مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 52023|ئىنكاس: 159

مىنى ئەمرىڭىزگە ئالسىڭىز (مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائاليىىتىگە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 1056
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15865
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 6204 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 01:01:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالامۇئەلەيكۇم

(مىسرانىم مەشرەپ مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە قاتناشتۇرىلىدىغان ئەسەر)

ھۆرمەتلىك مىسرانىم ئەھلى

نەچچەنۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىگە قاتىشىمەن دەپمۇ قاتنىشالمىدىم،ئەمدى بۇ قىتىمقى پائالىيەتكە قاتنىشىمەن دەپ ئۆزۈمنىڭ بىر يىل سەر پ قىلىپ يىزىپ چىققان تۇنجى پوۋىستىم <مىنى ئەمرىڭىزگە ئالسىڭىز> نى تەييارلاپ پۈتتۈرۈپ چىقتىم.

  مەزكۇر ئەسەر مىنىڭ ئالتە يىللىق ئىچكىرى ھاياتىمدا ئۆز بىشىمدىن ئۆتكەن ، ئاڭلىغان ،كۆرگەنلىرىمنىڭ ئىخچاملانغان كارتىنىسى ھىسابلىنىدۇ. بۇ ئەسەرنى بۇلتۇر 6-سەپەردە(6-ئىيۇن) جېجياڭنىڭ يىۋۇ شەھىرىدەپۈتكۈزگەن ئىدىم .ئۇنىڭدىن كىيىن خىزمەت بىسىمى بىلەن تەھىرىلىك كومپىيوتۇر باسمىسىنى قىلالمىدىم . بۇ قىتىملىق مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتگە قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن 12-ئايدىن باشلاپ تەھرىرلىك كومپىيوتۇر باسمىسىغا  چۈشكەن بولساممۇ ئەمما 2-ئايدا كاماندۇرۇپكا ۋەئۆيگە قايتىش سەۋەبى بىلەن بىر ئاي قىلالمىدىم . ئىش ئورنۇمغا قايتىپ كەلگەندىن تارىتىپ ھازىرغىچە بۇ ئەسەرنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن كىچە-كىچىلەپ بىسىپ بۈگۈن ئاخىرى روياپقا چىقاردىم. بۇ ئەسەر جەمئى 8 بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ، ئەسلى بىر بۆلەك بىر بۆلەكتىن يوللاي دىگەن لىكىن مەزمۇننىڭ چۇۋالچاق بۇلۇپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن كىچىلەپ بىىسپ ھەممىنى بىر قىتىمدا تولوق بىسپ يوللۇدۇم ئىچكىرىدىكى ئىشلەۋاتقان ھەر ساھە ھەر كەسپتىكى بولۇپ ئاشخانا رىستۇرانلاردا ئىشلەۋاتقان ئاشۇ مۇلازىم،ھۆنەرۋەن كاسىپلارنىڭ ،ھەم مىللىتىمىز شەنىگە داغ يەتكۈزىۋاتقان ئوغرى،يانچۇقلارنىڭ،بالىلارنىڭ ئىچىنىشلىق قىسمەتلىرى بايان قىلىنغان . سىلەرنىڭ بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ ئاشۇ ئوغرى ،يانچۇقچىلارنىڭ قانداق بولۇپ بۇ يولغا كىرىپ قالغانلىقى ھەم ئۇلارنىڭ قانداق خورلانغانلىقىنى چۈشىنىپ ئۇلارغا بولغان كۆز قاراشلىرىڭلارغا بەلگىلىك تەسر كۆرسىتەلىسە بۇ ئەمگىكىمدىن ئالەمچە خوشال بولغان بولاتتىم.

  ئەسەر يىزىپ بولۇپ بەزى دوست بۇرادەرلىرىمگەكۆرسەتتىم ،ئۇلارمۇ خىلى يۇقىرى بولغان باھالارنى بەردى.ئەمدى مىسرانىمدىكى ئەزىزلەرنىڭ باھالىشىغا سۇندۇم. ئاشۇ باھالاردىن خاتىرەمگە يىزىلغان بىر پارچىنى ئىلاۋە قىلىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم .مۇنبىرىمىز ئەزاسى شۇنداقلار مىنىڭ ئەڭ ياخشى ئاكام سادام0909 نىڭ باھاسى :

  توۋا،ئۇكام نۇرجان ،مەن نىمە دەي توۋا ،اللە ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن.ئۇكام مەن راس يىغلىدىم.بەك تەسىرلىككەن،مەن بەك تەسىرلەندىم،بەك ھەيران قالدىم ،كاللامدابىر تەرەپتىن خۇشتۇر بىلەن قەندىلنىڭ بىشىدىن ئۆتكەن ئىشلىرىنى ئويلىسام بەك كۆڭلۈم يىرىم بولسا،بىر تەرەپتىن سىزدەك ئۇكامنىڭ يەنە كىلىپ قولى،قەلىمى ئۆتكۈر ئۇكامنىڭ بولغانلىقىغا بەك خوشبولدۇم.اللە سىزگىمۇ خۇشتۇردەك سەمىمىي،پاك مۇھەببەت ،ساپ كۆڭۈل ئاتا قىلسۇن .

  مەزكۇر ئەسەرنى ۋورد يىزىپ چىققانتىم ، مۇنبەرگە چاپلىسام بەزى خەتلەر چاپلىشىپ قاپتۇ ، ئىككى يىرىم سائەت قايتا تەھرىرلىدىم ،تۈزەتتىم، ئەگەر يەنە ئېملا خاتالىقى بولسۇن ئۆزۈڭلارنىڭ توغۇرلاپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنداقلا قىممەتلىك تەكلىك پىكىرلىرىڭزلارنى بىرىشىڭلارغا مۇھتاجمەن .

                                                                     مىنى ئەمرىڭىزگە ئالسىڭىز

                                                                               پوۋېست

1-  شاڭخەي سەپىرى

2-  پويىزدىكى ئۇچرىشىش

3-  يەرئاستى ئۆيىدىكى ھارام تاياق

4-  قەشقەردىكى زىرىكىش

5-  تۇنجى مۇھەببەت

6-  كەچلىك بازاردىكى يانچۇقچى قىز

7-  ئاپا! مىنى تاشلاپ كەتمەڭ......

8-  ئوقۇلمىغان خەت

                                                                   1 -شاڭخەي سەپىرى

  -يۇلۇچىلار دىققەت شاڭخەيدىن ئۈرۈمچىگەبارىدىغان T54-قىتىملىق پويىزھازىر قوزغۇلىدۇ،يۈك-تاقاڭلارنى رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ مىڭىشقا تەييارلىنىڭلار.......

   پويىز رادىئوسىدىن پويىزنىڭ قوزغۇلۇشى ئۇقتۇرۇلماقتا ئىدى . ئۆيىگە قايتمىغىلى بىر يىلدىن ئاشقان خۇشتۇرمۇ ئۆز ئورنىداپويىزنىڭ مىڭىشىنى كۈتۈپ ئولتۇراتتى . چىرايىدىن خۇشخۇيلۇق يىغىپ تۇرىدىغان بۇدىھقان يىگىتنىڭ بۇ چوڭ شەھەردە ھەرخىل قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇشىنى ئۇ ئۆزىمۇ ئويلاپ بىقىشقا ئۈلگۈرمىگەن ئىدى.....

  خۇشتۇر قەشقەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ،ئاددى-ساددا،رايىش،سىرىقتال تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان بىر دىھقان پەرزەنتى . كىچىكىدىن ئوقۇشقا ھىرىسمەن، ئىشقا چىۋەر ئىدى.مەكتەپتىكى نەتىجىسى مۇئەللىملىرىن ىسۈيۈندۈرسە،ئېتىز-ئىرىقتىكى چەبدەس،چاققان،تېتىكلىكى ئاتا-ئانىسىنىراھەتلەندۈرەتتى.

  خۇشتۇر تولۇقسىز ئىككىنجى يىللىققا چىققان يىلى دادىسى ئابدۇرىھىماخۇن بەختكە قارشى كىسەل كارۋىتىدا بۇ ئالەم بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى . پۈتۈن ئۆينىڭ ئىغىر-يىنىك ئىشى ،ھاشار-ئالۋاڭلار،تېرىلغۇ-زىرائەتلەرخۇشتۇر ۋە ئۇنىڭ بىردىنبىر قىرىندىشى خۇشتار،ئانسى زۆھراخانغا يۈكلەندى . بۇئەھۋاللارنى كۆرەگەن خۇشتۇر مەكتەپتىن چىكىنىپ ئۆي-ئارام،ئېتىز-ئىرىقنىڭ ئىشىنى زىممىسىگە ئىلىپ ،ئىنىسى خۇشتارنىڭ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ،ئانىسى زۆھراخاننىڭ تۇرمۇش بىسىمىنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللەتمەكچى بولدى . ئەمما ئۇنىڭ بۇ تەكلىپىنىمەكتەپ رەھبەرلىكى ،سىنىپ مەسئۇللىرى رەت قىلدى.چۈنكى ئۇنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى مەكتەپ بۇيىچە ئەڭ ئالدىدا ئىدى.لىكىن ئۇنىڭ ئىرادىسى ۋە قەتئىيلىكى ئاخىرى ئۇنى مەقسىتىگە يەتكۈزۈپ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئۇزىتىپ قويدى .

  شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ھەققىي دىھقانچىلىق ھاياتى باشلاندى .خۇشتۇر كۈندۈزلىرى ئېتىزدا،كەچلىرى ئىنىسى خۇشتارنىڭ دەرسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ئۇنىڭ ياخشى مەكتەپلەرگە ياخشى نەتىجە بىلەن ئۆتىشىگە بەلگىلىك ئاساس يارىتىپ بەردى .

  كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى،خۇشتۇرمۇ ئېتىز-ئىرىق ئىشلىرىنىڭ ئارىسالدى ۋاخلىرىدا يىزا بازىرىدىكى ھۆسەن بودەكنىڭ ئاشخانىسىدا ئىشلىگەچ ھۆنەر ئۆگەندى . كىچىكىدىن ئىشقا پۇختا ،چەبدەس بولغانلىقتىن ئاشپەزلىك ھۆنىرىنىمۇ خىلى ياخشى ئۆگىنىپ قالدى . ئازغىنە تۆت-بەش ئاي ئىچىدە پولوئېتىش،قورۇما قورۇش،شورپا،قورداق ئېتىشنى ئۆگىنىۋالدى.ئەتكەن تاماقلىرىنىڭمۇ تەمى رەڭگى جايىدا چىقىپ ھۆسەن بودەكنىڭ تىجارىتىنى خىلىلا ئىلگىرى سۈردى.ھۆسەن بودەكمۇ ئۇنىڭدىن تولىمۇ رازى،ھەم بەك ئامراق بولۇپ قالدى.

  كۈن ئاينى،ئاي يىلنى قوغلاپ خۇشتارمۇ تولۇقسىز3-يىللىقنىڭ ئىككىنىجى مەۋسۈمىگە يىتىپ قالدى،ئاكىسىنىڭ ئىزچىل كۆڭۈل بۆلىشى ئاستىدا ئۇنىڭمۇ ئۆگىنىش نەتىجىسى مەكتەپ بۇيىچە ئالدىنقى قاتاردا بولۇپ قالدى .

  ھەش-پەش دىگۈچە خۇشتارمۇ ئوقۇشنى غەلبىلىك تاماملاپ ناھىيە بويىچە ئەلىيۇلئەلا بولۇپ شاڭخەيدىكى تولۇق ئوتتۇرىغا قوبۇل قىلىندى، ئامەت كەلسە قوش كەپتۇ دەپ ئۇنىڭ بارلىق ئوقۇش راسخوتى ھەقسىز ئىدى . ئۇنىڭ بۇنەتىجىسى ئۇنىڭ ئائىلىسىنىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن يېزىنى خوشال قىلىۋەتتى .

  مانا بۈگۈن مەكتەپتە ئۇنى ئۇزىتىش ئۈچۈن بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ مەيدانىغا يىغىلغان ئىدى.چۈنكى ئۇنىڭ بۇ نەتىجىسى مەكتەپكىمۇ ئاز بولمىغان شان-شەرەپلەرنى ئىلىپ كەلگەن ئىدى . مەكتەپرەھبەرلىكى،يېزا رەھبەرلىكى ۋە ئوقۇتقۇچىلار خۇشتارغا تەبرىك ۋە تىلەكلەرنى بىرىپ،يوللۇق تۇتۇپ ئۇنى ئۇزىتىپ قويدى. ئۆز يېزىسىدىن چىقىپ باقمىغان دىھقان پەرزەنتى شاڭخەيدەك چوڭ شەھەرگە ئوقۇشقا بىرىشى ئانىسى زۆھراخاننى ئاز-تولا ئەندىشىگەسالماقتا ئىدى.

  -بالام-دېدى زۆھراخان-ئۇ شاڭخەي دىگەن بىزنىڭ قەشقەر شەرىمىز ئۇياندا تۇپ تۇرسۇن،ماۋۇ ئۈرۈمچىدىنمۇ چوڭ شە ئۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگەئ ۇيغۇرلار يامان ئاز ،تاماقتىن ياكى باشقا تەرەپلەردىن قىسىلىپ قالىدىكەنسە،ئۇنىڭئورنىغا مۇشۇ كۆزۈمگە يىقىن قەشقەردىلا ئوقۇمامسە.

  ئانا- دېدى خۇشتۇر جاۋابەن-قىزىق گەپ قىلىدىكەنسە ،شاڭخەي بىلەن قەشقەرنى قانداق سىلىشتۇرغىلى بولىدۇ .ئەمدى بۇ ئۇكاممۇ شۇنداق ياخشى نەتىجە بىلەن ئۆتتى،ھۆكۈمەت بارلىق چېقىمىنى كۆتىرىمەن دەۋاتسابىرىپ ئوقۇپ كەلسۇن،مۇئەللىملەرمۇ دېدىغۇ مەكتىپىدە ئۇيغۇر ئاشپەزباركەن،تۈزۈمى قاتتىقكەن،ھەرقانداق ئادەمنى خالىغانچە كىرگۈزمەيدىكەن،سەنئەنسىرىگىدەك يەنە نىمە ئىش با. ئەمدى چوڭ يەردە ئوقىغاننىڭ پايدىسى باركى زىيىنى يوق،خاتىرجەم بولۇپ ئەۋەتىۋەر، بۇنىڭمۇ ئوتتەك بارغۇسى بار.

  -بالام ،ئۇدىگىنىڭغۇ ئورۇنلۇق ،لىكىن شاڭخەي دىگەن 1000 ئادەمنىڭ توققۇزيۈز توقسان توققۇزى خاڭسۇ تۇرسا،يا ئۇكاڭ راۋان سۆزلىيەلمىسەخاڭسۇچىنى-دېدى زۆھراخان ئەنسىرىگەن ھالدا.

  -ۋاي خاتىرجەم بولغىنە،بارغاندىن كىيىن ئۆگىنىدۇ،ھىلىمۇ ئۇنىڭ خەنزۇچىسى ئانچە ناچار ئەمەس ،كۆرمىدىڭمۇ خەنزۇچە نەتىجىسى ۋىلايەت بويىچە ئۈچىنجى بولدىغۇ،ئۇندا خاتىرجەم بولالمىساڭ بولدى مەنلا ئۇكامنى ئىلىپ شاڭخەيدىكى مەكتىپىگە ئاپىرىپلا قوياي ،شۇ بانادا مەنمۇ شە كۆرىۋالامە.

  -ئۇنداق بولسا مەيلى بالام ،بىر كۆرۈپ باق بىزنىڭما قەشقەدىكى مەكتەپچىلىك مەكتەپ بولسا باندۇرۇپ كەل ،مەشەدە ئوقۇسۇن،ئەگەردىگەندەك ياخشى مەكتەپ بولسا بوپتۇ، ئۇكاڭ بولسىمۇ مۇرادىغا يەتكىچە ئوقۇسۇن-دېدىزۆھراخان   خۇشتارغا قىيمىغان ھالدى.

  شۇنداق قىلىپ خۇشتۇر،خۇشتار ئاكا-ئۇكا بىللەشاڭخەيگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە،ئۈرۈمچىدىن شاڭخەيگىچە بولغان 5كۈنلۈك سەپەر خۇشتۇرنى خىلىلا چارچاتقان ئىدى . شاڭخەي ۋوگزالىدىن چىقىشىغا مەسئۇل مۇئەللىملەرنىڭ يول باشلىشى بىلەن خۇشتۇر ئىنىسى خۇشتار ئۆتكەن مەكتەپكە كەلدى.كۆز ئالدىدىكى مەكتەپنى كۆرۈپ كۆزىگە ئىشەنمەيلا قالدى.

  -توۋا،بۇ تولۇق ئوتتۇرىمۇ ياكى ئالىي مەكتەپمۇ، نىمانچە چوڭ مەكتەپ بۇ ،ۋاھ....

  خۇشتۇر ھەيرانلىق ئىلىكىدە مەكتەپ ئوقۇتۇشبىناسى،ۋە مەيدانلىرىغا تويماي قارىماقتا ئىدى، ئۆزىنىڭمۇ مۇشۇنداق مەكتەپلەردەئوقۇغۇچى بولۇپ قىلىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىپ كەتتى.ھەي..ئامال قانچە كاج پەلەك ئۇنى بۇ ئامەتتىن مەھرۇم قىلدى.

  خۇشتۇر ئىنىسى خۇشتارنى ياتىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى قويماي تاپىلاپ ئىنىسى بىلەن خوشلۇشۇپ قەشقەرگە قايتىش ئۈچۈن ئارقىغا ياندى . يولدا كىتىپ بارغاچ ئۇنى ئاجايىپ قىسمەتلەرگە دۇچارقىلىدىغان خىياللارنى ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا سۈرۈپ ماڭماقتا ئىدى.

  -توختا ،چوڭ بولغان ياقى ئۈرۈمچىگىمۇ بىرىپ باقماپتىمەن،ئەمدى شاڭخەيگە ئاران كەلگەندە بىرە كۈن چۆگىلەپ قايتمايمۇ-دەپ ئويلىدى ،ۋە يىقىن ئەتراپتىكى ئاپتۇبوس بىكىتىگە بىرىپ ئۇدۇل كەلگەن ئاپتۇبوسقاچىقىپ شاڭخەي ساياھىتىنى باشلىۋەتتى .

  - ۋاھ نىمىدىگەن ئىگىز بىنا، نىمىدىگەن چوڭ يول،ھەيۋەتلىك كۆۋۈكلەربۇ، ئا باغچىنىڭ چىرايلىقلىقىنى ،نىمىدىگەن پاكىز،چىرايلىق شەھەر بۇ-خۇشتۇر شاڭخەينىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىگە مەستانە بولۇپ ئۆزىنىڭ قەيەرگەكىلىپ قالغىنىنىمۇ بىلمەي قالدى ، بىر چاغدا كۆز ئالدىدا جوڭگودىلا ئەمەس ،پۈتۈن دۇنيادا بەلگىلىك تەسىرى بار<شەرق مەرۋايىتى> مۇنارى نامايان بولدى.

  -ۋاھ نىمىدىگەن ئىگىز ،نىمىدىگەن ھەيۋتلىك مۇنار بۇ ...نىمىدىگەن گۈزەل مەنزىرە....

  ۋەيتەننىڭ ئىگىز بىنالىرى،خواڭپۇ دەرياسىدىكى كىمە،پاراخوتلار ،جىنماۋ سارىيى ۋە دۇنيا پۇل مۇئامىلە مەركىزىدەك بەھەيۋەت ئىمارەتلەر خۇشتۇرنىڭ بارلىق خىياللىرىغا چاڭگال سالغان ئىدى.ئاجايىپ بىر ھىس تۇيغۇلار خۇشتۇرنى بۇ شەھەرگە بۆلەكچىلا مەھلىيا قىلىۋالغان ئىدى .

  بىر چاغدا خۇشتۇر قورسىقىنىڭ بەكمۇ ئاچقىنىنى تولۇق ھىس قىلىپ يەتتى ، چۈنكى ئۇ شاڭخەي مەنزىرىلىرىدىن ھوزۇر ئالىمەن دەپ چۈشلۈك تاماقنىلا ئەمەس ، ناشتا قىلىشنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدى.

  -ئاللاھ،نەدە مۇسۇلمانچە ئاشخانا باردۇ ، ئۇئەتراپتىن ئاشخانا ئىزدىمەكتە ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى پەقەت چەتئەلئىگىلىدىكى شىركەت،بانكا ،مىھمانخانىلار ئىدى.

- ئەمدى نەدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشخانىسىنى تاپارمەن، خۇشتارنىڭ مۇئەللىمىغۇ شاڭخەيدە ئۇيغۇرئاشخانىسىنىڭ خىلى كۆپ دىگەن ، لىكىن نەدىدۇ؟- خۇشتۇرنىڭ كاللىسى قاتماقتا ئىدى.

-ھە راست ،تاكسىغاچىقىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشخانىسىغا ئاپىرىپ قوي دىسەم بولىدىغۇ –دىگىنىچە چوڭ يولغاقاراپ يۈرۈپ كەتتى .

  خۇشتۇر يولغا چىقىپ بىر تاكسىنى توستى ، لىكىن تاكسى توختىماي كىتىپ قالدى ، يەنە توستى ئەمما تاكسىلار توختايدىغاندەك ئەمەس. –قىززىق بۇ يەردە نىمىشقا تاكسى توختىمايدىغاندۇ ، توۋا ،يا بۇ يەردە خىرىدار ئىلىش چەكلەنگەنمىدۇ ، ياق ،ئەگەر چەكلەنگەن بولسا ئالدىمدىكىلەر ئەجەپ توسالىدى ،نىمىشقا ماڭا توختىمايدىغاندۇ- خۇشتۇر قورۇق تاكسىنى كۆرسىلا تۇسۇپ باقتى ،ئەمماھىچبىر تاكسى توختىمىدى.

  بىر چاغدا بىر تاكسى خۇشتۇر تۇرغان جايدىن 10مىتر ئالدىدا توختىدى ، ماشىنىدىن خىرىدارلار پۇلىنى بىرىپ چۈشتى . خۇشتۇرمۇ چاققان بىرىپ ، چۈشكەن ئادەمنىڭ پۇتى يەرگە تەككۈچە ماشىنىغا چىقىۋالدى . شۇپۇرخۇشتۇرغا قارىۋىتىپ :

  -و ياۋ جياۋ بەن چىڭ شيا چې (ئىشتىن چۈشتۈم،چۈشۈپ كەت) دېدى .

  -خۇشتۇر ئۇنىڭ گىپىنى چۈشەنمەي ، نەگە بارىسەن دەۋاتقاندۇ دەپ ئويلىدى ۋە :

  - پىڭيو ، ۋوشىما شىنجاڭ لەيدا ، ۋىيزۇ رېن .جىگىما دۇزا ئې لا ، چىپەندى دىفاڭ چۈ يىخا.(دوستۇم ، مەن شىنجاڭلىق ، ئۇيغۇر ،قورسۇقۇم ئىچىپ كەتتى ئاشخانىغا)دېدى ، ئەمما شوپۇر ئۇنىڭ گىپىنى تولۇق چۈشۈنمىدى، خۇشتۇرمۇ تىرىكمەي ئىشارەت بىلەن ئاخىرى گىپىنى چۈشەندۈردى بولغاي ، شوپۇرمۇئۇنىڭ شاڭخەيگە يىڭىدىن كەلگىنىنى پەملىدىمۇ –خاۋدى ،خاۋدى- دەپ ئۇنى ئىلىپ ماڭدى. شوپۇر باھا ھىساپلىغۇچنى بىسىشىغا خۇشتۇرنىڭ بىشى قايدى.

  - نىمە 12 كوي ، چىقا-چىقماي 12 كوي چىقتىياماۋۇ،زەھەردىن قىممەت كىرا بولدا،مەن بارار يېرىمگە بارغۇچە قانچە پۇل چىقا –دىگەن ئىقتىساد خىياللىرى خۇشتۇرنىڭ ھوشىنى تامام ئالغان ئىدى . ئانچە ئۇزۇن ماڭماي شوپۇر خۇشتۇرنى بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا ئاپىرىپ قويدى . كىرامۇ 45 يۈەن چىققان ئىدى . خۇشتۇر پۇلنى بەرگەچ ناھىيدىن قەشقەر شەھرىگە 10 قىتىم بارىدىغان پۇلغا بۇيەردە بىر ئاشخانىغا بارغىلى بولىدىكەن دىسە.دىگىنىچە ئاشىخانىغا كىرىپ كەلدى . پاكىزغىنە كىچىك بۇ ئاشخانا مۇلازىملار خۇشتۇرنى بۆلەكچىلا خوشال قىلىۋەتكەنىدى . چۈنكى شاڭخەيدەك ئادەم دىڭىز شەھەردە ئۆز قەۋمىنى ئۇچرىتىش ھەرقانداق قەۋم،مىللەت ئۈچۈن تەسۋىرلىگۈسىز خوشاللىق ئەلۋەتتە . خۇشتۇرنىڭ خوشاللىقىمۇ دەل مۇشۇ سەۋەپتىن .

  -نىمە تاماق يەيسىز-دېدى مۇلازىم چاي قۇيغاچ.

  -پولو يەي،راست نان بارمۇ-دېدى خۇشتۇرمۇ ئەدەپ بىلەن.

  -ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا نان بولمامدۇ بۇرادەر-دېدى مۇلازىم كۈلۈپ تۇرۇپ.

  -ئەمىسە ناندىن بىرنى .

  ئۇزۇن ئۆتمەي نانمۇ ،ئارقىدىن پولومۇكەلتۈرۈلدى ، گەرچە شىنجاڭ ئاشخانسى بولغان بىلەن،ئامما نان،تۇزى شىنجاڭنىڭكىدەك تەملىك بولمايتى ،چۈنكى ئىچكىرى ئۆلىكىلەرنىڭ ئىقلىمى سۇ،ياغ،خۇرۇچلىرى تامامەن باشقىچە تەمدە ئىدى .شۇڭا تۇنجى قىتىم تاماق يىگەنلەرگە بۇ تاماقلار سەل غەلىتەتېتىيدۇ . بۇ تاماقلار خۇشتۇرغىمۇ دىگەندەك تېتىمىسىمۇ ھەر ھالدا قورسىقى خىلى ئىزلاشتى. مۇشۇنداق چوڭ يات شەھەردە يۇرتنىڭ تائاملىرىغا ئىغىز تىگەلىگەن خۇشتۇرخىلى خوش بولغان ئىدى .خۇشتۇر تامىقىنى يەپ بولۇپ

  -نەچچە پۇل –دىگىنىچە پۇكەيگە باردى.

  -28 كوي –دىدى كاسسىر

  -ھە.......28 كوي –خۇشتۇر چۈچۈپ كەتتى-ئاداشخاتا بولۇپ قالمىغاندۇ؟ مەن بىر نان بىر پولو يىدىم...

   -خاتا ئەمەس،بىر پولو 25 كوي،بىر نان ئۈچ كوي.

  - ئاداش مەنمۇ ئاشپەز ، بىر پولونىڭ نەچچە پۇل بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن،ئەمدى مىنى سەھرالىقكەن دەپ بوزەك قىلىۋاتامسىلەيا–دىدى خۇشتۇر قايىل بولماي.

  -بۇرادەر،شىنجاڭدا پولو ئىشىپ كەتسە 10 كوي،ئۇنى مەنمۇ بىلىمەن،لىكىن شىنجاڭ 5000 كىلومىتىر يىراقتا قالدى. بۇيەردە ئىجارەقىممەت،ئۇستاملارنىڭ مائاشىمۇ يۇقىرى ،شۇڭا تاماقلارمۇ قىممەت-دەپ سىلىققىنەچۈشەندۈرۈپ قويدى كاسسىر.

  -ھە ،ئەمىسە مەيلى، مانا پۇل –خۇشتۇر ھىساب قىلىۋىتىپ يەنە سورىدى:

  -ھە راست ، بۇ يەردە ئەرزانراق ياتاق بارمۇ ؟

  -ئەڭ ئەرزىنى 180 يۈەن – دىدى كاسسىر.

  - نىمە ؟! 180 كوي؟ ئەڭ ئەرزىنى ؟ توۋا ، ئادەم بۇلايدىغان شەمۇ بۇ ؟ 180 كويغا ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە بارىدىغان ئاپتوبوسنىڭ ئەڭ نوچىسىغا ئولتۇرۇپ بارىمىز، نىمانداق قىممەتچىلىك شە بۇ؟.....

  خۇشتۇر شاڭخەينىڭ ئىستىمال سەۋىيەسىگە قەۋەتلا قايناپ كەتكەنىدى – بولدىلا كىتەيچۇ ، ئاداش پويىز ئىستانىسىسىغا قانداق بارىدۇ؟-دەپ سورىدى كاسسىردىن .

  -نەگە بارىسىلە –دەپ سورىدى كاسسىر.

  -شىنجاڭغا كىتىمەن ، بۇ يەردە تۇرىۋەرسەم ، پۇل بۇنداق كىتىۋەرسە،ئۆيگە مىڭىپ كىتىدىغان ئوخشايمەن.

  -ھازىر بىلەت بەك قىس،ئەگەر لازىم بولسا كەچتەبىر نەچچە بىلەتچى كىلىدۇ ،مەن شۇلاردىن بىرنى ئىلىپ قوياي ، لىكىن بىر بىلەتكە200 كوي پايدىسىنى بىرىسىلە ، قانداق؟ -دىدى كاسسىر سەمىمىيلىك بىلەن.

  -نىمىشقا پايدىسىنى بەرگۈدەكمەن . 200 كوي تاپماق ئاسانمۇ ماڭا ، ئاشخانىدا 10 كۈن پولو دۈملەپ، سەي قورىسام ئاندىن تاپىمەن200 كوي دىگەن پۇلنى ، بولدى ،ئۆزۈم بىرىپلا ئالايچۇ شۇ بىلەتنى . پويىزئىستانسىسىغا قانداق بارىدۇ؟

  كاسسىر پويىز ئىستانىسىسىغا قانداق بارىدىغانلىقىنى تەپسىلىي دەپ بەردى . خۇشتۇر كاسسىر دەپ بەرگەن ئادرىس بويىچەپويىز ئىستانسىسىنى تىپىپ بارالىدى.ئەمما بىلەت ساتىدىغان كامارنى تاپقان بولسىمۇ، گىپىنى قىيلىنىپ چۈشەندۇرگەن بولسىمۇ ، نەتىجە كاسسىر دىگەندەك بىلەت يوق ئىدى.خۇشتۇر نائىلاج پويىز ئىستانىسىسىدا بىر كەچ قونۇپ ئەتىسى يەنە ھىلىقى ئاشخانىغابىرىپ ھايانىغا بىلەت ئىلىپ كەتمەكچى بولدى . لىكىن بۇ كەچ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىزبىر كەچ ئىدى. ئۇ ۋوگزال بىناسىنىڭ پويىز ساقلاش ئۆيىدە قاتتىق ئورۇندۇقتائولتۇرۇپ ئانىسىنى ، دوستلىرىنى ئەسلەپ مۈگدىمەكتە ئىدى . ئۆيىدىن ئايرىلىپ باقىمىغان ھەرقانداق كىشىگە بۇلار تەبىئىي لىكىن ناھايىتى ئازاپلىق بىر ئىش ئەلۋەتتە . ئۇ بىر تەرەپتىن ئانسىنى ، مەرھۇم دادىسىنى ، يۇرتىنى ئەسلىگەچ سىغىنىش ئىلكىدە دائىم يىنىدىن ئايرىمايدىغان كىچىك خاتىرىسىگە مۇنو مىسرالارنى يازدى :

مۇساپىر بولۇپ ياقا يۇرتلاردا ،

قىيلىنىپ يۈرۈپ كەزدىم ھەم جاھان.

يۇرتنى، ئانامنى شۇنچە سىغىندىم،

سىغىنىش ئوتى قەلبىمدە پىنھان .

ئانا دەپ باقتىم بار ئۈنۈم بىلەن ،

لىكىن بالام دەپ سادا چىقمىدى.

بۇ سوغوق تۈندە ئۆزۈم ھەم تەنھا،

مىھرىبان ئانام كۈلۈپ كەلسىدى .

   خۇشتۇرنىڭ سىغىنىش ھىسلىرىنى مۇشۇ مىسرالاربىلەن ئىپادىلەپ بولمايتى . تاڭنىڭ چاققانراق ئېتىشىنى،ئۆيىگە تىزدىن قايتىپ ،ئانايۇرتنىڭ توپىسىنى كۆزىگە سۈرتىشىنى ئويلاپ ئويقۇسىمۇ كەلمەيتى . ئۇزۇن كىچە ئاخىرى خۇشتۇرنىڭ قوينىغا ئىلىپ ئۇنى ئۇخلىتىپ قويدى . كۆزىنى ئاچقىنىدا كۈنمۇ چىققان سائەتمۇ 8 دىن ئاشقان ئىدى . ئۇ ھاپىلا-شاپىلا يۈزىنى يۇيۇپ ئاشخانىغا قاراپ يول ئالدى . ئاشخانىغا كىرىشىگە ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولغان مەنزىرە تۈنۈگۈن بىلەن تامامەن ئىككى دۇنيا ئىدى . تۈنۈگۈن خۇشخۇيلۇق ، ئىللىق ھەر يان تاراپتۇرغان ئاشخانىنى ،بۈگۈن تامامەن جىددىيلىك قاپلاپ تۇراتتى .

  -قېنى ھىلىقى سولامچى ،ھارامدىن بولغان-دەپۋارقىرايتى ، سىمىزغىنە كەلگەن چوڭ سۈپەت بىرى . قارىماققا ئۇنىڭ خۇجايىنئىكەنلىكىنى بىلىش ئانچە تەس ئەمەس ئىدى .

  -ھاجىمكا ئەتىگەن قارىساق يوق،يۈك-تاقىسى،نەرسە-كىرەكلىرىمۇ يوق،قاچقان ئوخشايدۇ-دىدى كاسسىر.

  -خەپ ھاراملىق ، تۆت كۈن تۇرۇپ تۇر دىسەم –دىدى بودەك خۇجايىن ئاچچىقلىنىپ، ئەمما شاڭخەيدە ماڭا ئۇچراپ قالمىسۇن ،ئانا-مانىسىنى كۆزىگە كۆرسىتىۋىتىمەن . بۈگۈن پولونى قانداق قىلىمىز؟ ئاشخانىداپولو ئىتەلەيدىغان بىرەرسى باردۇ ؟

  -ئەمدى ،ھاجىمكا ، ناسىرجان ئۇستام ئىتەلەيدۇ ،لىكىن ئۇ ئۆزىنىڭ سېيىنى قورۇش بىلەن ئالدىراش ، ھەم پولوغا ئىپى يوق ، باشقا بالىلار ئاساسەن شاگىرت ،ئوخشىمىغان پولونى ئېتىپ خىرىدارلارنى نارازى قىلساقياخشى بولماس.

  - ئەمىسە پولو ساتمىساق نىمە ساتىمىز ؟ بىزنىڭ ئاشخانىغا پولو يىگىلى جياڭسۇ،جېجياڭلارنى خىرىدار كىلىدىغان تۇرسا- دىدى خوجايىنئالاقىزادە بولۇپ.

  بۇ ۋاقىتتا كاسسىر ئىشىك يىنىدا تۇرغان خۇشتۇرنى كۆرۈپ قالدى .

  -ھە ئاداش كىتەلمىدىڭلىما ؟

  -شۇ ،بىلەت يوقكەن ، شۇڭا سىلىنى ئىلىپ بىرەمىكىن دەپ كىلىشىم –دىدى خۇشتۇر.

  -ھە راست ، سىلى مەن پولو ئىتەلەيدىغان ئاشپەزدىدىڭلا ھە –دەپ سورىدى كاسسىر يانداپلا

  -ھە ، يىزىدا ئاشخانىدا ئىشلەيتىم ، پولو ،لەغمەن ، قورداق ، شورپا ئىتەلەيمەن .-دىدى خۇشتۇر جاۋابەن .

  -ئەمىسە –دىدى كاسسىر –ھاجىمكا بۇ بالا بۈگۈن بىرە كۈن ئىتىپ بەرمىسۇنمۇ، بەرىبىر بۈگۈن بىر كۈن تۇرغاندىن كىيىن ، ھازىربىلەتمۇ بەك قىسكەن ، بۇ بالىمۇ خىلى مۇلايىم، ئەدەپلىك ، رايىش بالىگەن –دەپ مەسلىھەت بەردى خۇجايىنغا.

  -خۇجايىن خۇشتۇرغا بىر قۇر قارىۋىتىپ – نەدىن كەلدىڭ ئۇكام ،شاڭخەيگە نىمىگە كەلگەن .

  -قەشقەردىن كەلدىم ، ئىنىم شاڭخەي تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆتكەن ، شۇنى ئەكىلىپ قويغىلى كەلگەن ، ئەمدى ئۇنىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇپ بولدۇم.قايتاي دەپ تۇرغان .

  -ھە ، قەشقەردىن دە ، مەنمۇ پەيزىۋاتتىن ، پولوئىتەلەمسەن –دەپ سورىدى خۇجايىن .

  - ئىتىشىمغۇ ، ئىتىمەن ، لىكىن مەن قايتماقچى ،بۇ يەردە ئىشلىيەلمەيمەن . خاپا بولمىسىلا –دەپ سىلىق رەت قىلىدى خۇشتۇر .

  - مەن سىنى ئىشلە دىمىدىمغۇ تېخى – خۇجايىن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ – سەن ئىشلەيمەن دىسەڭمۇ ئىشلىتىدىغان ئىش يوق ، ماندا ھۈنىرىڭبىزگە يارىسا ئاندىن مەسلىھەت قىلىمىز تېخى.

  -شۇ ...مەن....- خۇشتۇر گەپتە كەتكۈزۈپ قويغىنى ھىس قىلىپ كىكەچلەپ قالدى.

  -ماندا گەپ ئۇكام ، مەن گەپنى ئۇدۇللاقىلىدىغان ئادەم –خۇجايىن خۇشتۇرنىڭ مۆرىسگە ئۇرۇپ – قىنى ئولتۇر –دەپ ئولتۇرۇشقا ئىما قىلدى ،

   -ماۋۇ بىزنىڭ پولوپەز دىگەن خۇمسى گۇي بۈگۈ نقىچىپتۇ دىگىنە ، ما ئاشخانىدا پولونىڭ سودىسى باشقا تاماقلاردىن تىز ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن يەكشەنبە خىرىدارلامۇ جىق ،سودىمۇ ياخشى ، ئەمدى ئىككىمىز بىريۇرتلۇق بولغاندىن كىيىن شۇنىڭ خاتىرىسىنى قىلىپ بولسىمۇ بۈگۈن بىر قازان پولودۈملەپ باق ، ئەگەر بازارغا يارىسا ، بولدى ئىش ھەققىڭ 100 كوي ، ئەگەر ئوخشىمىسابالىلار يەۋىتە ،لىكىن يەنىلا 100 كوي بىرىمەن . قانداق –دىدى خۇجايىن مەرتلىك بىلەن- ئاندىن كاسسىر كەچتە بىلىتىڭنى ئىلىپ بەرسە ئەتە كىتەرسەن.

   خۇشتۇر ئويغا چۈمدى< ئەمدى بۈگۈن بىلەت يوق، ئەتە ماڭماقتىن بۆلەك چارىمۇ يوق ، ئىككى كۈندە تاماققىلا پالان پۇل كەتكەن ،ياتاق يەنە شۇ ۋوگزالدىن قاتتىق ئورۇندۇق،ئۇنىڭدىن بىكار تۇرغىچە بىكار ئىشلە دەپتىكەن.بىرقازان پولو دىگەن بىر سائەتتە پىشىدۇ ، ئۇنىڭدىن ئەتسەممۇ ئىتىپ باقاي .

  -لىكىن سەھرانىڭ پولوسى بۇ يەردە قانداقبۇلاركىن ؟

  -دىدىمغۇ ،ئوخشىمىسىمۇ ماڭا ھىساپ،100 كوي بىرىمەن –دىدى خۇجايىن كەسكىنلا .

  خۇجايىننىڭ كەسكىنلىكى بىلەن خۇشتۇر ئۆزىنى ھەرخىل قىسمەتكە دۇچار قىلىدىغان قەدىمىنى باستى .

  كىچىكىدىن چىۋەر ،چەبدەس خۇشتۇرنىڭ ئاشپەزلىك ھۆنىرىمۇ بولۇپمۇ پولو ئىتىش ھۆنىرى ئۆزگىچە ئىدى. بىردەمدىلا خۇشتۇرنىڭ تۇنجى قازان پولوسى مەزىلىك ھىدى بىلەن ،تەخسىلەرگە چىچىلىپ ئۈستەللەرگە قاراپ يول ئالدى، ئۇ ئەتكەن پولونىڭ مەيلى تەمى ياكى رەڭگى بولسۇن بودەك خۇجايىننىڭ ئالاھىدەدىققىتىنى تارتقان ئىدى . شۇ كۈنى خۇشتۇر 6 قازان پولو دۈملىدى . خىرىدارلامۇ دىيىشىۋالغاندەك پولولا بۇيرۇيتى.سودىمۇ قىززىدى . سەھرالىق ئاشپەزنىڭ ھۈنەرگە بۇنداق ئۇستا ئىكەنلىكى بودەك خۇجايىنى بىر تەرەپتىن سۈيۈندۈرسە،يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنى بۇنداقلا كەتكۈزىۋىتشىكە كۆزى قىيمايتى .

  كەچ بولغاندا خۇجايىن خۇشتۇرنى چاقىرىپ مۇڭداشتى :

  -ھە ئۇكام –دەپ گەپ باشلىدى خۇجايىن-مىنىڭ ئىسىم قاسىماجىم ،ئاشخانىدىكىلەر ھاجىمكا دەپ چاقىرىدۇ ،سەنمۇ شۇنداق چاقىرساڭ بولىدۇ، ئەمدى ھۆنىرىڭ ھەقىقەتەن بولىدىكەن ، بىزنىڭ بۇرۇنقى ئاشپەز،پولوپەزلەرنىڭ ھىچقايسىسى سەندەك پولو دۈملىيەلمەيتى ،ماندا پولو شاڭخەي ئەمەس كۇلىدىكى ھىچقايسى ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا يوق دىيەرلىك،بولسىمۇ ساناقلىقلا،ئەمدى بىرە ئۇستام ئەچىقاي دىسەم،سەندىن ئۇستا بولسىغۇ.ياق،سەندەك ئىتەلىسىمۇ مەيلىتى،لىكىن بۇ يەرگە كۇلىدىگەن قانداق يەركىن دەيدىغان،قوڭى يوق ئاقنانچى،ساختىپەز ئۇستاملار چىقىپ ئىشنى ئالاڭ،ئوڭنى ساراڭ قىلىدىغان ئۇستاملار چىقىپ ئادەمنى چىچىلدۇرۇپ يا ئۆزىنى خوش ئىتەلمەي ، يا ئۆزگىنى خوش ئىتەلمەي ئادەم ئاۋارە قىلىدۇ ، ئەمدى سەندەك رايىش،چىۋەر ئۇستاملار بەك ئاز چىقىدۇ-دەپ ئەھۋال چۈشەندۇردى خۇجايىن.

  -ھەراس ئۇكام،ئۆيۈڭدە كىملەر بار؟

  -دادام تۆت يىل بورۇن ۋاپات بولغان،ئۆيدە ئانام،ئىنىم،مەن بار ، ئەمدى ئۇكام بۇ يەردە ئۈچ،تۆت يىل ئوقۇيدۇ،شۇ ئانام بىلەن مەنلاقالىمەن.

  -ھە...ئۇنداقتا يىللىق كىرىمىڭلار قانچە پۇلبۇلاۋاتىدۇ؟

  -دىھقانچىلىقتىن يەتتە،سەككىز مىڭ كوي،ئۆيدە 7قوي ئون نەچچە توخو بار شۇلاردىن بىر ئىككى مىڭ كوي كىرىم قىلىمىز .

  -ئاساسەن 10000 كويغا بارىدۇ دە ؟

  -شۇنداق .

  -ئەمىسە سىنىڭ ئورنۇڭدا ئادەم ئىشلەتسە قانچەپۇل كىتە ؟

  -بىزنىڭ يۇرتنىڭ شارائىتدا ئۈچ-تۆت مىڭ كويكىتىدۇ.

  -ئۇنداقتا-سۆزىنى داۋام قىلدى خۇجايىن-شۇئادەمنىڭ ئىش ھەققىگە بەش مىڭ ئاناڭنىڭ تۇرمۇشىغا بەش مىڭ ، سىنىڭ ئىش ھەققىڭگە30000 كوي بەرسەم ماڭا بىر يىل قارىشىپ بىرەمسەن ؟

  -ھە....-خۇشتۇر ھەيران بولۇپ-بىر يىلدا 40000كوي بىرەمسىز ؟

  -ئوغولبالىدەك ئىشلىسەك 40000 كوي ئىش ھەققىڭ شاڭخەيدىن ئۆيگە بىرىپ كىلىش يول كىراسى بولۇپ 42000 كوي بىرەي ، ئۇندىن سىرت ئايدا ئالىدىغان مۇكاپاتىڭ بۇنىڭ سىرتىدا ، ھىيت-ئايەملەردە ھىيتلىق كىيىم-كىچەكلىرىڭ مەندىن.مەنمۇ گىرى ئەمەس بىر يىل مۇشۇنداق پولو دۈملەپ بەلەن قارىشىپ بەرسەڭ يوللۇقۇممۇ بار،ئەمدى قالغان گەپ ئەركەكتەك ئىشلىسەڭلا .

  -لىكىن ئانام ئۆيدە يالغۇز قىيلىنىپ قالارمۇ؟-دىدى خۇشتۇر ئەنسىز ھالدا.

  -قېنى ئويلىشىپ باق،ئەگەر كاللاڭدىن ئۆتسەئىشلەسە،كىتىمەن دىسەڭمۇ مەيلى،ماۋۇ بۈگۈنكى ئىش ھەققىڭ ، بىر قازان دۈملەپ باقدىسەم ئالتە قازان دۈملىدىڭ ، رەھمەت ساڭا-دىگەچ 300 يۈەن پۇلنى خۇشتۇرغا ئۇزارتتى-ھوي ئابلەت –دەپ كاسسىرنى چاقىرىدى قاسىماجىم-ما ئاغىنەڭ،ھوي ئاللاھ قارائۇكام ئىسىمىڭنى سوراشنىمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن دىسە ، ئىسمىڭ نىمىتى ؟

  -خۇشتۇر ، خۇشتۇر ئابدۇرەيىم .

  -ھە ،خۇشتۇرجاننىڭ ياتىقىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ،بىلەتچىلەرگە تېلفۇن قىلىۋەت ، ئەتە،ئۆگۈننىڭ بىلىتىدىن بىرنى ئەپقويسۇن،خۇشتۇرجان كىتىمەن دىسە شۇنى ئىز پۇلىغا بەرسۇن مىنى دىدى دە، قاچاننىڭ بىلىتى بولسا شۇ چاغقىچە ياتاق تامىقى بىزدىن .

  ئابلەت خۇشتۇرنى ئىلىپ ياتاققا ماڭدى ، ئۇلاريولدا ماڭغاچ ئۆز ئارا سىرىدىشىپ ماڭدى.

  -ئاداش –ئابلەت سۆز باشلىدى، پولوغا راس ئۇستىكەنسىلە،ئادەتتە باشقا كۈنلەردە ئىككى قازان ئاران تۈگەيتى،بازار ياخشى بولغان كۈنلەردىمۇ ئۈچ قازان ئاران تۈگەيتى،لىكىن قۇلۇڭلارنىڭ راسلا تەمى باركەن،بۈگۈن كەلگەن كونا-يىڭى خىرىدارلار < ۋوي يىڭى ئاشپەز كەپتۇدە،ماندابولمامدۇ پولو دىگەن ، پولودەكلا پولوكەن بۇ > دەپ ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ بىرنى يەيدىغانلار ئىككىنى يەپ كىتىشىنى .ھاجىمكاممۇ بەك خوش بولدى ، سىلىنى بولساداۋاملىق ئىشلەپ بەرسىكەن ،سەن چىقىپ دەپ باق دىگەن، مەن يەنىلا ئۆزلىرى دىسىلە دىگەن، سىلىگە نىمە دىدى .

  -شۇ ئىشلەپ بەر دىدى،لىكىن ئانام سەھرادايالغۇز ،قىيلىنىپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن.

  -ئەمدى ئانىنى يىراقتا تىكەندەك يالغۇز قويۇپ ئىشلەشمۇ ياخشى ئىش ئەمەس ، لىكىن ئۆزەڭلا بىلىسىلەر ئەمدى بۇ يەردە ئېستىمال يوقىرى ، مائاشىمۇ ياخشى ، قوڭنى بۆكۈپ بىر ئىككى يىل ئىشىلىسە يۇرتتا تۆت،بەشيىلدا تاپىدىغان پۇلنى تاپقىلى بولىدۇ ،شۇ يېرىنى دىمىسە ساراڭمۇ بىر ئادەم ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ مۇساپىر بولۇپ بۇ يەردە جان قىيناپ . ھە راس ، نەچچە پۇلبىرىدىكەن .

  شۇ بىر يىل قارىشىپ بەرسەم 45000 كوي بىرىدىغان ئوخشايدۇ .

  -ۋوي ،راۋۇرۇسلا دەپتىغۇ ، قاچقان پولوپەزنىڭمۇ ئايلىقى 1500 كوي ئىدى،سىلى كۆزىگە خىلى ئىسسىق كۆرىنىپ قاپسىلە ، بولمىسا ئۇئادەم قىلنى قىرىق يارىدىغان لوبەن.ئۇدۇل كەلگەن ئادەمگە ئۇنچىلىك جىق پۇل بىرىدىغان لوبەن ئەمەس . مەنمۇ يىڭى كەلگەندە 800 كوي بىرىتى ، مانا دىگەن ئىشىنى ۋاقتىدا قىلىپ ھازىر 3500 كوي بىرىدۇ ، شۇڭا مەنمۇ ئىشلەۋاتىمەن 3 يىل بولاي دىدى.

  -ھە ،راس ئاداش سىلى نەدىن .

  -مەن ئۈرۈمچىدە توغۇلۇپ چوڭ بولغان ، تىگىم قەشقەردىن ،لىكىن قەشقەردە ئاساسەن جىق تورۇپ كەتمىگەن ، شۇ تەتىللەردە بىرىپكىلىپ دىگەندەك .

  -ئۇنداقتا سىلى قانداق كەلگەن ؟

  -شۇ ئائىلە بىسىمى بولمامدۇ ، ئۆيدە ئاتا-ئانامبار ئىككى سىلىڭلىم بار ، دادام دىئابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كىيىن شۇتىجارەت ئىشلىرىمۇ دىگەندەك يۈرۈشۈپ كەتمىدى، ئانام ئۆيدە ئۆي ئىشى بىلەن،ئۆينىڭ چىقىمى كىرىمىدىن ئىشىپ كەتكەندىن كىيىن مەنمۇ ئوقۇشتىن توختاپ ئىشلىدىم ،دەسلەپتە ئۈرۈمچىدە ئىشلىدىم ، ئەمدى ئۆزەڭلا بىلىسىلە ، ئۈرۈمچىدە تىجارەت قىلايدىسە چوڭراق دەسمى بولمىسا بولمايدۇ ،ئىشلىسە مائاش تۆۋەن،شۇنىڭ بىلەن تەۋەككۈل ئاللاھ پۇلنى پۇل جىق يەردە تاپاي ، يا مۇش يەمە ، يا گۆش يەمە دەپ شاڭخەيگە چىقىپ سىلىدەك ئاشخانا ئىزلەپ مۇشۇ ئاشخانىغا كىلىپ قالدىم ، شۇنىڭ بىلەن خوجايىنغائەھۋالىمنى ئىيتىپ ئىشلەي دىسەم ماقۇل دىدى ،ھازىرغىچە ئىشلەۋاتىمەن.ئاللاھقاشۈكرى ھەر ھالدا پۇل تىپىپ بىيىپ كەتمىدىم ،ئەمدى مائاش دىگەن ئۆلمەسنىڭ دورىسىكەن، نىمە دىگەن بىلەن ئۆينىڭ دەردىنى ، ئۆزۈمنى بىقىپ بىر يىل بولدى ئازراقئىشىندىم،خەققە ئىشلىگەندىن كىيىن شۇنداق بولىدىكەن، خەققە ئىشلەپ ئىگىلىك تىكلەشئۇ ئاساسەن مۇمكىن بولمايدىغان ئىشكەن،لىكىن بىرە ئىشنىڭ ئەلمى،تەلمىىنى بىلىپ،پىشىنى تۇتقىچە بىكار قالغاندىن ياخشىكەن.

  -دىگىنىڭلا ئۇرۇنلۇق –دىدى خۇشتۇر قايىللىقبىلەن.

  -مانا ياتاققىمۇ كەلدۇق-خۇشتۇر ئابلەتنى باشلاپياتاققا چىقتى-ماۋۇ كارۋاتتا ئۇخلاڭلا ، مۇنچا ئاۋۇ يەردە ، ئوبدان ئويلىشىپ ئوبدان ئارام ئىلىڭلا ،سىلىنىڭ ئەھۋالىڭلىنىمۇ بىلدىم،سىلىگە مەسلىھەتىم ئەگەرئاناڭلا راسلا قىيلىنىپ قالسا ،ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمىسا قايتىپ ھالدىن خەۋەرئىلىڭلا، ئەگەر قىينالمىسا ، پۇل قىيىنچىلىق بولسا ،بىرە يىل ئىشلەڭلا ، ئىشلەيمەن دەپلا ھاجىمكامغا گەپ ئۈزەلىسەڭلا ئاي توشمىسىمۇ ئۇ ئادەم پۇل دەپ بولغۇچە تەقلەپ بىرىدۇ ،ئۇ يەرىدىن خاتىرجەم بولۇڭلا. مەن ئۆزەم شەخسەن ئىشلەپ قىلىشىڭلارنى ئۈمىدقىلىمەن.

  ئابلەت خۇشتۇرغا ئىشلارنى تاپىلاپ چىقىپ كەتتى، خۇشتۇر قاتتىق خىيالغا چۆممەكتە ئىدى.

-ئىشلەيمۇ؟قالايمۇ؟ كىتەيمۇ؟ كەتسەم 40000 كويدىگەن پۇلنى جۇغلىغۇچە بىرە چوڭ كىلىشمەسلىك بولمىسا ھۆسەن بودەككە بىر يىل ئىشلىسەم ئاران بەش ئالتە مىڭنى بىرىدۇ ،ئىتىزدىن ،ئۇلاغدىن ئون مىڭ كويچە تاپساق، ھاشارغا ، سۇ ،ئوغۇت باشقا چىقىملارنى ئايرىۋەتسەك قالغىنى يا ئون مىڭ ياسەككىزمىڭ .مۇشۇ ھالەتتە بەش يىل ئېتىزدا جان قىيناپ ، ئاشخانىدا ئوچاق پۈلەپ ئۆتسەم ئاندىن تاپىمەن،لىكىن بۇ يەردە بىر يىلدا بەش يىلنىڭ پۇلىنى تاپىمەن،بىريىلدا 42000 كوي تاپسام 2000 كوي يول خىراجىتى ، سوۋغا-سالام بىلەن كەتسە 40000كوي قالىدۇ ، قالغىنىنى ئېتىزدىن ،ئۇلاغدىن 10000 قىلساق 50000 كوي، ۋاھ 50000كويغا قەشقەر شەرىدىن چاققىغىنە ئاشخانىدىن بىرنى ئاچىقىلى يىتىپ ئاشىدۇ تىخى ، قانداق قىلسام بولا، توختا ،خۇشتارمۇ يىڭى كەلدى ، كۈنىۋالغىچە بىرە يىل تۇرسام ، تىلداقىيلىنىپ قالسا،ياكى ئۆينى سىغىنىپ كىتىمەن دەپ بىكا ئاران تەستە كەلگەن ئامەتنى يوق قىلىۋەتمىسۇن،شۇنىڭ ئۈچۈن تۆمۈرنى قىززىقىدا سوقۇپ بىر يىل تەۋەككۈل ئاللاھ دەپ ئىشلەپ باقاي.

خۇشتۇر ئىشلەش قارارىغا كەلگەن ئىدى ، ئەمدى ئەنسىرىۋاتقىنى بۇ ئىشلارنى ئانىسىغا قانداق ئىيتىش ،قانداق قايىل قىلىش ئىدى،-توغرا ئانامغا قانداق دىسەم بولا ، قۇشۇلامۇ ، ئەجەپ بىشىم قاتتا؟

  خۇشتۇر ئانىسىنى قانداق قايىل قىلىشىنى بىلەلمىدى،ئەمما بىر يىلدا قىرىق نەچچە مىڭ كوي تاپىدىغانلىقىنى ئويلىسا ،ۋۇجۇدى يايراپ كىتەتتى،خۇشتۇر بىر تەرەپتىن خوشال بولۇپ،بىر تەرەپتىن ئانىسىنىڭ قوشۇلماسلىقىنى ئويلاپ بىشى قىتىپ قانداق ئۇخلاپ قالغىنى ئۆزىمۇ بىلمەي قالدى.

  ئەتىسى خۇشتۇر ئويغۇنۇپ ئانىسىغا قانداق ئېيتىشىنى ،قانداق قايىل قىلىش توغرىسىدا يەنە باش قاتۇردى ،ئاخىرى ئانىسىغاتىلىفۇن ئىلىپ گەپنى ئۇدۇللا دىيىشىنى لايىق تاپتى .

  خۇشتۇر تىلفۇن بوتكىسىغا كىلىپ ئانىسىغا تىلىفۇن ئالدى ،شۇ تاپتا ئۇنىڭ يۈرىكى ئانام قۇشۇلماي قالامۇ دەپ ئەنسىز سوقماقتائىدى.

  -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا، تىنچلىق تۇردۇڭمۇ؟

  -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،بالام ،نىمانداق ئادەمنى ئەنسىرىتىپ تىلفۇن ئىلىپ قويمايسەن ؟سەن ئۈرۈمچىگە كەلدىڭمۇ يا؟

  -ياق تېخى، مەن شاڭخەيدە.

  -نىمە سەن يەنە شاڭخەيدىما ، بىرە ئىش بولمىغاندۇ بالام ، ئۇكاڭ كۆنەلمەيۋاتامدۇ يا؟ كۆنەلمىسە بولدى بۈگۈنلا قايتىپ كىلىڭلا ، مەكتەپ دىگەن مۇشۇدىمۇ با؟

  -ۋاي ئانا نىمە دەۋاتىسەن ،خۇشتۇر مەكتىپى بىزنىڭ قەشقەر سىپەندىمۇ (قەشقەر پىداگوگىگا ئىنىستىتوتى)

چوڭ مەكتەپكەن ،تۈزۈمىمۇ چىڭ ھەقىقەتەن ئىسىل مەكتەپكەن .ئۇنىڭغىمۇ خوپ ياقتى،باشقۇرۇشىمۇ ئەتراپلىق ،ئوقۇتۇشىمۇ ياخشى سىستىمىلىقكەن .خالىغان ئادەمنى كىرگۈزمەيدىكەن .-دەپ ئەھۋال چۈشەندۈردى .

  -ھە ، خۇدا يا شۈكرى ، سەنچۇ ،قاچان ماڭىسەن،ما كىۋەزلەرمۇ ئىچىلاي دىدى ،يىنىڭدا پۇل بادۇ؟

  خۇشتۇر سەل جىمىپ قالدى ، ئۇ سۆزنى قانداقباشلاشىنى بىلەلمەيلا قالدى.

  -ئانا مەن.....مەن...شۇ...

  -نىمە بولدى،بالام ،بىرە كىلشىمەسلىك بولمىغاندۇ؟-زۆھرەخانمۇ جىددىيلىشىپ قالدى.

  -ياق ، مەن...شۇ...شاڭخەيدە ئىشلەي دىگەنتىم ،بۇ يەردە بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسى باركەن، خۇجايىنىمۇ ياخشى ئادەمكەن ، شۇ ماڭاياردەملىشىپ ئىشلەپ بەرسەڭ دىگەنتى؟

  -بالام ، قانداق گەپ بۇ ، شاڭخەيدە بىر ئىشقايولۇقۇپسەن ھە ،راس گەپ قىلە بالام ، نىمە ئىش بولدى؟

  -خۇدايا توۋا دىگىنە ئانا ، سەن ماڭا دۇئاقىلىۋاتساڭ،ماڭا يەنە نىمە ئىش بولاتتى ، مەن ياخشى ، ھىچ ئىش بولغىنى يوق . شۇئاشخانىدا ئىشلەي دىگەن.

  -ياق ،بالام ،يالغان گەپ قىلما ،نەدە بىرسى ئۇدۇل كەلگەن ئادەمنى ئىشلىتىدىكەن، يا سىنىڭ پىشانەڭدە ئاشپەز دەپ خەت بولمىسا ،قاراپلا سىنىڭ ئاشپەزلىكىڭنى بىلىپ ئاشخانامدا ئىشلەپ بە دەمدا؟

  -ۋاي ئانا ،نىمانداق مۇرەككەپ ئويلاپ كىتىسەندەيمەن، شۇ ئاشخانىغا تاماق يىگىلى كىرگەن ،ئۆزەمنى ئاشپەزلىكىنى دىگەنتىم ،ئەتىسى بارسام ئۇلارنىڭ پولوپىزى قىچىپ كىتىپتىكەن،خوجايىن پولو ئىتىپ بەرسەڭ دىگەن ،شۇھۆنىرىم ياراپ قىلىپ ئىشلەپ دەيدۇ-خۇشتۇر بولغان ئەھۋاللارنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى.

  -بالام ئۇكاڭنى ئەۋەتمەي دىسەم ، شاڭخەي دىگەن ئۇندا يە ،بۇندا يە دەپ ئەۋەتكۈزدۈڭ،ئەمدى ئۆزەڭمۇ كەلمەي ئىشلەيمەن دەۋاتىسەن،مەن بۇ سەھرا قىيامەتتە ،ئېتىز تىخى تۇرسا،ئۆي تىخى تۇرسا،ئۇلاغ تىخى مەرەپ بىشىمنى ئاغرىتىۋاتسا مەن قايسىبىرىنى قىلىپ بولىمەن.......

  زۆھراخانمۇ بار ئەھۋالنى ئىيتتى،دىمىسىمۇ سەھرادىگەندە بىردەم ئېتىز ئىرىق ،بىردەم ئات-ئۇلاغ،باغ-ۋاران،بىردەم ئۆينىڭ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرى ئازمۇ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ياشانغان ئايال قايسىنى قىلىپ ئۈلگۈرىدۇ .

  -ئانا-دىدى خۇشتۇر-مەن شۇلارنى ئويلىمىغاندىمەنمۇ؟ ئەمدى دىگىنىڭمۇ توغرا،بىزنىڭ ئۆينىڭ ئىشىمۇ ھەلەم بار، ئەمدىئېتىز-ئىرىققا يىتەلىشەلىگىنىڭنى قىلىپ تۇر،يىتىشەلمىگىنىڭگە تاغام ھاشىمكا قىلىشىپ بەرسە،ھاشارنى كۆتىرەگە بەرسەڭ،قالغان چوڭ ئەمگەككە ئادەم سالساق بولىدىغۇ؟

  -ئادەم سالساق پۇل كىتە،ھازىر نەدە بىكا ئىشقىلىدىغان لىي پىڭجانلا باركەن.(لېي فېڭ)

  -ۋاي ،خاتىرجەم بولغىنە ، ماڭا بىر يىلدا 42000كوي بىرىدىغان بولدى.5000 كوي بىزنىڭ ئۆينىڭ ھەر قانداق چىقىمىغا بويلىشا؟

  -نىمە ؟ قىرىق مىڭ كوي ؟بالام سەن ئاشخانىدائىشلەمسە يا ؟ راس گەپ قىلە ،بالام شاڭخەيدە بىرە ئىشقا چىتىلىپ قالمىغانسە؟،ئاڭلىسام شاڭخەيدە ئوغرى ،يانچۇقچى ،ئاقچى ،قىمارۋازلا بەك جىقكەن ،شۇلارغا چىتىلىپ قالمىغانسە؟

  -توۋا دە ئانا، ما شاڭخەي يامان قىممەتچىلىك شەكەن،بىر تەخسە پولو 25 كويكەن، شۇڭا مائاشىمۇ يوقىرىكەن ، تۆنۈگۈن ئالتە قازانپولو دۈملىسەم خۇجايىن 300 كوي بەردى،ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇشتار مۇ قىيلىنىپ قالمىسۇن،دەماللىققا ،كۆنىۋالغىچە بىرە يىل بىللە تۇرمايمۇ ؟

  زۆھراخان سەل ئىرىگەندەك قىلاتتى ، ئۇنى ئىرىتكىنى خۇشتۇر چۈشەندۈرۈشى بولماستىن ، بەلكى ئۇنىڭ 40000 كوي مائاشى ئىدى،چۈنكى زۆھراخانمۇ بىر ئۆمۈر ئېتىز-ئىرىقتا پالاقشىپ ئىشلەپ ئۇنچىلىك پۇلنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇشتۇر شۇ سەھرا قىيامەتتە نەچچە يىل بەلمۈكچەيتىپ ئىشلىسە ئاندىن شۇنچىلىك پۇلنى تاپالايتى ، پۇل بەخت ئەمەس ،ئەمما پۇل بەختلىك تۇرمۇشنىڭ ئاساسىدە ،زۆھراخان گەرچە ئوقۇپ باقىمىغان بولسىمۇ بۇنچىلىك ئىشلارنى چۈشىنىپ يىتەلەيتى ، نىمىلا دىگەن بىلەن ئانىدە قايسىبىر ئاناپەرزەنتلىرىنىڭ بەختىنى ئويلىمايدۇ دەيسىز.

  خۇشتۇر ئۇنى دەپ بۇنى دەپ ئاخىرى ئانىسىنى قايىل قىلدى، زۆھراخاننىڭ قوشۇلىشى بىلەن خۇشتۇرنىڭ شاڭخەي ھاياتى رەسمىي باشلاندى..........

                                                              2-پويىزدىكى ئۇچرىشىش

  -بۇ ئورۇندا ئادەم بارمۇ ؟

  خۇشتۇر خىيال دەرياسىدا ئۈزۈۋاتقان مۇشۇپەيىتتە تويۇقسىز سورالغان بۇ سۇئال ئۇنى سەل چۈچۈتۈپ قويغان ئىدى.ئۇنىڭ كۆزئالدىدا ئوماققىنە بىر قىز تۇراتتى.

  -ھازىرچە ئادەم يوق –دىدى ئۇ ئارانلا.

  -ھە ، ئەمىسە مۇشۇ يەردە بىردەم ئولتۇرۇۋالاي-قىز ئاۋايلاپ ئولتۇردى،قولىدىكى يۈك-تاقىمۇ ئانچە كۆپ ئەمەسئىدى.خۇشتۇرمۇ ئەدەپ بىلەن ئۇنىڭ يۈك-تاقىلىرىنى ئۈسىتىدىكى يۈك-تاقا قويىدىغان يەرگە ئىلىپ بەردى.

  -ۋايەي،نىمىدىگەن ئىسسىق-قىزچاق ھاۋادىن شىكايەت قىلىشقا باشلىدى-ئەجەپمۇ نەس باسقاندەك كىملىكىمنى يۈتتۈرۈپ قويۇپ بۇجاپاغا قالدىم دىسە.

  -قانداق ،بىرەر كىلىشمەسلىك بولدىمۇ ؟ بەك خاپا كۆرىنىسىز-خۇشتۇر قىزىقىپ سورىدى.

  -شۇ كىملىكىم يوق ئايرۇپىلانغا چىقالماي ،مۇشۇ ئەبگا پويىزغا چىقىپ ئۆيگە قايتىدىغان بولدۇم.

  -ھە..راسلا كىلىشمەسلىك بوپتۇ.

  -شۇنى دەڭە،پۇلۇم يۈتسىمۇ مەيلىتىغۇ ، قىرىق نەچچە سائەت قانداقمۇ ئولتۇرۇپ بولامە،ئۈرۈمچىگە بارغۇچە ئۇشتۇلۇپ كەتمىسەم مەيلىغۇ.

  -ئۇنداقمۇ بولۇپ كەتمەس،قاراڭ ئاۋۇياشانغانلارغا ، ئۇلار قورقمىغان يەردە سىز ياش تورۇپ.-دىدى خۇشتۇر چاقچاق ئارلاش.

  -ۋىييي ،تىخى ، ئۇ ماڭنۇرلار كۈنۈپ كەتكەنتۇرسا.

  -سىزمۇ كۈنۈپ قالىسىز،بىسمىللاھ دەپ مىڭىڭ،ئاللاھ ئاسان قىلىپ بىرە.

  -ئىلاھىم دىگىنىڭىز كەلسۇن.

  قىز ناھايىتى سۇس گىرىم قىلغان ئىدى،بىر جۈپخوما كۆزى ،يۇمىلاق يۈزى ،ئاغزىنىڭ يىنىدىكى كىچىككىنە بىر تال مەڭ بۇ قىزغائاجايىپ ياراشقان ئىدى. كىيىنىشىمۇ ئانچە چاكىنە ئەمەس ، يوتىسىغا چاپلىشىپ تۇرىدىغان پادىچىلار ئىشتىنى ،قىزنىڭ پىگورىسىنى ئەينەن كۆرسىتەتتى ، بىر قاراشتائالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدەك قىلاتتى . قىسقىسى بۇ قىز خىلىلا نازاكەتلىك،زىبالىق،خۇش مىجەز ،چىرايلىق ئىدى.

  ئۇزۇن ئۆتمەي بىر خەنزۇ چىقىپ :

  -بۇ مىنىڭ ئورنۇمكەن ،خاپا بولماي بىكار قىلىپبەرسەڭ –دىدى.

  قىزمۇ ئۆلچەملىك تەلەپپۇزدا:

  -بىز ئىككەيلەن تۇققان ،خاپا بولماي سەن مىنىڭ ئورنۇمدا ئولتۇرساڭ-دەپ قوشنا ۋاگوندىكى ئۆزىنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ قويدى.خەنزۇمۇبوپتۇدەپ يۈرۈپ كەتتى.

  خۇشتۇرمۇ بىر يىلدىن بىرى خەنزۇچىنىمۇ خىلى ئۆگەنگەن ئىدى، مەقستىنى ئۇدۇللا ئىنىق قىلىپ چۈشەندۈرۈشتە بىر ئاز قىينالسىمۇ،ئاڭلاپ چۈشىنەلەيتى.ئۇ باياتىندىن بىرى بۇلۇۋاتقان گەپلەرنىڭ ھەممىنى بىلىپ يەتكەن ئىدى.

  -بۇ سىزنىڭ ئورنىڭىز ئەمەسكەندە-دىدى خۇشتۇر.

  -شۇ بايا قارىسام بۇ پويىزغا چىقىدىغان ئۇيغۇرلا جىق ئەمەسكەن،پويىزغا چىققۇچە سىزنىڭ مۇشۇ ۋاگونغا چىقىنىڭىزنى كۆرگەنتىم، مىنىڭ ئورنۇم بار ۋاگوندا ھەممىسى خەنزۇلاركەن ،ئەمدى مەن قىز بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئىتىقادىمىز ،ئۆرپ-ئادىتىمىز ئۇلار بىلەن بىر بولمىغاندىنكىيىن ئۇنچە جىق يات مىللەت بىلەن بىللە ئولتۇرالمايدىكەنمەن. شۇڭا ئىككىمىز بىرمىللەت بولغاندىن كىيىن بىللە ماڭايلى دەپ.....

  -ھە ،مۇنداق ئىشمىتى ، توغرا ئويلاپسىز ، ئەمدى ئىككىمىزنىڭ تىلى بىر ،ئىتىقادى بىر بولغاندىن كىيىن بىللە ماڭغىنىمىز ياخشى،دەماللىققا مۇڭدىشىپ ھەمسەپەر بولساق يول ئازابىمۇ بىلىنىپ كەتمەس، ھە راس ئىسىمىڭىزنى سورىسام .....؟

  -مىنىڭ ئىسىم قەندىل ،سىزنىڭچۇ ؟

  -قەندىل ،چىرايلىق ئىسمكەن ، مىنىڭ ئىسىم خۇشتۇر .قەشقەردىن .

  -رەھمەت ، مىنىڭ تىگىم كۇچادىن ، ئۈرۈمچىدە چوڭبولغان.

  -ھە ، مانا ياخشى تونۇشۇپ قالدۇق ، شاڭخەيدەئوقۇمسىز؟

  -ھەئە ، ئۈچ يىل بولدى.

  -ھە ، مىنىڭ ئىنىممۇ شاڭخەيدە ئوقۇيدۇ .

  -ھە ،سىزمۇ ئىنىڭىز بىلەن بىللە ئوقۇمسىز ؟

  -ۋاي ،ياق ، بۇلتۇر ئىنىم شاڭخەيگە ئۆتكەن ،شۇنى ئەكىلىپ قويىمەن دەپ ئۆزۈممۇ تۇرۇپ قالدىم.

  -ھە ،مۇنداق دەڭ ، قانداق قىلىپ تورۇپقالدىڭىز؟

  -دىسەم گەپ جىق ،شۇ مۇشۇ يەردە ئۇيغۇرئاشخانىسىدا ئىشلەپ تۇرۇپ قالدىم ، يۇرتۇمدا ئاشپەزلىكنى ئۆگەنگەن ئىدىم ،ئويلىمىغان يەردىن ھۆنىرىم ئاشخانا خۇجايىنىغا يىقىپ قىلىپ تۇرۇپ قالدىم.

  -ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا ئىشلەمسىز؟ قاسىماجىمنىڭ ئاشخانىسىدىمۇ يا ؟

  -ھەئە ، سىزمۇ بىلىدىكەنسىز ھە .

  -بىلىدىكەنسىز ، شاڭخەيدە ئۈچ يىل ياشاپ ئەمدىئ ۇيغۇر ئاشخانىسىنى بىلمىسەم سەت تۇرا، ئۇ ئاشخانىنى شاڭخەيدە كىم بىلمەيدۇ .سىزئاشخانىدا نىمە قىلىسىز؟ئۇ ئاشخانىغا تولا بارىمەن لىكىن سىزنى كۆرمەپتىكەنمەن .

  -مەن ئۈستىدە پولو ئىتىمەن ، تۆۋەنگە جىق چۈشۈپ كەتمەيمەن .

   -پول ئىتەمسىز؟

  -شۇنداق .

   -ھە .... بىر يىلدىن بىر شۇ ئاشخانىدا يىگەن پولولىرىمنى سىز ئەتكەن دەيلى ، پولوغا بەك ئۇستىكەنسىز ، ھەر قىتىم بارسام ئون قىتىمنىڭ توققۇزىدا پولو يەيتىم ، ئەمدى شۇ پولونىڭ ئۇستىسى بىلەنمۇ تونۇشىۋالدۇق دەيلى.

  -ئانچىمۇ ئەمەس ،ئادەتتىكىچە...-خۇشتۇر سەل خىجىل بولۇپ قالدى.

  -راس دەۋاتىمەن، مەنمۇ ئۈنچىلىك ئىتىش تۈگۈل پولو دۈملەشنىمۇ بىلىپ كەتمەيمەن ، نەچچە قىتىم سىناپ باقتىم ، بىر دۈملىسەم خامقىلىۋاتقان ، بىرىدە كۈيۈپ كەتكەن.بىردى قوماچتەك بىرى ئۇماچتەك دەڭە.

  -توۋا دەڭە قىزلارمۇ تاماق ئىتەلمەمدۇ ؟

  -شۇ ئەمدى ئارزۇلۇق قىز دەپ ئاپام ئۆي ئىشىغا جىق ئارلاشتۇرمايدۇ.

  -ھە ... راس ،گەپ بىلەن بولۇپ كىتىپ قورساقمۇئىچىپ كىتىپتۇ ، سىزنىڭمۇ ئاچقاندۇ ؟ ھاجىمكام يولدا يەپ ماڭ دەپ كاۋاپ ،نانلارنىقىلىپ بەرگەن ،كىلىڭ بىللە يەيلى.

  -ئۇنداقتا قانداق بولىدۇ،بولدى ،ئۆزىڭىز يەڭ ،مىنىڭ قورسىقىم تىخى ئاچمىدى.

  -قانداق بولاتتى ، ياخشى بولىدۇ،تەڭ يىگەنتەڭگە سىڭەر دەپتىكەن،تارتىنماڭ ، ئەمدى بۇ سەپەر ،مۇنداق تەكەللۇپ قىلىپ كەتمەي ،تارتىنماڭ ،قىنى ئىلىڭ – خۇشتۇر ناننى ئۇشتۇشقا باشلىدى.

  -ۋاي ،رەھمەت ، راس قورسىقىم ئاچمىدى ،ئۆزىڭىز يەۋىرىڭ.

  -سىز قاراپ تۇرسىڭىز مەن قانداق يەيمەن ، قىنى ئىلىڭ –دىگىنىچە بىر پارچە ناننى قىزغا ئۇزارتتى.

  -ياق بولدى-قىز تارتىنماقتا ئىدى-ئەجەپ خىجىلقىلدىڭىز-سىز ئەدەپ بىلەن ناننى ئالدى، ئىككەيلەن ئۇنى بۇنى دىگەچ غىزالانماقتائىدى.

  -سىلەرنىڭ ئىشىڭلار بەك جاپالىق ھە؟-قەندىل تاماقتىن كىيىن سۆز باشلىدى.

  -قانداق دەيسىز؟-خۇشتۇرمۇ قىزىقىپ سورىدى.

  -شۇ دەيمەنغۇ ، كۈندە ئەتىگەن تۇرۇپ ئىشقاچىقىسىلەر،ئون نەچچە سائەت ئىسسىقتا مىدىرلىماي ئىشلەيسىلەر، بەش-ئون مىنوت يوقاپكەتسەڭلا لوبەنلەرنىڭ سىسىق گىپىچۇ تىخى،نەگە كەتتىڭ ، نەدە تۇردۇڭ دەۋاتقان، ھىلىئۇنى دەپ ھىلى بۇنى دەپ ئادەمنىڭ كۆزىگە كىرىۋالغان.

  -شۇنى دەڭە، يۈز نومۇرلۇق گەپ قىلدىڭىز جۇمۇ ،ئەمدى خەققە ئىشلىگەندىن كىيىن شۇنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقماي ئىشلەيدىغانگەپكەن،ئادەم جىق يەردە ،گەپمۇ جىق بولىدىكەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە شاڭخەينىڭ ئىستىمال سەۋىيەسى يوقىرى بولغاچقا،سىرتقا چىقىپ بىرەر نەرسە سىتىۋالاي دىسە قىممەت،ئەرزانراقىنى ئالايلى دىسەك يىراق بىر يەرلەردە، ئويناپ كىلەيلى دىسە ئىشتىن كەچ چۈشىۋاتقان، كەچ سائەت 12دىن بورۇن قايتىپ كىلەلمىسەك ئىشنى تاقىۋالىدۇ ، سىرتتا تۈنەپ قالساق ، بولدى ،ئەتىسى ھاجىمكامدىن ئۆلگۈدەك دۇمبا يەۋاتقان.

  -نىمە دۇمبا ، سىلەرنى ئۇرامدا تىخى؟

  -ئۇرامدا؟ ئۆلۈپ قالمىساق خۇداغا شۈكرىدەيمىز.  

  -نىمىشقا؟

  -شۇ ھاجىمكام بەك ئىغىر ئالىدۇ ، ئۇنىڭ قارىشىدا كەچ قالغانلار يا دىباغا،يا شوپاڭغا بىرىپ قالسا ،ئەيىش-ئىشرەتكە ئۆگىنىپ قالسا بولدى ،كىيىنكى ھاياتى تۈگىشىدىكەن، شۇ ھاجىمكام بىزنىڭ يامان يولغا مىڭىپ قىلىشىمىزدىن ئەنسىرەپ تەربىيەنى جاندىن ئۆتكۈدەك قىلىۋىتىدۇ.

  -ھە...مۇنداق دەڭ ، بۇمۇ بىر ھىساپتائورۇنلۇق،ئەمدى شاڭخەيدە كۆردىڭىز ھەرخىل ئادەملەر بار ، 56 مىللەتنىڭ ھەممىسى تىپىلىدۇ ، ئوڭىمۇ بار ساراڭمۇ بار. ئەمدى ئەنسىرگىنىمۇ ئورۇنلۇق.

  -مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن،ئۆتكەندە بىزنىڭ بىركاۋاپچى ئۇستام كەچ قىلىپ ياتاققا كىرەلمىگەن،ئەتىسى ھاجىمكام يەر ئاستى ئۆيىگەئەكىرىپ تازا ئۇرىۋەتتى،يىشىمۇ 35 تە بار ئۇ ئۇستامنىڭ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈنىگە بىرپۈتۈن قوي كاۋاپ سالاتتى ، باشقا كاۋاپلارنىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىۋىتەتتى، لىكىن ھاجىمكام بۇلار بىلەن ھىساپلىشىپ ئولتۇرمىدى، تۈزۈم دىگەن تۈزۈم دەپ يۈز خاتىرىمۇ قىلمىدى.

  -ھە.... ئاچچىقى ئاجايىپ يامان ئادەمكەندە.

  -ئىشلىقىلىپ خوشلۇقى تۇتسە ئۇنىڭدەك ياخشىئادەم يوق ، ئەمما بىرەسىمىز تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلدۇڭما،بولدى ، خۇداساقلىسۇن.....

  -شۇڭا سىلەرنىڭ ئىشىڭلار جاپالىق ئەمەسمۇ .

  قەندىلنىڭ دىگىنى تامامەن ئورۇنلۇق ئىدى.دىمىسىمۇ ئىچكىرىدىكى ئاشخانىلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشى ھەقىقەتەن جاپالىق ،يۇرتىنى تاشلاپ مۇساپىر بولۇپ ئىشلىگەن ،لوبەنلەرنىڭ تاپا-تەنىسىچۇ تىخى،ھىلى ئۇنىدەۋاتقان ھىلى بۇنى قىلما دەۋاتقان.تىخى شىنجاڭدىن بارغان ئۇيغۇرلارمۇ بولۇپمۇ بەزىبىر ساپاسىزلار ماۋۇ يۇرتنى تاشلاپ مۇساپىر بولۇپ مۇشۇ شەھەردە بىزنىڭ ھاجەتلىرىمىز راۋا قىلىۋىتىپتۇ دىمەي مۇلازىملارنى سىلكىپ كىتىشىچۇ تىخى.يائادەمنىڭ ئۇسسىغان يىرىگە بارمىغان. يا بىر ھاردۇقىنى چىقارغىدەك< جاپاتارتتىڭلار ھە ، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتە > دەيدىغان سۆزلىرىمۇ يوق.

  خىزمەتچىلەرمۇ ئىشتىن چۈشسە ئۇخلاپ ،ئۇخلاپ قوپسا ئىشلەپ كۈندە بىر رىتىمدا ئۆتىۋەرگەن، كۈندە قىلسا شۇ بىر ئىش ،شۇڭىمۇكۈنلىرى بەكمۇ زىرىكىشلىك ئىدى.

  -ھە،راست- قەندىل يەنە بىر قىتىم جىمجىتلىقنى بۇزدى-سىلەرنىڭ ئاشخانىدا ئابلەت دەيدىغان بىر كاسسىر بالا بولىدىغان،بەكمۇ يىقىشلىق ،مۇلايىم ،ئوڭلۇق بالىتى،كىيىن يوقاپ كەتتى، ئۇنىڭ كىيىن كەلگەن توڭقاپاق خەنزۇ خوتۇن كۆزۈمگە پەقەتلا سىغىمىغان، ئۇ بالا كەتتىما ؟ ئاشخانىكىلەردىن سورىسام ئۆيىدە بىر كىلمەسلىك بوپتۇدەك ، راسما؟

  -ئۇنىمۇ تونۇمسىز؟

  -ياق ، شۇ ھەر قىتىم تاماققا كىرسەم بەك قىزغىن مۇئامىلە قىلاتتى،ھىلىقى توڭ قاپاقنىڭ چىرايىغا قارىغىسىمۇ كەلمەيدۇ ئادەمنىڭ ،سۆرۈن تەلەت.

  -ھا..ھا..-خۇشتۇر كۈلىۋەتتى-راست دەيسىز، يەنەبىر قىتىم يۈز نومۇرلۇق گەپ قىلدىڭىز ، ئۇنىڭ بىلەن مىنىڭمۇ خوشۇن يوق.ھا...ھا..

  خۇشتۇر كۈلدى ،ئەمما كۆڭلى سەل بىئارام بولۇپ قالدى، چۈنكى ئۇ شاڭخەيدىكى تۇنجى سىردىشى ،ئۇنىڭ قىلىپ قىلىشىغا سەۋەپچى بولغان ئوڭلۇق،خۇشچاقچاق ئاغىنىسى ئابلەتنى ئەسلەپ قالغان ئىدى،ۋە ئىختىيارسىز ھالدا نەچچە ئاي ئىلگىرى يۈزبەرگەن ئابلەتنىڭ پاجىئەسىنى كۆڭلى غەش ھالدا ئەسلىمەكتە ئىدى.........

                                                 3-يەر ئاستى ئۆيىدىكى ھارام تاياق

  ئابلەت كاسسىر ئاشخانىنىڭ پۈتۈن چىقىم-كىرىمىگەمەسئۇل بولۇپ ،ئاشخانىنىڭ كۈندىلىك سەي-كۆكتات،ئۇن،ياغ،گۆش لازىمەتلىك،ئاددىيسى چىش كولىغۇچتىن تارتىپ خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىغىچە بارلىق ھىساۋات ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتەتتى.ئۆزىمۇ ھىسابقا چىڭ ئالغان ،بەرگەن پۇللىرىنى ئىنىق خاتىرلەپ ھاجىمغاتەپسىلىي ئۆتكۈزۈپ بىرەتتى.شۇڭىمۇ ھاجىم ئۇنىڭغا قەۋەتلا ئامراق ئىدى.چۈنكى ئىقتىساد باشقۇرۇش ئاسان ئەمەس ئەلۋەتتە،ھىساب تۇتقىلى ھەم لايىق،ئىمانلىق،سەمىمىي ئادەم تىپىشمۇ تەس. ئەمما ياندىكى ھىسىپنىڭ قەدرى يوق يوق دىگەندەك ئاخىرىدا ئابلەتنىڭ بارلىق تېرىشچانلىقىنىڭ نۆل بولىشىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز.

  خۇشتۇر ئىشقا چۈشۈپ نەچچە ئايدىن كىيىن ھاجىمنىڭ نۇرمەمەت ئىسىملىك ئۆزىدىن نەچچە ياش كىچىك بۇرادىرى ئاشخانىغا سەيگويەن بولۇپ كەلدى.دەسلىپىدە خىلى ياخشى بىجاندىل ئىشلەپ ،ماتىرياللارنى ئۆزۋاقتىدا،سۈپەتلىك تەمىنلەپ بەردى.ھىساۋاتىمۇ نەخ قىلىپ ئۆتكۈزۈپ ئاشخانىنىڭ باشقا يۈگۈر يىتىم ئىشلىرىغىمۇ ئوبدان قارىشىپ ھاجىمنىڭ قايىللىقىنى قولغا كەلتۈردى.

  لىكىن پۇل تۇتتۇڭ،ئوت تۇتتۇڭ دىگەندەك نۇرمەمەتنىڭ ئىچىگە شەيتاننىڭ ئوتلىرى توتاشماقتا ئىدى.ھەركۈنى ماتىريال پۇللىرىدىن 20~30 كوي ،40~50 كويدىن قەرىگىلى تۇردى ، كىيىنچە نەپسى يوغىناپ بىرەيۈز كويغىچە قارا قول سالغىلى تۇردى .ئۇنىڭ ئەكەلگەن تالۇنلىرى بىلەن ئاشخانىنىڭ سودىسى ئابلەتنىڭ دىققىتىنى بارغانسىرى تارتماقتا ئىدى.نەچچە ۋاقتىن بىرى ھىساپ تۇتىۋاتقان ئابلەت ئۈچۈن بۇلار ناھايىتى ئىنىق ئىدى،ھەم بىلىش ئانچىمۇ قىيىن بولمىغان بىر ئىش ئەلۋەتتە.ھەر قىتىم نۇرمەمەتتىن چىقىمنىڭ ئىشىپ كەتكەنلىكىن ىسورىسا،نۇرمەمەت ئەندىكمەيلا،شۇ باھا ئۈسۈپ كىتىپتۇ ئۇكام،قىممەت دەپ ئەكەلمىسەك ئاشخانىدا چىنە-قاچا،قوشۇق-چوكا ساتامدۇق، دەپلا قۇياتتى. ئابلەت ئۇنىڭغا شۇنچەدىققەت قىلدىكى ھەتتا ئەكەلگەن كۆكتاتلارنىڭ كىلو سانىدىمۇ خاتالىق بارلىقىنى پەملىدى ۋە خۇشتۇرغا:

  -ئاداش ، ماۋۇ نۇرمەمەت دىگەن گۇي ھازىرھىساۋاتقا سوغۇق قول سىلىۋاتىدۇ، ئەمدى بىز بۇنى پاكىتى بىلەن تۇتمىساق بولمايدۇ.سەن ئىغىر كۆرمەي ئەكەلگەن كۆكتاتلارنى بىرمۇ بىر جىڭلاپ ماڭا بەرسەڭ-دەپ تاپىلاپقويدى.

  خۇشتۇرمۇ چاندۇرماي ئابلەتنىڭ دىگىنى بويىچەكۆكتاتلارنى كۈندە جىڭلاپ ئابلەتكە بەردى،دەرۋەقە ئابلەتنىڭ گۇمانى توغرائىدى.نۇرمەمەت ھەركۈنى كۆكتاتلارنى ئاز ئەكىلىپ ، بىر ئىككى كىلو قوشۇپ يازدۇرۇپ تالۇن ئالاتتى. ئەمما بىر كۈنى خۇشتۇر كۆكتاتلارنى جىڭلاۋاتقاندا نۇرمەمەت كۆرۈپ قىلىپ چىرايى تاتىرىپ كەتتى . خۇشتۇرمۇ سەل ھودۇقۇپ قالدى.

  -ئۇكام ،خۇشتۇرجان ، نىمە قىلىۋاتىسەن؟

  -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نۇرمەمەتكا-دىدى خۇشتۇر ۋەزىيەتنى ئوڭشاپ،ما چوڭ ئۇستامنىڭ شاگىرتى دىگەن تاسما گۇي تىخى چىقماپتىكەن، ما كۆكتاتلار پۇتلۇشۇپ ، شۇڭا پۇتلاشمايدىغان يەرگە ئىلىپ قوياي دىگەن.

  -ھە، بۇ گۇيلار بىرە مىنۇت بالدۇراق چىقايدىمەيدۇ ، ئىشتىن چۈشكىچە مىنۇت ئۆتكۈزمەي سائەتكە قاراپ سكونت سانايدۇ .-نۇرمەمەتشۇنداق دىگىنىچە چىقىپ كەتتى،ئەمما ئۇ ئاللىقاچان ئابلەتنىڭ ئۆزىگە قارشى ھۇجۇمغا ئاتلانغانلىقىنى كۆڭلىدە مۇسەللەپ بولدى.بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويغىلى بولمايدۇئەلۋەتتە ،چۈنكى ئۇ ھاجىم بىلەن بىر يۇرتلۇق، تىخى قەدىناس،ئەگەر ھاجىم ئۇنىڭ بۇئىشلىرىنى بىلسە چوقۇم ئۇنى بوش قويىۋەتمەيدۇ،ھەتتا رەسۋايى ئالەم قىلىپ بۇئالەمدە ياشاي دىسە سىسىق نام ، ئۆلەي دىسە سىسىق تاپ قىلىۋىتىشتىن يانمايتى.شۇڭائۇ ئابلەتنى كۆزىگە قادالغان مىخ دەپ بىلدى، ئۇ بۇ مىخنى چوقۇم يۇلۇپ تاشلىشى كىرەك ، بولمىسا ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلىمەك تەس .

  ئابلەتمۇ دەلىل-ئىسپاتلارنى نەخلەپ ھاجىمغاكۆرسىتىش ئۈچۈن پۇرسەت ئىزدىمەكتە ئىدى.ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ھاجىم بىر تويغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئاشخانىنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى نۇرمەمەتكە ، ھىساۋاتلارنى ئاۋالقىدەكلا ئابلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ شىنجاڭغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.ئىككى رەقىپ بىر بىرىنى بابلاش ئۈچۈن پۇرسەت ئىزدەپ يۈردى. ھەتتا بەزى كۈنلىرى تەگىشىمۇقالدى،لىكىن ئابلەت كىچىكلىك قىلىپ ھاجىمنىڭ كىلىشىنى كۈتۈپ تۇردى. ئىككەيلەن چىش بىلەپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئابلەت نۇرمەمەتتىن كۈندىلىك ھىساۋاتنى ئىلىۋاتاتتى.

  -ئاكا ، ما مۇقاتىلىنى <يەنى ياۋگو> كەم ئەكەپسىزغۇ؟

  -نىمىنى كەم ئەكەپتىمە؟-دىدى نۇرمەمەت پەيلىنى بۇزۇپ.

  -مۇقاتىلىنى ، ئەتىگەن جىڭلىسام بىر كىلو كەلدى، سىزنىڭ تالونىڭىزدا بىر يىرىم كىلو يىزىلىپتۇ،كەم بولماي نىمە؟

  -ۋە ھاراملىق ، گەپ قىلمىسام ھاجىم كەتكەندىن بىرى ھەجەپ چىشىمغا تىگىۋىرسىنا ، بىردەم ئۇنى دەپ بىردەم بۇنى دەپ ، سەنزە مىنى پۇلنى ئۇغۇرلاپ كەتتىمىكى ،يەپ كەتتىمىكى دەۋاتامسەن؟ كىسۋالامسەن يا سولامچى.

  -نىمە ئاغزىڭنى بۇزىسە ،كام بولغاندىن كىيىن كام دىمەي نىمە دەيمەن، خەنزۇنىڭ بەرگىنىنى ئالماي جىڭىغا قاراپ ئالىسەن، دىققەت قىلىمىساڭ بۇ يەردە سەندەك سەيگويەندىن ئوننى قاتار دوڭغايتىپ كەينىگە ھۈنەر قىلىدىغان مەككار جىق بىلەمسە شۇنى ، بىر كىلوسى 90 كوي ما نەرسىنىڭ .

  ھە، ماندا دە ،ئۇنداق بولسا ئەتىدىن باشلاپ ئۆزۈڭ بىرىپ ئەكەل جۇمۇ ، سەن يامان بولغاندىن كىيىن ،مەن تىقىپ ،ئوغۇرلاپ دادام بىلەن ھامماچام غا كۇسار ئىلىپ بىرىمەن بۇ پۇللارغا .

  -كۇسار ئىلىپ بىرەمسە ، پوسما ئىلىپ بىرەمسە ،مىنىڭ پۇلۇمغا ئالمايسەن،ھاجىمكام ما خىزمەتكە مىنى ئەمەس ، سىنى قويغان،قىلالمىساڭ ھاجىمكامغا دە،بۇ يەردە ئىشنى ئالاڭ ،ئوڭنى ساراڭ قىلماي-دىدى ئابلەتمۇ بوش كەلمەي،-خاتىرجەم بول قىلغان.ئەتكەن ئىشلىرىڭ ھەممىسى پاكىتى بىلەن بار ،ھاجىمكام كەلسۇن قىنى ، ئاندىن دىيىشىمىز.......

  ئىككەيلەن بىر-بىرىگە مۇش ، پەشۋا ئىتىپ ئۇرۇشۇپ كەتمىدىيۇ ئۇنىڭ بىرىسى بولدى، تىللاشمىغان گىپىدىن ئاتا-ئانىسىنى سۆرەپ چىقمىدى ئۇنىڭ باشقىسىنى بىر-بىرىدىن ئاياپ ئولتۇرمىدى. ئەمدى ئۇرۇشقان ئادەم<پولو يەڭ ، گۆشكە بىقىڭ>دىمەيدىكەن باشقىسىنى پوق بولامدۇ ، مەينەت بولامدۇ دەۋىرىدىغان گەپكەن .شۇنداق قىلىپ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەت ،ئۆچمەنلىك رەسمى يۇسۇندا باشلاندى . ئەمدى بۇنىڭ ئاخىرلاشتۇرغۇچىسى پەقەتلا ھاجىم ئىدى.

  ئابلەت ھاجىمنىڭ ئىتتىكرەك كىلىشىنى،نۇرمەمەتنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى ئىسپاتى بىلەن كۆرسىتىپ رەسۋا قىلىپ كۆزدىن يوقاتماقچى ، بۇ ياقتا نۇرمەمەت بولسا ھاجىم كەلگىچە ئابلەتنىڭ بىرەر كۇكۇلىسىنى تۇتىۋىلىپ ئۇنى شاڭخەيگە قايتا ئاياغ باسماس قىلۋەتمەكچى ئىدى. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا پىچاق بىلەپ تۇرغاندا ھاجىمنىڭ كىلىدىغان خەۋىرىمۇ كەلدى ، بۇ خەۋەر ئابلەتنى خوشال قىلسا،نۇرمەمەتنى ساراسىمىگە سىلىپ قويغان ئىدى. دەل مۇشۇ جىددى پەيتتەئويلىمىغان بىر ئىش يۈز بىرىپ ئاشخانىنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋەتتى . چوڭ ئۇستام ناسىر شاگىرتىنى ئىلىپ ئاشخانىدىن قاچتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دەل ھاجىمنىڭ كىلىدىغان كۈنىگە توغرا كەپ قالغانىدى. <بالا كەلسە قوش كەپتۇ> دىگەن شۇ بولسا كىرەك .ئابلەت ھاجىمغا تىلفۇن قىلىپ ئالالمىدى، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ھاجىم ئايروپىلاندابولىشى مۇمكىن ئىدى. پۈتۈن ئاشخانىنى جىددىيلىك قاپلىغان ئىدى. نۇرمەمەت خۇددى<توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلىغاندەك> ، ئابلەتنى باپلايدىغان رەزىل پىلاندىنبىرنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ئابلەتكە :

  -ئابلەت ئۇكام، ناسىر ھازىر ۋوگزالدىكەن ، سەن ھازىرلا تاكسىدا بىرىپ ،ئۇنى ئىزدەپ باق ئەگەر كۆرسەڭ دەرھال ماڭا تىلفۇن قىل ،مەن شۇئان بىرىپ ئۇ خۇمسىنىڭ ئاغزىدىن يومىلاق،قوڭىدىن دۇمىلاق چىقىرىپ ،ئانا-مانىسىنى كۆزىگە كۆرسىتىۋىتىمەن. بولە ئۇكام.

  -كىم دىدى سىزگە ؟

  -بايا بىلەتچى ۋاڭ پاڭزا دىگەن تىلفۇن قىلىپسىلەرنىڭ ئاشخانىدىن بىرسى بىلەتكە كەپتىكەن دەپ ، بۇلە ئۇكام بىرىپ ئىزدەپ باق .

   -ئابلەت نۇرمەمەتنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ ، پۇكەينى نۇرمەمەتكە تاشلاپ ۋوگزالغا يۈرۈپ كەتتى ، ئەمەلىيەتتە ئۇ نۇرمەمەتنىڭ دامىغاچۈشۈپ كەتكەن ئىدى .

  نۇرمەمەت ئابلەت كەتكەندىن كىيىن تارتمىنى ئاختۇرۇپ بىر نەرسىلەتنى ئىزدەشكە كىرىشىپ كەتتى . ئابلەتنىڭ < خاتىرجەم بول ،قىلغان ،ئەتكەن ئىشلىرىڭ ھەممسى پاكىتى بىلەن بار > دىگىنى نۇرمەمەتنى بەكلا ئەنسىرەتكەن ئىدى. شۇندىن باشلاپ ئۇ نۇرمەمەتنىڭ چامادانلىرىنى ئاختۇرۇپ ،ئۆزى توغۇرلۇق بىرەرئىسپات تاپالماي ئىچى بەكلا تىتىتلاپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئەس يادى ئاچقۇچى پەقەت ئابلەتتىلا بار پۇكەينىڭ تارتمىسىدا ئىدى.مانا بۇ پۇرسەتمۇ كەلدى ،ئۇ ئاختۇرۇپ ئاخىرى بىر پىچاقنىڭ قىپىدىن بىر سولياۋ خالتىغا ئورالغان قەغەزلەرنى كۆرۈپقالدى،شۇنداق ئىچىشىغا ھەممسى نۇرمەمەت نەچچە ۋاقتىن بىرى ئەكەلگەن ماتىريال تالونلىرى ، يەنە بىر قەغەزدە خۇشتۇر جىڭلىغان ماتىريال ئىسمى، كىلو سانى ،ئاي-كۈنىدىن تارتىپ ئىنىق خاتىرلەنگەن ۋاراقچىلار بار ئىدى. ئۇھ –دىدى ئۇ ،چۈنكى ئۇ پاكىتلار نۇرمەمەتنى رەسۋايى ئالەم قىلىۋىتىشىكە تامام يىتەتتى. ئۇنىڭ سۈيقەستىنىڭ بىرىنجى قەدىمى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى.ئەمدى ئىككىنچى قەدەم ئۈچۈن قولىغا تىلفوننى ئىلىپ بىلەتچى ۋاڭ پاڭزىغا تىلفۇن قىلىپ مەقسىتىنى ،يەنى ئابلەتنى ۋوگزالدا تۇتۇپ تۇرۇش ،ئاندىن نۇرمەمەت كەلگەندە يالغاندىن ئابلەتنى بىلەت ئالغىلى كەپتىكەن دىيىش ۋە ئابلەتكە ئاغىنەڭ ئالغان بىلەت مۇشۇ سەن بىرىپ قوي دەپ ئۈچ تال بىلەت بىرىش.................قاتارلىق بىر قاتار سۈيقەستلەرنى دىدى. بۇنىڭ بەدىلى ئۇنىڭغا 2000 يۈەن ۋە ئاشخانىدىكى يولۇچى،خىرىدارلارنىڭ بىلىتىنى ئۇنىڭدىن ئىلىپ بىرىش بولدى.ۋاڭمۇ بۇ پايدىنى قولدىن بەرمىدى. چۈنكى ئىتىقادسىز كىشلەر نەپ ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن يانمايدۇ ئەمەسمۇ .

  ئاندىن نۇرمەمەت ئۈرۈمچىدىكى ئايرۇپىلان بىلىتى سىتىش ئورنىغا تىلفون قىلىپ ھاجىمنىڭ قاچان ، قايسى ئايروپورتقا چۈشىدىغانلىقىنى بىلىۋالدى.نۇرمەمەت بۇ ئىشلارنى بىر قۇر ئورۇنلاشتۇرغاندىن كىيىن ئابلەتكە تىلفۇن قىلدى.

-     قانداقئۇكام ،ناسىر باردەكمۇ؟

-       ئەمدى كەلدىم ،ۋوگزالغا،ۋاڭ پاڭزا ئۇنى بۈگۈننىڭ بىلىتىنى ئالدى دەيدۇ.

-     ئۇنداق بولسا ئۇكام سەن ۋوگزالدىكى ئاشخانا،تورخانىلارغا ، ۋوگزالدىكى پويىز كۈتۈش ئۆيىگەبىرىپ باق ، مەنمۇ ھازىر بارىمەن.

  نۇرمەمەت تىلفۇننى قۇيۇپلا سائىتىگە قارىۋىتىپ ،ئاخىرقى قەدەمنى بىسىش ئۈچۈن ئايروپورتقا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

  نۇرمەمەت ئايروپورتقا بىرىپ ھايال ئۆتمەي ھاجىم كىلىدىغان ئايرۇپىلانمۇ كەلدى.بىر ئازدىن كىيىن ھاجىم يۈك تاقىلىرىنى ئىلىپ چىقتى،ھاجىم نۇرمەمەتنى كۆرۈپ ھەيران قالدى،چۈنكى ھاجىم بۇنىڭدىن بىخەۋەر ھەم ئۇنىڭغائايروپورتقا چىقىشنى تاپىلىمىغان ئىدى.

-     ۋاي نۇراخۇن،مىنىڭ كىلىدىغان ۋاقتىمنى قانداق بىلدىڭلا ؟

-     ۋاي،ھاجىمكا ،ھىرىپ-ئىچىپ كەلگەندە سىلىگە بۇ خەۋەرنى دىمىسەم بۇلاتتى؟

-     ۋاينىمە بولدى،بەك جىددى كۆرىنىسىلەرغۇ؟

-     شۇ ئابلەت،ناسىر،ناسىرنىڭ شاگىرتى ئەخمەت قاچتى.

-     نىمەئابلەت قاچتى؟تىخى ئاخشام كۆرۈشكەنغۇ ئۇنىڭ بىلەن.

-     شۇ،ئاڭلىسام ئابلەت بىلەن ناسىر تەڭ پۇل چىقىرىپ ، باشقا شەھەردە ئاشخانا ئاچماقچى بولۇپ قىچىپتۇ،سىلى كەتكەندىن كىيىن ئابلەت يۇقىرىدىن چۈشەلمەيدىغان،ناسىر پۇكەيدىن كىتەلمەيدىغان بولۇپ قاپتىكەن ، كىيىن بىلسەم مۇشۇ مەسلىھەتنىق ىلىۋىتىپتىكەن،مەنغۇ ناسىرنى يۈز ئۆرىسىمۇ ئابلەت ئۇنداق قىلماس دەپتىكەنمەن،كىم بىلىدۇ ئۇنىڭ ئالىسى ئىچىدىكەن ئەمەسما.

-     راستما؟

-     شۇ، مەنمۇ ئىشەنمىگەن لىكىن بايا ھىلىقى بىلەتچى ۋاڭ پاڭزا ماڭا تىلفۇن قىلىپ ،ئۇلارنىڭ بۈگۈننىڭ بىلىتىنى ئالغانلىقىنى ئىيتتى ئەمەسما.

-     ماڭاتىز ، ۋوگزالغا بىرىپ ئۇ ئىشىتنىڭ بالىسىنى تۇتۇپ كىلىپ ،ئاسىيلىقنى قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قوياي.

  ئىككەيلەن ئالمان-تالمان ۋوگزالغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.يولدا نۇرمەمەت ھاجىمغا ئىشلارنى ئوڭ تەتۈر بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈپ ۋەزىيەتنى ئۆزىگە پايدىلىق قىلىپ بولغان ئىدى .بىلەتچى ۋاڭمۇ ئىشىنى ئاللىقاچان نۇرمەمەت دىگەندەك توغۇرلاپ بولغان ئىدى،ئۇلار ۋوگزالغا يىتىپ كەلگەندەئابلەت ناسىرنى ئىزدەپ ئۇيان بۇيان چىپىپ يۈرۈپ ھاجىم بىلەن نۇرمەمەتنى كۆرمىگەنئىدى. نۇرمەمەت يۈگۈرۈپ بىرىپ ئابلەتنىڭ قوڭىغا تىتىپ ، پاتىڭىدىن تۇتىۋىلىپ :

  -ھە سۇلامچى ، نەگە قاچاي دىگەن،ھارامدىن بولغان ئىشتنىڭ بالىسى – دىگىنىچە ئۇنى سۆرەپ ماشىنىغا باستى.

  ئابلەت نىمە بولغانلىقىنى پەقەتلا ئاڭقىرالماي قالدى.ھاجىم نۇرمەمەتكە :

  -ھەيدە ماشىنىنى بۇنىڭ بىلەن ئاشخانىغا بىرىپ ھىساپلىشىمىز –دىگىنىچە قاپىقىنى تۈرۈپ ئولتۇردى.

  ماشىنا ئاشخانىنىڭ ئارقىسىدا توختىدى.نۇرمەمەت ئابلەتنى سۆرەپ يەر ئاستى ئۆيىگە كىردى . ھاجىممۇ ئاچچىقىدا ئارقىسىدىنلا كىردى.

  -ھە،ھاراملىق ،نەگە قاچاي دىگەن ؟

  -كىم قىچىپتۇ ؟ مەن نەگە قىچىپتىمەن-دىدىئابلەت.

  -نەگە قىچىپتىمەن؟-نۇرمەمەت ئابلەتنىڭ يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇپ ۋاڭ پاڭزا بەرگەن بىلەتنى ئىلىپ:

  -ما نىمە ؟ ئۇندا بولسا.

  -بۇ ۋاڭ پاڭزا بەرگەن ناسىرنىڭ بىلىتى .

  نۇرمەمەت تىلفوننى قولىغا ئىلىپ ۋاڭغا تىلىفۇنئۇردى .

  -شاۋ ۋاڭ ، ئابلەت سەندىن بىلەت ئالدىما –نۇرمەمەت تىلفوننىڭ قوش ئاۋازىنى ئىچىپ.

  -ھە ،جىددى ئۆيگە ماڭىمىز دەپ ئۈچەيلەنكەپتىكەن .

  -ھە ، بولدى – نۇرمەمەت تىلفوننى قويىۋىتىپ،ئابلەتنىڭ يۈزىگە چاڭڭقىدە قىلىپ بىر كاچاپ سالدى. ئاڭغىچە ھاجىم سۆز باشلىدى.

  -ھە ، ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ دە، ھەئابلەت ، ئىشتنىڭ بالىسى گۇي ، مەن سىنى شۇنچە چوڭ كۆرسەم،ئىنىلىرىمدىن ئارتۇق كۆرسەم ماڭا بەرگەن جاۋانىڭ مۇشۇ ما،ۋۇ سولامچى ھايۋان.....-دىگىنىچە ئابلەتنى دۇمبالاپ كەتتى.

  -ئىسىت ساڭا قىلغان ئىشەنچەم،ھايۋان سولامچى-ھاجىم بىردەم مۇشلاپ ، بىردەم كاچاتلاپ ، بىردەم تىپىپ ئابلەتنى قان قىلىۋەتتى . ئابلەتكە ۋايجان دىيىشتىن باشقا سۆزلەش ئىمكانىيىتى بولمىدى.ھاجىم ھىرىپ قالسا نۇرمەمەت دۇمبالىدى.ئۇرغاندىمۇ بوش ئۇرمىدى.ئۇ ئابلەتنىڭ يۈزىگە كۈچەپ بىرمۇشت ئۇرۇپ ئارقىدىنلا :

  -ۋاي ئابلەت ،خاپا بولما بەك چىڭ تىكەتتى ھە،ئەكىلە بىرنى سۈيۈپ قۇياي-دەپ بىرنى سۈيۈپ يەنە بىر مۇشت سالاتتى .ئابلەت ۋايجان دىمەي ، ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇراتتى ، ئۇنىڭ كۆزىدىن ناھەق زۇلۇمغا بولغان ئاجايىپ بىر ئۆچمەنلىكمۇ ياكى غەزەپمۇ ئىشقىلىپ تەسۋىرلىگۈسىز بىر سادا چىقىپ تۇراتتى.نۇرمەمەت بولسا بىردەم ئۇرۇپ ،ئارقىدىن سۈيۈپ يەنە ئۇرۇپ توختىمايتى،ھەتتا ئابلەت نەچچە قىتىم ھوشىدىن كەتتى. ئۇنى دۇمبالاش بىر سائەت ئەتراپىدا داۋام ئەتتى .

  ھاجىم ئابلەتكە يەنىلا چىدىمايتى، چۈنكى ئۇنىڭغا قەۋەتلا ئامراق ئىدى ، بەزىدە –ئابلەتكا، بازار قانداراق ، خەجلەيدىغان پۇل تۈگەپ كەتتى ، ئەكىلە پۇلۇڭدىن ئىككى تال دەپ چاقچاقلىشىپ ئۆتەتتى .شۇسەۋەبتىنمىكى ئابلەتنى ئۇرۇشقا ھاجىمنىڭ پەقەتلا قولى بارمىدى. ئاخىرى نۇرمەمەتكە:

        -بولدى، نۇراخۇن ، ئادەم دىگەن ئازىدۇ ،بوپتۇ بۇمۇ ئادەم ،ئىزىشتىن خالىي ئەمەس،بۇنى ۋوگزالغا يىقىنراق دوختۇرخانىغائورۇنلاشتۇرۇپ قويۇڭلا ،تامىقىنى يەنە باشقا ئاشخانىدىن ئورۇنلاشتۇرايلى ، ماڭىمەن دىگەن بولسا يارىسى ساقايغاندىن كىيىن ماڭسۇن.

  -نىمە ، بۇ تۇزكور توڭگۇزغا كەڭچىلىك قىلامدۇق؟

  -نۇراخۇن ، بۇنىڭ ئاسيلىقىنى دىسەم ئۆلتۈرۋەتسەممۇ ئازلىق قىلىدۇ ، بوپتۇ نەچچە يىلدىن بىرى ئاز كۈچ چىقارمىدى، شۇنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى قىلاي-دىدى ھاجىم ئىغىر-بىسىقلىق بىلەن،ئاندىن ئارقىغا ئۆرۈلۈپ:

  -ھەي ئىشتنىڭ كۈچۈكى ، ئەمدى سىنى شاڭخەيدە قايتا كۆرۈپ قالماي ، دوختۇرخانىدىن چىقىپلا بۇ يەردىن يوقال، ئۇقتۇڭما؟

  ئابلەت ئۈنسىز ياش تۆكمەكتە ئىدى،ئۇ ئۆزىنىڭ تۆھمەت قۇربانى بولغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى ھاجىمنىڭ مەرتلىكىدىن،ئىنسابىدىن  تەسىرلەنگەن ئىدى، ئۇ يەر ئاستى ئۆيىدە تاياق يىگەنلەرنى كۆپ كۆرگەن ، لىكىن ھىچقايسى قاچقاقنىڭ ئاقىۋىتى ئۇنىڭدەك بولمىغان ئىدى.ئۆلگىدەك تاياق يەپ ئەتىسى كۆزدىن يوقىلاتتى ، ئەگەر شاڭخەيدە يەنە تۇتۇلۇپ قالسا ،يەنە تاياق يەيتى، <ۋاي مەن ئىزىپتىمەن ، مەن بەلەن ئىشلەپ بىرەي ،ھەقسىز ئىشلەپ بىرەي ، مىنى كەچۈرۋەتسىلە>دىگەندەك نىدالار ھاجىمغا كارقىلمايتى. ئەگەر كىم ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ ئوبدان ئىشلەپ كەتسە ھاجىممۇ لايىقىدائىززىتىنى قىلىپ ، ھەققىنى ساق بىرىپ يەنە يوللۇق سالاملىرىنى قوشۇپ چىرايلىقيولغا سالاتتى ، شۇڭا بۇ ئاشخانىدىن ئالدىراپ ئادەم قاچمايتى، ئەمما بەزى توزكورلار شۇنداق ياخشى شارائىتىنىڭ قەدرىگە يەتمەي،ئۆزىنىمۇ رەسۋا قىلىپ ،ھۆنىرىنىمۇ خار قىلىپ قوياتتى . ھاجىمنىڭ باغرى تاش ئەمەس ، لىكىن ئۆزىگە ئاسىيلىققىلغانلارنى،ۋەدىسىدە تۇرمىغان ئاقنانچى ساختىپەزلەرنىڭ ھەرگىز يۇمشاق قوللۇقبىلەن بىر تەرەپ قىلمايتى.چۈنكى ئۇ جەمىئىيەتنىڭ ھەرخىل قاتلاملىرىدايۈرگەن،جاھاننىڭ ھەممە قازىنىدا قايناپ ،نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇقنى باشتىن كەچۈرگەن ئادەم ئىدى.

   ھاجىم ھەرگىزمۇ ئابلەتنىڭ ئاسىيلىق قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتى، ئەمما كۆز ئالدىدا يۈز بەرگەن ساختا رىئاللىق ھاجىمنى ئىشەندۈرگەن ئىدى، گەرچە سۈيقەست بولسىمۇ ، ۋەزىيەت ،گۇۋاھچى ھەممىسى ئەمەلىيەتكەباغلاشقان ئىدى. نىمىلا دىگەن بىلەن خام سۈت ئەمگەن ئادەمدە.

   ئاللاھ ئىنساننى ئەقىل بىلەن ياراتقان،شۇنداقلا شەيتاننى ئىسانلارغا دۈشمەن قىلىپ ياراتقان،ئادەمنىڭ قەلبىگە شەيتاننىڭ ئوتلىرى توتاشسا،قەلبىگە شەيتان ھۈكۈمران بولسا،ئادەم ئەقىلنى يوقىتىدۇ،.ئەقىلسىزئادەم ئادەم ھىسابلانماس. ئادەم كۆزى قارا ، يۈرىكى قىزىل گۆش، ئەگەر ئادەمنىڭ كۆزى قىزارسا ،يۈرۈكى،قەلبى قارىدايدۇ . ئىمان-ئىتىقادمۇ بۇنداق قەلپنى تاشلاپ چىقىپ كىتىدۇ..........

  خەير ، بوپتۇ،ئابلەت شۇنداق قىلىپ تۆھمەت قۇربانى بولۇپ كەتتى، ئۇ ھاجىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن دوختۇرخانىدا داۋالاندى،ئۇ نەچچە قىتىم ھاجىمغا تىلفون قىلىپ ئەينى ئەھۋالنى ئىيتقۇسى كەلدى، لىكىن يەنەيالتالدى.<خەير > دىدى ئۇ ، بوپتۇ ، قاچقاق دىگەن بەتنامغا قالساممۇ ، مەنئاللاھ ئالدىدا يەنىلام پاك ، ئاللاھ ئۆزى خەيرلىك قىلاھ ، ئاشكارلانمايدىغان سىر يوق ، قىنى نۇرمەمەت قاچانغىچە كۆرەڭلەپ يۈرىسەن بىر كۆرۈپ باقاي ، جاھاننىڭمۇرادى ئۇزۇن ، تىخى كۆرىمىز .

  ئابلەت دۇختۇرخانىدا بىر ھەپتە يىتىپ ،ھىچكىم بىلەن خوشلاشماي يۇرتىغا جىمجىتلا قايتىپ كەتتى ، ئاشخانىدىكىلەرگە ئۇنى قاچتى دەپ ئەمەس، ئانىسى ئاغرىپ قاپتۇ ،شۇڭا جىددى قايىتتى دەپ خەۋەر بىرىلدى،ھاجىم يەنىلائۇنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلغان ئىدى..................

   -نىمىنى ئويلاۋاتىسىز ؟-قەندىل يەنە بىرقىتىم جىمجىتلىقنى بۇزدى.

  -ھە....ھىچنىمنى-خۇشتۇر تۇيۇقسىز سورالغان سۇئالغا دەمال ئىنكاس قىلالمىدى.-شۇ ئابلەت ئىسىمگە كىلىپ قالدى، بىچارە ئاغىنەم شۇنچىلىك ئوڭلۇق، خۇشخۇي ئىدى،مىنىڭ ئاشخانىدىكى ئەڭ يىقىن سىردىشىم ئىدى.ئۇكەتكەندىن كىيىن ئاشخانا چۆلدەرەپ قالغاندەك بىلىندى،خۇددى روھى چىكەتكەندەكلابولۇپ قالدى.

  خوشتۇر قەندىلغا ئابلەتنىڭ ھىكايىسىنى،ئاشخانىدىكى بەزى ئىشلارنى ئىيتىپ بەردى، ھەم ئىچكىردىكى ئاشخانىلاردا ئىشلەشنىڭ نەقەدەر جاپالىق ھەم زىرىكىشلىك ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.گەپ ئارلىقىدا خۇشتۇر قەندىلغا شېئىر يازىدىغان خاتىرىسىنى ئىلىپ بىر پارچە شېئىرنى كۆرسەتتى.

  -مانا بۇ مەن ئاشخانىدىكى بەزى ئىشلارنى تەسۋىرلەپ يازغان شېئىر .

  -ۋوي ، تېخى شېئىر يازىمەن دەڭ .-قەندىل خاتىرىنى ئىلىپ ئوقۇشقا باشلىدى.

كۈندە بىر جىدەل

ھەركۈنى سەھەر تۇر ئىشقا ماڭ دىسە،

كىچىكسەڭ جەرىمانە تۆلەيسەن دىسە.

يوقلىمىغا ۋاقتىدا ئۆتۈپ بول دىسە،

نە ئامال بىزدە بار كۈندە بىر جىدەل.

تاماقنى توغرا ياز،باھانى ئىنىق،

قىممەتنى بەكرەك تونۇشتۇر دىسە.

خاتا يازساڭ ھەسسىلەپ تۆلەيسەن دىسە،

نە ئامال بىزدە بار كۈندە بىر جىدەل.

تاماقنى ۋاقتىدا چىقارغىن دىسە،

تەمىنى رەڭگىنى كەلتۈرگىن دىسە.

ۋاقتىدا كەلمىسە ئۆزۈڭ يە دىسە،

نە ئامال بىزدە بار كۈندە بىر جىدەل.

كاۋابنى زىخنىمۇ كۆيدۈرمە دىسە،

تالونى كۆرمەي پىشۇرما دىسە.

ئۇ قانداق پىشۇرسا شۇنداق قىل دىسە

نە ئامال بىزدە بار كۈندە بىر جىدەل.

بازار بولغاندا دەم ئالما دىسە،

ئادەم كۆپ ۋاقتىدا ئولتۇرما دىسە،

ھاجەتكە بارساڭمۇ رۇخسەت ئال دىسە،

نە ئامال بىزدە بار كۈندە بىر جىدەل.

ئىسمىڭنى توۋلىسام ھە دىگىن دىسە،

ھە دىمىسەڭ دەككەڭنى بىرىمەن دىسە.

ئۇشۇق ئىشقا ئارلاشماي نىرى تۇر دىسە،

نە ئامال بىزدە بار كۈندە بىر جىدەل.

ئۈستىلىڭگە ئۆزۈڭ قارىغىن دىسە،

مەن نىمىشقا قارايمەن كارىم يوق دىسە.

چاي قۇيغىن مىھمانغا ۋاقتىدا دىسە،

نە ئامال بىزدە بار كۈندە بىر جىدەل.

نىنىڭنى كۆيدۈرمەي ساق ياققىن دىسە،

سۈت تۇزنى گىراملاپ تەڭشىگىن دىسە.

سۇپراڭنى پاكىز،رەتلىك قىل دىسە،

نە ئامال بىزدە بار كۈندە بىر جىدەل.

تازلىقنى ۋاقتىدا پاكىز قىل دىسە،

يەرلەرنى ئالا قويماي سۈرتۈپ تۇر دىسە.

ئەسۋاپنى ئاسرىماي يىدىڭمۇ دىسە،

نە ئامال بىزدە بار كۈندە بىر جىدەل.

گۆشنى چوڭ قىلىپ توغراپسەن دىسە،

چۆپنى تەخسىگە جىق ئاپسەن دىسە.

لەڭپۇڭنىڭ لازىسى جىق ئىكەن دىسە.

نە ئامال بىزدە بار كۈندە بىر جىدەل.

ئىچىملىك سىتىلماي تۈگەپتۇ دىسە،

كىم ئىچتى ،كىم ئەمەس كۆردۇڭمۇ دىسە.

توڭلاتقۇغا چوڭ قولۇپ سالىمەن دىسە،

نە ئامال بىزدە بار كۈندە بىر جىدەل.

چايخانا مەينەتكەن كىم قىلدى دىسە،

سۈرتكۈچنى يۇيماي تازلاپسەن دىسە،

يا سۈرتكۈچ قولۇڭدا تۇرمامدۇ دىسە،

نە ئامال بىزدە بار كۈندە بىر جىدەل.

ئاي توشسا مائاش دەپ بارسا ئالدىغا،

ئىككى كۈن توختاپ تۇر قول قىسقا دىسە،

گەپ قىلدىم چۈشەنگىن ئەي ئىنسان دىسە،

نە ئامال بىزدە بار كۈندە بىر جىدەل.

ئىشنى قىلساق ۋاقتىدا ماختاش يوق تىخى،

ئالالمىدۇق ياخشى نام تۆلەپمۇ بەدەل.

چۈشەنمىسە كۆڭۈلنى بىر نە ئامال.

يەنە دىسەك يەنە بار كۈندە بىر جىدەل.

  -ھا...ھا..-قەندىل كۈلىۋەتتى-ئەجەپ يىزىۋىتىپسىزغۇ بۇ شېئىرنى.

  -شۇ ئەمدى ئاشخانىدا بوپ تۇرىدىغان ئىشلار-خۇشتۇرمۇ كۈلۈمسىرىدى.

  -توغرا دەيسىز، ئادەم جىق يەردە گەپمۇ جىق بولىدۇ،ئەمدى قىلماي دىسە تىخى ،قىلاي دىسە تىخى ئىككى ئارىلاتا قالغان.

  -نىمە ئامال ،خەققە ئىشلەكمۇ تەسكەن، گۈلنى خالىسا گۈل دەيدۇ،خالىسا كۈل دەيدۇ............

  ئىككەيلەننىڭ پارىڭى شۇ تەرىقىدە داۋام ئەتتى.تاكى ئۈرۈمچىگە بارغۇچە،بىر ئاشخانىنىڭ بىر جەمىئىيەتنىڭ پارىڭىنى قىلىپ ، ئۆزىچەمۇلاھىزە قىلىپ،يەكۈن ياساپ ماڭدى. شۇ ۋەجىدىنمىكى بۇ ئىككى كۈنلۈك سەپەرئىككەيلەنگە ئانچە ئۇزۇن بىلىنمىدى.................

                                                 4- قەشقەردىكى زىرىكىش

  خۇشتۇر شاڭخەيدىن قەشقەرگە قايتىپ كەلگىلىمۇ ئىككى ھەپتە بولدى.باشتا كەلگەن كۈنلەردە شاڭخەيدىكى ئىسىل ئىمارەتلەرنى،يوللارنى، خۇاڭپۇ دەرياسىنى،نەچچە قەۋەت كۆرۈكلەرنى ،كۆرگەن ،بىلگەن ،ئاڭلىغان ئىشلىرىنىئاغزى ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەۋەردى.شاڭخەيدە چۈشكەن رەسىملىرىنى بىر-بىرلەپ ئەل ئاغىنە ،دوست يارەنلىرىگە كۆرسەتتى .ئەمما كىيىنكى كۈنلەردە بۇلارنى سۆزلەشكە رايى بارمىدى.

  ئېتىز-ئىرىق ئىشلىرىدىن بىكار بولسا،ئۆي ئىشى،بازار كۈنلىرى بازارغا بىرىپ دوستلىرى بىلەن ،مۇئەللىملىرى بىلەن كۆرۈشۈپ پاراڭلىشىپ يۈردى.لىكىن تۇرۇپ-تۇرۇپ شاڭخەيدىكى كۈنلىرىنى ئەسلەپقالدى.ھەي.........ئۆيدىن بىر قىتىم چىقىپ كىتىپ چوڭ شەھەرلەردە تورۇپ كۈنۈپ قالغان ئادەمگە كىچىككىنە يىزىدا تورۇش تەستە.

  خۇشتۇر دىگەندەك شاڭخەيدە بىر يىل ئىشلەپ ئازكەم 42000 كوي تاپتى.2000 كوي يول كىراسى،بىر يىللىق خەج-خىراجىتى ،ئۆيگەسوۋغا-سالام ئىلىش بىلەن تۈگىدى.قالغان 40000 كوينى ئانىسىنىڭ ئالدىدا قويدى.ئانىسىمۇ ھەيران قالدى.چۈنكى ئۇ بۇ ئۈمرىدە بۇنداق پۇلنى ئىھتىمال بانكىلارداكۆرگەن بولىشى مۇمكىن ئىدى.ئەمما كۆز ئالدىدا گۇگۇتتەك تۇرغان پۇللارغا قاراپھەيران قالدى.

  -بالام-دىدى زۆھراخان-بۇ پۇللارنى راست ئىشلەپتاپتىڭما؟

  -ھە،ئىشلەپ تاپماي، تام تېشىپ تاپتىمىكى دەمسە؟

  -ياق ،بالام ،قانداقسىگە ساڭا بۇنچە كۆپ پۇل بىرىدۇ،سەن پەقەت بىر ئاشپەزغۇ؟

  -توۋا،مانا ئانامنىڭ گەپلىرىنى ، ئانا ، شاڭخەي دىگەن بەك چوڭ بەك قىممەتچىلىك شەكەن ، بىنالارنى ئەڭ پاكاسىمۇ 30 قەۋتكەن،تاكسىدائولتۇرۇپ ئىشىكنى ياپساڭلا 12كوي چىقىدىكەن، بۇ يەردىن ناھىيە بىرىپ قالساڭ بولدى500 كويلا چىقىدىكەن ،مەن دۈملىگەن پولونىڭ بىر تەخسىسى 25 كوي تۇرسا،كۈندە 5~6قازان پولو دۈملەۋاتسام،تىخى ئاز بەردى قاقشاۋاتسام ،نىمە دەيدىغانسە .

  -شۈكرى دە بالام،ھىلىمۇ ئوبدان پۇل بىرىپتۇ،ئەجەپ قىممەتچىلىك شەكىنا ئۇ شاڭخەي دىگەن ، ئۇ يەردىكى خەقلەر قانداقمۇتۇرمۇش كەچۈرە؟

  -قانداق دەيسەن؟

  -شۇ دىدىڭغۇ بىر تەخسە پولو 25 كوي دەپ .بۇيەردە 25 كويغا گۆش ئەكىرسەك تازا ئوخشىغان پولودىن بىر قازان دۈملىگىلى بولىدۇئەمەسما؟

  -ۋاي ئانا شۇ ھەممە يەرنىڭ ئىستىمال سەۋىيىسىگەقاراپ تەمىنات،كىرىم-چىقىمى ئوخشىمايدۇ .

  -مەيلى بالام قاندا بولسا ياراتقان ئىگىسى ئاچقوي مايدىغۇ ئادەمنى، بوپتۇ بالام ، ئەمدى مۇشۇ پۇلۇرۇڭغا سىنى بىر ئۆيلىۋالسام..؟

  -ۋاي نىمە دەپ يۈرىيدىغانسەن ئانا ، توينى ئالدىرمايراق قىلىپ ،بۇ پۇلغا بۇ ئۆينى ئوڭشىتىۋالايلى،ئاندىن سىنىڭ ئىغىلدىكى چارۋاڭنى ئاۋۇتۇپ قۇيايلى ، قالغىنى سىلىپ قويساڭ مەن يەنە بىر يىل بىرەر ئىش ئوقەت قىلسام ئاندىن دىيىشسەكمۇ كىچىكمەسمىز؟

  -بوپتۇ بالام ، بىر يىل ئىشلەپمۇ ھىرىپ كەتتىڭ، سەھرادا بولغان بولساڭ بۇ پۇلنى نەچچە يىلدا ئاران تاپاتتۇق،بۇلاپتۇ ئاللاھ يۈزمىڭ قەدرى شۈكرى،راست ئۇكاڭ قانداراق؟

  -ۋاي گەپ قىلما ئانا، مىنىڭ كەتمەيدىغانلىقىمنى بىلىپ بەك خوشال بوپ كەتتى،دەم ئېلىش كۈنلىرى ئاشخانىغا كىلىپ تاماق يەپ ،مەن بىلەن ھال مۇڭ بولۇپ كىتىدۇ،ئوقۇشىمۇ يەنە شۇنداق ياخشى.

  -ھە ، بوپتۇ باللىرىم-زۆھراخان كۆزىگە ياش ئالدى-خۇدايىم ھەر ئىككىڭلارنىڭ بەختى پىشانىسىنى ئوڭ قىلىۋىتە ، بەختىڭلارنى بىرە.

  ئانا بالىنىڭ سۆھبىتى شۇ تەرىقىدە داۋام ئەتتى.

  خۇشتۇر يەنە زىرىكىشكە باشلىدى،چۈنكى ئۇ قايتىپ كەلگەندىن بىرى ھىچقانچە قىممەت يارىتالمدى،كۈندە چىقىم باركى،كىرىم يوق بۇ بىر رايىش ،ئىقتىسادچىل ساددا دىھقان بالىسى ئۈچۈن ئىغىر كىلىدۇ ئەلۋەتتە.شەھەر بىرىپئىشلىگەن تەقدىردىمۇ ،قەشقەرنىڭ شارائىتىدا ئىش ئىغىر،ھەق ئاز،تىخى گەپنىڭ سىسىقلىچۇ،بۇقىنى بوغاز قىلۋەتكىدەك قىلىدۇ-دە.

  خۇشتۇر زىرىكمەكتە ،ئىچى پۇشماقتا،شاڭخەيدىكى كۈنلىرىنى ئويلاپ بورۇختۇن بولماقتا ئىدى، نىمىدىگەن ئەركىن تۇرمۇش،بىر كۈن ئۆزكەسپىنى قىلسا،ئۇنىڭغا يارىشا ھەق ئالسا،ئۆزىمۇ خوش ،ئۆزگىمۇ خوش.خۇشتۇرنىڭ يەنەشاڭخەيگە بارغۇسى كەلمەكتە ئىدى.يەنە بىر يىل ئىشلەپ بەش يىللىق پۇلنى بىر يىلدىلا تىپىپ كەلگۈسى كەلدى.لىكىن ئانىسى ئۇنارمۇ؟ خۇشتۇر ئاشۇنداق زىرىكىپ ،ئارىسالدى بولۇپ يۈرگەن يۈنلەردە قاسىم ھاجىمدىن تىلفۇن كەلدى.

  -خۇشتۇرجان ،قاندا ئەۋالىڭ؟

  -ياخشى ھاجىمكا،ئۆزىڭىزمۇ سالامەت تۇردىڭىز،ئاشخانابالىلار ياخشىدۇ،

  -ھەر ھالدا بولىدۇ،ئەمدى ئاشخانا ئانچە ياخشى ئەمەس،ئاشخانا ياخشى بولمىغاندىن كىيىن مەنمۇ ياخشى تورالمايدىكەنمە.

  -قانداق،بىرە ئىش يۈز بەردىما؟

  -شۇ ،كۈندە قارايمەن،بىر نەرسە كام،قارايمەنكام،شۇندالا قارىسام سەن يوق شۇ كۆڭلۈم يىرىم،ئەتكەن پولورۇڭنى سىغىنىپ ،سىنى تىخى سىغىنىپ شۇ.

  -رەھمەت ،ھاجىمكا بەك ئاشۇرۋەتتىڭىز.

  -ھە،شۇندامۇ،قاندا ئۆي ئىچى ،توققانلار تىنچلىقتۇ؟ سالامەتچىلكتۇ؟

  -ھەممەيلەن ياخشى ياخشى ھاجىمكا،رەھمەت.

  -قاندا قەشقەدە نىمىش قىلۋاتىسە؟

  -شۇ ،بىكار.

   -بىكا،ئا گەپنى قارا،سەندەك باللا بىكا يۈرسە باشقا ئادەم نىمىش قىلا،ئىش ئوقەتنىڭ ئىپى بولمىسا ،كىلىپ قازان چۈمۈچنى ئالامسەن يا؟ما ئاشخانا خۇشتۇرسىراپ كەتتى.

  -ئاللاھ ھاجىمكا نىمانداق خىجىل قىلىسىزئادەمنى،

  -ھە ،ئۇكام ،ئەمدى بار گەپنى دىدىم،ئەگەر كىلىمەن دىسەڭ يەنە بىرە يىل ماڭا قارىشىپ بەر،يىللىق مائاشىڭ ،يول كىرا 50000 كوي بولسۇن قاندا؟

  -پۇلغۇ مەسىلە ئەمەس ھاجىمكا ، قىنى مەن ئانام بىلەن مەسلىھەت قىلىپ باقاي.

  -ماقا ئەمسە، ياخشى خەۋەر كۈتۈپ قالدىم جۇما .

  -ئىنشائاللاھ ھاجىمكا.

  ھاجىمنىڭ بۇ تىلفونى خۇشتۇرنىيايرىتىۋەتتى،چۈنكى ئۇمۇ شاڭخەينى سىغىنغان ئىدى.خۇشتۇر يەنە ئانىسى بىلەن مەسلىھەتكە چۈشتى.

  -ۋاي بالام ، شۇ شۇ شاڭخەيما؟-دىدى زۆھراخان ئەندىكىپ.

  -ھە ، ئانا ھاجىمكام بىر يىل ئىشلىسەم 50000كوي بىرىدىغان بولدى.

  -بالام،پۇل مەسىلىسى ئەمەس،ئەمدى مەن قىرىپ قالدىم ،ئېتىز-ئىرىق ئىشلىرىغا ئاجىزلىق قىلىمەن.

  -ۋاي ،ئانا،شۇ ئېتىزنى بىرەسىگە كۆتىرە بىرە،يەنە شۇ يەر يەر دەپ ئۆتەمدۇق، يەرنىڭ كۆزى ئاچ،تىخى سەن بىزنى يەپمۇ تويمىغاچقايەر ئېتى بىلەن ئاتىلىپتىكەن.سەن بولدى شۇ ئېتىزغا چىقماي مال چارۋا بىقىپ ئارام ئالە.

  -كىمگە بىرەمە بالام،ئۇنىڭ ھاشىرىنى ،دەردىنىكىمگە بىرىمەن؟

  -پۇلغا بىرىسەن ئانا ،پۇلغا،شۇ بىر يىل جاپاتارتىپ ئىشلىسەك يا 10000 كوي تاپىمىز ، يا بەش مىڭ كوي ،تىخى كەتكەن گۇڭ بىلەن سېلىق بۇنىڭ سىرتىدا.ئۇنىڭدىن مەن يەنە بىر يىل ئىشلەپ كىلەي،ئاندىن ئۆيلەنسەم ئۆيلىنىپ ، ئاشقىنىغا پۇلغا شەدىن بىرە ئىش ئوقەت قىلامە،يا ئەپچىلغىنە ئاشخانىدىن بىرنى ئاچامە....

  خۇشتۇر ئۇنى دەپ بۇنى دەپ ئانىسىنى يەنە بىرقىتىم قايىل قىلدى،دىمىسىمۇ ئۇنىڭ دىگىنى تامامەن ئورۇنلۇق ئىدى.شۇنداق قىلىپ خۇشتۇر قەشقەردىكى زىرىكىشلىك كۈنلىرىگە خاتىمە بىرىپ شاڭخەيگە قاراپ يول ئالدى.

                                                         5-تۇنجى مۇھەببەت

  8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى يازنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى بولسىمۇ ئەمما شاڭخەي يەنىلا تىنجىق ئىدى، دىڭىز بويى شەھىرى بولغانلىقىدىنمۇئادەتتە ياز پەسلى شاڭخەي ناھايىتى تىنجىق بولاتتى،مۇشۇ دىمىق ھاۋادا شاڭخەينىڭ ئاۋات كوچىلىرىدا بىر ئۇيغۇر يىگىت يۈك تاقىلىرىنى كۆتىرىپ كىلىۋاتاتتى.ئۇ دەل خۇشتۇر ئىدى.

  خۇشتۇر مىڭىپ ئاشخانىنىڭ ئالدىدا توختىدى،ۋەئەتراپقا بىر قۇر قاراپ قانداق يىڭى ئۆزگىرىش باردۇ دىگەندەك كۆزىتىپ باقتى،ئەمماھىچقانچە چوڭ ئۆزگىرىش يوق ئىدى،پەقەت ئاشخانا ئالدىدىكى بۇلتۇر يىڭىدىن پولقاسنىقىغا تىكىلگەن كۆچەتلەر ياپيېشىل بولۇپ ئەتراپى ھەرخىل گۈللەرگە تولغان ئىدى.خۇشتۇر ئەتراپقا قاراپ بولغاندىن كىيىن ئاشخانىغا كىردى ۋە ئاشخانىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىشىنى كۆردى ۋە كۆزىگە ئىشەنمەي تۇرۇپ قالدى.كۆز ئالدىدا يەنى پۇكەيدەئۇنىڭ شاڭخەيدىكى تۇنجى سىردىشى،يىقىن ئاغىنىسى ئابلەت تۇراتتى.

  -ئابلەت-خۇشتۇر ئابلەتنىڭ ئالدىغا ماڭدى.

  -ۋاي خوشتۇر ئاغىنەمغۇ بۇ-ئابلەتمۇ قوچاق ئىچىپ خۇشتۇرنىڭ ئالدىغا چىقتى. ئىككەيلەن قوچاقلىشىپ كەتتى، قول ئىلىشىپ قىزغىن كۆرۈشتى.

  -ئابلەت ،سەن قانداق؟

  -بولدى ،بۇ گەپلەرنى ئالدىرماي سۆزلىشىۋالىمىز،قېنى ھىرىپ كەتتىڭ ،ئاۋۋال ئولتۇر ،چاي ئىچ،قورسىقىڭمۇ ئاچ ھەقاچان،نىمە يەيسەن-ئابلەت خۇشتۇرنى تاماققا ئولتۇغۇزۇپ پۇكەيگە ھىساۋات قىلغىلى ماڭدى.

  خۇشتۇر تامىقىنى يەپ بولۇپ ئابلەت بىلەن ياتاققا ئورۇنلاشقىلى ماڭدى. بىر يىل ئىلگىرى ئۇلار مۇشۇ يولدا مۇشۇ ھالەتتە پاراڭلىشىپ ماڭغان ئىدى.ھازىر دەل شۇ ھالەتتە ئىدى.

  -ھە ،ئاداش،قانداق بولۇپ كەپ قالدىڭ؟كەتكەندەبىر ئىغىز گەپمۇ قىلماي كىتىپسەن،ئۈيۈڭدە بىر ئىش بولدى دەپ ئاڭلىدۇق؟

  -ۋاي،ئاداش .نىمىسىنى دەيسەن،ناسىر دىگەن تۇزكور قاچقاندىن كىيىن نۇرمەمەت دىگەن خۇمپەر ماڭا قىلتاق قورۇپ ناسىر  ۋوگزالدىكەن ، بىرىپ ئىزدەپ باق دەپ مىنى يولغا سىلىۋىتىپ ،ھاجىمكامغا مىنى قاچتىدەپ يالغاندىن قارا چاپلاپ .ۋوگزالدىن تۇتۇپ ئەكىلىپ يەر ئاستى ئۆيىدە قاتتىق ئۇرىۋەتتى.ئاندىن......-ئابلەت ئىشنىڭ بارلىق جەريانىنى خۇشتۇرغا سۆزلەپ بەردى.

  -ھە....مەنمۇ شۇنداق پەرەز قىلغان-دىدى خۇشتۇر-ئاندىنچۇ؟

  -شۇنىڭ بىلەن يۇرتقا قايتىپ كەتتىم ،نەچچەئايدىن كىيىن ھاجىمكام تىلفۇن قىلىپتۇ.مەندىن بەزى گەپلەرنى سورىدى.

  -نىمە گەپلەرنى ،تەپسىلىي دىمەمسەن.

  -شۇ ھاجىمكام بىر كۈنى پوكەيگە قارايدىغان خوتۇن ئاغرىپ قىلىپ دۇختۇرخانىغا كەتكەندە ئىككى سائەتتەك پۇكەيدە ئولتۇرۇپ قاپتۇ،شۇنىڭ بىلەن خىرىدارغا پۇل قايتۇرغاچ تارتمىدا سولياۋغا ئوراقلىق بىرنەرسىنى كۆرۈپ قىلىپ ئىچىپتۇ .

  -نىمە نەرسىكەن ئۇ؟

  -ۋاي، ئاڭلىمامسەن دەپ بىرىۋاتقاندىن كىيىن ،شۇنىمە بولاتتى،سەن يازغان ماتىريال تىزىملىكى،مەن يىغقان تالونلاركەن،نۇرمەمەت ئالدىراپ بىر سولياۋدىكى تالون ،تىزىملىكنى تىقىۋىلىپ يەنە بىرسىنى كۆرمىگەن چىغى،خەنزۇ خوتۇنمۇ ئىچىپ چۈشىنەلمەي قويۇپ قويۇپتۇ.كىم بىلسۇن ئايلىنىپ بىرىپ ھاجىمكامنىڭ قولىغا چۈشۈشىنى.

  -ھە،مۇنداق دە،ئاندىن ھاجىمكام سىنى قايتۇرۇپ كەلدى دە، ئۇنداقتا نۇرمەمەتچۇ؟

  -بىلىسەنغۇ ھاجىمكامنىڭ مىجەزىنى ،ناھەقكە چىدىمايدۇ،نائەھلىنى بوش قۇيىۋەتمەيدۇ،ئۇنىمۇ شەرمەندە راسۋا قىلىپ قوغلىۋىتىپتۇ.كىيىن ئۇقسام ،يۇرتتىمۇ تۇرالماي باشقا يۇرتقا كىتىپتۇ دەيدۇ.

  -شۇ،ئاداش ،كىشىگە يامانلىق قىلسا،سورىقى بولماي قالمايدۇ،<ئۆزى كولىغان ئورىغا ئۆزى چۈشەر>دىگەن شۇ .

  -شۇنى دىگىنە ، بولۇت قوياشنى توسالىسىمۇ،قۇياشنىڭ نۇرىنى،ھارارىتىنى توسالمايدۇ ئەمەسمۇ.ئەمدى ساڭا كىلەيلى،كىتىپ ئۈچ ئايمۇ تۇرالماپسەنغۇ يۇرتتا؟

  -شۇ ئاداش زىرىكىپ،ئۆيدىن بىر چىقىپكەتسەڭ،ئۆيدە يەنە تۇرالمايدىكەنسە.

  -راست دەيسەن،تار يەردە گۆش يىگۈچە،كەڭ يەردەمۇش يە دەيدۇ ئەمەسمۇ..........

   ئىككى قەدىناس بۇرادەر پاراڭلىشىپ ياتاققا قانداق كىلىپ قالغانلىقىنى تۇيمايلا قالغان ئىدى.

  خۇشتۇرنىڭ ئاشپەزلىك ھاياتى يەنە باشلىنىپ كەتتى،يەنە شۇ ئىشتىن چۈشسە ئۇخلاپ،ئۇخلاپ قوپسا ئىشلەپ كونا رىتىمدا مىڭىۋەردى.ئامال قانچە ئۆزى تاللىغان يول.

  شاڭخەينىڭ ئاشخانا سودىسى ئادەتتە چۈشلۈك تاماق،كەچلىك تاماق ئەڭ جانلىق،ئەڭ بىسىق ئىدى،چۈشلۈك تاماقتىن كىيىن ئاشخانىغا ئاساسەن ئادەم كىرمەيتى.

  بىر كۈنى چۈشتىن كىيىن خۇشتۇر كەچلىك بازارنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋاتاتتى.

  -خۇشتۇر ئۇستام ،پولودىن بىرنى ،گۆشىنى توغراپ –دىگەن زاكاس ئاڭلاندى.

  خۇشتۇر پولونى ئۇسسۇپ ،مۇلازىمنى چاقىردى،ئەممامۇلازىم چىقمىدى.خۇشتۇر توۋلاۋىرىپ زىرىكىپ ئاخىرى پولونى ئۆزى ئىلىپ چۈشتى.

  -ما پولو كىمنىڭ؟

  -3-ئۈستەلنىڭ-دىدى ئابلەت-ۋاي،قىنى مامۇلازىملار؟

  -مەن نەدىن بىلەي،ئۇ گۇيلارنى؟

  خۇشتۇر پولونى ئۈستەلگە ئىلىپ ماڭدى ۋەخىرىدارغا قاراپ تۇرۇپ قالدى.

  -ۋاي ،بۇ،سىزغۇ؟

  -ھە؟ سىز ؟ ھە..ئىسىمگە كەلدى،قانداق ئەھۋالىڭىز ،ياخشىمۇ سىز؟

  -ياخشى ئۆزىڭىزچۇ؟

  -ياخشى.

  -يەنە كەپسىزدە؟

  -ھەئە، ئۆزىڭىزمۇ ياخشى تۇردىڭىز؟ئوقۇشىڭىزقانداراق؟

  -ياخشى كىتىپ بارىدۇ.

  ئىككلەيلەن بىر قۇر سالاملىشىۋەتكەندىن كىيىن،خۇشتۇر يوقىرىغا چىقىپ كەتتى.-نىمىدىگەن نازاكەتلىك-خۇشتۇر ئۇ قىزنىڭ خىيالىغا غەرق بولغان ئىدى.بۇ قىز دەل خۇشتۇرنىڭ سەپەردىشى قەندىل ئىدى.

  خۇشتۇر بۇ قىزنى يەنە بىر قىتىم كۆرىۋىلىش ئۈچۈن پەسكە يەنە چۈشتى.قىزچاق تامىقىنى يەۋاتاتتى،خۇشتۇر ئابلەتنىڭ يىنىغا بىرىپ؛

  -ئاداش ،ئا قىزنىڭ تاماق پۇلىنى ماڭا يىزىپ قويھە.

  -نىمىشقا؟ كىمۇ ئۇ؟

  -بولدى سورىما،ماڭا يىزىپ قويساڭلا بولدى.

  خۇشتۇر يەنە قىزنىڭ يىنىغا كەلدى.

  -قانداق ئوخشاپتۇمۇ؟ بالدۇراق كەلگەن بولسىڭىزيىڭى پولو يەيتىڭىز،بۇ قازاننىڭ ئاخىرى ئانچە ياخشى ئەمەس .

  -نەدىكىنى،يەنىلا مىزىلىك تۇرمامدۇ،بەكلا كەمتەرمۇ سىز؟

  -ياقەي،سىزمۇ ئاشۇرىۋەتتىڭىز ،راست قايسىمەكتەپتە ئوقويسىز؟

  -ۋاي ، بۇ سوراپ....؟

  -خاتا چۈشىنىپ قالماڭ،ئىنىم بىلەن بىريەردىمىكى دەيمەن.

  -ھە....مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمەن، ئىنىڭىز تولۇق ئوتتۇرىدىغۇ دەيمەن.

  -شۇنداق ،ئۇنتۇپ قالماپسىزدە.

  ئىككلەيلەن بىردەم مۇڭدىشىپ قالدى،شۇ ئەسناداخۇشتۇر بۇ قىزنىڭ بىرەر ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى بىلىۋىلىش ئۈچۈن كاللا قاتۇرماقتا ئىدى،تويۇقسىز كاللىسىغا بىر ئەقىل كەلدى.

  -راس،بۇنىڭدىن كىيىن پولو يىگىلى كەلسىڭىز ئالدىن ماڭا دەپ قويۇڭ،سىزگە ئەڭ ياخشى يىرىدىن ئەپ قۇياي.

  -نىمىشقا ئەمدى،مەن بۇ ئاشخانىدا پولونى جىق يىگەن ،ھەمىشە ئوخشاشقۇ.

  -ياقەي،ھەممە ئىشنى ئۆز ئەھلى بىلىدۇ.ماۋۇ مىنىڭ تىلفون نۇمۇرۇم ،كىلىشتىن بۇرۇن تىلفۇن قىلىپ قويسىڭىزلا بولدى،ئەگەر كىلەرقىتىممۇ ئوخشاش بولۇپ چىقسا،بولدى سىزنى ئۆزەم بىر قوللۇق مىھمان قىلىمەنغۇ.

  -راستما،بولىدۇ ئەمىسە،كىلىشتۇق،ئەگەرھەقىقەتەن سىز دىگەندەك بولسا سىزنى مەن مىھمان قىلاي.

  -كىلىشتۇق.

  قەندىل تامىقىنى يەپ بولۇپ.ھىساۋات قىلغىلى پوكەيگە كەلدى، ئەمما ئابلەت خۇشتۇرنىڭ دىگىنىدەك ئۇ قىزنىڭ پۇلىنى ئالمىدى،قىزچاق ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قالدى.ئاڭغىچە خۇشتۇرمۇ:

  -بولدى ،ئوخشىمىغان پولوغا پۇل تەڭلىمەي كىتىۋىرىڭ-دەپ چاقچاق ئارلاش كۈلۈپ قويدى.

  -ۋاي بۇ ،ئادەمنى ئەجەپمۇ خىجىلقىلدىڭىز،رەھمەت.

  -بولدى ،تەكەللۇپ قىلماڭ ،ئەمىسە كىلەر نۆۋەت ئۇنتۇپ قالماڭ.

  -بولىدۇ،ئىسىمدە،قەندىل شۇلارنى دىگەچ ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتى.ئابلەت خۇشتۇرغا قاراپ.

  -خۇشتۇرجان ، كىمۇ ئۇ ئاداش،توققىنىڭما؟

  -ياق، ئۇ ...-خۇشتۇر نىمە دەپ چۈشەندۈرىشىنى بىلەلمەي-ھە شۇنداق دىسەكمۇ بولىدۇ-دەپلا يوقىرىغا چىقىپ كەتتى.

  ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى.خۇشتۇر پولو دۈملەپ بولۇپ تىلفونىغا قاراپ قۇياتتى.لىكىن يانفون جىمجىت ئىدى.خۇشتۇرنىڭ ئىچى سىقىماقتا ئىدى.ئىنىقكى ئۇ قەندىلنىڭ تىلفونىنى ساقلاۋاتاتتى.يانفوننىڭ باتارىيىسى تۈگىگەنمىدۇ؟ يانفوننىڭ توختاپ قالغانمىدۇ؟دىگەندەك خىياللار بىلەن بىردەم يانفوننىڭ توكىغا قاراپ،بىردەم تىلفون قالدۇق سوممىسىنى تەكشۈرۈپ زادى جىم تورالمىدى.ئەجىبا خۇشتۇر ئۇ قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانمىدۇ؟بەلكىم شۇنداقتۇ،قارىمامىسىز ئۇنىڭ قەندىلنىڭ تىلفونىنى شۇنچە تاقەتسىز ساقلىشىنى.ھەي..مۇھەببەت دىگەن قارىغۇدە.ناھايىتى تويۇقسىزلا پەيدا بولىدۇ،خۇددى توك سوقۇۋەتكەندەكلا........ھەي ئاشىقلىق،ھەي سەۋدالىق.........

  خۇشتۇرنىڭ تىلفونى سايراپ كەتتى،ئۇ ھاپىلاشاپىلا تىلفوننى ئالدى.

  -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،قانداق ئەھۋالىڭىز؟

  -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام بالام،ئەھۋالىم ياخشى ئۆزەڭچۇ؟

  تىلفۇن ئۇرغان قەندىل ئەمەس،بەلكى خۇشتۇرنىڭ ئانىسى زۆھراخان ئىدى.خۇشتۇر ئانىسى بىلەن بىر قۇر ئەھۋاللىشىپ تىلفۇننى قويىۋەتتى،ئۇ يەنە ئاشۇ قىزنىڭ تىلفۇنىنى تاقەتسىزلىك بىلەن ساقلىماقتا ئىدى....

  مانا مۇھەببەت دىگەن،خۇشتۇرنىڭ تۇنجى مۇھەببەت ئۇچقۇنلىرىنىڭ ئۆز يۇرتىدىن نەچچە مىڭ كىلومىتر يىراقتىكى بىر شەھەردە يىنىشىنى كىم ئويلىغان؟مۇھەببەت ئەنە شۇنداق ماكان زامان تاللىمايدىغان قارىغۇنەرسە.ئوخشىغان تەبىقە،ئوخشىمىغان ئورۇندىكى كىشلەر قاتلاملىرىدا يۈز بىرىدىغان ئاجايىپ گۈزەل.ھەم مۇرەككەپ نەرسە،يەنىلا شۇ مۇھەببەت.ئەمما تۇنجى مۇھەببەت ھىچقانداق نەرسىگە ئوخشىمايدۇ.ھەر قانداق كىشى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە رازى.خۇشتۇرمۇ ئۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئەلۋەتتە.

  خۇشتۇرنىڭ كۈنلىرى يەنىلا شۇ قىزنىڭ تىلفونىنى ساقلاش بىلەن ئۆتمەكتە ئىدى.قىنى بۇ مۇھەببەت خۇشتۇرنى زادى قەيەرلەرگە ئاپىرىپ تاشلايدۇ.......

                                              7- كەچلىك بازاردىكى يانچۇقچى قىز

خۇشتۇرنىڭ يانفۇنى سايرىدى.

-ئەسسالامۇئەلەيكۇم-خۇشتۇرنىڭ يۈزىدە خوشاللىق جىلۋىلەندى،تىلفۇن قىلغان دەل ئۇ تاقەتسىزلىك بىلەن ساقلاۋاتقان قەندىل ئىدى.

  -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،خۇشتۇرجان ئۇستام قانداق ئەھۋالىڭىز؟

  -ياخشى يوقاپ كەتتىڭىزغۇ؟

  -ۋاي،شۇ ئۆگىنىشنىڭ ئالدىراشلىقى بىلەن.

  -ھە،مەنمۇ شۇنداق ئويلىدىم.

  -نىمە؟-قەندىل بۇ گەپلەردىن سەل ھەيران بولدى.

  -ۋاي ،ھىچنىمە،قانداق ئاشخانىغا كەلدىڭىزما؟

  -مەن شۇ يولدا،سىزنى ئاۋارە قىلاي دەپ تىلفۇن قىلىشىم .

  -خوش مەرھەمەت

  -ۋەدىمىز يادىڭىزدا باردۇ؟

  -بولمامدىغان،يەنە قانچىلىك ۋاقىتتا كىلىپ بولىسىز.

  -يىرىم سائەت ئەتراپىدا.

  -بولدى،تامام.ئەمىسە ئاشخانىدا كۆرىشەيلى.

   -بولىدۇ ئەمىسە.

  خۇشتۇر تىلفوننى قويدى-دە پولو ئىتىشكەتۇتۇندى.ئۇ بو پولونى شۇنچىلىك تۈجۈپىلەپ ئەتتىكى مۇشۇ ئاشخانىدا ئىشلەۋاتقاندىن بۇيانقى تۇنجى قىتىم پۈتۈن ئەس-يادى بىلەن ئەتكەن پولو دىيشىكە بولاتتى.خۇشتۇر پولونى دۈملەپ تۇرىشىغا تىلفۇن يەنە سايرىدى.

  -خۇشتۇرجان ئۇستام ،پولو تەييار بولدىمۇ يا؟

  -سەل ساقلاپ تۇرۇڭ ،ھازىرلا تەييار بولىدۇ.

  -بولىدۇ ئەمىسە.

  خۇشتۇر يەنە تاقەتسىزلىنىشكە باشلىدى.بىر مىنۇت ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر سائەت بولۇپ تۇيۇلماقتا ئىدى.قىززىق ئىش،ئادەم سەۋدا بولۇپ قالسائاجايىپ بولۇپ قالىدىكىنا،ھىچ ئىش خىيالىغا كىرمەيدۇ،پەقەت شۇ ئىشقى ئوتىدا ئۆرتىنىش بىلەنلا.

  پولومۇ پىشتى،خۇشتۇر پولونىڭ ئەڭ ياخشى دەم يىگەن سەۋزىلىك يىرىنى ،گۆشنىڭ ئەڭ قارا،يۇمشاق يىرىنى ئاۋايلاپ تەخسىگە ئۇستى ۋەئۆزى بىر قوللۇق پەسكە ئىلىپ چۈشتى.

  قەندىل چەتتىكى ئۈستەلدە يانفۇن ئويناپ ئولتۇراتتى.خۇشتۇر ئاستاغىنە كىلىپ:

  -پولوغا ئىغىز تىگىڭ –دىدى ناھايىتى سىپايىلىكبىلەن.

  -ۋاي سىزنى ئاۋارە قىلىپ-قەندىلمۇ تەكەللۇپ بىلەن جاۋاپ قايتۇردى.ھەم ئۇماققىنە كۈلۈمسىرەپ قۇيۇشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى.

  -قىنى ئالدىرماي يەڭ،يىڭى پولو قانداق بولىدۇ.تىتىپ بىقىڭ-خۇشتۇر شۇلارنى دىگەچ قىزنى تارتىنىپ قالمىسۇن دىدىمۇ ئۆزى يەنەئۈستىگە چىقىپ كەتتى.

  قەندىل پولونى ھوزۇرلۇنۇپ يىمەكتە ئىدى.پولوھەقىقەتەن ئوخشىغان ئىدى.بۇنداق ئوخشىغان پولو پۈتۈن شاڭخەيدە ياق ،پۈتۈن ئىچكىرىلا ئەمەس شىنجاڭدىمۇ كەم تىپىلاتتى.قەندىلنىڭمۇ بۇنداق ئوخشىغان پولونى يىيىشى تۇنجى قىتىم ئىدى.

  خۇشتۇرنىڭ يانفۇنى يەنە سايرىدى.

  -خۇشتۇرجان ئۇستام ،پولو ئانچە ئوخشىماپتۇغۇ؟

خۇشتۇر ھەيرانقالدى.

   -ئۇنداق ئەمەستۇ؟

  -يىڭى پولو كونا پولودەكمۇ ئەمەسكەن.

  -بۇ...بۇ...

  -بولدى ئاستا چۈشۈپ پۇلنى تۆلىۋىتەمسىز يا؟

  -ھازىرلا چۈشەي.

  خۇشتۇر ھەيران بولماقتا .شۇنچىلىك تۈجۈپىلەپ ئەتكەن پولونى ئوخشىماپتۇ دەيدا،توۋا. خۇشتۇر ئاستا بىرىپ قەندىلنىڭ يىنىدائولتۇردى.

  -پولو راس ئوخشىماپتۇما؟

  -راس بولمايچۇ،قارىڭە ھەممنى يەۋەتتىم-قەندىليەنە بىر تاتلىققىنە كۈلۈمسىرىدى.

  -ھە....؟ ئوخشىغان بولسا تەخسىنىمۇ يەۋىتەمسىزنىمە؟

  -ۋىيەي ، ئەسكىلىنى – قەندىل كۈلۈپ كەتتى-ۋاي چاقچاق قىلىپ قويدۇم،بۇنداق ئوخشىغان پولونى ئۈمرۈمدە تۇنجى يىيىشىم.

  -شۇنداقمۇ ، يائاللاھ ئەجەپ قورقاتتىڭىز دىسە .

  -شۇنىڭغىمۇ قۇرقۇپ كەتتىڭىزما؟

  -ئەمدى نۇرغۇن ئەجىر قىلىپ ئەتسەم،

  -بۇ گەپچە بۇنى مەن ئۈچۈنلا ئەتمىگەنسىز.

  -شۇنداق دىيىشكىمۇ بولىدۇ.

  -نىمىشقا؟

  -شۇ ئۇتتۇرۇپ قويماي دەپ.

  -ھە ،ئەسلى جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا دەڭ

  -ئۇنداق دەپ كەتكىلىمۇ بولماس.

  -چاتاق يوق ،ئەمىسە سائەت نەچچىدە ئىشتىن چۈشىسىز؟

  -توققۇزدا.

  -بولىدۇ،كەچتە تىلفۇن قىلىمەن.  

  -راسما؟

  -ئەلۋەتتە ، مەنمۇ گىپىدە تۇرىدىغان قىز جۇمۇ.

  -ئەمىسە تىلفۇنىڭىزنى ساقلايمەن.

  قىزچاق پۇكەي تەرەپكە تەمشەلدى،خۇشتۇر ئابلەتكەئۇنىڭ پۇلىنى ئالما دەپ شەرەت قىلىپ قويدى.

  -بولدى كىتىۋىرىڭ-دىدى ئابلەت قەندىلغا.

  -نىمىشقا؟

  -پۇلنى تۆلەپ بولدى.

  -كىمۇ؟

  -ۋاي بولدى ،كىتىۋىرىڭ،بىر تەخسە پولوغا پۇل تۆلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ-دىدى خۇشتۇر ئۇلاپلا.

  -نىمانداق ئادەمنى خىجىل قىلىۋىرىسىز دەيمەن.

  -بولدى ، خىجىل بولماڭ ئەمىسە ھىلىقى گەپشۇنداق بولسۇن.

  -خاتىرجەم بولۇڭ ،دەيمەن.

  قەندىل شۇلارنى دىگەچ ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتى.ئابلەت خۇشتۇردىن:

-ئاداش،ئۇقىز راستىلا تۇققۇنىڭما-دەپسورىدى.

   -ھە....

  -راسما؟

  -ۋاي ،ھەئە

  -ما گەپ بىلەن مىنى ئالدىيالمايسەن جۇمۇ.

  -خۇشتۇر ئۇستام ،پولودىن ئۈچنى-دىدى مۇلازىمئ اڭغىچە.

  -ھە،ماقۇل-خۇشتۇر ئۈستىگە قاراپ ماڭدى،ئابلەتگىپىنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمەي تۇرۇپ قالدى.

  خۇشتۇر سائەت سەككىز بولغاندا رۇخسەت سوراپ چىقىپ كەتتى.ئەلۋەتتە ئۇ قەندىل بىلەن كۆرىشىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقچى ئىدى.

  خۇشتۇر ياتاققا كىرىپ ئاۋۋال يۇيۇنۇپ ئاندىن يىڭى ئالغان كىيىملىرىنى كىيىپ،چىچىنى رەتلىك تاراپ قەندىلنىڭ تىلفونىنى ساقلاپ ئولتۇردى.قەندىلنىڭ تىلفونىمۇ كەلدى.

  -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم خۇشتۇرجان ئۇستام، بىكاربولدىڭىزمۇ-يا؟

  -ئەلۋەتتە،سىزنى ساقلاپ تۇرغان.

  -ئەمىسە ۋەيتەنگە كىلىڭ.

  -ۋەيتەنگە؟

  -شۇنداق،كىلەلەمسىز يا؟

  -ھازىرلا بارىمەن.

  -ئەمىسە سىزنى سائەت بار بىنا ئالدىداساقلايمەن.

  -بولىدۇ.

  خۇشتۇر شۇلارنى دىدى-دە ياتاقتىن ئۇچقاندەك چىقىپ تاكسى توستى ۋە ئۇدۇل ۋەيتەنگە قاراپ يول ئالدى.ئۇ ناھايىتى خوشال ئىدى.چۈنكى ئۇ نەچچە كۈن پىراقىدا كۆيگەن ،ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان قىز بىلەن تۇنجى قىتىم كۈرۈشكىلى ماڭدى.ئۇ بۇ مىنۇتلارنى قانچىلىك تەققەزالىق بىلەن كۈتتى-ھە.

  تاكسى ۋەيتەننىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى.خۇشتۇرتاكسىدىن چۈشۈپ سائەتلىك بىناغا قاراپ تىز يۈرۈپ كەتتى.ئۇ شۇقەدەر تىز ماڭدىكى ئاشۇ 100 مىتر ئارىلىقمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن نەچچە كىلومىتردەك،خۇددى جايىدا تۇرماي ،يىقىنلاشقانسىرى،يىراقلىشىپ كىتىۋاتقاندەك تۇيۇلماقتا ئىدى.

  ئۇ بىنا ئالدىدا تۇرغان قەندىلنى كۆرۈپ،ئالدىغا بىرىپ ئەدەپ بىلەن.

  -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم-دەپ سالام قىلدى.

  -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،ھەجەپ تىز كەپسىزغۇ ؟

  -ئەمدى ،كىچىكىش بىلەن پەقەت خۇشۇم يوق .

  -ھە مۇنداق دەڭ .قىنى ئەمىسە يۈرۈڭ.

  -نەگە بارىمىز؟

  -پاراخوتقا چىقىمىز.

  -پاراخوتقا؟ تاماق يەيدىغان بولغانغۇ؟

  -ئەسلى شۇنداقتى،ئەمدى سىز ئاشخانىدائىشلەيسىز،ئەتىگەندىن كەچكىچە ئىشلەپ چارچىغانسىز،تاماق يەيلى دىسەم،سىز ئاشخانىدايىمىگەن تاماقلارمۇ قالمىغاندۇ،شۇڭا سىزنى شاڭخەينىڭ كەچلىك ساياھىتىدىن بەھىرئالغاچ ،دەريا ساياھىتى قىلسۇن دىدىم ،قانداق؟

  -ھە، مۇنداق دەڭ،بەك ئەتراپلىق ئويلىشىپسىز،مىنىڭ پاراخوتقا بەكمۇ چىققىم بار ئىدى .ئەمما ئاشخانىدىن بىكاربولالماي ھازىرغىچە چىقالمىغان،بۈگۈن سىزنىڭ بانالىرىڭىزدا چىقىۋالىدىغان بولدۇم –دە،رەھمەت سىزگە .

  -ۋاي ،نىمىگە تەكەللۇپ قىلىسىز ،قىنى يۈرۈڭ.

  -ئىككەيلەن بىللە پاراخوت تەرەپكە قاراپ ماڭدى.قارىماققا ئۇلار ناھايىتى ماسلاشقان بىر جۈپلەر ئىدى.قەندىل بىلەت ئىلىپ خۇشتۇرغايول باشلاپ پاراخوتقا چىقىش سوپىسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

  خۇشتۇر بىلەن قەندىل پاراخوتتا شاڭخەينىڭ ئەڭ ئاۋات،ئەڭ گۈزەل،تەرەققىي قىلغان پۇدۇڭ رايونىدا كەچلىك ساياھەت قىلماقتائىدى.نىمىدىگەن گۈزەل ،مەنزىرە،نىمىدىگەن بەھەيۋەت ئىگىز بىنالار،جۇش ئۇرۇپ ئىقىۋاتقان دەريا،سەيلە پاراخوتلىرى،ھەقىقەتەنمۇ تەسۋىرلەش قىيىن بولغان ئاجايىپ بىر دۇنيا.

  خۇشتۇر شۇ تاپ ھەممە تەرەپكە بويۇنداپ قارىماقتا ئىدى.خۇددى بۇ يەرنى كۆرمىگەندەك،تۇنجى كىلىپ قالغاندەك ھىسسىيات بىلەن قارىماقتا ئىدى.توغرا ئۇ ئىككى يىل بۇرۇن مانا مۇشۇ يەرلەرنى كۆرىمەن دەپ دەل مۇشۇيەردىن تاكسىغا ئولتۇرۇپ ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا بارغان ، شۇ سەۋەپ شاڭخەيدە تۇرۇپقالغان ئىدى.ئەگەر شۇ چاغدا بۇ يەرگە كەلمەي ئۇدۇل كەتكەن بولسە،بۈگۈنكى بۇھىسسىياتلارنى ئۇ قاچانمۇ ھىس قىلا بولغىيتى ؟!

  -قانداق ؟چىرايلىقمىكەن؟-قەندىل سۆز باشلىدى.

  -ئەلۋەتتە.

  -نىمە ،ئەجەپ قاراپ كەتتىڭىز ،بۇ يەرگە كىلىپ باقمىغانما؟

  -كىلىشنىغۇ كەلگەن ،لىكىن كەچتە كىلىپ باقماپتىكەنمەن دىسە، پاراخوتقا تۇنجى چىقىشىم تىخى.

  -ئۇنداق ئەمەستۇ؟سىز شاڭخەيگە كەلگىلى بىريىلدىن ئاشقان تۇرسا ،پاراخوتقا چىقىپ باقمىدىم دەيسىزغۇ؟

  -شۇ،بىلىسىز،كۈندۈزى خىزمەت بىلەن ئالدىراش،كەچتەيا سىرتقا يۈرەكلىك چىقالمايمىز،كەچ قالساق،ياتاققا كىرەلمىسەك،ئۆلگىنىمىز شۇ.

  -ھە...

  ئىككەيلەننىڭ پارىڭى داۋام ئەتمەكتەئىدى.قەندىلنىڭ ھەر بىر گىپى خۇشتۇرغا شۇنچلىك يىقىملىق تۇيۇلماقتا ئىدى.ئۇۋاقىتنىڭ ئاستا ئۆتىشىنى،قەندىل بىلەن بىر مىنۇت بولسىمۇ ئۇزۇن تۇرۇشنى ئارزۇقىلاتتى،قىرىشقاندەك ۋاقىت شۇنچىلىك ئىتتىك ئۆتىۋاتاتتى.بىردەمدىلا بۇ كىچەخۇشتۇرغا ئۇنتۇلغۇسىز ،گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ ئۇنى قايتىپ كىتىشكە مەجبۇرقىلماقتا ئىدى.لىكىن ئۇنىڭ بۇ قىزدىن پەقەتلا ئايرىلغۇسى كەلمەيتى.يەنە بىر سائەتياق ئەدناسى بىر مىنۇت،دىقىقە بولسىمۇ بىللە تۇرغۇسى بار ئىدى.لىكىن ئاشخاناتۈزۈمى ،ھاجىمنىڭ جازاسى ئۇنى قايتىشقا مەجبۇر قىلماقتا ئىدى.

  -قانداق ،ياخشى ئوينىغانسىز-دىدى قەندىلخۇشتۇرغا قاراپ.

  -ئەلۋەتتە،ئۈمرۈمدە بۇنداق كۆڭۈللۈك ئويناپ باقمىغانىدىم.رەھمەت سىزگە مىنىڭ بىر يىللىق ھاردۇقۇمنى بىرلا چىقىرىۋەتتىڭىز.

  -ئۇنداق ئەمەستۇ؟

  -راس دەيمەن،شۇنداق كۆڭۈللۈك بولدى دىسە.

  -قانداق دەيسىز؟

  -شۇ ،ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەم بىلەن بىللە سەيلى قىلىش ھەقىقەتەنمۇ گۈزەل بەختكەن-خۇشتۇر بۇ گەپنىڭ ئاغزىدىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنى پەقەتلا بىلمىدى.

  -نىمە دىدىڭىز؟-قەندىلمۇ ھەيران قالدى.

  -ھە....ھىچنىمە؟ شۇ بەك كۆڭۈللۈك بولدى.

  -ياخشى كۆرگەن ئادەم دىدىڭىزغۇ؟

  -ئۇنداق ئەمەستۇ؟

  -مەن شۇنداق ئاڭلىدىمغۇ.

  -مەن ھەجەپ بىلمەپتىمىنا؟

  -ئەگەر زە.....؟

  -نىمە ئەگەر؟

  -مىنى ئەمرىڭىزگە ئالسىڭىز بۇنداق قىيلىنىپ يۈرۈشىڭىزنىمۇ ھاجىتى يوقتى.

  -ھە...سىز...؟

  -شۇ ،مىنىڭ قولۇمدىن خىلى ئىش كىلىدۇ،ئۆزۈممۇشۇنداق ئويلايمەن.مىنى ئالىدىغان ئەرنىڭ چوقۇم ئامىتى بار ،ھىچ ئىش قىلمىسىمۇئۆزۈم بىر قوللۇق بىقىپ كىتەلەيتىم.

  -قانداق قىلىپ؟

  -دىدىمغۇ مىنىڭ قولۇمدىن خىلى ئىش كىلىدۇ،پۇل تىپىشقا خىلى ئىپىم بار.

  -ۋاي ،راسما؟

  -يالغانمۇ ئەمەس.ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بىرىپتۇ،ئەمدى قايتايلى.

  -بولىدۇ سىز نەگە بارىسىز؟مەن ئاپىرىپ قوياي.

  -بولدى ئاۋارە بولماڭ،مەن يىقىن ئەتراپتا تۇرىمەن،لىكىن سىز كىتىۋىرىڭ كەچتە تاكسى تاپماق تەس.

  -ئۇنداقتا قانداق بولىدۇ؟ ھىچ بولمىغاندا سىزنى ئاپىرىپ قويمىسام بولماس.سىز قىز بالا تۇرسىڭىز.كەچتە مىڭىپ يۈرسىڭىز ياخشى بولماس.

  -ۋاي ،بولدى ئاۋارە بولماڭ،مەن دىگەن بۇ يەرنىڭ كونىسى ،ھە، تاكسى كەلدى،قىنى چىقىڭ،كەچ قالماڭ.

  -نەك سەت بولدى،ئەمىسە ئالاقىلىشىپ تۇرايلى.

  -ماقۇل ،خوش ئەمىسە.

  -خوش.

  خۇشتۇر تاكسىغا چىقىپ ئاشخانىغا قاراپ يۈرۈپكەتتى ،ئەمما ئەس-يادى قەندىلدا،بۈكۈنكى سۇ ئۈستى ساياھىتىدە ئىدى.نەقەدەر گۈزەل،ئەستىن چىقماس مىنۇتلار ھە.خۇشتۇرنىڭ خىيالىدا يەنە بىر سۇئالمۇ بار ئىدى.ئۇبولسىمۇ قەندىلنىڭ <مىنى ئەمرىڭىزگە ئالسىڭىز، بۇنچىلىك جاپا تارتمايتىڭىز>دىگەن سۆزى ئىدى.ئۇ نىمىشقا بۇنداق دەيدۇ،ئەجىبا بۇ قىز؟.... خۇشتۇرنىڭ خىيالىغا ھەر نەرسىلەر كەلمەكتە ئىدى.....

  خۇشتۇر ياتاققا كىلىپ خىلى ۋاققىچەئۇخلىيالمىدى،چۈنكى ئۇ قەندىلنى شۇ قەدەر ياخشى كۆرۈپ قالدىكى ،ئۇنى كۆرگۈسى،بىللە بولغۇسى ،قەلبىنى ئىزھار قىلغۇسى كىلىپ كەتتى.ئەمما قەلبىنى قانداق ئىزھارقىلىشنى پەقەتلا بىلمىدى.<تىلفۇندا دەيمۇ؟ياكى يۈز تۇرانە دەيمۇ؟>خۇشتۇرئويغا چۆككەن ئىدى،قانداق قىلسا ئۇ قىزغا قەلبىدىكى دىيەلمىگەن گەپلىرىنى تولۇق دىيىشىنى ئويلىشىۋاتاتتى. <توختا ،ئەڭ ياخشى خەت يازاي،شۇنداق،ئۇنىڭ بىلەن يۈزتۇرانە مۇڭداشسام داۋاملىق تىلىم گاچىلىشىپ، دەيدىغان گىپىمنى تاپالمايدىكەن مەن ئۇنىڭدىن خەتتە ئۇچۇق دەي ،توغرا شۇنداق قىلاي.> خۇشتۇر ئورنىدىن تورۇپ قەغەز،قەلەم ئىلىپ كارۋىتىدا يىتىپ قەندىلغا <سۆيگۈ مەكتۇبى> يازدى.......

   ئەتىسى خۇشتۇر ئاشخانىغا بالدۇر چىقىپ كەيپىياتى كۆتۈرەڭگۈ ھالدا سەۋزە قىرىۋاتاتتى،بىر چاغدا ئابلەت ئۇنى چاقىردى.خۇشتۇر پەسكە چۈشۈپ ئابلەتنىڭ يىنىغا باردى.

  -خۇشتۇر ئاداش ،راست گەپ قىلە ،ئاخشام نەگەباردىڭ-دىدى ئابلەت.

  -شۇ كەچلىك بازارغا.

  -نىمە ئالدىڭ؟

  -تۈزۈك نەرسىنىڭ تايىنى يوقكەن،ئايلىنىپ يىنىپكەلدىم.

  -ئاداش مەندىن گەپ يۇشۇرما،ئاخشام ھىلىقى تۇققۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ بىللە ئايلاندىڭغۇ دەيمەن؟

  -قايسى تۇققۇنۇم بىلەن؟

  -تولا مۇغەمبەرلىك قىلما،سەن دائىم پولو بىلەن مىھمان قىلىدىغان قىز توققۇنىڭ بىلەن.

  -بۇنى سوراپ نىمە قىلىسەن؟

  -ئاداش ،سەن ئۇ قىزنى راس تۇنۇمسەن؟

  -ھەئە.

  -ئۇ تۇققۇنىڭ ئەمەسقۇ دەيمەن؟

  -تونۇشۇم،ئەجەپ سوراۋەتدىڭ،ئۆيگە قايتقۇچە پويىزدا تۇنۇشۇپ قالغان.

  -ھە،مۇنداق دە ،بۇ يەردە نىمىش قىلىدىكەن؟

  -ئالىي مەكتەپتە ئوقۇدىكەن.

  -ئالىي مەكتەپتە دە،سەن شۇنداق دىسەئىشەندىڭما؟

  -ئىشەنمەي،قايسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن قالىدىكەن.

  -سەن تىخى بالىكەنسەن ئاداش،ھەي ،ئويلاپ باقەقايسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار چۈشتىن كىيىن دەم ئالىدىكەن؟قايسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار سائەت 10دىن بورۇن قايتماي سىرتتا يۈرۈيدىكەن؟

  -سەن زادى نىمە دىمەكچى؟

  -سەن تۇققۇنۇم،تۇنۇشۇم دەپ يۈرگەن ئۇ قىز ئوغرى،بىلەمسەن؟

  -ياق ، يالغان

  -يالغان، ئەمىسە كەچتە گۇاڭجۇ يولىغا بىرىپقاراپ باق.مەن شاڭخەيدە تۇرىۋاتقىلى تۆت يىلىدىن ئاشتى ،كىمنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمەن.قالغىنىنى ئۆزەڭ بىل.

  خۇشتۇرنىڭ بىشىدا چاقماق سوققاندەك بولدى،ئۇقۇلىقىغا ئىشەنمەيلا قالدى.< سەن تۇققۇنۇم،تۇنۇشۇم دەپ يۈرگەن ئۇ قىز ئوغرى،بىلەمسەن > بۇ گەپ خۇشتۇرنىڭ قۇلاق تۈۋىدىن پەقەتلا كەتمىدى.<بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن،قەندىل ئوغرىما؟ياق ئىشەنمەيمەن،ئابلەت چوقۇم خاتالاشتى ،ھەرگىزئىشەنمەيمەن.

  خۇشتۇر گاراڭ بولۇپ قالغان ئىدى.ئۆزىنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلەلمىدى.پولونى قانداق دۈملەۋاتقانلىقىنى ،قانداق كەچ بولغانلىقىنى پەقەتلا بىلمىدى.ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن گۇاڭجۇ يولىغا بىرىپ ،ئىشنىڭ راست-يالغانلىقىنى بىلمەكچى بولدى.

  مانا ئۇ ئىشتىن چۈشۈپ گۇڭجۇ يولىغا قاراپ ماڭدى.ئىچىدە:

  -ئابلەت چوقۇم خاتالاشتى،قەندىل ئۇنداق قىزئەمەس-دىگەنلەرنى ئويلاپ ماڭدى.ئۇ مىڭىپ گۇاڭجۇ يولىغا قانداق كىلىپ قالغىنىنىمۇبىلەيلا قالدى.ئەتراپ ناھايىتى جانلانغان،كىلىپ-كەتىۋاتقانلار،ئالارمەن،ساتارمەنلەر ئۆز ئىشى بىلەن بەند ئىدى.

  خۇشتۇر ئەتراپقا نەزەر تاشلىدى.ئەتراپىدا بىرمۇ ئۇيغۇر يوق ئىدى.خۇشتۇرنىڭ يىنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان كىشىلەت خۇشتۇرغا قاراپ ئۆزىنى چەتكە ئىلىپ سومكىلىرىنى مەھكەم تۇتۇپ ،خۇددى ئوغرىدىن قاچقاندەك تىز-تىزماڭماقتا ئىدى.

  -ۋۇ ھاراملىق ئوغرىلار،ئادەمنىڭ يۈزىنى تامام تۆكۈپ بولدى-دە،ياخشمۇ ئوغرى،يامانمۇ ئوغرى قارىلىپ،يا بۇ شەھەردە خاتىرجەم ماڭغىلى بولىمىغان،يا بىرەر ياتاققا ئۈسسۈپ كىرىپ ياتاق ئالالمىغان،يا تاكىسى ئالدىراپ توختىمىغان،بازارغا بارسىمۇ دۇكاندارلار قوغلاۋاتقان،پۇل تۇرۇپمۇ خەجلىيەلمىگەن.ھەممىسى مۇشۇ مىللەتنىڭ شەنىگە چىچىدىغان بىرنىڭ كاساپىتى مىڭغا دەپ بۇ بىر نەچچە ئوغرىلارنىڭ كاساپىتىدىن پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئوغرى ئاتىلىپ كەتتىدىسە.ھەي......

  خۇشتۇر شۇلارنى خىيال قىلىپ ،ئوغرىلارغانەپرەتلىنىپ ،لەنەت ئوقۇپ،قارغاپ قىتىۋاتقاندا خۇددى قاققان قوزۇقتەك داڭقىتىپ تۇرۇپ قالدى. كۆز ئالدىدا يۈز بىرىۋاتقان مەزىرىگە پەقەتلا ئىشەنگۈسى كەلمەيتى.

  ئەمما رىئاللىق ئۇنى ئىشىنىشكە مەجبۇر قىلماقتا ئىدى. ئۇنىڭ تۇنجى سۆيگۈنى،نەچچە كۈن ئىشقىدا سەۋدا بولۇپ ،يۈرەكنى ئۆرتەنتكەن مەشۇقى قەندىل بىر ياش خەنزۇ قىزنىڭ سومكىسىغا قول سالماقتا ئىدى.خۇشتۇرنىڭ كۆزىگەئىشەنگۈسى كەلمەيتى. خۇشتۇر مۇشۇ ۋاقىتتا ئۆزنى چۈش كۆرىۋاتىمەن ،ئۇ قەندىل ئەمەس دەپ خىيال قىلىپ باققۇسى،بۇ رىئاللىقنى قوبۇل قىلغۇسى كەلمەيۋاتاتتى.لىكىن ئامال قانچە،كۆپىنچە ۋاقىتلاردا رىئاللىق ئىشنىڭ ئەسلى ماھىيىتى تولىمۇئىچىنىشلىق،قايغۇلۇق بولىدۇ.خۇشتۇرمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئەلۋەتتە.

  خۇشتۇر ئارقىغا بورۇلۇپ ماڭدى ، ئۇ بۇرىئاللىقنى قوبۇل قىلماي دىسىمۇ لىكىن ئامالى قانچە. ئۇ چىن دىلىدىن سۆيگەن،ئىشقىدا كۆيگەن قىز ،ئۇ تىخى بايىلا تىللاپ ،لەنەت ئوقىغان ،بىزار بولغان ئوغرى ئىدى.

  بۇ رىئاللىق نىمىدىگەن رەھىمىسىز ھە؟!تەقدىرنىڭ بۇ چاقچىقى خۇشتۇرغا بەك ئىغىر بولۇپ كەتتىمۇ قانداق؟ ھەيتەقدىر..........ھەي پەلەك.............

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; b: ^, [8 I- L$ f) d+ s( E. _

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ M! p- s: |2 Z, t5 h8 hبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' @; a. S& R- V- A% E

                                   7- ئاپا ! مىنى تاشلاپ كەتمەڭ.........

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& C. ?9 e; _% F$ D5 P$ E. s4 q

  ئارىدىن يەنە نەچچە كۈن ئۆتتى.خۇشتۇرنىڭ كەيپىياتى تىخىچە چىچىلاڭغۇ،بىنورمال ئىدى.قەندىل ئوغرىلىق قىلىۋاتقان ئاشۇ مەنزىرە ئۇنى تامام گاراڭ قىلىپ قويغان ئىدى.ئۇنىڭ كالىسىدا:-نىمە ئۈچۈن؟ ئۇ نىمەئۈچۈن بۇ يولدا ماڭىدۇ؟ ئەجىبا ئۇ، بۇ يولنىڭ ئۇنى قانداق ئاقىۋەتكەباشلايدىغانلىقىنى بىلەمدىغاندۇ؟ شۇنداق چىرايلىق ، نازاكەتلىك ئۇيغۇر قىزى نىمەئۈچۈن بۇنداق قىلىدۇ ؟.....-دىگەندەك چىگىش ،تىگى يوق خىياللار خۇشتۇرنىڭ پۈتكۈل زىھنىنى قالايمىقان قىلىۋەتكەن ئىدى. ئۇ ئۆزىچە بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ ئىزدەپ باقتى،لىكىن جاۋابلىرىدىن قانائەتلەنمىدى.يەنە شۇ چىگىش خىياللار.ئۇ ئۆزىنى بۇرىئاللىقتىن قاچۇرغىسى ، ئۇنى قوبۇل قىلغۇسى كەلمىدى. ئەمما ئامال قانچە؟

  توساتتىن ئابلەت خۇشتۇرنى چاقىردى.خۇشتۇر پەسكەچۈشتى ۋە ئابلەتنىڭ يىنىغا باردى.ئابلەت سۆز باشلىدى:

  -ئاداش نىمە بولدۇڭ ؟ ئۆزۈڭ بىر يەردە ، كۆڭلۈڭ بىر يەردە بوپ قالدىغۇ؟

  -ياقەي، ئۇنداق ئەمەستۇ .

  -ئۇنداق ئەمەستۇ . قارىغىنە ئەتكەن پولوغا،مۇشۇ سەن ئىتىدىغان پولوما؟ بىر دۈملىسەڭ ئۇماچتەك، بىرىدە قوماچتەك،بىرى شاكراپ،بىرى تۇزسىز .كۆرمەيۋاتامسەن خىرىدارلارنىڭ ئىككى قوشۇق يەپلا يىمەي چىكىتىۋاتقانلىقىنى، يەنە ئۇنداق ئەمەس دەيسەن ، ھاجىمكام بىلىپ قالسا ، قالغىنىنى ئۆزەڭ بىل.

  -بولىدۇ ئاداش ،دىققەت قىلاي.

  -دىسەم دىمىسەم ، سەن يەنە شۇ ئوغرى قىزنى ئويلاۋاتامسەن؟ ئۇ سىنىڭ شۇنداق قىلىشىڭغا ئەرزىمدۇ ؟ ئۇ قانداق ئادەم ؟ سەنچۇ؟ئەگەر ئىنىڭ بىلىپ قالسا سەنچە قانداق بۇلا ؟ ئۆزۈڭنى تۇتىۋال ئاغىنەم جاھان تىخى ئۇزۇن.

  خۇشتۇر ئۈندىمەي چىقىپ كەتتى. ئەمما ئۇنىڭ ئوي خىيالى قەندىل توغرىسىدا سۇئاللارغا جاۋاپ تىپىشتا ئىدى . لىكىن جاۋاپ تاپالمايتى.چۈنكى بۇ ئىشلار خۇشتۇرغا قاراڭغۇ ئىدى.

  ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتتى . خۇشتۇرنىڭ كەيپىياتىدا قىلچە ئۆزگىرىش بولمىدى.بارغانچە ئەسەبىيلىشىپ كەتتى . نىمىلا دىگەن تۇنجى سۆيگۈسى ئەمەسمۇ ، كىممۇ تۇنجى سۆيگىسىنىڭ بۇنداق ئىچىنىشلىق بەرپاد بولىشىنى خالايدۇ ؟ ئۇ ئاخىرى بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى قەندىلنىڭ ئۆزىدىن ئالماقچى بولدى.توغرا ، بۇ سۇئاللارغا پەقەت قەندىللا توغرا ،ئىنىق جاۋاپ بىرەلەيدۇ.

  خۇشتۇر قولىغا يانفوننى ئىلىپ قەندىلنىڭ نۇمىرىنى ئىزدىدى.ئاندىن ئۇنىڭغا تىلفون ئۇردى.

  -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.

  -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، خۇشتۇرجان ئۇستام قانداق ئەھۋالىڭىز ؟

  -ياخشى ئەمەس-خۇشتۇر ئۇدۇللا جاۋاپ بەردى.

  -نىمە ؟ بىرە ئىش بولمىغاندۇ .

  -بۇنى كىيىن دەپ بىرەي ، كەچتە ۋاقتىڭىز بارمۇ؟ كۆرىشەيلى

  -كەچتە ....كەچتە ئۆگىنىشىم بار ئىدى .

  خۇشتۇرنىڭ – سەن ئوغرىنىڭ نىمە ئۆگىنىشى بار –دىگۈسى كەلدى ، لىكىن دىيەلمىدى ۋە يالۋۇرغان قىياپەتتە :

  -ئۇنداق قىلماي ، كۆرۈشسەك بوپتىكەن ، سىزنى ئىزدەيدىغان مۇھىم ئىشىم بارتى .

  -مۇھىم ئىش ؟ قانداق ئىش ئۇ ؟

  -تىلفوندا دىيىش سەل بىئەپ.

  -ئۇنداق بولسا-قەندىل بىر ھازادىن كىيىن جاۋاپبەردى-نەدە كۆرىشىمىز؟

  -جۇڭسەن باغچىسىدا كۆرۈشسەك قانداق ؟

  -بولىدۇ ، كەچتە كۆرۈشەيلى ئەمىسە.

  -بولىدۇ ، رەھمەت ، سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.

  خۇشتۇر ئىشتىن چۈشۈپ ئۇچرىشىشقا تەييارلىق قىلىپ ماڭدى.يول بويى يەنە شۇ مەنزىرىنى ئويلاپ كۆڭلى غەش ھالدا جۇڭسەن باغچىسىغايىتىپ باردى.

  شاڭخەيدە ئاممىۋى باغچىلار خىلى كۆپ ئىدى.لايىھىلىنىشىمۇ كۆركەم . تۆت پەسىل يىشىل تۇرىدىغان ئاكاتسىيە دەرەخلىرى،قارىغان،چىملىقلار ، ۋە ھەرخىل گۈللەر بىلەن تولغان،ھەر 10 مىترئارلىققا بىردىن ئورۇندۇق،سۇنئىي تاغلار بىر-بىرىگە تولىمۇ خوپ كەلگەن ئىدى.كىرگەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ زوقۇنى قوزغايتى.

  خۇشتۇر جۇڭسەن باغچىسى ئالدىدا قەندىلنى ساقلاپ تۇردى.قەندىلمۇ ھايال ئۆتمەي كەلگەن ئىدى.ئىككەيلەن بىر قۇر سالاملىشىپ،ئەھۋاللىشىپ بولغاندىن كىيىن باغچىغا كىرىپ خالىي جايدا ئولتۇردى.

  -قانداق، مىنى ئىزلەيدىغان قانداق مۇھىمئ ىشىڭىز بار ئىدى-قەندىل سۆز باشلىدى.

  -سىزگە دەيدىغان گىپىم ناھايىتى نۇرغۇن .قايسىنى دىسەم بۇلا بىلمەيۋاتىمەن.

  -قىنى دەڭ ، نىمە گەپ بولسا.

  -قەندىل ، بىلەمسىز ، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن.سىزنى چىن دىلىمدىن سۆيىمەن. سىز بىلەن پويىز ئۇچراشقاندىن تارتىپ ھازىرغىچە سىزنى قانداق ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ، قانچىلىك سۆيىدىغانلىقمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن......

  -مىنى ئالداۋاتامسىز ؟ يا چاقچاق قىلىۋاتامسىز؟

  -ياق ، سىزچە چاقچاق قىلغاندەك تۇرامدىم. مەنن اھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن دەۋاتىمەن.

  -لىكىن مەن بۇلارغا ئەرزىمەيمەن.

  -شۇنداق ، راس دەيسىز ، ئۇنداقتا سىز نىمەئۈچۈن مىنى ئالدايسىز ؟

  -سىزنى ئالدىدىم ؟ قانداق ئالداپتىمەن ؟

  -تولا مۇغەمبەرلىك قىلماڭ .

  -قىنى دىمەمسىز ، سىزنى قانداق ئالدىدىم ؟

  -سىز ئالىي مەكتەپتە ئۇقامسىز ؟

  -ھەئە .

  -مانا ، يەنە ئالداۋاتىسىز ، سىزدىن ئۆتىنەي ،ماڭا راس گەپ قىلىڭ ،مەن ھەممىنى كۆردۈم.

  -نىمىنى كۆردىڭىز ؟

  -تولا سوراۋەرمەڭ ، سىز نىمىشقا مىنى ئالدايسىز؟ نىمە ئۈچۈن بۇ يولنى تاللايسىز ؟

  -سىز زادى نىمە دىمەكچى ؟ دىگەنلىرىڭىزنى پەقەتلا چۈشىنەلمىدىم.

  -نىمە ئۈچۈن ئوغۇرلۇق قىلىسىز ؟ سىزگە باشقا يول يوقما؟ نىمىشقا بۇ يولدا ماڭىسىز ؟ بۇ سىزگە يارىشىدىغان ئىشما؟

  -نىمە دەپ جۈيلىۋاتىسىز ؟ نىمە دەۋاتقىنىڭىزنى پەقەتلا چۈشەنمىدىم-قەندىل ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتاتتى،لىكىن ئۇنى چىرايى ئۇنىڭغاساتقىنلىق قىلماقتا ئىدى.

  -قەندىل،مەن ھەممىنى كۆردۈم ، سىز گۇاڭجۇيولىدا ئوغۇرلۇق قىلىدىكەنسىز ، ئىيتىڭە نىمىشقا شۇنداق قىلىسىز ؟

  -ئەجىبا سىز راستىنلا باردىڭىزما ؟

  -قەندىل ئەمدى مىنى ئالدىماڭ،سىز نىمىشقا بۇيولدا ماڭىسىز ؟ بۇ ئىش سىز بىزگە يارىشىدىغان ئىشما؟ بۇ بىزدەك بىر ئىسىل،ئەخلاقلىق،ئىمانلىق مىللەتكە يارىشىدىغان ئىشما؟ بىز ئالتۇن تىپىۋالساقمۇ كۆزقىرىمىزنى سالمايدىغان ، خەقنىڭ ھەققىگە چاڭ قوندۇرمايدىغان مىللەت تۇرساق ، سىزنىمىشقا بۇ يولنى تاللايسىز .

  قەندىلجىمىت كەتتى . ئۇنىڭ كۆزىدىن ياش تۆكۈلمەكتە ئىدى.شۇ تاپتا ئۇ قەلپ يارىسىنى ئاشىقىغا قانداق ئىيتىشىنى بىلمەيۋاتاتتى. پەقەت كۆز ياش بىلەن ئۈندىمەي تۇراتتى .خۇشتۇر يەنە سورىدى:

  -قەندىل سۇئالىمغا جاۋاپ بىرىڭ ، نىمە ئۈچۈن بۇيولنى تاللىدىڭىز .

  قەندىل بىر ھازا ئۈنسىز يىغلاپ كەتتى :

  -مەن ئىسىمگە كەلسەم – قەندىل يىشىنى سۈرتكەچ دەردىنى بايان قىلىشقا باشلىدى-ئاتا-ئانام ناھايىتى ئىناق ئۆتەتتى. ماڭىمۇ بەك ئامراق ئىدى . بولۇپمۇ دادام -ئۇماق قىزىم ، ئالتۇن قىزىم ، تاتلىق قىزىم-دەپئەركىلىتىپ ،نىمە دىسەم شۇنى قىلىپ بىرەتتى. لىكىن بىزنىڭ بۇ بەختىمىز ئۇزۇن بارمىدى.دادام تىجارىتىدە زىيان تارتىپ تۈگىشىپلا كەتتى.بىر كىچىدىلا قويمىچىلارغا قويۇلۇپ بارلىق دەسمىلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى،ئۇنى ئاز دەپ قەرزگە بوغۇلۇپ كەتتى.دادام بۇ ئىشلارغا چىدىماي ھاراققا بىرىلىپ كەتتى. ھەركۈنى مەس كىرىپ ئاپام بىلەن ئورۇنسىزلا ئۇرۇشىدىغان ، مىنىمۇ سىلكىپ ئۇرىدىغان بولىۋالدى. ئاپام بۇ خورلۇققا پەقەتلا چىدىماي ئاخىرى ئاجرىشىپ كەتتى . سوتتا مىنى ئاپامغا بۇيرۇپ بەردى.ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ ئاپام بىر باي ئادەمگە ياتلىق بولدى، شۇنىڭ بىلەن مىنىڭ ئۆگەي دادام بار بولدى . ئۆگەي دادام خىلىلا مىھرى بار ئادەم ئىدى ، ئاپامغىمۇ ،ماڭىمۇ كۆيۈنەتتى .

كىيىنچە ئۇنىڭ مىھرىمۇ مىنى ئەركىلىتىشلىرىمۇ ئازايدى. ئاپام بىلەن ئورۇنسىز ئۇرىشىدىغان ، مىنى باھانە قىلىپ ئاپامغا ئازار بىرىدىغان بولۇپ قالدى. كىيىنچە ئۇ ھىچ ئىش قىلماي پۇل بۇزىدىغان ،بەزىدە بىر چىقىپ كەتسە ھەپتە ئون كۈندە كىلىدىغان بولىۋالدى. ئاپام : -نەگەباردىڭىز –دىسە ، -نىمە كارىڭ-دەپ ئۇرۇشىدىغان بولدى.

كىيىن بىلسەم ئۇ قىمار ئوينايدىغان ،ئۇنى ئاز دەپ خروئىن چىكىشنى ئۈگۈنۈپ قاپتۇ. ئۇ تاپقان پۇللىرىنى ،ئۆي-بىساتىنى، ۋەجىنى قىماردا ئۇتتۇرۇپ ، ئوتتا كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىپ نەچچە ئايدىلا قاق سەنەم بولۇپ قالدى.ئاپام بۇنى ئوقۇپ ئۇنىڭدىن ئاجراشماقچى بولدى . لىكىن ئۇ ئاجراشقىلى ئۇنىمىدى ،ئەكىسچە ئاپام ئۇخلاپ قالغاندا ئۇنىڭغا زەھەرلىك قول سۇندى.ئاپامغا خروئىن ئۇرۇپ ئۇنىمۇ ئۆزىدىن بىرقەدەممۇ ئايرىلماس قىلىپ قويدى. ئاپاممۇ خروئىنغا قۇل بولدى.دادامنىڭ پۇلى تۈگىگەندە ئاپام پۇللىرىنى بەردى. پۇلى تۈگىگەندە ئالتۇنلىرىنى تۈتۈنگە تىگىشىتى.خروئىن دىگەن بۇ ئاپەتكە ھەر قانداق مال دۇنيا توشىمايدىكەن . دادام-ئاپاملاربارلىق پۇللىرىنى تۈتۈن قىلىپ سورىۋەتتى .

بىر كۈنى دادامنىڭ قاتتىق خۇمارى تۇتۇپ كەتتى . ئۆيدىن پۇلغا يارىغۇدەك نەرسە تاپالماي ،ئاپامغا ئىسىلدى، ئاپامدىمۇ پۇل يوق ئىدى. دادام ئاپامغا باشقىچە بىر نەزەردە قارىۋىتىپ – توغرا ، مانا پۇل-دەپ ئۇچقاندەك چىقىپ كەتتى ، مەن نىمە بولغانلىقىنى پەقەتلا بىلمىدىم . ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي دادام بىشىدا چاچ يوق ،يۈزى قاپقارا، چوقۇر ئادەم تەلەتى يوق بىرىنى باشلاپ كىرىپ :

-قارىسىلا ، مانا ئايال كىشى دىگەن ، ماندا ئىسىل ئايال ما شەدە يوق جۇما،پىگور دىسە بار ، ئىشقىلىپ نى نى سەتەڭلەر قولىغا سۇ بىرەلمەيدۇ جۇما بىزنىڭ خوتۇننىڭ.

  -ھىم..بولىدىكەن.

  -ئەمىسە مەن چىقىپ تۇراي ، قالغان ئىشلارنى ئۆزلىرى چاغلاپ بىر ئىش قىلالا-دەپ مىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتتى.

  دادام بىلەن مەن يولدا ئۆتكەن-كەچكەنگە قاراپ تۇردۇق.دادامنىڭ خۇمارى كۆچىيىۋاتاتتى،

  نىمانداق چىقىپ بولالمايدۇ ما رەزگى ، ئادەمنى رەللە قىلىپ – دادام ئىشىكتىن كۆزىنى ئۈزەلمىدى . بىر چاغدا ھىلىقى چوقۇر تازچىقتى. ئۇنىڭ يۈزى مورىلانغان ئىدى.

  -ۋاي نىمانداق ياۋا خوتۇن بۇ ، خۇددى يۈزى ئىچىلمىغان قىزلاردەك ياۋىكەن دىسە.

  -قاندا ، يارىغاندۇ .

  -جايىدا، جايىدا ، يارىمامدىغان . ماڭا قاراكىلە قىتىم سەنمۇ بىللە كىرىپ باش قوللۇرىنى تۇتۇپ بەرسەڭ،ئاندىن ئىش باشلىسام،ۋاھ ،ۋاھ، تازا پەيزى بولغۇدەك

  -ئەمىسە ھىلىقىنى

  -ھە ،تۇتە ، كىلەر قىتىم يەنە ئىزدەيمەن جۇمۇ –دەپدادامغا ئاق رەڭلىك كىچىك بولاقتىن ئىككى تال تۇتقۇزۇپ قويۇت كەتتى. داداممۇ خۇددى ھىيتلىق ئالغان بالىلاردەك خوشال بولۇپ ئويناقشىپ يوقالدى.

  ئۆيگە كىرسەم ئاپام بولۇڭدا چىچى چۇغۇلغان ھالەتتە ئولتۇرۇپتۇ.ئاپامنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتىم .-ئاپا ! سىزگە نىمە بولدى ئاپا-دىگەپ يىغلىغانچە بىرىپ ئاپامنىڭ بوينىغا ئىسىلىپ يىغلاپ كەتتىم .

  -ھىچ ئىش بولمىدى بالام- ئاپام شۇنى دەپ ئورنىدىن تورۇپ چىقىپ كەتتى.

  دادام شۇ يوقالغانچە قايتىپ كەلمىدى، ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتكەندە ئۆيگە بىر نەچچە ساقچى كىرىپ ئاپامنى چاقىرتىپ ساقچىخانىغا كەتتى،

  ئاپام ئۆيگە كۆزى ياش ھالدا قايتىپ كەلدى.كىيىن بىلسەم دادام ئاقنى جىق ئۇرىۋىلىپ قىتىپ قالغان ئىكەن . دادامغۇ شۇ پىتى كەتتى . ئەمما بارچە پىشكەللىك ، جاپا ئاپام بىلەن ماڭا قالدى. ئاپاممۇ ئاققائۆگىنىپ قالدى. ئۇ ئاشخانىلاردا قاچا يۇيدى، كوچا سۈپۈردى ئەمما ئايلىق پۇلى بىرچىكىمگىمۇ يەتمىدى. ئاخىرى كوچىغا چىقىپ ئۆزىگە خىرىدار ئىزدىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن پاھىشىنىڭ بالىسى بولدۇم. دەسلەپتە ئۆينىڭ غىمىنى ، تاماكىسىنىڭ دەردىنى تارتىشقا لايىق سودا قىلدى،لىكىن كىيىنچە خەقلەر ئۇنىڭ زەھەر چىكىدىغانلىقىنى بىلىپ ئۇنىڭ خىرىدارلىرى تامام تۈگىدى.

  بىر كۈنى ئاپام قاتتىق خۇمارى تۇتۇپ سىرتقاچىقىپ كەتتى .ئۇزۇن ئۆتمەي مىنى بىللە ئىلىپ تاكىسىغا ئولتۇرۇپ چەت بىر يەرگەئاپاردى.تاكسىدىن چۈشۈپ تۇرىشىمىزغا بىر ئايال چىقىپ :

  -مۇشۇ بالىما ؟

  -ھەئە.

  -يىشى سەل چوڭكەن.يىللىقى ئون مىڭ سوم بولسۇن.قانداق؟

  -مەيلى نەچچە يىل ئالىسىز ؟

  -ئاۋۋال ئىككى يىل ئالاي ، قالغىنىنى قولى راۋۇرۇس ئىشقا كەلسە يەنە ئۇزارتامىز.

  -ھە مەيلى ، ئەمىسە پۇلنى....

  -مانا ، يىگىرمە مىڭ سوم . سانىۋىلىڭ .- ئۇئايال ئاپامغا پۇلنى بىرىپ مىنىڭ يىنىمغا كەلدى:

  -خان ، ئەمدى بىز چوڭ ئۆيگە بىرىپ كىلەيلى ھە ،گەپ ئاڭلاڭ ، مىنى خاپا قىلماڭ ھە .

  -قايسى چوڭ ئۆيگە بارىمىز ؟

  -ھىلى بىلىسىز ، گەپ ئاڭلىسىڭىز مەن سىزگە مارۇژنى، شاكىلات ،پىرەنىڭ يەنە جىق قونچاق ئىلىپ بىرىمەن جۇمۇ –دىگىنىچە مىنى يىتىلەپماڭدى. مەن ئاپامغا چىدىماي:

  -ئاپا ، مەن بارمەيمەن ، مىنى بىللە ئىلىپ كىتىڭ ، سىز خاپا قىلمايمەن- دەپ ئۇ ئايالنىڭ قولىدىن سىلكىنىپ ئاپامنىڭ يىنىغا بىرىۋالدىم .

  -ئەمدى سەندەك بالام يوق ، ئەمدى سەن بۇئاپاشنىڭ بالىسى، گىپىنى ياخشى ئاڭلاپ پۇلنى جىق تىپىپ بەر،ئەمدى سەن مىنىڭ بالامئەمەس .

  -جىنىم ئاپا ، مىنى تاشلاپ كەتمەڭ ، مەن گىپىڭىزنى ئاڭلايمەن ، سىزنى خاپا قىلمايمەن ، ئەمدى قورسىقىم ئاچتى دىمەيمەن، ئاپا..ئاپا...........

  لىكىن ئاپام مىنىڭ يىغا زارىمغا پەرۋا قىلماي كىتىپ قالدى. مىنى ھىلىقى ئايال كۆتەرگەن پىتى :-يىغلىما ،يەنە يىغلىساڭ كۆرگۈلىكىڭنى كۆرسىتىمەن ،ۋۇ رەسۋا پاسكىنا – دىگىنىچە مىنى ماشىنىغا بىسىپ ،ئۇنىمىغىنمغا قارىماي بىر بوتۇلكا سۇنى ئىچكۈزىۋەتتى. سۇنى ئىچىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن.

  كۆزۈمنى ئاچسام بىر ياتاقتا يىتىپتىمەن.ئەتراپىمدا مەن دىمەتلىك بالىلار تۇراتتى. بەزىلىرىنىڭ قوللۇرىداتارتۇق،يۈزلىرى ئىششىق ئىدى . بىر دەمدىن كىيىن چىرايىدىن جىنمۇ قورقىدىغان،بەدتەلەت بىرسى كىرىپ:

  -ھەي ، شۇملا ، بۇندىن كىيىن مەن نىمە دىسەمشۇنى قىلىسەن ، بىلىشتىڭما ؟ قايسىڭ گەپ ئاڭلىمىساڭ،قاچساڭ ئۆلتۈرىۋىتىمەن ،بىلىشتىڭما –دەپ بىرگە قائىدە سۆزلىدى. ئارقىدىنلا مەندىن :

  -ئىسمىڭ نىمە – دەپ سورىدى.

  -قەندىل –دەپ جاۋاپ بەردىم .

  - ۋاھ ،قەندىل بۇلامسەن ، ناۋاتدىل بولامسەن ،بۇنىڭدىن كىيىن ئىسمىنىڭ خۇدېي(كىپىنەك)،بىلدىڭما ؟ خۇدېي دىسەم ھە دەپ بول .

  -نىمىشقا ؟

  -نىمە نىمىشقا ؟ سىنىڭ ئىسمىڭ بۇندىن كىيىن خۇدېي.

  -مەن بۇ يەردە نىمىش قىلىمەن ؟

  -نىمىش قىلىمەن؟پۇل تاپىسەن پۇل.

  -قانداق پۇل تاپىمەن ، مەن تىخى كىچىك تۇرسام.

  -مانا مەن ساڭا ئۆگىتىمەن.

  -نىمىنى ؟

  -ئوغۇرلۇقنى .

  -ياق ، مەن ئوغۇرلۇق قىلمايمەن .

  -قىلمايمەن ، مانا قىلمىغىنە – ئۇ يۈگۈرۈپ كىلىپمىنى تىپىۋەتتى .مەن يىغلاپ كەتتىم . ئۇ يىنىمغا كىلىپ :

  -زۇۋانىڭنى ئۆچۈر ، ۋۇ پاسكىنا ،بولمىسا يەنەيەيسەن.

  مەن ئاغزىمنى تۇتىۋىلىپ يىغلىدىم . بەكمۇقورقۇپ كەتتىم . ئۇ ئارقىغا بورۇلۇپ:

  -ھە ، ھارام تاماق شۇملا ، قىنى قايشىڭ گەپئاڭلىماي باق ، قىنى قانداق قىلىمەنكى .- ئۇ شۇ گەپلەرنى قىلىپ چىقىپ كەتتى .ئەتىسى ئۇ مىنى يەنە ئىككى بالىنى باشلاپ سىرتقا چىقتى . مەن شۇ چاغدىلا ئۆزۈمنىڭ چېڭدۇغا كىلىپ قالغانلىقىمنى بىلدىم . ئۇ بىر چوڭ يولنىڭ دوقمۇشىغا كىلىپ :

  -خۇڭ ماۋ (قىزىل تۈك) سەن مۇشۇ كوچىدا قال ،ھىلى كىلىمەن، قاچىمەن دەپ يۈرمە جۇمۇ ، ئالدىنقى قىتىمدىكى تاياق يادىڭدا باردۇ .

  -يادىمدا ئاكا ،ھەرگىز قاچمايمەن.

  -ئەمىسە ياخشى ، مەن كەلگىچە 2000 كوي تىپىپبول جۇمۇ.

  -ئاكا مەن...

  -بىرنى قويىمەن ما ھاراملىقنى . تولا ئەزمەڭنى ئەزمەي ،ماڭە پۇل تاپ .

خۇڭ ماۋ مىڭىپ ئادەملەر توپىغا قوشۇلۇپ غايىپ بولدى. ئاندىن ئۇ يەنە بىزنى ئىلىپ يەنە بىر ئاۋاتكوچىغا كەلدى.

  -لاۋشۇ (چاشقان) سەن مۇشۇ يەردە پۇل تاپ .تۆتۈگۈندىدەك 800 كوي بىلەن كەلمە جۇمۇ ،3000 كوي ئەكەلمىسەڭ ئاقىۋىتىڭنى ئۆزەڭ بىل، بولمىسا ئاخشامقى تاياق تادىڭدىدۇ .

  -ماقۇل ئاكا .

  ئۇ مىنى ئىلىپ يەنە بىر سودا بازىرىغا كەلدى ،ئاندىن ماڭا قاراپ:

  -خۇدېي ،سەن مۇشۇ يەردە پۇل تاپىسەن.بىلدىڭ مۇبۈگۈن 1000 كوي تاپالىساڭ ، ئاشخانىغا ئاپىرىپ نىمە دىسەڭ شۇنى ئەپ بىرىمەن ،بىلدىڭما ؟

  -مەن ئوغۇرلۇق قىلمايمەن-دىدىم كەسكىنلا .

  -قىلمايمەن ، ئاخشامقى تاياق ئۆتمەپتۇ دە ،يەنە تاياق يىگىڭ كەلدىما ؟

  -مەن قىلالمايمەن .

  -قىلالمىساڭ ئۆگىنىسەن ، مەن ساڭا ئۆگىتىمەن-ئۇنى مىنى يىتىلەپ ماڭدى.ئالدىمىزدا بىر ياشانغان موماي كۆكتات كۆتۈرۈپ مىڭىۋاتاتتى. ئۇ بەدتەلەت ماڭا قاراپ :

  -ئا قىرىنىڭ يانچۇقىدا پۇل بار ، ماڭە بىرىپ ئىلىپ كەل .

  -مەن ئالالمايمەن.

  -ماڭا بىرىپ ئالە ، بول ، ھارامدىن بولغانرەسۋا .

  -مەن...-چاڭقىدە قىلىپ تەگگەن بىر كاچات مىنى يىقىتىۋەتتى،ئىسىمنى يىغىپ بولىغىچە يەنە بىر پەشۋا يىدىم-دە يەردە دومىلاپكەتتىم.يىغلاپ ئاران تۇردۇم .

  -ئەمدى ھوشىڭنى تاپتىڭمۇ ، قانجۇق ؟ -ئۇ مىنى سىلكىپ تۇرغۇزدى.مەن ناھايىتى قورقۇپ تۇراتتىم.ئاغزىم گەپكىمۇ كەلمەيتى.ئۇ يەنەمىنى سىلكىپ ئىلىپ ماڭدى.ئاندىن ياش بىر خەنزۇنى كۆرسىتىپ :

  -ماڭا ، ئا تەتەينىڭ سومكىسىنى ئىچىپ قاراپ باق، ئىچىدە پورتمال،يانفون،پۇل بولسا ئىلىپ كەل-مەن يەنىلا بارغىلى ئۇنىمىدىم . ئۇيەنە مىنى ئۇردى.

  تاياقنىڭ زەربىسىدىن ھوشۇمدىنمۇ كىتىپتىمەن. ئۇئاخىرى مىنى گەپكە كىرگۈزۈلمەي مىنى يىتىلەپ ئىلىپ ماڭدى ،ھەم بايا بارغان يەرلەردىن ھىلىكى ئىككى بالىنى ئىلىپ ئۆيگە كەلدى.ئاندىن قولىغا چىۋىقنى ئىلىپ:

  خۇڭ ماۋ –دەپ چاقىردى.خۇڭ ماۋ ئۇنىڭ ئالدىغاكەلدى.-نەچچە پۇل تاپتىڭ.

  -خۇڭ يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ ھەممە پۇلنى ئۇنىڭغابەردى.

  -نىمە ، ئاران مۇشۇ ما ، ھەي ،خىجىل بولماي 465كوي ئەكەلدىڭ ، ماڭا بىرىپ ياتە-دەپ ئورۇندۇقنى ئىشارەت قىلىدى.خۇڭ ماۋ يىغلاپتورۇپ .

  -جىنىم ئاكا ، مەن كەچكىچە تاپاي ، بولدى مىنىئۇرما ،

  -نىمە ئۇرما، قوپە ،ھىجىقىز، كىلە مايەگە ،ھىلىمەن بارسام جازاسىنىمۇ قوشۇپ يەيسەن .

  -خۇڭ ماۋ يىغلاپ تۇرۇپ ئورۇندۇقنىڭ يىنىغاكەلدى. ئۇ خۇڭماۋغا:

  -قاراپ تۇرىسەنغۇ ، سالە ئىشتاننى ، ياتە بۇيەدە ؟

  -ئاكا ، بولدى ئۇرما، مەن چىقىپ جىق پۇل تاپاي.

  -نىمانداق ئەزمىسىنى ئىزىدۇ ما گۇي ، ياتە مايەدە – دەپلا ئۇنى ئورۇندۇققا دۈم قىلپ بىسىۋىلىپ، تېزىنى دۈمبىسىگە تىرەپ ،ئىشتىنى سالدۇرۇپ-ھە ، يەنە ھورۇنلۇق قىلامسە،يەنە گەپ ئاڭلىمامسەن-دەپ چىۋىق بىلەن نەچچىنى سىلىۋەتتى.

  خۇڭ ماۋ تىترەپ كەتتى. ئىچىنىشلىق نالە قىلىپ :

  -جىنىم ئاكا . مەن گەپ ئاڭلايمەن، ئاكا پۇلنى جىق تاپىمەن.....-ئۇ يىلىنىپ يىغلايتى،لىكىن ئۇ بەدتەلەت پىسەنتمۇ قىلماي يەنەقاتتىق نەچچىنى ئۇرىۋەتتى. خۇڭ ماۋ نىڭ ساغرىسىنىڭ چىۋىق تەگگەن يەرلىرى قىزىرىپ تىتىلىپ كەتتى.كۆزىدىن ياش دەريا قۇيۇلماقتا ئىدى.

  -ھە ، گەپ ئاڭلايسەن شۇنداغۇ .

  -ھەئە، ئاكا گەپ ئاڭلايمەن.

  -ماقۇل بۇ قىتىم يەنە بىر قىتىم ئىشىنەي،كىلەرقىتىم ئامىتىڭ بۇنداق كىلىۋەرمەيدۇ،مىنىڭمۇ ئىچىم ئاغرىپ كەتمەيدۇ جۇمۇ-دەپ خۇڭماۋنى قويىۋەتتى-دە ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ تاماكا تۇتاشتۇردى:

  -لاۋشۇ ، سەن كىلە ، نەچچە پۇل تاپتىڭ-ئۇلاۋشۇنى چاقىردى.

  -مانا ئاكا-لاشۇ بىر تۇتام پۇل بىلەن،ئىككى  يانفوننى بەردى. ئۇ يانفونغا بىر قارىۋىتىپ ، پۇللارنى سانىدى.

  -ھەي ،ھارام تاماق ئاران مۇشۇ 1300 كوي ئەكەپسەنغۇ ، ما ئىككى ياڭاق چىقىپ يەيدىغان تىلفونۇڭ 100 كويدىن 200 كوي بولسۇن،ئاران 1500 كوي بوپتىغۇ ، قالغان يىرىمىنى قانداق قىلىمىز ؟

  -ئاكا ، ئاكا ، مەن چىقىپ تاپاي.

  -مەكە، ئىشتنىڭ بالىسى ،رەسۋا جالاپ .-ئۇ لاۋشۇنىڭ قولىدىن تارتىپ ئۇ يەر،بۇ يەرلىرىگە ياقتى.

  -ۋايجان ، جىنىم ئاكا،مەن تاپاي،ئاكا ، بولدى ياقماڭ.

  -ياقماڭ ، بۇ گەپلەرنى خىزمەت ۋاقتىدائويلىشىتۇق، بوپتۇ ، كەچكىچە تاپساق،قۇتۇلىسەن،تاپالمىساڭ مەندىن رەنجىمە ھە – ئۇ بۇرۇلۇپ ماڭا قارىدى ۋى خۇڭ ماۋغا :

  -خۇڭ ماۋ ،ماڭە بىر داس بىلەن چايداننى ئەكەل .ما قىزچاقنىڭ قولىنى كەلتۈرۈپ قوياي ، قىنى ئىگىلەمدۇ،ئىگىلمەمدۇ بىر كۆرۈپ باقاي.

  خۇڭ ماۋ بىر داس بىلەن چايداننى ئەكەلدى ۋەئۇنىڭ ئالدىغا قويدى.ئۇ چايداندىن قىززىق قايناقسۇنى داسقا قۇيدى ، ئارقىدىنلا ئون بەشتەك تەڭگىنى داسقا تۆكتى.

  -خۇدېي ، ما تەڭگىلىرىمنى ئىلىپ بەر.

  -سۇز قىززىق تۇرسا .

  -ئالە ۋە پاسكىنا – دەپلا بىلىكىمگە ئىككى چىۋىق سىلىۋەتتى.

  مەن يەنە يىغلىدىم ، لىكىن ئۇ پىسەنتمۇ قىلىپ قويمىدى. يەنە مىنى ئۇردى. تاياققا چىدىماي تەڭگىلەرنى ئالماقچى بولدۇم ، لىكىن سۇبەك  قىززىق بولغاچقا پەقەتلا ئالالمىدىم .ئۇ بۇنى كۆرۈپ –مەن سىنى ئال دەۋاتىمەن،ئالامسەن يا-دىگىنىچە يەنە مىنى ئۇردى.

  مەن يەنە قولۇمنى داسقا سالدىم لىكىن تەڭگىنى ئالالمىدىم . ھەر قىتىم تەڭگىنى ئالالمىسام چىۋىق يىدىم.چىۋىق بىشىمغا،دۈمبەمگە،بىلەكلىرىمگە رەھىمسىزلەرچە تىگەتتى.بىشىمنى قولۇم بىلەن توسىۋالسام بىقىنىمغا تىگەتتى.ئاشۇنداق زورلۇق،قىيناش بىلەن مەنمۇ ئاستا-ئاستا ئوغۇرلۇققائۆگەندىم.

  ھەركۈنى كەچتە ھەممىمىز تاپقان پۇللىرىمىزئۇنىڭغا بىرەتتۇق.ئادەتتە نورمىمىز 2000 كويدىن 5000 كويغىچە بولاتتى.ئۇزاقتۇرغانچە نورمىمىز ئاشاتتى. نورمىسىنى توشقۇزالمىغانلار چىۋىق يەيتى، ياكى داستىن تەڭگە سۈزەتتى. ئاندىن بىر سائەت موتو مىندۈرەتتى. بىلەمسىز بىز قانداق موتو مىنىمىز، ئىككى قولىمىزنى ئالدىغا سوزۇپ ، تېزىمىزنى ئىگىپ ھەربىيچە تۇراتتۇق ،ياكى بىر سائەت قولىمىزنى ئىككى يانغا سوزۇپ. بىر پۇتىمىزنى ئارقىغا كۆتىرىپ يەرگەئىڭىشىپ تۇرىمىز ، بۇنى ئايرۇپىلان ئۇچىمىز دەيمىز.بىر سائەت تۇرۇپ قالساق ،پۇت-قۇلىمىزدا جان قالمايتى. مۇشۇ جازادىن قوتۇلۇش ئۈچۈن بولسىمۇ ئامال بارنورمىمىزنى تولۇق تاپشۇراتتۇق. كەچتە مۇڭداشقاچ يىتىپ قالاتتۇق.

  كىيىن ئۇقسام خۇماۋ دىگەن بالىنىڭ ئىسمى ئەنۋەركەن.ئۇ بالىلار ئويناۋاتقاندا بىر ماشىنىدا بىرسى كىلىپ:

  -ئۇكام ، پوچتىخانىغا قانداق بارىدۇ –دەپ سوراپتۇ.ئۇئورنىنى دەپ بىرىپتۇ. لىكىن ئۇ ئادەم ماشىنىغا چىقىپ ئاپىرىپ قوي دەپتۇ. ئۇ بىلمەي چىقىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى ئالداپ ، ھۇشسىزلاندۇرۇپ چېڭدۇغا ئەكىلىپ ئوغۇرلۇققا ساپتۇ.

  لاۋشۇ دىگەن قىزنىڭ ئەسلى ئىسمى دىلنىگار بولۇپ ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كىتىپتىكەن.ئاپىسى دائىم دىگۈدەك قاتار چاي ئوينايدىكەن.بىركۈنى ئاپىسى قاتار چايغا كەتكەندە بىر ئايال ئۇنىڭغا:-قىزىم ،ئاپىڭىز دوختۇرخانىغاكىرىپ قالدى،ماشىنا سوقىۋىتىپتۇ-دەپ ئالداپ ماشىنىغا چىقىرىپ ماڭا ئوخشاش ئۇيقۇ دورىسى ئىچكۈزۈپ ، چېڭدۇدىكى جەزىخورغا سېتىۋىتىپتۇ. بىر بىلەن يەنە بىر ئاچاش بىللە چىقاتتى. ئۇ بىزدىن 4 ياش چوڭ ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمى جەۋھەر بولۇپ ئۇنى ئۇ يەردە مېي گۈي (ئەتىرگۈل) دەپ چاقىراتتى. ھىلىقى بەدتەلەتنى ھەممىمىز چاڭدۇ ئاكا دەيتۇق.

  چاڭدۇ ھەر كۈنى كەچتە بىزدىن پۇللارنى يىغىۋىلىپ جازالايدىغانلارنى جازالاپ بولۇپ جەۋھەرنى ئىلىپ چىقىپ كىتەتتى.

  بىز باشتا جەۋھەرنى كەچلىك بازارغا ئىلىپ چىقىپ ئوغۇرلۇققا سالامدىكىن دەپ ئويلاپتىكەنمىز،لىكىن كىم ئويلىغان ئۇ ھايۋانلانىڭ 11ياشلىق قىزغىمۇ نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنى.ھەتتا بەزىدە خەنزۇ بالىلارغىمۇ سولاپ بىرىدىكەن. بۇنى بىز كىيىن بىلدۇق.

  يىللار شۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى . مەنمۇ كەسپتە پىشقان ، ماھىر ئوغرى بولۇپ قالدىم .مەن 11 گە كىرگەن يىلى مىنى 50000 كويغاۋۇخەندىكى بىر جەزىخورغا سىتىۋەتتى.مەن ۋۇخەنگە بارغاندا چاڭدۇدىنمۇ بەتبەشىرە بىرسى شوركا قىلىۋالدى.ئۇ يەردىكى بالىلار ئۇنى خۇگې (يولۋاس) دەپ چاقىرىدىكەن.ئۇيەرنىڭ تۈزۈمى چېڭدۇنىڭكىگە ئاساسەن ئوخشاش ئىدى. لىكىن خۇگې نىڭ جازالاش ئۇسۇلى تىخىمۇ قەبىھ ئىدى. بەش-ئالتە ياشلىق بالىلار ئەگەر نورمىسىنى توشقۇزالمىسا خۇگې قايناقسۇغا 100 تال تەڭگىنى تاشلاپ ئۇلارنى سۈزگىلى سالاتتى.ئالالمىسا چىۋىق بىلەنبەك قاتتىق ئۇرىۋىتەتتى.ھەتتا جېنىسى ئەزالىرىنى ئامبۇر بىلەن قىسىۋىتەتتى. بىچارەبالىلار قان-زار يىغلايتى، يالۋۇراتتى ،ئەمما ئۇ بۇلارغا پىسەنت قىلىپمۇ قويمايتى.ھەتتاقوللىرىغا تاماكا يىقىپ ، بىرتىۋا بىلەن تېلىۋىتەتتى،ئارقىدىنلا :

  -ۋاي ، قان چىقىپ كەتتىغۇ ، توختا مەن قاننى توختىتاي دەپ يارىلىرىغا تۇز تۈكىۋىتەتتى.بىچارە بالىلار كىچىك تۇرۇپلا دوزاخ ئازابى تارتىيتى. مەن شۇ بالىلار ئىچىدە يىشى ئەڭ چوڭ ئوغرى ئىدىم.

  بەزىدە خۇگې كىچىك بالىلارنى بىللە ئىلىپ باشقاشەھەرگە كىتەتتى .لىكىن ئۇزۇن ئۆتمەي قايتىپ كىلەتتى.كىيىن ئۇقسام ئۇ بالىلارنى ئىلىپ يۈك-تاقىلارنى تەكشۈرۈپ بولۇپ ھاجەتخانىغا كىرىپ بالىلارنى چامدانغا قاچىلاپ ئاپتوبوسنىڭ يۈك-تاق سالىدىغان يىرىگە قويۇپ ئۆزى ئاپتوبۇسقا چىقىپ ماڭىدىكەن.ئاپتوبوس قوزغالغاندىن كىيىن بالىلار چامداندىن چىقىپ باشقا يۈك تاقىلانى ئىچىپ پۇلغا يارايدىغان بەرسىلەرنى چامدانغا سىلىپ يەنە چامانغا كىرىۋىلىپ ياتىدىكەن . ئۇلارنىڭ ئوغۇرلۇق قىلىشتىكى ۋاستىسى ھەرخىل ئىدى. ئەمما بىر قىتىم بىر بالا سىلىنغان چامدان يۈك تاقىلارنىڭ ئاستىغا بىسىلىپ قىلىپ ئىچىدىكى بالا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كەتتى.شۇندىن تارتىپ ئۇلار بۇ ئۇسۇلنى قىلمايدى غانبولدى.

  بىركۈنى مەن ۋە ئۇكىلىرىم تاپقان پۇللىرىمىزنى خۇگېغا بىرىپ يىتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتۇق . مىنىڭ نورمامغا 500 كوي كام ئىدى.بىر چاغدا خۇگې كىرىپ :

  -خۇدېي ، پۇل كامغۇ ؟

  -ھەئە ، ئەتە تولۇقلاپ بىرەي.

  -ئەتە ، مىنىڭ نىسىدىن تەلىيىم يوق ، ماڭە.  

  مەن كىيىملىرىمنى كىيىپ ماڭماقچى بولدۇم.

  -بولدى ، مۇشۇ پىتى ماڭ.

  -نەگە بارىمىز ؟

  -ئاناڭنىڭ يىنىغا ، پاسكىنا ، جالاپ ،نىمانداقجىق گەپ قىلىدۇ ماۋۇ .

  ئۇنىڭ ئەلپازىدىن قورقۇپ نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي بىللە ماڭدىم .ئۇ مىنى ياتىقىغا ئەكىرىپ كىيىملىرىنى سىلىشقا باشلىدى.

  -خۇگې نىمە قىلىسىز؟

  -ياتە ما يەردە .

  ئۇ ئىتىلىپ كەلگەنچە مىنى كارۋاتقا بىسىۋالدى.

  -خۇگې ئۇنداق قىلماڭ ، مەن تىخى كىچىك .

  -كىچىك ، كىچىك بولساڭ ئەمدى چوڭ بولىسەن.

  -ياق ....ئاپا....

  -مانا ئاپاڭ ، ماۋۇ ئاناڭ ،ھە...ماۋۇ داداڭ ،قانداق پەيزى بولامدىكەن ، خوشياقتىما ؟...........

  يىغلاۋاتىمەن، كۆزۈم يىشىم دەريا ئىدى، ئۇ پىسەنت قىلمىدى.مىنىڭ مۇشۇ ياشقا كىرىپ كۆرمىگەن خورلۇقۇم،ئازابلىرىم يەتمىگەندەك، تىخى بالاغەتكە يەتمەي تۇرۇپ باسقۇنچىلىققا ئۇچرۇدۇم.يىغلاۋاتىمەن، خۇدادىن:-ماڭا بۇنچە ئازاپنى بەرگىچە جىنىمنىلا ئالساڭچۇ –دەپ نالە قىلدىم.لىكىن مەندەك گۇناھقا پاتقان شور پىشانىنىڭ نالىسى خۇداغا يەتمىدىمۇ ، يەنە ھايات قالدىم.شۇكۈندىن ئىتىبارەن كۈندۈزى يانچوقچى ،ئوغرى ، كىچىسى پاھىشە بولۇپ ياشىدىم.بەزىدەخۇگې بىلەن،بەزىدە ئاغىنىلىرى بىلەن ، بەزىدە يىڭىدىن قاۋاقتىن چىققان خەنزۇلار :

  -شىنجاڭ خۇا گۇ نىياڭ ، ۋىي داۋ جېن خاۋ (شىنىجاڭ گۈزىلىنىڭ تەمى ياخشىكەن)-دەپ زورلۇقلارغا ، ئاياغ ئاستى قىلىشقائۇچرۇدۇم...........

   مەن 14 ياشقا كىرگەن يىلى ھامىلدار بولۇپ قالدىم ، خۇجايىن بۇنى بىلىپ مىنى خروئىن يۆتكەشكە سالدى.چۈنكى قانۇندا ھامىلدارلارنىڭ جىنايىتى كەچۈرۈم قىلىناتتى ياكى جازاغا تارتىلمايتى.

  ئاي-كۈنۈم يىقىنلاشقاندا ، خۇجايىن ماڭا 20000كوي بىرىپ :

  -بولدى ، بۈگۈندىن تارتىپ سەن مىنىڭ ئادىمىم ئەمەس، ئۈلۈك-تىرىكىڭ مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز-دەپلا مىنى زۇلمەتلىك،قاباھەتلىك ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازات قىلدى.

  مەن بۇ بالىنى توغايمۇ ، تۇغمايمۇ دەپ ئىككىلىنىپ قالدىم تۇغاي دىسەم بالىنىڭ دادىسى كىمۇ ،ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ناپاك ، شورپىشانىنىڭ ئانا بولۇشقا سالاھىيىتى توشامدۇ ؟تۇغماي دىسەم نىمە ئۈچۈن گۇناھسىز بالىنى ئۆلتۈرىۋىتىمەن، مىنىڭ ئاللاھ بەرگەن جاننى ئۆلتۈرۈشكەنىمە ھەققىم بار ، ئوغۇرلۇق گۇناھلىرىم يەتمىگەندەك ، قاتىللىق قىلامدىم، يەنەكىلىپ تىخى ئاق-قارىنى بىلمەيدىغان سەبىينى ئۆلتۈرۈشكە نىمە ھەققىم بار.

  ئاشۇنداق چىگىش خىياللار بىلەن كىتىپ بارسام تويۇقسىز تولغۇقۇم تۇتۇپ كەتتى ، يەردە يىتىپ تولغۇنۇپ كەتتىم ، ئەتراپىمدىكى كىشىلەر 120 گە تىلفون قىلدى. بىر چاغدا جىددى قۇتقۇزۇشنىڭ ماشىنىسى كىلىپ مىنى دوختۇرخانىغا ئىلىپ كەتتى.

  تولغۇقۇم قاتتىق تۇتتى ، چىدىيالمىدىم ،دۇنيادا بۇنىڭدىن ئارتۇق ئازاپ بولمىسا كىرەك، قايناقسۇدىن تەڭگە سۈزۈش، موتو مېنىش، ئايرۇپىلان ئۇچۇش ، چىۋىق ئازاپلىرى بۇ ئازاپنىڭ ئالدىدا چىۋىن قونغاندەكلائىدى. ئاغرىق ئازابىدىن يىلاندەك تولغۇنۇپ كىتىۋاتىمەن، يىغلاۋاتىمەن،-ئاھ خۇداجىنىمنىلا ئىلىپ مىنى بۇ راھىتىدىن ئازابى كۆپ ، خولىقىدىن خورلىقى كۆپ دۇنيادىن ئىلىپ كەتسەڭچۇ ،؟ قالغان ئازاپلىرىمنى دوزاختا تارتساممۇ مەيلىتى –ئاشۇنداق ئىچىنشىلىق نالە قىلىۋاتىمەن،ئاغرىق ئازابىدىن قاتتىق تولغاندىم،سىلكىندىم،ۋارقىرىدىم،-قەندىلنىڭ يۈرۈكى ئۆرتەپ ئىسەدەپ يىغلىماقتا ئىدى-شۇ كۈنكى ئازابلىرىمنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايمەن ، رەھىملىك، كىرەملىك ئاللاھ بۇ ئازابنى بەندىسىگە بەرمىسۇن.

  خۇشتۇرمۇ يىغلىماقتا ئىدى،كۆز يىشى دەريا قۇيۇلماقتا ئىدى.بىر مەسۇم قىزنىڭ 20 گە كىرمەي تۇرۇپلا بۇنچىلا ئاچچىق،سوغۇق،دەرت-ئەلەملەرنى تارتقىنىنى ئۇ ئويلاپمۇ يەتمىگەن ئىدى.

  ئۇنداقتا بالىنى ئوڭۇشلۇق يەڭگىدىڭىزمۇ؟-خۇشتۇر پەسكويدا ئاران سورىدى .

  -مىڭ ئۆلۈپ بىر تىرىلىپ يەڭگىدىم .

  -ئەمىسە ئۇ ھازىر ؟

  -مەن ئۇنى يەڭگىپلا ھوشىمدىن كىتىپتىمەن،ھوشۇمغا كەلسەم ئايدىن چىرايلىق بىر قىز تورۇپتۇ ،دوختۇرلارمۇ مىنىڭ بۇنچە كىچىك تورۇپ بالىلىق بولغانلىقىمغا ھەيران قالدى .شۇ تاپتا كۆز يىشىم توختىمايتى. دوختۇرلار مىنى رىغبەتلەندۈرۈپ :

  -بولدى يىغلىما ، قارا بالاڭ نىمىدىگەن چىرايلىق، سەن بەكمۇ قەيسەركەنسەن، كىچىك تۇرۇپمۇ ئوپراتسىيە قىلمايلا ئوڭۇشلۇق يەڭگىدىڭ –دىدى ، لىكىن مەن بۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەس ، بۇ ناتىۋان قىز ئۈچۈن يىغلاۋاتاتتىم ، مىنىڭ ئۇنىڭغا قانداقمۇ ئانا بولىمەن ، مەندەك گۇناھكار مەلئۇن ،قانداقمۇ ئانا بولالىسۇن، مەن ئانا بولۇش ھەققىم بارمۇ ، بۇ بالىنىڭ دادىسى كىم؟دوختۇرلار مىنىڭ كەيپىياتىمنىڭ بىنورماللىقىنى بىلىپ چىقىپ كەتتى. مەن چۈشتىنكىيىن سىستىرانى چاقىرتىپ داۋالىنىش پۇلۇمنى سورىدىم.سىستىرا ئەينى چاغدائەھۋالنىڭ ناھايىتى جىددى ئىكەنلىكىنى ،شۇڭا مىنى ھەق ئالمايلا ياتاققا ئىلىپ ،يەڭگىتكەنلىكىنى ئىيتتى.مەن سىستىراغا بانكا كارتامنى بىرىپ ، مەخپى نومۇرىنى دەپبىرىپ ھىساۋات قىلىشىنى ئىيتتىم.

  بىردەمدىن كىيىن سىستىرا مەسئۇل دۇختۇر بىلەن بىللە كىرىپ كارتامنى،ۋە ھىساۋات تالونىنى ئۇزارتتى.

  مەسئۇل دوختۇر :

  -بالاڭ ناھايىتى ساغلام تۇغۇلدى، لىكىن سىنىڭ تىنىڭ بەك ئاجىزكەن ، بىز تىخى سىنى تۇغۇتتا ئۆلۈپ كىتەمىكى دىسەك ،لىكىن سەن بەك قەيسەركەنسەن،ياخشى ئارام ئال ، بالاڭغا سەن بولمىساڭ بولمايدۇ-دىدى ، يەنەيىغلىدىم.

  -ئىھ ! خۇدا ،مىنى بۇ بارسىدىگە ئانا قىلغۇچە ،نىمىشقا تۇغۇتتىلا جىنىمنى ئالمايسەن . سەن مىنىڭ ئانا بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەسلىكىمىنى بىلىسەن،لىكىن نىمىشقا مىنى ئانا بولۇشقا زورلايسەن،نىمىشقا تۇغۇتتىلا ئۆلۈپ كەتمىگەندىمەن-دەپ يىغلىدىم ،زار-زار يىغلىدىم .لىكىن تەقدىر ئالدىدا يەنە ئاجىز كەلدىم.

  شۇنىڭ بىلەن ئىككى كۈندىن كىيىن يىرىم كىچىدەبالامنى دوختۇرخانىغا تاشلاپ چىقىپ چىقتىم. ئاندىن كارتامدىكى پۇلنى ئىلىپ شەھەرنىڭ سىرتىدىكى بىر ئادەتتىكى مىھمانخانىدا ھەپتە تۇرۇپ ،سەل ئەسلىمگە كىلىپ ،شۇ ئەتراپتىن بىر كىچىك ئۆينى ئىجارە ئىلىپ ياتتىم.مەن تۇرغان يەردە بۇ خۇيزۇنىڭ ئۈگرىخانىسى بار ئىدى. ھەر كۈنى شۇ ئاشخانىدىن تاماق بۇيرۇپ يەپ ،ئۆيدىن چىقماي ياتتىم. ئاندىن خىلى ئەسلىمگە كەلگەندىن كىيىن يۇرتۇمغا قايتتىم. لىكىن مەندەك بىر يىتىمنى ھىچكىم قارشى ئالمىدى.كەلگۈندى،سۇقۇندى بولدۇم،چەتكە قىقىلدىم.

  -ئاپىڭىزنى ئىزدىمىدىڭىزما ؟

  -ئاپامنى ، سەندەك بالام يوق دىگەن ئادەمنى ئىزدەمدىم-قەندىل يەنە ئىسەكىدەپ يۈرۈكىنى مۇجۇپ يىغلاپ كەتتى-ئەينى چاغدا ئاشۇئاپام ،سەندەك بالام يوق دەپ مىنى كۈلپەتلىك ھاياتقا دۇچار قىلدى، شۇنىڭ سەۋەبىدىن ئىشت كۆرمىگەن كۈننى كۆرۈپ ياشىدىم،مىنى شۇنچە دەرتكە دۇچار قىلغان،بىھىساپ كۈلپەت، ئازاپلارنى بەرگەن شۇ ئاپامنى ئىزدەمدىم ، مەن ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈر نەپرەتلىنىمەن.داداممۇ شۇ بىر ئەركىشى تۇرۇپ ،بىر ئەركەك تۇرۇپ ئازراق پىشكەللىك سەۋر قىلماي شەيتاننىڭ يولىغا ماڭغان ئۇنداق ئازغۇنمۇ دادا بولۇشقا مۇناسىپمۇ ؟-قەندىل يىغلىماقتا ئىدى،خۇشتۇرمۇ يىشىنى ئىيتىپ ئۈلگۈرمەيتى.

  -شۇنىڭ بىلەن يۇرتۇمدىمۇ ئوغرى ، كۇلىچى ،جالاپ ، رەسۋا دىگەن كەمسىتىش بىلەن تۇرالمىدىم، ماڭا يۇرتۇممۇ ئىللىق قوينىنى ئاچمىدى، ئۇلاردىن ئاغرىنىپمۇ كەتمىدىم ، ئاغرىنىشقىمۇ ھەققىم يوق،چۈنكى ئۇ ماڭا قىلىنغان تۆھمەت ئەمەستە.شۇنىڭ بىلەن يەنە ئىچكىرىگە كىلىپ مۇشۇ يولدامىڭىۋاتىمەن.

  خۇشتۇر بۇ مەسۇم قىزغا ئىچ ئاغرىتىپ يىغلىماقتائىدى:

  -لىكىن سىزگە بۇنىڭدىن باشقا يولمۇ بار ئىدىغۇ؟

  -شۇنداق ، يول ئاز ئەمەس، لىكىن باشقا يولدا جىق پۇل تاپالمايمەن ئەمەسمۇ ؟

  -پۇل سىز ئۈچۈن شۇنچە مۇھىممۇ ؟

  -مۇھىممۇ ؟ ئويلاپ بىقىڭ ، مەن ھازىر پۇل تىپىۋالمىسام ،كىيىن نىمە يەپ جان باقىمەن . ئوغرىنىڭ ئىستىقبالى يوق ، بۇنى بىلەمسىز ؟

  -جان بىقىش ئۈچۈن يول ئازمۇ ؟

  -سىز ئۈچۈن جىق ، مەن ئۈچۈن ئاز .

  -نىمىشقا بۇنداق دەيسىز ؟

  -ئويلاپ بىقىڭ ، مىنى ئالىدىغان ، ماڭا كۆيىنىدىغان،ھەمراھ بولىدىغان ئەر بارمۇ؟ مەندەك نەچچە ئەرنىڭ تىگىدىن قوپقان ،بالاغەتكە يەتمەي تۇرۇپ ھارام بالا تاپقان قىزنى كىم ئالىدۇ؟ شۇنچە باغرى كەڭ يۇرتۇممۇ مىنى سىغدۇرمىسا؟ سىز ھازىر مىنىڭ ئۆتمۈشۈمنى بىلدىڭىز ، ئەمدى يەنە مىنى داۋاملىق ياخشى كۆرەلەمسىز ؟ مىنى ئەمرىڭىزگە ئالالامسىز ؟

  -لىكىن سىز مىنى ئەمرىڭىزگە ئالسىڭىز جاپاتارتمايسىز دىگەنغۇ ؟

  -شۇنداق ، ئەگەر سىز مىنى ئالسىڭىز شاڭخەيدىكى جەزىخورلار مىنى ئۆزىگە قىتىۋالالمايدۇ، سىز پەقەت مىنىڭ نامدا ئىرىم بولىسىز، سىزھىچ ئىش قىلماي ئۆيدە ئولتۇرسىڭىزمۇ ، ساڭناغا ، تورخانىغا بىرىپ ئويناپ يۈرسىڭىزمۇ مەيلى مەن كۈندە ئىككى ئۈچ مىڭ كوي بازار قىلالايمەن ، لىكىن سىز ئۇنداق قىلالمايسىز ، بىلىمەن سىز ناھايىتى ئاقكۆڭۈل ، سەمىمىي يىگىت ، لىكىن مىنىڭ ،سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىزگە ئىرىشىش ھەققىم يوق ، ھەم مىنىڭ بۇنىڭغا سالاھىيىتىم توشمايدۇ.

  خۇشتۇر جىمىپ كەتتى . ئۇ بۇ سۇئالغا جاۋاپ بىرەلمىدى،ئۇنىڭدا بۇ سۇئالغا جاۋاپ بەرگىدەك جۈرئەت ،جاسارەت يوق. بالىلىقنىڭ شىرىن چۈشلىرىنى تولۇق كۆرمەيلا ، ئاتا-ئانىسىنىڭ مىھىر-مۇھەببىتىگە ئەڭ تەشناۋاقىتلىرىدا ھاياتلىقنىڭ تۈرلۈك كۈلپەتلىرىنى كۆرگەن بۇ ناتىۋان ، مەسۇم قىزنىڭ بۇسۇئالىغا ئۇ جاۋاپ بىرەلمىدى.

  -بولدى ،خۇشتۇرجان ئۇستام، ئەمدى مەن ئۈچۈن بىھۇدە ۋاقتىڭىزنى زايە قىلماڭ ، مەن ئاللىقاچان تەقدىرىمگە تەن بەرگەن ، ساقچىغا تۇتۇلمىسام ھامان بىركۈن بىر پىشكەللىككە دۇچار بولىدىغانلىقىمنى ، ئۆز ئەجىلىم بىلەن ئۆلمەيدىغانلىقىمنى بىلىمەن، مىنىڭ ھىچقانداق ئىستىقبالىم يوق بىر شورپىشانە.لىكىن سىز ئىستىقباللىق،مەرت ،ئىسىل يىگىت ئاشۇ پاك مۇھەببىتىڭىزنى مەن ئۈچۈن زايە قىلىۋەتمەڭ ، مەن ئۇنىڭغا لايىق قىز ئەمەس،ئاللاھ سىزگە نىيىتىڭىز لايىق ،ئۆزىڭىزپاك ، ئىمانلىق ھايالىق ،سادىق،ۋاپادار بىرىنى نىسىپ قىلسۇن.ئەمدى مىنىئىزدىمەڭ،خەير ئامان بولۇڭ ، ھەممىمىز ئۆز يولىمىزدا ماڭايلى.

   قەندىل شۇ سۆزلەرنى دەپلار قايتىپ كەتتى . لىكىن خۇشتۇر تىگى يوق خىياللار ئىچىدە قالدى.ئۇنى تۇنجى مۇھەببىتى مانا مۇشۇنداقلا ۋەيران بۇلارمۇ ؟ ئەجىبا تەقدىر بۇ چاقچىقى خۇشتۇرغا بەكلا ئىغىر بولۇپ كەتمىگەنمىدۇ؟

   خۇشتۇر چىگىش خىياللاردا ماڭماقتا ئىدى. ئۇنىڭ خىيالى يەنىلا قەندىلدا ، قەندىل كۆرگەن ئازاپ-ئۆقۇبەتلەردە ئىدى. نىمىلا دىگەنبىلەن تۇنجى مۇھەببىتى ئەمەسمۇ ، ياخشى بولسۇن ، يامان بولسۇن ئۇنتۇش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن.

  خۇشتۇر نەچچە ۋاختىن بىرى نەپرەتلەنگەن ئوغرىلارغا ئەمدىلىكتە ھىسداشلىق قىلماقتا ئىدى. توغرا ئۇلاردا نىمە گۇناھ ؟ئۇلارمۇ مەجبۇرلانغانلارغۇ ؟ ئەسلى تىللاشقا، نەپرەتكە، قارغىشقا تىگىشلىك كىشلەردەل ئاشۇ نەپسى بالا جەزىخورلار، ئادەم بىدىكلىرى،ئاشۇ لەنەتتەككۈر شۇمپەن جەزىخورلار بىلەن ئىغىر-بورۇن يالىشىۋاتقان نەپسانىيەتچى ، مەسئۇلىيەتسىز ساقچىلار.ئەگەر شۇ ساقچىلار جەمىئىيەت ئامانلىقى،مۇقۇملىقىغا ھەقىقى كۆزدە تۇتسابۇ ئوغرىلارنى نەچچە ئاي ئىچىدە تامام تازىلاپ ، باش جىنايەتچىلەرنى تۈرمىلەرگە،جازا مەيدانلىرىغا يوللاپ بولغان بۇلاتتى.لىكىن نىمە ئامال؟

  يەنە تىخى قەندىل،دىلىگارنىڭ ئاتا-ئانىسىدەك مەسئۇلىيەتسىز،زەھەر ئاشنالىرى،قاتارچاي ،رەڭلىك سورۇن ئۈلپەتلىرىمۇ بار.ئەگەرئۇلار قىيىنچىلىق ئالدىدا باش ئەگمەي سەۋر قىلغان بولسا، شۇ ئاپەت زەھەرنى چەكمىگەن بولسا بىر چىكىم ئۈچۈم ئاياللىرىنى سولاپ بىرەمدا؟ تۆت تەڭگە ئۈچۈن يۈرەك پارىسىنىڭ بەختىنى نابۇت قىلىپ ئۇلارنى ھايۋاننى ساتقاندەك سېتىۋىتەمدۇ؟غەيۋەت،ھەشەمەتخورلۇق دەرياسىغا چۆمگەن قاتار چاي ، رەڭلىك سورۇن ئاشنىلىرى شۇ سورۇنغا بەرگەن ۋاقتىنى ، زىھنىنى پەرزەنتلىرىگە بەرگەن بولسا ، سەيتاننىڭ كەينىگەكىرمەي ئاجراشمىغان بولسا، بالىلىرىنى تىرىك يىتىم قىلمىغان بولسا ئاشۇ بالىلار بۈگۈنكىدەك ئىچىنىشلىك كۈنگە قالارمۇ ؟

  زەھەرخەندە مىللەتنىڭ دۈشمنى ، كەلگۈسىنى ۋەيران قىلغۇچى ئادەم بىدىكلىرى بالىلارنى ئالداپ ساتمىسا ، ئىچكىرىدە <شىنجاڭنىڭ ئىككى ئالاھىدە مەھسۇلاتى، بىرى قۇرۇق ئۈزۈم،بىرى ئوغرى> دىگەن ھاقارەتلەربىزگە ئىنئام قىلىنامدۇ؟ھەي ئادەملەر، ياق ھەي رەزىل ئادەم سۈرەتلىك ئىبلىسلار!!

  خۇشتۇر ئەنە شۇلارنى بىر-بىرلەپ ئويلاپ ماڭماقتا ئىدى. مىللەتنىڭ ھەققىت زىيانداش ، پارازىتلىرىنى تىللاپ قارغاپ ماڭماڭتا ئىدى.ئۇ خۇداغا نالە قىلماقتا :

   -ئىھ كىرەملىك تەڭرىم ! ئاشۇ سەبىي ، مەسۇم ،ناتىۋان پەرزەنتلەرنى بۇ دۇنيادىكى ئادەم سۈرەتلىك ئىبلىسلار قولىدىن قۇتقۇزىۋالغىن! ئۇلارغا بۇ گۈزەل ئالەمنى دوزاخ قىلىپ بەرمىگىن! ئاشۇ نىجىس،ئىپلاس  ئىبلاسنىڭ ئەجىلىنى بالدۇرراق قىلىپ بەرگىن ! شۇ بىگۇناھ سەبىيلەرنى ئۆز ئاتا-ئانىسىغا ساق-سالامەت يەتكۈزۈپ بەرگىن! ئاشۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىنساپ-ئىنايىتىنى،مىھىر-مۇھەببىتىنى،ئىمان-ئىتىقادىنى زىيادە قىلغىن! مىللەتكەلگۈسىنى ۋەيران قىلىدىغان ئاشۇ پارازىتلارنىڭ ئىككى دۇنياسىنى پەيمان قىلغىن،ئۇلارنى بۇ دۇنيادا خار-زار،ئۇ دۇنيادا ۋەيلۇن دوزاخ قىلغىن!.......

  خۇشتۇر تەڭرىدىن تىلىمەكتە.ئاشۇ بىچارەبالىلارغا ،بەرنا قەندىلغا ئىچىنماقتا ئىدى.ئەمما ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق ئىدى.خۇشتۇر ماڭماقتا، ئۇ تۇنجى سۆيگىنى بىلەن بىللە بولغان ،ھاياتىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز،گۈزەل مىنۇتلارنىڭ شاھىدى بولغان ۋەيتەنگە قاراپ ماڭماقتا ئىدى.شۇ تاپ ئۇ دەل شۇ گۈزەل،ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى ئىزدەپ ماڭماڭتا . تولىمۇ قىسقا ، لىكىن ئۆزىنى شۇنچىلىك بەختلىك ھىس قىلغان گۈزەل،ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان شۇجايغا قاراپ ئىنتىلمەكتە ئىدى.........

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& P1 q! x1 g& U' B
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% \8 O, L; p' {( ^# ^8 v$ J8 Y

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ ?0 K& m5 ^% o9 z1 H5 \, Q* v) B

8-ئوقۇلمىغان خەت

(خاتىمە)

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 }' t+ v3 u/ V

  ئالدىنقى قۇر سەترىلەردە خۇشتۇرنىڭ قەندىلغا مۇھەببەت مەكتۇبى يازغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدۇق،ئامما ئۇ خەتنى ئوقۇمىدۇق.خۇشتۇر شۇ تاپتا ۋەيتەندە،خۇاڭپۇ دەريا قىرغىقىدىكى رىشاتكىغا يۆلىنىپ شۇ خەتنى ئىچىپ تۇنجى سۆيگىنىگە يازغان ئاشۇ مۇھەببەت مەكتۇبىنى قايتا ئوقىماقتا .

   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :

  قەندىل ياخشىمۇسىز ؟ ئەسلى بۇ گەپلەرنى سىزگەيۈ-تۇرانە دىگىم بار ئىدى، لىكىن ھەرقىتىم سىزنى كۆرگىنىمدە تىلىم گاچىلىشىپ ،سۆزلىرىمنى تاپالمايدىكەنمەن.شۇڭا يەنىلا مەكتۇپ يوللاشنى لايىق كۆردۈم.

  قەندىل ، سىزگە ئىيتسام سىز بىلەن دەرياساياھىتى قىلغان ئاشۇ مىنۇتلار ھاياتىمدىكى ئەڭ گۈزەل ، ئۇنتۇلغۇسىز مىنۇتلارھىسابلىنىدۇ.چۈنكى مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ،دىلدىن سۆيگەن بىر پەرى بىلەن بىللەبولدۇم. گەپ ئارلىقىدا <ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەم بىلەن سەيلى قىلىش ھەقىقەتەن گۈزەل بەخىتكەن>دىگىنىم .شۇ چاغدا ئەسلى دادىل ھالدا شۇنداق مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن دىگەن بولسامچۇ كاشكى . لىكىن يەنىلا خىجىل بولىدىكەنمەن.

  مىنىڭ سىز بىلەن مەڭگۈ،مەڭگۈ، ئەبەدىلئەبەدبىللە ساياھەت قىلغۇم بار.مەڭگۈ پەقەت ۋە پەقەت سىزنى سۈيۈپ ئۆتكۈم بار .راستدەۋاتىمەن،سىزنىڭ يىقىملىق ئاۋازىڭىز،خۇشچاقچاقلىقىڭىز ، ئۇماق كۈلۈمسىرەشلىرىڭىزمىنى شۇنچىلىك ئەسىر قىلدىكى نەچچە تۈن ئىشقىڭىزدا ئۆرتىنىپ ، نازىڭىزنى ئەسلەپ ئۆتتۈم. ئەگەر خالىسىڭىز سىز بىلەن مەڭگۈ بىللە بولسام،بىللە ساياھەت قىلساق،سىزنىڭ ئاشۇ ئۇماق تەبەسسۇملىرىڭىزنى كۈندە كۆرۈپ تۇرسام ، سىز ئامراق پولونى ئىتىپ بەرسەم، ئۆزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئادەم ھىسابلىغان بولاتتىم .

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 b8 h/ K5 S7 n. y5 I; m+ t

                                  سىزگە ئاشىق يۈرەكتىن سىزگە ئوتلۇق سالام يوللاپ

                                                                 ئاشىقىڭىز : خۇشتۇردىن .

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; f  H) z. t( r

  خۇشتۇر خەتنى يىرتىشقا باشلىدى. ئۇ بۇ خەتنى قەندىلغا بىرەلمىدى. ئەمدى بىرىشمۇ پۇرسەت يوق ھەم ئورۇنسىز ئىدى. ئەمدى ئۇنىڭ قىلالايدىغىنى قەندىلنى ياخشى كۆرۈش ئەمەس ،بەلكى ئۇنىڭغا ھىسداشلىق قىلىش ، ئىچ ئاغرىتىشتىن باشقىسى ئەمەس ئىدى.

   خۇشتۇر خەتنى يىرتىپ يىرتىپ خۇاڭپۇ دەرياسىغاتاشلىۋەتتى.خۇشتۇرنىڭ تۇنجى سۆيگىنىگە يازغان ،سۆيگىنى تىخى ئوقۇپ بىقىشقا ئۈلگۈرمىگەن بۇ مۇھەببەت مەكتۇبى خۇاڭپۇ دەرياسىنىڭ دولقۇنلىرىدا بىپايان دىڭىزغاقاراپ ئىلگىرلىمەكتە ئىدى..........

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  @- K- \& r  b
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 ^; k( Z2 O7 ^/ i9 y9 \6 f/ ]
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 m  s8 V! L+ Y' L

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 b, l5 \2 T  Z) Yبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 C5 i9 Q; x- l4 @  |

                                          2012-يىلى 6-ئىيۇن . جېجىياڭ يىۋۇ


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) L. j# Q. C8 q1 D3 I

  ئاپتورى : نۇرجان ئېلى كەتمەن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KETMEN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-6 02:44 AM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# T/ o7 }. [2 k1 t8 H: r
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) ?1 x$ ?! p0 ^. F1 [7 f

ھازىرغىچە 14 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
karguli138 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
gudakbala + 10 سەششەت ياخشى كەن لىك.
mismismis + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
Epargul824 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
hasan578 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
binhan + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
uyol + 200 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
بىكتەر + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
mualid + 20 ماختاشقا تېگىشلىك
پەرى + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
ANWAR425 + 200 ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپ.
bzkm + 50 تەسىرلىك،تىلى كۈچلۈك
gomnam + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
furkan + 200 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 1140   باھا خاتىرىسى

ھاياتىڭىز ئاق قەغەز ، قىنى نام ئەمىلىڭىزنى يىزىڭ ، ئاللاھ سىزگە قەلەمنى بەردى ، ئەمما ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ سىزدە ئۈچۈرگۈچ يوق .

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 1056
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15865
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 6204 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 02:35:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئىملادا بەزى خاتالىقلار بار ئىكەن . تۈزىتىپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bendora + 300 ماشائاللاھ

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

ھاياتىڭىز ئاق قەغەز ، قىنى نام ئەمىلىڭىزنى يىزىڭ ، ئاللاھ سىزگە قەلەمنى بەردى ، ئەمما ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ سىزدە ئۈچۈرگۈچ يوق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2492
يازما سانى: 253
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10734
تۆھپە نۇمۇرى: 463
توردا: 685 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 04:17:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىكەن رەخمەت سىزگە

ئەرنىڭ مىڭلارچە دۈشمىنى بولمىسا كۈنىگە مىڭ قېتىم غەيۋىتى بولمىسا،ئۇ قانداق ئەر بولسۇن؟ قارا ، مىڭ ئىتنىڭ ئۈنىنى ئاڭلاپ قېچىپ كەتكەن بۆرە بۆرە بولامدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34855
يازما سانى: 558
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4011
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5230 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2014-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 05:00:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇشتۇرنىڭ ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئىنىسى توغۇرلۇق تەپسىلى يازماپسىز . بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" F. M$ U" r: U9 h0 I
ئابلەتكە قىلتاق قۇرغان نۇرمەمەت دىگەن ئەسكىنىڭ ئەسكىسىگە قاتتىق نەپرەتلەندىم .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ `0 d+ |) G. S& o! kھاجىمنىڭ مەرت سېخىيلىقىغا ھەم ئادىللىقىغا چىن كۆڭلۈمدىن قايىل بولدۇم .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ B& F. c. t# O; G4 h! j6 Cقەندىل دىگەن قىزغا ئىچىم ئاغرىدى .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ F- U* ]+ Y# z: I! b% x

مىللىتىڭدىن نۇمۇس قىلغۇچە،ئۆزەڭدىن نۇمۇس قىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1033
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10679
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 3445 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2014-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 05:17:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئورۇن ئېپ قوياي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92382
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 352
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2013-2-27
ئاخىرقى: 2013-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 05:34:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى قىرىنداشلا  ياخشىمۇ سىلە بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 W1 f0 @. j5 ^, x
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ o7 M& K  [! @3 L# E8 x
بۇ تىما بەك ياخشىكەن جۇمۇ

مۇنبەردىكى بارلىق دوسلارغا مەندىن ئوتلۇق سالام

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63350
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5228
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1638 سائەت
تىزىم: 2011-11-2
ئاخىرقى: 2014-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 05:45:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىلىپتۇيۇ-ئىنكاس نىمانچە ئاز؟

ئادەم ئۈمىد بىلەن تۇغۇلۇپ ،ئارزۇ بىلەن ياشاپ، ئارمان بىلەن كىتىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83557
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3404
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 352 سائەت
تىزىم: 2012-8-6
ئاخىرقى: 2014-7-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 05:46:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكمۇ تەسىرلىك چىقىپتۇ  ئاۋۇ بىچارە بالىلارغا بەكمۇ ئىچىم ئاغرىدى.ئۇلارغا قوللانغان جازالارچۇ تىخى.............................

باشقىلار بىر تامچە سۇ بەرسە،بۇلاق بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇش كېرەك!

پۇل يوق!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47746
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3033
تۆھپە نۇمۇرى: 490
توردا: 1207 سائەت
تىزىم: 2011-7-14
ئاخىرقى: 2014-7-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 05:53:20 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى ئىلكىتاپ  شەكىلدىمۇ يوللاپ قويسىڭىز

‏ئىلىشتا بىسمىللاھ، بىرىشتە  ئەستەغپىرۇللاھ   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40998
يازما سانى: 711
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3806
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 894 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-6 05:53:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىلغان ئەسەركەن،مۇكاپاتقا ئىرشىشىڭىزىگە تىلەكداشمەن ،

ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
gudakbala + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
karguli138 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
xahnur777r + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
tarim216 + 97 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 417   باھا خاتىرىسى

كومپىيۇتىر،يانفۇن ،ئىلكتىرئۈسكۈنلىرى ،توكچلق ئۇستاملىرى جەمگاھى ______http://www.xjefan.com/
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش