دوكتۇرسەمىر يۇنۇس.
ئاياللاردىنبىرى مۇنداق دەيدۇ: ئىرىم مېنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرىدۇ. ئۇنىڭ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى مەنمۇ ناھايىتى ئۇبدان بىلىمەن. لېكىن ئۇ، ماڭا بولغان مۇھەببىتىۋە سۆيگۈسىنى ئانچە نامايان قىلىپ كەتمەيدۇ. لېكىن مەن ئېرىمنىڭ ماڭا بولغان سۆيگۈسىنى دائىم ئىزھار قىلىپ تۇرۇشنى ياخشى كۆرىمەن ۋە ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلاشقائۇرۇنىمەن. لېكىن ئۇ سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋالىدۇ ياكى سۇئالىمغا جاۋاب بەرمەي گەپنىباشقا يەرلەرگە ئەپ قاچىدۇ. ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى مېنى بەكمۇ بىئارام قىلىدۇ. ھەتتابەزىدە ئۈزۈمگە بولغان ئىشەنچىمنىمۇ يۇقىتىپ قويىمەن. ۋاھالەنكى شۇنىڭدەك، نۇرغۇن ئاياللار ئوخشاشلا بۇمەسىلىدە ئىرىدىن شىكايەت قىلىشىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھەقتە بىرەر ماقالە يېزىشڭىزنى ئويلىدىم. ھۆرمەت بىلەن ئوقۇرمەنلەرۋە خانىملار.
ھەقىقەتەن كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە: مۇھەببەت ياكى سۆيگۈ ئىزھار قىلىشقا ئالاقىدارسۆزلەر ياشلارغىلا خاس سۆز بولۇپ، تۇرمۇشقا چىققاندىن كىيىن سۆيگۈ ۋە مۇھەببەتكەئالاقىدار سۆزلەرنى تىلغا ئېلىپ يۈرۈش ئەرلەرنىڭ ئاياللىرى ئالدىدىكى تەمكىنلىكىۋە ھەيۋىتىنى يۇقىتىپ قۇيىدۇ دېگەن خاتا چۈشەنچە ھۆكۈم سۈرسە، يەنە بىرقىسىم كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئايالىغا سۆيگۈ ئىزھار قىلىشنىمۇ ئەدەپسىزلىك ۋە ئەرلەرنىڭ ھەيۋىتىگە لايىق كەلمەيدىغان ئىش دەپ قارايدۇ. بۇ نېمە دېگەن ھەيرانقالارلىق كۆز قاراش ھە؟
مەن يۇقىرىدىكى كىشىلەرگە جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن: ئالدى بىلەن ئۇلارنى پەيغەمبەرسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تارىخىغا بىر قۇر قاراپ چىقىپ ئەقىل ئىشلىتىشكەچاقىرىمەن.
پۈتۈن دۇنيانىڭ غېمى ئۈستىگە يۈكلەنگەن زات پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەممۇ ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ نە قەدەر ئېغىرلىقى ۋە ئىشىنىڭ كۆپلىكىگەقارىماي، ئاياللىرىنى ئەركىلىتەتتى ۋە سۆيگۈسىنى ئىزھار قىلاتتى. ئائىشەرەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئەركىلىتىپ (ئى ئائش) دەپ چاقىرىپ قۇياتتى.
لېكىن،كۈنىمىزدىكى كىشلەر ئىشنىڭ ئالدىراشلىقى، دۇنيا تىرىكچىلىكى ۋە مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىرلىقى سەۋەبىدىن ئاياللىرى بىلەن مۇڭداشقىلى پۇرسىتى يوقلىقىنى باھانە قىلىش ئارقىلىق بىزنى قايىل قىلماقچى بولىۋاتىدۇ. ۋاھالەنكى ئۇلارنىڭ ئىشى پەيغەمبىرىمىزسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىشىدىن كۆپ، مەسئۇلىيىتمۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭمەسئۇلىيتىدنمۇ ئېغرمىدۇ؟
پەيغەمبىرىمىزسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە ھەممە ئىشتا نورمال بولۇشنى ۋە ھەممە نەرسىنىڭھەققىنى بېرىشنى ئۆگەتكەن بولۇپ، سالمان رەزىياللاھۇنىڭ ئەبۇ دەردا رەزىياللاھۇغارەببىڭنىڭمۇ سەندە ھەققى بار، شۇڭا ھەربىر ھەق ئىگىسىگە ئۆز ھەققىنى بېرىشىڭكېرەك، دېگەن ھەدىسى بۇنى تەكىتلەيدۇ.( بۇخارى رىۋايىتى)
ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ئۈستىدىكى ھەقلىرىنى بۇ ھەدىستىكى سالمان رەزىياللاھۇنىڭ ئەھلىڭنىڭمۇسەندە ھەققى بار ، دېگەن سۆزىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
ئاياللارنىڭئەرلىرى ئۈستىدە بىر قانچە ھەقلىرى بولۇپ، تائام، كىيىم - كېچەك قاتارلىق نۇرمال نەفىقىلىرىدىن باشقا، بىزنىڭ بۇ تىمىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ھەقلىرىنى تۈۋەندىكىلەرگەئايرىش مۇمكىن:
1- ئايالىڭىزنىڭ سىزنىڭ قەلبىڭىزدكى ھەققى: يەنى ئۇنىڭغا قەلبىڭىزنىڭ چوڭقۇريېرىدىن ئۇرۇن بېرىشىڭىز.
2-ئايالىڭىزنىڭ سىزنىڭ قولىقىڭىزدىكى ھەققى: يەنى ئايالىڭىز سىزگە بىر نەرسەئاڭلاتماقچى بولسا كۆڭۈل قۇيۇپ ئاڭلاش، ئۇ سىزگە ئاڭلاتماقچى بولغان ئىش سىزئۈچۈن ئانچە مۇھىم دەپ قارالمايدىغان ئىش بولسىمۇ سەۋرى قىلىپ ئاخىرغىچەئاڭلىشىڭىز. رەت قىلىشقا توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ ناھايىتى گۈزەل بىر شەكىلدەكۆڭلىنى رەنجىتمەسىتىن رەت قىلىشىڭىز.
3-ئايالىڭىزنىڭ سىزنىڭ تىلىڭىزدىكى ھەققى: يەنى ئايالىڭىزنى ئۇ ياخشى كۆرىدىغان چىرايلىق ئىسىم بىلەن چاقىرىشىڭىز، ئۇ سۈيۈنىدىغان گۈزەل ۋە يېقىملىق سۆزلەرئارقىلىق ئۇنى خوش قىلىشىڭىز.
بۇيەردە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش مۇمكىنكى: ئەرلەرنىڭ ئاياللىرىغا قۇپال مۇئامىلىدەبولۇشلىرى نۇرغۇن خەتەرلەرگە يول ئاچىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئەڭ خەتەرلىكراقى،ئايالنىڭ ئىرىدىن مېھرى - مۇھەببەت ھېس قىلماسلىقىدۇر. چۈنكى ئاياللار ئۆز ئىرىدىنسۆيگۈ ھېس قىلمىغان تەقدىردە (ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي) بۇ بوشلۇقنى ھاراميوللار ئارقىلىق تولدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىپ قېلىشى مۇمكىن.
جۈملىدىن گېزىت ژۇرنال ۋە تۇرمۇش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش مەركەزلىرىنىڭ دوكىلاتلىرىدىن قانچىلىغان ئاياللارنىڭ ئېرىنى ئالدىغانلىقى، يەنە قانچىلىغان ئىنسانىي بۆرىلەرنىڭ ئىرىدىن تاتلىق سۆز ئاڭلاپ باقمىغان مىسكىنە بىچارىلەرنى، ئۆزىنىڭ تاتلىق سۆزلىرى ۋە مەككارلىقى بىلەن نۇرغۇن ئاياللارنى ئالدىغانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمىز.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ ماقالە ئارقىلىق پۈتۈن ئەرلەرگە شۇنداق خىتاب قىلىمەنكى:ئايالىڭىزنىڭ مەنىۋى ئۇسۇللىرىنى قالدۇرۇڭ، ئۇنىڭغا مېھرى مۇھەببەت ئىزھار قىلىشقاسەل قارىماڭ. ئەگەر ئۇنداق قىلمايدىغان بولسىڭىز، ئۇنىڭ ھەققىنى دەپسەندە قىلغانۋە ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلغان بولىسىز.
يەنەئاياللارغىمۇ شۇنداق خىتاب قىلىمەنكى: ئېرىڭىز يوقسۇل ۋە مۇھتاج ۋاقتىدىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياشاڭ ۋە قانائەتچانلىقىڭىزنى ئىپادىلەپ تۇرۇڭ. ئۇنىڭغا ياردەمدەبولۇڭ، سەبىر قىلىڭ، ھەرگىزمۇ روھسىز جەسەتكە ئوخشاش بولماڭ، يەنى سىز ئېرىڭىزنىڭيېنىدا بولسىڭىزمۇ سىزنىڭ بار يوقلىقىڭىزنى ھېس قىلمايدىغان بولۇپ قالمىسۇن. ئۇنىڭئۈچۈن زىننەتلىنىڭ. ئۇ سىزنى كۆرسە كۆڭلى يايراپ ئېچىلسۇن. ئىېرىڭىزگە ناز قىلىشنىۋە ئەركىلەشنى بىلىڭ. ئۇنىڭ بىلەن ھەم پىكىر بولۇشنى ئۇنتۇماڭ. ئۇنىڭ غېمىنى ۋەيۈكىنى يېنىكلىتىشكە تىرىشىڭ. ئۇنىڭغا ۋاقتى كەلسە ئانا، قىز دوست ۋە نارىسىدەقىزنىڭ ئورنىدا بولۇڭ. مۇھەببەت ئىشتىياقنى، ئىشتىياق ئۈلپەتنى، ئۈلپەت بولسامۇھەببەتنى ۋاجىپ قىلىدۇ، ئىشتىياق ۋە ئۈلپەتىسز مۇھەببەت بولمايدۇ.
ھۆرمەتلىكئەرلەر شۇنى بىلىڭلاركى! ھەر بىر ئايالنىڭ ئىرى ئۇنىڭ قەلبىنى ئاچىدىغان ۋە ئۇئارقىلىق قەلبىدىن ئۇرۇن ئېلىپ، مۇھەببەت ھىدىنى چاچىدىغان بىر ئاچقۇچ بولۇپ، بەزىئاياللار ھەدىيەنى ياخشى كۆرسە، يەنە بەزى ئاياللار چىرايلىق سۆزلەرنى ياخشىكۆرىدۇ، يەنە بىر خىل ئاياللار بولسا ئېرىنىڭ مۇھەببەت ۋە سۆيگۈ ئىزھار قىلىشىنى ۋە ئەركىلىتىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
شۇڭائايالىڭىزنىڭ تەبىئىتىنى ۋە مۇھەببەتكە بولغان تەسەۋۋۇرىنى بىلىشىڭىز، سىزنىڭ ئۇنىڭغا مۇھەببىتىڭىزنى ئىزھار قىلىشڭىزدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.
مەسىلەن:ئۇ سىزنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا يارەدم بىرىشىڭىزدىن سۈيۈنسە ئاشخانىدىكى بەزى ئىشلارغايادەملىشىڭ، ھەدىيە ئارقىلىق سۈيۈنسە گۈل - ياكى كىيىم كېچەك دېگەندەك نەرسىلەرنى ھەدىيە قىلىش ئارقىلىق مۇھەببەت ئىزھار قىلىڭ. ھەرقانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ بەزىكىچىك جەھەتلەردە ئايالىڭىزنى ماختاشنى ئۇنتۇماڭ.
ئەر-خوتۇنلارنىڭ بىر- بىرىگە سۆيگۈ ئىزھار قىلىشى، بەخىتلىك تۇرمۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئېھتىياجلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئەر - خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى -مۇھەببەتنى كۈچىيىدۇ ۋە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بىر- بىرىدىن كۆڭلى سوۋۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
ھەممىدىنمۇھىمى، ئىسلام بىزنى مەھبۇبلىرىمىزغا ياكى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرگە بىزنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ قۇيۇشقا بۇيرىغان بولۇپ، جۈملىدىن ئەرنىڭ ئايالىغا سۆيگۈ ئىزھار قىلىشى سۈننەتتۇر. داۋامى بار...............
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kosrap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-6 06:03 PM