ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار !
بەلكى بۇ تېما سىلەرگە غەلىتىلىك ھېس قىلدۇرۇۋاتقاندۇ، مېنىڭمۇ بىزنىڭ ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر ئالىمىمىڭىز تىلشۇناس ئەدىپ «مەھمۇد قەشقىرى» بوۋىمىزغا ھاقارەت قىلغۇم يوق، ئۇلۇغلىرىمىزغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى قىلىشتىن ئاللاھ ساقلىسۇن!
كۆپچىلىكنىڭ تېمىنى ئەيپلەشتىن ئاۋال تۆۋەندىكى قۇرلارغا كۆز يۈرگۈرتۈپ قويۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتۈنىمەن.
ئىلگىرى خىزمەت قىلىدىغان ئورنۇم سۈرەتخانا بولۇپ، فوتو سۈرەت بىلەن شۇغۇللىناتتىم. ئۇ يەرگە ھەقىقەتەنمۇ خىلمۇخىل كىشىلەر كىرىپ چىقاتتى. بىر كۈنى بىر جۈپ قىز - يىگىت توي كۆينەك كاستيۇم بىلەن (توي كۈنى بولسا كېرەك) سۈرەتكە چۈشكىلى كىردى. مەن ئۇلارنى سۈرەتكە تارتىش جەريانىدا يىگىتنىڭ مەيلى ماڭا مەيلى ئۆز رەپىقىسىگە بىرەر ئېغىز ئۇيغۇرچە گەپ قىلغىنىنى ئاڭلىمىدىم. خەنزۇچە ئوقۇغان بولسا كېرەك ئەيتاۋۇر ئۇيغۇرچىنى پەقەت سۆزلىيەلمەيدىكەن. ئۇلارنى چىداپ يۈرۈپ بىر نەچچە پارچە سۈرەتكە تارتىپ بولغاندىن كېيىن، يىگىت ھېساۋات قىلغىلى بىزنىڭ مۇلازىمەت سۇپىمىزغا كەلدى. مۇلازىمەتچى قىز ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئۇيغۇرچە تالونىمىزنى بەرگەندىن كېيىن يىگىت دۇدۇقلاپ تۇرۇپ:« مەن ئۇيغۇرچە بىلمەيمەن، خەنزۇچە يازسام بولامدۇ؟» دېدى. بىزنىڭ مۇلازىمەتچى قىز:« تالونىمىز ئۇيغۇرچە ئەمىسە ئىسمىڭىزنى دەڭ مەن يېزىپ بېرەي»دېدى.
شۇنىڭ بىلەن يىگىت ئۆز ئىسمىنى يۇقىرى ئاۋازدا قىلچە دۇدۇقلىماي « مەھمۇد قەشقىرى» دەيدۇ.
دوستلار مېنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ تېمىنى يوللىغىنىمنى بەلكى چۈشەندىڭلارغۇ دەيمەن.
«مەھمۇد قەشقىرى» بىزنىڭ پەخرلىنىدىغان زاتلىرىمىزدىن بىرى يەنە كېلىپ ئاتاقلىق تىلشۇناس. بۈگۈنكى كۈنگە كېلىپ بىر ئۆز تىلىنى تولۇق سۆزلىيەلمەيدىغان، ئىسمىنى ئۆز يېزىقىدىمۇ يازالمايدىغان بىرى ئىسمىنى « مەھمۇد قەشقىرى» دېسە، بۇ كىشىنى سەل ئويغا سالامدۇ قانداق ؟
مەن بۇ يىگىتنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم. بەلكى قەشقەرلىك بولىشىمۇ مومكىن. ئەمما بۇ ئىسىمنى قويغان ئاتا - ئانا زادى نېمە مەقسەت بىلەن بۇ بۈيۈك ئىسىمنى بالىسىغا قويغان بولغۇيتى-ھە؟!
كۆپچىلىك ئەتراپىڭلاردىكىلەرگە ئەسكەرتىڭلار ئەگەر مۇشۇنداق بۈيۈك ئىسمى بولۇپ، ئۆزى شۇ ئىسىم توغرىلىق ھېچنېمە بىلمەيدىغان يولداشلار بولسا، سىز ئۇنىڭغا شۇ ئىسىمنىڭ كېلىپ چىقىشىنى چۈشەندۈرۈڭ. ئەگەر زادى بولمىسا ئىسىمگە ھاقارەت قىلماي، ئەڭ ياخشىسى ئىسمىنى ئۆزگەرتىۋەتسۇن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hrg602 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-6 03:49 PM