مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2093|ئىنكاس: 17

مەركىزىي ئاسىيادىكى ئەڭ قەدىمكى تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92132
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 331
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 08:26:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەركىزىي ئاسىيادىكى ئەڭ قەدىمكى تۈركىي تىللىق قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلاردۇر...


-س .گ.كىلياشتورنى


ئۇيغۇرلار نامىنىڭ مەنبەسى ۋە مەنىسى


1.<ئۇيغۇر>بىر ئەلنىڭ نامى دېگەن قاراش.بۇ خىل قاراش11-ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىنىڭ<تۈركىي تىللار دىۋانى>دېگەن ئەسىرىدىن كەلگەن بولۇپ،ئۇنىڭدا<ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ ئىسمى،ئۇنىڭ بەش شەھىرى بار،بۇ شەھەرلەرنى زۇلقەرنەيىن تۈرك خاقانى بىلەن پۈتۈم تۈزگەندىن كېيىن سالدۇرغانىكەن>،<ئۇنىڭ خەلقى ئەڭ ئەشەددىي كاپىرلاردۇر،ئەڭ ئۇستا مەرگەنلەردۇر،بۇ شەھەرلەر سۇلمى،بۇنى زۇلقەرنەيىن سالدۇرغان،قۇچۇ،چانبالىق،بېشبالىق،ياڭى بالىق>دەپ مەلۇمات بېرىلگەن.دانىيەلىك مەشھۇر تۈركۈلوگ ۋ.تومسۇنمۇ بۇ قاراشنى ياقىلاپ،ئۆزىنىڭ<موڭغۇلىيىدىكى تۈرك مەڭگۈ تاشلىرىغا مۇقەددىمە>دېگەن ئەسىرىدە<ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ نامى ئىدى>دېگەن.

   2.<ئۇيغۇر>دېگەن سۆز<ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار>دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ دېگەن قاراش.بۇ خىل قاراش مەھمۇد كاشغەرىنىڭ<تۈركىي تىللار دىۋانى>دىن كەلگەن.مەھمۇد كاشغەرى ئۇنىڭدا؛ماڭا مۇھەممەد چاقىر تونقا خان ئوغلى نىزامىددىن ئىسرافىل توغان تېكىن ئۆز ئاتىسىدىن ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دېگەنىدى؛<زۇلقەرنەيىن ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا،تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى تۆت مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن.ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن.ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا،كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن.زۇلقەرنەيىن بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە    Inanhuzhurand-بۇلار باشقىلارغا موھتاج بولماي،ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن،بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ،قاچان خالىسا شۇ چاغدا ئېتىپ يېيەلەيدۇ دەپتۇ،شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ ئەل  huzhur   دەپ ئاتىلىپتۇ>دەپ مەلۇمات بېرىپ،كېيىن<  huzhur   >نىڭ <ئۇيغۇر>غا ئۆزگەرگەنلىكىنى بايان قىلغان.بۇنىڭدىن قارىغاندا،ئۇيغۇر دېگەن نام مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى4-ئەسىردە،يەنى ماكىدونىيە پادىشاھى ئالېكساندىر ماكىدونىسكى(يەنى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن،مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى356-يىلىدىن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى323-يىلغىچە)دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن بولىدۇ.

     3.<ئۇيغۇر>دېگەن سۆز<ئۇيۇماق،ئۇيۇشماق> دېگەن مەنىلەرگە ئىگە دېگەن قاراش.بۇ خىل قاراش14-ئەسىردە ئۆتكەن پارس تارىخشۇناسى خوجا راشىددىن فازىلۇللاھنىڭ<جامىئۇل تاۋارىخ>دېگەن ئەسىرىدىن كەلگەن.ئۇنىڭدا؛<رىۋايەت قىلىنىشچە،تالاس ۋە قارا سايرام ئەتراپىدا بىر قەبىلە ئولتۇراقلاشقان بولۇپ،بۇ قەبىلىنىڭ باشلىقىنىڭ ئىسمى يافەس ئىكەن.ئۇنىڭ تۆت ئوغلى بولۇپ،بىرىنىڭ ئىسمى قاراخان،بىرىنىڭ ئىسمى ھۆرخان،يەنە بىرىنىڭ ئىسمى كۆزخان،يەنە بىرىنىڭ ئىسمى گۆرخان ئىكەن .ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىكەن.بۇ تۆت ئوغۇلدىن قاراخان ئاتىسىنىڭ خانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپتۇ.كېيىن،بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ.ئۇنىڭ ئىسمىنى<ئوغۇز>قويۇپتۇ.ئوغۇز چوڭ بولغاندىن كېيىن،ئىسلان دىنىغا ئېتىقاد قىلىپتۇ ھەمدە ئاتىسى ۋە تاغىلىرى بىلەن جەڭ قىلىپتۇ،ئاتىسس ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئۆلۈپتۇ.تاغىلىرىنىڭ ئۇرۇقلىرىنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭغا تەسلىم بولۇپتۇ،بەزىلىرى بولسا شەرق تەرەپكە قېچىپ كېتىپتۇ.ئوغۇز غەلىبە قازانغاندىن كېيىن تەبرىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپتۇ،تەبرىك مۇراسىمىدا ئۆزىگە بېقىنغان پۇقرالارغا<ئۇيغۇر>دېگەن نامنى ئىنئام قىپتۇ.بۇ سۆزنىڭ مەنىسى <ئۇ بىز بىلەن بىرلەشتى،بىزگە ياردەملەشتى>دېگەن بولىدىكەن.كېيىنكى چاغلاردا بۇ سۆز ئاستا-ئاستا شۇ كىشىلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ مىللەت نامى بولۇپ قاپتۇ> دېيىلگەن بولۇپ،بۇ رىۋايەت كېيىنكى چاغلاردا نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ،باشقا ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىگىمۇ كىرگۈزۈلگەن.

   4.<ئۇيغۇر>دېگەن سۆز <بېقىنماق>، <يېپىشماق> ياكى <ئۇيۇشماق>دېگەن مەنىگە ئىگە دېگەن قاراش.بۇ قاراش 17-ئەسىردە ئۆتكەن تارىخشۇناس ئەبۇلغازى باھادىرخاننىڭ1663-يىلى يازغان<شەجەرەئى تۈرك> ناملىق ئەسىرىدىن كەلگەن.ئۇنىڭدا ئوغۇزخاننىڭ دۇنياغا كېلىشى ۋە ئۇنىڭ كاپىر دادىسى قاراخان بىلەن بولغان ئۇرۇشلىرىنى بايان قىلىپ،<قاراخان ئوغلىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئاڭلاپ،بەگلىرىنى چاقىرىپ كېڭەش ئۆتكۈزدى.ئۇلار ئوغۇزخان ئوۋدا يۈرگەندە ئۆلتۈرەيلى،دەپ قارار قىلىشتى ۋە ئەلگە كىشى ئەۋەتىپ،ئۇلار تېز يېتىپ كەلسۇن،مەن ئوۋغا چىقىمەن،دەپ خەۋەر قىلدى.ئوغۇزخانمۇ بۇ سۆزنى ئاڭلاپ،ئەلگە كىشى ئەۋەتىپ،ئاتام قوشۇن تارتىپ مېنى ئۆلتۈرگىلى كېلىۋېتىپتۇ،مېنى قوللايدىغىنىڭلار مەن تەرەپكە كېلىڭلار،ئاتامنى قوللايدىغىنىڭلار ئاتام تەرەپكە بېرىڭلار،دېدى.ئەلنىڭ كۆپى قاراخان تەرەپكە باردى.ئازراقى ئوغۇزخان قېشىغا كەلدى.قاراخاننىڭ ئىنىلىرىنىڭ كۆپ ئوغلانلىرى بار ئىدى،ئۇلارنى قاراخاندىن ئايرىلىدۇ دەپ ھېچ كىشنىڭ كۆڭلىگە كەلمەس ئىدى.شۇلارنىڭ ھەممىسى ئوغۇزخاننىڭ قېشىغا كەلدى،ئوغۇزخانغا قوشۇلدى.ئوغۇزخان ئۇلارغا <ئۇيغۇر> دەپ ئات قويدى.<ئۇيغۇر> تۈركىي سۆز بولۇپ،مەنىسى بارچىگە مەلۇم.سۈت سۈتېتى ۋاقتىدا بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ،قېتىق بولغاندا بىر-بىرىگە يېپىشىپ تۇرىدۇ،بۇ ئۇيۇشۇش دېيىلىدۇ.ئىمام تۇرسا تۇرۇپ،ئولتۇرسا ئولتۇرماق،بۇ يېپىشقانلىق بولمامدۇ؟ ئۇلار كېلىپ ئوغۇزخاننىڭ ئېتىكىگە ئىككى قوللىرى بىلەن مەھكەم يېپىشتى.ئوغۇز ئۇلارنى <ئۇيغۇر>دېدى،بۇ يېپىشقۇر دېگىنىدۇر> دېيىلگەن.

     5. <ئۇيغۇر> دېگەن سۆز تارىم دەرياسىنىڭ قەدىمكى نامىدىن كەلگەن دېگەن قاراش.بۇ خىل قاراش مىلادىيە2-ئەسىردە ياشىغان قەدىمكى يۇنان ئالىمى پىتولمىنىڭ <جۇغراپىيە> دېگەن ئەسىرىدىن كەلگەن.بۇ ئەسەرنىڭ < سېرىس ئېلى> قىسمىدا؛<سېرىس ئېلىنىڭ زېمىنىدا ئىككى چوڭ دەريا بولۇپ،ئۇنىڭ بىرىنچىسى ئويغارداس دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ،بۇ ئائۇساكيان تاغلىرىدىن ئېقىپ چۈشىدۇ.يەنە بىرى ئاشىمارا ئىئان تاغلىرىدىن ئېقىپ چۈشىدىغان بولۇپ،بائوتېس دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ.بۇ دەريانىڭ كاشيان ۋە ئوتتۇرا كورىئوس تاغلىرىدىن ئېقىپ چۈشىدىغان تارماقلىرىمۇ بار...ئاننىبا تاغلىرى بىلەن ئائۇساكيان تاغلىرىنىڭ ئارىلىقىدا،يەنە سىجىڭپىس دېگەن بىر ئەل بار.ئۇنىڭ بىلەن دامناي(Damnae)،پياددىئاي( Piaddae) دېگەن ئەللەر قوشنا ياشايدۇ.پياددىئاي ئېلىنىڭ زېمىنى ئويغارداس دەرياسىغا(   Oechordas)تۇتىشىدۇ.ئويغارداس دەرياسى ۋادىسىدا ئويغاردلار ئېلى(Oikhardai)بار>دېيىلگەن بولۇپ،ئەنگلىيە ئالىمى ھېنرى يۇلى(  Henry yule ) <سېرىس ئېلى بۈگۈنكى شىنجاڭ ئۆلكىسى دائىرىسىدە،ئويغاردلار ئۇيغۇرلاردۇر.ئويغارداس دەرياسى تارىم دەرياسىدۇر>دەپ ھېسابلىغان.

     6. <ئۇيغۇر> دېگەن سۆز ئۇلار ياشىغان يەر نامىدىن كەلگەن دېگەن قاراش.بۇ خىل قاراشتىكىلەر< ۋېينامە.قانقىلار تەزكىرىسى> دىكى <قانقىل قەبىلىلىرى كېيىن ئورخۇن دەرياسىنىڭ غەربىي شىمالىغا يۈز نەچچە چاقىرىم كېلىدىغان جايلارغا كۆچۈپ كېلىپ ماكانلاشقان> دېيىلگەن خاتىرىنى ۋە ياپونىيە تەتقىقاتچىسى بەينياۋ كۇجى بىلەن سۇڭتيەن شۇنەننىڭ ئۆز تەتقىقاتلىرىدا<ئورخۇن دەرياسى كېيىن قاراقۇرۇم شەھىرى بىنا قىلىنغان جاينىڭ غەربىي شىمالىغا 30-40چاقىرىم كېلىدىغانUghei nor دۇر.ئۇنىڭ غەربىي شىمالىغا يۈزنەچچە چاقىرىم كېلىدىغان يەر ئېھتىمال ئورخۇن دەرياسى بىلەن تۇغلا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا توغرا كېلىشى مۇمكىن> دەپ ئېيتقانلىرىنى ۋە پارس تارىخچىسى راشىددىننىڭ<جامىئۇل تاۋارىخ> دېگەن ئەسىرىدىكى<ئېيتلىشىچە ئۇيغۇرىستان ۋىلايىتىدە ئىككى چوڭ تاغ بولۇپ،بىرى بۇقراتو بۇزلۇق دېيىلىدىكەن،يەنە بىرى ئۇچقۇنلۇق تەڭرىم دېيىلىدىكەن.قاراقۇرۇم شۇ ئىككى تاغنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقانىكەن،ئۇگىدايخان بىنا قىلغان شەھەرنىڭ ئۆزىمۇ شۇ تاغنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدىكەن،بۇ ئىككى تاغنىڭ يېنىدا قۇت تاغ دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر تاغ بار ئىكەن،بۇ تاغلىق يەرنىڭ بىر يېرىدە ئون دەريا،يەنە بىر يېرىدە توققۇز دەريا بار ئىكەن.ئون دەريا ۋادىلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار <ئون ئۇيغۇر> دېيىلىدىكەن،توققۇز دەريا ۋادىلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلار < توققۇز ئۇيغۇر>دېيىلىدىكەن> دېگەن مەلۇماتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ھىم خەنزۇچە ھۆججەتلەردە تىلغا ئېلىنغان ئورخۇن دەرياسىنىڭ قەدىمكى خەنزۇچە تەلەپپۇزى بولغان     نى    Onhgur دېگەن سۆزنىڭ قەدىمكى تەلەپپۇزى دەپ قاراپ،ئۇيغۇر دېگەن سۆز ئۇلار ياشىغان   Ugheinor دېگەن جاينىڭ نامىدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن،ئۇنىڭ مەنىسى < ئېگىزلىك ئادىمى> دېگەنلىك بولۇپ،ئۇ <ئېسىلزادىلەر> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ،دەپ قارىغان.

     7. <ئۇيغۇر> دېگەن سۆز <لاچىندەك(شۇڭقاردەك) پەرۋاز قىلغۇچى> ياكى <لاچىندەك (شۇڭقاردەك) چەبدەس،باتۇر> دېگەن مەنىگە ئىگە دېگەن قاراش.بۇ خىل قاراش < يېڭى تاڭنامە> ۋە <ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومومىي ئۆرنەكلەر> قاتارلىق جۇڭگو كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى خاتىرىلەردىن كەلگەن.بۇ خىل قاراشتىكىلەر كونا ۋە يېڭى تاڭنامىلەردىكى< جېنگۇەننىڭ4-يىلى(يەنى788-يىلى)10-ئايدا قاغان(يەنى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قاغانىنى كۆرسىتىدۇ)ۋەزىر ئاتىئىز تۇتۇق باشچىلىقىدا مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ھەم سىڭلىسى قۇتلۇق بىلگە قۇنچۇي باشچىلىقىدىكى ھەرقايسى چوڭ قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ50دەك خوتۇن-قىزلىرىنى مەلىكىنى كۆچۈرۈپ كېلىشكە ئەۋەتتى ھەم ‹   › نى ‹   › دەپ ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلدى.ئۇنىڭ مەنىسى شۇڭقاردەك(ياكى لاچىندەك)چەبدەس،باتۇر دېگەنلىك بولاتتى> دېگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ ھەم بۇنى <تۈركىي تىللار دىۋانى> دىكى <ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار>دېگەن مەنبە بىلەن بىرلەشتۈرۈپ،<ئۇيغۇر>دېگەن سۆز <شۇڭقاردەك(ياكى لاچىندەك)پەرۋاز قىلغۇچى> ياكى <شۇڭقاردەك(ياكى لاچىندەك) چەبدەس،باتۇر>دېگەن مەنىگە ئىگە،تاڭ دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تارىخىدىن قارىغاندىمۇ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ شۇڭقار ياكى لاچىندەك چەبدەس،باتۇرلۇقىنى ئىپادىلەپ بەرگەن،دەپ ھېسابلىغان.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا،بەزىلەر <ئۇيغۇر> دېگەن نامنى قاغانلىق نامىدىن كەلگەن دەپ قارىسا،بەزىلەر<ئورمانلىق قوۋمى> دېگەن سۆزدىن كەلگەن دەپ قارىغان.

يۇقىرىقى قاراشلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن سېلىشتۇرۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ ئومومىي جەريانىدىن قارايدىغان بولساق،<ئۇيغۇر> دېگەن مىللەت نامىنىڭ مەنىسىنى< ئۇيۇشماق>، <ئىتتىپاقلاشماق>دەپ چۈشىنىش تارىخ تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇر كېلىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Kamtar-Ghoja تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-6 08:26 PM  


فورماT بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 10:45:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئاللاغا تاپشۇردۇم!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6549
يازما سانى: 1347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12305
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 2764 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 11:11:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېمىكەن ، ساقلىۋالدىم

ياخشىنى ئەسكى بوزەك قىلسىمۇ ئاللا بوزەك قىلمايدۇ .
  ئەسكىدىن ھەممە قورۇقسىمۇ ئاللا قورۇقمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43700
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3446
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 106 سائەت
تىزىم: 2011-6-9
ئاخىرقى: 2014-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 11:16:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت سزگە  كۆپ ئىشلارنى بىلۋالدىم ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72418
يازما سانى: 930
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1335
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 610 سائەت
تىزىم: 2012-1-1
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 11:17:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە 3مىڭ يىللاردىن ئىلگىركى ئوغۇز خان ئىپوسى ئەڭ توغرا ئۇيغۇرلار ئەھققىدىكى مەلىمات دەپ قارايمەن.رەھمەت ياخشى تېما يوللاسىز قېرىدىشىم

ئەجەل بىر، ئۆزگەرمەس!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23152
يازما سانى: 1312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2519
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 1096 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 11:18:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى ۋە بۈيۈك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ بايرىقى ئاستىدا ،بۇندىن كېين تارىخقا يېزىلىدىغان ئۇيغۇر نامى تېخىمۇ ئۇلۇغ،تېخىمۇ مۇكەممەل بولغۇسى...

كىمىكى قېلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىسا،ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچ كېلىدۇ..............! ›
جەفئەر بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 12:49:22 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

رەپۋاز

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87388
يازما سانى: 369
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1073
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 04:58:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
[url=http://user.qzone.qq.com/641014597]ئاز قالدى ...بۇ كۈنلەرمۇ ھامىنى ئۆتۈپ كېتىدۇ ،بىر خار بولغاننىڭ بىر ئەزىز بولمىقى باردۇر،شۇنى ئېسىڭدىن چىقارما..][/url]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90284
يازما سانى: 1618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 52
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 09:38:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mirzi597 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-7 04:58 AM
ئەڭ ئەشەددىي كاپىرلاردۇر  ؟؟؟؟
نېمىشقا  بۇنداق  يازغان ...

ئۇ چاغدا ئىدىقۇت خانلىقى ۋە خوتەن خانلىقى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلىرىمىز بۇددا دىنى ئېتىقادىدا ئىدى. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغانلار ئىدىقۇت خانلىقى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلىرىمىزنى كۆرسىتىدۇ.
قاراخانىيلار خانلىقى بىلەن ئىدىقۇت خانلىقى ئوتتۇرىسىدا مەلۇم ئۇرۇشلارمۇ بولغان. ئەلپەتتاھ خوجام مازىرىمۇ مۇشۇ ئۇرۇشنىڭ يالدامىسى. مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تارىخچىلىرىمىزنىڭ كىتابلىرىدىن كۆرۈۋېلىڭ.

مېرۇل مەرگەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 1047
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 930 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2014-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 11:13:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېين تارىخقا يېزىلىدىغان ئۇيغۇر



راس دەيسىز تەسەۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس.

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش