نۆۋەتتە جوڭگۇ مۇسۇلمان جامائەتچىلىگى مۇسۇلمانچە بولمىغان يىمەك-ئىچمەكلەرنىڭ سىڭىپ كىرىش خەۋپىگە دۇچ كىلىۋاتىدۇ.تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسىشى بىلەن مول باياشاتچىلىق ئىچىدە ،كىشىلەر يىمەك-ئىچمەك تاللىغاندا نوقۇل سۈپىتىنىڭ،ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقۇرىلىقىنى قوغلۇشۇپ ۋە ئىلان-تەشۋىقاتلارنىڭ قايمۇقتۇرىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن شۈبھىلىك يىمەكلىكلەرنى پەقەت "مۇسۇلمانچە"دىگەن بەلگىسى بولسا ياكى "قايسىبىر ئىسلام دىنىي جەمىيىتى نازارەت قىلىپ ئىشلەپچىقاردى" دىگەن خەتلا بولسا ،نېرى-بىرىسىنى سۈرۈشتۈرمەي ئىستىمال قىلماقتا.
ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان اللە قۇرئان كەرىمدە " اللە سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى ،قاننى،چوشقا گۆشىنى، اللە دىن غەيرىنىڭ نامى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋاننى يىيىشنى ھارام قىلدى......"(سۇرە بەقەرە 173-ئايەت)دەپ ھالال-ھارام ۋە ئۈنىڭ ھۆكۈملىرىنى رۇشەن كۆرسىتىپ بەرگەن.
ساھابىلەردىن ئەبۇۋەققاس رەسۇلۇللاھقا "ئى اللە نىڭ ئەلچىسى ، اللە قا دۇئالىرىمىزنىڭ ئىجابەت بولىشىنى تىلەپ دۇئا قىلسىلا"دىگەندە ،رەسۇلۇللاھ "ئەي ئەبۇۋەققاس،يىمەك-ئىچمىگىڭنى پاكلىغىن،شۇندىلا دۇئايىڭ ئىجابەت بولىدۇ.اللە بىلەن قەسەمكى ،كىمكى ھارامدىن بىر لوقما يەيدىكەن(ئىچىدىكەن)ئۇنىڭ 40كۈنلۈك ئىبادىتى زايا بولىدۇ(ياكى قوبۇل بولمايدۇ)" دىگەن.
يۇقارقى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن كۆرە، اللە قا چىن دىلىدىن ئىشەنگەن ۋە اللە قا ھەقىقى بويسۇنغان بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن يىمەك-ئىچمەكنىڭ ئېتىقادتا قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى،ئىماننى ساقلاش ۋە پەرۋىش قىلىشنىڭ بىرىنجى شەرتىنىڭ يىمەك-ئىچمەك ئىكەنلىگىدە گۇمان يوق.بۇنى ھەر بىر جوڭگۇلۇق مۇسۇلمان چوڭقۇر تەپەككۈر قىلىشى لازىم.بىلمەي بىرەر لوقما ھارامنى يىگۈچى،چوقۇم اللە قا چىن دىلىدىن تەۋبە قىلىپ،ئىستىغپار ئېيتىشى،مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى زۆرۈر بولىدۇ.شۇ ھالدا ھەر كۈنى ئۆزرىسىز ئۆزى خالاپ ھارام نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلسا،يەنە ئۇنى مۇسۇلمان دىيىشكە بولامدۇ؟(توغرىسىنى بىلگۈچى اللە).كىشى مۇسۇلمان بولغان ھالداھارامنى يىمەيدۇ.شۇڭا بازارلاردىكى يىمەكلىكلەرنىڭ ھۆكۈملىرى ئۈستىدە ھەر بىر مۇسۇلمان چوڭقۇر تەپەككۈر قىلىپ كۆرىشى لازىم.
مەن ھەر خىل ئىككىلىنىشلەردىن كىيىن،يىگانە اللە نىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ،بىزنىڭ يىقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيانقى بىر قانچە يىللىق ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ ئېرىشكەن پاكىتلىرىمىزغا ئاساسەن،بىلگەنلىرىمنى قەلەمگە ئىلىپ،كەڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم،قېرىنداشلارنىڭ پايدىلىنىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن:
بىرىجى :سۆڭەك يېلىمى
ئىسمىدىن مەلۇمكى، سۆڭەك يېلىمى—ھەر خىل ھايۋاناتلارنىڭ سۆڭىگى ۋە چىرىگەن تىرىلىرىنى قاينىتىپ تەييارلىنىدىغان يېپىشقاقلىغى كۈچلۈك بولغان يېلىمسىمان ماددا. كۆپچىلىككە مەلۇمكى بۇ خىل مەھسۇلات ئىلگىرى ياغاچ مەھسۇلاتلارنى چاپلاشقا ئىشلىتىلەتتى،ھازىر پەن-تىخنىكىنڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ،كىشىلەر ئۇنىڭدىن يىمەكلىك يېلىمى،يار يېلىم ياكى تاش يېلىمى ئايرىپ ئالماقتا.تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل يىمەكلىك تەركىۋىدە سۆڭەك يېلىمى بار.
1.سېغىز كەمپۈت،شاكىلات،سۈت كەمپۈت قاتارلىقلار.سۆڭەك يېلىمى بولمىسا يۇقارقىلارنى ياسىغىلى بولمايدۇ.ھازىر تېخنىكىنى ئەلالاشتۇرغاندىن كىيىن يەنە سوغۇق يىمەكلىكلەرنى ياسىغىلى بولىدىغان بولدى،مەسىلەن:قېتىق،مارۇژنا،مىۋە ئۇيۇتمىسى قاتارلىقلار.بۇلاردىكى سۆڭەك يېلىمى قاتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ،ئاسانلىقچە ئېرىپ كەتمەيدۇ.
2.قۇتىلىق كونسېرۋا :مەسىلەن شاپتۇل،نەشپۈت،ئالما،ئەپلىسىن،ئۈزۈم كونسىرۋاسى قاتارلىقلار. 1985-يىلىدىن ئىلگىرىكى ئىشلەپچىقىرىشتا بىر جىڭ سۇغا 6سەر شىكەر قوشۇلغاندىن كىيىن ۋاكۇئوم قىلىنىپ ،يىڭىچە ساقلاش مەقسىدىگە يىتەتتى.بۇنىڭدا قەنىت تەركىۋى يۇقۇرى بولۇپ ،دىئابىت،سىمىزلىك ،يۇقۇرى قان بىسىمى بىمارلىرىنى كۆپەيتىۋەتكەن، شۇڭا دۆلەت يېڭى بىكىتكەن ئۆلچەمدە قەنت تەركىۋىنىڭ تۆۋەن بولىشىنى تەلەپ قىلغان ،شۇنىڭ بىلەن ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى يىمەكلىك يېلىمىنى قىتىپ ،شىكەرنى ئاز قىتىش ئارقىلىق يېڭىچە ساقلاش مەقسىدىگە يەتكەن. ئەگەر سىز كونسىرۋا ئېچىدىكى سۇنى تۆكۈۋىتىپ تەپسىلى قارىسىڭىز،ئاستىدا قويۇق شىلىمشىق ماددا قالىدۇ،بۇ سۆڭەك يېلىمىنىڭ دەلىلى.
3. كەسكەن چۆپ : ھەر خىل كەسكەن چۆپكىمۇ يېلىم ئارلاشتۇرۇلغان بولۇپ ،شۇڭا قازاندا ئۇزۇن قاينىتىلسىمۇ ئېزىلىپ ئوماچ ھالەتكە كەلمەيدۇ.
4. پىنتوزا،ئنچىكە پىنتوزا، كىراخمال قايمىقى(粉皮 )
ئىككىنجى: چوشقا مىيى
دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ يىمەكلىك خۇرۇچلىرى ئىشلەش كارخانىلىرى ئاساسلىغى شاڭخەي،گۇاڭجۇدىن ئىبارەت ئىككى جايدا.ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ياغ سۈتى،ياغ كىسلاتاسى،سۈنئى خام قايماق،تورت مىيى،كاتالىزاتۇر، ئۇيۇتقۇچ قاتارلىقلار.بۇ خۇرۇچلارنىڭ ھەممىسىدە چوشقا مىيى تەركىۋى بار بولۇپ، بىز تىيەنجىن قوشۇمچە يىمەكلىكلەر توپ بازىرىدىكى گۇاڭدوڭلۇق بىر توپ تارقىتىش دۇككىنىنىڭ خوجايىنىنى تەكشۈرگەندە ،ئۇ جەنۇپتىكى ھەر قايسى بالىلار يىمەكلىكى زاۋۇتلىرىنىڭ چوشقا مىيىنى كۆپ ئىشلىتىدىغانلىغىنى ئىتىراپ قىلدى.
ئۇن،پۇرچاقلارغا نىسبەت بويىنچە ماي قىتىلىپ ،يىمەكلىك تەييار قىلىنغاندىن كىيىن ،سىرتىغا بىر قەۋەت چوشقا مىيى سۈرتىلىدىكەن، بولمىسا يىمەكلىكنى يىڭىچە ۋە ئاسان ساقلاش مەقسىدىگە يەتكىلى بولمايدىكەن.ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ھايۋانات مايلىرىنى پۇراقسىز،رەڭسىز،سۈزۈك ھالەتتىكى يىمەكلىك مىيىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. بۇ خىل ماينى يىمەكلىكلەرگە ئىشلەتكەندە يىمەكلىكلەرنى يىڭى پىتى ،ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىغىلى ،شۇنداقلا تەننەرنىنى تىجەپ قالغىلى بولىدۇ.
ئۈچىنجى: ھارام سويۇلغان كالا،قوي،توخۇلار
ئىچكىرىدىكى شەندوڭ،خېبېي،خېنەن قاتارلىق جايلاردىكى تۇڭگانلارنىڭ قۇشخانىلىرى ئىسلام دىننىڭ قائىدىسى بويىنچە مال سويمايدۇ.بىز شەندوڭنىڭ گۇەن ناھىيىسىدىكى بىر تۇڭگان كەنتىنى تەكشۈرگەندە، بۇ كەنتنىڭ مەخسۇس قوي-كالا سويۇش،سىتىش تىجارىتى قىلىدىغانلىغىنى،شۇ ئارقىلىق نامى چىققان باي كەنت ئىكەنلىگىنى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كالىنىڭ بۇرنىغا شىلىنكا تىقىپ ،سۇ پومپىسى بىلەن سۇ بىرىپ كالىنى ئۆلتۈگەنلىگىنى كۆردۈم،ئۇلار بۇ خىل ۋەھشىلىك بىلەن، ئىنساننىڭ ئەقەللى ئەخلاقىغا ۋە ئىسلام روھىغا خىلاپ ھالدا گۆشنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇپ پايدا ئالغان..........
يىمەكلىكلەرگە ئادەتتە ئىشلىتىلىدىغان ھارام خۇرۇچلار تۆۋەندىكىچە:
1. ئېمۇلسىيەلەش دورىسى ----乳化剂(Emulsifiers)
يىمەكلىك سانائىتىدە دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئېمۇلسىيەلەشتۈرگۈچدىن ھىدروگېنلاشتۇرۇلغان سېرىق ماي(ياكى چوشقا مىيى)،ھىدروگېنلاشتۇرۇلغان ئۆسۈملۈك مىيى ترىئېتېلىن مىيى بار.ئەگەر ھارام مالنىڭ مىيى ئىشلىتىلگەن
بولسا،بۇئىمۇلسىيەلىگۈچ ھارامدۇر، ئېنىقكى ھىدروگېنلاشتۇرۇلغان ئوسۈملۈك مىيى ئىشلىتىلگەن بولسا ھالالدۇر.
2.سوڭەك يېلىمى-----骨胶(Geltin)
نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى سۆڭەك يېلىمى ئىشلەپچىقىش كارخانىلىرىنىڭ ھەممىسى ھەر خىل ھايۋاناتلارنىڭ سۆڭىكىنى ياكى تىرىسىنى ئارلاش ئىشلىتىپ ئىشلەپچىقىرىش قىلىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن سۆڭەك يېلىمى ھارام.
3.ئېچىتقۇلار----- 酶类(Enzymes)
ئېچىتقۇ يىمەكلىك سانائىتىدە ناھايىتى كەڭرى ئىشلىتىلىدۇ.ئەگەر ھايۋانات تىنىدىن ئىلىنغان بولسا ھارام، مىكرو جانلىقتىن ياكى ئۆسۈملۈكتىن ئېلىنغان بولسا ھالال.
4.گلىتسېرىن----- 甘油(Glycerin)
ھايۋانات مىيىنى خام ئەشيا قىلغان گلىتسېرىن يىمەكلىك سانائىتىدە دائىم ئىشلىتىلدۇ،شۇڭا مۇسۇلمانچە يىمەكلىككە ئۆسۈملۈكتىن ئىشلەنگەن گلىتسېرىن ئىشلىتىش لازىم.
5. چوشقىنىڭ بۆرەك مېيى---板油(Lard)
ئېنىقكى ھارام.
6.لېتسىتىن(فوسفاتىدىل خولىن)--- 卵磷脂(Lecithin)
ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكتىن لېتسىتىن ئايرىغىلى بولىدۇ.ھايۋاناتتىن ئايرىپ ئېلىنغان بولسا ھارام،ئۆسۈملۈكتىن ئادەتتە پۇرچاقتىن ئايرىپ ئېلىنىدۇ.
7.ھاراق----酒(Alcohol)
ھارام.
8.خۇشپۇراق ماتىياللار------香料(Flavors)
ئەگەر ئىسپىرىتتا ئېرىتىلىپ ياسالغان بولسا ھارام.
9.ئوراش ماتىياللىرى------包装材料
سۇلياۋ بۇيۇملار ئادەتتە ھالال بولىدۇ.بىر قىسىم مىتال ئوراش بۇيۇملىرىنىڭ ئىچكى قىسمىغا بىر قەۋەت ھايۋانات سۈرتۈلگەن بولۇپ ،بۇ ھارامدۇر.
توۋەندىكىلەر يىمەكلىك سانائىتىدە كۆپ ئىشلىتىدىغان بۇيۇملار كەڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تەركىۋى ھۆكۈم
سىركە كىسلاتاسى---乙酸AceticAcid ھالال
ئىسپىرت --------酒精Alcohol ھارام
ئاممۇنىي سۇلفات-----硫酸铵AmmoniumSu ھالال
ھايۋانات مىيى-------动物脂肪AnimalFat ھارام
ئاسكوربىك كىسلاتا----AscorbicAcid抗坏血酸(Vc) ھالال
تاتلىق تىتىتقۇ------甜味剂 ھالال
بېنزوئاتا---------安息香酸盐Benzoate/BenzoicAcid ھالال
كالتسىي كاربونات----碳酸钙CalciumCarbonate ھالال
كاررا يېلىمى-------卡拉胶(角叉菜)Carrageenan ھالال
خولېسترېن-------胆固醇Cholesterol شۈبھىلىك
لىمون كىسلاتا------ 柠檬酸CitricAcid ھالال
كاكائو مىيى-------可可油CocoaButter ھالال
كوللاگىن--------胶原质Collagen ھارام
ئارپا كىراخمىلى-----麦片CornMeal/CornStarch ھالال
قوناق شىرنىسى-----玉米糖浆CornSyrup ھالال
دېكسترىن-------糊精Dextrin ھالال
گېلسىريد-------甘油二酯Diglyceride (ھايۋاناتنىڭ ) شۈبھىلىك
گېلسىريد-------甘油二酯Diglyceride(ئۆسۈملۈكنىڭ ) ھالال
ئېدتا----------乙二胺四乙酸EDTA ھالال
ئېچىتقۇ---------酶Enzyme شۈبھىلىك
ئېرگوستېرول------麦角固醇Ergosterol ھالال
ياغ كىسلاتاسى-----脂肪酸FattyAcid شۈبھىلىك
تۆمۆر سولفات------硫酸铁FerrousSulfate ھالال
مىۋە شىكىرى------果糖Fructose ھالال
زەمبۇرۇغ پروتېئىنازى--真菌蛋白酶FungalProteaseEnzyme ھالال
سۆڭەك يېلىمى-----骨胶Gelatin ھارام
گلۇكوزا---------葡萄糖Glucose ھالال
گلىتسېرىد-------甘油酯Glyceride شۈبھىلىك
ئاتسېتىن--------肝糖(糖原质)Glycogen شۈبھىلىك
ئەرەپ يېلىمى------阿拉伯树胶GumAcacia ھالال
ھورمۇن---------激素Hormones شۈبھىلىك
ھېدروگىنلاشتۇرۇلغان ئوسۈملۈك مىيى--HydrogenatedOil氢化植物油 ھالال
گىدرولىزلانغان ھايۋانات مىيى----水解动物脂肪HydrolyzedAnimalProt شۈبھىلىك
ئارپا ئۈندۈرمىسى-----麦芽Malt ھالال
مونوساخارىد-------单糖 Mono Saccharides ھالال
تېتىتقۇ---------味精(谷氨酸钠) Monosodium Glutamate ھالال
نىتراتىس--------硝酸盐 Nitrates / Nitrites ھالال
ئوكسالىك كىسلاتا---草酸 OxalicAcid ھالال
بېنزوئىك كىسلاتا---苯甲酸PABA ھالال
يېلىم---------胶质Pectin ھالال
پېپسىن---------胃蛋白酶Pepsin شۈبھىلىك
فوسفاتىد--------磷脂Phospholipid شۈبھىلىك
كالىي سىترات----- 柠檬酸钾PotassiumCitrate ھالال
رېنىن----------肾素Renin شۈبھىلىك
ساخارىن---------糖精Saccharine ھالال
ئېچىتقۇ، فېرمېنت----酵母Yeast ھالال
مەنبە:
http://www.66txw.com/forum.php?mod=viewthread&tid=25635
تەرجىمە سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا ،قىسمەن جايلىرىنى قىسقارتىۋەتتىم، تورداشلارنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى سورايمەن، خەنچە بىلىدىغان تورداشلارنىڭ ئەسلى مەنبەنى كۆرۈپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ھەددىدىن زىيادە ئاتۇقچە ئۈنۈملەرنى قوشقانلىقىڭىز سەۋەبىدىن تېكىسىت نورمال كۆرۈنمىگەچكە ، تېكىستلەرگە بېرىلگەن ئۈنۈملەر قىسقارتىلدى ---- تەھرىرلىگۈچى
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-3-6 09:58 AM):
تەرجىمە قىلغۇچى ئىزدىنىش تورىدىن
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-3-6 09:59 AM):
چەۋەنداز