|
|
|
|
ياپونىيە سۆزلىشەلەيدىغان تۇنجى ماشىنا ئادەمنى بوشلۇققا ئېلىپ چىقماقچى (تەرجىمە قىلغۇچى:تىلماچ13)
【يەرشارى تورى ئۇنۋېرسال خەۋىرى】ياپونىيە 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى «ئەتتىگەنلىك قۇياش خەۋىرى» گە ئاساسلانغاندا،ياپونىيە دائىملىق تىلنى ئىشلىتىپ ئادەم بىلەن سۆزلىشەلەيدىغان تۇنجى ماشىنا ئادەمنى ياساپ چىققان،ھەمدە 2013-يىلى يازدا ئۇنى خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتى (ISS) غا قويۇپ بېرىشنى پىلانلىدى.بۇ قېىم ياپونىيە سۆزلىشەلەيدىغان تۇنجى ماشىنا ئادەمنى ئالەم بوشلۇقىغا يەتكۇزۇپ، 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىغا كىرىدىغان ئالەم ئۇچقۇچىسى رۇتىيەن گۇئاڭيى بىلەن سۆزلىشىش سىنىقى ئېلىپ بارىدۇ. خەۋەردە دىيىلىشچە،بۇ ماشىنا ئادەمنى فېڭتىيەن ماشىنا سازلىقى،ياپونىيە توكچىلىقى،توكيو ئۇنۋېرسىتېتى ۋە فېڭشەن كارىخانىسى بىرلىشىپ لاھىيەلىگەن «ئۇمۈت ماشنا ئادەم قۇرلىشى» نىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ.ماشىنا ئادەمنىڭ بوي ئېگىزلىكى 34سانتىمېتىر،ئېغىرلىقى 1كىلوگىرام بۇلۇپ،«ئۇمۈت (KIROBO)» دەپ ئاتىلىدۇ.بۇ ماشىنا ئادەم ئاۋازنى پەرىقلەندرۇپلا قالماستىن،بەلكى باشقلار بىلەن سۆزلىشەلەيدۇ، ئۇ يەنە يېراقتىن كونتىرول قىلىش سۆزىنى چۇشۈنۇش بىلەن بىرگە، ئادەمنىڭ چىرايىنى پەرقىلەندۇرۇپ سۈرەتكە تارتىش ئاپراتى سەپلەنگەن. ئېيىتىشلارغا ئاساسلانغاندا،بۇ ماشىنا ئادەم گەرچە تەشۋىقات ئۇچۇن ياسالغان بولسىمۇ،ئەمما مەخسىدى ماشىنا ئادەمنى جاپالىق بولغان ئالەم مۇھىتىدا مەشخۇلات قىلدۇرۇپ،ئۇنىڭ يەرشارىدا قوللۇنۇلۇشىنى كېڭەيتىش. خەۋەرلەرگە قارىغاندا،ئامرىكا ئالەم ئاۋئاتسىيە ئىدارىسى (NASA)بىلەن ئورتاق قللۇنۇشچان شىركىتى (JM) 2011-يىلىلا ئورتاق تەتقىقى قىلىپ ئادەم شەكىللىك بىر ماشىنا ئادەمنى ياساپ چىققان بۇلۇپ،ئۇنى خەلىقئارا بوشلۇق پونكىتىغا كىرگۇزگەن.ئەمما بۇ ماشىنا ئادەم پەقەت ئۈستىنكى يېرىم بەدىنى بىلەنلا مەشخۇلات ئېلىپ بارالايتتى. مەنبە:بەيدۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تىلماچ13 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-6 02:52 PM
|
|
|
|
|
|