مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1996|ئىنكاس: 15

يامغۇردىكى بەخىت (ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6968
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19844
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 1932 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 09:17:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يامغۇردىكى بەخىت
ھېكايە
ئاخسا شۇم

تاڭ سۈزۈلمىگەن ، زىبا تۇنجى ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلاپلا ئورنىدىن تۇردى ، تاھارەتكە سۇ تەييارلاپ يولدىشىنىڭ ياتاق ئۆيىگە چىقتى ، بىراق ئەكرەم ياتاق ئۆيىدە يوق ئىدى . زىبا ياتاق ئىشكىگە يۆلەنگىنىچە ھەشەمەتلىك ياسالغان ئۆيگە بىر قۇر نەزەر تاشلىغىنىچە كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئالدى ، بىر كېچە ئۇخلىماي <<تىرىق >> قىلغان ئاۋازنى نەقەدەر ئارزۇ قىلغان ، ئەكرەمنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كېچە-كېچىلەپ كۈتكەن ، بىراق ئۇ ئاۋازنى ئاڭلىيالمىدى . سەھەر تۇرۇپلا ئۆز سەزگۈللىرىدىن گۇمانلاندى ۋە زور ئىشەنچ بىلەن ئەكرەمنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىردى . ئۇلار قاچاندىن باشلاپ ئايرىم ياتقاندۇ ؟ بۇ زىباغا مەلۇم . ئۈچ-تۆت يىللار بولدىمىكىن . تۇنجى ئوغلى ئېليار تۇغۇلغاندىن باشلاپ ، توغرىسى مۇشۇ يېڭى ئۆيگە كۆچكەندىن باشلاپ ئۇلار ئايرىم يېتىۋاتىدۇ .
زىبا تاھارەت ئېلىپ نامازلىرىنى ئۆتەپ بولغاندىن كىيىن يەنە ئەكرەمنى ساقلاشنى داۋاملاشتۇردى . بۈگۈن ئۇ ئەكرەم بىلەن ئارىنى ئوچۇق قىلماقچى ، ئاجراشماقچى ئىدى . نىمە سەۋەبتىنلىكى ئۇنىڭغا ناھايتى ئېنىق ، بۇ ئۆيدىن ، يولدىشى ئەكرەمدىن مېھرى قالغان ئىدى . ياق ، زىبانىڭ ئەمەس ، ئەكرەمنىڭ مېھرى قالغان ئىدى .

زىبا توي قىلغان دەسلەپكى ۋاقىتلىرىنى ئەسلىدى ، ئۇلار بىر-بىرىگە شۇنداق كۆيۈنەتتى ، بىر-بىرىنى شۇنداق قەدىرلەيتتى ، بىر-بىرىنى شۇنداق ھۆرمەتلەيتتى ، تېخى ئەكرەم پات-پات زىبانى ئەركىلىتىپمۇ قوياتتى ، ئۇلارنى بىرلا كۆرگەن كىشى ئۇلارنى بىر-بىرىنى كۆرمەي تۇرۇپ توي قىلغان دىسە ئىشەنمەيتتى .. راست ئۇلار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ دىيىششى ئارقىلىقلا توي قىلغان ئىدى . ئەكرەم بىلەن زىبا قارشى تۇرغان بولسىمۇ بىراق بۇ توي بولدى . تويدىن كىيىنلا ئۇلارنىڭ مۇھەببەتلىك ، قىزغىن تۇرمۇشى باشلاندى .
بىراق يېڭى ئۆيگە كۆچكەندىن كىيىن ئەكرەمنىڭ بۇ ئۆيدىن رايى ياندى . كېچىلەپ كەلمەيدىغان ، كەلسىمۇ ئايرىم ئۆيگە كىرىپ ياتىدىغان بولىۋالدى . زىباغا چىش يېرىپ بىر نىمە دىمەيتتى ، ئەتىگىنى تامىقىنى يەيتتى ، ئىشقا ماڭاتتى . بىر نەچچە كۈن ئۆيگىمۇ كەلمەيتتى ، دەسلەپ زىبا تىلفۇن قىلىپ سورايتتى . بارا-بارا تىلفۇنمۇ قىلماس بولدى ، ھەتتا ئەكرەمنىڭ تىلفۇن نۇمۇرىنىمۇ ئۇنتۇپ قالدى . ئېليار تۇغۇلغاندا قولىغا ئېلىپ ئەركىلىتىپ كۈلۈپ يۈردى ، كىيىنچە ئەكرەمنىڭ ئېليارغا بولغان كۈلكىللىرىمۇ يوقالدى . نىمىشقىكىن ئەكرەمنىڭ رايى ، مېھرى بۇ ئۆيدىن يانغان ئىدى .

زىبا كۆزلىرىگە ياش ئالغىنىچە سائەتكە قارىدى ، سائەت 10 ئىستىرىلكىسىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى . ئەكرەم تېخى قايتىپ كەلمىگەن . زىبا چۈشلۈك تاماققا تۇتۇش قىلدى . بىراق ئاز ئۆتمەيلا ئىشىكنىڭ تاراقلاپ ئېچىلىشىدىن ئۇ ئۇن يۇقى قوللىرى بىلەن ئاشخانا ئۆيدىن چىقتى .
-    قايتىپ كەپسىز دە ؟ - زىبا ئەكرەمنى كۆرۈپلا شۇنى سورىدى . ئەكرەم ئۈستى بېشى يۆل ھالدا ئۆينىڭ ئوتتۇرسىدىلا تۇراتتى . زىبا ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ قولىنى يۇيۇۋېتىپلا چىقتى ۋە ئەكرەمنىڭ چاپىننى ئالغاچ ، ئەكرەمنىڭ يەڭگىل تىتىرەۋاتقىننى سەزدى .
-    بېرەر پىيالە چاي ئىچۋالامسىز ؟ ئىسسىپ قالىسىز . – ئۇنىڭ بۇ سۇئالى باشقا بىرىگە ئېيتىلغاندەك ئەكرەم جاۋاپسىزلا ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى . زىبا كۆزلىرىگە ياش ئالغىنىچە ئاشخانا ئۆيگە قاراپ ماڭدى .
ئەكرەم ئۈستى بېشىنى يەڭگۈشلەپ چىققاندىن كىيىن تاماق ئۈستىلىگە ئولتۇردى ، زىبا ھورى كۆتۈرلۈپ تۇرغان چۈچۈرىنى ئەكرەمنىڭ ئالدىغا قويدى . ئەكرەم ئۈن – تىنسىزلا چۆچۈرىگە قوشۇق سالدى . زىبامۇ يەنە بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ چۆچۈرىنى مالتىلاپ ئولتۇراتتى . ئۇ گېپىنى دىمەكچى بولدىيۇ ، بىراق ئەكرەمنىڭ تامىقىنى يەپ بولۇشىنى كۈتتى .
ئەكرەم تامىقىنى يەپ بوپلا دۇئاغا قول كۆتۈردى ، زىبانىڭ خىياللىرى ھەر ياققا چېچىلدى ، تىنىقى بۇرۇنقىدىن ئىتتىكلىدى ، ئۇ ئەكرەم ئورنىدىن تۇرشىغىلا  
-    ئەكرەم ، سىزگە دەيدىغان گېپىم بار ئىدى .
ئەكرەم كەينىگە قارىدى ، زىبانىڭ كۆز ياشلىرىنى كۆرۈپ ئۆزىنى قويىدىغان جاي تاپالمىغاندى << كۆزۈڭدىن تامچە ياش ئاققۇزسام ئۆزۈمنى كەچۈرمەيمەن >> ئەينى ۋاقىتتا زىباغا شۇنداق دىگەن ئىدى ، بىراق ھازىرچۇ ؟
-    بىز ئاجىرشىپ كېتەيلى .
ئەكرەم زىباغا بىر ھازا قارىدى ، خۇددى زىبانى تۇنجى كۆرۈۋاتقاندەك نەزەردە قارىدى . بىراق ئۇنىڭ سۆزىگە ھەيران بولمىدى . ئەكرەم كۈلىۋاتاتتى ، ئىچ-ئىچىدىن چىقىرىپ كۈلۈۋاتاتتى . زىبا ئەكرەمگە قاراپ ھەيران بولدى . كۆز ياشلىرىنى يۇشۇرۇشقا شۇنچە تىرىشسىمۇ بىراق ئامال قىلالمىدى .
-ئاجرشايلى دېدىڭمۇ زىبا ؟ - ئەكرەم كۈلكىسىنى توختۇتالماي شۇنداق دېدى – نىمەڭگە يەنە نىمەڭ يېتىشمەي قالدى زىبا ؟ - ئەكرەم ئاچچىق بىلەن شۇنداق دېدى ، ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى چۈشىنەلمىگەن زىبا ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ قېتىپلا قالغان ئىدى .
- نىمە دەۋاتىسىز ئەكرەم ؟ مېنىڭ نىمەمگە نىمە يېتىشمەي قاپتۇ ؟
- ئەمسە نىمىگە ئاجىرشىسەن ، تۇتسا سېپى ، چاقىرسا ئېتى بار ، خىزمىتى بار يولدۇشۇڭ تۇرسا ، ئەنە ئوماق بىر ئوغلۇڭ ، 170 پىڭپاڭلىق ياسىداق ئۆيۈڭ بار . يەنە نىمەڭگە-نىمەڭ كەملىك قىلىپ ئاجىراشماقچىسەن ؟
زىبا شۇندىلا ئەكرەمنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشەندى . كۆز  ئالدىغا بۇندىن تۆت يىل بۇرۇنقى ئاشۇ 50 پىڭپاڭلىق كىچىكلا ئۆيىدە ئەكرەم بىلەن تۇنجى قېتىم گەپ تالاشقىنى يادىغا كەلدى .

-    نىمە دەۋاتىسەن ؟ - ئەكرەم شۇنداق دىگەن ئىدى – ئۆي كىچىكلىك قىلىۋاتامدۇ ؟ مەندەك بىر يېتىمەككە خىزمەت ئورنۇمدىن بەرگەن ئۆي بۇ زىبا ، مېنىڭ سېتىۋالغان ئۆيۈم ئەمەس . بىلەمسەن ؟ مەن ساڭا شۇنداق كەڭرى ، ياسىداق ئۆي ئېلىپ بېرىمەن .
-    قاچانلىققا ؟ مېنىڭ چىدىغۇچلىكىم قالمىدى ، دادام بىر نەچچە كەلدى ، بىر قوندۇرالمىساق ، مېھمانلار كەلسە ئۆينىڭ تۆرى قايسى ، پەگىرى قايسى بىلگىلى بولمىسا سەت ئەمەسمۇ ؟
ئەكرەم كۆزلىرىنى چىڭ قىسقىنىچە
-    دادام قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغاندا نىمىلەرنى دېمىدىڭ زىبا ؟ دادام ئوڭشۇلدىغانلا ئىش بولسا ئۆي مۈلۈك ھەممىنى ساتايلى دېمىدىڭمۇ ؟ مانا ئەمدى قوپۇپ مۇشۇ گەپنى قىلىۋاتامسەن ؟ دادام كەتتى ، ئۇزاتتۇق . ئاناممۇ مېنى تاشلاپ يېتىمەك قىلىپ كەتتى ، شۇ ۋاقىتتا تويلۇق زىبۇ زىنەتتلىرىڭنى ساتمىدىڭمۇ ؟  قېنى سېنىڭ شۇ چىدام غەيرىتىڭ . قېنى ماڭا ھەمراھ بولغان دەملىرىڭ ؟
-    بولدى قىلىڭ ئەكرەم ، بالا ئويغۇنۇپ كەتتى – ئېليار بىر بۇلڭدا تېپىچەكلەپ يىغلاۋاتاتتى .
كۆپ ئۆتمەيلا ئەكرەم ئىلغار بولۇپ باھالاندى . تىرىشپ ئىشلىدى ، ئۆستى ، مائاشىمۇ ماس قەدەمدە ئۆستى بىراق چىرايىدىن كۈلكە غايىپ بولدى .
زىبا ئەنە شۇلارنى ئويلىدى ، ئەكرەم ئالدىدا ئۇنىڭغا سۇئال نەزىرى بىلەن قاراپ تۇراتتى .
-    تاپالىدىڭمۇ ساڭا يەنە نىمە كېرەككەن ؟ - ئەكرەم زىباغا قادىلىپ تۇراتتى .
-    ماڭا سىز كېرەك ئەكرەم ، ئائىلە مېھرى كېرەك .
-    كەچۈر زىبا ، مەندە بۇ نەرسىلەر يوق ، مەندە پۇل بار ، پۇلغا سېتىۋالغىلى بولىدىغان نەرسىلەرنى دە .
-    مېنى كەچۈرۈڭ بولامدۇ ئەكرەم ؟ مەن خاتا قىپتىمەن
ئەكرەم زىبانىڭ كۆز ياشلىرىغا چىدىمىدى ، ئۇنىڭمۇ كۆزلىرى نەمدەلدى بىراق ئۇ يىغلىسا بولمايتتى . زىبا ئۆكسۈپ – ئۆسۈپ يىغلاۋاتاتتى . ئەكرەم ئورنىدىن تۇردى ۋە ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى .

ئەكرەم ياتاق ئۆيىگە كىرىپلا ئاغزىنى چىڭ تۇتۇۋالدى ، ئۆزىنى قويۇۋېتىپ تازا بىر يىغلىغۇچى بار ئىدى ،بىراق  ئاۋازىنىڭ سىرىتقا چىقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتى . نەچچە كېچلەر دېرىزە سىرتىدىن زىبانىڭ ناماز ئوقۇۋاتقىنىغا قاراپ تۇرمىدى ، زىبا جاينامازدا ئاللاھقا يىغلاپ دۇئا قىلغىنىدا ئەكرەممۇ دېرىزە سىرتىدىن تەڭ يىغلىمىدىمۇ ؟ نەچچە كېچە ئۇ ئۇخلاپ قالغاننىڭزى كىرىپ چاچلىرىنى سىلاپ يىغلىمىدىمۇ ؟ قوللىرىنى ئالقانلىرىغا ئېلىپ سۆيمىدىمۇ ؟ نىمىشقا يەنە شۇنداق قىلىدۇ ؟ نىمىشقا زىبانى كەچۈرەلمەيدۇ ؟ ياق ، ئۇ زىبانى ئەمەس ئۆزىنى كەچۈرەلمەيدۇ .  
ئەكرەم ياتاق ئۆيدىن چىققاندا زىبا تېخىچە يىغلاۋاتاتتى . ئەكرەم زىباغا بىرلا قارىدى دە سىرىتقا چىقىپ كەتتى .
سىرىتتا سىم-سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى . ئەكرەم يامغۇردا قايسىدۇر بىر نىشاننى نىشانلاپ ماڭدى . چېقىلىۋاتقان قۇرلۇشلار ماڭدامدا بىر ئۇچرايتتى . ئۇ باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قايسى نەزەردە قاراۋاتقىننى بىلمەيتتى . خىياللار ئۇنى قاپسايتتى .
ئالدىدىكى دوقىدىن ئوڭغا قايرىلىپ جايىدا تۇرۇپلا قالدى ، چۈنكى ئالدىدىكى قۇرلۇش ئۇنىڭ ئاشۇ 50 پىڭپاڭلىق ئۆيى ، زىبا بىلەن مۇشەققەتلىك تۇرمۇشنى بىللە كەچۈرگەن ئاشۇ ئۆيى ئىدى . ئۇ قۇرلۇش چېقىلىۋاتاتتى . ئۇنىڭ قەلبىدىكى ھەر –بىر قورغانمۇ چېقىلىشقا باشلىدى . ئۇنىڭ زىباغا نىمىلەرنىدۇر دىگۈسى كېلىۋاتاتتى . ئۇ كەينىگە ئۆرلۈپ ھەيران قالدى . كۆزلىرىگە ئىشەنمەيتتى . ياق بۇ ئىشەنمىگۈدەك مەنزىرە ئەمەسقۇ ؟
كەينىدە ئەكرەمنىڭ بېشىغا كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرغان زىبا ئۆزى يامغۇردا تۇراتتى ، ئۇ كۈلۈمسۈردى ، ئۇنىڭ بۇ كۈلۈمسىرىشى ئەكرەمنى تەمتىرتىپ قويدى .
-    كۈنلۈك ئېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىكەنسىز ؟
ئەكرەمنىڭ كۆزلىرىگە ياش لىققىدە كەلدى . ئۇ زىبانىڭ كۈنلۈك تۇتقان قولىدىن ئۆزىگە تارتتى . زىبانىڭ قولىدىن كۈنلۈك چۈشۈپ كەتتى . زىبا ئەكرەمنىڭ قوينىغىلا چۈشتى .
-    مېنى كەچۈر زىبا ...... – ئەكرەم يىغا ئارىلاش ئەنە شۇلارنى دېدى .
زىبانىڭ كۆزلىرى ياش بىلەن نەمدەلدى . بىراق نىمىشقىكىن ئۇيالدى .
-    ئەكرەم بۇ چوڭ يولدا ..... باشقىلار قاراۋاتىدۇ
ئەكرەم ئەتراپىغا قارىۋەتكەندىن كىيىن
-    مېنىڭ نىكاھلاپ ئالغان خوتۇنۇمغۇ سەن ؟ نىمىدىن قورقىسەن ؟  يامان بولسا ئۇلارمۇ چوڭ يولدا خوتۇننى قۇچاقلىسۇن !
يامغۇردا ئىككى گەۋدە بارا-بارا سىڭىشىپ كەتتى . ئەتراپتىن ئۆتۈۋۈتقانلار ئۇلارغا ھەيرانلىق ، ھەۋەس قىلىش ۋە قارغاش نەزىرى بىلەن ئۆتۈۋاتاتتى . بىراق ئۇلارنىڭ قانچىلىك خۇشال بولىۋاتقىننى ئۇلار بىلمەيتتى ......




ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
armi + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

بۇ دۇنيادا بەدەل تۆلەيدىغىنى ئەخمەقلەر .............. ھوزۇرلىنىدىغىنى ئالدامچىلار !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79004
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2038
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 441 سائەت
تىزىم: 2012-4-18
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 04:04:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك  يارىدى  تېمىڭىز  ماڭا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87717
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 532
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 372 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 04:07:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇگىدىما؟؟؟؟

مايمۇن بولسىمۇ سۆيگۇ نىڭ چىرايلىق


سەن سۆيگەننىڭ قۇلى بولغىچە، سىنى سۆيگەننىڭ گۈلى بول

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83557
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3441
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 373 سائەت
تىزىم: 2012-8-6
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 04:08:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇنجى بۇلۇپ ئىنكاس يىزىپتىمەن.ياخشى يىزىپسىز ئاخىرى بارمۇ ياكى تۈگىدىمۇ؟

باشقىلار بىر تامچە سۇ بەرسە،بۇلاق بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇش كېرەك!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2492
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10734
تۆھپە نۇمۇرى: 463
توردا: 685 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 04:14:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىكەن رەخمەت

ئەرنىڭ مىڭلارچە دۈشمىنى بولمىسا كۈنىگە مىڭ قېتىم غەيۋىتى بولمىسا،ئۇ قانداق ئەر بولسۇن؟ قارا ، مىڭ ئىتنىڭ ئۈنىنى ئاڭلاپ قېچىپ كەتكەن بۆرە بۆرە بولامدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2073
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5530
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 636 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 04:29:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ  ، بارلىق نىكاھتىكى چۈشەنمەسلىك ئۇڭۇشسىزلىق مۇشۇنداق ياخشى نەتىجە بىلەن  ئاياقلاشقان بۇلسا بەك ياخشى بۇلاتتى .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6968
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19844
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 1932 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 04:48:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
88asra يوللىغان ۋاقتى  2013-3-6 04:08 PM
تۇنجى بۇلۇپ ئىنكاس يىزىپتىمەن.ياخشى يىزىپسىز ئاخىرى ب ...

ياقتۇرۇپ ئوقۇغىنىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم ، رەھمەت !  ھېكايە مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگىدى

بۇ دۇنيادا بەدەل تۆلەيدىغىنى ئەخمەقلەر .............. ھوزۇرلىنىدىغىنى ئالدامچىلار !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6968
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19844
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 1932 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 04:48:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
0998xayda يوللىغان ۋاقتى  2013-3-6 04:07 PM
تۇگىدىما؟؟؟؟

ھەئە ، تۈگىدى

بۇ دۇنيادا بەدەل تۆلەيدىغىنى ئەخمەقلەر .............. ھوزۇرلىنىدىغىنى ئالدامچىلار !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63350
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5228
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1638 سائەت
تىزىم: 2011-11-2
ئاخىرقى: 2014-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 05:51:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ،ھەم قىسقا ھەم چۈشىنىشلىككەن.

ئادەم ئۈمىد بىلەن تۇغۇلۇپ ،ئارزۇ بىلەن ياشاپ، ئارمان بىلەن كىتىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89616
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 392
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2013-1-5
ئاخىرقى: 2014-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 08:55:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش