سېغىنشقا يول ئالغان ئارمانلار
نەسىر
ساھىدەم ئارۋاخۇن
(مەرھۇم دادام ئارۋاخۇن تالىپنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيمەن)
ئاپتۇرى –ئىلى ئوبلاستتى چاپچال ناھىيە قاينۇق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە
جىنىم دادا:
قايسىدۇر بىر ناخشىچى «ئاتا دېگەن زۇلپىقار ،ئانا دېگەن تىلتۇمار»دەپ ناخشا توۋلىغاندا سەن يېنىمدا،كۆز ئالدىمدا تۇرغاچقىمىكىن ناخشىدىن ھوزۇرلىنىپتىمەنۇ بىراق ناخشىنىڭ تەكتىگە يەتمەپتىمەن ،قىممىتىنى ھېس قىلماپتىمەن .مانا ئەمدى سەن ماڭا كېرەك بولغاندا ،شۇنداق ئۇلۇغلۇق كۈيلەنگەن ناخشىلارنىڭ مەنىسىنى بىلگەندە ،بىر ئۆمۈر قەدىرلىگۈدەك بىباھا گۆھىرىم بولغان سەن يېنىمدا يوق.
دادا: بىر ئۆمۈر سېنى كېرەك قىپتىمەنۇ- بىراق ساڭا كىرەك بولالماپتىمەن. بىر ئۆمۈر سېنى چارچىتىپتىمەنۇ –ئەپسۇس ،مىڭ ئەپسۇس سەن ئۈچۈن بىرەر قىتىممۇ بالىلىق قەرزىم سۈپىتىدە چارچاپ باقماپتىمەن. بىر ئۆمۈر قولۇمدىن يېتىلەپ ،ئەركىلىتىشىڭدىن بەھىرلىنىپتىمەنۇ- بىراق شەمشادتەك قەددىڭنى كىسەل چىرمىغاندا بالىلىق مېھرىم بىلەن بىرەر قىتىم تۇتۇپ قويۇشقا ئەرزىمەپتىمەن.
دادا؛سەندەك ھالالنى سۆيگەن ئۇلۇغ بىر ئىنسانغا پەرزەنىت بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىپ يۈرۈپتىمەنۇ-بىراق سېنى پەخىرلەندۈرۈشنى ئويلاپ باقماپتىمەن. ئىنسانغا ھاياتىدا بىرلا قىتىم كېلىدىغان ئەنە شۇ تولىمۇ قىسقا ،لىكىن مەنىلىك ھاياتىڭنى خەلققە بېغىشلاپ ، ئائىلە ۋە خىزمەتنىڭ ئىغىر يۈكىدىن چارچىغىنىڭدا مەن ساڭا نېمە قىلىپ بىرەلىدىم جىنىم دادا!!
ئاھ! ساڭا بالا بولۇپ ،مېھرىڭگە تويغۇچە ئېرىشىكەن ، بىراق بالىلىق مېھرىگە ئېرىشتۇرمىگەن ۋاپاسىز پەرزەنتىڭگە مىڭ لەنەت .شۇ تاپتا پۇشايمان ئارغامچىسى ھەركۈنى گىلىمنى سېقىپ مېنى نەپەس ئېلىشتىن توسماقتا دادا.
دادا ھېلىمۇ ئېسىمدە- بىر كۈنى كەچتە ئۆيۈمگە مېھمان كىلىدىغان بولغاچقا «ئەزىز مېھمانلىرىم »ئۈچۈن پايپىتەك بولۇپ بازاردىن گوش ئەكىلىۋاتسام كوچىدا سەن ئۇچراپ قالدىڭ.ئېغىزىمنىڭ ئۇچىدىلا «نەگە ماڭدىڭ»دەپ سورىسام «ئۆيدە ئاپاڭ يوق ئىدى، بالام ،ئاشخانىغا تاماق يېگىلى »دېگىنىڭدە «ھە»دەپلا مېھمانلىرىم ئۈچۈن ئالدىراپ مېڭىپتىمەنۇ – بىراق سېنىڭ ئەزەلدىن ئاشخانىدىن تاماق يېمەيدىغانلىقىڭنى ، ئاپامنىڭ ئارزۇلاپ ،تۈجىبىلەپ ئەتكەن تامىقىنى دۇنيادىكى ئەڭ شىرىن تائاملاردىنمۇ ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ ھوزۇرلىنىپ يەيدىغانلىقىڭنى ئويلاپمۇ قويماپتىمەن، جىنىم دادا.شۇ كۈنى مەن شۇ ئايىقى چىقماس مېھمانلىرىم ئۈچۈن ھاردىم –تالدىم دېمەي ،بارىمنى ئالدىغا تۆكۈپ خىزمەت قىلىۋاتقاندا ،ئەزەلدىن بازارنىڭ تامىقىغا كۆنمىگەن سەن مەجبۇرەن شۇ تاماقنى يەپ قانچىلىك بىئارام بولغانسەن. بەلكىم شۇ چاغدىمۇ چەكسىز ئاتىلىق مېھرىڭ ، ئالەم سىغىدىغان كۆڭلۈڭدىن مېنىڭ مېھمانلىرىمنى چىرايلىق ئۇزۇتىشىمنى تىلىگەنسەنۇ بىراق مىنىڭ ئۆيىمىزنىڭ ئارلىقى نەچچە قەدەم كېلىدىغان ئورۇندىن شۇ مېھمانلىرىمدىن ئاشقان بولسىمۇ بىرەر قاچا تاماق ئەكىرىشمنى تەمە قىلمىغانسەن . مەن بۇنىڭغاشەكسىز ئىشىنىمەن دادا، ئۆمرىدە بېرىشنىلا بىلىپ ،ئېلىشنى بىلمەيدىغان سەندەك بىر ئىنسان شۇ قىتىممۇ مەندىن ھېچنىمە تەلەپ قىلمىدىڭ.
بىر كۈنى مەن غىڭشىپ ناخشا ئېيتىپ ھويلىغا كىرسەم، سەن كۈچەپ تۇرۇپ قار ئېتىۋىتىپسەن. سېنىڭ شۇنداق ھېرىپ كەتكەن ھارغىن چىرايىڭغاقاراپ ئىپادىسىز ھالدا «قار تازىلاش ئەرلەرنىڭ ئىشى »دەپ ئويلاپ پەرۋاسىز ھالدا ئۆيگە كىرىپ كىتىپتىمەنۇ-بىراق يالغاندىن بولسىمۇ «ئەكىلە دادا، مەن ياردەملىشەي »دىيەلمەپتىمەن. ئاھ دادا ،ئەنە شۇ چاغدىمۇ ماڭا ئوخشاش بالىلىق مېھىر ۋە قەرزنى جىنىس ئايرىمسى بىلەن ئۆلچەيدىغان بالاڭنى يەنە كەچۈرگەنسەن . شۇنداقمۇ دادا.
ئاغرىپ قالغىنىڭدا «ئاغرىپ قالدىڭمۇ »دەپلا يەنە شۇ تۈگىمەس بالا، ئۆي ئىشى دەپ كېتىپ قاپتىمەن.جىنىم دادا، خۇددىي سەن بىر ئۆمۈر ئەنە شۇنداق تۇرىدىغاندەكلا ، بىر ئۆمۈر بەش پەرزەنتنىڭ سايىۋىنى بولۇپ بېشىمىزغا كۈن چۈشۈرمەيدىغانلىقىڭدەك غايىۋى خىياللارنىڭ قۇلىغا ئەسىر بولۇپ سېنىڭ تولىمۇ ۋاقىتسىز ،تولىمۇ تۇيۇقسىز بىزدىن ئايرىلىشڭنى ئويلاپ باقماپتىمەن. بۇلارنى ھەر ئويلىسام ئۆزەمگە لەنەتلەر ئوقۇيمەن ،يۈرۈكۈمنى مىڭلارچە قۇرۇت-قۇڭغۇز ئورىۋالغاندەك ئازابلىنىمەن دادا.
دادا ، مېنىڭ سەھەردە پارلاپ چىققان سېخىي قۇياشىم ! سېنىڭ بۇنچە تېز تاغ كەينىگە ئۆتۈپ كېتىشىڭنى بالدۇرراق بىلگەن بولسام ئەنە شۇ ھارارىتىڭگە ئۆزەمنى پۈتۈن بەدىمدىن مەڭگۈ تەپتىڭ كەتمىگۈدەك قاقلىۋالماسمىدىم.
مېنىڭ چولپان يولتۇزۇم دادا: سېنىڭ سەھەرنى كۈتىۋىلىپ ، سۈبھى كۆتۈرۈلگەندە يوقاپ كېتىشىڭنى بىلگەن بولسام ،سەھەرنىڭ كىشىنى بىخۇد قىلىدىغان ئۇيقۇسىدىن بالدۇر ئۇيغۇنۇپ ساڭا تويماي قارىۋالماسمىدىم.
جىنىم دادا، سېنىڭ ئەنە شۇ قۇياشتەك ھارارەت ، چولپان يولتۇزدەك تۇرقۇڭ بىلەن قاراڭغۇ كېچە ئاسمىنىنى شۇنچە بېزىۋىتىپ بۇنچە تېز كىچە جىمجىتلىقىدا غايىپ بولۇشىڭنى بىلمەپتىمەن ،بىلمەپتىمەن، پەقەتلا بىلمەپتىمەن .
سەن بىلەن بىر جوزىدا تاماق يەپ ئولتۇرۇپ ،ماڭا سەندىن كىرەك بولىدىغان نەرسىلەر توغرىسدا يۈرەك سوزلىرىمنى تۆكۈپتىمەنۇ ، بىراق سېنىڭ يۈرەك سۆزلىرىڭنى ئاڭلاپ باقماپتىمەن، سېنى بىگۇناھ ئەيىپلىگەنلەر بىلەن بىرەر رەت زاكۇنلاشماي تۇرۇپلا سېنى يۈتتۈرۈپ قويدۇمغۇ دادا.
تەۋەرۈكۈمدىن ئايرىلىپ ئاندىن بىلدىم، ئاتا دېگەن ياراتقۇچى بالىغا بەرگەن ئارمانلىق ئامانەتكەن! ئاتا دېگەن بالا ئۈچۈن بىرلا قېتىم مەنسۈپ بولىدىغان تەۋەررۈك ئىكەن. شۇندىن تارتىپ سېنى قانچىلىك سېغىندىم ،قانچە قېتىم يېغلىدىم بۇلارنى دەپ بىرەلمەيمەن جىېنىم دادا! يوللاردىن سېنى ئىزلىدىم ،قۇرداشلىرىڭدىن ھېدىڭنى ئىزلىدىم، ئەپسۇس ،تولىمۇ ئەپسۇس تاپالمىدىم. تاپقىنىم بىرلا چەكسىز ئارمان چەكسىز پۇشايمان خالاس!
ئۆمرۈمدە يەنە بىر رەت ماڭا مەنسۈپ بولساڭ ئىدىڭ دادا ! مەن ۋاپاسىز ئەنە شۇ پۇشايماننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشقان بولار ئىدىم.
ئىنسان دېگەن ئارمان بىلەن ياشايدىكەن،
ئەشۇ ئارمان قۇت بەرگەندە ياشنايدىكەن.
ئەپسۇس ھەركىم ئۆز غىمىدە ھەريان چىپىپ،
ئۆزگىلەرنى شاد قىلىشقا ئاشمايدىكەن.
يۈرگەچكىمۇ ئەشۇ غەپلەت ئۇيقۇسىدا ،
دادا سىزنى قىنىپ بىر رەت كۆرمەپتىمەن.
ئاتا دېگەن مەنسۈپكەنغۇ بىر لا قېتىم
ۋاي مەن نادان شۇ بەختنى سۈرمەپتىمەن.
شۇ يۇسۇندا ئۆتۈپ كۈنلەر بىغەملىكتە،
ئۆمرىڭىزنىڭ كەملىكىنى بىلمەپتىمەن.
قاچان سىزدىن جۇدا بولدۇم شۇندىن بىرى،
ھاياتلىقتا شادلىنىپ بىر كۈلمەپتىمەن.
ئاغرىپ يېتىپ باش قويسىڭىز ياستۇقلارغا،
ھاردۇق يەتكەن چىغى دەپلا ئويلاپتىمەن.
جىنىم دادا ھاياتىمدا بالا بولۇپ،
سىزگە ئاتاپ بىرەر پاقلان سويماپتىمەن.
يېشىم تېخى ئوتتۇز غىمۇ بارماي تۇرۇپ ،
تۇرمۇش ئاتلىق چوڭ ھارۋىغا يۈگرەپتىمەن.
سىزنى سالماي شۇ ھارۋىغا بىرەر قىتىم،
كىملەرنىدۇر ھاتەم بىلىپ سۆرەپتىمەن.
ئاتا دېگەن ياشىسىمۇ لوقمان كەبى،
تويمايدىكەن ھاياتلىقتا بالا دېگەن.
ئۆتەر ئىكەن ئىنسان ئۆمرى پۇشايماندا ،
شۇڭا چوڭلار بۇ دۇنيانى چالا دېگەن.
رازى بول دادا! سەن ئۈچۈن لاياقەتلىك بالا بولالمىدىم. سەن ئۈچۈن ئوتقا سەكرىمىدىم! سۇغا شوڭغۇمىدىم. بۇ دۇنيادىن باقى ئالەمگە يول ئالغۇچە سېنى ئەسلەيمەن! چۈنكى سەن مېنىڭ شۇنداق ئەپۇچان ، كەڭ قورساق ، سېخى ،مەرت ھەقىقىي ئەركەك ،خاقاندەك ئاتامسەن !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kay~nam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-6 04:33 PM