ئۇزۇن بولدى كەزگىلى مۇنبەر،
مۇنبەر سەرخىل تېمىسى ئاندىن.
جەڭلەر بولدى ساياھەت ئەمەس،
ئايرىلماسكەن تىغلىرى ياندىن.
يەنە باركەن موللامنىڭ پىرى،
تىلى سۆزلەپ پىچار پەتىۋا.
قېرىنداشنى بۆلىدۇ ئىككى
ئۆزىن ئۆزى داڭلاپ ئەتىۋا.
مۇسۇلمانكەن قوللىغان ئۇنى،
قوللىمىغان بولاركەن كاپىر.
ئۆزى كىمۇ؟ نەسلى كىمۇ؟ ئۇھ...
نادان ياشاپ كېتەرمۇ تاقىر.
كۆردۈم يەنە ئەرەپچە سۈرەت،
بىلەلمىدىم ئۇيغۇرمۇ ئەرەپ.
ئۇيغۇر ئەسلى بادام دوپپىلىق،
ئۆزلۈك يوقاپ بولار نە تەرەپ؟!!!
ئەرەپ بولسا مىللىتىڭ سېنىڭ،
قويدۇڭمۇ-يا ئەرەپچە ئىسىم.
يۈرۈشەمسەن ئاتاڭنى ئىزلەپ،
قالغاندەكلا ئۇيغۇرلار يىتىم؟!!!
قايناپ قالدىم ئۆزلۈك ھەققىدە،
ئۇيغۇرلىرىم بۆلمىگىن ئۆزۈڭ.
بىلىم قورال، ئۆملۈك-ئۆزلۈك كۈچ،
دۇنيا سىرلىق ئېچىلسۇن كۆزۈڭ!!!
مەنبە: ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلەلمىگەنلەر مەن تېمىغا قىستۇرغان رەسىملەردىكى مىللىي خاسلىققا ئىگە ئۇلۇغ ئۇيغۇر مىللىتىمىزنىڭ كىيىنىشى قانداق بولىدىكەن، كۆرۈپ بېقىپ، ئاندىن ئۆزىڭىز ئۇيغۇرغا ئوخشاپسىزمۇ ياكى ئەرەپكە بۇنى بىلىۋېلىڭلار.
ئۇيغۇرلار ھازىر قارا-قويۇق ئەۋج ئېلىۋاتقان تاشقى شەكىلدىكى ساختا پەداز ۋە ۋەزخانىلىققا ئەمەس، ئۆز ئىقتىسادىنى، مەدىنىيىتىنى، مىللىتىنى، ئۆزلىكىنى كۈچەيتىدىغان، ئۇنۋېرسال پەننىي بىلىملەرگە مۇھتاج.
ۋە ئۆز بىلىمىنى جارى قىلدۇرىدىغان ئۆتكۈر كاللا ۋە پۇرسەتلەرگە مۇھتاج!
شۇڭا مۇشۇ يولدا ھەممەيلەن ئىتتىپاقلىق ئۆملۈكتە، ئۆزلۈكتە بىللە تىرشايلى!
(ھەرگىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ شەكىلۋاز، ئەرزىمەس قۇرۇق ئابرويىڭلار ئۈچۈن، ۋە ياسالما تاشقى پەداز ئۈچۈن ئۆز قېرىنداشلرىڭىزنى ئىككىگە بۆلمەڭلار)
2013-يىل 3-ئاينىڭ 6-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazigul8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-6 10:04 PM