدۇ.

10.تېمپېراتۇرا ئىسپېرمىنىڭ  پىشىپ يېتىلىشگە ئەڭ چوڭ تەسىر يەتكۈزىدىغان ئامىل. تېمپېراتۇرىنىڭ يۇقىرى بولىشى ئىسپېرمىنىڭ نورمال ئىشلەپ چىقىرىلىشى توسالغۇغا ئۇچرىتىدۇ،نەتىجىدە  ئىسپېرمىنىڭ سانى ئازىيىدۇ.

شاھزاد

ھەر كىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۆمۈرچى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25888
يازما سانى: 852
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12115
تۆھپە نۇمۇرى: 1598
توردا: 3279 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 06:10:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90764
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1100
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2013-1-28
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 06:22:51 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن شۇنداق قايىل بۇ بۇرادەرگە، ئىزچىل ئۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن،تىرىشچانلىق ئاخىرى مىۋە بىرىپتۇ مانا، سىزنىڭ ھامان بىز ئۈچۈن شۇنداق بىر سوۋغا تەقدىم ئېتىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمىز ،ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش